____________________________
«ئەلبەھرە» تورىدىن بەھرە ئالغايسىزلەر
ئەرنىڭ غېمى ئەلدە.
دىققەتنى تارتىپ تۇرغان ئېقىم مەسىلىلىرى، بولۇپمۇ جەمئىيەتنىڭ تۈرلۈك ساھە ۋە قاتلاملىرىدىكى قارغىش تەگكۈر رېئاللىقلار ھەققىدە ئويلىغانلىرىڭىز، دېمەكچى بولغانلىرىڭىز، دېيەلمىگەن گەپلىرىڭىز بارمۇ؟ كۆڭلىڭىزدىكى گەپلەر دېيىلگەن يازمىلاردىن بەھرە ئالغىڭىز بارمۇ؟
يۈرىكىڭىزدىكى گەپلىرىڭىزنى، تاققا-تۇققا پاراڭلىرىڭىزنى ئېيتىپ، دوستلىرىڭىز بىلەن سىرداشقىڭىز، روھىيىتىڭىزنى تاۋلىغىڭىز بارمۇ؟
خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا ئەل-ئاۋامغا بىۋاستە بەھرە-نەپ، مەنپەئەت يېتىدىغان قانۇن-سىياسەت ساۋاتلىرىدىن خەۋەردار بولغىڭىز بارمۇ؟
شۇنداق ئارزۇ-ئۈمىدلىرىڭىز بولسا، ئەلبەھرى تورىدا ئەمەلگە ئاشقۇسى!
خەلقىمىزنىڭ كۈنسىرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ماددىي ۋەمەنىۋىي ئېھتىياجلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ قۇرۇلغان «ئەلبەھرە» تورى تورداشلارنىڭ زىيارەت قىلىشىغا ئېچىۋېتىلدى. بېكەت ئادرېسى:
http://www.elbehre.com
«ئەلبەھرە» تورىنىڭ سەھىپىلىرى ۋە ئېلان قىلىنىدىغان تېما دائىرىسى مۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلدى:
«ئوبزور ۋە فېليەتونلار» سەھىپىسى:
بۇ سەھىپىگە تورداشلار گېزىت-ژورنال، كىتاب ۋە توردۇنياسىدىن تاللاپ تەۋسىيە قىلغان ياكى ئۆزلىرى يازغان، تەرجىمە قىلغان فېليەتونلار، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ مۇھىم تەرەپلىرى، يەنى دىققەتنى تارتىپ تۇرغان ئېقىم مەسىلىلىرى، بولۇپمۇ جەمئىيەتنىڭ تۈرلۈك ساھە ۋە قاتلاملىرىدىكى قارغىش تەگكۈر رېئاللىقلار، زامان ئىللەتلىرى، جاھالەت، خىيانەت، يالغانچىلىق،ساختىپەزلىك، ئالدامچىلىق، ئاچ كۆزلۈك، نائەھلىلىك، ئۆكتەملىك ۋە زوراۋانلىق،زالىملىق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش رەزىللىكلەر، تۈرلۈك نوقسان-ئىللەتلەر قامچىلانغان يازمىلار يوللىنىدۇ.
«تاققا-تۇققا پاراڭلار» سەھىپىسى:
بۇ سەھىپىگە جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك ئىشلار ۋە ھادىسىلەر توغرىسىدىكى كۆز قاراشلار، مۇنازىرە قىلىشقا تېگىشلىك دەپ قارالغان مەسىلىلەر توغرىسىدىكى تېمىلار قاتارلىقلار يوللىنىدۇ.
«ئەلگە نەپ» سەھىپىسى:
بۇ سەھىپىگە سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت-مائارىپ،داۋالاش-سەھىيە، ئەمگەك-ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مەمۇرىي باشقۇرۇش، ئەدلىيە-دەۋاقاتارلىق تۈرلۈك ساھەلەردە ئەل-ئاۋام بىۋاستە بەھرە-نەپ، مەنپەئەت ئالىدىغان سىياسەت-بەلگىلىمىلەرنى چۈشەندۈرۈش ئاساس قىلىنغان يازمىلار، قانۇن-نىزام ئۇچۇرلىرى، قانۇن-نىزاملار، قانۇن-سىياسەتلەردىن ساۋاتلار، قانۇن-سىياسەتلەردىن مەسلىھەتكە دائىر تېمىلار يوللىنىدۇ.
ئۇنىۋېرسال سەھىپە:
بۇ سەھىپىگە تورداشلار گېزىت-ژورنال، كىتاب ۋە توردۇنياسىدىن تاللاپ تەۋسىيە قىلغان ياكى ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىيىتى بولغان تۈرلۈك ژانىردىكى ئەسەرلەر، جۈملىدىن ھېكايە، شېئىر، مەسەل-چۆچەك، ئەپسانە-رىۋايەتلەر، تۈرلۈك تەلەپ-پىكىر، تەكلىپ-تەۋسىيەلەر، يېڭىلىق ۋە ئۇچۇرلار، پەندى-نەسىھەت، ئەخلاق تەربىيە توغرىسىدىكى تېمىلار، يازغۇچى-شائىرلار، ئالىملار، سىياسىئونلار ۋە ھەركەسىپ-ھەرساھەدە كۆزگە كۆرۈنگەن تۆھپىكار شەخسلەر تونۇشتۇرۇلغان يازمىلار قاتارلىقلار يوللىنىدۇ.
«ئۇنى-بۇنى ئوقۇش خاتىرىلىرى» سەھىپىسى
بۇ سەھىپىگە كىتاب، گېزىت-ژۇرنال ۋە تور دۇنياسىدىكى تۈرلۈك ئەسەرلەرنى ئوقۇشتىن ئالغان تەسىراتلىرى ياكى قالدۇرغان خاتىرىلىرى، ئەسەرلەردىن تاللانغان تەپەككۇر جەۋھەرلىرى يوللىنىدۇ.
«ئاۋازلىق ئەسەر ۋە ناخشا-مۇزىكا» سەھىپىسى:
بۇ سەھىپىگە ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە ئەدەبىيات-سەنئەتكە ئائىت ئېلكىتابلار، نادىر ناخشا-مۇزىكىلار يوللىنىدۇ.
قېرىنداشلارنىڭ بېكىتىمىزنى زىيارەت قىلىشىنى، پىكىر-تەكلىپ بېرىشىنى، ئەل-ئاۋام بەھرە-نەپ ئالالايدىغان، ئەلگە پايدىلىق يازمىلارنى يوللىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
مەنبە: ئەلبەھرە تورى