قەدىرلە ئاناڭنى تىرىكلىكىدە
قۇربانجان مۆمىن ئۇچقۇن
ئوغۇل دەپ مەيدەڭگە مۇشتلىما دوستۇم،
ھارغاندا ئاناڭغا سۇنماي سوغۇق سۇ.
لەھەتكە كىرگەندە تۇتماي بېشىنى،
چىدىغان سەندىكى قانداق غورۇر ئۇ؟
ئەر بولدۇق بۈركۈتتەك نەۋقىران جەسۇر،
كۆكلەرنى تىرىدى بۆگۈن بېشىمىز.
ئويلايلى شۇ ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە،
ئاق سۈتتىن چىققانغۇ تىل ھەم چىشىمىز.
مۇشتۇمدەك گۆش ئىدۇق بوۋاق بولغىچە،
بىلمەيمىز ئىڭڭەلەپ ئۆتكەن كېچىنى.
شۇ ئانا كۆز يۇمماي ئۆتكەن كۈن-تۈنلەپ،
سانىساق ئاز كېلەر ئاپئاق چېچىنى.
غەملەرنى بىر يوللا ئۇنتىغان تۈگەل،
ماڭساق بىز تەتىلەپ بىر رەت ئالدىدا.
تومۇزدا سايىۋەن،جۇتتا بوپ قورغان،
چوڭ قىلغان ئەمەسمۇ ئىللىق باغرىدا.
باي بولغىن يا گاداي،ئوغلۇم دەر ھامان،
قېشىدا سەن بولساڭ،ئاناڭ بىھاجەت.
سەپ سېلىپ ھەر يانغا نۇرسىز كۆزىدە،
ئىزدەيدۇ كۆرسەم دەپ ھۆسنىڭنى پەقەت.
باقىدۇ گەر ھايات بولسا مۈكچىيىپ،
تەۋەرۈك قوزام دەپ،ئوماق بالاڭنى.
تىنىقى ھەلقۇمغا يەتكەنگە قەدەر،
ياپىدۇ بالام دەپ،قالغان چالاڭنى.
يوقلاپ ئال شام-سەھەر قورۇق قول دېمەي،
سەكراتقا چۈشكەندە،شەربەت قۇيغىچە.
ئۆلگەندە ئانام دەپ قەبرە قاتۇرۇپ،
نەزىردە ئابرويغا پاقلان سويغىچە.
ئاپتۇر؛شايار ناھىيە مازارغوجام بازىرى ئاقبەل كەنتىدىن مېيىپ دېھقان.
مەنبە:‹‹شايار ››ژورنىلى(ئىچكى ژورنال)