‹‹ ئىپپەتسىز شەھەر›› ۋە ئاداققىي دەقىقە
ئادەم ئۆز ئۆمرىنىڭ ئاداققىي دەقىقىلىرىنى ئۆتكۈزىۋاتقاندا، پۈتكۈل ھايات مۇساپىسىدىكى خاتالىق ۋە سەھۋەنلىكلىرى ئۈستىدە سەگەكلىك بىلەن قايتا ئويلىنىپ، بىلىپ ياكى بىلمەي ، سەھۋەنلىك ياكى قەستەن ئۆتكۈزۈپ سالغان گۇناھىي ـ كەبىرلىرى، پاسىقلىقلىرىغا توۋا قىلىپ، ئاللاھنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى تىلەپ، ئۈزلۈكسىز تۆۋە ـ ئىستىخپار ئېيتىشى، ئاللاھقا ھەمدۇ ـ سانا ئېيتىپ، پاك ۋە مۇسۇلمان ھالەتتە جېنىنى ئېلىشىنى چىن دىلىدىن تىلىشى مۇمكىن. بىراق شۇنداق ئادەملەرمۇ بولىدىكەنكى ئۇلار ئۆز شەرمەندىچىلىكلىرىنى يوشۇرۇش ، ئۇنى دۇنيادىكى ھەرقانداق ئادەم تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان دەرىجىدە ئۇستىلىق بىلەن بېزەپ، باشقىلارنىڭ ھىسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق نىقاپلىنىپ ، جاھىللىق بىلەن ئۆز جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئارقىلىق شان ـ شەرەپ تاماسى بىلەن كېپەنلىنىپ، ساختا ئۆلۈم، ساقايماس كېسەلنى ۋاستە قىلىپ ، پىشانىسىدىكى لەنەت تامغىسىنى ھېچكىم كۆرمەيدىغاندەك خاتىرجەم قىياپەتكە كىرىۋالىدىكەن. ھەتتا ئۆزىنىڭ ئىلىپنىڭ سۇنىقىنىمۇ بىلمەيدىغان ساۋادسىزلىقىدىن بىخەۋەر ھالدا ئۆزىنى قانداقتۇر ئاتاقلىق يازغۇچى، بىرنەچچە كىتاۋى نەشىر قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان، ئەمما ئۇ ئاتالمىش كىتاۋىنى كۆرەلمەيدىغان ، ھاياتىنىڭ ئاخىرقى دەقىقىلىرىنى ئۆتكۈزىۋاتقان ساددا مۆتىۋەر قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، خۇددىي نائىلاج قالغان تىلەمچىدەك باشقىلارنىڭ ئىچ ئاغرىتىشىنى يىغلاپ تۇرۇپ تىلەپ، مېھرى ئىللىق كىشىلەرنىڭ ھىسداشلىقى ئارقىلىق ھاياتقا تىرەجەپ تۇرۇپ تارتىشىۋاتقان قىياپەتتە خاتىرجەم ياشاۋېرىدىكەن.
مەزكۈر مۇنبەردىكى ‹‹ ئىپپەتسىز شەھەر›› ناملىق شىئېرنىڭ ئۆگەي ‹‹ ئاپتورى›› دەل مۇشۇنداق ساختا قىياپەتتىكى ‹‹ ئاتاقلىق ›› ‹‹ يازغۇچى›› نىڭ بىرىدۇر. بىز شىئېرنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ يازىدىغان، ئاۋامنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئاقىدىغان شائىرلارنىلا ‹‹ شائىر ›› دەيمىز، ھەرگىزمۇ ‹‹ يازغۇچى›› دىمەيمىز. يازغۇچى بىلەن شائىرنىڭ پەرقىنى بىلەلمىگەن ئاقىلنى نىمە دىگۈلۈك؟!
گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەم مەن تۈنۈگۈن بۇ مۇنبەرگە ئەزا بولۇپ كىرىپلا ئۆزۈمنىڭ ئادىتى بويىچە ‹‹ شىئېرىيەت ›› سەھىپىسىگە دىققەت قىلدىم. توساتتىن ‹‹ ئىپپەتسىز شەھەر ›› ناملىق ماۋزۇغا كۆزۈم چۈشتى. مەن ئەستايىدىللىق بىلەن بۇ شىئېرنى ھەم شىئېرغا يېزىلغان ئىنكاسلارنى كۆرۈپ چىققاچ ، بىر تەرەپتىن شادلانسام ، يەنە بىر تەرەپتىن كۆڭلۈم غەش بولدى. چۈنكى بۇ شىئېرنى مەن 2008 - يىلى 4 - ئاينىڭ 11 - كۈنى يېزىپ، ‹‹ دىيارىم›› مۇنبىرىگە بەرگەن ئىدىم. بىراق ئۆگەي ئاپتۇرىنىڭ بۇ شىئېرنى ھېچقانداق ئىزاھاتسىزلا، قىلچە ئۆزگەرتىش كىرگۈزمەستىن ئۆز نامىدا ‹‹ مىسرانىم›› مۇنبىرىدە ئېلان قىلىشى كۆڭلۈمنى غەش قىلغان بولسا ، شىئېرغا يېزىلغان ئىنكاسلار مېنى شادلاندۇردى. ئەمما ئەمگەك مېۋەم بولغان بۇ شىئېرنىڭ بىر ئۆگەي ئاپتۇرنىڭ قولىدا تەمتىرىشى غەزىپىمنى كەلتۈردى. نەتىجىدە مۇنبەردىكى مەلۇم ئەزاغا ئۇچۇر قىلىش ئارقىلىق ئەھۋالنى ئىنكاس قىلىش بىلەن بىرگە ئىلگىرى بۇ شىئېرنى كۆرگەن تورداشلىرىمغا ئۇچۇر قىلىپ ، مۇنبەرنى كۆرۈپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلدىم،ئۇلارمۇ ھەيران قالدى ھەم غەزەپلەندى. مەن بۇنىڭلىق بىلەنلا قالماي بۇ ئۆگەي ئاپتۇرنىڭ ئارخىپىدىن چ چ نومۇرىنى تېپىپ ، سۆزلەشتىم. لېكىن بۇ ئۆگەي ئاپتۇر ئۆزىنىڭ بۇ شىئېرنى بىر ئاي بۇرۇن يازغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ( مۇنبەردىكى ئىزاھاتىغا ئاساسەن) ئېيتىپ، ئۆزىنىڭ خېلى نامى چىققان ‹‹ يازغۇچى›› ئىكەنلىكىنى، مۇشۇ نامدا يېقىندا بىر كىتابىنىڭ نەشىردىن چىقىدىغانلىقىنى پەش قىلدى، ھەتتا مەن ‹‹ مېنىڭ شىئېرىم ›› دەپ تالاشسام ماڭا سەدىقە قىلىۋېتىدىغانلىقىنى ، ئەمما پات يېقىندا نەشىردىن چىقىدىغان كىتابىدا بۇ شىئېرنىڭ بارلىقىنى، ئۇ شىئېرنى بۇ كىتابتىن چىقىرىۋېتىشكە ئۈلگۈرمەيدىغانلىقىنى ، بۇ شىئېرنىڭ يەنىلا ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ چىڭ تۇردى.
دەسلەپتە بۇ ئۆگەي ئاپتۇرنىڭ كېسەللىكىگە قاراپ ئۇنىڭغا ھىسداشلىقىم كەلدى ، بىراق سۆزلىشى جەريانىدا ئۇنىڭ ئۆزىنى ساختا كېسەللىك بىلەن پەردازلىغىنىنى سېزىپ قالدىم . چۈنكى بىرىنچىدىن شىئېرنىڭ مېنىڭ ئىكەنلىكلىدە گەپ يوق، چۈنكى بۇ شىئېرنى مەن خېلىلا ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ يازغان ھەم ‹‹ دىيارىم›› مۇنبىرىدە ئېلان قىلغان. شۇ چاغدىكى مۇنبەر ئەزالىرىمۇ بۇ شىئېرنى ياخشى بىلەتتى. ئىككىنچىدىن ئۆگەي ئاپتۇرنىڭ تاققا ـ تۇققۇ سۆزلىرى ئۇنىڭ كۆڭلىدە ‹‹ جىن ›› بارلىقىنى چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە قاپقارىلا ساۋادسىزلىقى چىقىپ تۇراتتى. بولۇپمۇ مەزكۈر مۇنبەردىكى بىر ئەزانىڭ ‹‹ بۇ شىئېرنى بۇرۇن بىر يەردە كۆرگەندەك قىلىمەن ، ئوغۇرلانغانلىقى ھەققىدىمۇ مۇنازىرە قىلىنغاندەك ئېسىمدە بار، ئاپتۇر بىر چۈشەنچە بېرىۋەتكەن بولسا بوپتىكەن ›› دىگەن ئىنكاسىدىن كېيىنلا بۇ ھازازۇل ئۆگەي ئاپتۇر ئۆزىنىڭ قولاشمىغان جۈملىلىرى ، ئەمدىلەتىن ساۋادى چىقىۋاتقان باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەت ئىملاسىدەك قالايمىقان سۆز ـ ئىبارىلىرى بىلەن مۇنداق ئىزاھات بەرگەن ( مەن تورداشلارنىڭ ئەھۋالنى ئەينەن چۈشىنىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىزاھاتىنى رەسىمگە تارتىۋېلىپ سۆزمۇ سۆز ، ئىملامۇ ئىملا ئەينەن ئالدىم
‹‹ ئەسىلام تور خۇمار ئەزىز ئۇيغۇر قانقىرىنداشلىرىم مەن كىسەل سەۋەبىبىلەن ھازىر ئۈرۇمچى شەھەرلىك دوختۇرخاندا داۋالىنۋات قان مەن تور غمۇ چىقمىغلى 2ئايدىن ئاشقان مەن بۇ شېئىرنى يازغلى 1 ئاي بولغان. مەن يازغان شېئىر دەك ئىشلار مەن دە بۇرۇن يۇز بەرگەن شۇڭا قرىن داشلرىمغا شېئر ئار قىلىق نەسىيەت بەر مەكچى ئىدىم مىنى توغا چۈشىنشىڭلار نى چىن قەلپىمدىن ئۈمۈت قلمەن . مەندەك مۇھابەت نىڭ قۇربانى بۇلۋاتقان ئۇيغۇر قرىنداشلىرمنىڭ تۈگشىپ چۈشكۈن لىشىپ كىتىشگە بىزلەرنى مۇ مەسۇلىيىتىمىز با . مەن ئاشقازان راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا تۇرۋاتقان تور دىشڭلارنىڭ نەھسىيتى خوش خۇداغا ئامانەت بۇ شېئىرنى مۇنبەرگە يول لىغان .....››
مانا قاراپ باقساقلا بۇ ئۆگەي ‹‹ يازغۇچى›› نىڭ قانچىلىك قىينىلىپ يۈرۈپ ئۆزىنى پەردازلىغانلىقى چىقىپلا تۇرىدۇ. بىر تۇرۇپ ئويلىنىپ قالدىم ‹‹ ئەگەر ئۇ راستىنلا ئاشقازان راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان، نەپەس ئېلىشى قىيىنلىشىپ ، ئەزرائىل يېقىنلاپ كەلگەن بولسا دوختۇرخانىدا يېتىپ تۇرۇپ، كومپىيوتېرنى ئالدىغا قويۇپ، ئاق خالاتلىق پەرىشتىنىڭ لىققىدە كۆز ياشلىرى ئىلكىدە ئۇنىڭ ياردىمى بىلەن مۇنبەرگە بۇ ئىزاھاتنى يازغۇچە كۈچەپ كەتكەن بولسا( خۇددىي ئۇرۇشقا قاتناشقان ئەسكەرلەر ئوق تەگكەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرىنى ئېيتقاندەك) خەت ئىملاسى، سۆزلىرى شۇنداق باغلانماي قالغانمىدۇ؟ بىچارە بۇنداق قىينالغۇچە ئىزاھاتنىڭ ئورنىغا ئۆزىنىڭ ئۆتۈنىشىنىلا يازغان بولسىچۇ؟
ئەي ‹‹ يازغۇچى ›› ئىنىم ، بىلىپ قويۇڭكى سىز تىلەمچى ئەمەس ، ھەم سىز ئاشقازان راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدىكى ئاخىرقى دەقىقىنى ئۆتكۈزىۋاتقان بىمارمۇ ئەمەسسىز !!!تىلەمچى بولغاندىمۇ باشقىلاردىن پۇل ، ئاش ـ نان ، كېيىم ـ كېچەك .... دىگەندەك لازىملىق نەرسىلەرنى تىلىسىڭىز بولىدۇ، لېكىن ھىسداشلىق ، ئىچ ئاغرىتىشنى تىلىسىڭىز بولمايدۇ. سىز ھەقىقەتەن ئاشقازان راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدىكى ئاخىرقى دەقىقىنى ئۆتكۈزىۋاتقان بىمار بولسىڭىز سىز تىلىمىسىڭىزمۇ ھىسداشلىق ، ئىچ ئاغرىتىش، مېھرى ـ مۇھەببەت دىگەن سىز ئۈچۈن تۆكمە بولۇپ كېتىدۇ چۈنكى خەلقىمىزنىڭ يۈرىكى بۆرەك يېغىدىنمۇ يۇمشاق، باغرى ئالەمدىنمۇ كەڭرى. ئەگەر سىز ھەقىقەتەن شىئېر يازىدىغان، بىرنەچچە كىتابىڭىز ئېلان قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان يېتىلگەن ‹‹ يازغۇچى›› بولسىڭىز بۇ نۇقتىنى ناھايتى ياخشى چۈشىنەتتىڭىز ، بىراق سىزدە ئۇنداق ئىقتىدارلا ئەمەس بەلكى ئۇنداق سېزىممۇ يوقتەك قىلىدۇ. ئىنىم سىزگە تەۋسىيە قىلىدىغىنىم ئۆز قىممىتىڭىز بىلەن ياشاشنى بىلىڭ، ئەگەر ھەقىقەتەن ئاشۇنداق بىمار بولسىڭىز ئاشۇ ئاخىرقى دەقىقىلەرنى ساختىپەزلىك ، جاھىللىق بىلەن ئەمەس، بەلكى توۋا ئىستىغپار بىلەن ئۆتكۈزۈپ ، ئىززەت ـ ھۆرمىتىڭىز بىلەن كېتىۋېلىڭ. ئەگەر كېسەل ساختا بولسا بىرەر پارچە سۆڭەك ئۈچۈن ئۆزىڭىزگە ئۆلۈم تىلىمەي ئەقلى ـ ھۇشىڭىز بىلەن ئۈممىتۋار ياشاڭ. بولامدۇ؟
ئەركەك سۇ