مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4782|ئىنكاس: 15

ئۇلۇغبەگ ۋە ئۇنىڭ رەسەتخانىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23754
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6613
تۆھپە نۇمۇرى: 503
توردا: 3428 سائەت
تىزىم: 2010-12-25
ئاخىرقى: 2013-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-8 09:52:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ئۇلۇغبەگ ۋە ئۇنىڭ رەسەتخانىسى

ئالىم كېرىم كۆكئالىپ

ئوتتەك قىزىتىپ تۇرغان قۇياش، كېچە ئاسمىنىدا چاراقلاپ تۇرغان يۇلتۇزلار، بۇلۇتلارنى يېرىپ ئۈزۈپ يۈرگەن ئاي ئىنساننىڭ دۇنياغا كېلىشى بىلەنلا كاللىسىنى غىدىقلايدىغان مۆجىزاتلاردۇر. ئىنسان مەدەنىيەت دەۋرىگە قەدەم قويۇپ، ئۆز پائالىيەتلىرىنىڭ، بولۇپمۇ يېزا-ئىگىلىكىنىڭ قەدەممۇ قەدەم چوڭقۇرلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ مۆجىزاتلارنىڭ ئۆزلىرىگە تېخىمۇ بەك يېقىنلىقىنى بارغانسېرى  چوڭقۇر ھېس قىلىشقا باشلىغانىدى. ئاسمان جىسىملىرىغا ئائىت بولغان پەن- ئاستىرونومىيە ئەنە شۇ چاغلاردىن باشلاپلا مەيدانغا كەلگەنىدى.
ئىنسانىيەت پەيدا بولغان رايونلارنىڭ بىرى دەپ قارىلىۋاتقان مەركىزىي ئاسىيا رايونىدىكى ئىنسان توپىنىڭ كاللىسىنى كىلىماتىنىڭ قۇرغاق بولۇشى بىلەن پەيدا بولغان ئوتتەك قۇياشنىڭ زەر نۇرلىرى ھەر ۋاقىت غىدىقلاپ، ئۇلارنى كىشىگە ھەر ۋاقىت مۆجىزە بولۇپ تويۇلىدىغان ئاسمان جىسىملىرىنىڭ سىرىنى ئېچىشقا ئىنتىلدۇرۇپ كەلگەنىدى. ئۇلار ئاسمان جىسىملىرىغا شۇنچىلىك مۇھەببەت باغلىغان ئىدىكى، پەرزەنتلىرىنىڭ ئىسىملىرىنىمۇ سەييارىلەرنىڭ نامى بىلەن بىردەك قىلدى.
دەرھەقىقەت، دۇنيا ئاستىرونومىيە تەرەققىياتى ۋە ئوتتۇرا ئەسىر شەرق ئاستىرونومىيەسى، جۈملىدىن مەركىزىي ئاسىيا ئۆلىمالىرىنىڭ بۇ ساھەدىكى پائالىيىتى ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. بۇ  دەۋردە قۇياش، ئاي ۋە سەييارىلەرنىڭ ھەرىكەت نەزىرىيىسى، ئەمەلىي ئاستىرونومىيەنىڭ ماكان- زاماننىڭ جۇغراپىيىلىك كوئوردىناتىنىڭ ئېنىقلىقىغا دائىر مەسىلىلەر ئۈستىدە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللامىلىرى غايەت زور مىراس قالدۇردى. بۇ دەۋردە مۇسۇلمان مەملىكەتلىرىنىڭ نۇرغۇن بۈيۈك مۇتەپەككۈرلىرى ئاستىرونومىيە، ماتېماتىكا ۋە پەلسەپە پەنلىرى بويىچە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۇھەممەد ئەل خارەزمىي، ئەخمەد ئەل فەرغانىي، ئەبۇ نەسىر ئەل فارابىي، ئەبۇرەيھان بېرۇنىي، ئەبۇ ئەلى ئىبىن سىنا، ئۆمەر ھەييام، ئەبۇ ئەخمەد ئەل خوجەندىي، نەسىرىددىن تۇسىي، مەھمۇد ئەل چاغانىي، قازىزادە رۇمىي، غىياسىدىن جەمشىد كاشىي، ئۇلۇغبەگدەك مەشھۇر سىيمالار ئۆز ئىجادى، ئىلمىي مىراسلىرى بىلەن مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن جاھان خەلقىنىڭ بۈيۈك ئادەملىرىگە ئايلىنىپ، بۈگۈنكى كۈندە جاھاننىڭ بارچە ئەللىرى ئارىسىدا ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىۋاتىدۇ.
مەرىپەتنىڭ ھامىيسى بولغان مۇھەممەد تەرەغەي ئۇلۇغبەگ(1394-1449) ئىسلام شەرق مەدەنىيەت ئويغۇنىشىدىكى كەنجى ئويغۇنۇشنىڭ ئاتامانى ھەم شۇ دەۋردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئىدىلوگىيە تارىخىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن بۈيۈك شەخس ئىدى. ئۇ چىڭگىزخاندىن كېيىن تارىخ سەھنىسىگە چىققان ئىككىنچى چوڭ جاھانگىر ئەمىر تۆمۈرنىڭ نەۋرىسى ئىدى. ئۇ ئىلىمگە ئىشتىياق باغلىغان كىشى بولغاچقا، ئۆزىنىڭ پايتەختى سەمەرقەندكە ئالىم-ئۆلىمالارنى توپلىدى ھەمدە ئەرەب ئىمپىرىيىسى دەۋرىدىن بويان قالغان ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە تەبىئەت پەنلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇردى. بۇ خىل زور كۈچ بىلەن قوللاشنىڭ ئارقىسىدا سەمەرقەندتە كىشىنى سۆيۈندۈرگىدەك ئىلمىي مۇھىت شەكىللەندى. ئۇلۇغبەگ مانا مۇشۇنداق ئىلمىي مۇھىتتا ئۆزىنىڭ ئىلمىي ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇردى. ئۆزى ئىگىدارچىلىق قىلىۋاتقان دۆلەتتە بىر تەرەپتىن ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى باشقۇردى. ئۇ بوۋىسى ئەمىر تۆمۈردەك ئىستىداتلىق ھەربىي قۇماندان ۋە سىتىراتىگىيىچى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ تۆمۈرنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدىن چىققان خەلقپەرۋەر، ئالىم پادىشاھ ئىدى. ئۇنىڭ نامىمۇ پادىشاھلىقى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئىلمىي نەتىجىلىرى بىلەن مەشھۇر ئىدى.
ئادەتتە، ئوتتۇرا ئەسىردە ھەربىر پادىشاھنىڭ سارىيىدا مۇنەججىملەر بولغان. مۇنەججىملەر ئاستىرولوگىيە بويىچە ئاسمان جىسىملىرىنى كۆزىتىپ، ئاي، يۇلتۇز ۋە سەييارىلەرنىڭ ھەرىكەتلىرىدىكى ئېنىق ئۆزگىرىشنى، شۇ ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا ئوردىنىڭ، مەملىكەتنىڭ ھەمدە پادىشاھنىڭ تەقدىرى ھەققىدە «بىشارەت» بېرىش بىلەن مەشغۇل بولغان ئىدى. جۈملىدىن ئەمىر تۆمۈرنىڭ ئوردىسىدىمۇ مەۋلانا ئەخمەد ۋە مەۋلانا ئابدۇللادەك مۇنەججىملەرنىڭ ئىشلىگەنلىكى تارىخىي ھۈججەتلەردىن مەلۇم.
مۇنەججىملەرنىڭ ئاسمان جىسىملىرىنى كۆزىتىپ «تەقدىرى بىشارەت» بېرىپ يۈرگەنلىكىنى ئېتىبارغا ئالغاندا، 9-ئەسىردىن 12-ئەسىرلەرگىچە، شەرقتە ئىشقا چۈشۈرۈلگەن رەسەتخانىلاردا ئېلىپ بېرىلغان كۆزىتىشلەرنىڭ نەتىجىسى ئاساسىدا تۈزۈلگەن جەدۋەللەرنى يېڭىلاشنىڭ كۈنتەرتىپكە قويۇلمىقى مۇقەررەر ئىش ئىدى. بۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە يېڭى، ئېنىق، كاتتا نەتىجىلەر بېرىدىغان كۈچلۈك ئاستىرونومىيىلىك ئەسۋابلار بىلەن