ئەخەت يۈسۈپ بىلەن دىلشات بىرلەشتى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم بارلىق مۇنبەر ئەھلى كەمىنە تاڭنۇردىن سىلەرگە سالام ،مەن نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئەزىزانە غۇلجا دىيارىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئەخەت يۈسۈپنىڭ غۇلجا بىلەن ئۈرۈمچى ئارلىقىدىكى 700 كىلومىتىر مۇساپىنى تۆمۈر ئاياغ ئارقىلىق پىيادە باسماقچى بولغانلىقىنى ھەمدە ئۆزىگە ھەمرا بولۇپ قىيىنچىلىققا باش ئەگمەي مۇساپىنى بىللە تاماملىيالايدىغان ئىرادىسى كۈچلۈك پىدائى ھەمرا قىلماقچى بولغانلىقىنى يېزىپ ئۆتكەن ئىدىم .
مانا ئەخەت يۈسۈپنىڭ سەپەرگە ئاتلىنىش ۋاقتىنىڭ يېقىنلاپ كىلىشىگە ئەگىشىپ يەنە بىر خوش - خەۋەر يىتىپ كەلدى ،
ئۇ بولسا تېخى يېقىندا ئۆزىنىڭ پۇتپول تىپىپ شىنجاڭنى ئايلانماقچى بولغان بىراق بەزى سەۋەپلەر تۈپەيلى مۇساپە دائىرسى شىمالى شىنجاڭ بىلەن ئاياغلاشقان ، شىنجاڭ پۇتپولچىلىقى ئۈچۈن زەرىچە كۈچ قۇشالىسام بۇ مېنىڭ ئەڭ خۇشاللىق شەرپىم دىگەن شۇئارنى ئۆزىگە ھەمرا قىلىپ جاپالارغا باش ئەگمەي ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يېڭىلمەس روھىنى نامايەن قىلغان ،بارغانلا يېرىدە مىھماندوسىت ئاقكۆڭۈل قېرىنداشلارنىڭ قوللاپ - قۇۋەتلەپ مەدەت بىرىشى ئاستىدا 17 ياشلىق نەۋرە ئىنسى بىلەن پۇتپول ئەلچىسى دەپ ئاتالغان دىلشات بۇ قېتىمقى ئەخەت يۈسۈپنىڭ سەپىرىگە ھەمرا بولۇپ قولنى - قولغا ، مۆرىنى - مۆرىگە تىرەپ بۇ قېتىمقى تۆمۈر ئاياغ سەپىرىنى باشلىماقچى ، بۇ قېتىمقى سەپەر ئىككى ئەزمەتنىڭ ئىرادىسىنى سىنايدىغان ، مۈشكۈل ھەم شەرەپلىك ۋەزىپىدۇر ، ئىككىسىنىڭ بىللە سەپەرگە ئاتلىنىشى بىر - بىرسىنى قوللاپ مەدەت بىرىپ ياردىمىنى ئايمايدىغان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تىپىك مىسالىدۇر ،
مەن بۇ تېمىنى يېزىشتىن سەل بۇرۇن بۇ ئىككى ياش بىلەن تېلېفۇن ئالاقىسى قىلىپ ئاندىن بۇ تېمىنى يازدىم ، قارىسام ئىككىسىنىڭ روھى ھالتىمۇ شۇنداق كۆتۈرەڭگۈ ، ھەر بىر ئېغىز سۆزىدىن بۇ مۇساپىگە بولغان قىزغىنلىقىنىڭ يۇقۇرلىقىنى بىلىپ يەتتىم ،
ئەخەت يۈسۈپنىڭ سەپىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ ئىلھام - مەدەت قوللاشلىرىنى ئايماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن !
ئەخەت يۈسۈپنىڭ تېلفۇن نۇمۇرى == 13399999007
ئاللاھ خالىسا دىلشاد بىلەن ئەخەت يۈسۈپ چوڭ ئۆزگۈرۈش بولمىسا 13- چىسىلا غۇلجىدىن يولغا چىقىدۇ ....
ئاخىرىدا بۇ ئىككى قېرىندىشىمىزنىڭ سەپىرىنىڭ مۇۋەپىقىيەتلىك ئاياغلىشىپ ، شەرەپ بىلەن قايتىپ كېلىشىنى ئۈلۈغ ئاللاھدىن تىلەيمەن
مەن بۇ ئىككى قېرىندىشىمىزنىڭ سەپەر جەريانىدىكى خەۋىرىنى ئامال بار يەتكۈزۈپ تۇرىمەن
مەنبە----- تاڭنۇر