مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1838|ئىنكاس: 28

ئەركەك بولساڭ مىنى ئايىغىن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

توغرا يول ھەمىشە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23323
يازما سانى: 799
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13884
تۆھپە نۇمۇرى: 570
توردا: 312 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 02:11:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                  
ئەركەك بولساڭ مىنى ئايىغىن

مەندىن كۆڭۈل سوراپ قانمىغان ،
«مەھبۇبەم »دەپ ھالىڭ قالمىغان ،
ئەينى ۋاقتا ئۆزەڭ تاللىغان ،
بىرسى مىنى ساڭا تاڭمىغان ،
ئەركەك بولساڭ مىنى ئايىغىن ....

تەنتەنىلەر ھەريەرگە كەتتى  ،
بېشىڭ گۇيا كۆكلەرگە يەتتى ،
دوستلىرىڭ ھەم شىرمەت كۆرسەتتى ،
«بوسۇغاڭ»غائەمدى دەز كەتتى ،
ئەركەك بولساڭ مىنى ئايىغىن .....

سىنى تادان كۆرۈپ ئىشەنگەن  ،
«بەل باغلىغان ئەركەك »-چۈشەنگەن ،
ئۆزەم خالاپ ساڭا چۈشەلگەن ،
مەيلى جېنىم پىدا -دەپ كۆنگەن ،
ئەركەك بولساڭ مىنى ئايىغىن ....

نىكاھ نىمە- سىنىڭ ئىلكىڭدە ؟
ئايال نىمە - سىنىڭ بىلگىڭدە ؟
غورۇر  لىقمۇ قېنىڭ - ئىلىكىڭدە ؟
تېرىق ئىمان بولسا يۈرىكىڭدە ،
ئەركەك بولساڭ مىنى ئايىغىن .....

نىمە دىسەڭ «لەببەي »دەپ تۇرسام ،
گۇناھىڭغا ھەم كۆزۈم يۇمسام ،
دوزاخ تامان ھەمسەپەر ماڭسام ،
خوش بولامسەن «ساراڭ »ئاتالسام ،
ئەركەك بولساڭ مىنى ئايىغىن ....

ساڭا كۆڭۈل ئاتاشتىن ئاۋال ،
ھەققە كۆڭۈل قويغان، بىلىۋال،
ئازغۇنلارچە تاپقۇم يوق زاۋال ،
قۇچاي دىسەڭ مەن بىلەن كامال ،
ئەركەك بولساڭ مىنى ئايىغىن .....

قەھىر قىلساڭ سىنى كەچۈردۈم ،
تىل ياراڭنى دىلدىن ئۈچۈردۈم ،
يۆلىكم دەپ ماختاپ ئۇچۇردۇم ،
«نۇقسانلىرى يوق »دەپ كۈچەندىم ،
ئەركەك بولساڭ مىنى ئايىغىن ....

جېدەل بولسا  ،ئاغزىڭ بەك چەبدەس  
دەيسەن دائىم «ئاجرىشىمەن بەس»،
سىنى قىلغۇم يوق «خوتۇنپەرەس »،
بەزەن مەنمۇ غەزىۋىم پەۋەس ،
ئەركەك بولساڭ مىنى ئايىغىن ....

قىلىقلىرىڭ بەزى كىچىكچە  ،
كۆرسىتىسەن ھەتتا كۈچۈكچە ،
ئۇيۇنخۇمارلىقىڭ كېچىچە ،
تەۋبەڭ يوقمۇ ھەتتا ئۆلگۈچە ،
ئەركەك بولساڭ مىنى ئايىغىن ....

يالۋۇردى دەپ ئەسلا  چۈشەنمە،
قورقۇتتۇم دەپ خاتا ئىشەنمە ،
شەيتىنىڭنى تىزدىن كىشەنلە ،
كام ئەقىللەر قىلمىسۇن ھەملە ،
ئەركەك بولساڭ مىنى ئايىغىن ....

ياخشىلارنى ئىزدىگىن تاپقىن ،
ئىمانىڭنى -زىھنىڭنى ئاچقىن ،
كۈيۈمىڭنى بارچىگە چاچقىن ،
ھۆرمەت ساڭا بولىدۇ تاشقىن ،
ئەركەك بولساڭ مىنى ئايىغىن .....

ئازماس ئىنسان بولمايدۇ ئەسلى ،
بىزمۇ ئۇلۇغ -*ئادەم -نىڭ نەسلى ،
ئائىلىمىز---- ئىناقلىق ۋەسلى  ،
بېشىڭغا كەلمەستە خازانلىق پەسلى ،
ئەركەك بولساڭ مىنى ئايىغىن .....


مەنبە : ئۆز تىلىم
2011-يىل 10-ئاينىڭ 10-كۈنى

*ئادەم -ئادەم ئەلەيھىسسالام

ھازىرغىچە 5 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
shutup514 + 10
fazlidin + 20 ئىسىل چىقىپتۇ .
fatima + 200
OTYAK + 200
abrar315 + 10 ياخشى يىزىپسىز.

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 440   باھا خاتىرىسى

ئىنساننىڭ ئاغزىنى پەقەت تۇپراقلا تولدۇرىدۇ .

جەننەت ۋە دوزاخ _

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25248
يازما سانى: 995
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 21908
تۆھپە نۇمۇرى: 1462
توردا: 5106 سائەت
تىزىم: 2011-1-6
ئاخىرقى: 2014-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 10:13:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرلا بولسا نىكاھنىڭ نېمىلىكىنى چۈشىنىۋەرمەيدۇ.....ئسلامنى چۈشەنمىسە.....كېچىلەپ كېچىلىك سورۇنلاردىن كەلمەيدىغانلار بىلەن ئوقۇلغان نىكاھىڭىز نىكاھ بولدىمۇ ياكى بولمىدىمۇ بىر نېمە دېمەكمۇ تەس جۇمۇ....
نىكاھ ئوقۇلغاندىن كېيىن ئاياللار ئۆتكۈزگەن گۇناھنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئەرگە ئارتىلىدۇ ..ئالدىم دېگەن گەپ نىكاھتىن كېيىن شۇ قىزنىڭ بارلىقىنى قۇشۇپلا ئالغانلىق بولىدۇ، بەختى،خوشاللىق ساغلاملىقى،ياكى ئاغرىق سىلاق ،ئۆتكۈزگەن گۇناھ ھەممىسىنى ئالغانلىق بولىدۇ....

بەختىمنى ئاللاھتىن تىلەيمەن.

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58376
يازما سانى: 315
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4161
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1195 سائەت
تىزىم: 2011-9-28
ئاخىرقى: 2012-7-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 10:22:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز، راست ھەقىقەت بەزى ئەرلەر يۈرۈۋالغۇچە،ئېلىۋالغۇچە نېمە دېسەڭ شۇ دەيدۇ، بىراق ئېرىشىۋالغاندىن كېيىن، كوچىدىكى چىرايلىقلارغا قاراپ يۈرىيدۇ، شۇڭا ئاللا ئۇلارغا ئىمان، ئىنساپ ئاتا قىلسۇن. خەقلەرنى تۈزەيمەن دىمەي ھەممە ئەركەك ئۆزىگە تەئەللۇق بولغان بىرىگە ئېگە بولسا، جاھان بۇزۇلمايدۇ.

كىملەرنىڭ ئەزىزلىرى كىملەرگە خار بولمىغان.
ئادەمدەك ياشاش قىيىن، بىراق ئادىمىيلىكى بىلەن ياشاش تېخىمۇ قېيىن.

بەختىمنى ئاللاھتىن تىلەيمەن.

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58376
يازما سانى: 315
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4161
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1195 سائەت
تىزىم: 2011-9-28
ئاخىرقى: 2012-7-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 10:24:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياقتۇردۇم. قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن، ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىدىكى گەپلەركەن بۇ.......

كىملەرنىڭ ئەزىزلىرى كىملەرگە خار بولمىغان.
ئادەمدەك ياشاش قىيىن، بىراق ئادىمىيلىكى بىلەن ياشاش تېخىمۇ قېيىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28007
يازما سانى: 268
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9679
تۆھپە نۇمۇرى: 1010
توردا: 2544 سائەت
تىزىم: 2011-1-27
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 10:32:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئسل شېئىركەن،ئىسىل.كۆڭۈلدىكى گەپلەر.مۇشۇندا ئىسىل تېمىلار بولسا مۇنبەردىن ئايىمىغايسىلەر.رەھمەت.

ئۆتمە نامەرت كۆۋرۈكىدىن سۇسىنى ئاقتۇرسىمۇ
يىمە نامەرت ئېشىنى ئاچلىق سىنى ئۆلتۈسىمۇ.

بىلمىگەنلەر--›بى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32716
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4193
تۆھپە نۇمۇرى: 643
توردا: 1231 سائەت
تىزىم: 2011-3-5
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 10:40:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چىن ھىسيات دىگەن قەلەمنى چىشلەپ ئولتۇرغانغا كەلمەيدۇ ،بەلكى مۇش ۇنداق رىئاللىقتىكى چىن ھىسياتتىن يۈرەكنىڭ سۇيىنى سىقىپ چىقىدۇ!
ھەقىيقەتەن ياخشى چىقىپتۇ.

بىر مىنوتنى ئامانەتكە قويالىسام گەر،جان ھەلقۇمغا يەتكەندە شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتىۋالسام...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50194
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3706
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1275 سائەت
تىزىم: 2011-8-2
ئاخىرقى: 2011-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 10:40:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل شىئېر ئىكەن ، ئەرلەر كۆپرەك دىققەت قىلىڭلار......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15414
يازما سانى: 852
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10845
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 2424 سائەت
تىزىم: 2010-10-27
ئاخىرقى: 2013-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 11:23:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياقتۇردۇم،ھەقىقەتەن كۆڭۆلدىن چىققان گەپلەر.................

ياخشى بولساڭ ئېشىڭنى يەيسەن ،يامان بولساڭ بېشىڭنى يەيسەن!      

ئوتياق

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13482
يازما سانى: 3785
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16600
تۆھپە نۇمۇرى: 1089
توردا: 637 سائەت
تىزىم: 2010-10-11
ئاخىرقى: 2014-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 11:56:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جەمىيەتتىكى بىر قىسىم ئەركەكلىرىمىزنىڭ جانلىق كارتىنىسى ئىكەن.

ئۆتكەن ھەر بىردە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 154
يازما سانى: 3490
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3980
تۆھپە نۇمۇرى: 2936
توردا: 10842 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 12:01:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چىن ھىسيات بىلەن سۇغرۇلغان مىسرالىرڭىزدىن بەك سۈيۈندۈم.بەزى ئائىيلىسى باللىرى بىلەن كارى بولماي ئۇيۇنغا باشچىلاپ كىرشىپ كەتكەن ئەرلىرمىزنىڭ ئوبرانى ياخشى يارتىپ بىرىپسىز.ئاياللارنىڭ يەنىلا ئىنتايىن قەيسەر ھەم چىدامچان بولغىنى ياخشى.

ھاياتتىكى ئەگرى تۇقايلىقلاردىن قورقۇپ قالماي قەيسەرلىك بىلەن ياشايمەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش