مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 13595|ئىنكاس: 99

ئۈرۈمچىدىن قۇرۇق كەلمىدىم. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1028
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 30391
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 7343 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2012-10-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-13 02:00:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەبىئەت قوينىنىڭ زېمىنىدا،گۈزەل تارىم دەرياسى بويىنى بويلاپ،باشئەگىم دىيارىنىڭ بىر يېزىسىدا زېمىنغا چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاپ،ئانا تەبىئەتكە قۇل بۇلۇپ،ھاياتلىق ئۈچۈن كۆرەش قىلىپ،دېھقاندىن ئىبارەت بىر ئاددىي،ئەمما،ئۇلۇغ كەسىپ بىلەن جاھاندارچىلىق قىلىۋاتقىلى دەل ئىككى يىل بوپتۇ،20يىللىق مېنى ئۆستۈرگەن بۇ ئىللىق  ماكان ئاخىرى مۇشۇ يولنى تاللاشقا نېسىپ قىلدى.ئۇلۇغ ئاللاھقا مىڭ قەترە شۈكرى،مەكتەپتىن ئايرىلىپ،گۈزەل ئوقۇش ھاياتىدىن ۋاز كېچىپ،باشقىچە ئۇسۇل بىلەنمۇ ياشاپ بېقىش مېنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئويلايدىغان مۇھىم تاللاش ئوبىكتىمغا ئايلاندى.ئوقۇش پۈتتۈرۈپ،ئۆگەنگەن بىلىملىرىم بۇرۇنقىدىن كۆپ بولمىسىمۇ،ئەمما،ئۆزەمنىڭ قىزىقىشى بويىنچە يەنىلا كىتاب ئوقۇش،جاھان كۆرۈپ دۇنيانى چۈشىنىش مېنىڭ ھازىرقى ھايات يۇلۇم بولۇپ قالدى.
كىچىگىمدىن تارتىپلا،تارىخقا تولىمۇ قىزىقاتتىم،ئۇيغۇر تارىخىدا ئۆزىنىڭ ئىلمىي ئەسەرلىرى بىلەن مەدەنىيەت ئاسمىنىدا نۇرلۇق يۇلتۇز چاقناتقان،بىزگە ئىلىم-مەرىپەت ئاتا قىلغان،خەلقنى ئويغىتىپ،مۇشۇ كۈنگە ئەكەلگەن شىر يۈرەك ئەزىمەتلەر كۆز ئالدىمدا نامايەن بولاتتى.ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ،كۆڭلۈم ئەمىن تاپاتتى،ئىرادەم تاۋلىناتتى،ئۆتمۈش چۈشكە ئايلانغان بىر دەۋر بولسىمۇ،ئۇنى بىلىشكە تېگىشلىك ئىش،ئەلۋەتتە!
مەن شۇنداق ئويلايمەن ھەم چوقۇم قىلىمەن،ئىنسان ياشايمەن دەيدىكەن،ھاياتلىق ئۈچۈن كۆرەش قىلىش بىر ئۇلۇغ تېماتىك نۇقتىغا ئايلىنىش كېرەك،مەيلى كۈنلەر،ۋاقىت ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى،شىۋىرغانلىق بوران-چاپقۇنلارنى،ھەرەجلەرنى،خوشاللىق،ئالەمچە سۆيگۈ ئاتا قىلسۇن،ئىنسان كۆڭلىدە يانار تاغدەك پارتىلغان ئۇلۇغ غايە،بۈيۈك ئارزۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىلگىرلىشى كېرەك.
ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك،گۈزەل تەڭرىتاغ باغرىنىڭ جەنۇب-شىمالىدا،تەكلىماكان قىرغىقىنى بويلاپ ئۆتكەندە،تارىخ بېتىنى ۋاراقلايدىغان بولساق،مىللىتىمىز تارىخىدا ئاجايىپ ئىشلار يۈز بەردى.بۈيۈك سەئىدىيە خاندانلىقى 1678-يىلى گۇمران بولدى.ئۆزىنى پەيغەمبەر قاتارىدا سانىۋالغان،نادان خەلقىمىزنى بويسۇندۇرۇپ،ئەۋلىيا سۈپىتىگە كىرىۋالغان مەختۇم ئەزەم،ئافاق غوجا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بۇ جەننەت ماكان ئانا دىيارىمىزنى دوزاققا ئايلاندۇردى.‹‹سوپىنىزىم ھەركىتى››،‹‹ۋەھىداتۇل ۋۇجۇد تەلىماتى›› ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىردى.مۇناپىق،دەيۈز،ئىپلاس ئاق تاغ مەزھەپلىرى بىر بۇلىۋىلىپ،نادان خەلقىمىزنى تېخىمۇ نادانلاشتۇرۇپ،غەپلەت ئۇيغۇسىغا غەرق بولدى.نۇرغۇن ئىلمىي ئەسەرلەر،يازما يادىكارلىقلار،مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆيۈپ كۈل بولدى،شۇ زاماندىكى ئىلغار زاتلار،شائىرلار بۇ مۇناپىقلار تەرىپىدىن ياۋۇزلارچە ئۆلتۈرۈلدى.300يىلدىن كۆپرەك  بولغان،زۇلمەت قاراڭغۇسىدا ياشاش،بېكىنمە ھالەتتە تۇرۇۋىلىش،سىرت بىلەن ئالاقە قىلماسلىق،مازارغا چوقۇنۇش،پىرە ئويناش قاتارلىق دىندا چەكلەنگەن خوراپاتلىق ئەۋج ئالدى،ئافاق غوجىدىن باشلانغان مەدەنىيەت زوراۋانلىقى بىزنى نەچچە ئەسىر كەينىگە چېقىندۈرۈپ،ئاخىرى 20-ئەسىرگە قەدەم قويغۇزدى.
مانا بۇ چاغلاردا،ياۋۇرپا ئويغىنىش ھەرىكىتىگە نەچچە يۈز يىل بولغان،سانائەت ئىنقىلابى پارتىلاپ بولغان،تەرەقىيات ئىنسان ئويلاپمۇ باقمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بىر دەۋر ئىدى.مانا بۇ چاغلاردا،بىزنىڭ ئارىمىزدىن ئابدۇقادىر داموللا،قۇتلۇق شەۋقى،ئاكا-ئۇكا موسابايوف،مەمتىلى ئەپەندى،ئابدۇخالىق ئۇيغۇر،تاشاخۇنۇم،ئايخان ئانا...قاتارلىق مەرىپەت ئىگىلىرى چىقىپ،يىراق ئەللەردە زىيارەتتە بولدى،دۇنيانى چۈشەندى،بىلىم ئالدى،بىرەر چوڭراق ئىش قىلىش،مائارىپتىن ئىبارەت  جانلىق بولغان ئۆگىنىش سۇرۇنى ھازىرلاش،مەكتەپ قۇرۇش،ئىقتىساس ئىگىلىرىنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈش ئۇلارنىڭ بۈيۈك ئارزۇسى ۋە ھاياتىغا تۇتقان مۇھىم تاللاش نىشانى بوپ قالدى.ئۇلار نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يېزىپ،خەلقمىزنى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىشقا دەۋەت قىلدى.
تارىخ بېتىمىزگە قارايدىغان بولساق،20-ئەسىر ‹‹ئۇيغۇر مىللىي ئويغىنىش ھەركىتى››گە ئاكىتىپ ئاۋاز قۇشۇپ،مۇشۇ زېمىنغا نىسبەتەن ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلدى،ئۇلاردىن باشلانغان مائارىپچىلىق،پەننى ئىسلاھ قىلىش ھەركىتى يېقىنقى زامان تارىخقا يېڭىچە تۈس قوشتى.
ئەپسۇس،مىڭ ئەپسۇس،بۇ مەرىپەت ئىگىلىرى مۇستەبىت ھاكىمىيەتچى ياڭ زېشىڭ،جىن شۇرىن،شىڭ شىسەي تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلدى.ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈلدى،بۇ تارىخلارنى ئويلىساق،كۆزىمىزگە ياش كېلىدۇ،يۈرەك زەرداب بولىدۇ....
بۈگۈنكى بەختىيار،باياشادلىق كۈنلىرىمىزنىڭ كېلىشى تارىختىكى مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ئىلمىي تۆھپىلىرىدىن ئايرىپ قايرىغىلى بولمايدۇ،قولىغا قورال ئېلىپ،ئازادلىق،ئەركىنلىك ئۈچۈن ئۇرۇش قىلغان باتۇرلىرىمىز،قولىغا قەلەم ئېلىپ،ئىلىم نۇرىنى كىتابتىن ئىبارەت سەھىپە ئارقىلىق مىللىتمىزنى ئويغاتقان شەخسلەرنى ئەسلەشكە،مەدھىيلەشكە ئەرزىيدۇ.زېمىن سۆيگۈسى،ۋەتەن مۇھەببىتى ئۇلارنى مۇشۇنداق ئادەلەت يولىغا باشلىغان،تارىخ ئۆز دەۋرىدە ئاشۇلارنى ياراتقان.
20-ئەسىرنىڭ كېيىمكى يېرىمىدا،دۆلىتىمىز ئازاد بولدى،ئۈرۈمچى-شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ مەدەنىيەت،ئىقتىساد مەركىزىگە ئايلاندى،پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى،دۆلەتنىڭ كۆپلەپ مەبلەغ ئاجرىتىشى بىلەن بۇ شەھەر يوقلۇقتىن بارلىققا،كىچىكلىكتىن چوڭلۇققا تەرەقىي قىلىشقا باشلىدى.بارغانسىرى بۇ شەھەر شىنجاڭنىڭ كۆزنىكىگە ئايلىنىپ،ئالىي بىلىم يۇرتى،بىلىملىكلەر توپلانغان جاي بوپ قالدى.بۇ شەھەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن نۇرغۇن كىشىلەر كېلىپ،جەمىيەتنىڭ ھەر ساھەلىرىدە خىزمەت بىلەن مەشغۇل بولدى.ئەلۋەتتە،ھازىرمۇ شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلاملىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان زىيالىي،ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە ھەر كەسىپتىكى زاتلار بۇ يەردىكى ئىلىم-مەرىپەت بۆشىگىدىن قانغۇچە بىلىم ئېلىپ،دۆلەتنىڭ تەرەقىياتى ئۈچۈن شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مۇھىم خىزمەتلەرنى ئۆتەپ كەلمەكتە.
ئەينى ۋاقىتتا،نۇرغۇن قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن،تىرىك تارىخقا شاھىد بولغان،مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا قالپاق كىيگۈزىلىپ،ياش قىرانلىق دەۋرىدە قالپاق كىيگۈزىلىپ،قاراڭغۇ،زەي تۈرمە كامىرىدا قۇياشنىڭ زەررىچە ئىللىق  نۇرىنى كۆرەلمەي،نەچچە يىل تۈرمىدە ياتقان،ئازاب-ئوقۇبەت تاتقان،رىيازەت چەككەن ئادەملىرىمىز تولىمۇ كۆپ،كېيىن،ئۇلار گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلسىمۇ،تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن،چاچ-ساقاللىرى ئاقارغان،ئىككى پۇتى گۆرگە ساڭگىلغان،ھالاۋەت كۆردىغان چاغدا تۇيۇقسىزلا ئارىمىزدىن كېتىپ قالدى.ئەينى ۋاقىتتا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان ئەزىمەت باتۇرلار،يازغۇچى ئەدىبلەر،زىيالىيلار ئۈرۈمچىدىكى ئۇلانباي ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى ۋە گۈلساي قەبرىستانلىقىدا مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتتى.ئەمدىلا،ئۇيقۇدىن ئويغانغان ئۇيغۇر خەلقى بۇ ئاتاقلىق كىشىلىرىمىزگە ئازا تۇتۇپ،قان يىغلاپ گۈزەل تەڭرىتاغنىڭ باغرىغا قۇيۇشتۇق،زېمىن ئۈنسىز ياش تۆكتى،تارىم دەريا سۈيى ئۆركەشلىمەكتە ئىدى...
10-ئاينىڭ 9-كۈنى،چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتاتتى،تەبىئەت دۇنياسى ئاتا قىلغان بۇ ھۇزۇر،خوشاللىق ئۈستىدە گۈزەل ئانا ماكان كەڭرى لىباسلارنى يېيىپ،زېمىن شادلانماقتا ئىدى.مەن چۈشتىن كېيىن گۈلساي قەبرىستانلىقىنى كۆرۈپ قېلىش مەقسىتىدە يولغا چىقتىم.ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان دوستلىرىم ئەكبەر ئەخمەت ۋە ئېلشات ھېلىملار مۇھىم دەرسىنى تاشلاپ،مەن بىلەن بىرگە بۇلۇشتى.مەن ئۇلارغا  رەھمەت ئېيتىمەن.
گۈلساي-نېمەدېگەن چىرايلىق،ئىسمى جىسمىغا لايىق بولغان قەبرىستانلىق ئىدى.بۇ چىرايلىق ئىسىمنى كىممۇ قويغان بولغىيتى ھە!؟ئاخىرى گۈلساي قەبرىسىگە قەدەم قويدۇق.

گۈلساي قەبرىسىنىڭ ھەيۋەتلىك مەسجىتى،كەڭرى مەيدان،ئاسفالىتلاشقان يول،قولايلىق قاتناش شارائىتى ئادەمنى تولىمۇ سۆيۈندۇردىكەن،پارتىيە،ھۆكۈمەتنىڭ غەمخۇرلىقى،كۆپلەپ مەبلەغ ئاجرىتىشى بىلەن بۇ يەر ئۈرۈمچىدىلا ئەمەس،ئاپتۇنۇم رايۇن بويىنچە ئەڭ چوڭ قەبرىستانلىقلارنىڭ بىرى بۇلۇپ قاپتۇ،يامغۇرنىڭ توختىماي يېغىشى گۈلساي مەسجىتنىڭ ئالدىنى تېخىمۇ گۈزەل تۈسكە كىرگۈزۋاتقان ئىدى.


مەن بۇ يەردىن كېلىپلا،بىر ئىش مېنىڭ كاللامغا قەتئىيلا سىغمىدى،بۈگۈن قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتقاچقا،ئادەملەر يوق دېيەرلىك ئىدى.ئەمما،گۈلساي مەسجىتنىڭ ئالدىدىكى كەڭرى مەيدان يېڭى ماشىنا ھەيدەشنى ئۆگىنۋاتقانلارنىڭ ئورنى بۇلۇپ قاپتۇ.ئەجىبا،گۈلساي قەبرىستانلىقىدا ماشىنا ھەيدەشنى ئۆگەنمىسىمۇ،ئۇ كىشىلىرىمىزگە باشقا يەر تېپىلمىغانمىدۇ؟؟؟مانا بۇ گۈلساي مەسجىتىنىڭ ئالدىدىن تۇلۇق كۆرۈنىشى:

گۈلساي قەبرىستانلىقى ئىنتايىن كۆلىمى چوڭ قەبرىستانلىق بۇلۇپ،نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قەبرىسى بار ئىكەن،ئادەت بويىنچە،بۇ يەردە يېتىۋاتقان مەرھۇملارنىڭ روھىغا خالىس دۇئا قىلدىم.ئۇلار ئاخىرى مۇشۇ قەبرىستانلىقتا مەڭگۈلۈك ئارام تاپقان ئىدى.مەن گۈلساي قەبرىسىدە يېتىۋاتقان مەرھۇملارنىڭ روھىغا جەننەت ئىنئامى تىلەيمەن.



