بىمەنىلىك
شەن ياڭشېڭ
ئەتراپىمىزدا ئاجايىپ ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ، بەزى ئىشلارنى كۆرگەندە نېمە دېيىشىمىزنى بىلەلمەي قالىمىز، ھەتتا بەزى بىمەنىلىكلەرگە كۆنۈپمۇ قالىمىز:
شىركەت خادىمى ئىشخانىسىغا تاماكا چەكلەش ئەسكەرتمىسىنى چاپلىماقتا، ئەمما تاماكا چىشلەكلىك.
‹‹چاكارلار›› ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ، ‹‹ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى ئىشلىتىشنى ئازايتىش مۇھاكىمە يىغىنى››غا ماڭماقتا.
توي خاتىرە كۈنىنى ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇپ كەتكەن كىشىلەر ئاشىق - مەشۇقلار بايرىمىنى ئۆتكۈزۈش بىلەن ئالدىراش.
‹‹قانۇننى مەدەنىي ئىجرا قىلىش، قىزغىن مۇلازىمەت قىلىش›› دېگەن خەت بېسىلغان مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئاپتوموبىلى چار بازارچىنىڭ يايمىسىنى دەسسەپ ماڭماقتا.
پىكىر ساندۇقى ئاللىبۇرۇن داتلىشىپ كەتكەن ئۇنى ئاچىدىغان ئادەم يوق.
ئەرز - شىكايەت تېلېفۇنى، ئاممىغا قولايلىق قىززىق لىنىيە تېلېفۇنىنى ئالدىغان ئادەم يوق، ھەتتا بەزىلىرى ئاللىبۇرۇن بوش نومۇرغا ئايلىنىپ كەتكەن.
باجگىر رېستۇراندا تاماق يەپ، بەش يۈەن تۆلىمەسلىك ئۈچۈن تالۇن ئېلىشتىن ۋاز كېچىدۇ.
خالىسانە قان تەقدىم قىلىش ئاپتوموبىلىدا ئولتۇرغان سېستىرانىڭ خالىس قان تەقدىم قىلغىنىنى كۆرگىلى بولمايدۇ.
يېقىننى كۆرەلمەسلىك ئوپېراتسىيىسىنى قىلىۋاتقان دوختۇر يەنىلا كۆزئەينەك تاقاقلىق.
مەكتەپ ئاشخانىسىنىڭ ئاشپىزى ھەر كۈنى ئۆيىدىن ئەپكەلگەن تاماقنى يەيدۇ.
ئوغرى نەشىر بويۇملىرىغا زەربە بېرىدىغان خىزمەتچى ئۇرۇق - تۇققانلىرىنى توسىمايدۇ، تېخى ئۆزىمۇ ئوغرى نەشىر بويۇملىرىنى سېتىۋالىدۇ.
‹‹خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى››دېگەن ۋىۋىسكا ئېسىلغان ھۆكۈمەت ئورگىنىغا پۇقرالارنىڭ كىرىپ - چىقىشى ناھايىتى تەس.
ئوقۇتۇش قوشۇمچە ماتېرياللىرىنى تەييارلايدىغان داڭلىق ئۇستاز بالىسىغا ھېچقانداق ئوقۇتۇش قوشۇمچە ماتېرياللىرىنى ئالدۇرمايدۇ.
داڭلىق مەھسۇلاتلارنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان چولپانلارنىڭ ئۆزى داڭلاۋاتقان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەتكەنلىكىنى كۆرگىلى بولمايدۇ.
ئېكىسپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلار دۆلەت ئىچىدە ناھايىتى بازارلىق، ئەمما دۆلەت ئىچىگە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ چەتئەل بوسۇغىسىدىن ئاتلىمىقى بەسى مۈشكۈل.
ئېسىل خۇرۇم كىيىم - كېچەكلەرنى كىيگەن چولپانلارنىڭ ھايۋانات قوغداش توغرىسىدىكى ئاممىۋى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىۋاتقانلىقىنى دائىم كۆرگىلى بولدۇ.
ۋېلىسىپىتلىق كېتىۋاتقان كىشى ‹‹ئۆي قۇلى››غا ئايلىنىپ قالدى، داڭلىق ماركىلىق پىكاپ ھەيدىگەن كىشى ئەرزان - قولاي ئۆيگە كىرمەكتە.
نامرات ناھىيىنىڭ ھۆكۈمەت بىناسى ھەشەمەتلىكى، مودىلىقى بىلەن كۆزنى قاماشتۇرىدۇ.
مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ خىزمەت بىنالىرىدىن ئەمالار يولى ۋە مېيىپلەر مەخسۇس يولىنى تاپماق تەس.
پالچى شەھەر باشقۇرغۇچىلارنىڭ قاچان قوغلايدىغانلىقىنى بىلەلمەيدۇ.
بىزمۇ باج تاپشۇرغۇچى، بىراق بەزىلەرنىڭ پۇلىمىزنى خالىغانچە ئىشلىتىۋاتقانلىقى، ھەتتا بۇزۇپ - چېچىۋاتقانلىقىنى كۆرسەكمۇ، يەنىلا ‹‹باج تاپشۇرۇش شەرەپلىك›› دەپ كۈلۈمسىرەشكە مەجبۇر بولىمىز.
مەنبە:قانۇنچىلىق گېزىتى
ئىملاغا دىققەت قىلسىڭىز !