قانۇن سودىيەنىڭ رېزىنكە قورچىقى بولۇپ قالمىسۇن
شېنجېن شەھەرلىك يول-كۆۋرۈك قۇرۇلۇش گوروھىنىڭ سابىق باش مۇدىرى ساۋ ئەپەندى پارىخورلۇق جىنايىتى سادىر قىلغانلىقتىن يەنتيەن رايونلۇق سوت مەھكىمىسى مۇددەتلىك ئۈچ يىل قاماق جازاسى بېرىپ، بەش يىل كىچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا ھۆكۈم قىلغان. تەپتىش مەھكىمىسى 1-سوت ھۆكۈمىدە قانۇن خاتا تەدبىقلانغان، جازا يەڭگىل بولۇپ قالغان، دېگەن ئاساس بىلەن ئېتىراز بىلدۈرگەندىن كېيىن، شېنجېن شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى ساۋ ئەپەندىگە مۇددەتلىك ئون يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن. ساۋ ئەپەندى 420مىڭ يۈەن پارا ئالغان بولۇپ، قىلمىشلىرىنى تەپتىش مەھكىمىسى دەلىللەپ بولغاندا ئاندىن ئىقرار قىلغان ئىكەن. (داياڭ تورىنىڭ 2011-يىل 13-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرى)
ساۋ ئەپەندىگە 1-سوتتا ئۈچ يىل جازا بېرىپ، بەش يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش ھۆكۈم قىلسا، 2-سوتتا ئون يىل جازا بېرىلىپتۇ. بۇنداق چوڭ پەرقنى كۆرۈپ، دۆلەتنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى بەزى سودىيەلەرنىڭ خالىغانچە مىجىقلاپ ئوينايدىغان رېزىنكە قورچىقى بولۇپ قالدىمۇ نېمە دەپ دەرگۇماندا قالدىم.
جىنايى ئىشلار قانۇنىدا پارا ئالغانلارغا سوممىسى ۋە قىلمىشىغا قاراپ جازا بېرىلىدىغانلىقى، سوممىسى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشقان بولسا، ئون يىلدىن يۇقۇرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدىغانلىقى، قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا ئالىي جازا بېرىلىدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەنگەن تۇرسا، ھۆكۈم نىمىشقا ئاسمان-زىمىن پەرق قىلىدۇ؟
سودىيەنىڭ ئەركىن كېسىم قىلىش ھوقۇقى مۇتلەق بولمايدۇ، جىنايەت بىلەن جازا ماس كېلىش پىرىنسىپىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. سودىيە دېلوغا ئادىل ھۆكۈم قىلىش ينزىسىدىن قانۇننى چۈشەندۈرگەندە قانۇننىڭ بەلگىلىمىسىدىن ھالقىپ كەتسە بولمايدۇ. سودىيەنىڭ يەكۈنى قانۇن بەلگىلىمىسىدىن ھالقىپ كەتسە، «سودىيە قانۇن پەيدا قىلغان» بولۇپ قېلىپ، جىنايەت ۋە جازانى قانۇندا بەلگىلەش پىرىنسىپىغا مۇخالىپ بولۇپ قالىدۇ.
ئەدلىيەنىڭ نوپۇزى قالمىسا، تولىمۇ قورقۇنچلىق. ھەققانىيەتنى ياقلايدىغان قەيەر قالىدۇ؟ ھەق گېپىمىزنى نەدە دەيمىز؟ ئىككى دەرىجىلىك سوت ساۋ ئەپەندىنىڭ پارىخورلۇق جىنايىتىگە چىقارغان ھۆكۈمدە نېمىشقا شۇنچە چوڭ پەرق بولىدۇ؟ ئادىمەتچىلىك ئامىللىرىنىڭ ئەدلىيىگە سىڭىپ كېتىشى مەلۇم جەھەتتىن ئالغاندا قانۇننى ئاختا قىلغانلىق بولۇپ، ئەدلىيە ئادىللىقى ئېغىزدىكى گەپ، ھەتتا كۆز بويامچىلىق بولۇپ قالىدۇ.
باكون: بىر ناھەق ھۆكۈم ئون قېتىملىق جىنايەتكە تەڭ. جىنايەت ئېقىننى بۇلغايدۇ، ناھەق ھۆكۈم مەنبەنى بۇلغايدۇ، دېگەن. قانۇن ئەنئەنىسى جەھەتتىن، دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنلىرى يازما قانۇنغا تەۋە بولۇپ، بۇنىڭ ھالقىلىق يېرى «چوقۇم قەغەزدىكى قانۇن بويىچە ئىجرا قىلىش»تۇر، قانۇن تەدبىقلىغاندا ئۈنۈم كۈچى دەرىجىسىگە قاراش، سىياسەت، يېتەكچى پىكىر دېگەنلەرنى قانۇننىڭ ئۈستىگە قويىۋالماسلىق كېرەك. دېمەك، سودىيەنىڭ «قانۇننى ئۆزگەرتىۋېتىش» ھوقۇقى بولمايدۇ.
ئېغىر جازا بېرىشكە تېگىشلىك بولسا، ئېغىر جازا بەرسە، يەڭگىل جازا بېرىشكە تېگىشلىك بولسا، يەڭگىل جازا بەرسە، ئېغىر جازالاش بىلەن كەڭچىلىك قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولىدۇ. بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى قانۇننى بىردەك، توغرا ئىجرا قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىشتا بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن ئۆلچەم بولۇش كېرەك. يەرلىك قورۇقچىلىق، ئادىمەتچىلىك قاتارلىقلار قانۇننى توغرا ئىجرا قىلىشقا دەخلى قىلسا بولمايدۇ. قانۇننىڭ ئىناۋىتى ۋە نوپۇزىنىڭ قايتىدىن تىكلىنىشىگە تەقەززامىز. قانۇن سودىيەنىڭ رېزىنكە قورچىقى بولۇپ قالمىسۇن، ئەسلا شۇنداق بولۇپ قالمىسۇن.
مەنبە: خەلق تورى. خەنزۇچە تەڭرىتاغ تورىغا 2011-يىلى 13-ئۆكتەبىر كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسىغا ئاساسەن تەرجىمە قىلىندى.
ئاپتورى: چيەن گۇيلىن
تەرجىمەقىلغۇچى: نوشىرۋان