ئەلۋەتتە،تەكىتلەش مۇھىم نۇقتا بولۇپ قالدى،بۇ يەردىكى بەزى قەبرىلەرنىڭ ياسىلىشى ئادەمنى ھەقىقەتەن چۆچۈتۈپ قويىدۇ،بۇ بىزنىڭ ئۆلۈم ئېڭىمىزنىڭ تولىمۇ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ،گۈلسايغا بارسىڭىز،بەزى قەبرىلەر مىسىر پىرئەۋىنلىرىنىڭ قەبرىسىدىنمۇ ئېسىل،تولىمۇ ھەشەمەت ياسالغان،ئۇلار ياسىۋالغان قەبرىنىڭ پۇلىنى بەزى دېھقانلار بىر ئۆمۈرمۇ ئىشلەپ تاپالمايدۇ،ئەسلى،ئېسىل قەبرىلەرنىمۇ يوللاي دېگەن،لېكىن،زەربە نىشانى بۇلۇشتىن ئەنسىردىم،مۇنبەردىكى زېھىنياتلىق ئەزالار بۇلارنى چۈشىنىپ كېتەلەيدۇ ئەلۋەتتە.
كۆز ئالدىمدا كەپتەر نامايەن بولدى،ئۇ قەبرىلەرنىڭ ئۈستىدە قۇنۇپ،ياشاۋاتقان ئىنسانلارغا بەخت تىلەۋاتقاندەك بىرخىل كۆرۈنۈش كۆز ئالدىمدا نامايەن بولدى.


مەن گۈلساي قەبرىستانلىقىدا مەشھۇر شەخسلەرنىڭ قەبرىسىنى ئىزدەپ تاپتىم،ئۇلار گەرچە تۈگەپ كەتكەن بولسىمۇ،لېكىن،ئۇلارنىڭ ياراتقان ئىلمىي ئەمگەكلىرى،قوشقان تۆھپىلىرى خەلق قەلبىدە مەڭگۈ ياشنايدۇ،داستان بولىدۇ،مەنىۋى ئۇزۇق ئانا تەبىئەت قوينىدا زەم-زەم بۇلاق بولغۇسى!




بۇ مەرھۇم ئاتاقلىق،گىگانىت يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ قەبرىسى،ئالدىدا تۆمۈر رىشاتكا بولغاچقا،رەسىمگە تۇلۇق تارتالمىدىم.زوردۇن سابىرنىڭ قەبرىسىنى قاچان يۆتكەپ ئەكەلگەنلىكىنىمۇ بىلمىدىم،ئەختەم ئۆمەرنىڭ‹‹ئۆزىمىزنى ئېتىراپ قىلايلى››دېگەن ئەسىرىدە بايتوقايغا قويدى،دېگەن ئۈزۈندىلەرنى كۆرگەن،لېكىن،بۇ يازغۇچىمىزمۇ گۈلساي قەبرىسىگە يۆتكەپ ئەكىلىنىپتۇ.








بۇ يەردە يېتىۋاتقان،بىزگە ئۇستاز بولغان يولباشچىلىرىمىز ھەقىقەتەنمۇ كۆپ،بىز ئاشۇلاردىن پەخىرلىنىشىمىز،ئۆگىنىشىمىز،ئۈلگە ئېلىشىمىز،قاراڭغۇ دىللىرىمىزنى كىتاب سەھىپىسى ئارقىلىق ئۆگىنىپ،ئىنساندەك ياشىشىمىز كېرەك.ئاخرىرىدا شۇلارنى ئويلىدىم،بىر شېئىر مېنىڭ يادىمغا كەچتى:

گۈلساي قەبرىسىگە قاراپ شۇنى ھېس قىلدىم،بۇ يەردە يېتىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ھەممىسى بىر مىللەت(ئاساسەن)،تۇغۇلغان شەھەرلىرى ئوخشاش بولمىسىمۇ،ئەمما،ئۆلۈم -يەنى ئەجەل قۇشى كەلگەندە،يەنىلا،ياتىدىغان يېرىمىز بىر،باردىغان ھاياتلىق سەپىرىمىز بىر بولدىكەن،ئىلگىركى يۇرتۋازلىق خاھىشى،ئاق تاغ-قار تاغ مەزھەپ كۆرەشلىرىنىڭ قۇربانى بولغان قىسمەتلىك تارىخىي ۋەقەلەر كۆز ئالدىمدا نامايەن بولدى.ئاخىرىدا،ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ مۇنۇ ئەسىرى كۆز ئالدىمدا نامايەن بولدى:
بىز بۇ جاھەلەتلىك ئەسىرلەردە ئىلىم-ھېكمەتتىن ئايرىلىپ،ئىشانلىق ۋە مەزھەپ-يۇرتۋازلىق پاتقىقىغا پاتتۇق.‹‹ئاق تاغ››،‹‹قار تاغ››بۇلۇۋىلىپ،قان تۆكتۇق،ئويغاتقۇچى مەشرەپ،زەلىلى،خاراباتى،ئەزىزى ۋە خالىقلارنى خورلاپ،سىرتتىن كەلگەن مەخدۇم ئەزەم،يۈسۈپ چاڭمۇزىلارنى ئەۋلىيا ئەزەم قىلىپ،ياسالما مازارلارنى تاۋاپ قىلىپ ياتتۇق.قولىمىزدىن كەلگىنى داپ داراڭلىتىپ ئۇسۇل ئويناش بىلەن مەدداھلىق ۋە ھاپىزلىق بولدى!ئاخىر بىر تال قەنت،بىر تال مېق،بىر تال سەرەڭگىنىمۇ چەتتىن ئالدىغان كۈنگە قالدۇق.
ئوي-خىياللار مېنى نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئويلاشقا مەپتۇن قىلدى،ئۆلۈمدىن ئىبارەت قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان بۇ ئاڭنى ئازراق بولسىمۇ تۇنۇپ يەتتىم،ئىرادەم تېخىمۇ تاۋلاندى،كۆڭلۈم ئەمىن تېپىپ،تېخىمۇ تىرىشىش نىيىتىگە كەلدىم.گۈلساي قەبرىسىدىن چىقىش ئالدىدا،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋى تۈۋرىكىگە ئايلانغان جامائەت ئەربابى،ئالىم ،يازغۇچى،‹‹ئىز››،‹‹ئويغانغان زېمىن››دېگەن ئەسەرلىرى بىلەن بىزنى قەدىمىي تارىخ ئىزلىرىغا باشلىغان،ئۆتكۈر قەلەملىرى بىلەن بىزنى ئويغاتقان ئابدىرھىم تىلەشوف ئۆتكۈرنىڭ ئالدىدا بىر پارچە خاتىرە سۈرەتكە ساۋاقدىشىم ئېلشات بىلەن رەسىمگە چۈشتىم.


ئاستا-ئاستا گۈلساي قەبرىسىدىن خوشلاشتىم،بۇ يەردىكى مەرھۇملار بىزگە بەخت تىلەۋاتقاندەك،ياخشى ئادەم بۇلۇشقا ئۈندەۋاتقاندەك،ھامان بىر كۈنلەردە مۇشۇ يەردە يەنە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەندەك تۇيغۇلارنى بەردى.چوقۇم تىرىشماي بولمايدۇ،ئادەم بۇلۇپ ياشاش ئۈچۈن پاك ياشايمەن،ئۆز ۋىجدان-غورۇرىمنى دەپسەندە قىلمايمەن دەپ ئويلىدىم،سىم-سىم يامغۇر كىيىملىرىمىزنى ھۆل قىلىۋەتكەن ئىدى،بۇ قېتىملىق سەپەردە مەن ئۇلۇغلارنى كۆرگەندەك بولدۇم......
مەنبە:قەلەم ۋە فوتۇ ئاپراتىم.

ھازىرغىچە 11 ئادەم باھالىدىياخشى باھا مۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
gulbaxikar + 300 قىممىتى يۇقۇرى!
vqkun + 10
turgunjan08 + 1 قەبرىنى سۇرەتكە تارتسا بولمايتىغۇ؟
شەرەپ + 50 سىزگە كۆپ رەھمەت!
elijan + 208 مىنىڭمۇ بارغۇم بار ئىدى ،كىيىنچە ...
Dreamcatcher + 20 ئۈرۈمچىگە بارسام چوقۇم بارىمەن!!!
sazguri + 100 مەنمۇ بىر بارسام بولاتتى ئۇ يەگە
tirakbostan + 20
oguz2 + 20
sarkarda01 + 100 سىز بىلەن بىرگە بارغاندەك بولدۇم.
musilina + 300 ئەھمىيەتلىك  تېما...

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 829  مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

قەلەم قەلەمگە خاس ئىمانىمنى بەر ،
ئەل ئۈچۈن قاينىغان ۋىجدانىمنى بەر ،
قارىنى ئاق قىلىپ يازسام مۇبادا ،
نومۇس بەكمۇ يامان زاۋالىمنى بەر .
-ئابدۇقادىر جالالىدى

شۈكرى ئاللاھ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52311
يازما سانى: 653
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7471
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 4325 سائەت
تىزىم: 2011-8-20
ئاخىرقى: 2012-10-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-13 11:39:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ناھايىتى ياخشى  ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ،،،،،ھارمىغايسىز قېرىندىشىم

دىللار پەقەت ئال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30340
يازما سانى: 1507
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13151
تۆھپە نۇمۇرى: 3275
توردا: 7833 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2012-10-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-13 11:56:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك  ئەھمىيەتىلك  تىما  بوپتۇ،

ئۈلۇمدىن قورۇقمايمەن .ئەمما.گورۇمدە يالغۇزلۇقتىن قاراڭغۇلىقتىن گۇرنىڭ ئازاۋېدىن قورقىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 6410
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 92323
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 7286 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2012-9-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-13 12:01:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا مۇشۇنداق روھى ئويغاق يىگىتلىرىمىزگە اللەنىڭ رەھمىتى، مەرھەمىتى، ھىدايىتى بولسۇن ... امىن! بۇ تېمىنى كۆرۈپ ۋۇجۇدۇم ئۆرتىنىپ كەتتى. ئۆلۈمدىن ئىبارەت بۇ ھەقىقەتكە ، قايسى خىل روھ بىلەن قول بېرىشىمىز كېرەكلىكى دىلىمدىم كەچتى. شۇنداقلا بۇ جايدىكى قەبرە ئۇقۇمى كاللامدا تېخىمۇ مۇئەييەنلىشىپ، رۇسۇل ئەكرەم  سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ  ئالى  سۆزى يەنى قەبرىلەرنى بىر غېرىچ ئىگىزلىكىدە قويۇش ، توپىسى ئۇچۇپ تۇرۇش .دىگەن ھىكمىتى ئېسىمگە كەلدى .  يەنە بىر تەسىر قىلغىنى شۇ بولدۇكى بۇ تەپەككۈرى ئالى ئىنىمنىڭ تىلىكى بولدى . ‹جەننەت ئىنئامى تىلەيمەن ›. ئۇزۇندىن بۇيان بۇيان بىر خىيال كاللامغا كىرىپ تۇراتتى. ياتقان جايى جەننەتتىن بولسۇن ، دىيىلسە بىر بۇيرۇق ئاھاڭى شەكىللىنىپ قالامدىغاندۇ، دەپ ئويلايتىم . بۇ تىلەكمۇ ماڭا شۇنچە تەسىر قىلدى . اللە سىزگە كاتتا ئەجىرلەرنى ئاتا قىلسۇن ئىنىم . شۇنچە ھىسلارنى قەلبىمىزگە  قۇيالىغان بۇ سوغىڭىزدىن ھەممە دىللار شەربەت ئىچكۈسى!

قېنى مېنىڭ ئەكىس سادايىم...!

بىلىمسىزلىكنىڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25761
يازما سانى: 345
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8771
تۆھپە نۇمۇرى: 1200
توردا: 3892 سائەت
تىزىم: 2011-1-10
ئاخىرقى: 2012-9-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-13 12:06:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ تارىخ كارتنىسنى كۆرگەندەك بولدۇم رەھمەت سىزگە

بىلىمسىزلىكنىڭ بالىياتقۇسىدا «قۇللۇق» تىن ئىبارەت «تۆرەلمە» يېتىلىدۇ

دىللار پەقەت ئال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30340
يازما سانى: 1507
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13151
تۆھپە نۇمۇرى: 3275
توردا: 7833 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2012-10-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-13 12:46:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

[quote]ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت &nb

بار  ئىكەنسز  ھە  زۇلەيخا،

ئۈلۇمدىن قورۇقمايمەن .ئەمما.گورۇمدە يالغۇزلۇقتىن قاراڭغۇلىقتىن گۇرنىڭ ئازاۋېدىن قورقىمەن

ئويلانماقتىمەن..

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1221
يازما سانى: 531
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 27178
تۆھپە نۇمۇرى: 1554
توردا: 5985 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2012-10-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-13 12:54:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
بۇ قەبرىستانلىققا مەنمۇ بىر قېتىم بېرىپ باقتىم،  
ھەقىقەتەن چۆچۈپ كەتتىم،  ھاياتىمدا كۆرمىگەن ئىشلارنى كۆردۈم.  
نۇرغۇن قەبرە ئىگىلىرى قەبرە ئىچىدىكىلەرنى خاتىرجەم ياتقىلى قويمايۋېتىپتۇ.
-------------------
ئالىملىرىمىز ئىچىدە زوردۇن سابىرنىڭ قەبرىسى  ماڭا  ئەڭ ياقتى.

تەقدىرنىڭ ئارغا

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58942
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3724
تۆھپە نۇمۇرى: 239
توردا: 695 سائەت
تىزىم: 2011-10-3
ئاخىرقى: 2012-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-13 12:55:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن نادىر تېمىكەن........تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر........!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6167
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8791
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2012-9-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-13 12:55:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 5قەۋەت  aptap104 كە 2011-10-13 12:41 PMئەۋەتىلدى  :
بىلۋالدىم رەخمەت  
مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك  تىما يازسا بىلىۋالدۇق دەپ
ساڭا بىرىس سەي قورۇشنى ئۆگەتمىدى
  ئىككى تۆت تال  مۇنبەر پۇلىنى دەپ  مۇنبەرنى  پۇچەك قىلىپ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 6410
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 92323
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 7286 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2012-9-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-13 12:55:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

6قەۋەتتىكى(gulbar5) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇ

رەھمەت سىزگە . ئىنشا اللە . ئۇزۇن بولدى مۇنبەرگە كىرەلمىدىم . اللە شۇ ئوخشاش تەپەككۈرلىرىمىزنىڭ بەرەكاتىدىن قەلبىمىزنى تەۋرەنمەس ئىمان بىلەن نۇرلاندۇرغاي رەببىم اللە. ھەم ئىمان بىلەن كېتىشكە نىسىپ قىلغاي .

قېنى مېنىڭ ئەكىس سادايىم...!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش