مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5237|ئىنكاس: 22

يالغۇز ئىكەن يىغلىغان يۈرەك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۈمىدۋار بول ئاي !

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 675
يازما سانى: 1268
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13739
تۆھپە نۇمۇرى: 771
توردا: 1330 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2015-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-13 04:17:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |





يالغۇز ئىكەن يىغلىغان يۈرەك



( شەرمىناز )


ئۇنىڭ بىلەن قول تۇتۇشۇپ يانمۇيان كېتىۋاتىمىز ، خۇددى مەن ھازىرلا قېچىپ كېتىدىغاندەك ئۇ قولۇمنى چىڭ تۇتىۋالغان ئىدى . << توۋا ، بۇرۇن ماڭا گەپ قىلغۇسىمۇ كەلمەي مەندىن قېچىپ يۈرەتتى . ئەمدى ئۇنتۇپ كېتەي دېگەندە مېنى ئىزدەپ نېمە قىلىدىكىنە ؟ >> دېدىم  ئىچىمدە . ئۇنىڭ چىرايىداا ئىللىق تەبەسسۇم ، مەن بولسام ھەيرانلىقتىن بىر - بىرىمىزگە پات - پات قارىشىپ قوياتتۇق . << ماڭا نېمە بولغاندۇ ؟  مۇشۇ كۈنگە مەن قانچىلىك ئىنتىزار بولغان ئىدىم _ ھە ؟! توۋا ، ئەمدىلىكتە قەلبىمدە خۇشاللىقتىن قىلچىمۇ ئەسەر يوق . ئەجىبا ، ئۇنى راستىنلا ئۇنتۇپ كەتكەندىمەنمۇ ؟ ئۇنىڭغا قىلچىمۇ كۆڭلۈم قالمىغانمىدۇ ؟ >> مۇشۇلارنى ئويلاپ ئۇنىڭغا قاراپ قويدۇم ، ئۇ بولسا ماڭا قاراپ ئىللىق كۈلۈمسىرگىنىچە قولۇمنى چىڭ تۇتۇپ كېتىپ باراتتى . ئۇنىڭدىن قەيەرگە بارىدىغىمىزنىمۇ سورىمىدىم ، پەقەت ئۇنىڭغا ھەيرانلىق نەزىرىم بىلەن قاراپ كەينىدىن  كېتىپ باراتتىم . تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭغۇم كەلمەي قالدى ، قولۇمنى تارتىۋالماقچى بولىۋىدىم ئۇ قولۇمنى تېخىمۇ چىڭ تۇتىۋالدى ھەم  << ئەمدى قولىڭىزنى ھەرگىزمۇ قويۇپ بەرمەيمەن شەرمىناز >> دېدى كۈلۈپ تۇرۇپ ماڭا  . توۋا ، ئەمدى بۇنڭغا نېمە دەي ؟! بۇ تەقدىرنىڭ ماڭا قىلغان چاقچىقىمىدۇ ؟ بۇرۇن ئۇنى چىن دىلىمدىن ياخشى كۆرۈپ ، ئۇنىڭ ۋەسلىگە يېتىشنى كېچە - كۈندۇر  ئارزۇ قىلغان چاغلىرىمدا تەقدىر ماڭا ئۇنىڭ بىلەن مۇھەببەت بېغىدا بىللە خۇشال سەيلە قىلىش پۇرسىتىنى نېسىپ قىلمىدى . ئەكسىچە ، مېنى ۋىسالسىز مۇھەببەتنىڭ قۇلى قىلىپ  كۆزۈمدىن ياش ئاققۇزۇپ چەكسىز ئازابقا ، ھىجرانغا تاشلىدى . ئەمدىلىكتە ئۇنى ئۇنتۇپ ئۇ ئازابلىق كۈنلىرىم بىلەن خوشلىشىپ ھاياتقا ، تۇرمۇشقا قايتىدىن كۈلۈپ قاراپ خوشال ياشاشقا ، يۈرىكىمگە ئورناپ كەتكەن شۇ ئىسىمنى قانچە تەس بولسىمۇ ئۆچۈرۋىتشكە تىرىشىپ، ئۇنى تۇرمۇشۇمدىن ، خىيالىمدىن ، ھەتتا پۇتۇن ھاياتىمدىن  چىقىرىپ تاشلاشقا ئازلا قالغان چاغدا يەنە نېمىشقا ئۇنىڭ تۇيۇقسىزلا مېنىڭ ھاياتىمدا پەيدا بولىشىغا يول قويىدۇ ؟! نېمىشقا يەنە مېنى بۇ ئوتقا تاشلايدۇ ؟! ئەجىبا ، مەن بۇ دۇنياغا ئۇنىڭ دەردىنى تارتىشقا ، ئازاب ئىچىدە ئۆتۈشكىلا يارالغان بىر بەندىمۇ ؟! خىياللىرىم چېچىلاڭغۇ ئىدى ، ئۇنڭغا قارىغانسىرى خۇددى ناتۇنۇش كىشىلەردەك ھېس قىلماقتا ئىدىم . ئەمدى ئۇنىڭغا  ھازىر ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھېچقانداق كۆڭلۈم قالمىغانلىقىنى دېمەكچى بولدۇم ، لېكىن نېمىشقىكىن پەقەتلا  گەپ قىلالمىدىم ، نەچچە رەت دېمەكچى بولدۇم _ يۇ ، يەنە گەپ قىلالمىدىم .  دېيەلمىگەنچە ئىچىم سىقىلىپ بىئارام بولاتتىم . ئۇ بولسا ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرگىنىچە قولۇمنى تۇتۇپ داۋاملىق ماڭاتتى . << ئەمدى يېتەر شەرمىناز ، ئۇنىڭ ئۈچۈن شۇنچە يىل ئازاب تارتىپ ئۆتكىنىڭ يېتەر ! ئەمدى يەنە ۋىسالسىز مۇھەببەتنىڭ قۇلى بولۇپ  بىر ئۆمۈر ھەسرەت چېكىپ ، ئازاب ئىچىدە ئۆتەي دەمسەن شەرمىناز ؟ كاللاڭنى سىلكىۋەت ، ئوبدان ئويلان ! ئۇ سېنى ئالداۋاتىدۇ ، ئۇ سېنى ياخشى كۆرمەيدۇ ، پەقەت ياخشى كۆرمەيدۇ !!! >> دەيتتى كىمدۇر بىرى قۇلۇقۇمغا . بۇ گەپتىن شۇنچىلىك چۆچۈپ كەتتىمكى يەنە ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ ياشىيالمايدىغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم ھەم بۇندىن كىيىن ئۇنىڭ قولىنى ھەرگىزمو قويۇپ بەرمەيمەن دەپ چىڭ تۇتىۋالماقچى بولدۇم . بېشىمنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپلا قالدىم چۈنكى ، يېنىمدا ئۇ يوق تۇراتتى ، قولۇم بوشلۇقتا ئېسىلىپ قالغانىدى . مەن بولسام ئۆزۈم يالغۇز بىز كىچىكىمىزدە دائىم دوستلىرىمىز بىلەن ئوينايدىغان ھېلىقى كوچىدا تۇراتتىم . ئەتراپىمغا قارىدىم ، ئۇ ھېچ يەردە كۆرۈنمەيتتى . ئۇنى ئىزدەپ بار كۈچۈم بىلەن ئالدىمغا يۈگۈردۈم ، ئۇنىڭ ئىسمىنى قايتا - قايتا چاقىردىم . ئەمما ،  شۇنچە ئىزدەپمۇ ، شۇنچە چاقىرىپمۇ ، شۇنچە قاراپمۇ ئۇنى  تاپالمىدىم . ئاخىرى ماغدۇرسىزلىنىپ يەرگە يىقىلدىم .  كۆزۈمدىن  ياشلار تاراملاپ تۆكۈلدى ، كۈچسىز ئاۋازىم بىلەن  << ئالدامچى ! >> دەپ ۋارقىرىدىم ............

چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم .  كۆزلىرىم ياش يۇقى ئىدى . ئورنۇمدىن تۇرۇپ سائەتكە قارىدىم ، سائەت ئېستىرىلكىسى 3 نى كۆرسىتىپ تۇراتتى . دېمەك ، سەھەر سائەت 3 بولۇپ قالغانىدى . كونىلار  << سەھەردە كۆرگەن چۈش ئوڭغا ماڭىدۇ >> دەپ قويىشىدىكەن ، بەزىدە شۇنىڭغىمۇ ئىشىنىپ قالاتتىم . چۈنكى ، نەچچە يىللار بۇرۇن ئۇنى چۈشۈمدە كۆرگەن كۈننىڭ ئەتىسى ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ قالاتتىم . ناھايتتى ئۇزۇن بوپتىكەن ئۇنى چۈشۈمدە كۆرمىگىلى . ئۇف....  ئەمدى بۇ يەنە نېمىدىن بىشارەتتۇ  ؟! بېشىمغا يەنە قانداق سەۋدالار چۈشەر ؟ مېنى يەنە قانداق دەرد - ئازابلار مېنى ساقلاپ تۇرىۋاتقاندۇ ؟ بۇندىن كىيىنكى تۇرمۇشۇم يەنە ھەسرەت - پىغان چېكىپ ، ئازاب ئىچىدە بىلەن ئۆتەرمۇ ؟! چىگىش خىياللار ئىچىدە ئورنۇمدا ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كەتتىم ، كۆزۈمگە ھېچ ئۇيقۇ كېلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى . توۋا ! چۈش دېگەنمۇ ئاجايىب بولىدىكەن . گاھىدا ئادەمنى شىرىن خىياللار قوينىدا ئەللەيلىتىپ شىرىن ھېسلارغا چۆمدۈرسە  ، گاھىدا ئادەمنى ئازابقا سالغان ئىشلارنى ، كۆڭۈلسىز ئەسلىمىلەرنى يادىغا سېلىپ كىشى قەلبىدە ئۇنتۇلۇپ كېتىشكە ئازلا قالغان سىمانى ئەسلىتىپ قويىدىكەن..........  



..................................................................................................


‹‹ ئۇنتۇلمايدۇ كىچىك چاغدا سۆيگەن يار پەقەت ،
ئۇنتۇلمايدۇ بىرگە ئويناپ ، كۈلگەن يار ئەبەد . ››


بۇ مىسرالارنى قاچان ، قەيەردە ئۇقۇغىنىم يادىمدا يوق ، لېكىن ، بۇ ئىككى مىسرا دائىملا يادىمغا كېلىپ قالىدۇ . سىز بىلەن مەن گەرچە بىر يۇرتتىن بولمىساقمۇ ، سىز كىچىكىڭىزدىن بىزنىڭ يېزىدا  يەنى چوڭ دادىڭىزنىڭ ئۆيىدە كۆپ تۇرىدىغان بولغاچقا بىز ئەنە شۇنداق كىچىكىمىزدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولدۇق . كىچىكىمىزدە  مەن سىزگە بەك ئامراق ئىدىم ، سىزنىڭمۇ ماڭا ئامراق ئىكەنلىكىڭىزنى بىلەتتىم . بىز دوستلىرىمىز بىللە ھەرخىل ئويۇنلارنى ئوينايتتۇق ، قوغلىشاتتۇق ، كېپىنەك قوغلايتتۇق . ئويلاپ قالىمەن ، شۇ چاغلار نېمىدىگەن غەمسىز ، خوشال كۈنلەر ئىدى - ھە ؟! يىللارنىڭ ئۆتىشى ھەم  چوڭ بولىشىمىزغا ئەگىشىپ ، مەندە سىزگە نىسبەتەن ئۆزۈممۇ بىلمەيدىغان بىر خىل ھېسيات پەيدا بولۇشقا باشلىغانىدى . ئەمدىلىكتە سىزنى كۆرسەم سىزدىن خىجىل بولۇپ يىراققا قاچىدىغان ، تارتىنىدىغان ئەمما سىزگە يۇشۇرۇن دىققەت قىلىدىغان ، يىراقتىن قارايدىغان بولۇپ قالغانىدىم . بۇ خىل ھېسياتنىڭ زادى قانداق تۇيغۇ ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي قىينىلاتتىم . كىيىن بىلسەم ، ئەسلىدە مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىكەنمەن !  گۈللەر ئېچىلغان ، ھەممە ياقتا قۇشلار شوخ ناۋا قىلىۋاتقان ، ساپ ھاۋالىق ياز پەسلىنىڭ ئايدىڭ بىر كېچىسى سىز ماڭا قولدا توقۇلغان ئاددىي ئەمما مەن ئۈچۈن ھەرقانداق ئىسىل زىبۇ - زىننەتلەردىنمۇ قىممەتلىك بولغان بىلەيزۇككە ئوخشاش بىر نەرسىنى سوۋغا قىلدىڭىز . بىلەمسىز ، شۇ كېچە ھاياجاندىن كۆزۈمگە ئۇيقۇمۇ كەلمىگەنىدى ، ئۇ نەرسىنى ياستۇقۇمنىڭ ئاستىغا قۇيۇپ ياتقانىدىم .

سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئاشۇ كۈنلىرىمنى ئەسلا ئۇنتالمايمەن . شۇ كۈنى بىز تاغىڭىزنىڭ بېغىدا ئۆرۈك تىرىۋاتاتتۇق . سىزدىن كۆزلىرىمنى ئۈزگۈم كەلمەيتتى ، سىزگە يەر تېگىدىن ئوغۇرلۇقچە قارايتتىم . توساتتىن ئىككىمىزنىڭ كۆزلىرى ئۇچراشتى ، مەن ئۆزۈمنى باشقۇرالماي قالدىم . تەنلىرىم قىزىپ تەرلىمەكتە ، قوللىرىم تىتىرىمەكتە ئىدى.

مانا شۇ كۈندىن ئېتىبارەن سىز مېنىڭ قەلبىم تۆرىدىن ئۇرۇن ئالدىڭىز ، قەلىب قەسىرىمنىڭ يۇقىرى تەختىدىن سىزگە ئۇرۇن بەردىم . مېنىڭ قەلبىمدىكى ھۆرمىتىڭىز چەكسىز ، شۆھرىتىڭىز يۈكسەك ئىدى ...... سىزنى دائىم ئويلايتتىم ، ھەممىدىن ئاۋۋال كۈلۈپ تۈرىدىغان كۆزلىرىڭىزنى ئويلايتتىم ، ئاشۇ كۆزلەرنىڭ چۇڭقۇرلۇقىدىن بەخىت ئىزدەيتتىم ، ئۇ كۆزلەردىن ئىقبالىمنى كۆرۈشنى خالايتتىم .

شۇ چاغلاردا سەزدىڭىزمىكىنتاڭ ، سىزنى دائىم ئۇچراتسام دەيتتىم ، سىزنى ئۇچرىتىپ قالسام بىر سەۋەبلەر بىلەن كۆزلىرىڭىزگە تىكىلەتتىم ، بىراق چاندۇرۇپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ يىنىڭىزدا ئۇزاق تۇرالمايتتىم . تۇرمۇشۇمنىڭ بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىدىمۇ سىز بار ئىدىڭىز ، كېچىلىرى چۈشۈمدە ، كۈندۇزلىرى ئويۇمدا ، ئىشقىلىپ سىز بىلەن خىيالەن بىللە ياشايتتىم ........

شۇ كۈنلەردە سىزنىڭمۇ مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلىپ قالدىم ، قەلبىم چەكسىز ھاياجانغا تولدى . شۇنداقتىمۇ سىزگە بولغان بۇ كۆڭلۈمنى يۇشۇرۇپ يۈردۇم ، سىز بىلەن يۈرۈش ، مۇھەببەتلىشىشنى خىيالىمغىمۇ كەلتۇرمەيتتىم . چۈنكى ، ئۇ چاغلاردا بىز تېخى كىچىك ئىدۇق . سىزنىڭمۇ ماڭا كۆڭلىڭىز بارلىقىنى بىلگەچكىمىكىن كۆڭلۈم شۇنچىلىك خاتىرجەم ئىدى . يىللار ئۆتۈپ بىزمۇ چوڭ بولدۇق ، ئەقلىمىزمۇ چوڭ بولدى ، بىر ئىشلارنى چۈشەنگۈدەك بولۇپ مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى ، ياخشى كۆرۈشنىڭ نىمىلىكىنى ھېس قىلالايدىغان ، بىلىدىغان بولدۇق . ئەمما ، بۇ چاغدا سىز مەندىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرىدىغان ، مەن گەپ قىلمىسام ماڭا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايدىغان بولىۋالدىڭىز . ماڭا نېمىشقا بۇنداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىڭىزنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمەي ئاۋارە ئىدىم . ھەرقېتىم ئۇچرىشىپ قالغىنىمىزدا مەن سالام قىلمىسام مېنى كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كەتمەكچى بولىۋاتقىنىڭىزنى كۆرگىنىمدە  كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم بولاتتى . ۋاقىت ئۆتكەنسىرى سىزنىڭ نېمىشقا ماڭا بۇنداق پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىڭىزنىڭ سەۋەبىنى بىلگەندەك بولدۇم-يۇ ، لېكىن يەنە ئۆزۈمدىكى بۇ تۇيغۇغا پەقەتلا ئىشەنگۈم كەلمىدى . ئەجىبا ، سىز مېنى راستىنلا ياخشى كۆرمەيدىغان بۇلۇپ قالدىڭىزمۇ ؟ ئۆزۈمنىڭ بۇ خىيالىغا يەنە ئۆزۈمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى ، ئارتۇقچە گۈمان قىلىۋاتىمەنمىكىن دەپ ئويلايتتىم . چۈنكى سىزمۇ مەندىن تارتىناتتىڭىز ، ئۇچرىشىپ قالساق قىزىرىپ كېتەتتىڭىز ھەم تەمتىرەپلا قالاتتىڭىز ، يىراقتىن ئوغۇرلۇقچە قارايتتىڭىز . ئىنكار قىلماڭ ، مەن بۇنى بىلەتتىم ، سىزنىڭمۇ يىراقتىن ماڭا ئوغۇرلۇقچە قارايدىغىنىڭىزنى بىلەتتىم .  شۇڭا سىزنىڭ مېنى ياخشى كۆرمەس بولۇپ قالغىنىڭىزغا ئىشەنمىدىم .

يىللار ئۆتۈپ بىزمۇ تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۇقۇشقا چىقتۇق . مېنىڭ بۇرۇندىنلا سىز بىلەن بىر مەكتەپتە ئۇقۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى  . ئەپسۇس ، رەھىمسىز تەقدىر مېنى بۇ ئارزۇيۇمغا يەتكۈزمىدى . سىز بىلەن باشقا - باشقا مەكتەپلەردە ئۇقۇدۇق . سىز بىلەن بىر مەكتەپتە ئۇقۇيالمىغىنىم ئۈچۈن كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم بولدى ، ئەمما ئۇقۇشقا بولغان ئوتتەك ئىشتىياقىم ماڭا يەنە ھەممىمى ئۇنتۇلدۇردى . بىراق بۇ غەمسىز كۈنلىرىم ئۇزاققا بارمىدى . نېمىشقا دەپ سوراۋاتامسىز ؟ چۈنكى ،  دوستلۇرۇمنىڭ بۇلۇپمۇ يېقىن دوستۇم سەيىدەنىڭ يىگىتى بىلەن خوشال يۈرگىنىنى ، ئۇ يىگىتنىڭ دوستۇمنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىش ئۈچۈن دوستۇمنىڭ ئەتراپىدا  پەرۋانە بولۇپ يۇرگەنلىرىنى كۆرسەملا سىز يادىمغا يېتىدىغان بولۇپ قالدىڭىز . مېنىڭمۇ سىز بىلەن باشقىلارنىڭ مەستلىكى كەلگۈدەك ئامراق ئاشىق - مەشۇقلاردىن بولۇپ ئۆتكۈم كەلدى . لېكىن ئارمانغا چۇشلۇق دەرمانىم يوق ئىدى ھەم مەكتەپ پۇتتۈرگۈچە ئۇنداق قىلىشنىمۇ خالىمايتتىم . ۋاقىت ئۆتكەنسىرى سىزگە بولغان سېغىنىشىممۇ كۈچەيگىلى تۇردى . شۇ كۈنلەردە خىيالچان بولۇپ قالغىنىمنى سەزگەن پارتىداش دوستۇم گۈزەلئاي مەندىن سەۋەبىنى سوراپ تۇرىۋالدى . سەيىدە دېگەن دوستۇم بولسا ئۆزىنىڭ ئىشلىرى بىلەن  بولۇپ كېتىپ مەندىكى بۇ پەرىشانلىقنى سەزمىدى. ئاخىرى  گۈزەلئاينىڭ  چىڭ تۇرىۋېلىشى بىلەن باشقىلارغا تۇنجى قېتىم سىزگە بولغان كۆڭلۈمنى ئاشكارىلىدىم . ئۇنىڭ بىلەن مەن بىر ئامال ئويلاپ تاپتۇق . يەنى سىز بىلەن مەن كىچىكىمىزدىن تونۇشىدىغان بولغاچقا مەن سىزگە دوستلۇق نامىدا ، گەرچە  مەن سىزدەك ئەقىللىق بولمىساممۇ سىز بىلەن ئۆگىنىشتە بەسلىشىپ بېقىش توغرىسىدا  خەت يازىدىغان بولدۇم . ئادرىسىمنى قانداق بىلدىڭىز دەپ ھەيران قالدىڭىزغۇ دەيمەن  ،   شۇ يىلى قىشلىق تەتىلدە سىز چوڭ دادىڭىزنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە نەۋرە ئىنىمغا ئادرىسىڭىزنى سوراتقۇزۇپ بىلىۋالغانىدىم . شۇ چاغدا سىزنىڭ قايسى سىنىپتا ئۇقۇيدىغانلىقىڭىزغىلا قىزىققان بولسام ، مانا ئەمدى تازا ئەسقاتتى  . خەتنى پوچتىدىن سېلىپ بولۇپ شۇنداق خۇشال بولۇپ كەتتىم . سىزنىمۇ چۇقۇم ماڭا جاۋاب خەت يازىدۇ ، مۇشۇ بىزنىڭ مۇھەببىتىمىزنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالىدىغۇ دەپ شۇنداق ئىشەنچ قىلغانىدىم . لېكىن ئويلىمىغانكەنمەن ،  سىز ئىشەنچىمنى يەردە قويدىڭىز ، ماڭا جاۋاب قايتۇرمىدىڭىز . ‹‹ بەلكىم دەرسلەر بەك ئالدىراشتۇ !؟›› مۇشۇنداق دەپ ئۆزۈمگە تەسەللىي بېرىپ يۈردۇم . كۈنلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى  ئۆتىۋەردى ،  سىزدىن يەنە جاۋاب خەت كەلمىدى . ھەرقېتىم ساۋاقداشلىرىمغا خەت كەلسە بىر بويۇن قىسىپ قاراپ قالاتتىم . ئاخىرى 2 ئايمۇ ئۆتۈپ كەتتى ، مانا ، ئەمدى سىزدىن خەت كەلمەيدىغانلىقىغا كۆزۈم يېتىپ لاسسىدە بولۇپ قالدىم . ئەجىبا ، سىزنىڭ ماڭا بولغان كۆڭلىڭىز راستىنلا ئۆزگىرىپ كەتكەنمىدۇ ؟ مېنى راستىنلا ياخشى كۆرمەس بولۇپ قالغانسىزمۇ ؟؟؟ ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيتتى . كاللام باش - ئاخىرى يوق چىگىش خىياللار ھەم جاۋابسىز سۇئاللار بىلەن تولغانىدى ،  بۇ سۇئاللىرىمنىڭ جاۋابىنى تاپالماي تولىمۇ تولىمۇ قىينىلاتتىم .

شۇ يىلى ياز مەۋسۇم ئاخىرىدا بىز سىز ئۇقۇۋاتقان مەكتەپكە خۇلاسە ئىنتىھان بەرگىلى باردۇق . سىز بىلەن كۆرۈشەلەيدىغىنىم ئۈچۈن بەكلا خۇشال ئىدىم . ئىككى ئۆيدىكىلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى بولغاچقا بۇ ئىككى كۈنلۈك ئىنتىھان جەريانىدا دوستۇم سەيىدە بىلەن سىزنىڭ ئۆيىڭىزدە تۇردۇق . بىز ئۆيىڭىزگە كەلگەن كۈنى سىز  بەكمۇ كەچ قايتىپ كەلدىڭىز . ئەمدى بىلىۋاتىمەن ، ئەسلىدە سىز مەندىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرۇپ شۇنداق كەچ قايتىپ كەپتىكەنسىز ئەمەسمۇ ؟! گەرچە بىزنىڭ بىللە تۇرغان ۋاقتىمىز شۇنچىلىك قىسقا بولغان بولسىمۇ  سىزنى كۆرەلىگىنىم ئۈچۈن تولىمۇ خۇشال بولدۇم . ئاخىرى ئىنتىھانمۇ تۈگەپ بىزمۇ مەكتەپكە قايتتۇق . ئاپتۇبۇستا قايتىپ كېلىۋېتىپ كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم بولدىكى ، سىزدىن ئاستا - ئاستا يىراقلىشىپ كېتىۋاتقىنىم يادىمغا كەلسىلا يىغلاپ تاشلاشتىن ئۆزۈمنى تەستە تۇتىۋالاتتىم . خۇددى ئەمدى سىز بىلەن قايتا كۆرۈشەلمەيدىغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالغان ئىدىم . يىغلىماسلىققا شۇنچە تىرىشتىم ، بىراق ئۇنداق قىلالمىدىم . ئاخشىمى ياتاقتىكى قىزلارنىڭ ھەممىسى ئۇخلاپ قالغاندا ، بېشىمنى يوتقانغا چۈمكەپ ئۆكسۈپ- ئۆكسۈپ يىغلاپ تاشلىدىم ، ياتاقتىكى باشقا قىزلارنى ئاڭلاپ قالمىسۇن دەپ ئېغىزىمنى قولۇمدا چىڭ ئېتىۋالدىم . ئەنە شۇنداق يىغلاپ - يىغلاپ قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن . ئەتىسى شۇنداق روھسىز ئورنۇمدىن تۇرۇپتىمەن ، قاپاقلىرىمممۇ ئىشىشىپ كېتىپتۇ . شۇ كۈنى بىز ئىنتىھانغا تەييارلىق قىلىپ تەكرار قىلاتتۇق ،  شۇنچە دىققىتىمنى يىغىپ كىتابقا قارىساممۇ
كاللامغا ھېچ نەرسە چۈشمەيۋاتاتتى . خىيالىم سىزدىلا  ئىدى ، ئىچ - ئىچىمدىن يىغلىغۇم كېلەتتى . سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان شۇنچە يىلدىن بېرى مەن ئەزەلدىن ھازىرقىدەك  ئازابلىنىپ ياش تۆكۈپ باقمىغان ئىدىم ھەم مۇھەببەتكە باش ئەگمەيمەن ، مۇھەببەتنىڭ مېنى كونتۇرۇل قىلىۋېلىشىغا ھەرگىزمۇ يول قويمايمەن دەپ چوڭ سۆزلەپ يۈرەتتىم . ئەمما ، سىزگە بولغان مۇھەببىتىم ئالدىدا مەن  ئاجىز كەلدىم ، مۇھەببەتكە باش ئېگىشكە مەجبۇر بولدۇم . بىلمەيمەن ، سىزنى قانداقلارچە بۇنداق ياخشى كۆرۈپ قالغاندىمەن ؟ سىز مېنىڭ ياشلىق دەۋرىمنى ، قەلىب ئىشىكىمنى چەككەن تۈنجى ئىنسان . سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندىن بېرى سىز بىلەن ئەمىليەتتە بىللە بولالمىساممۇ خىيالىم بىللە ، قەلبىم بىللە ئىدى . بۇ ياخشى كۆرۈشنىڭ ماڭا بىر ئۆمۈر ئازاب ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسام ئىدى ، سىزنى ھەرگىزمۇ ياخشى كۆرۈپ قالمىغان بولاتتىم . بىراق نۇرغۇن ئىشلارنى ئالدىن بىلىش مۇمكىن ئەمەسكەن .

تەتىلمۇ كېلىپ مەنمۇ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم . خىيالىم ، ئەس - يادىم سىزدىلا ئىدى . تۇيۇقسىزلا سىز بىلەن ئامراق ئاشىق - مەشۇقلاردىن بولۇپ ئۆتۈشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ قالدىم . بۇ خىيالىم بىلەن تەڭ پۈتۈن بەدىنىم تىتىرەپ ، يۈرىكىم شۇنچىلىك ئاغرىپ كەتتى . مەيلى نېمىلا بولمىسۇن ، سىز بىلەن ئاشىق - مەشۇق بولۇپ ئۆتۈپ، سىزگە ئەقىدەمدىن گۈلدەستىلەر تىزىپ سۇنۇشۇمغا نېسىپ بولمىسىمۇ ، يەنىلا  سىزنىڭ ماڭا كۆڭلىڭىز بار يوقلىقىنى بىلىپ باققۇم كەلدى . سىزنىڭ ھەر تەتىلدە مەھەللىمىزگە چوڭ دادا ، چوڭ ئانىڭىزنى يوقلاپ كېلىدىغانلىقىڭىزنى بىلگەچكە سىزنىڭ كېلىشىڭىزنى تەققەزالىق ھەم شۇنچە ئىنتىزارلىق بىلەن  كۈتتۇم . ئاخىرى سىزمۇ كەلدىڭىز ، كۆرشكەندە بولسا سىزدىن سوراشقا جۈرئەت قىلالمىدىم . ئۇچرىشىپ قالغانلىرىمىزدا بولسا بىز يەنە بۇرۇنقىدەك تارتىنىش ، قورۇنۇش ئىچىدە گەپ - سۆزسىز بېشىمىزنى يىنىك لىڭىشتىپلا سالاملىشىپ قويدۇق . شۇنداق قىلىپ ئۇزۇن تۇرمايلا يەنە قايتىپ كەتتىڭىز . سىز كەتكەندىن كىيىن ، بۇ تەتىلنى مەن سىزنى سېغىنىش ، ئەسلەش ئىچىدە بەكمۇ تەستە ئۆتكۈزدۈم . تەتىلدىن كىيىن مەن مەكتەپ ئالمىشىپ سىز بار شەھەرگە ئۇقۇشقا كەلدىم . گەرچە سىز بىلەن بىر مەكتەپتە ئۇقۇش نېسىپ بولمىغان بولسىمۇ يەنىلا بەك خوشال ئىدىم . چۈنكى ، ئىككى ئۆيدىكىلەر يېقىن ئۆتىدىغان بولغاچقا  ، مەن دەم ئېلىش كۈنلىرىدە سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە بارمىسام دادىڭىزنىڭ خاپا بولۇپ مېنى ئىزدەپ مەكتەپكە بېرىشى ئېنىق ئىدى . شۇڭا مەن دەم ئېلىش كۈنلىرى ئۆيىڭىزگە باراتتىم ، سىزنى كۆرەلىگىنىم ئۈچۈن شۇنچىلىك خوشال ئىدىم . نېمە ئۈچۈنكىن ، سىز  مەن بارغان چاغلاردا سىرتقا چىقىپ كېتىپ كەچ كېلەتتىڭىز ، ئۆيدە بولغان تەقدىردىمۇ مەن گەپ قىلمىسام ماڭا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايتتىڭىز . مەنمۇ  سىزگە گەپ قىلىشتىن ئەيمىنىپ پەقەت سالام قىلىش ، تىچ - ئامانلىق سوراش بىلەن بولدى قىلاتتىم ، بىز ئۆيدە ئەنە شۇنداق گەپ - سۆزسىز تېلۋىزۇرغا قاراپ ئولتۇراتتۇق . گاھىدا كۆزلىرىمىز ئۇچرىشىپ قالاتتى - دە ، ھەر ئىككىلىمىز دەرھال باشقا ياققا قارىۋالاتتۇق . سىز بىلەن شۇنداق جىمجىت ئولتۇرغان چاغلاردا يەنە سىزدىن مېنى ياخشى كۆرىدىغان ياكى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىڭىزنى سوراپ باققۇم كېلەتتى . نۇرغۇن ئىككىلىنشلەردىن كىيىن  سىزدىن سوراشقا تەمشىلەتتىم -يۇ ، يەنە ئېغىزىمدىن چىقىرالمايتتىم . تالاي - تالاي قېتىم شۇنداق نىيەتكە كەلگىنىمنى ، ھەم سىزگـە قارىغىنىمدا ، كۆزلىرىم كۆزلىرىڭىز بىلەن ئۇچراشقان شۇ دەقىقىدە يەنە دېيەلمەستىن ئاستاغىنە يەرگە قارىۋالغىنىمنى ئۆزۈممۇ ساناپ بېرەلمەيمەن . شۇ چاغلاردا ،  سىزنىڭ ماڭا كۆڭلىڭىز بار - يوقلىقىنى بىلەلمىگەنچە ئىچىم سىقىلاتتى ، بىئارام بولاتتىم . بۇ خىل تۇيغۇنى بەلكىم سىز مەڭگۈ ھېس قىلالماسسسىز ، ئەلۋەتتە .

ئارىدىن نەچچە ئاي شۇ تەرىقىدە ئۆتۈپ كەتتى ، سىزدىن پەقەت سورىيالمىدىم .   كىيىن مەنمۇ  كېسىلىم سەۋەبلىك ئۇقۇشتىن چىكىنىپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم  . زېرىكىشلىك كۈنلىرىم باشلاندى ، ئۇقۇشتىن چىكىنىپ قايتىپ كەلگندىن بۇيان خۇددى روھى چىقىپ كەتكەندەك بولۇپ قالغانىدىم .  بۇ تاللىشىمنىڭ ماڭا نەقەدەر  ئېغىر شۇنداقلا بەك تەس كەلگەنلىكىنى بەلكىم مەندىن باشقا ھېچ كىم ھېس قىلالمىسا كېرەك . شۇ كۈنلەردىكى بىردىنبىر خوشاللىقىم سىزنى ئويلاش ، ئەسلەش ئىدى ، ئولتۇرسام - قوپسام خىيالىم سىزدىلا ئىدى . سىز بىلەن خىيالەن مۇڭدىشاتتىم ، سىردىشاتتىم ھەتتا سىزگە قېيداپ تىللاپمۇ باقاتتىم ......... كىيىن مەكتەپتە يازغان كۈندۈلۈك خاتىرەمنى داۋاملاشتۇرۇپ يازدىم . بۇ خاتىرىنى سىز ئۈچۈن پەقەت سىز ئۈچۈنلا يېزىۋاتاتتىم . قايتىپ كەلگەن كۈندىن باشلاپ نەچچە ئايغىچە بۇ خاتىرىنى قولۇمغىمۇ ئېلىپ باقمىغانىدىم .  بۇ خاتىرە مېنىڭ شۇ كۈنلەردىكى بىردىنبىر مۇڭدىشىم ، سىردىشىم ئىدى . سىزگە بولغان سېغىنىشىمنى ، ئىنتىزارلىقىمنى ، تەلپۈنۈشۈمنى ، ئەقىدەمنى....... ئىشقىلىپ سىزگە دېمەكچى بولغان بارىلىق يۈرەك سۆزلىرىمنى يازاتتىم . شۇ يىلى يازلىق تەتىل مەزگىلى ئىدى .  بىر كۈنى شۇ خاتىرەمگە سىزگە بولغان سېغىنىشىمنى يېزىپ ئولتۇراتتىم ، توساتتىنلا سىز نەۋرە ئاكىڭىز بىلەن كىرىپ كەلدىڭىز . يۈرىكىم قاتتىق سوقۇپ كەتتى ، قولۇمدىكى قەلەممۇ يەرگە چۈشۈپ كەتتى .
_ قاچان كەلدىڭىز ؟ _ ئارانلا شۇنى سورىيالىدىم سىزدىن .
_ ئەتىگەن كەلگەن _ دېدىڭىز سىزمۇ ئوڭايسىزلانغاندەك .
پارىڭىمىز مۇشۇنىڭ بىلەن تۈگىگەن بولدى . ئادەتتىمۇ بىز سالاملاشقاندىن باشقا ئارتۇق پاراڭلاشمايتتۇق . شۇندىن كىيىن سىزنى ئىككى ، ئۈچ قېتىم كۆرگەنمۇ بولدۇم ، كىيىن يوقاپلا كەتتىڭىز . ئاڭلىسام ، ئۆيىڭىزگە قايتىپ كېتىپسىز . نەۋرە سىڭلىڭىزدىن بۇ گەپنى ئاڭلاپ روھىم چىقىپ كەتكەندەكلا بولۇپ قالدىم ، ئۆيگە كىرىپ بىر ھازاغىچە يىغلاپتىمەن . مۇشۇ كۈنلەردە بەكلا يىغلاڭغۇ بولۇپ قېلىۋاتاتتىم ، كىچىككىنە بىر ئىشلار ئۈچۈنمۇ يىغلاپ سالاتتىم .  كۈنلەر ئۆتكەنسىرى ، خاتىرەمگە سىز توغۇرلۇق يازغانسىرى ، سىزنى تېخىمۇ ياخشى كۆرۈپ قېلىۋاتقىنىمنى ، سىزگە بولغان ئىنتىزارلىقىمنىڭ شۇنچىلىك كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم . سىزگە بولغان سېغىنىشىم كۈچەيگەنسىرى سىزنىڭ مېنى ياخشى كۆرىدىغان ياكى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىڭىزنى بىلىپ بېقىش ئىستىكىممۇ تەڭ كۈچەيگىلى تۇردى . شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۇيۇقسىز چوڭ دادىڭىز ئالەمدىن ئۆتتى ، سىزنىڭ دادىڭىز بىلەن ئاپىڭىز بىزنىڭ مەھەللىگە كېلىپ ئۆلۈم ئىشى خېلى كۈنلەرگىچە تۇرۇپ قالدى . ئاپىڭىزدىن سىزنىڭ ئۆيدە يالغۇز قالغانلىقىڭىزنى بىلىپ ، كاللامغا سىزگە تېلفۇن قىلىپ سوراپ بېقىش ئويى كېلىپ قالدى.  سىلەرنى مەكتەپتىن دەم ئېلىشقا قويۇپ بەرگەن كۈنى ، مەن ئۇزاق ئىككىلەنگەندىن كىيىن بەك تەستە سىلەرنىڭ ئۆينىڭ تېلفۇن نۇمۇرىنى باستىم :
_ ئەسسالامۇئەلەيكۇم !
تېلفۇن تۇرۇپكىسىدىن ئاۋازىڭىزنى ئاڭلاپلا تۇنۇدۇم . نېمىشقىكىن تىتىرەپ كېتۋاتاتتىم ،  ھاياجاندىن ئېغىزىم گەپكىمۇ كەلمەي قالدى . خۇددى يۈرىكىم ھازىرلا يېرىلىپ كېتىدىغاندەك .
_ ۋەئەلەيكۈم ئەسسالام ! _ شۇنچىلىك تەستە جاۋاپ قايتۇردۇم سىزگە _ ياسىنجانمۇ سىز ؟ _ دەپ سورىدۇم سىزدىن يەنە .
_ ھەئە ، مەن شۇ _ دەپلا سىزمۇ جىمىپ قالدىڭىز .
_ مېنى تۇنۇدىڭىزمۇ ؟ مەن شەرمىناز _ دېدىم يەنە .
- ھەئە ، تۇنۇدۇم  _ دەپ يەنە جىمىپ قالدىڭىز .
ئەسلىدە ، سىز دەسلەپتىلا ئاۋازىمدىن مېنى تۇنۇغان ئىكەنسىز . ھەر ئىككىلىمىز جىمىپ قالدۇق . بىر ئاز جىمجىتلىقتىن كىيىن مەن يەنە ئېغىز ئاچتىم :
_ كەچۇرۇڭ ، سىزنى ئاۋارە قىلدىم . سىزدىن سورايدىغان گەپ بار ئىدى ، سورىسام بولامدۇ ؟ _ دېدىم پەس ئاۋازدا .
_ نېمە گەپ ئىدى ؟ سوراۋىرىڭ _ دېدىڭىز بىر ئاز جىمىپ قېلىپ .
ئەمدى سىزگە قانداق ئېغىز ئېچىشنى ، سىزدىن ئۇ گەپنى قانداق سوراشنى بىلمەي  تەمتىرەپ قالدىم . ئۆزەمنى سەل بېسىۋالغاندىن كىيىن ئاخىرى سىزدىن ئۇدۇللا سورىدۇم :
_مېنى ياخشى كۆرەمسىز ياسىنجان ؟ _ بۇ گەپنىڭ ئېغىزىمدىن قانداق چىقىپ كەتكىنىنى تۇيمايلا قالدىم ھەم بۇ  سىزدىن سورىيالىغىنىمغا ئۆزۈممۇ ھەيران قالدىم .
سىز ماڭا باشقا گەپ قىلماي بىرىنى باشقا ئۆيگە چىقىپ كېتىشكە بۇيرىدىڭىز ، شۇ چاغدىلا يېنىڭىزدا دوستىڭىز بارلىقىنى بىلدىم . گەرچە دوستىڭىزنى تۇنىمىساممۇ ، ئارلىقىمىز شۇنچە يىراق بولسىمۇ ئۆزۈمچە دوستىڭىزدىن خىجىل بولۇپ يۈزلىرىم ئوت بولۇپ ياندى . بىر ئازدىن كىيىن سىز ماڭا :
_ سىزگە نېمە دېسەم بولار ئەمدى ؟ _ دېگەنىدىڭىز يۈرىكىم << قارتتىدە >> قىلىپ قالدى .
يىغلىۋېتىشكە تاسلا قالدىم . شۇنداقتىمۇ ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىپ :
_ مېنىڭ كۆڭلىڭىزدىكى گەپنى ئاڭلىغۇم بار _ دېدىم سىزگە .
_ ماقۇل ئەمىسە ، لېكىن  ھەرگىز خاپا بولماڭ . مەن سىزنى ھازىر ياخشى كۆرمەيمەن _ دېدىڭىز ماڭا پەس ئاۋازدا .
ئۆزۈمنى شۇنچە تۇتىۋالساممۇ كۆزۈمدىن تاراملاپ ياشلار تۆكۈلدى ، قولۇمدا ئىتتىكلا ئېغىزىمنى ئېتىۋالدىم . چۈنكى سىزگە يىغلىغىنىمنى پەقەت بىلدۈرگۈم يوق ئىدى .
_ بۇ گېپىڭىز راستما ؟ _ دېدىم مەن يەنە ئۆزۈمنى تەستە تۇتىۋېلىپ .
_ كەچۈرۈڭ ، سىزنى بۇرۇن ياخشى كۆرەتتىم ، لېكىن ھازىر ئۇنداق ئەمەس _ دېدىڭىز يەنە ماڭا .
تۇرۇپلا سىزگە ئۆچلۈكۈم كەلدى ، شۇنچىلىك نەپرەتلەندىم  . بۇرۇن ياخشى كۆرگەن ئادەم ئەمدى نېمىشقا ياخشى كۆرمەس بولۇپ قالدىڭىز ؟ سىزچە ، بىراۋغا كۆڭۈل بېرىش ھەم كۆڭۈلدىن چىقىرىۋېتىش شۇنچە ئاسانمىكەن ؟
_ سىزگە نەپرەتلىنىمەن ، ياسىنجان _ دېيەلىدىم ئارانلا سىزگە .
توۋا دېگۈم كېلىدۇ ، بۇ گەپنىڭ قانداق بولۇپ ئېغىزىمدىن چىقىپ كەتكىنىگە ئۆزۈممۇ بەك ھەيران قالدىم . سىزگە نېمىشقا نەپرەتلىنىمەن ؟  سىزدىن نەپرەتلەنگىدەك مەن نېمىڭىز ئىدىم ؟ بىزنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتىمىز بولمىسا مېنىڭ سىزدىن نەپرەتلەنگۈدەك نېمە سالاھىيىتىم بار ئىدى شۇنچە ؟!
_ كەچۈرۈڭ شەرمىناز . ئەگەر سىزنىڭ ئورنىڭىزدا مەن بولغان بولساممۇ شۇنداق قىلغان بولاتتىم _ دېدىڭىز بىر خىل ئوڭايسىزلىق بىلەن يەنە .
گەپ قىلماستىن تېلفۇننى قويىۋەتتىم . ئەمدى گەپ قىلغۇدەك ماجالىممۇ يوق ئىدى ، ئورنۇمدا ئولتۇرۇپ قالدىم . شۇ چاغدىكى ھېسياتىمنى تىل بىلەن ئىپادىلەشكە ، قەلەم بىلەن تەسۋىرلەشكە ئاجىزلىق قىلىمەن . ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىشقا ، يىغلىماسلىققا شۇنچە تىرىشقان بولساممۇ ، يەنىلا ئۆكسۈپ - ئۆكسۈپ يىغلىۋەتتىم . سىزنىڭ مېنى ياخشى كۆرمەس بولۇپ قالغىنىڭىزغا پەقەت ئىشەنگۈم كەلمىدى.  بۇنداق بولىشى مۇمكىنمۇ ؟ كىچىكىدىن ياخشى كۆرىدىغان ئادەم ئەجىبا ئەمدى چوڭ بولۇپ مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلگەن چاغدا ياخشى كۆرمەس بولۇپ قالامدۇ ؟ ئەجىبا ، شۇ چاغلاردىكى مېنى ئەگىپ يۈرۈشلىرىڭىزنى ، يىراقتىن تەلمۈرۈپ قاراشلىرىڭىزنى ، يەنە قايسىدۇر بىر چاغلاردا << تەتىلنى تىزرراق كەلسىكەن دەپ كېتىمەن ، چۈنكى تەتىل بولسا بۇ يەرگە كېلىپ سىزنى كۆرەلەيمەن >> دېگىنىڭىز ، ئاشۇ كۆزلىرىڭىز................... ئەجىبا ، مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى شۇنچە تىز ئۇنتۇپ كەتتىڭىزمۇ ؟ شۇلارنىڭ ھەممىسى يالغانمىدى ؟ نېمىشقا ياخشى كۆرمەس بولۇپ قالدىڭىز ؟ نېمە سەۋەپ....... ؟ ماڭا ھەر قارىغىنىڭىزدا مۇھەببەت تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان ئاشۇ كۆزلىرىڭىز ، مۇھەببەت يولىدا سىز ئۈچۈن پەقەت سىز ئۈچۈنلا سوقۇشقا رازى ، سىزدىن باشقىنى مۇھەببەت بېغىمغا يېقىن يولاتمىغان  شۇ يۈرىكىم ، سىزنى كۆرۈش ئۈچۈن ئىنتىزار شۇ كۆزلىرىم...... ئەجىبا ، شۇ تۇيغۇلىرىمنىڭ ھەممىسى يالغان بولغۇيمىتى ؟! ئاسىي كۆزلىرىم مېنى ئالدىغان بولغۇيمىتى !؟ .ئەجىبا ، قەلبمدە ئۈنگەن تۈنجى مۇھەببەت گۈللىرى ئېچىلمايلا قۇرۇپ كېتىشى كېرەكمىدى ؟!  مېنىڭ سىز بىلەن يۈرۈپ قېلىش قېلىش نىيىتىم يوق ئىدى ، پەقەت قەلبىڭىزدە ماڭا ئازراق  بولسىمۇ مۇھەببەت بولسىلا مەن شۇنىڭغا رازى ئىدىمغۇ ؟ سىزنىڭ  ئۆزىڭىزنى چىن دىلىدىن سۆيىدىغان ، قەدىرلەيدىغان شۇنداقلا سىزمۇ ياخشى كۆرىدىغان ئاشىقىڭىزنى تېپىپ بەخىتلىك ئۆتىشىڭىزنى ئۇلۇغ اللادىن تىلەپ ئۆتەتتىمغۇ ؟  نېمىشقا بۇنى سىزگە ئېنىق دېمەگندىمەن ؟! ئىشەنمەيمەن ، مېنى ياخشى كۆرمەيمەن دېگىنىڭىز يالغان ! مېنى ئالداۋاتىسىز ..... خىياللىرىم قالايمىقان ئىدى ، لېكىن ئەمدى ئىشەنمەيمۇ مەندە نېمە ئامال ؟! يۈرىكىم پارە- پارە بولۇپ كەتتى .
شۇ كۈندىن كىيىن يىغلاڭغۇ بولۇپ قالدىم . سىزنىڭ ماڭا دېگەن شۇ گەپلىرىڭىزنى يادىمغا كەلسىلا مېنى يىغا تۇتاتتى ، ئىختىيارسىز كۆزۈمدىن ياش تۆكۈلەتتى . سىزنى ئويلىماسلىققا ، خىيالىمدىن يىراق قىلىشقا تىرىشاتتىم . قېرىشقاندەك  سىزنى ئويلىماسلىققا تىرىشقانسىرى خىيالىمدا ، چۈشلىرىمدە سىز ئىدىڭىز . سىزگە نۇرغۇن - نۇرغۇن گەپلەرنى دېگۈم كېلەتتى ، بىراق دېيەلمەيتتىم ، پەقەت سىز ئۈچۈن تۇتقان خاتىرىگە يازاتتىم . شۇ چاغلاردا مېنىڭ بىردىنبىر سىردىشىم ، مۇڭدىشىم ، غەمخانىم  شۇ خاتىرەم  ئىدى . خاتىرەمگە ئەمدى سىزنى ئويلىمايمەن ، ئۇنتۇپ كېتىمەن دەپ تالاي قېتىم ۋەدىلەرنى يازدىم . ئەمما ئۇنتۇپ كېتەلمىدىم . سىزگە ئۆچ بولدۇم دەپ يازدىم ئەمما يەنە ئۆچ بولالمىدىم . سىزگە نەپرەتلىنىمەن دەپ يازدىم لېكىن يەنە ئۇنداق قىلالمىدىم . ئەسلىدە شۇنى ئويلىمىغان ئىكەنمەن ، مېنىڭ سىزگە بولغان بۇ ئۆچلۈكۈمنىڭ ، نەپرىتىمنىڭ ئىچىگە يەنە سىزگە بولغان سۆيگۈم يۇشۇرۇنغان ئىكەن . سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان قەلبىمگە نەپرەتلەندىم ، بىراق بۇ نەپرەت بىلەنمۇ سىزنى ئۇنتۇپ كېتىشكە ئامالسىز قالدىم . چۈنكى كۆڭۈل دېگەن زەرگەر ياسايدىغان بېزەك ، كۆيۈپ ئۆچىدىغان تېزەك ئەمەسكەن ...........

ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ ئۆيدىكىلەردىن سىزنىڭ ئىچكىرىدىكى بىر ئالىي مەكتەپكە ئۆتكىنىڭىزنى ئاڭلاپ ھەم خۇش بولدۇم ھەم ئازابلاندىم . ئازابلىنىشىمنىڭ سەۋەبى سىز ئەمدى مېنى ھەرگىزمۇ ياخشى كۆرمەيسىز ، كۆڭلىڭىزدىن كىچىككىنە ئورۇنمۇ بەرمەيسىز . بۇنىسى ماڭا ناھايتتى ئېنىق ئىدى . شۇنداق بولسىمۇ مەن يەنە ئۇلۇغ اللادىن سىزنىڭ ياخشى ئۇقۇشىڭىزنى ، خوشال ياشىشىڭىزنى تىلىدىم . كۈنلىرىم يەنە سىزنى سېغىنىش بىلەن ئۆتەتتى . گاھىدا،  سىزنى << نېمە ئىش قىلۋاتقاندۇ ؟ تاماق يىگەنمىدۇ ؟ >> دېگەنلەرنى ئويلاپ قالاتتىم . سىز ئۇقۇشقا بارغان تۇنجى يىلى قىشلىق تەتىلدە بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا يەنە چوڭ دادىڭىزنىڭ ئۆيىگە كەلدىڭىز . ئۆيىڭىزدىكىلەر بىلەن بىللە بىزنىڭ ئۆيگە كىرگىنىڭىزدە ھاياجاندىن تىتىرەپ كەتتىم ، نېمىشقىكىن كۆزۈمگە ياش كەلدى . سىز بىلەن كۆپ  ئۇچرىشىپ قالدۇق ، سىزدىن يۈز- تۇرانە تۇرۇپ نېمىشقا ئەمدى مېنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالغىنىڭىزنى ، قەلبىڭىزدىكى ماڭا بولغان مۇھەببەتنىڭ نېمە سەۋەبتىن شۇنچە تىز غايىب بولغىنىنى سوراپ باققۇم كەلدى ، بىراق يەنە جۇرئەت قىلالمىدىم . ئالدىڭىزدا يىغلاپ تاشلىشىمدىن ، بىچارە ھالغا چۈشۈپ قېلىشىمدىن  قورقتۇم . تۇيۇقسىز كاللامغا يەنە بىر ئەقىل كەلدى . ئاكام دۇكان ئاچقاندىن بېرى مەنمۇ كومپىيۇتىر ئىشلىتىشنى ، تورغا چىقىشنى خېلى ئۆگىنىۋالغانىدىم ، كوت - كوتۇممۇ بار ئىدى . سىزنىڭ خېلى بۇرۇنلا ئۇنى ئىشلىتىدىغىنىڭىزنى بىلگەچكە سىزنىڭ كوت - كوت نۇمۇرىڭىزنى سورىۋالماقچى بولدۇم ھەم بەك تەستە سورىۋالدىم . ئەسلىدە مەن سىز بىلەن توردا پاراڭلاشقان چاغلاردا سىزگە كۆڭۈل سۆزلىرىمنى دەۋالارمەن ، ماڭا پەقەت سىزنىڭ بىر ئېغىز گىپىڭىز بولسىلا كۇپايە ئىكەنلىكىنى ، ھەرگىزمۇ سىز بىلەن مۇھەببەتلىشىش نىيىتىمنىڭ يوقلىقىنى دەۋالارمەن دەپ ئويلىغانىدىم . بىراق سىز ماڭا ئۇنداق پۇرسەتنى بەرمىدىڭىز  ، ئەكسىچە كۆڭلۈمگە قايتا - قايتا ئازار بەردىڭىز . سىزنىڭ كوت - كوتىڭىزنى قوشۇۋېلىپ ئۇزۇن بولماي سىز بىلەن توردا كۆرۈشۈپ قالدىم . بۇ دەل ئاشىق - مەشۇقلار بايرىمى كۈنى ئىدى . سىزگە يەنە مەن باشتا خەت يازدىم :
_ ئاشىق - مەشۇقلار بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ! -  بەك ھاياجانلىنىۋاتاتتىم .
سىز بىلەن بۈگۈنكىدەك كۈندە بىللە بولۇشنى مەن كېچە - كۈندۇز ئارزۇ قىلغان ، شىرىن خىياللارنى سۇرگەن ئەمەسمىدىم !  گەرچە ھازىر يېنىمدا بولمىسىڭىزمۇ ، سىز بىلەن مۇشۇنداق پاراڭلىشىممۇ مەن ئۈچۈن ئالامچە خوشاللىق ئىش ئەلۋەتتە .
_ سىزنىڭمۇ شۇ .
_ ئەجەپ تورخانىغا كىرىۋاپسىزغۇ ؟ بايرام ئۆتكۈزمىدىڭىزمۇ ؟ ياكى سىز بىللە بايرام ئۆتكۈزىدىغان قىز يىراقتا بولسا كۆرۈشكىلى كىردىڭىزمۇ ؟ - بۇ گەپنى دپ بولۇپ يۈرىكىم شۇنچىلىك ئاغرىپ كەتتى ، بۇ يىغلاڭغۇ كۆزۈمگە يەنە ياش كەلدى .
_ نېمىلەرنى دەيدىغانسىز شەرمىناز ؟ ئۇنداق ئەمەس . مەن يالغۇز تۇرسام كىم ئۆتكۈزەتتىم بۇ بايرامنى ؟ سىزچۇ ،  بايرام ئۆتكۈزمىدىڭىزمۇ ؟
مەندىن مۇشۇنداق سورىغىنىڭىزدا سىزگە << سىز يېنىمدا بولمىسىڭىز كىم بىلەن ئۆتكۈزىمەن ؟ >> دېگۈم كەلدى-يۇ ، لېكىن ئېغىزىمدىن چىقىرالمىدىم .
_ مەنمۇ يالغۇز تۇرسام ...
پارىڭىمىز شۇنىڭ بىلەن تۈگىگەن بولدى . ئۇزۇن ئۆتمەي تۇغۇلغان كۈنىڭىز كەلدى . شۇ كۈنى ئاتايىن سىزنى دەپلا تورغا چىقتىم . ئەپسۇس ، شۇنچە ئۇزۇن ساقلىساممۇ تورغا چىقمىدىڭىز . تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى مۇبارەكلەپ خەت قالدۇرۇپ قويدۇم . كىيىنكى قېتىم تورغا چىققاندا سىز مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى بىلىدىغانلىقىمدىن تولىمۇ ھەيران قالغانلىقىڭىزنى دەپ خەت قالدۇرۇپ قويۇپسىز . ماڭا خەت قالدۇرۇپ قويغىنىڭىزنى كۆرۈپ بەك خۇش بولۇپ كەتتىم . لېكىن قانداق بىلگىنىمنى سىزگە دەپ بەرمىدىم . ئەسلىدە مەن تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى خېلى بۇرۇنلا  بىر دوستۇمدىن بىلگەنىدىم ھەم ھەر يىلى تۇغۇلغان كۈنىڭىز كەلگەندە گەرچە سىز ئاڭلىمىسىڭىزمۇ تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى غايىبانە تەبرىكلەپ قوياتتىم .  ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتۈپ بىز يەنە توردا كۆرۈشۈپ قالدۇق . سىزگە دوستلارچە سالام قىلدىم :
_ قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ ياخشى تۇرۋاتامسىز ؟ _ دەپ سورىشىمغىلا سىز ماڭا :
_ بولدى قىلىڭە ، مەن سىزنىڭ ئۇنچىلىك قىلىشىڭىزغا ئەرزىمەيمەن _ دېدىڭىز ناھايتتى قوپاللىق بىلەن .
سىزدىن بىر چىرايلىق ئەھۋال سورىسام  ، سىزنىڭ تولۇمدىن توقماق چىققاندەكلا بەرگەن بۇ قوپال جاۋابىڭىز خۇددى بېشىمغا بىرى توقماق بىلەن ئۇرغاندەك بىلىنىپ بېشىم قېيىپ ، كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشقاندەك بولۇپ كەتتىم .
_ ئەرزىمەيدىغانلىقىڭىزنى بىلەتتىم _ دېدىم مەنمۇ ئاچچىقىم بىلەن .
شۇنداق دېدىم - يۇ ، يەنە بۇ يىغلاڭغۇ كۆزلىرىمنى باشقۇرالماي قالدىم . نېمىشقا ماڭا بۇنداق قوپاللىق قىلىسىز ؟ بۇ قوپاللىقىڭىز كۆڭلۈمگە بەك كەلدى . سىزدىن رەنجىدىم ، بۇندىن كىيىن سىزگە ھەرگىزمۇ گەپ قىلماسلىق نىيىتىگىمۇ كەلدىم . خۇددى جاھاندا سىزدىن باشقا يىگىتلەر يوقتەك سىزگە نېمىشقا بۇنچىلىك قىلىپ كېتىمەن يەنە ؟  كاللام زىدىيەتلىك خىياللارغا تولدى ، ھېسياتىم بىلەن ئەقلىم ھامان ئالمىشىپ تۇرىۋاتاتتى . كىيىن يەنە ھېسياتىم ئەقلىم ئۈستىدىن غالىب كېلىپ كوت - كوتىڭىزغا سىزدىن تىنىچ - ئامانلىق سوراپ خەت قالدۇرۇپ تۇردۇم ، لېكىن ھەرقېتىم جاۋاپسىز قالدىم . توۋا دېگۈم كېلىدۇ ، بىر ئېغىز بولسىمۇ << مەن ياخشى >> دەپ ئۇچۇر قايتۇرۇپ قويۇشتىقىمۇ رايىڭىز بارمىغان بولغىيمىتى ؟ ھېچ بولمىسا مەن بىلەن سالاملىشىپ قويۇشقىمۇ رايىڭىز يوق بولغىيمىتى ؟ سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە مەن شۇنچە ئەرزىمەس ئادەم بولغۇيمىتىم ؟! ئالدىڭىزدا خەسسىچىلىك قەدرىممۇ يوق بولغۇيمىتى ؟!
ئارىدىن خېلى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتۈپ بىز يەنە توردا كۆرۈشۈپ قالدۇق . بۇ قېتىم سىز ماڭا ناھايتتى ئېنىق قىلىپ :
_ سىزنى بۇرۇن ياخشى كۆرىمەن دەپ ئويلاپتىكەنمەن ، ئەمدى بىلسەم ئۇ پەقەت كىچىكلىكتىكى قىزىقىش ئىكەن . شۇڭا مېنى ئۇنتۇپ كېتىڭ _ دېدىڭىز .
ئەمدى نېمە دېيىشىمنى ، نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي قالدىم ، كاللام قۇپقۇرۇق ئىدى . پەقەت تەسلىكتە سىزگە :
_ ئۇنداقتا ، بىز دوستمۇ ؟ - دەپ سورىدۇم .
ئەمىليەتتە بۇ سۇئالىم ئارتۇقچە ئىدى . بۇنداق سورىشىمنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى بىلەتتىم . چۈنكى بۇ سۇئالىمنىڭ جاۋابى ئۆزۈمگىمۇ ئايان ئىدى .
_ ئەلۋەتتە ، بىز ياخشى دوستلاردىن بولالايمىز ، _ دېدىڭىز مەن ئويلىغاندەكلا .
بىراق شۇنى ئۇنتۇپ قالغان ئىدىڭىز ، بىز كىچىكىمىزدىن دوست ئىدۇق ، بۇ دوستلۇق مېھرى كىيىن قەلبىمگە مۇھەببەت ئوتىنى ياققانىدى .
_ بۇنىڭغىمۇ مەيلى _ دېدىم مەن ئېغىر << ئۇھ >> تارتىۋېتىپ _ گەرچە بۇ دوستلۇققا سەدىقە ئورنىدا تىلەپ ئېرىشكەن بولساممۇ ، لېكىن مەن يەنىلا خوشال . چۈنكى ھېچ بولمىسا سىز ماڭا بۇ سەدىقىنى بەردىڭىز .
سىز گەپ قىلماي جىمىپ قالدىڭىز مەنمۇ ئارتۇق گەپ قىلمىدىم ، ھەم گەپ قىلىشىمنىڭمۇ ئورنى يوق ئىدى . كىيىن بىز دوستمۇ بولالمىدۇق ،خۇددى بىر - بىرىمىزگە كۆڭلىمىز چۈشۈپ قالغاندىن كىيىن ياق سىزنىڭ گىپىڭىز بويىچە ئېيتقاندا قىزىقىش پەيدا بولغاندىن كىيىن بىزنىڭ بۇرۇنقىدەك ياخشى دوست بولالمىغىنىمىزغا ئوخشاش سىز مېنى يەنە دوست ئورنىدىمۇ كۆرمىدىڭىز ، بەلكىم مەن سىزگە نىسبەتەن يات ئادەملەردىنمۇ بەكرەك يات بىلىنسەم كېرەك ..........


شۇ كۈندىن كېيىن سىزنى ئۇنتۇپ كېتىش ئۈچۈن تىرىشتىم . سىزنى ئەسلىمەسلىككە ، سىزنى پۈتۈن ھاياتىمدىن چىقىرىۋېتىشكە تىرىشتىم . چۇنكى ،  ئۆزۈمنىڭ چۇقۇم سىزنى ئۇنتۇپ كېتىشىم كېرەكلىكىنى ناھايتتى ئېنىق ھېس قىلىۋاتاتتىم  . سىز بىلەن توردا ئۇچرىشىپ قالساممۇ  گەپ قىلمايدىغان ، يۈرىكىم سىزگە تەلپۈنۈپ تۇرسىمۇ سىزنى كۆرمەسكە سالىدىغان ، كوت - كوتىڭىزغا قارىمايدىغان بولدۇم . سىزنى ئۇنتۇش ئۈچۈن سردىشىم ، مۇڭدىشىم ، ئەڭ يېقىن دوستۇم ھېسابلىنىدىغان ، سىزگە بولغان  چىن ئەقىدەم ، ئوتتەك سېغىنىشىم ، پاك مۇھەببىتىم پۈتۈلگەن ، تۈنجى مۇھەببىتىمنىڭ ، سىز ئۈچۈن تۆككەن كۆز ياشلىرىمنىڭ ، سىز ئۈچۈن چەككەن ھەسرەت - پىغانىمنىڭ ، ئازابلىرىمنىڭ  گۇۋاھچىسى بولغان  شۇ ئەتىۋارلىق خاتىرەمنى بىر باشتىن ئۇقۇدۇم ، ئۇقۇپ بولغۇچە كۆز ياشلىرىم يۈزلىرىمنى ، خاتىرە بەتلىرىنى يۇيۇپ چىقتى . كاشكى ، شۇ كۆز ياشلىرىم يۈرىكىمدىكى ، قەلبىمدىكى شۇ ھەسرەت - ئازابلىرىمنى ، ئەلەملىرىمنىمۇ يۇيۇپ چىقىرۋەتكەن بولسىچۇ ؟! ئۇقۇپ بولۇپ بۇ ئەتىۋارلىق خاتىرەمنى نالە - پەرياد قىلغىنىغا قارىماستىن ، يۈركىمنى تاش قىلىپ تۇرۇپ ،  يىرتىپ - يىرتىپ ئوتقا تاشلاپ كۆيدۈرىۋەتتىم . ئوت ئىچىدە تۈتۈن بولۇپ كۆيىۋاتقان ، مەن كۈلسەم كۈلۈپ ، ئازاب ئىچىدە يىغلىسام مەن بىلەن تەڭ ياش تۆكۈپ ماڭا ھەمرا بولغان خاتىرەمگە قاراپ ئىچىم شۇنچىلىك ئاچچىق بولۇپ كەتتى ، يۈرىكىمنى خۇددى بىرى خەنجەر بىلەن تىلغاندەك ئاغرىپ كەتتى .  سىزگە بولغان مۇھەببىتمنىمۇ خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كۈلگە ئايلىنىپ كەتسىكەن ، قايتا يانمىسىكەن دەپ تىلىدىم . ئويلىماپتىمەن ، ئۇنتۇش دېمەك ئاسان بولغىنى بىلەن ئەمىليەتتە ئۇنتۇپ كەتمەك شۇنچىلىك تەسكەن . خاتىرە يازمايدىغان بولغان دەسلەپكى كۈنلىرىمدە ھەقىقەتەن ئۆزۈمنى يىنىكلەپ قالغاندەك ، سىزنى راستنلا ئۇنتۇپ كەتكەندەك ھېس قىلدىم . ئەپسۇس ،  سىزنى ئۇنتۇغاندەك بولغانلىرىمدا ، سىزنى سېغىنمايدىغان بولغانلىرىمدا سىز يەنە تەتىل قىلىپ كېلىپ تۇيۇقسىزلا كۆز ئالدىمدا پەيدا بولدىڭىز . بۇرۇن  ھەرقېتىم تەتىل قىلىپ ئۆيىڭىزدىكىلەر بىلەن بۇ يەرگە ئۇرۇق - تۇققانلارنى يوقلاپ كەلگىنىڭىزدە ئۆيىڭىزدىكىلەر بىلەن بىزنىڭ ئۆيگە كىرمەي كەتمەيتىتىڭىز . ئاتا - ئانىڭىزغا ،  شۇنداقلا سىزگە ئۆز قولۇم بىلەن  چاي تۇتاتتىم ، تاماق قىلاتتىم . بەزىدە سىزگە چاي دەملەپ ، تاماق ئېتىپ بېرەلىگىنىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى بەخىتلىك ھېس قىلىپ ئۆزۈمچە كۈلۈپ قوياتتىم .  يەنە بەزىدە  قەلبىڭىزدە ماڭا قىلچىلىكمۇ مۇھەببەتنىڭ يوقلىقى يادىمغا يېتىپ ئازابلىناتتىم ، ئىچ - ئىچىمدىن يىغلىغۇم كېلەتتى . سىز بولسىڭىز ماڭا پەقەت رەسمىيەت يۈزىسىدىنلا باش لىڭىشتىپ سالام قىلىپ قوياتتىڭىز ، بەلكىم ماڭا قىلغانلىرىڭىز ئۈچۈن خىجىل بولسىڭىز كېرەك يۈزلىرىڭىزدىن ئوڭايسىزلىنىش ئىپادىسى چىقىپ تۇراتتى . سىز يەنە  مېنىڭ يۈرەك يارامنى قوزغاپ قويۇپ ، مېنى يەنە ئازابتا قويۇپ كېتىپ قالاتتىڭىز . بۇ قېتىم   مەن سىزدىن ئۆزۈمنى قاچۇرىدىغان بولدۇم ، سىز بىلەن كۆرۈشۈپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلدىم . بەلكىم سىزنى كۆرمىسەم ئۇنتۇپ كېتىشىمگە ياردىمى بولۇپ قالار دېگەندىمەن  . سىز بىلەن كۆرۈشمىگەنچە سىزنى ئۇنتۇغاندەك ، بۇرۇنقىدەك كۆپ سېغىنمايدىغان بولدۇم . كۆڭلۈم شۇنچىلىك خاتىرجەم بولۇپ قالدى ، ئۆزۈمنى ئېغىر بىر يۈكتىن قۇتۇلغاندەك ھېس قىلىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە يەنە تۇيۇقسىزلا ئۇچرىشىپ قالدۇق . بۇ تاساددپىي ئۇچرىشىشتىن سىزمۇ ، مەنمۇ ھەيران قالدۇق . ئەسلىدە سىزنى كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغانىدىم ، بىراق يەنىلا سالاملىشىپ قالدۇق . شۇ چاغدا كۆزۈم ئىختىيارسىزلا سول قولىڭىزنىڭ نامسىز بارمىقىغا سېلىۋالغان ئۈزۈكىڭىزگە چۈشۈپ قالدى ، ئىتتىكلا سىزگە قارىدىم . ئىچىم شۇنچىلىك ئاچچىق بولۇپ كەتتى . بەلكىم ئۇ ئۈزۈك چوقۇم بىر جۈپ ، يەنە بىرسى قايسى تەلەيلىك قىزنىڭ قولىدىكىن ؟ ئىچىمنى بىر ئازاب قىينايتتى ، يۈرىكىم پۇچىلنىپ ياش تۆكەتتى . ئىىتىيارسىز يادىمغا ھېلىقى ئايدىڭ كېچە كەلدى .  سىز ماڭا 8 يىلنىڭ ئالدىدىكى شۇ ئايدىڭ ئاخشامدا سوۋغا قىلغان ھېلىقى بىلەيزۈكنى مەن ھازىرغىچە ئەتىۋارلاپ ساقلاپ كېلىۋاتاتتىم . ئۆيگە كېلىپ ئۇنى قولۇمغا ئېلىپ ئۇزۇنغىچە قاراپ كەتتىم ، ئاستاغىنە لېۋىمگە تەگكۈزدۈم . ئاشۇ كۈن ،ئاشۇ كېچە پەقەت ئېسىمدىن چىقمايدۇ  مېنىڭچە ، سىز چۇقۇم ئۇنتۇپ كەتتىڭىز .........

شۇ كۈندىن كىيىن يەنە خىيالىمغا كىرىۋالدىڭىز ، ھەتتا چۈشلىرىمدىمۇ سىز ئىدىڭىز . سىزنى ئۇنتۇپ كېتىش ئۈچۈن تىرىشتىم ، شۇنچە قىلساممۇ نېمىشقىكىن  سىزنى يەنە ئويلاپ قالاتتىم . تاڭ بىلمىدىم ، تۈنجى مۇھەببەت مۇشۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ . ھېچ ئەقلىم يەتمەيدۇ ، سىزنى قانداقلارچە مۇنداق ياخشى كۆرۈپ قالغاندىمەن ؟ باشقىلارنى كۆرسەم مەندە ھېچقانداق تەسىرات قوزغىيالمايدۇ . سىزنى ياخشى كۆرىمەن دېسەم ، بەلكىم باشقىلارنى ياخشى كۆرۈپ ، مۇھەببەتلىشىپ ئالغان تەجرىبە دەپ ئويلاپ قالماڭ . ياخشى كۆرۈش بىلەن ياخشى كۆرگۈزۈشنىڭمۇ ئۇسۇلى باردۇ ، ئەپسۇسكى مەن بەك دۆت ئوخشايمەن بۇلارنى بىلمەيدىكەنمەن . سىزنى چۇقۇم ئۇنتۇپ كېتىشكە تىرىشتىم . بۇندىن كىيىنكى ھايات يولۇمدا ، مۇھەببەت سەپىرىمدە يەنە سىزنىڭ ئالدىڭىزدا  قەدىرسىز بولۇپ ياشاشنى  خالىمىدىم . سىزنى ئۇنتۇپ كېتىش شۇنداقلا بۇ ۋىسالسىز مۇھەببەتتىن ، بۇ ئازابتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن سىزگە مۇناسىۋەتلىك ئەسلىمىلەرنى خاتىرەمدىن يۇيىۋېتىشكە ، تەتىللەردە كەلگىنىڭىزدە گەرچە يۈرىكىم سىزگە تەلپۈنۈپ تۇرسىمۇ ، ئاسىي كۆزلىرىم سىزنى كۆرىۋېلىش ئۈچۈن ئىنتىلىپ تۇرسىمۇ  سىزدىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ يۈرۈشكە ، تاساددىپي ئۇچرىشىپ قالغۇدەك بولساق سىزگە پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلىپ يۇرۇشكە ھەتتا كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولىۋاتىمەن . بۇنداق قىلىشنىڭ ماڭا قانچىلىك تەس كەلگەنلىكىنى سىز بىلمەيسىز ، ئەلۋەتتە . سىزنى ئۇنتۇپ كېتىش ئۈچۈن تىرىشىمەن ، قانچىلىك تەس ، قانچىلىك ئازابلىق بولىشىدىن قەتئىينەزەر سىزنى ئۇنتۇپ كېتىشكە ، ھاياتىمدىن چىقىرىپ تاشلاشقا تىرىشىمەن .  بۇ ئازابلاردىن تىزراق قۇتۇلۇش ئۈچۈن اللادىن مەدەت ، سەۋىر  تىلەيمەن . شۇنداقلا سىزنىڭ بەخىتلىك بولىشىڭىزنىمۇ  ئۇلۇغ اللادىن تىلەيمەن ! سىز بولسىڭىزمۇ خۇشال ياشاڭ . ھەقىچان سىزنىڭ ماڭا بەخىت تىلىگىڭىزمۇ يوقتۇ ؟ بوپتۇ مەيلى ، سىزدىن رەنجىمەيمەن . چۈنكى سىزنى چىن يۈرىكىمدىن سۆيەلىگىنىم ، شۇنچە يىل ئەقىدە قىلالىغىنىم ھەم شۇنداقلا سىزگە چىن يۈرىكىمدىن  بەخىت تىلىيەلىگىنىم ئۈچۈن مەنمۇ ھەم بەخىتلىكمەن !

خەيىر  ئازابلىق مۇھەببەت ، خەيىر ۋىسال تاپمىغان  تۇنجى سۆيگۈم ، خەيىر ماڭا شۇنچە يىل كىشەن سېلىۋالغان  دەرد - ئازابلار......... ئەمدى سىلەرنى مەڭگۈگە ئۇزىتاي ! سىزگە بولغان سۆيگۈمنى ، ئەقىدەمنى  يۈرىكىمنىڭ چۇڭقۇر قاتلاملىرىغا يۇشۇرۇپ ، سىزنى مەڭگۈگە ئۇنتۇپ كېتەي ........ بۇ ئازابلاردىنمۇ قۇتۇلاي ، مەنمۇ ئەمدى كۈلۈپ ياشاپ باقاي ....... !  


........................................................................

مۇڭلۇق ئەزان ئاۋازى خىيالىمنى بۆلدى . خىيال بىلەن بولۇپ كېتىپ ، ناماز ۋاقتى بولۇپ قالغىنىنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن . تاھارەت ئېلىش ئۈچۈن ھويلىغا چىقتىم . فېۋرال ئېيىنىڭ ئاچچىق سوغۇقى بەدىنىمگە ئۇرۇلۇپ تېنىمنى مۇزلىتىۋەتتى . ئۆيگە كىرىپ  كاللامنى تازا بىر سىلكىۋېتىپ ، تەكبىر بىلەن جاينامازغا چىقتىم . نامىزىمدا ئاللاھتىن كۆڭلۈمگە ئەمدى يەنە بۇ ۋىسالسىز ھەم ئازابلىق مۇھەببەتنىڭ ئوتىنى  قايتا سالماسلىقىنى ، مېنى يەنە بۇ قەدىرسىز مۇھەببەتكە باش ئېگىپ ، ئۇنىڭ ئالدىدا خار قىلماسلىقنى ، ئۇنى تۇرمۇشۇمدىن ، ھاياتىمدىن يىراق قىلىشىنى ،  ماڭا بۇ ئىشلارغا چىدىغۇدەك سەۋىر ھەم چىدام  بېرىشىنى شۇنداقلا يەنە  ئۇنىڭ سالامەت بولىشنى ، كىيىنكى ئىستىقبالىنىڭ پارلاق بولىشىنى ، كۈنلىرىنىڭ خۇشال ئۆتىشىنى ، ئۇنىڭ كىينكى تۇرمۇشىنىڭ بەخىتلىك بولىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلەپ دۇئا قىلىپ ئورنۇمدىن تۇردۇم .   

بەزىدە توۋا دېگۈم كېلىپ قالىدۇ . قانداق ئىشكىنتاڭ ، مېنىڭ نۇرغۇن چۈشلىرىم ئوڭغا ئۆرۈلۈپ قالىدۇ . بولۇپمۇ ئۇنى كۆرگەن چۈشۈم تېخىمۇ شۇنداق . مانا بۇ قېتىممۇ ئۇنى چۈشۈمدە كۆرىۋىدىم ، ئۇ يەنە پەيدا بولدى . مەن نەچچە ئاي بۇرۇن تېلفۇن تور كەسپىنى ئاچتۇرغانىدىم ، شۇڭا ھازىر كوت - كوتۇمنى كۈندە دېگۈدەك تېلفۇنۇمدا ئېچىپ قوياتتىم . شۇ كۈنى چۈش بولاي دېگەن چاغ ئىدى ، ئۆيدىكىلەر بىلەن  بىر مېھماندارچىلىققا كېتىپ باراتتۇق . يولدا كېتىۋېتىپ نېمىشقىكىن  ئۆزۈمچىلا كوت - كوتۇمغا قاراپ باققۇم كېلىپ قالدى . تېلفۇنۇمنى قولۇمغا ئېلىپ قارىسام ، كوت - كوتۇمغا ئۇچۇر كەپتۇ . بىر خىل قىزىقىش ئىچىدە ئۇچۇرنى ئاچتىم . ئاچتىم - يۇ ، ھەيرانلىقتىن كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم . چۈنكى ئۇچۇر قىلغان ئۇ ئىدى . << توۋا ، ئەجەپ ئىش - ھە ؟! >> دېدىم ئىچىمدە ئاللاھنىڭ بۇ كارامىتىگە ھەيران بولۇپ . مەن ئۇنى ئۆتكەن يىلى قىشتا ئاكامنىڭ تويى بولغاندا غىل - پال ئىككى قېتىم كۆرگەنچە بىزنىڭ بىر يەرگە كېلىپ باقمىغىنىمىزغا  ھەم كوت - كوتتىمۇ پاراڭلىشىپ باقمىغىنىمىزغا ئىككى يىلدىن ئاشقانىدى . شۇڭا ئۇنىڭ كوت - كوتۇمغا ئۇچۇر قىلغىنىدىن سەل ھەيران بولۇپ ئۇچۇرىنى ئۇقۇدۇم :
_ ياخشىمۇسىز ، چىرايلىق قىز ؟ _ دەپ يازغانىدى ئۇ  خەنزۇچە .
ئۇنىڭ مېنى << چىرايلىق قىز >> دەپ ئاتىغىنىدىن سەل غەلىتىلىك ھېس قىلىپ قالدىم  . ئۇنىڭغا مەنمۇ جاۋاپ قايتۇردۇم . بىز شۇ تەرىقىدە بىردەم پاراڭلاشتۇق ، ئۇ گەپ ئارلىقىدا مېنىڭ توي قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىمنى سەل ئەگىتىپراق سورىدى . نېمىشقىكىن ئۇنىڭ گەپلىرى ماڭا سەل كۈلكىلىك بىلىنىۋاتاتتى .
_  ھا....ھا...ھا.... ، مېنى توي قىلدىڭىزمۇ دەپ سورىماقچىغۇ سىز ؟ ياق تېخى توي قىلمىدىم . توي قىلسام سىزنى چاقىرىشنى ئۇنتۇپ قالمايمەن دوستۇم . چۇقۇم كېلىڭ ھە ؟ _ دېدىم ئۇنىڭغا چاقچاق ئارىلاش .

بىر كۈنى ئۆيدىكىلەردىن ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلىرى بىلەن بىللە مەھەللىمىزگە كەلگىنىنى ، ئۇلارنى ئۆيىمىزگە تاماققا چاقىرماقچى بولغىنىمىزنى ئاڭلىدىم .  بۇ قېتىم ئۇنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ مەندە بۇرۇنقىدەك ھاياجانلىنىش ، خۇشال بولۇش  دېگەنلەردىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى . قايسى كۈنى ئۇنىڭ بىلەن كوت - كوتتا پاراڭلاشقاندىمۇ مەندە ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھېچقانداق تۇيغۇ بولمىغانىدى ، ئۇنى پەقەت ئادەتتىكى بىر دوست دەپ بىلگەنىدىم . بۇ قېتىممۇ شۇنداق بولدى . ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى ،  ھېچ بولمىسا بىرەر قېتىم يىراقتىن بولسىمۇ كۆرۈۋېلىشنى بۇرۇنقىدەك ئارزۇلاپمۇ كەتمىدىم . بۇ قېتىم ئۇنىڭ كەلگىنى پەرۋايىممغا كېلىپ قويمىدى . نەۋرە ئاچامنىڭ تويى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىدەكمۇ ۋاقىت چىقمىدى . كىيىن ئاڭلىسام ، ئۇ ئاغرىپ قېلىپ بۇ يەردە ئۇزۇن تۇرمايلا ئۆيىدىكىلەردىن بۇرۇن قايتىپ كېتىپتۇ . ئۇنىڭ كەتكىنىنى ئاڭلاپمۇ بۇرۇنقىدەك كۆرۈشەلمەي قاپتىمەن دەپ قايغۇرۇپ ، ئازابلىنىپمۇ كەتمىدىم ، گويا مەن ئۇنى بۇرۇن تۇنۇمايدىغاندەك ، ئۇنى قىلچىمۇ ياخشى كۆرۈپ باقمىغاندەك ھېسياتقا كېلىپ كېلىۋاتاتتىم .  قارىغاندا ، ئۇنى راستىنلا ئۇنتۇپ كەتكەن ئوخشايمەن . ھېچ بولمىغاندا ، ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدەك كۆڭلۈم ، مېھرىم قالماپتۇ . ئاللاھقا شۇكرى ، ئەمدى ئەقلىمنى تاپقان ئوخشايمەن .

تۇغۇلغان كۈنۈمنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئاخشىمى ئۇنىڭ بىلەن يەنە كوت - كوتتا پاراڭلىشىپ قالدىم . بۇ قېتىممۇ ئۇنىڭ مېنى يەنە << چىرايلىق قىز >> دەپ ئاتىغىنىنى ئاڭلاپ ، مەن بىلەن پاراڭلىشىۋاتقان ئادەمنىڭ ئۇنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىدىن سەل گۇمانلىنىپ قالدىم ، ھەم << چىرايلىق قىز >> دېگەن بۇ گەپنى پەقەت ياقتۇرمىدىم .
_ مېنى ئۇنداق << چىرايلىق قىز >> دەپ چاقىرماڭە . ھەجەپ غەلىتە ئاڭلىنىدىكەن قۇلۇقۇمغا ، _ دېدىم ئۇنىڭغا نارازىلىقىمنى ئىپادىلەپ .
ئۇ ماقۇل بولۇپ مېنى << دوستۇم >> دەپ ئاتىماقچى بولدى . دېمىسىمۇ ، بىز كىچىكىمىزدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان دوستلاردىن تۇرساق ، گەرچە ئۇ مېنى چىن كۆڭلىدىن دوستى  قاتارىدا كۆرمىسىمۇ ، لېكىن يەنىلا  مېنى دوستۇم دەپ ئاتىشى كېرەكتە . شۇ دوستلۇق مۇناسىۋىتىدىن باشقا ئۇ مېنى ھەم مەن ئۇنى ئىزدەيدىغان باشقا ياخشىراق سەۋەپمۇ يوق ئىدى ، ئەلۋەتتە . بەلكىم ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ، چىن قەلبىدىن سۆيىدىغان بىر ئادەمنىڭ ئېغىزىدىن << دوستۇم >> دېگەن سۆزنى ئاڭلاشتىنمۇ ئېغىر ئازاب بولمىسا كېرەك . ئەمما ، ھازىر ماڭا ئۇنىڭ ئېغىزدىن بۇ گەپنى ئاڭلاش پەقەت ئېغىر كەلمىدى ھەم قىلچىمۇ ئازابلانمىدىم . بىز يەنە بىر ئاز پاراڭلاشتۇق . تۇرۇپلا ئۇنى گەپكە سېلىپ باققۇم كېلىپ قالدى :
_ مۇشۇ يەرگە كېلىپ مەن بىلەن كۆرۈشمەيلا كېتىپسىز . توۋا ، قانداق چىدىغانسىز - ھە ، مېنى كۆرمەي كېتىشكە ؟  _ دېدىم ئۇنىڭغا ، كۈلكەمنى توختىتالماستىن .
بۇرۇن ئۇنىڭغا  بۇنداق گەپلەرنى دېگۈم بولسىمۇ نېمىشقىكىن ئېغىزىمدىن  چىقىرالمايتتىم  ، ئەمدىلىكتە بولسا بۇ گەپنى مەن ئادەتتىكى چاقچاق ئورنىدا قىلىۋاتاتتىم . شۇ چاغدا ئۇنىڭ قانداق ھېسياتتا بولغىنىنى بىلمىدىم . ئەمما ، ئۇ چۇقۇم مېنى ھازىرمۇ ئۆزىنى ياخشى كۆرىدۇ دەپ ئويلاپ قالغان ئوخشايدۇ .
_ ئۆيىڭىزگە ئىككى قېتىم كىردۇق ، لېكىن ئۆيدە ئادەم يوق ئىكەن . شۇڭا ئامالسىز قايتىپ كەلدىم ، _ دېدى ئۇ ماڭا .
_ ئەتە ماڭا ئۇچۇر قىلامسىز ؟ _ دېدىم ئۇنىڭغا تومتاقلا .
ئۇ مەندىن سەۋەبىنى سوراپمۇ قويماستىن ماقۇل بولدى . قارىغاندا ، مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئاياپ رەت قىلمىغان بولسا كېرەك .
_ ئەتە مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم ، _ دېدىم ئۇنىڭغا يەنە  چۈشەندۇرۇپ .
ئۇ ھەيران قالدى ھەم ئەتە چۇقۇم ماڭا ئۇچۇر قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ۋەدە بەردى . ئەمىليەتتە ، ئۇنىڭ ماڭا ئۇچۇر قىلدىغانلىقىغا تازا ئىشەنمەيتتىم ، پەقەت ئۇنى قانداق ئىنكاس قايتۇراركىن دەپلا دەپ باققانىدىم . ئۇنىڭ ماقۇل بولغىنىنى يەنە مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئايىغىنى ، سەت تۇرمىسۇن دېگىنى  دەپ چۈشەندىم . ئەتىسى ئەتىگەندە ئۇ ۋەدىسىدە تۇرۇپ ماڭا ئۇچۇر قىپتۇ ، ئۇنىڭ ئۇچۇرىنى كۆرۈپ مىيىقىدا كۇلۇپلا قويدۇم .  مەن ھەقىقەتەن ئۆزگىرىپتىمەن ، ئۇنىڭغا بولغان كۆڭلۈم ئۆزگىرىپتۇ .  بۇرۇن ئۇنىڭ ماڭا مۇشۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلىشىنى ، تۇغۇلغان كۈنۈمدە ھېچ بولمىسا ئۇنىڭ بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئۇچۇر قىلىپ قويىشىنى مەن قانچىلىك ئارزۇ قىلاتتىم - ھە ؟؟؟ مۇشۇ كۈنگە ھەم شۇنچىلىك ئىنتىزار بولغان ئەمەسمىدىم ؟! لېكىن ، بۈگۈن مەندە ئۇ خوشاللىقتىن قىلچىمۇ ئەسەر يوق ، خۇددى ناتۇنۇش بىرسى ئۇچۇر قىلىپ تۇغۇلغان كۈنۈمنى مۇبارەكلىگەندەكلا .  ئۇنىڭ ئۇچۇرىنى كۆرۈپ ئازابلىنىپمۇ كەتمىدىم . توۋا ، مەن ئۇنى راستىنلا ئۇنتۇپ كېتىپتىمەن ، ئۇنىڭغا قىلچىمۇ كۆڭلۈم قالماپتۇ ، ئۇنى ھاياتىمدىن ، تۇرمۇشۇمدىن  چىقىرىۋېتەلەپتىمەن . چىن كۆڭلىدىن ئىشقىنى بېرىپ كۆيگەن ئادىمىنى ئۇنتۇپ كېتىش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەسكەن ، بىراق شۇنىڭغا ئىشەنمەي بولمايدىكەن ، << كۆزدىن يىراق ، كۆڭۈلدىن يىراق >> دېگەن گەپنىڭمۇ ئاساسى بار ئىكەن . بەزىدە ئېرىشەلمىگەن نەرسىدىن چىداپ تۇرۇپ ۋاز كېچىشنىڭ ئۆزىمۇ ئەڭ ئاقىلانە تاللاش ئىكەن ، ۋاز كەچكەندىلا كىيىنكى دەرد - ئازابلارمۇ ئاز بولىدىكەن . بۇ ھەقىقەتلەرنى مەن تولىمۇ كېچىكىپ ھېس قىلغاچقا نەچچە يىلدىن بېرى  ئەسلىدە ئۆز- ئۆزەمنى قىيناپ ، ئازابلاپ يۇرگەنكەنمەن . كېچىكىپ بولسىمۇ ئەقلىمنى تاپتىم ، ئەمدى ھېسياتىم بىلەن ئەمەس بەلكى ئەقلىم  ئىش قىلىدىغان بوپتىمەن .  ھازىر ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدەك ئىنتىزارلىق ، سېغىنىش ھېسياتىم پەقەتلا يوق ئىدى . ھەتتا ئۇنى بۇرۇنقىدەك << تورغا چىققانمىدىمۇ ؟ >> دەپ كوت - كوتىغىمۇ قاراپ باقمايدىغان ، تورغا چىقىپ كوت - كوتىنى ئاچقان تەقدىرىمۇ كارىم بولمايدىغان ، پەرۋا قىلمايدىغان  بولدۇم . خۇددى ئۇ بۇ دۇنيادا مەۋجۇت ئەمەستەك خىيالىمدىن ، تۇرمۇشۇمدىن غايىب بولدى . مېنى بۇ قەدىرسىز مۇھەببەتتىن ، ئازابلىق كۈنلەردىن يىراق قىلغان ، ماڭا ئەقىل بەرگەن شۇ ئۇلۇغ ئاللاھقا تەشەككۇر !

<< تۇنجى مۇھەببەتنىڭ ئوتى ھەم تۇنجى مۇھەببەتتىن قالغان دەرد - ئازابلارنىڭ ئۇنتۇلمىقى تەس >> دېگەندەك ، ئۇنىڭغا راستىنلا بۇرۇنقىدەك كۆڭلۈم ، مېھرىم قالمىغىنى بىلەن قەلبىمدە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان بالىلىق چاغلاردىن باشلاپ تاكى ئۇ تۇرمۇشۇمدىن غايىب بولغانغا قەدەر ۋاقىتلاردىكى ھەم گۈزەل ، ھەم ئازابلىق ئەسلىمىلەرنىڭ ئىزناسى بارئىكەن . بەلكىم ، بۇمۇ خۇددى ئوت ئۆچكەن بىلەن كۈلى ، يارا ساقايغان بىلەن تارتۇقى قالغانغا ئوخشاشلا بىر ئىش بولسا كېرەك !؟ شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى ، يىللار ئۆتكەنسىرى بۇ ئوتنىڭ كۈلىمۇ توزۈپ كېتىدۇ ، يارىدىن قالغان تارتۇقمۇ سۇسلىشىپ كۆزگە چېلىقمايدىغان بولىدۇ . ۋاقىت ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ ، يىللار ئۆتكەنسىرى قەلبىمدىكى بۇ ئاچچىق - چۈچۈك ئەسلىمىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ رەڭگى ئۆچۈپ ، خېتىمۇ سۇسلىشىپ كېتىدۇ . مەن ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىمنى قەلبىمنىڭ ئەڭ چۇڭقۇر ، پىنھان قاتلاملىرىغا يۇشۇرغانغا ئوخشاش ، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان بۇ ئەسلىمىلىرىمنىمۇ قەلبىمنىڭ ئەڭ پىنھان يېرىگە يۇشۇرۇپ ، ئۇنىڭ ئۈچۈن يازغان مۇھەببەت داستانىمنىمۇ ھەم قەلبىمنىڭ قاراڭغۇ يېرىگە كۆمىۋىتەي ! ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمدى ھەرگىزمۇ ئازابلىنىپ ، ياش تۆكۈپ يۈرمەيمەن . ئۇنىڭ قەلبىدىن ماڭا ئازراق بولسىمۇ ئۇرۇن بېرىشىنى تېخىمۇ ئارزۇ قىلمايمەن . پەقەت ، ئۇنىڭ مەيلى نەدىلا بولمىسۇن ، نېمىلا ئىش قىلمىسۇن تۇرمۇشىنىڭ خاتىرجەم ، خۇشال بولىشىنى ، ئامەتلىك بولىشىنى ، بەختىلىك بولىشىنى ئۇلۇغ اللاھدىن تىلەيمەن !
  



  __________________ شەرمى^^ناز ___________________





[mp3=1]http://www.qimbulak.com/naxsha/dil kuyi/yaxawar.mp3[/mp3]

گۈزەللىك ئۈستىگە پاكلىق قوشۇلسا ، قەنت ئۈستىگە ھەسەل سۈركىگەندەك بولىدۇ .

كىشى ئاخىر ئۆلۈپ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22
يازما سانى: 1126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15549
تۆھپە نۇمۇرى: 495
توردا: 3128 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-13 10:32:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[color=#ff0000]شەرمىنازنىڭ بىرىنجى ھەم ئىككىنجى ئىنكاستىن مەيۈسلەنمەيدىغانلىقىنى بىلىمەن.
ئىملا خاتالىقىغا ئازراقمۇ يول قويماپسىز . بۇ ئادىتىڭىزنى ياقتۇردۇم . رەھمەت .
ئۈستىدىكى تورداشقا ئىككىلىك سۆزۈم : مۇھەببەت  تېتىقسىز بولمايدۇ ، ئادەم تېتىقسىز بولىدۇ .

دائىم بىر ھەرپ چۈشۈپ قالىدۇ ھە....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55640
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4716
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 1114 سائەت
تىزىم: 2011-9-9
ئاخىرقى: 2013-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-14 12:29:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇپ بولالمىدىم ساقلىۋالاي ،  ئىنكاس يېزىشنمۇ ئۇنتىمايمەن ئەلۋەتتە...
  ھى ھى ...

كۆڭلۈڭ خالىغاننى ئەمەس،ۋىجدانى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37896
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5460
تۆھپە نۇمۇرى: 490
توردا: 2628 سائەت
تىزىم: 2011-4-17
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-14 12:39:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاقىت ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ.غەيرەتلىك بولۇڭ

جەمىئەتتىكى نوقسانلارغا ھەيرانلىق كۆزۈڭ بىلەن ئەمەس بەلكى ئىبرەت كۆزۈڭ بىلەن قارىغىن.

ئازاپلىرىم.&

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60205
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3144
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 312 سائەت
تىزىم: 2011-10-12
ئاخىرقى: 2011-12-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-14 01:30:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1قەۋەتتىكى(baturjan321) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قال

شۇنداق ياخشى بىر تىما بۇپتۇغۇ، ئەگەر سىزگە يارىمىغان بۇلسا سىزمۇ بىرەر تىما يۇللاپ بىقىڭە،ئاندىن باشقىلارنىڭ تىمىسىنى باھالاڭ

ئاللا```` بۇكۇنلارمۇ ئۇتۇپ كىتەر.[a] زىرىكەر مۇھەسرىتىم بىر كۇن باشقىلارغا مەن دىن كۇچەرمۇ يىراقلارد اقالغان شاتلىقىم...a شۇچاغ مىنى  قوغلاپ يىتەرمۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6509
يازما سانى: 1104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14075
تۆھپە نۇمۇرى: 496
توردا: 6075 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2013-11-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-14 06:27:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىڭىزنى ياخشى يىزىپسىز....... ھارمىغايسىز.......... يىڭى يىڭى تىمىلارنى كۆپرەك يوللاپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.........
شۇنداقلا بەزى تورداشلارنىڭ سوغاققانراق بولۇشىنى ..،،، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىشىنىمۇ ئۈمۈد قىلىمەن....... بىر ئەسەرنى يىزىپ پۇتتۇرۇپ مۇنبەرگە يوللاش ئۈچۈن .... خىلى كۆپ ۋاقىت ۋە خىلى كۆپ ئەجىر كىتىدۇ....... سىزگە ياقمىسا ، ئۇنىڭغا ، ئۇنىڭغا ياخمىسا يەنە باشقىلارغا يىقىشى مۇمكىن ........... رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ ئورنىغا سوغۇق سۇ سەپسەك قاملاشماس.........................

كونا مۇنبەرداشلارنى سېغىندىم

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 118
يازما سانى: 6249
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29116
تۆھپە نۇمۇرى: 2206
توردا: 2079 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-14 06:31:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹مەن يالغۇز قالدىم، يالغۇز قالسام نىمە بوپتۇ. ئادەممۇ يالغۇز تۇغۇلۇپ يالغۇز كېتىدىغۇ. ھىم . مەنمۇ شۇ ئازاپلارنى يىڭىمەن. قەلبىمدىكى ئوت ، ئازاپ ئوتى ئالدىدا كۈچلۈك كىلىدۇ. قېنى قاراپ باقايلى . يالغۇز يىغلىغان يۈرەك يەنە ياشىيالامدىكىن. ›_ دەيتى شاتئاي بوشقىنە پىچچىرلاپ.

شەرمىناز ئاغىنە، ماۋۇ ناخشىنىڭ ئورنىغا ئادەمنى لەشتەش بوشاشتۇردىغان بىرەر مۇزىكا قاتساڭلارچۇ ؟ ناخشا بولمىغان بولسا ئۆزۈم بىر قوللۇق قېتىپ قوياتتىم ئېسىل كۈيدىن بىرنى

كىمنى كۆرسەڭ ئۆز يايرىم دېمە،يار بولالماس ئۆتكەن~كەچكەنلەر…

كۈلۈپ ياشايمەن!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49711
يازما سانى: 249
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4498
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 4349 سائەت
تىزىم: 2011-7-30
ئاخىرقى: 2013-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-15 10:23:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك غەيرەتلىك ئىكەنسىز ،ئەسەرنىمۇ شۇنداق ياخشى يېزىپسىز!

قەدىرسىز بىلىنەر قولىمىزدابارى،
بىز شۇ يوق نەرسىنىڭ قەرزدارى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40748
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4101
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 1049 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2013-11-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-15 05:25:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز

ئۆلۈم ھاياتنىڭ خ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 56580
يازما سانى: 442
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1228
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 2123 سائەت
تىزىم: 2011-9-15
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-15 05:43:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا دەيسىز ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ھەممە ئۇنتۇلىدۇ.
بەك غەيرەتلىككەنسىز، بەزى يەرلىرىنى ئوقۇپ كۆزۈمدىن تۇيۇقسىزلا ياش سىرىلىپ چۈشتى

ۋاز كېچىش ھەرگىزمۇ مەغلۇپ بولغانلىقدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ۋاز كېچىشنىڭ ئۆزى بىر يېڭى چىقىش يولى .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش