مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 918|ئىنكاس: 3

مەرھۇم شائىر غەنى رەشىدىنىڭ بىر شېئىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2474
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 9081
تۆھپە نۇمۇرى: 741
توردا: 3299 سائەت
تىزىم: 2010-6-11
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-8 08:13:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

شائىر،مەرھۇم غەنى رەشىدى 1965- يىل 1- ئايدا ئاتۇش شەھىرىنىڭ كاتتايلاق يېزىسىدا ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن،بالىلىق،ۋە  ئۆسمۈرلۈك چاغلىرى باي ناھىيەسىدە ئۆتكەن. باشلانغۇچ، ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى باي ناھىيەسىدە ئوقۇغان.1983-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە سابىق مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ تەييارلىق بۆلۈمىدە،1985-يىلىدىن 1989-يىلىغىچە سابىق بېيجىڭ پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ خىمىيە  فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان.1989-يىل 7- ئايدا ئوقۇشنى تاماملاپ،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى(ھازىرقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى)گە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان.شائىر، مەرھۇم غەنى رەشىدى 1994- يىلى 12- ئاينىڭ 8- كۈنى قاراماي شەھىرىدە يۈز بەرگەن پەۋقۇلئاددە زور ئوت ئاپىتىدە خىزمەت ئۈستىدە بەختكە قارشى قازا قىلدى.شائىرنىڭ ئىجادىيىتى 1989-يىلى باشلانغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا 100 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر،ۋە ئۇنىڭدىن باشقا خېلى كۆپ ئەدەبىي تەرجىمە ئەسەرلىرى،«دادامغا خەت»ناملىق شېئىرلار توپلامى ئېلان قىلىنغان.


ئېھ،سەلكىن شاماللىق سەھرا سەھىرى
غەنى رەشىدى
ئېھ! سەلكىن شاماللىق سەھرا سەھىرى،
شەپەقنىڭ رەڭگىگە تويۇنغان ياپراق.
شۇنچە ئۇز-جىلۋىگەر بۇندىكى بارى،
ھەر گىياھ قەلبىمگە سالىدۇ پىراق.

ئېھ! سەلكىن شاماللىق سەھرا سەھىرى،
سەھرانى سېھىرلەپ تۇتقۇزدۇڭ بۇدەم.
قارىچۇققا ناتونۇش بىلىنەر بارى،
چىۋىق ئات مىنگەن چاغ سەندە مۇجەسسەم.

ئېھ! سەلكىن شاماللىق سەھرا سەھىرى،
ھېسلىرىم سىرغىيدۇ قوينۇڭغا ئاستا.
خۇمارىنى يېشىدۇ دېھقاننىڭ تەرى،
چوڭ بولاي شۇلارنىڭ قولىدا قايتا.

بۇ شېئىر  مەرھۇم شائىرنىڭ  1998- يىل 4- ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان«دادامغا خەت» ناملىق شېئىرلار توپلامىدىن ئېلىندى.


ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6509
يازما سانى: 863
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10637
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 5988 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2012-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-8 10:27:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئىسىل شئېرىكەن............

ئەركزات ئۇچۇر- ئېلانچىلىقى

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىشچان باشقۇرغۇچى ئەستايىدىل باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30135
يازما سانى: 514
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 38945
تۆھپە نۇمۇرى: 2297
توردا: 5998 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-8 10:28:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئارىمىزدىن تولىمۇ ياشلا  كېتىپ قالغان بۇ مەرھۇم شائىرىمىزغا اللا جەننەت ئاتا قىلغاي! ئېسىل ئەدەبىي مىراسىنى مۇنبەرداشلار بىلەن يۈز  كۆرۈشۈش شەرىپىگە ئىگە قىلغان قېرىندىشىمىز ئەرچىننىڭ ئەجرىگە ئاپىرىن!

ئەركزات مەن ياشايدىغان ئەركىم بىلەن،
دوستلىشىمەن دوستنى سۆيگەن ھەر كىم بىلەن.
مەۋجۇت ئەمەس لوغىتىمدە شاھ يا گاداي،
ئەركزات مەن ئۆز قىممىتىم -نەرقىم بىلەن.

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 2023
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11740
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 4694 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2012-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-9 02:07:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ چاغدىكى ئوت ئاپىتىدە ئۆلۈپ كەتكەن داڭلىڭ كىشىلىرىمىز خېلى كۆپ، لېكىن .............. ئوتنىڭ مەنبەسى ،سەۋەبى ، جازالانغان كىشىلەر ، ئۆلگەن كىشىلەر ۋە ئۆسمۈرلەر .........تۇلۇق ئېلان قىلىنمىدى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش