ئىنساننىڭ ئۆمۈرلۈك ئارزۇسى بەختكە ئېرىشىشتىن ئىبارەت. ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ئۆزىنى ‹‹مەن بەختسىز›› دەپ قارىغۇچىلارمۇ، ھازىرقى تۇرمۇش ھالىتى، ئىجتىمائىي ئورنى ۋە بەزى مۇۋەپپەقىيىتىدىن قانائەتلىنىپ، ئۆزىنى بەختلىك ھېسابلىغۇچىلارمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ. ھەتتا ئۆزىمىزنىڭ ئۆتمۈشى بىلەن بۈگۈنىنى، ئۆزىمىز بىلەن باشقىلارنى سېلىشتۇرغىنىمىزدا، بەختلىك ياكى بەختسىز ئىكەنلىكىمىزنى دەماللىققا ئاڭقىرالماي قالىمىز. ئادەتتە ‹‹بەخت ۋە بەختسىزلىك››نىڭ ئايرىمىسى ئادەمنىڭ مەلۇم كۆپ خىل ئېھتىياجىنىڭ قېنىش – قانماسلىقى، تالاي ئۆگىنىش، ئۇزاق يىللىق ئوقۇش، خىزمەت، تەتقىقات، سودىدىكى تىرىشچانلىقىنىڭ ئۈنۈم بېرىش – بەرمەسلىكى؛ ھاياتلىق ئېرىشىشلىرىگە قانائەت ھاسىل قىلىش – قىلماسلىقى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەخت قارىشى جەھەتتە ھەركىمنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۆلچىمى بولغاچقا، بىز بەختلىك، دەپ ھېسابلىغانلار ئۆزىنى بەختلىك ھېسابلىماسلىقى، بىز بەختسىز، دەپ قارىغانلار ئۆزىنىڭ بەختسىزلىكىنى ئېتىراپ قىلماسلىقى مۇمكىن.
مەن خېلى كۆپ كىشى بىلەن سىردىشىش ئارقىلىق بەختسىزلىك ھەققىدە مەلۇم چۈشەنچە ھاسىل قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىدىكى ‹‹بەختسىز››لىكلەرنىڭ تەرتىپىنى مۇنداق تۇرغۇزدۇم:
1. ئۆلۈم بەختسىزلىكى. ئاتا – ئانا، ئۇرۇق – تۇغقان، ئەر – خوتۇن، بالا – چاقا، دوست – بۇرادەرلىرىنىڭ ئۆلۈمى سەۋەبلىك ئۆزىنى بەختسىز ھېسابلاش.
2. كېسەل، مېيىپلىك بەختسىزلىكى.
3. تەبىئىي ئاپەت كەلتۈرگەن بەختسىزلىك.
4. ئائىلە، نىكاھ ئىشلىرىدىكى بەختسىزلىك.
5. خىزمەت، سودا، ساياھەت، تەتقىقاتتا يۈز بەرگەن پېشكەللىك كەلتۈرگەن بەختسىزلىك.
6. ئىجتىمائىي تەڭسىزلىك كەلتۈرگەن بەختسىزلىك.
7. ئېتىقادسىزلىق، ئۈمىدسىزلىك، چۈشكۈنلۈكتىن كېلىپ چىققان بەختسىزلىك.
8. شەرت – شارائىت، ياشاش مۇھىتى پەيدا قىلغان بەختسىزلىك.
9. قانائەتسىزلىك، نەپسى شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىش كەلتۈرگەن بەختسىزلىك.
10. باشقىلارغا زىيادە ئىشىنىپ، ئۇلارنىڭ توزىقىغا چۈشۈشتىن كېلىپ چىققان بەختسىزلىك.
11. ئۆزىنى بىلەلمەسلىكتىن كېلىپ چىققان بەختسىزلىك.
