ھامىلدار ھەم يېڭى تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ساغلاملىق تۇرمۇش بىلىملىرى
(بۇ بىلىملەر «ئانامنىڭ قولى»مۇلازىمەت مەركىزى تەۋسىيە قىلغان ۋاراقچىدىن ئېلىندى)
پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن : ھامىلدارلىق ۋاقتىدا يەنى تۇغۇتتىن بۇرۇنقى دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
.1قورساقتىكى ھامىلىنىڭ ئالاھىدە يوغىناپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ياخشى ئوزۇقلىنىش،يېنىك ھەرىكەتلەرنى كۆپ قىلىش.
.2قورساق،كۆكسى،يوتا،سۆڭگەچ قىچىشسا تاتىلىماسلىق.ھامىلدار ئاياللار ئارشاڭغا چۈشۈش ۋە ھور مۇنچىسىدا ئۇزاق ھوردانماسلىقى كېرەك.
.3ھامىلدار ئاياللار ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرى يەنى مىكرو دۇلقۇنلۇق ئوچاق،چاڭ توزان سۈمۈرگۈچ،توك ئەدىيال،تېلىۋىزور ۋە كومپيۇتېر،يان تېلېفۇن قاتارلىقلارنى ئىشلەتمەسلىكىنى ياكى ئاز ئىشلىتىشنى ئەسكەرتىدۇ.
.4موگونىڭ رادىئاتسىيەنىڭ تەسىرىنى ئازايتىش رولى بار.ھەم رادىئاتسىيەدىن ساقلىنىش كىيىمىنى كىيىش،رادىئاتسىيەدىن ساقلىنىش يۈز مېيى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.مەخسۇس ھامىلىدارلار ئۈچۈن ئىشلەنگەن تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىپ بېرىڭ.ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.
.5قالايمىقان دورا ئىشلەتمەڭ.ئىشلەتكەندىمۇ دوختۇردىن مەسلىھەت سوراڭ.يېمەكلىكلەرنى تەڭشەشكە دىققەت قىلىش كېرەك.ھامىلدار ئاياللار پالەكنى كۆپ يېمەسلىك كېرەك.
.6ئۆي ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.
.7دەم ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىڭ، ھامىلدارلار مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ بەرسە ھامىلىگە پايدىلىق.
.8كىيگەن كىيىم كەڭ ئازادە بولۇش،لىپتىك تاقىماسلىق قورساقنى سىقىۋالىدىغان كىيىملەرنى كىيمەسلىك لازىم.ئىچ كىيىملەرنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇڭ،ئالماشتۇرىدىغان كىيىملەر پاختا رەختتىن بولىشى كېرەك.
.9ھامىلدار ئاياللارنىڭ بەدىنى ئېغىر،ئېغىرلىق مەركىزى تۇراقسىز بولغاچقا،بىخەتەرلىككە ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم.
.10ھامىلدار ئاياللارنىڭ قەھۋە ئىچمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلىمىز.ھامىلدارلىق مەزگىلىدە كۆرۈنمەس كۆزەينەك تاقىماڭ.
.11تۇغۇتتىن ئىككى ئاي ئىلگىرى،بولۇپمۇ تۇنجى قېتىم ھامىلدار بولغان ئاياللار بالا ئېمىتىش مەزگىلدە،ئەمچەك توپچىسى يېرىلىپ يۇقۇملىنىش يۈز بېرىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن،ئەمچەك توپچىسىنى دائىم يۇيۇپ تۇرۇش كېرەك.
.12بالىنىڭ تەربىيىلىنىشى ھامىلە تەربىيىسىدىن باشلانغان بولغاچقا،ھامىلدارلىق مەزگىلدە يىنىك مۇزىكا ئاڭلاش،روھى كەيپىياتنى خۇشال تۇتۇش كېرەك،ئاچچىقلىنىش،قايغۇرۇش،ھەسرەت چېكىشتىن ساقلىنىش لازىم!
تۇغۇتتىن كېيىن دىققەت قىلىدىغان ئىشلار :
.1يېتەرلىك ئۇيقۇ ۋە دەم ئېلىش كېرەك.تازلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
.2ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلماڭ،مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپرەك ئىستمال قىلىڭ،ئەتىگەنلىك تاماققا ئەھمىيەت بېرىڭ،قەۋزىيەت بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىڭ.
.3ئاچچىق يېمەكلىكلەر يەنى ئاپېلسىن،پىياز،سامساق ۋە باشقا ئاچچىق يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك.
.4 ئانىنىڭ يەيدىغىنى سۈت،تۇخۇم،گۆش،شورپا،يەلسىز تۈگۈلگەن تاماق،تۇغۇپ بىر ھەپتە بولغاندا كاللا- پاقالچەك يېگەندە تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق.
.5بالىياتقۇنىڭ يۇقىرىغا ئورۇنلىشىشى ئۈچۈن كاسسا تەرەپنى سەل ئېگىزرەك قىلىپ تۈز يېتىپ ياخشى ئارام ئېلىڭ.
.6نورمال قېلىن كىيىنىڭ،بوۋاققا كاسىسنى يىپىپ تۇرغىدەك پاختىلىق كەنجا كىيدۈرسە مەيدىسىگە سوغۇق ئۆتمەيدۇ،كىندىكدىن سوغۇق ئۆتۈپ ئىچى سۈرۈپ قالمايدۇ.
.7ئوماق بوۋىقىڭىزنى ئەجداتلىرىمىزدىن قالغان بۈشۆكتە بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز،بۆشۈكتە بېقىلسا ساغلام،بىخەتەر بولۇپلا قالماي تۇرمۇش بېسىمى يۇقىرى بولغان ئاياللارنىڭ ئەڭ يېقىن ھەمراھى بولالايدۇ،بوۋاقنىڭ ئۇيقۇسىنى تەڭشەپ سىزدىكى ھارغىنلىقنى يوقىتىدۇ،سىزگە ھەم ئائىلىڭىزگە كۆپ قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.ئەگەر بۇشۇكتە چۇڭ قىلماقچى بۇلسىڭىز تۇردىخان ھەدىنىڭ ئەچچىل قوللىرى بىلەن ئۆزگىچە ياسالغان بۇشۇككە سالىدىغان تازلىق سۇلياۋسىنى ھەقسىز بىرىدىكەن.(بۇشۇك مەينەت بۇلمايدىكەن،كۇپىسى ھۆل بۇلمايدىكەن،ئىشقىلىپ كۆپ پايدىلىقكەن)
بۇ بىلىملەر «ئانامنىڭ قولى»مۇلازىمەت مەركىزى تەۋسىيە قىلغان ۋاراقچىدىن ئېلىندى.
ئانا دىگەن بەك ئۇلۇغ سەن ئاناڭنى قەدىرلە،
رازى قىلغىن ئاناڭنى جاۋاپ قايتۇر ئەجىرگە.
ئەجىرى چوڭقۇر ئانىنىڭ بولسۇن بالىلار سەمىدە،
تۈگمەيدىغۇ ئەجىرى ئاپارساڭمۇ ھەرەمگە.
ئانا بەرگەن ئاق سۈتكە،بارچە ئىنسان قەرىزدۇر،
ئاقلاش ئۇنىڭ سۈتىنى، مۇسۇلمانغا پەرىزدۇر.
ئاناڭ ھايات چېغىدا ئالالمىساڭ رازىلىق،
ئۇ ئالەمگە بارغاندا سورىقى بار ئەرىزدۇر