|
|
|
|
ئۇيغۇر ئوغلانلىرنىڭ باتورانە پائالىيەتلىرىنى بىكىتمىز ھەر قېتىم ئىز قوغلاپ خەۋەر كېلىپ كېلىۋاتىدۇ . ئالدىنقى قېتىملىق ئايخان ئانا پۈتبولچىلىرىنىڭ خەۋىرىنى ئىز قوغلاپ خەۋەر قىلغان ۋە ئۇلار زەپەر قۇشۇپ كەلگەندىن كىيىن غۇلجىدا ئۇلارنى كۈتىۋىلىش پائالىتى تەشكىللىگەن ، ئۇندىن كىيىن شىنجاڭ كېزەر دىلشاتنى غۇلجىدا كۈتىۋىلىش پائالىيىتىنى تەشللىگەن ئىدۇق . بۇ قېتىم ئۇيغۇر ئوغلانى، ئەخەت يۈسۈپنىڭ تومۇر سەكرىمە ئاياق بىلەن ئۇرۇمچىگە مىڭىپ باردىغانلىغىنى ئاڭلاپ بەكمۇ سۆيۈندۈق ۋە يىقىندىن ياردەمدە بولدۇق ، ئىنمىز ئەخەت يۈسۈپ مۇشۇ بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئۇرۇمچىگە بولغان سەپىرىنى باشلىماقچى ، بىكىتمىز يەنە داۋاملىق ھالدا ھەر قايسى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ياردىمى ۋە قوللاپ قۇۋەتلىشى بىلەن، بۇ قېتىملىق ئەخەت يۈسۈپ ئۇرۇمچى سەپىرىنىڭ غۇلجىدىكى باشلىنىش مۇراسىمى ئەھۋالىدىن ۋە ئەخەت يۈسۈپنىڭ سەپەر ئەھۋالىدىن ئىز قوغلاپ خەۋەر بەرمەكچى . ھەر ۋاقىت بىكىتىمىزگە دىققەت قىلىپ تۇرۇڭ ! بۇ قېتىمقى سەپەرگە ئەخەت يۈسۈپ بىلەن بىللە تەڭرىتاغ بۈركىتى ، شىنجاڭ كېزەر دىلشات ھەمرا بولۇپ بارماقچى . ئۇلار ھازىر غۇلجاش شەھرىدە بولۇپ جىددى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىمىكەتە ئۇلارنىڭ سەپىرنىڭ ئوڭۈشلۇق بولىشغا تىلەكداشمىز !
ئەلقۇت تور بەت گۈرۈپپىسى ( www.elqut.cn)
تاشپولات بىلال ( ئەلقۇت ) : چ چ 448102348 تېلفون : 13579737972
|
|
|
|
|
|