ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
ياخشى تورىدىكى 3 تىن 2 قىسىمغا يېقىن تور بېكەت ئۆچۈرۈلدى . چۈشىنىشمەسلىك بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن مەزكۇر تىما مىسرانىم، نۇرقۇت ۋە ئىنتىل تورىغا يوللاندى . كەڭ بېكەت باشلىقلىرىنىڭ مەزكۇر مەسىلىگە توغرا پوزىتسىيەدە بولىشىنى سورايمىز .
(
www.yahxi.com ) ياخشى تورى 2010-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى جامائەتچىلىككە ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان قىزغىن قوللاشقا ۋە بىر قىسىم ئىخلاسمەن تور ئابونتلىرىغا ئېرىشتى . ياخشى تورى قۇرۇلغاندىن ھازىرغىچە بولغان 18 ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى تور بېكەت ۋە بېكەت قانللىرىدىن 2600 دىن ئارتۇق ئۇچۇرنى تەستىقلاپ تور ئابونتلىرىنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇندى .
بىراق، بۇ جەرياندا تەستىقلانغان بېكەتلەرنىڭ نۇرغۇنلىرى مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىنلا بېكىتى تاقالدى ياكى تور نامى ئالماشتۇرۇپ باشقا نامدا داۋاملىق (تور بەت ياسىدى) ، ئۇلىنىش خاراكتىلىك تور بېكىتىنىڭ ۋەزىپىسى ئىشەنچىلىك ، ياخشى مەزمۇنلۇق بېكەتلەرنى جامائەتچىلىككە تەۋسىيە قىلىش بولغاچقا ، ياخشى تورىدا بۇنداق ئۈنۈمسىز ئۇلىنىش ئادرىسى ۋە تەستىقلانغاندىن كىيىنلا قالايمىقان ئېلان قويۇشقا باشلايدىغان بېكەتلەرنىڭ كۆپىيىشى، ياخشى تورىنىڭ ئوبرازىغا ۋە جامائەتچىلىكنىڭ ياخشى تورىغا بولغان ئىشەنچىسىگە تەسىر يەتكۈزۈشكە باشلىدى. شۇڭلاشقا ياخشى تورى ئالدىنقى ھەپتىدىن باشلاپ ياخشى تورىدىكى ئۇلىنىش قىلىنغان بېكەتلەرنى تەكشۈرۈپ تازىلاش ئېلىپ باردى، نەتىجىدە 3 تىن 2 قىسىمغا يېقىن تور بېكەتنى ئۆچۈرۈشكە توغرا كەلدى . (ئۆچۈرۈشتىكى يەنە بىر سەۋەب : بېكىتىنى تەستىقلاتقۇزۇپ بولغاندىن كىيىن مەلۇم مەزگىل ئۆتۈپلا توربېتى خەنزۇچە يېزىقتىكى ئاللىقانداق كىنو ياكى رەسىم توربېكىتىگە ئايلىنىپ، بېكەت مەزمۇنى ئېكىس ئېكىس مەزمۇنغا ، بېكەتكە *~!$%$$%*\\\56!! بۇنىڭدەك ئېلان قويۋالغان ئەھۋالمۇ بەك كۆپ ئۇچرىدى )
ھازىر ياخشى تورى بېكەت لايىھەسىگە ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى ھەمدە بۇنىڭدىن كىيىن بۇرۇنقىدەك ئاۋارچىلىقلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن بېكەت تەستىقلاشتا كۆپ شەرت قوللىنىشنى قارار قىلدى .
1. بېكەت تارىخى
( قۇرۇلغىلى نەچچە كۈن ياكى نەچچە ھەپتە بولغان بېكەتلەر نورمال ئەھۋالدا تەستىقلانمايدۇ )
2. توربېكەت مەزمۇنى ۋە ئېلان مەزمۇنى
( بېكەت مەزمۇنى ياكى بېكىتىگە قويغان ئېلان مەزمۇنىنىڭ ساغلام بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ )
3. بېكەت يېڭىلىنىش ئەھۋالى
(تەستىقلىغاندا شۇ توربېكىتىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى بېكەت مەزمۇنىنىڭ يېڭىلىنىش ئەھۋالىغا قارىلىدۇ)
4. توربېكەت ئىملاسى
( ئىملا خاتالىقى بەك كۆپ بېكەتلەر تەستىقلانمايدۇ )
5. بېكەت لايىھەسى
( بۇنىڭدا ئالاھىدە تەلەپ يوق، ئاساسلىقى ھەددىدىن زىيادە لاپ-لۇپ ياكى ie7, ie8 كۆرگۈلەردە بېكەت بىراقلا بۇزىلىدىغان بېكەتلەر تەستىقلانمايدۇ )
كۆپچىلىكنىڭ ۋاقىپ بولۇپ قېلىشىنى سورايمىز .
www.yahxi.com
ھۆرمەت بىلەن ياخشى تور پەن-تېخنىكا شىركىتى
ئابباس ياسىن