قوراللانغان رەسەتخانىلارنىڭ قۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى. نەتىجىدە چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى ھىلاكۇخاننىڭ سارىيىدىكى مۇنەججىم ئاتاقلىق ئۆلىما نەسىرىددىن تۇسىي 13-ئەسىردە ئەزەربەيجان (ئىراندىكى ئەزەربەيجان) نىڭ ھازىرقى تەبرىز يېنىدىكى مەرۋى شەھىرىگە رەسەتخانا سالدۇرغان. كۆپ يىللىق كۆزىتىشلەر ئاساسىدا، تۇسىي يېڭى ئاستىرونومىيىلىك جەدۋەللەر تۇرغۇزغان ۋە ئۇنى ھىلاكۇخانغا بېغىشلاپ، «زىجى ئېلخانىي»دەپ ئاتىغان. بىراق ئۇزاق ئۆتمەي، يەنى 14-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە نەسىرىددىن تۈزگەن جەدۋەللەردە بېرىلگەن مەلۇماتلار ھەم كۆزىتىش نەتىجىلەردىن سېزىلەرلىك پەرقنىڭ بولغانلىقى مەلۇم بولغان. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن يەنە ئېنىق مەلۇمات ئېلىش ئىمكانىيىتىنى بېرەلەيدىغان، ئاۋۋالقىلاردىن ئەۋزەلرەك ۋە ئېنىقراق بولغان ئاستىرونومىيىلىك ئۇچۇرلارغا ئىگە بولىدىغان رەسەتخانىنى مەيدانغا كەلتۈرۈش ئېھتىياجى توغۇلغان.
ئۇلۇغبەگنىڭ ئاتىسى شاھرۇھ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەملىكەتنىڭ كاسان شەھىرىدە ئىستىقامەت قىلىدىغان ماتېماتىك ۋە ئاستىرىنوم غىياسىدىن جەمشىد «زىجى ئېلخانىي»نىڭ مۇكەممەل نۇسخسى بولغان «زىجى خاقانىي»دېگەن مەشھۇر رىسالىنى پۈتتۈردى. 1413-يىلى يېزىلغان بۇ ئەسەر ئۇلۇغبەگنىڭ ئاتىسى شاھرۇھقا بېغىشلانغان بولۇپ، «خاقان زىجى»نىڭ نەزىرىيىۋىي قىسىمى ۋە ئاستىرونومىيىلىك جەدۋەللىرى «زىجى ئېلخانىي»نىڭ مۇشۇ قىسىملىرىدىن ئوبدانلا پەرق قىلىدىغان مەلۇماتلار بىلەن بېزەلگەن ئىدى.
بىراق مەزكور تۈزىتىشلەردىكى قۇياش، ئاي ۋە سەييارىلەرنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ ئېنىقلىقى پەقەت بىر نەچچە يىللا ئىشلىتىلگەن، خالاس. مۇنداقچە ئېيتقاندا قۇياش، ئاي ۋە سەييارىلەرنىڭ بىر قانچە ئون يىلغا دائىر ھالەتلىرىنى ئالدىن ئېنىق بىلىش ئاساسىي مەقسەت بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ ئوربىتا پارامېتىرلىرىنى يېڭىدىن ئېنىقلاپ تېپىش زاماننىڭ تەلىپى ئىدى.
بۇ ئۆز نۆۋىتىدە قۇياش، ئاي ۋە پېلانېتىلارنىڭ كوئوردىناتلىرىنى، شۇ ئاساستا جۇغراپىيىلىك ئۇزۇنلۇق، كەڭلىكلىرىنى، قۇياش ۋە ئاينىڭ تۇتۇلۇشلىرىنىڭ ۋاقتىنى، ئاستىرونومىيىلىك رىسالە تۈزۈش ئۈچۈن سەييارىلەرنىڭ ئۆزئارا يېقىنلىشىش پەيتلىرىنى، يۇلتۇزلار  يىلى، يىل پەسىللەرنى ئېنىق بىلىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىدى. مانا مۇشۇنداق مەسىلىلەرنى ئەينەن ھەل قىلىش ئۈچۈن، كۆزىتىش ۋە ئۆلچەشلەر ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى قىلىنغان ئاستىرونومىيىلىك ئەسۋابلارنى ئىشقا چۈشۈرۈش، مۇنداقچە ئېيتقاندا، يېڭى بىر رەسەتخانا قۇرۇش ئاستىرونوملار ئۈچۈن زۆرۈر بولۇپ قالغان ئىدى.
شاھرۇھنىڭ مەملىكىتىدە يېڭى بىر رەسەتخانا قۇرۇش نىيىتى ماتېماتىكا ۋە ئاستىرونومىيە ساھەسىدە بىرنەچچە ياخشى ئەسەر يېزىپ ئەلگە تونۇلغان كاسانلىق غىياسىدىن جەمشىد كاشىينىڭ قەلبىنى ئۆرتەپ كەلگەنىدى. مۇشۇ سەۋەپتىن كاشىي شاھروھقا بولغان ھۆرمىتىنى زىج يېزىش ئارقىلىق ئەمەس، يېڭى رەسەتخانا قۇرۇش بىلەن بىلدۈرمەك بولدى، دېسەك ھەرگىز خاتا بولمايدۇ. ئۇنىڭ بۇ يولدا توختىماي ئىزدىنىش جەريانىدا باسقان يوللىرى كېيىنكى ئاستىرونومىيىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بەرىكەت ئېلىپ كەلگەنىدى.  
بىراق ئەمىر تۆمۈرنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، ئۇنىڭ ۋارىسلىرى ئارىسىدا كۆتۈرۈلگەن تەخت تالىشىش كۆرىشى باشلىنىپ كەتتى. جۈملىدىن 1415-يىلى كاسان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ۋىلايەتلەرنىڭ ۋالىيسى سەئىد ۋاققاسنىڭ شاھرۇھقا قارشى كۆتۈرگەن قوزغىلىڭى ئۇنىڭ يېڭى رەسەتخانا قۇرۇشتەك خەيرلىك ئىشلىرىغا ئىمكانىيەت بەرمىدى.
1399-يىلى ئەمىر تۆمۈرنىڭ پەرمانى بىلەن ئۆمەر شەيخ پەرغانىگە ھاكىم بولدى. ئۇنىڭ ئوغلى ئىسكەندەر (شاھرۇخنىڭ ئەڭ چوڭ جىيەنى) سەئىد ۋاققاسنىڭ ئەزەربەيجانغا قىلغان يۈرۈشىدىن پايدىلىنىپ جەمشىد كاشىينىڭ ۋەتىنى بولغان كاسانغا باستۇرۇپ كىردى ۋە ئۇ يەرنى ئۆز تەسەررۇپىغا ئالدى.
ۋەتىنى ئىسكەندەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكەندىن كېيىن جەمشىد كاشىي 1415-يىلى قىشتا رەسەتخانا قۇرۇش ئىشىنى ئىسكەندەرگە مۇراجىئەت قىلدى. ئىسكەندەرنىڭ رازىلىقىنى ئالغاندىن كېيىن، كاشىي 1416-يىلى يانۋاردا رەسەتخانا قۇرۇشقا زۆرۈر بولغان ئەسۋابلارنى ئەسكەرتكەن ئەسەر «ئاستىرونومىيىلىك ئەسۋابلارغا شەرھ» (رىسالەئى دەر شەرھى ئالەتى رەسەد)نى يازدى. بۇنى ئىسكەندەرگە تەقدىم قىلدى. يەنە ئىسكەندەرگە رەسەتخانا قۇرۇش تەكلىپىنى بەردى. بىراق ئىسكەندەرنىڭ بىۋاقىت ۋاپاتى بىلەن كاشىينىڭ بۇ نىيىتى ئەمەلگە ئاشماي قالدى. كاشىي ئىسكەندەرنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، يەنى 1416-يىلى يازدا سەمەرقەندكە، يەنى ئولۇغبەگنىڭ يېنىغا بارغان. بەزى شەرقشۇناس ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، كاشى سەمەرقەندكە 1417-يىلى كەلگەن. مەيلى قانداقلا بولسۇن، كاشى سەمەرقەندكە كېلىپ، ئۆزىنىڭ رەسەتخانا قۇرۇش ئىشىنى ئۇلۇغبەگكە بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭدىن رەسەتخانا قۇرۇشنى ئۆتۈنگەن ۋە ئۆزىنىڭ «ئاستىرونومىيىلىك ئەسۋابلارغا شەرھ» (رىسالەئى دەر شەرھى ئالەتى رەسەد) دېگەن ئەسىرىنى تاپشۇرغان.
ماتېماتىكا ۋە ئاستىرونومىيىدىن كاتتا مەلۇماتقا ئىگە بولغان ئۇلۇغبەگ رەسەتخانا قۇرۇشقا رازىلىق بېرىدۇ. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇ نۇرغۇن كاتتا ئۆلىمالارنى تەكلىپ قىلىپ 1417-يىلى رەسەتخانىنى قۇرۇشقا بېغىشلانغان مەخسۇس مەجلىس چاقىرىدۇ ھەمدە رەسەتخانا قۇرۇشقا تەرەددۇت قىلىدۇ.
ئۇلۇغبەگ رەسەتخانىسىنىڭ قاچان قۇرۇلغانلىقى توغرىسىدا تارىخىي مەنبەلەردە تا ھازىرغا قەدەر بىرلىككە كەلگەن قاراش يوق. ۋ. بارتولد «ئۇلۇغبەگ ۋە ئۇنىڭ دەۋرى»دېگەن ئەسىرىدە 1420-يىلنىڭ ۋەقەلىكلىرى ھەققىدە توختۇلۇپ، تارىخچى ئابدۇراززاقنىڭ ئېيتقانلىرىنى خۇلاسە قىلىپ، مەدرىسە ۋە رەسەتخانىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتىنى 1420-يىلى دېگەن پىكىرگە كەلگەن. سالىھ زەكىينىڭ «ئاسار ئەل-باقىيە»دېگەن ئەسىرىدە «ئۇلۇغبەگ ھىجىرىيە 824-يىلى (يەنى 1420-يىلى) قۇرۇلغان رەسەتخانىغا غىياسىدىن جەمشىد ۋە قازىزادە رۇمىينى باش مۇدەررىس قىلىپ تەيىن قىلدى» دەپ يېزىلغان.
دەسلەپتە خەلىپە مەئىمۇن زامانىسىدا (9-ئەسىر) ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ۋە ئەل خارەزمىي     ئىشلىگەن باغداد رەسەتخانىسى، ئۇنىڭدىن باشقا ئۆمەر ھەييامنىڭ ئىسپاھاندىكى، نەسىرىددىن تۇسىينىڭ ۋە ئەبۇ مەھمۇد ئەل خوجەندىينىڭ رەسەتخانىلىرى بولغان.
نىھايەت، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كاتتىسى، ئاستىرونومىيىلىك ئەسۋاپلارنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى ھەممىسىدىن يۇقىرى بولغىنى ئۇلۇغبەگ رەسەتخانىسى ۋە ئۇنىڭ مەكتىپى ئىكەنلىكىنى، ئوتتۇرا ئەسىردە ئاستىرونومىيىنىڭ ئىلمىيلىك سۈپىتىدە مۇھىم بىر باسقۇچنى باشلىغانلىقىنى دۇنيا ئىلىم ساھەسىدىكىلەر تەن ئالىدۇ.
سەل كەم يەتتە ئەسىر داۋام قىلغان شەرق ئاستىرونومىيىسىنىڭ جۇشقۇن پائالىيىتى ئۇلۇغبەگ ۋە ئۇنىڭ ئاكادېمىيىسىنىڭ باي ئىلمىي مىراسلىرى بىلەن تۈگەللەنگەن بولدى. ئۇلۇغبەگدىن كېيىن بىر مەزگىللىك گۈللىنىشنى باشتىن كەچۈرگەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇلۇغبەگ زامانىسىدىكىدەك ئىلمىي مۇھىتقا ئېرىشەلمىدى.
ئۇلۇغبەگنىڭ رەسەتخانىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندە ئۇنىڭ «باش تېلېسكوپى»نىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى بىر نەچچە سىكونتقىچە بولۇپ، تاكى ئوپتىك تېلېسكوپلار ئىختىرا قىلىنغان 17-ئەسىرگە قەدەر، بۇ تېلېسكوپ ئۆزىنىڭ  سەمەرىلىك نەتىجىلىرى بىلەن ئوتتۇرا ئەسىر ئاستىرونوملىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدى. بۇ ئەسۋاب قۇياش، ئاي ۋە سەييارىلەرنىڭ ھەرىكەت نەزىرىيىسىنى يېڭى بىر باسقۇچقا كۆتۈرۈپ، تۇتۇلۇش نەزىرىيىسى ۋە ئەمەلىي ئاستىرونومىيىنىڭ ئاساسىي پارامېتىرلىرىدىن بولغان ۋاقىتنى ئۆلچەشتە يۈكسەك دەرىجىدە ئىنچىكە بولۇش ئىمكانىيىتىنى ياراتتى.
ئۇلۇغبەگ، ئۇلۇغبەگ ئاستىرونومىيە مەكتىپى ۋەكىللىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى بولغان بۈيۈك  مىراس-«زىجى جەدىدى كۆرەگانى»نى 1437-يىلى  يېزىپ تاماملىدى. بۇنىڭدا 1018 يۇلتۇزنىڭ ھالىتى ۋە ھەرىكىتى تەتقىق قىلىنغان ئىدى. بۇ ئەسەر ئېكۋاتۇر ۋە ئوربىتا مەسىلىلىرىنى، يۇلتۇز يىلى ۋە يۇلتۇزلار كاتالوگىنى نۇقتىلىق شەرھىيلىگەنىدى. ئۇلۇغبەگ بىر يىلنى 365كۈن، ئالتە سائەت، ئون مىنۇت، سەككىز سىكونت قىلىپ بەلگىلىگەن بولۇپ، بۇ ھازىرقى زاماندىكى ئۆلچەم بولغان 365كۈن، ئالتە سائەت، توققۇز مىنۇت، ئون سەككىز سىكونتتىن پەقەت بىر مىنۇتلا پەرق قىلاتتى. ئۇلۇغبەگ يەنە 900 مەنپەئەتلىك، 878زىيان كەلتۈرگۈچى يۇلتۇزنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ترىگونومىتىرىيىلىك جەدۋىلىنى تۈزۈپ چىقتى.   بۇ كاتتا ئەسەرنىڭ كىرىش سۆزىدە « بىز يۇلتۇزلارنى كۆزىتىش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلدۇق. ئۇلارنى قازىزادە رۇمىي ۋە غىياسىدىن جەمشىدنىڭ ھەمكارلىقىدا بىجىردۇق.... بۇنداق مۇھىم ئىشنى بىجىرىش ۋە رەسمىيلەشتۈرۈشنىڭ بېشىدا غىياسىدىن، كېيىنرەك قازىزادە رۇمىي ۋاپات بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىشنى ئاخىرغىچە داۋام قىلدۇرۇش ئۇلۇغبەگ ۋە ئۇنىڭ قىممەتلىك شاگىرتى ئەلى ئىبىن مۇھەممەد قۇشچىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.» دېيىلگەن. ئەنە شۇنداق بۈيۈك ئالىملارنىڭ قۇربان بېرىشى نەتىجىسىدە،  «زىجى جەدىدى كۆرەگانىي»نى كېيىنكى يۈز يىللاردىن بويان پەقەت شەرقتىكىلا ئەمەس، بەلكى غەرب مەملىكەتلىرىدىكى نۇرغۇن بۈيۈك ئالىملارمۇ دەستۇر بىلىپ پايدىلىنىپ كەلمەكتە.
ئۇلۇغبەگنىڭ مەرىپەت ھامىيسى بولۇش بىلەنلا قالماي، ئۆزى بىنا قىلدۇرغان رەسەتخانا ۋە مەدرىسىدە بىر مۇنچە مۇنەۋۋەر شاگىرتلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈپ چىققانلىقى ئادەمنى تولىمۇ تەسىرلەندۈرىدۇ. ئۇنىڭ شاگىرتلىرىدىن بولغان مەۋلانا ئەلى قۇشچى، مىرەم چەلەبى قاتارلىق ئاستىرونوملار ئۆز تەلىماتلىرىنى ناھايىتى ئېنىق، مۇكەممەل شەھىيلەپ، شەرق مۇسۇلمان ئاستىرونومىيىسىنىڭ پەللىسىنى ياراتتى.
ئۇلۇغبەگنىڭ ئىلمىي ئىشلىرى ۋە تەبىئەت پەنلىرىدىكى يېڭى بايقاشلىرى ئۆز دەۋرىدىكى سەمەرقەند روھانىيلىرى ۋە ئىشانلار گورۇھىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. ئۇلار ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ، ئۇلۇغبەگنىڭ ئوغلى مىرزا ئابدۇللېتىپنىڭ قولى بىلەن قەتلى قىلغۇزدى. ئۇلۇغبەگنىڭ تىراگېدىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيادا ئەرەب ئىمپىرىيىسى دەۋرىدىن بويان داۋاملىشىپ كېلىنىۋاتقان تەبىئەت ئىلمى ۋە تەبىئەت پەلسەپەسىنىڭ پەسكويغا يۈزلەنگەنلىكىدىن دېرەك بەردى.
ئۇلۇغبەگ ۋە ئۇنىڭ سەبداشلىرىنىڭ سەمەرقەندتىكى رەسەتخانىدىن كائىناتقا نەزەر تاشلىشى شەرق دۇنياسىدىلا ئەمەس، غەربنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەدەنىيەت بەلۋاغلىرىنىڭ كائىنات قورغىنىغا قاراپ ئېلىنغان ئەھمىيەتلىك بىر قەدىمى دېيىشكە بولىدۇ. مۇشۇ بىر قەدەمنىڭ تەسىرىدىن ياۋرۇپادا بىر مۇنچە رەسەتخانىلار ئىشقا چۈشتى. كوپىرنىكنىڭ «قۇياش مەركەز تەلىماتى»نى، كېپلېرنىڭ ئاسمان جىسىملىرى ھەققىدىكى قانۇنلىرىنى، نيۇتوننىڭ ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتىنى ھېسابلاش ئوسۇللىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا ئوتتۇرا ئاسىيا، جۈملىدىن شەرق مۇسۇلمان ئاستىرونوملىرىنىڭ تەسىرى بولمىدى، دېيەلمەيمىز، بەلكى ناھايىتى چوڭ ھەسسىسى بار، دەپ كەسكىن ئېيتالايمىز.
ئۇلۇغبەگنىڭ ئاستىرونومىيىدىن ئىبارەت بۇ ئىلىمگە ئۆزىنى بېغىشلىشىنى ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقىدىن كۆرە، بۇ پەننىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىدىن ئىزدەش ئىنتايىن مۇۋاپىق. چۈنكى، ئاستىرونومىيە ئالەمنى چۈشۈنۈش، ئۇنىڭ سىر-ئەسرالىرىدىن ۋاقىپ بولۇش بىلەن ئىنسانغا يەر يۈزىگە كېلىشتىكى مەقستىنى ئېنىقلاپ بېرىشتەك دۇنيا قاراش ئارقىلىق، ئىنسانغا ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى قانداق بېجىرىشنى دەپ بېرىش بىلەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئىنسانغا ئۆزىنىڭ چەكسىز كائىناتنىڭ بىر زەررىسى ئىكەنلىكىنى؛ مىلياردلاپ يىللار داۋام قىلغان تەرەققىياتىنىڭ بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى؛ ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ ئالەمنىڭ يېشى ئالدىدا خۇددى بىر دەقىقىچىلىك ئىكەنلىكىنى؛ مۇشۇ بىر دەقىقىچىلىك ئۆمۈرنى قەدىرلەپ، ئۇنى پەلىپەتىش ئىشلارغا سەرپ قىلماي، ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا قۇربان قىلىش كېرەكلىكىنى ھەم بۇنىڭ ئىنتايىن تەخىرسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. ئۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە، ئىنساننى ئۆز ھاياتىنى، باشقىلارنىڭ تەقدىرىنى ۋە شەخسلەرنى قەدىرلەشكە؛ تەبىئەتنىڭ نادىر ئىنئامى بولغان ھاياتقا يەڭگىل قارىماي، بۈيۈك ئىزگۈ مەقسەتلەر بىلەن ئىش قىلىشقا؛ ئۆزىنىڭ ئىجابىي پائالىيەتلىرى بىلەن ھايات مەزمۇنىنى بىيىتىپ رەڭدار قىلىشقا ئۈندەيدۇ.
ئاستىرونومىيە ئىلمىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇلۇغبەگنىڭ ئىلىم سۆيەر روھىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، دەۋر چاقى تېز چۆگىلەۋاتقان؛ ئىلىمنىڭ يېڭىلىنىشى ئىنتايىن تېز بولۇۋاتقان؛ رىقابەت ۋە خىرىس كۈچىيىۋاتقان؛ مۇشۇنىڭغا ئەگىشىپ پۇرسەت بىزنى ئەگىپ تۇرۇۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە ئۇلۇغبەگنىڭ ئىلىم ئىگىلەش ۋە ئىلىم ئىگىلرىگە ھامىي بولۇشتەك روھىنى ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.  

مەنبەسى: فەلەكىيات بىلوگى
http://felekiyat.blogbus.com

malman بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-8 01:59:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1قەۋەتتىكى(aptap104) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالد

ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
9-bulak بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-8 02:29:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ھەرقاچان خۇشال ياشىغىن!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58510
يازما سانى: 364
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5637
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 1212 سائەت
تىزىم: 2011-9-29
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-8 02:30:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بىلمەيدىغان تارىخ ئىكەندۇق، ئەمدى بىلىۋالدىم.   

ھەربىر مىنۇت ۋاقتىىڭنىمۇ مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشقىن! ئېسىڭدە بولسۇن يېيىش ئۈچۈن ياشىمىغىن، ياشاش ئۈچۈن يىگىن!

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 2125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14868
تۆھپە نۇمۇرى: 787
توردا: 4695 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2014-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-8 02:31:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىمەك بۇ ئەسەر بۇرۇنلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاستىرۇنۇمىيە بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىپتۇ،
ھارمىغايسىز

DUTTARIM بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-8 02:44:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27282
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5892
تۆھپە نۇمۇرى: 490
توردا: 1544 سائەت
تىزىم: 2011-1-22
ئاخىرقى: 2012-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-8 04:17:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇلۇقسىزنىڭ ئەدەبياتىنىڭ بىرنچى دەرسىدە بار بۇ ئۇلۇغبەڭ ۋە ئۇنىڭ رەسەتخانىسى دىگەن 3-قىسىم ياكى بولمىسا 2- قىسمىدا مەن ئۇنتۇپ قاپتىمەن

تەقدىر يۈكى باشى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20498
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6373
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2572 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-8 04:19:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇعبەگ  ئۇلۇع ئالىم ۋە پادشاھدۇر

شاھزادە

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39646
يازما سانى: 364
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6791
تۆھپە نۇمۇرى: 740
توردا: 952 سائەت
تىزىم: 2011-5-4
ئاخىرقى: 2014-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-8 06:54:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغبەگ دىگەن كىشى باھادىرنامە رۇمانىدىكى مىرزا ئۇلۇغبەگ شۇ . يەنە ئۇلۇغبەگ غەزىنىسى دەيدىغان بىر تارىخى رۇمانمۇ بار ئۇقۇپ قۇيۇڭلار.

پەقەت ئاللاھ قا ئىگىلىمەن.

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22893
يازما سانى: 1032
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15560
تۆھپە نۇمۇرى: 312
توردا: 7223 سائەت
تىزىم: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-8 08:34:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ئۇيغۇرلار بۇرۇن ئاستىرونومىيە جەھەتتىمۇ زور نەتىجە قازانغان،ئۇلۇغبەگنى ئوغلى ئابدۇلىتىپ ئۆلتۇرۋىتىدۇ،ئۇ ئاستىرونومىيە ساھاسىگگ تۆھپە قوشقان،ئۇنىڭ بۇ توغۇرلۇق ئەسەرلىرىمۇ بار،بىر چەتتىن خاندانلىقنى گۇللەندۇرسە،يەنە بىر چەتتىن ئىلىم-پەنگىمۇ كۆڭۇل بەرگەن،شۇڭا نادان ئوغلى ئابدۇلىتىپ تەرىپىدىن ئۆلتۇرىلىدۇ.....

تۈلكىنىڭ قولىغا چۈشكەندىن،يولۋاسنىڭ قولىغا چۈشكەن ئەلا.
خۇدانى ھەقىقى بىلگەن كىشى ھەرقانداق ۋاقىتتا،خەق كۆرمىدى دەپ ئۆزنەپسىگە چوغ تارتالمايدۇ.
شۇنداق بىر كۇنلەر كىلىدۇ.(مىللىتىم)ھەمىمىز ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ بولغان، ئىجرا قىلىنىش ۋاقتى ئوخشىمايدۇ خالاس!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش