ئىسلام دىنى مۇھەببەتلىشىشكە قانداق قارايدۇ؟
ئەسلىدە مۇھەببەت مۇباھ ۋە ھالال، ئىسلام دىنى كۆرسەتكەن قائىدە پىرىنسىپ ئىچىدە بولسا مەسىلە يوق، ئىسلام دىنى پاك مۇھەببەتكە قارشى تۇرمايدۇ.
مۇھەببەت ئىنسانغا نىسبەتەن قاراڭغۇ ئۆيدە يىنىۋاتقان چىراغقا ئوخشايدۇ، ئەگەر سەن چىراغنى ئۆچۈرۋەتسەن، ئىنساننىڭ ۋۇجۇدى قاراڭغۇلۇق ۋە يىتىمسىراشقا ئۇچرايدۇ، ئەگەر چىراغنىڭ پىلىكىنى بەك كۆتۈرۋىتىپ قالساڭ، چىراغنىڭ ئۇچقۇنى ئۇلغۇيۇپ، قەلبىڭنى تۈتۈن باسىدۇ، قەلب ئوتنىڭ يالقۇندىغان تەسىرىدىن كۆيۈپ كىتىشىمۇ مۈمكىن.
بۈگۈنكى جەمىيتىمىزدە ئاتىلىۋاتقان مۇھەببەت پاك ۋە ساپ مۇھەببەت ئەمەس، بنورمال ئالاقىگە مۇھەببەت دىگەن پاك ئاتالغۇنى ئىستىمال قىلغانلىقتۇر. چۈنكى ھازىر بىر كۆرۈۋاتقان ۋە يۈرگۈزۋاتقان مۇھەببەت ھارام ئىشلار ئارقىلىق بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن كوچىلاردىكى مۇھەببەت ھارام. چۈنكى قولتۇقلىشىپ مىڭىش، گۈرەن سىلىشىش، سۆيۈشۈش، قۇچاقلاش ۋە تانسا ئويناش ھارام.
***
قىنى تۆۋەندە تەپسىلاتىنى كۆرۈپ باقايلى:
كىشلەر ”مۇھەببەت“ كەلىمىسىدىن ئىبارەت نازۇك ۋە گۈزەل سۆز ئۈستىدە خىلمۇ- خىل ئويلاردا بولۇشىدۇ… مۇھەببەت توغرىسىدا مۇنازىرە بولۇپ كىىتىدۇ…
“ مۇھەببەت ھارام“… “ مۇھەببەت پاسىقلىق“… مۇھەببەت شەيتاننىڭ نىجىس قىلىقى“…
مۇھەببەت دىگەن سۆز زۇلۇمغا ئۇچىراۋاتىدۇ، ئۇ مۇداپىئە قىلىدىغان كىشلەرگە مۇھتاج، چۈنكى مۇھەببەت ئىككى تۈردىكى كىشلەر تەرپىدىن زۇلۇم قىلىندى:
بىرىنچى تائىفە: مەخپى كۆرۈشۈش ئارقىلىق مۇھەببەتنى بۇزۇقچىلىق، پاھىشە، ياكى زىنانىڭ مۇقەددىمىسى قىلىۋالدى…
يەنە بىر تائىفە: مۇھەببەت دىگەن سۆزگە چاپلىشىپ قالغان ھارام قىلىقلار ئۇنىڭ زىھنىگە يەرلىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، مۇھەببەتنى ئىنكار قىلىپ، تۈرگە ئايرىمايلا ھارام دەپ قاراشتى… مۇھەببەتنىڭ ھالىلى ۋە ھارىمىنى تەڭلا رەت قىلىشتىى…
شۇنىڭ ئۈچۈن “ مۇھەببەت “ دىگەن زۇلۇمغا ئۇچىرغان بۇ ئاتالغۇنى ئىزاھلاش، تىگىگە چۆكۈش مۇھىم بولۇپ قالدى.
مۇھەببەت نىمە ئۈچۈن؟
مۇھەببەت دىگەن ـ ئىنساننىڭ ھاياتىدىلا ئەمەس، كائىنات تۈزۈمىدىمۇ ناھايىتى مۇھىم ئىش، چۈنكى مۇھەببەت ئارقىلىق كائىنات تۈزۈمگە كىرىدۇ، مەسىلەن؛ سەييارە يۇلتۇزلار بىر ـ بىرىگە :“ تارتىش“ ھالىتىدە بولغاچقا ئۆز ئوقىدىن ئايرىلمايدۇ، زەررە يادروسىغا ئوخشاش كىچىك نەرسىلەرمۇ بىر بىرىگە “ تارتىش“ ھالىتىدە بولىدۇ…
ئاللاھ تائالا مۇھەببەتنى بەندىلىرى بىلەن بولىدىغان ئالاقىنىڭ ئەڭ ياخشىسى دەپ باھا بەردى، قۇرئاندا مۇھەببەت ئالاقىسىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: { اللھ (ئۇنىڭ ئورنىغا) ئۇلارنى دوست تۇتىدىغان، ئۇلارمۇ اللھ نى دوست تۇتىدىغان} مائىدە سۈرىسى، 54- ئايەت.
ئىنسان تەبئىيىتى مۇھەببەتكە تەبئىلىشىپ كەتكەن، ئىنسان مۇھەببەتكە ئىنتىلىدۇ، مۇھەببەتنى ئارزۇ قىلىدۇ… بىر ئادەمنىڭ يۈزىگە بىرلا قاراپ ئۇنىڭ ياخشى كۆرىدىغانلىقى ياكى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ، ھەقىقى مۇھەببەت يۈزگە ئەكىس ئىتىپ تۇرىدۇ، يۈزنى خورسەنلىك ۋە ئارزۇ بىلەن يالتىرىتىدۇ.
مۇھەببەت بولمىغان بولسا دۇنيا رۇس ماڭمىغان بولاتتى…
ئىنسان ئۆزىنى ياخشى كۆرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز مەنپەئەت يولىدا كۆرەش قىلىدۇ، ئىنسان ۋەتىنىنى ياخشى كۆرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ۋەتەن يولىدا قىنىنى تۆكىدۇ… دىنىنى ياخشى كۆرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن دىن يولىدا بارلىق نەرىسللىرىنى ئاتايدۇ.
ئاللاھ تائالا مۇھەببەتنى ئىنسانلار ئارسىدىكى ئالاقىنىڭ ھۆكۈمرانى قىلىپ بىكىتتى، مۇھەببەتنى ئانىنىڭ قەلبىدە ئورۇنلاشتۇردى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئانا پەرزەنتىنىڭ خۇرسەنلىكى، راھىتى ۋە خاتىرجەملىكى يولىدا قانچە كىچىلەرنى ئۇخلىماي ئۆتكۈزىدۇ.
ئاتا بولغۇچى بولسا پەرزەنتلىرىنىڭ بەختى ئۈچۈن كىچە ـ كۈندۈز جاپالىق ئىشلەپ، ئۇلارنى بەختلىك قىلىشنى ئويلايدۇ…
مۇھەببەت دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى نىمە؟
”مۇھەببەت“ دىگەن سۆز، ئاقلىق، سۈزۈك ۋە ساپلىق دىگەن سۆزدىن تۈرلىنىپ چىققان، مۇھەببەتمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش، مۇھەببەتتە قاراڭغۇلۇق ياكى ئوغۇرلۇقچە سۆزلەر ياكى ئۆيگە دەرىزىىدىن كىرىدىغان ئىش يوق.
راستچىل مۇھەببەت دىگەن، سەن ياخشى كۆرگەن كىشى بىلەن مەھەللە ۋە كوچىلاردا بىرگە ماڭغان ۋاقتىڭدا، كۆزلەر سىلەرگە ئارزۇ- ئۈمىد بىلەن تەلپۈنىدىغان، يۈرەكلەر چىن ـ يۈرەكتىن سىلەرگە دۇئا قىلىدىغان، ئاتا- ئانىلار پەخىرلىنىدىغان مۇھەببەتتۇر، راستچىل مۇھەببەت خاتىرجەملىك ۋە ئامانلىقتۇر، ئۇ يەنى “ توي قىلشتۇر“.
بىر كىشى مۇنداق دەيدۇ: مەن نىكاھتىن كىيىن بىرىنچى قىتىم ئايالىم بىلەن بىرگە ئارام ئىلىپ ئولتۇرغان ۋاقتىمدا، دۇنيانىڭ ھەممىسى ماڭا قاراۋاتقاندەك ھىس قىلدىم، بىز ئۇچرىغان كىشلەرنىڭ ھەر بىرسىگە: بىز توي قىلدۇق دىگىم كىلەتتى. ئايالىمغا ھەر قىتىم قارىغىنمدا، ئۇنىڭ كۆزىدە خۇرسەن بولۇش ۋە پەخىرلىنىش قارىشى كۆرنەتتى، لىۋىدە بەخت- سائادەت، رازىلىق ۋە تەبەسسۇم چىقىپ تۇراتتى.
بۇ خىل سۈرەت بىلەن ھارام ئىشنى قىلىش ئۈچۈن پۇرسەت كۈتۈپ تۇرىدىغان يەنە بىر خىل سۈرەتنىڭ ئارسىدىكى پەرق نىمە دىگەن بىر ـ بىرىگە زىت ھە!…
مەخپى ئۇچۇرشۇشلار ھەقىقى مۇھەببەت ئەمەس، ئابروينى تۆكۈپ، بىشىنى كۆتۈرەلمەسلىككە ئىلىپ بارىدىغان ۋە قەلبنىڭ خارلىقىغا باشلايدىغان سۈرەت مۇھەببەت ئەمەس، بىز خىجىل بولىدىغان سۈرەت مۇھەببەت ئەمەس…
مۇھەببەت دىگەن قاراڭغۇدا ياكى بۇلغانغان مۇھىتتا ئۆسمەيدىغان گۈلگە ئوخشايدۇ.
ئىسلام دىنى مۇھەببەتكە قارشىمۇ؟ مۇھەببەتنى يامان كۆرەمدۇ؟
ئىسلام دىنى مۇھەببەتلەشكۈچىلەرنى قوغلىمايدۇ، مۇھەببەت سەۋەبلىرىنى رەت قىلمايدۇ، مۇھەببەت مەنبەلىرىنى قۇرتىۋەتمەيدۇ، لىكىن چۇلۋۇر قولدىن چىقىپ كىتىپ، ھارام ئىشلارنىڭ يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن مۇھەببەتنى پاكلايدۇ، ئىسلام دىنىدا مۇھەببەتنىڭ ئورنى ئەر ـ ئاياللىق مەيدانىدا بولىدۇ.
ئىسلام دىنىدىكى مۇھەببەت قايسى بىر مۇھەببەتتىن پەرقلىنىدۇ، بۇ مۇھەببەت ئوبىكتىپلىق بىلەن ئالاھىدە.
بەزى ئەرلەرنىڭ گۈزەل ئايالى بولسىمۇ، ئۇ ئايالنىڭ ھىسياتى قۇرۇق، سۆزى قوپال، چىچىلاڭغۇ بولۇپ، قەلب لوغىتىدىن بىر نەرسىنى چۈشەنمەيدۇ ۋە ۋىجدان دۇنياسدىن بىر نەرسىنى ھىس قىلمايدۇ.
بەزى بىر دىيانەتلىك كىشلەر مۇھەببەتنى ئەيىپ ۋە پەسكەشلىك دەپ قارايدۇ، بۇ تامامەن خاتا كۆز قاراش، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ كىشى ئايالىغا دوستلۇق ئىزھار قىلمايدۇ، كۆڭۈل ئىشارىتى ۋە چاقچاقنىڭ ئۇسۇلىنى بىلمەيدۇ.
بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە : “ ئەمرى ئىبنى ئاس رەسۇلۇللاھتىن: كىم سىللىگە ھەممىدىن مۇھەببەتلىكرەك؟ دەپ سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ : “ ئائىشە“ دەپ جاۋاب بىرىدۇ“ رەسۇلۇللاھ (ئائىشە) دىيىشتىن خىجىل بولمىدى .
رەسۇلۇللاھ ھەزرىتى خەدىچىنى ياخشى كۆرگەنلىكىدىن ئەسلىگەن ۋاقتىدا ھەزرىتى ئائىشىنىڭ كۈندەشلىكى تۇتۇپ قالىدۇ، رەسۇلۇللاھ ھەزرىتى خەدىچىگە بولغان مۇھەببىتىنى تەكىتلەپ: “ مەن ئۇنى ياخشى كۆرەتتىم“ دىگەن، بۇخارى رىۋايىتى.
رەسۇلۇللاھ ھەزرىتى خەدىچىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى بىلەن پەخىرلەندى، رەسۇلۇللاھ مۇسۇلمانلار ئارسىدا مۇھەببەتنىڭ تارقىلىشىغا ھىرىس ئىدى، ئۇ قاراڭغۇدا بولغان مۇھەببەتنىڭ شەك ـ گۇماندىن خالى بولمايدىغانلىقىنى بىلەتتى.
بىر ئادەم رەسۇلۇللاھنىڭ قىشىغا كىلىپ:“ بىزنىڭ بىر قىزىمىز بار ئىدى، ئۇ قىزىمىزغا ئىككى كىشى خىرىدار بولۇپ كەلدى: بىرسى باي، يەنە بىرسى كەمبەغەل، قىزىمىز كەمبەغەل بىلەن توي قىلىمەن دەيدۇ، بىز باي بىلەن توي قىلىشىنى خالايتتۇق، دىيىشتى. رەسۇلۇللاھ : “ ياخشى كۆرۈشۈپ قالغانلارنىڭ دورىسى توي قىلىشتۇر“ دىگەن. ( كەنزۇل ئۇممال، 45597 ـ ھەدىس).
رەسۇلۇللاھ مۇھەببەت ئالاقىسىنى سوراپ كەلگەن ئادەمگە خاپا بولۇپ كەتمىدى، ئۇ : “ قىزىڭ ئۆز مەنپەتىنى بىلمەيدۇ، سەن خالىغانچە بىر تەرەپ قىلغىن دىمىدى، مۇھەببەت تۇيغۇسىغا چىقىش يولى تىپىپ بەردى“.
ئىسلام دىنى مۇھەببەتنى ھىمايە قىلىدۇ، مۇھەببەت ئۇرغىنىڭ قەلبلەردە ئۈنۈشىنى مەقسەت قىلىدۇ، مۇھەببەت ئۇرغىنىڭ توغرا ئۆسۈش يولى توي قىلىشتۇر.
مۇھەببەت ئىبادەت قىلىنىدىغان ئىلاھ ئەمەس
ئىسلام دىنى تەڭپۇڭ يولنى تۇتۇپ ماڭىدىغان دىن، ئۇ مۇھەببەتنى بەك يۇقۇرى كۆتۈرۋەتمەيدۇ ياكى تۆۋەن كۆرمەيدۇ، ئىسلام دىنى بۇ پەزىلەتلىك ھىسيات تۇيغۇسىنى ھۆرمەتلەيدۇ، بىراق بەزىلەرنىڭ مۇھەببەتنى ئىلاھ قىلىۋىىلىشىنى رەت قىلىدۇ.
ئىسلام دىنى مۇھەببەت يولىنى تۈزلەپ، بارلىق مۇھەببەت ئاللاھنى ياخشى كۆرۈش مۇھەببىتى ئاستىدا بولۇشى لازىم دەپ قارار قىلىدۇ: { ئىيتقىنكى، « ئەگەر سىلەرنىڭ ئاتاڭلار، ئوغۇللىرىڭلار، قىرىندىشىڭلار، خوتۇنلىرىڭلار، ئۇرۇق- تۇغقانلىرىڭلار (ھەمدە ئۇلاردىن باشقىلار)، تاپقان پۇل-ماللىرىڭلار، ئاقماي قىلىشىدىن قورققان تىجارىتىڭلار، ياخشى كۆرىدىغان ئۆيلىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن اللھ دىن، اللھ نىڭ پەيغەمبىرىدىن ۋە اللھ نىڭ يولىدا جىھاد قىلىشتىنمۇ سۆيۈملۈك بولسا (يەنى شۇلار بىلەن بولۇپ كىتىپ، اللھ نىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم بەرمىسەڭلار)، ئۇ ھالدا سىلەر تاكى اللھ نىڭ ئەمرى (يەنى مەككىنى پەتىھ قىلىش ئىزنى) كەلگۈچە كۈتۈڭلار، اللھ پاسىق قەۋمنى (يەنى اللھ نىڭ دىنىنىڭ چەك- چىگرىسىدىن چىقىپ كەتكۈچىلەرنى) ھىدايەت قىلمايدۇ}تەۋبە سۈرىسى، 24- ئايەت.
بۇئايەت مۇھەببەتنىڭ قەدىر قىممىتىنى كەمسىتمەيدۇ، بەلكى يۇقۇرى كۆتۈرىدۇ، يەنى سىنىڭ كىشلەرگە بولغان مۇھەببىتىڭ ئاللاھغا بولغان مۇھەببىتىڭگە سەۋەبچى بولۇشى لازىم.
قايسى ئىش ھەممىدىن ئاللاھغا مۇھەببەتلىكرەك؟ دىگەن سوئالنى سوراش ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ قەلبىگە يىتىپ بارغان، :“ قايسى ئىش ھەممىدىن ئاللاھغا مۇھەببەتلىكرەك؟ دىگەن سوئال رەسۇلۇللاھتىن قايتا قايتا سورالدى“.
مۆمىنلەر ئارسىدىكى مۇھەببەت ئىماننىڭ شەرتى قىلىنىپ بەلگىلەندى، رەسۇلۇللاھ: “ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىر ـ بىرىڭلارنى ياخشى كۆرۈشمىگىچە مۆمىن بولالمايسىلەر“ دىگەن، ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى.
مۇھەببەت ئىبادەت بولغان چاغدا
يىگىت بىلەن قىزنىڭ ئارسىدىكى مۇھەببەت بەزىدە ئىبادەتمۇ بولىدۇ، ئەگەر ئىككەيلەننىڭ ئارسىدىكى مۇھەببەت ئاللاھ ھالال قىلغان توي قىلىش ئارقىلىق بولسا ئىبادەت بولىدۇ.
ئىسلام مۇتەپەككۈرى دوكتۇر رامىزان بوتى مۇھەببەتنى چىراغقا ئوخشۇتۇپ مۇنداق دەيدۇ:“ مۇھەببەت ئىنسانغا نىسبەتەن قاراڭغۇ ئۆيدە يىنىۋاتقان چىراغقا ئوخشايدۇ، ئەگەر سەن چىراغنى ئۆچۈرۋەتسەڭ، ئىنساننىڭ ۋۇجۇدى قاراڭغۇلۇق ۋە يىتىمسىراشقا ئۇچرايدۇ، ئەگەر چىراغنىڭ پىلىكىنى بەك كۆتۈرۋىتىپ قالساڭ، چىراغنىڭ ئۇچقۇنى ئۇلغۇيۇپ، قەلبىڭنى تۈتۈن باسىدۇ، قەلب ئوتنىڭ يالقۇندىغان تەسىرىدىن كۆيۈپ كىتىشىمۇ مۈمكىن“.
ئۇ يەنە: “ مۇھەببەت راستچىل ساغلام ئىتىقادقا ئۇچراشسا، ئاجايىپ روھى ئۈستۈنلۈكنى پەيدا قىلىدۇ“دەيدۇ.
مۇھەببەتنىڭ ئۆزى جىنايەت ئەمەس، بەلكى ئۇ شەرەپلىك تۇيغۇ، لىكىن بۇ پاك تۇيغۇغا ھارام ئارلىشىپ قالسا، مۇھەببەتنى بۇلغايدۇ… ئەگەر سەن ئىرادىسىز ھالەتتە مۇھەببەتكە چۈشۈپ قالغان بولساڭ، ئائىلەڭ بىلىشى لازىم… ئاپىڭىزنىڭ قىشىغا بىرىپ، پالانى يىگىت ماڭا سۆز ئاچماقچى ئىدى، ئۇنىڭ شارائىتى ھازىر يار بەرمەيدۇ، دەڭ… ئاپىڭىز ھۇشيارلىقى بىلەن مۇناسىپ چارە تىپىپ تويۇڭلارنى قىلىپ قويىدۇ، مۇھەببەت يورۇقتا بولسۇن… مۇھەببەتنىڭ نۇرى توي قىلىشتۇر…
مۇھەببەت كۆپلىگەن قوللارنىڭ بىرلىكتە كۆڭۈل بۆلۈشىگە مۇھتاج بولىدىغان نازۇك غۇنچا، مۇھەببەتنىڭ قاراڭغۇدا ئۈنگىنى قىزنىڭ پايدىسى ئۈچۈن بولمايدۇ، سىزنىڭ كىچىك ئىككى قولىڭىز بۇ غۇنچىدىن خەۋەر ئىلىپ بولالمايدۇ.
ئى ئاللاھ، بىز سىنى، پەيغەمبىرىڭنى، دىنىڭنى، پەرىشتىلىرىڭنى، سەن ياخشى كۆرىدىغان بەندىلىرىڭنى ۋە سەن ياخشى كۆرگەن بارلىق كىشلەرنى ياخشى كۆرىمىز…
بۇ مۇھەببەتمۇ؟
ياشلار قايسى خىل تۈردىكى مۇھەببەتنى مەقسەت قىلماقچى؟ گۇمانلىق مۇھەببىتى، ئوغۇرلىقچە قاراش مۇھەببىتىنىمۇ؟… ھىچ نەرسە توختىتالمايدىغان سەلدەك جىنسى ئارزۇ مۇھەببىتىنىمۇ؟… ئۇلار تانسا ۋە يالىڭاچ بەدەن مۇھەببىتىنى مەقسەت قىلماقچىمۇ؟!
”مۇھەببەت“ دىگەن بۇ پاك ئاتالغۇغا تاجاۋۇز قىلىپ، ئۇنىڭ ئابرويىنى بۇلغاپ، سايىسىنى زەھەرلەش نىمە دىگەن زۇلۇم!
مۇھەببەت ھاياتنىڭ ئۆزىمۇ؟
يەنى ئوغۇللار بىلەن قىزلار ئارسىدىكى مۇھەببەت ھاياتلىقنىڭ نىشانىمۇ؟…
مۇھەببەت ھاياتلىقنىڭ ئۆزى ئەمەس، چۈنكى ھاياتلىق كەڭرى دۇنيا، مۇھەببەت- ئەھمىيەتلىك بولسىمۇ- ئىنسانلار مۇھەببەت تۈرىنىڭ بىر قىسمىدىن ئىبارەت.
ياشلارنىڭ ھاياتتىكى نىشانى زادى نىمە؟ ئارزۇ- ئارمانلىرى قايسى؟ كۆرسەتكەن خىزمىتىچۇ؟ مەدەنىيەت ساپاسى قانچىلىك؟ خەلقىگە قانچىلىك ئىش قىلىپ بىرەلىدى؟ ئىنسانىيەت مەدەنىيتىگە قانچىلىك ھەسسە قوشالىدى؟…
غەرب ئەللىرىنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمى مۇھەببەتكە ھەجمىدىن كۆپرەك ئورۇن بىرۋەتتى، مۇھەببەتنىڭ ئۇقۇمىنى خۇنۇكلەشتۈرۈپ، ياشلار ئارسىدىكى بنىورمال ئالاقىگە چەكلەپ قويدى.
يىغىنچاق بىر سۆز بىلەن ئىپادىلىگىنىمزدە، مۇھەببەت توغرىسىدىكى ئوي- پىكىرلەرنى زەھەرلىدى، پاك مۇھەببەت ژورنال، كىنوـ تىلۋۇزۇر، ناخشىغا ئوخشاش تۈرلۈك تەشىۋىقات ۋاستىللىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچىردى…
غەرب ئەللىرى مۇھەببەتنى تىجارەتكە ئايلاندۇرۇپ مىليارتلاپ پۇل تاپماقتا، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھەببەت دىگەن سۆز ئىنساننىڭ ئۇنىڭغا ئىرشىشى قىيىنلىشىپ خىيالى سۈرەتكە ئايلىنىپ قالدى.
مۇھەببەتنىڭ راستچىللىقىنىڭ بەلگىسى توي قىلىش رەسمىيەتلىرىگە قاراپ يول ئىلىشتۇر. توي قىلىشتىن قاچىدىغان يىگىت كۆڭۈل ئىچىشنىلا مەقسەت قىلىدۇ، ئۇنىڭدا پاك مۇھەببەت ھىسياتى بولمايدۇ.
يىگىت شۇنى بىلىشى كىرەككى، ئۇ قىزغا چاپلاشقان ياكى سۆيگەن ۋاقتىدا، قىزنىڭ ئاتا- ئانىسىنىڭ ھەققىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، ئاللاھنىڭ ھەققىگىمۇ تاجاۋۇز قىلغان بولىدۇ. چۈنكى قىز دادىسىنىڭ ھىمايىسىدە بولسا، بىرىنچى بولۇپ ئۇ قىز ئاللاھنىڭ ھىمايىسىدە بولىدۇ.
قىزلارمۇ شۇنى بىلىشى كىرەككى، ئۇ ھارام ئىشلارغا رۇخسەت قىلسا، يەنى ئۆزىنى يىگىتنىڭ تۇيغۇسىغا تاپشۇرسا، ئۇ ئائىلسىنىڭ ئىشەنچىسىگە خىيانەت قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئاللاھغا خىيانەت قىلغان بولىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن توي قىلىش بىرىنچى يول… شۇنىڭ ئۈچۈن كۆرەش قىلغىن، ئەگەر سەن بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان بولساڭ توي قىلغىن، ئەگەر سەن راستىنلا ياخشى كۆرىدىغان بولساڭ، بۇ مۇھەببەتنى ۋەيران قىلىدىغان ئىنىرگىيەگە ئايلاندۇرماي، ئىجادىيەت يارىتىدىغان كۈچگە ئايلاندۇرغىن… توي قىلىشنىڭ ئىھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن ئۈزمەي خىزمەت قىلىدىغان ئەمگەككە ئايلاندۇرغىن… ياخشى كۆردۈم دەپ دەۋا قىلىپ قويۇپ، ئاندىن مۇھەببىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ھورۇنلۇق قىلغان كىشىدىنمۇ يالغانچى كىشى بولمىسا كىرەك!.
ئەگەر سەن مۇھەببىتىڭدىن ئايرىلىپ قىلىشتىن ئەنسىرەپ يىغلىساڭ، سەن ياخشى كۆرىدىغان كىشى بىلەن سىنى جەم قىلىش ئۈچۈن ئاللاھغا سەجدە قىلىپ ياش تۆككىن.
مۇھەببەتنى ۋەيران قىلغۇچى ئامىلغا ئايلاندۇرمىغىن، كىچىچە يىغلاپ، خىزمىتىڭنى تاشلىمىغىن!
كىم مۇھەببىتىنى قوغدىماقچى بولسا، قوغداشقا قادىر… چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇھەببەتنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشى، ھىسياتنىڭ ئۈستۈن بولۇشىنى خالايدۇ… ساپ مۇھەببەت توي قىلىش ئارقىلىق ئۆسۈپ يىتىلىدۇ.
توي قىلىتىشن ئىلگىرىكى مۇھەببەت ھكايىلىرى
1.
توي قىلىش ئۈنۈملۈك بولۇشى ئۈچۈن مۇھەببەتلىشىش شەرتمۇ؟ قىزىقىپ قىلىش مۇھەببەتلىشىتىن پەرقلىنەمدۇ؟
مۇھەببەت ھىسياتتا ( ھىسياتى مۇھەببەت)
مۇھەببەت قەلب تۇيغۇلىرى بولۇپ، ئىنسان ئۇنى كونترول قىلىپ بولالمايدۇ، چۈنكى قەلبلەر ئاللاھنىڭ قولىدا، ئاللاھ خالىغانچە ئۆزگەرتىدۇ.
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە شۇئەيب ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزىنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامنى قەلبنى چىلاشتۇرغىدەك مۇھەببەت بىلەن ياقتۇرۇپ قالغانلىق ھىكايىسىنى بايان قىلىپ بەردى. ئۇ ئىشنىڭ نەتىجىسىدە ئۇ قىزچاق دادىسىغا مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىنى سۆزلەپ بىرىشكە باشلايدۇ، ئاتىسى قوشۇلۇپ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا قىزى بىلەن توي قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالام مۇۋاپىق كىلىپ ئۇ قىزنىڭ تويلۇقى ئۈچۈن 10 يىل خىزمەت قىلىپ بىرىدۇ، مۇھەببەت ئەڭ قىممەتلىك نەرسە بولمايدىغان بولسا، مۇسا پەيغەمبەرنىڭ كۆپ ۋاقتى تويلۇق يولىدا كەتمىگەن بولاتتى.
رەسۇلۇللاھ، مۇھەببەت ئوتى تۇتۇشۇپ قالسا، نىكاھ قىلىشتىن باشقا بىرنەرسىنىڭ ئۇ ئوتنى ئۆچۈرەلمەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ چۈشەنچىنى تىخىمۇ تەكىتلەپ مۇنداق دىگەن: “ ياخشى كۆرۈشۈپ قالغانلارنىڭ بىردىن بىر دورىسى نىكاھ قىلىشتۇر“ ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان.
ئىپپەت ۋە تەقۋالىق يۈگەنلىرى بىلەن باغلانغان مۇھەببەتتە مەسىلە يوق، ئۇنىڭ بىردىن بىر يولى نىكاھ قىلىشتۇر. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، سەۋر قىلىش بىردىن ـ بىر چارىسىدۇر.
2. مۇھەببەت ئەمەلىيەتتە ( بۈگۈنكى مۇھەببەت)
بىز ئىستىلى مۇھەببەت بىلەن تۇيغۇ- ھىسيات مۇھەببىتىنى پەرقەلەندۈرۈپ قارايمىز. مۇھەببەت كۆڭۈلدىكى تۇيغۇ بولسا ھالال، لىكىن مۇھەببەت ئۇ يەر بۇ يەرلىرىنى تۇتۇش، سۆيۈشكە ئوخشاش ئىستىلگە ئايلىنىپ قالسا ھارام بولىدۇ ۋە كۆپ سەلبى ئىشلار كىلىپ چىقىدۇ، چۈنكى ئاشىقنىڭ ئۆزىنى تۇتىۋىلىشى ناھايىتى تەس.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئامرىكىدىكى “ census “ مەركىزى 2000 ـ يىلى ئىلىپ بارغان ئامرىىدىكى سىتاتىسكىلىق مۇھەببەت نەتجىلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:
1. 15 ياشتىن 44 ياشقىچە بولغان ئارلقىتىكى 41% ئاياللار توي قىلىتشىن ئىلگىرى ئەمەلى جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن.
بۇلارنىڭ ياش ئۆلچىمى تۆۋەندىكىچە:
%9 ئاياللارنىڭ ياشلىرى 15 ياشتىن تارتىپ 19 ياشقىچە
%39 ئاياللارنىڭ ياشلىرى 20 ياشتىن تارتىپ 24 ياشقىچە
%49 ئاياللارنىڭ ياشلىرى 25 ياشتىن تارتىپ 29 ياشقىچە
%51 ئاياللارنىڭ ياشلىرى 30 ياشتىن تارتىپ 34 ياشقىچە
%50 ئاياللارنىڭ ياشلىرى 35 ياشتىن تارتىپ 39 ياشقىچە
43 ئاياللارنىڭ ياشلىرى 40 ياشتىن تارتىپ 44 ياشقىچە
نەتجىسى:
%41 مۇھەببەت ئەھۋاللىرى ھامىلدار بولۇپ قالغان.
%33 تۇغۇت ئەھۋالى توي قىلمىغان ئاياللاردىن بولغان.
%41 ئاياللارنىڭ بىرىنچى تۇغۇتى مۇھەببەتتىن تۇغۇلغان بالىلار.
%25 بالىلار تىخى توي قىلمىغان كىشلەر ئائىلىسىدە تۇرمۇش كەچۈرىشى پەرەز قىلىنماقتا.
2. مۇھەببەت ئالاقىسىدىن كىيىنكى توي قىلىش نىسبىتى:
%55 ئاياللارنىڭ ئەھۋالى بىر ئۆيدە بەش يىل ياشاپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن توي قىلىش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
%40 ئاياللارنىڭ ئەھۋالى بىر ئۆيدە بەش يىل ياشاپ ئاجىرشىپ كىتىدۇ.
%5 ئاياللارنىڭ ئەھۋالى بەش يىلدىن كۆپرەك بىر ئۆيدە تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ.
%75 مۇھەببەت بىلەن ياشىغان ئاياللارنىڭ ئەھۋالى، ئۇلار ئەمدى شرىكلىرى بىلەن توي قىلىشقا پىلان تۈزۈشمەكتە. بۈگۈن توي قىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىلگىرى بىرگە ياشىغانلاردۇر.
بىرىنچى قىتىم توي قىلغان 53 پىرسەنت ئاياللار، شىرىكلىرى بىلەن بىر ئۆيدە بىر مەزگىل ياشاپ بولۇپ ئاندىن توي قىلغانلار.
( سىتاستىكا مەلۇماتنىڭ ئەسلى مەنبەسى:
http://www.unmarried.org/ )
***
بىز مەقسەت قىلىدىغان مۇھەببەت زادى قايسى؟
بىز دىل ۋە قەلىبلەرنى ئۆزگەرتەلەيدىغان مۇھەببەتنى مەقسەت قىلىمىز، مۇھەببەتلەشكۈچىلەرنى تارىخ خاتىرلىگىدەك بۈيۈك ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندىيەلەيدىغان مۇھەببەتنى دىمەكچىمىز.
سىلەر ئالەم بويىچە تويلۇقى ئەڭ قىممەت ئايالنى بىلەمسىلەر؟
مىنىڭ ئويلىىشمچە، سىلەرنىڭ ئوي- خىيالىڭلار مەشھۇر مەلىكىلەر ۋە چولپانلارغا كىتىدۇ.
سلەرنىڭ شۇنداق ئوي – پىكر قىلىشىڭلار ھەق! چۈنكى بىز مۇشۇنداق تەپەككۈر قىلىپ كۆنۈپ قالغان، بىزنىڭ ئالدىمزدىكى مۇھەببەتنىڭ ئۆلچىمى مۇشۇنداق .
بىراق ھەقىقى مۇھەببەتلەشكۈچىلەر ئۇ ئايالىنىڭ كىملىكىنى بىلىدۇ!
ۋەقەگە كىلەيلى:
ئۇممۇسۇلەيم دۇنيا بويىچە تويلۇقى ھەممىدىن قىممەت ئايال. بۇ ئايالنىڭ يولدىشى ۋاپات بولۇپ، ئىددىىتى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، ئەبۇتەلھە سۆز ئىچىپ كىلىدۇ، لىكىن بۇ ئايال رەت قىلىدۇ…. نىمە ئۈچۈنلىكىنى بىلەمسىلەر؟
ئۇ ئايال ئالتۇن ــ كۈمۈش تەلەپ قىلىۋاتسا كىرەك،
ئەبۇ تەلھە ئۇئايالدىن : ئالتۇن ـ كۈمۈش تەلەپ قىلامسىز؟ دەپ سورىدى.
ئۇ ئايال: مەن خۇدا بىلەن قەسەم قىلاي، سەن مۇسۇلمان بولساڭ، مىنىڭ تويلۇقۇمغا سىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىڭ يىتىدۇ، ئالتۇن ـ كۈمۈش تەلەپ قىلمايمەن، دەيدۇ.
ئۇ، مەن قانداق مۇسۇلمان بولىمەن؟
ئۇ ئايال: “ بىر ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى“ دەپ گۇۋاھلىق بىرىسەن، ئاندىن ئۆيۈڭدىكى بۇتلارنى سۇندۇرۇپ تاشلايسەن دەيدۇ….
ئەبۇتەلھە خۇرسەن بولۇپ، شاھادەت كەلىمىسىنى ئىيتىدۇ.
دىمەك، ئىسلام دىنى ئۇ ئايال قولغا كەلتۈرگەن ئەڭ قىممەتلىك تويلۇق. ئۇنىڭدىنمۇ قىممەتلىك تويلۇق بولامدۇ؟
ھەقىقى مۇھەببەت دىگەن مانا مۇشۇ، بۇ مۇھەببەت قانداقمۇ ئۇنتۇلسۇن؟!
بۇ كۈنلەردە مۇنداق مۇھەببەتنى باشتا بىلمىسەكمۇ، مۇھەببىتىمىزنى پاك ھىسيات بىلەن باشلايلى، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن توي قىلىش بىلەن تەرەققى قىلدۇرايلى، مۇقەددىمىسى جىنسى شەھۋەت بولغان، نەتىجىسى رەزىلەت بولغان مۇھەببەتتىن يىراقلىشايلى!.
خۇلاسە
ئىسلام دىنى مۇھەببەتلىشىشكە قارشى ئەمەس، تۇيغۇـ ھىسيات بىلەن بولىدىغان مۇھەببەتنى ئىنكار قىلمايدۇ، قەلب مايلىچانلىقنىڭ بولۇشى نورمال مەسىلە.
بىر قىز يىگىتكە ، يىگىت قىزغا ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرسە مەسىلە يوق. لىكىن بۇمۇھەببەت ئاتا ـ ئانىنىڭ بىلىشى بىلەن يورۇقتا بولۇشى كىرەك.
دۇرۇس بولىدىغان مۇھەببەتنىڭ شەرتلىرى:
1. قولتۇقلىشىدىغان ئىشلار بولماسلىقى،
2. سۆيۈشىدىغان ئىشلار بولماسلىقى،
3. قۇچاقلىشىدىغان ئىشلار بولماسلىقى،
4. گۈرە سىلىشىدىغان ئىشلار بولماسلىقى،
5. بىر ـ بىرىنىڭ ئەۋرەت ھىساپلىنىدىغان ئەزالىرىغا قارىماسلىقى،
6. تانسا ئوينىماسلىققا ئوخشاش، شەرىئەت چەكلىگەن شەرتلەرگە بويسۇنغان مۇھەببەت دۇرۇس بولىدۇ.
***
بۈگۈنكى كۈندە مۇھەببەت دەپ ئاتىلىۋاتقان ساختا مۇھەببەت ياكى ھارام قىلىقلار توغرا ئەمەس، سەۋەبى ، قولتۇقلۇشۇپ مىڭىش، سۆيۈشۈش، قۇچاقلىشىش، تانسا ئويناش…. دىگەندەك ئىشلارنىڭ ھەممىسى ھارام.
بۈگۈنكى جەمىيتىمىزدىكى مۇھەببەت، نامى ئۆزگەرتىلگەن پاھىشىنىڭ مۇقەددىسىمى ھىساپلىنىدۇ. ئۇنى پاك مۇھەببەت دىگىلى بولمايدۇ.
قىز ـ يىگىتلەر دىنىمزغا ۋە ۋەتىنىمىزگە بولغان مۇھەببىتىمزىنى ئاشۇرايلى، ئاللاھدىن قورقۇيلى!