خوش، بىزدە يەنە قانداق بەختسىزلىكلەر بار؟ يۇقىرىدىكى بەختسىزلىكلەرنىڭ قايسىسىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، قايسىسىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ؟ بىز بەختلىك ياشاش مەقسىتىگە يەتمەكچى ئىكەنمىز، ئۇنداقتا چوقۇم ئۆزىمىز دۇچ كەلگەن، دۇچ كېلىش ئېھتىماللىقى چوڭ بەختسىزلىكلەرنى ئېنىقلاپ، دەلىللەپ چىقىشىمىز لازىم. شۇنداق قلالىساق، بەختسىزلىكىمىزنىڭ دەرىجىسىنى بېكىتكىلى بولۇپلا قالماستىن، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش، ھېچبولمىغاندا بىر – بىرلەپ قۇتۇلۇشنىڭ ئامالىنى قىلالايمىز. تۇرمۇشتا نىشانى ئېنىق ئادەملەر گاڭگىراپ نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي يۈرۈۋاتقانلاردىن خۇشال، غەمسىز ياشايدۇ. ھايات قانۇنىيىتىدىن ئېيتقاندا تۇرمۇشتا بەخت بىلەن بەختسىزلىك كېزەك بولىدۇ. تۇرمۇشتا بىرەر پېشكەللىككە ئۇچراش بىلەنلا بەختسىزلىكىمىزدىن كايىپ ئۆزىمىزنى بوشاشتۇرۇپ بەل قويۇۋەتسەك، ئۇنىڭدىن چوڭ بەختسىزلىك، بالايىئاپەتكە ئۇچرايمىز. شۇڭا پېشكەللىك، بەختسىزلىكتىن ۋايسىماي تىرىشساقلا تۇرمۇشىمىزدا روشەن ئۆزگىرىش بولىدۇ – دە، بەختلىك ياشاشقا باشلايمىز.
بۇرۇنقى زاماندا خۇراسان ئېلىدە ئۆتكەن بىر ئادىل پادىشاھنىڭ ھەر قېتىملىق قوبۇل كۈنىدە يۈزلەپ دەدمەن – بەختسىز كېلىپ ئۇنىڭغا ھال ئېيتىدىكەن. پادىشاھ كۆپ يىل ئەرزدار بەختسىزلەرنىڭ ھالىغا يېتىشكە پۈتۈن كۈچىنى سەرپ قىلغان بولسىمۇ، ئەرزدارلارنى تۈگىتەلمەپتۇ. ئاخىر ئۇ ۋەزىرلىرىنىڭ مەسلىھەتى بىلەن ھەر قېتىم كەلگەن ئەرزدارلارنى شىكايەتنامىسىنى ئۆزئارا كۆرۈپ چىقىشقا بۇيرۇپتۇ. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ‹‹مېنىڭ دەردىم باشقىلارنىڭ دەردى ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدىكەن›› دەپ كېتىپ قاپتۇ. بۇ ھېكايەت بويىچە بىز ئۆزىمىزدىن بەك بەختسىزلىككە دۇچ كەلگۈچىلەرنىڭ بارلىقىنى ئويلىساقلا، ئۆزىمىزنى تەلەيلىك ھېسابلاپ، بەختسىزلىكتىن قۇتۇلالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگىلىكىمىزنى چۈشىنىۋالالايمىز.
پەلسەپە نۇقتىسىدىن ھەرقانداق زىددىيەتنىڭ ئاساسى تەرىپى ۋە قوشۇمچە تەرىپى بولىدۇ. قىيىنچىلىق، مەسىلىنى بىراقلا ھەل قىلىش ئاسان ئەمەس. شۇڭا ئۇنى بىر – بىرلەپ ھەل قىلساق ئىشلىرىمىزدا ئۆزگىرىش بولىدۇ. يەنى بىز تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەت جەريانىدا داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ناچار ئادەتلىرىمىزدىن بىر – بىرلەپ قول ئۈزسەك، ئۆزىمىزنى يېڭىلاشقا ئەھمىيەت بەرسەك، باشقىلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشىپ، ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچىمىزمۇ كۈچىيىپ بارىدۇ. نەتىجىدە بىزدىكى بەختسىزلىكلەر بارا – بارا بىزدىن يىراقلايدۇ، بەخت كۈلۈپ باقىدۇ
ئەسلى ئادرىسى
http://www.30ogul.com/news/korux.asp?id=910