مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2749|ئىنكاس: 3

ئاتا-ئانىلارنىڭ باللىرى ئالدىدىكى مەسئۇلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55118
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2104
تۆھپە نۇمۇرى: 550
توردا: 2965 سائەت
تىزىم: 2011-9-7
ئاخىرقى: 2012-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-9 09:43:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ......داۋامى.....
    ئاتا-ئانىلارنىڭ باللىرى ئالدىدىكى مەسئۇلىيتى بولسا،تۇغۇلغان ۋاقتىدا ياخشى مەنىلىك
مەسخىرە تىمىسى بۇلمىغۇدەك ئىسىملارنى قۇيۇشتىن باشلىنىدۇ.كىيىن ئىمكانىيتىنىڭ يىتىشچە
ياخشى كىيىندۈرۈپ،ياخشى يىگۈزۈش، ئوبدان تەربىيىلەش،دىنى ئۆگىتىش،پەرزەنىتلەر
ئارسىدا ئايرىمىچىلىق قىلماسلىق،ئادىل بۇلۇش،ياخشى ئوقۇتۇش ياكى بىرەر ھۈنەر
ئۆگىتىش ئۇلارنى ئۆيلۇك-ئۇچاقلىق قىلىش.... قاتارلىقلار كىلىدۇ .
      بۇلۇپمۇ ياخشى تەربىيىلەش ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى بۇلۇپ
ھىساپلىندۇ. سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز(س ئە ۋ) بۇ ھەقتە «ھىچبىر دادا بالىسىغا
گۈزەل تەربىيەدىنمۇ ئارتۇق سوۋغات بىرەلمەيدۇ.» (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)
دېگەنىدى.ياخشى تەربىيە بىرىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ياخشى ئۆرنەك بۇلۇش
كىرەك. بالىغا «قىلما، ئەتمە»دەپ مىسال كەلتۈرگەننىڭ ئورنىغا، ئاتا- ئانا ئۈزى
باش بۇلۇپ شۇ ئىشنى قىلماسلىقى كىرەك. پەرزەنىتلەرنىڭ نەسىھەتتىن كۆپراق
ياخشى ئۈلگىلەرگە ئىھتىياجى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا- ئانىلارمۇ پەرزەنىتلىرگە
باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش ھەققىدە تەربىيە بەرگەن ۋاقىتتا، ياخشىلىق قىلىپ-
قىلمىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنشى لازىم. مەسلەن« بالام ، غەيۋەت قىلساڭ يامان
بۇلىدۇ» دەپ قۇيۇپ،ئارقىسىدىن ئۈزى غەۋەت قىلغاندا، بۇ تەربىيىينىڭ ئۈنۈمى
بولمايلا قالماستىن، ئەكسىچە بالا ئىككى يۈزلىملىككە ئۈگىنىپ قالىدۇ.
  ئۇنىڭدىن باشقا، باللار ئاتا- ئانىللىردىن ئۈلگە ئالغانلىقى ئۈچۈن ،كەلگۈسىدە
ئاتا-ئانا بۇلۇشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى ئۇلاردىن ئۈگىنىدۇ.
  ئابدۇللاھ ئىبنى ئۈمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ.«كىچىك
ۋاقىتلىرىم ئىدى.پەيغەمبىرمىز بىزنىڭ ئۆيگە كەلگەن ئىدى.ئانام مىنى چاقىرىپ؛
''كىلە ساڭا بىر نەرسە بىرىمەن''دىدى. پەيغەمبىرىمىز ئانامدىن؛''بالىغا نىمە
بەرمەكچىدىڭ؟ '' دەپ سورىدى. ئانام جاۋابەن''خورما بەرمەكچىدىم'' دىدى.
بۇنىڭ بىلەن پەيغەمبىرىمىز؛ ''ئەگەر بالىنى ئالداپ،بىرنەرسە بەرمىگەن بولساڭ،
ساڭا يالغان سۆزلەش گۇناھى يېزىلاتتى''دىدى.»(ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان)
      پەيغەمبىرمىز (س ئە ۋ)بۇ يەردە مۇنداق بىر نۇقتىنى تەكىتلىگەن؛ ئاتا-
ئانىلار ئۇرۇندىيالمايدىغان ئىشلار ھەققىدە باللىرىغا ۋەدە بەرمەسلىگى كىرەك.
بولمىسا،ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرى يالغان سۆزلەشتەك بىر گۇناھنى قىلغان بۇلىدۇ.
ھەمدە باللارغا يامان ئۈلگە بۇلۇپ، ئۇلارغا سەلبىي تەسىر بىرىدۇ.
      ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيىلەش ئارقىلىق،بىر تەرەپتىن
ئۇلارغا بولغان مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىگە ياخشىلىق
قىلغان بۇلىدۇ. شۈبھىسىزكى مەسئۇلىيتىنى ياخشى ئادا قىلغان ۋە قىلمىغانلار ،
قىلغانلىرىنىڭ نەتىجىسىنى بۇ دۇنيادىلا كۈرۈپ قالماي يەنە ئاخىرەتتىمۇ
كۈرىدۇ.
پەيغەمبىرىمىز(س ئە ۋ) مۇنداق دىگەن:«بۇ دۇنيادا ئاتا-ئانىسىغا دۇئا
قىلىپ تۇرىدىغان پەرزەنتى بولغان كىشىنىڭ ئەمەل دەپتىرىگە ئۇ كىشى
ئۆلگەندىن كىيىنمۇ داۋاملىق ساۋاپ يېزىلىپ تۇرىدۇ.» ( ئەبۇ داۋۇد
رىۋايەت قىلغان.)



مەنبە :  « ئائىلە ھۇزۇرى »

نامىلىق كىتاپتىن

تۈمۈرچى سەنـدىلى ھەممىگە تۇنۇش ! كار قىلماس ئۇنىڭغا مىڭ بازغان ئۇرۇش ! دۈشمەنلەر ئۇرسىمۇ تۆھـمەت بازغـىنى - قەلبىمنىڭ ئادىتى - سەندەلدەك تۇرۇش !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19849
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4216
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 3842 سائەت
تىزىم: 2010-12-1
ئاخىرقى: 2012-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-10 11:44:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما   ئىگسىگە   رەھمەت   مۇشۇنداق  تەربىيۋى   تىملارنى   داۋاملىق  يوللاپ  تۇرار  سىز

تاڭ ساباسى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3506
يازما سانى: 359
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8418
تۆھپە نۇمۇرى: 362
توردا: 2717 سائەت
تىزىم: 2010-7-7
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-10 01:42:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن .

ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيىلەش ئارقىلىق،بىر تەرەپتىن ئۇلارغا بولغان مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىگە ياخشىلىق قىلغان بۇلىدۇ. شۈبھىسىزكى مەسئۇلىيتىنى ياخشى ئادا قىلغان ۋە قىلمىغانلار ،
قىلغانلىرىنىڭ نەتىجىسىنى بۇ دۇنيادىلا كۆرۈپ قالماي يەنە ئاخىرەتتىمۇ
كۆرىدۇ.

ھايات شامى ئۆچىدۇ تۇرمايدۇ يىنىق ،
كەلدىڭمۇ دۇنياغا كەتمىگىڭ ئىنىق .
شۇ كىلىپ كىتىشنىڭ ئۆزى بىر سۇئال ،
تەييار بول سۇئالغا پۇتكىچە تىنىق .

*گۇناھنىڭ كىچىكلىكىگە قارىمىغىن ،لكىن ئۆزۈڭ ئاسىيلىق قىلىۋاتقان زاتنىڭ كاتتىلىقىغا قارىغىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44007
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 870
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 1425 سائەت
تىزىم: 2011-6-10
ئاخىرقى: 2012-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-10 11:00:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش