تاماكا — خۇمار قىلغۇچى نەرسىلەرنىڭ ئەڭ بېشىدا كىلىدۇ . تاماكا جىمغور ئەمما جەلپكاردوستقا ئوخشايدۇ . كىشىنىڭ بېشىغا دەرت چۇشكەندە،دەرھال بۇ گۇزەل دوستـقا ئېسىلىپ ،ئۇنىڭ ئوتىدىن ئىسسىنغۇسى، تۈتۈنى بىلەن دىلدىكى دەرتلەرنى باستۇرغۇسى كېلىدۇ .
ھالبۇكى تاماكا نە دەرت، نە شاتلىق ھەمراھى ئەمەس. ئۇ پەقەت ۋە پەقەت ئۆزىمىزنى ئالدىشمىزغا ياردەم قىلىدىغان، خۇمار پەيدا قىلىدىغان بىر ۋاستىدىن ئىبارەت . تاماكا خۇمارى ۋۇقۇتنى نىكوتىنغا ئادەتكەندۈرۇش ئارقىلىق ئۆز قۇلى بىلەن ئۆزىنى ئاستا -ئاستا ئۆلتۈرگۈزىدۇ. تاماكىنىڭ ئىنسان سالامەتلىكىگە زىيانلىق ئىكەنلىگىدە قىلچە شۈبھەيوق. دۇنيانىڭ ۋە يۇرتىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ساغلاملىق مەسىلىسدىن بىرىگە ئايلانغان
تاماكا ئىچىدە مەۋجۇت بولغان زەھەرلىك ئىلمىنىتلار سەۋەبىدىن نۇرغۇن كېسەللىك كېلىپچىقماقتا. ئالىملار تاماكا ئىچىدىكى نىكوتىن ۋە تۈتۈننىڭ ئورگانلاردا راك، يۈرەك كېسلى،ۋە تۇمۇر كېسەللىكلىردىن تارتىپ نەپەس يۇلى ۋە نىرۋا سېستىمېلىرىدا بۇزۇلۇش كەلتۈرۇپ چىقىرىدىغانلىقىنى بايان قىلماقتا .
رەسمىي ئىستاستىكىلاردىن كۇرە،كۆپ ساندىكى كىشى ئۆپكە راكى ، تومۇر قېتىشىش، نەپەسيۇلى ئېتىلىپ قېلىشقا ئوخشاش كىسەللىكلەرگە تاماكا سەۋەبىدىن گىرىپتار بولماقتا. دۇنيادا تەخمىنەن يىلدا تۆت مىليۇن كىشى تاماكا كەلتۈرۈپ چىقارغان كېسەللىك نەتىجىسدە ھاياتىدىن ئايرىلماقتا. تاماكا ساغلاملىق مەسىلىسدىن باشقا يەنە ئىقتىزادى زىيانلارنىمۇ كەلتۈرۇپ چىقارماقتا.بۇنىڭدىن باشقا تاماكا چىكىلگەن ماكانلاردىكى تاماكا چەكمەيدىغان كىشىلەرمۇ تاماكا زىيىننىڭ تەسىرىگە ئۇچىىرىماقتا.
تاماكا سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە ئىستىمال قىلغۇچىلار يېشىنىڭ ياش غۇنچىلارغىچەيېتىپ بېرىشى بىلەن دىققەت تارىتماقتا. بۈگۈن تاماكىنىڭ سالامەتلىككەزىيانلىق ئەمەسلىگىنى ىلمىي ۋە تىببىي نۇقتىدىن ئېيتىش مۈمكىن ئەمەس. شۇڭا بۇ مەسىلىنىڭ دىنىمىزدا چەكلەنگەن ئىشلار قاتارىدا كۆرۈلىشى شۈبھىسىز. دىنىمىز ھەر ئىنساننىڭ ئۈزىگە ۋە باشقىلارغا زىيان يەتكۈزىشىنىۋە ئىسراپچىلىقىنى ھارام قىلغان . ئاللاھ كىتابىمىز قۇرئاندا؛«ئۆزەڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار.»(سۈرە بەقەرە، 195- ئايەت ) دىيىش ئارقىلىق ھاياتىمىزغا خەۋىپ يەتكۈزدىغان ھەرخىل ئىش-
ھەركەتلەردىن يىراق تۇرۇشقا بۇيرىماقتا.
پەيغەمبىرمىز(س ئە ۋ)مۇ «ئۆزەڭلارغا ۋە باشقىلارغا زىيان يەتكۈزمەڭلار؛ زىيانغا زىيان بىلەن جاۋاپ قايتۇرماڭلار؛»(ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان) دەپ ، كىشلەرنى ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا زىيان يەتكۈزمەسلىككە بۇيرىغان. تاماكىنىڭ چەككۈچىگە ۋە چېكىلگەن يەردىكى كىشلەرگە بەرگەن
زىيىننى نەزەردە تۇتقىنىمىزدا ، تاماكا چېكىلگەندە ھەم ئاللاھ ھەققىنىڭ ھەم بەندە ھەققىنىڭ دەپسەندە قلىندىغانلىقى ھەممىگەئايان .شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇلۇغ ئاللاھ بىزگە چەكـتىن ئا شماسلىققائوتتۇھال بۇلۇشقا بۇيرۇپ، ئىسراپچىلىقنى چەكلىگەن ۋە بۇ ھەقتە ؛ «يەڭلار، ئىچىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار. ئاللاھ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن ياقتۇرمايدۇ.»(سۈرە ئەئراف31ـ ئايەت ) دىگەن .
بۇ سەۋەپتىن بەزى ئالىملار تاماكا چەككۈچىگە ۋە تۇتۇننىڭ تەسىرگە ئۇچىرغان ھەر كىشى ۈچۈن زىيانلىق بولغانلىقى ، ئوچۇق - ئاشكارە ئىسراپ بولغانلىقى ، كىشىنىڭ ئائىلە ئىقتىزادىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئائىلە ئەزالىرنىڭ ۋە بېقىش مەسئۇلىيتى بولغان كىشلەرنىڭ ھەققىنى قىسىشقا ئائىلىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىھـتىياجلىرىدىن ۋە مەجبۇرى ئېلىشقا تېگىشلىك نەرسىلەردىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قىلىدىغانلىقى، ئەرزىيەت بەرگۈچى ۋە يىرگىنىچلىك پۇرقى بولغانلىقى ئۈچۈن تاماكىنىڭ «ھارام» ئىكەنلىكىگە پەتىۋا بەرگەن .
بەزى ئالىملار تاماكىنىڭ ئاشكارا مەنئىي قىلغۇچى ھۆكۈمنىڭ يوقلۇقنى نەزەردە تۇتۇپ «مەكروھ» دەپ قارىغان . بۇ سەۋەپتىن تاماكا چېكىشنىڭ «ھارامغا يېقىن مەكرۇھ » ئىكەنلىگىدە شۈبھە يوق. «ھارامغا يېقىن مەكرۇھ » دىگىنىمىز، قىياسىي دەلىل بىلەن ئوچۇق - ئاشكارە مەنئىي قىلىنغان نەرسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھۆكۈم ئەسلىدە ھارامغا ئوخشاشلا بەزى ئىشلارنى قىلىشنى ئوچۇق - ئاشكارە ھالدا ۋە قەتئىي تۈردە مەنئىي قىلىدۇ. بۇلارنى قىلىش ھارام ئىشنى قىلىش بىلەن ئوخشاش دەرجىدە گۇناھ ۋە ئەيىپلىك دەپ قارالسا؛يىراق تۇرۇش ماختاشقاسازاۋەر ۋە ساۋاپقا ئىرىشتۈردىغان ئىشلار قاتارىدىن ھىساپلىندۇ.(ھاراق، تاماكا ۋە زەھەرلىك چېكىملىككە ئۆگنىپ قېلىش . 137ـ140-بەتلەر)
كىشلەر تاماكىنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىگىنى بىلىدۇ ۋە كۆپىنچىسى تاشلىماقچى بۇلۇۋاتىدۇ.
شۇنداق بولسىمۇ ، تاماكا تاشلىيالايدىغانلىقىغا ئىشىندىغان كىشلەرنىڭ سانى ناھايىتى ئاز سالماقنى ئىگەللەيدۇ .
مەنبە : « خۇمار »
ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى.