مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2398|ئىنكاس: 5

قانۇنسىز ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇندا ئىش ئۈست [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32830
يازما سانى: 258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9699
تۆھپە نۇمۇرى: 1679
توردا: 6251 سائەت
تىزىم: 2011-3-6
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-13 03:50:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانۇنسىز ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇندا ئىش ئۈستىدە ئۆلگەن-يارىلانغانلارنىڭ تۆلەم پۇلى قانداق ھېسابلىنىدۇ؟

ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، قانۇنسىز ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇنلارنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ھادىسىگە ئۇچراپ ئۆلگەن-يارىلانغان ياكى كەسپىي كېسەل بولغان بولسا، يارىلانغان، مېيىپ بولغان ئىشچى-خىزمەتچىگە ياكى ئۆلۈپ كەتكەن ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرىغا بېرىلىدىغان تۆلەم پۇلىنى ئادەم ئىشلەتكەن شۇ ئورۇن ئۈستىگە ئالىدۇ. قانۇنسىز ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇندا ھادىسىگە ئۇچراپ ئۆلگەن-يارىلانغان ياكى كەسپىي كېسەل بولغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىش ئۈستىدە ئۆلۈش-يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولالمايدۇ، لېكىن ئۇلارغا بېرىلىدىغان تۆلەم ئۆلچىمى ئىش ئۈستىدە ئۆلۈش-يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن تۆۋەن بولمايدۇ.
قانۇنسىز ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن دىگەندە، تىجارەت گۇۋاھنامىسى يوق ياكى قانۇن بويىچە تىزىمغا ئالدۇرمىغان، ئەنگە ئالدۇرمىغان ئورۇن، شۇنىڭدەك تىجارەت گۇۋاھنامىسى قانۇن بويىچە بىكار قىلىنغان ياكى تىزىملاش، ئەنگە ئېلىش بىكار قىلىنغان ئورۇننى ياكى بالا ئىشچى ئىشلەتكۈچى ئورۇننى كۆرسىتىدۇ.
قانۇنسىز ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇنلارنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ھادىسىگە ئۇچراپ ئۆلگەن-يارىلانغان ياكى كەسپىي كېسەل بولغان بولسا، يارىلانغان، مېيىپ بولغان ئىشچى-خىزمەتچىگە ياكى ئۆلۈپ كەتكەن ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرىغا بىرلا قېتىملىق تۆلەم پۇلى بېرىلىدۇ.
بىرلا قېتىملىق تۆلەم پۇلى بېرىشتە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تۇرۇشلۇق جايدىكى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنى بىر تۇتاش غەملىگەن رايوننىڭ ئالدىنقى يىللىق ئىشچى - خىزمەتچىنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى تۆلەم تۈپ سانى قىلىنىپ، 1 - دەرىجىلىك مېيىپقا  تۆلەم تۈپ سانىنىڭ 16 ھەسسىسى بويىچە، 2 - دەرىجىلىك مېيىپقا  تۆلەم تۈپ سانىنىڭ 14 ھەسسىسى بويىچە، 3 - دەرىجىلىك مېيىپقا  تۆلەم تۈپ سانىنىڭ 12 ھەسسىسى بويىچە، 4 - دەرىجىلىك مېيىپقا  تۆلەم تۈپ سانىنىڭ 10 ھەسسىسى بويىچە، 5 - دەرىجىلىك مېيىپقا  تۆلەم تۈپ سانىنىڭ 8 ھەسسىسى بويىچە، 6 - دەرىجىلىك مېيىپقا  تۆلەم تۈپ سانىنىڭ 6 ھەسسىسى بويىچە، 7- دەرىجىلىك مېيىپقا  تۆلەم تۈپ سانىنىڭ 4 ھەسسىسى بويىچە، 8 - دەرىجىلىك  مېيىپقا  تۆلەم تۈپ سانىنىڭ 3 ھەسسىسى بويىچە، 9 - دەرىجىلىك مېيىپقا  تۆلەم تۈپ سانىنىڭ 2 ھەسسىسى بويىچە، 10 - دەرىجىلىك مېيىپقا  تۆلەم تۈپ سانىنىڭ 1 ھەسسىسى بويىچە بېرىلىدۇ. ھادىسىگە ئۇچراپ يارىلىنىش  ياكى كەسپىي كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قېلىش تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە تۆلەم تۈپ سانىنىڭ 10 ھەسسىسى بويىچە بىرلا قېتىملىق تۆلەم پۇلى بېرىلىدۇ. بىرلا قېتىملىق تۆلەم سوممىسى ئۈستىدە تالاش - تارتىش يۈز بەرسە،  ئەمگەك تالاش - تارتىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئائىت بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ  قىلىنىدۇ.

مەنبە: تورى

http://elbehre.com/forum.php?mod=viewthread&tid=394

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1705
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9738
تۆھپە نۇمۇرى: 564
توردا: 238 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-13 09:18:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانۇنى ساۋاتلاردىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەھمەت

غەيۋەتخورغا لەن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 3422
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 5734
تۆھپە نۇمۇرى: 2670
توردا: 2656 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-13 09:49:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ،قانۇنى ساۋاتلاردىن خەۋەرلەرندۈرۈپ ياخشى قىپسىز .باشقىلارغا پايدىسى تىگىپ قالسا ئەجەب ئەمەس.

بىرئاللاھ قىلا مۇھەببەت باغلايمەن!ئاللاھ قا مۇھەببەت باغلىغان ئىنسان ھەرگىزمۇ زىيان تارتمايدۇ.

سۈبھى ئادۋوكاتل

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59026
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4120
تۆھپە نۇمۇرى: 1548
توردا: 1164 سائەت
تىزىم: 2011-10-4
ئاخىرقى: 2012-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-14 03:26:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ئەتراپلىق چۈشەندۈرىلىپتۇ. تىمىڭىزغا رەھمەت.

سۈبھى ئادۋوكاتلىق ئىش ئورنى سىزنى قارشى ئالىدۇ!!

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6509
يازما سانى: 863
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10637
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 5988 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2012-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-14 07:08:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك ياخشى تىمىكەن......... رەھمەت سىزگە...

يۇقىرغا قاراپ پى

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18610
يازما سانى: 1315
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 303
تۆھپە نۇمۇرى: 220
توردا: 5959 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2012-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-14 11:19:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانۇن بولغان بىلەن پايدىلنىشنى بىلمىسە بىكار.

ئنساننىڭ ئاساسى ھوقۇقى كۆز يېشى بىلەن ئەمەس،ئىسسىق قېنى بىلەن قولغا كېلىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش