مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3477|ئىنكاس: 7

ئۇيغۇرلار ۋە تۆت تادۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59302
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5246
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1211 سائەت
تىزىم: 2011-10-6
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-7 10:26:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرلار ۋە تۆت تادۇ.
تارىخىي خاتىرلەردە ،قەدىمقى ئەجدادىمىز ساك- سىكف ئارىيان تۇران ھون تۇرۇك ئۇغۇز قاتارلىق ئىسىملار بىلەن خاتىرلەنگەن بولسا،ھازىرغا كەلگەندە ئۇيغۇر ئاتالمىسى ، ئۇيۇشقاق دىگەن سۆز بىلەن مەنىداش قەيىت قىلىنىپ،ئۇچ تاغ ئارسىدىكى چۆلدە بوستان خەلىقلىرىنى كۆرسەتتى.نىمىلا دىمەيلى، زامان چاخپىلىكى ئايلىنىپ بۇيەرگە كەلگەندە، ئۇيغۇردىن ئىبارەت مۇبارەك نام، بىر ئۇممەتنىڭ تەركىۋىي ھەم بىر قەۋىمنىڭ ھاسىلى سۇپىتىدە ماكان زامان ئىمان ئىنسان نوختىسىدىن ئۆز خۇسسىيەت ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن زىمىن سەھىپىسىدە پۇت تىرەپ، ئۆز مەۋجۇتلىقىنى بايان ئەتمەكتە .پەن تىخنىكىنىڭ يۇكسەك دەرجىدە تەرەققىي قىلىشى،دۇنيا ئىختىسادىنىڭ بىرگەۋدىلىنىشى،بىر مەھەل ماتىريالىستىك نوختى نەزەرنى ئىلگىرى سۇرۇپ،ئىسپاتلاش پەرىقلەندۇرۇشتە قۇۋەت ئالىمىنىڭ ھاكىم مۇتلەقلىرىگەئايلانغاچ،ئىدىيال قاراشلارمۇ ماتىريال بۇيىچە شەرھىلىنىۋاتقان مۇشۇ پەيىتلەردە، ئۇيغۇرلار دۇنيا سەھنىسىدەرىقابەتلەشكۇچى رىپىر ياكى تاماششابىن ۋەياكى توپتىن ئىبارەت مۇشۇ سۇپەتلەردىن، لايىقىنى تاللاش يولىدازامانىۋىلاشقان جەمىيەتنىڭ كۇچلۇك خىرىسلىرىغا دۇچ كەلمەكتە.

ئۇيغۇرلار مەركىزى ئاسىيادىكى شەرىق غەرىپ قۇرۇقلۇق يولىنىڭ مەدىنىيەت ئىختىساد يۇرۇشىشىدىكى ئىستىراتىگىيلىك يول بويلىرىغا جايلاشقان .تاغلىق قۇملۇق تۇپرىقى ۋە يول بويلىرىدىكى بوستانلىقلار ئاساسەن دەريا سۇيى ئارقىلىق كۆكىرىدۇ.تۆت پەسلى ئىنىق،دىھقانچىلىق ۋەچارۋىچىلىق شارائىتى تۆۋەن .يول بۇلىكىدە بولغانلىقى، تىرىكچىلىكتە سودا سانائەتنىڭ يىتەكچى بۇلىشىنى ئىلگىرى سۇرۇش بىلەن بىرگە،تەبىئى شارائىتنىڭ پەسىل خاراكتىرى ،شۇنىڭغا ماس پۇرسەتكە قاراپ ئىش تۇتىدىغان، ھەرخىل مەدىنىيەت تىپلىرىنى تىز قۇبۇل قىلىپ،تىز تاشلاپ.باغلاپ يۇقتۇرۇپ ھەم ئەيلەپ يىغىنچاقلايدىغان ماسلاشتۇرۇش خاراكتىرنى يىتىلدۇرگەن.مەسلەن؛ ئىتىز ئىرىقنىڭ ئىشى چىققاندا تىرىقچىلىق بىلەن،ئىش تۇگىگەندە سودا تىجارەت، بىر ساھادە چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشقا قارغاندا كەڭ دائىرلىك بىلىم ئىلىشقا ماسلاشتۇرۇشقا ماھىرلىق،شەكلىنى تىز قۇبۇل قىلىپ رەڭگارەڭ بۇلۇش، ئاندىن ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تىپىۋىلىشتەك ھالەتلەركۆپۇنچىمىزنىڭ روھىي ھالەتلىرىدە ئەكىس ئەتكەن.

يىقىنقى زاماندىكى سىستىمىلىق تەپەككۇرنىڭ بازالىق بۇلۇشى ۋە مىللەت باش قىسىمنىڭ قۇبۇل قىلىپ،تەربىلەش ۋەباشقا ساھاسىدە ئۇمۇملاشتۇرلۇشى قاتارلىقلار سەۋەپلىك.شۇخىل ئۇسلۇپ مىللىي ئاڭ قۇرۇلمىلىمىزنىڭ زىيالىيلار سىپىدا زامانىۋىيلىك قىياسىدا قىممەت تىپىپ،كۆلىمى بىلەن بىلىشىلىرىمىزگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، تەگ مەنبىيىمىزدىكى ئىرسىي پىكىر ئۇسۇلى بىلەن ماسلاشماسلىقى نەتىجىسىدە،ئەپەندىم غەرىپچە- موللا ئەرەپچە دىيىشىپ، زىيالىيلار دائىرىسىدىن ھالقىيالمىدى.مەدىنىيەتكە كەلسەك،ئۇزۇن يىللىق تەقۋادارلىق سۇپەتتىنىڭ چوڭقۇر يىلتىز تارتىشى،بۇنىڭغا قارشى يىڭىچە ئەقىدە قاراشلارنىڭ كۇچىيىشى،زاامانغا قاراپ پال سىلىش قاتارلىقلارنەتىجىسىدە، تەپرىقچىلىق بىر مەھەل بازاتاپقان بولسىمۇ، ھازىرلەتتىن مانا ئەمدى مىللى مەدىنىيەت ئۇقۇمى ئاڭلىرىمىزنى يىنىك غىدىقلاپ ،ھەم ئۇيغۇر ھەم مۇسۇلمانمەن دىگەن سۆز قۇلاققا يىقىملىق ئاڭلانماقتا.شۇنداق خۇلاسىلاشقا بۇلىدىكى،ئىسلاھات ئىشىكنى ئىچىۋىتىشنىڭ شامىلى ئاڭلىرىمىزنى مەلۇم ئوڭ مۇساپىگە ئىگە قىلدى.

ئۇيغۇرلاردىكى ئاڭ توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلەردە ، چارۋىچىلىق مەدىنىيتى،بوستان مەدىنىيتى، سودا ،ئىلاھىي مىللەت،ناخشا ئۇسۇل مىللىتى، دىگەندەك نۇرغۇن سۇپەتلەردە تەھلىل  قىلىنغان بولسىمۇ،بىرلىككە كەلگەن ياكى بىرىككەن بىرەر خۇسسىيەت ئالامىتىنى تەمىن ئىتەلمىدى.دىمىسىمۇ بىزدىن شۇ سۇپەتلەرنىڭ ھەممىسى تىپىلىدۇ.خۇددى پاششىمدىكى‹مازار› چوڭ مىس قازاندەك، ھەر خىل مەدىنىيەتلەر يۇغۇرلۇپ قايناۋاتقان كۆرنۇش، بۇ مىللەتنىڭ تىلنى دىلنى بىلىشتە ماتىدىل ھايات دۇرىسىنىڭ تەركىپ ئانالىز سىخىمىسىنى سىزغىلى بولمىغاندەك ناھايتى قۇلايسىز.
نەزەريە دىسە ،خەت قەغەزدە كەپتەر پەغەزدە دىيىشىپ بىشى ئاغرىيدىغانلار كۆپ.بىراق ئاشۇ باش ئاغرىقىنىڭ، بىر تۇركۇمنىڭ تەرەققىياتى قىممىتى رولى مەۋجۇتلىقىدا، پايدا زىيىنى كاتتا.ئالايلۇق ماركىسىزىملىق پەلسەپە قارشى دۇنيا پۇرۇلتارلىرىنى بىرلىككە كەلتۇرۇپ،ئىكىسپالاتتاسسىيەنى يۇقۇتۇشتا كۇچلۇك مەنىۋىي ئاساس بولغان بولسا.دۆلىتىمىزنىڭ جۇڭگۇچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوسيالىزىم قۇرۇش ئىدىيىسى ،جۇڭگۇچە ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۇرۇپ، تەرەققىيات ئىشلىرىدا ئۆز رولى بىلەن ئۇستۇنلۇك ئىگىلىمەكتە.ئۆزىمىزگە كەلسەك، ئەۋلىيا سىرىتتىن مۇرىت بىزدىن دىن ئىبارەت مەنىۋىي ئىسكەنجىنىڭ تەسىرىدە، ئاڭسىز سۇ ئىغىزىمىزغا چۇشە دىگەن خىيالدا،كىلەچەكلىرىمىزنى ئۇزىمىزگە خاس ئاڭلىرىمىزدىن مۇستەسنا مۆلچەرلىمەكتىمىز.دىمەك ئۇيغۇرلاردا ئۇزىگە خاس ئاڭ،ئۇيغۇرچە پەلسەپە نەزىريە ھەل بولمايدىكەن.ئۇلۇغلۇق ھەم تەرەققىيات مۇرەككەپلىك ۋەتەپرىقچىلىقتىن باش ئالالمايدۇ.

ئۇنداقتا ئۇيغۇرچە نەزىريە قايسى ؟ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا مەدىنىيتىگە قوشقان تۆھپىلىرى ئىچىدە تۆت تادۇ ۋە سودا مۇھىم سالماقنى ئىگەنلەيدۇ.ئەجداتلىرىمىزنىڭ قەدىمدىن تۆت تادۇ تەڭپۇڭلۇق مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن بىلىش مۇساپىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ كىڭەيتىپ،پىكىردىكى يىتۇكلىكى بىلەن دۇنيا مەدىنىيەت خەزىنىسىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان.شۇنداقلا ئۆزىگەخاس مىللىي مەدىنىيەت بەرپاچىسى بۇلۇپ،زىمىن سەھىپىسنى قىممەتلىك ئىزلاربىلەن تۇتاشتۇرغان. مەسلەن ؛ئۇيغۇر تىبابىتى نەزىريە ئاساسى، شەرىق تىبابىتىنى كۇچلۇك ئاساس بىلەن قامداش بىلەن بىرگە، ئىنسانىيەتنى داۋالاش ھەم داۋالاش ساھاسىنىڭ تەجىربىچىلىكتىن تەتقىقاتقا ئۇتۇشتىكى مۇھىم ئۆتكىلى بولغان بولسا ،قۇتادغۇبىلىگدىن ئىبارەت شاھانە ئەسەردە جەمىيەت، تۆت تادۇ بىلەن شەرھىلىنىپ،سىياسەتچانلىقى پەلسەپىۋىلىكى بىلەن مىللەت ۋە مەدىنىيەتنى مۇۋاپىقىيەتلىك بىرىكتۇرۇپ، ھازىرمۇ مۇھىم تەتقىقات تىمىسى ئۆرنەك قىممىتىنى ساقلىماقتا.ئۇيغۇر خەلقى ئىزچىل تۆت تادۇنىڭ ۋارىسلىرى سۇپىتىدە،قان قىنىغا سىڭگەن تادۇلىرى بىلەن ھايات رىسالىلىرىنى بوياپ،رىسىق ئىزدەۋاتقانلىقىنى مەنزىللىرى، قەدەملىرى، بىر لوقما تائاملىرىغىچە ئىجتىمائىي ئەمىلىيەت پاكىتلايدۇ.
دىمەك ،ئەمىلىي قوللىنىشچانلىقى ماكان پاكىتى ،قۇتادغۇ بىلىگ زامان پاكىتى،ئۇيغۇر تىبابىتى ئىنسان پاكىتى ،ئۇيغۇرچە مىللى مەدىنىيەت ئىمان پاكىتى بۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن تۆت تادۇنىڭ ئىگىلىرى ئىشتىراكچىلىرى ئىكەنلىكىنى كۇچلۇك ئاساس بىلەن تەمىن ئىتىدۇ.

تۆت تادۇ دىگەنلىك،تۇپراق ئوت سۇ ھاۋا.دۇنيا مۇشۇ تادۇلاردىن تۇزۇلگەن.تادۇسىز ھىچ ھاياتلىق چىن بولمايدۇ.تۇپراق ئۇزۇقلۇقنى بىلدۇرسە،ئوت تىمپىراتۇرانى.سۇ نەملىكنى،ھاۋا ئوكسىگىننى كۆرسىتىدۇ. تۆت تادۇدىن تۇزۇلگەن ئىنساندا،ھامان بىرى ئىرسىي خاراكتىردە يىتەكچى بولىدۇ.مەسلەن ،قان سەپرا بەلغەم سەۋدا دىگەندەك.بەزى رايۇنلارنىڭ تۇپرىقى مۇنبەت بولسا،بەزى رايۇنلارنىڭ ئوتى كۇچلۇك،بەزى يەرلەر سۇلۇق بولسا،بەزى رايۇنلارھاۋالىق بولىدۇ.نەتىجىدە ئىر سىي خاراكتىردىكى ئىنسان تەبىئىتى بىلەن شارائىتنىڭ ماسسلىشىشى بىلەن، ئوخشىمىغان خۇي پەيلىدىكى مەدىنىيەت بىلەن گەۋدىلىنىپ، تۆت تادۇغا ئوخشاش بىلىش ئادىللىق ياخشىلىق تەقۋادارلىق خاراكتىردىكى ئىنسان توپىنى بەرپا قىلىدۇ.بىر مەزگىل، بىرى تۇپراق بىلىش سۇپەتتە ئىنسانىيەتنى يىتەكلىسە، بىرى  ئوت ئادىللىق سۇپەتتە كىسىپ چاسىلاپ تۇزەيدۇ، بىرى سۇ ياخشىلىق سۇپەتتە سۇغۇتۇپ ئارلاشتۇرۇپ پەزىلەت بىلەن تەڭشىسە،بىرى ھاۋا تەقۋادارلىق سۇپەتتە بوي سۇنۇشقا يىتەكلەپ كۆندۇرىدۇ.ئىنسان بۇكۆرنۇشلەردە ھەقىقى چىن مەنىدىكى رولچى سۇپىتىدە قىممىتىنى ئەكىس ئەتتۇردۇ. مەسلەن؛ بىرەر خىزمەتنى ئەمىنلەشتۇرمەكچى بولساق، ئالدى بىلەن يۇقىرنىڭ سىياسەتلىرىنى پايدا زىيانلىرىنى چوڭ يىغىن ئىچىپ تەشۋىق قىلىمىز‹ بىلىش›.ئاندىن مەخسۇس ئادەم بەلگۇلەپ مەسھۇلىيتىنى ئايرىيمىز‹ئادىللىق›.ئەمىلىيەتكەيولغا قۇيۇپ ماسلاشتۇرىمىز‹ياخشىلىق›. بىرى قىلىپ ئىككىسى قىلىپ،بىر يىل قىلىپ ئىككى يىل قىلىپ، ئاستا ئاستا خەلىقنى كۆنىدۇرىمىز‹ تەقۋادارلىق›.دىمەك دۇنيا تۇپراق ئوت سۇ ھاۋادىن تۇزۇلگەنگە ئوخشاش ،ئىنسان روھىيتى ۋە تۇزۇپ بەرپا قىلغان جەمئىيتى،بىلىش ئادىللىق ياخشىلىق تەقۋادارلىقتىن ئىبارەت تۆت تادۇنىڭ باشلىشىغا،تۇزىشىگە،تەڭشەپ،تۇراقلاشتۇرشىغا مۇھتاج بولىدۇ.
  
ئۇيغۇرلارنىڭ ئاڭ قۇرۇلمىسىدىكى تۆت تادۇنىڭ سىماسىنى ئىزدىسەك ،گەرچەزىيالىيلار ئارسىدا ھازىرقى زاماندىكى پىكر ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلدىغانلار،سىرىتنىڭ ئىلغارقاراشلىرى بىلەن ئۇچىرشىدىغانلار،چوڭلارنىڭ تەلىپى بۇيىچە تەربىيە يۇرگىزىلىنۋاتقانلار بولسىمۇ،شۇخىل ئۇسلۇپنى چۇشۇنىدىغانلار كۆپكە ۋەكىللىك قىلمايدۇ.چۇشەنسىمۇبۆلەك ھالىتىدە چۇشۇنۇپ،چوڭقۇرلۇق سىستىمىلىق ئەمىلىيەتچىللىكتە ئۇنۇم ھالىتىدە ئەمەس.كۇپۇنچە تەتقىقاتچىلار، بەزى پەيلاسوپ قەلەمكەشلەر ۋە شۇ پەندىكى تەربىيەتچىلەر دائىرىسىدە چەكلىنىۋاتىدۇ.ئۇنىڭ ئۇستىگە نەزىريە بارىسىدىكى ئەسەرلەرگە قارغاندا، ئۆزتەگ پىكىر ئۇسۇلىغا يىقىن، ھىكايە رومان شىر قوشاق ماقال تەمسىل ئىپىزۇت يۇمۇرلار بازارلىق بولىۋاتىدۇ.بۇ تەپەككۇر ئۇسۇلىمىزنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى،يەنە كىلىپ نەزىريەگە ماسلاشمىغانلىقىنى پاكىتلايدۇ.
ھۆكۇمالىرىمىزنى ئالساق، كۇپۇنچىسى دىنىي ئىلىملەر بىلەن تىبابەتچىلىكتە تەڭ ئىلىم تەھسىل قىلىدۇ.قۇرئاننىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىشى بىلەن، بىۋاستە ئانا تىلىدا پىكىر قىلىپ ئىزدىنىدىغانلارمۇ مەلۇم سالماقنى ئىگىلىمەكتە.يىڭىلىق تەرەپدارلىرى،كونا ئىقىم تىپى،سوپىستىك تەقۋادارلىق قاراشتىكىلىرى،ماسلاشتۇرۇش تىپىدىكىسى قاتارلىقلار ئۇچرايدۇ.بۇلاردىكى ئىختىلاپنى تۇگۇتۇشتە،تۆت پاچاقنى تەڭ ئويلايدىغان تۆت تادۇغا تايانماي بولمايدۇ.
سودا كەسىپكارلار دۇنياۋىي سەۋىيدىن يىراق بولسىمۇ،كۆپۇنچىسى ئۆزىدىكى تۇغما يەرلىك پىكىر ئۇسۇلى بىلەن ئىش ئوقەت قىلىدۇ.كەسىپ ئۇگەنگەنلىرىمۇ ئەمىلىيەتكە تەدبىقلاش جەريانىدائۆز ئىڭى بىلەن بىللە ئىستمال قىلىدۇ.
دىھقان چارۋىچىلىرىمىز ئاساسەن دىگۇدەك تادۇ بۇيىچە پىكىر قىلىدۇ. ئائىلەردىمۇباللىرىمىزنىڭ مىجەز خۇلىقى چىقىش قىلىنىدۇ.داۋالىنىش تاماق رىسالىلىرىمىزدىمۇ ئىسسىق سۇغۇق ئايرىلىدۇ.

دىمەك بەزىلىرىمىز قەلەمنى چوڭ بىلسەك،بەزىلىرىمىزھۆكۇمنى چوڭ قىلىمىز.بەزىلىرىمىزگە ياخشىلىق ئۇز كۇرۇنسە،بەزىلىرىمىز تەقۋادارلىق بىلەن باھالايمىز.بۇ بىزدىكى ئاڭ قۇرۇلمىسىنىڭ مۇرەككەپ كۆپ خىللىقىنى ئىپادىلىسە.يەنە بىر جەھەتتىن ،بىزدىكى ئىرسىي پىكىر ئۇسۇلى ئانا تىل ئارقىلىق ئۆزلەشكەن مىتىدىلوگىيەنىڭ ئاڭلىرىمىزغاچوڭقۇر سىڭگەنلىكىنى، مۇنداقچە دىگەندە، ئىنسان ئانا تىلدا تەپەككۇر قىلىدىغانلىقىنى، ئۆز ئىڭىدىن ئايرىلسا قەدەملىرىنىڭ ئاستىلاپ،قۇشسىز قاناتتەك ئىنىرگىيدىن مەھرۇم قالدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. خۇلاسىلىغاندا مەدىنىيەتتىكى كۆپ خىللىق، تەبىئىي شارائىت،ئىرسىيتىمىزۋە ھازىرقى ئەمىلىيتىمىز تۆت تادۇنى يەنى تادۇچە پىكىر ئۇسۇلىنى كۇچلۇك تەقەززا قىلىدۇ. قاچانكى تادۇلىرى قىممەت تىپىپ ، پەرۋىشكە ئىگە بولسا،ئۇيغۇرنىڭ تۆت قىرلىق دوپپىسىنىڭ غەم غۇسسى تۇگەيدۇ.تۆت قۇلاقلىق قازىنىدا ئاش قاينايدۇ.ئەكسىچە ئەمىلىيتىمىز چىقىش قىلماي،ئىتىزغا ئاپلىسىن تىرىساق، شاخ شۇمبا ئۆسىدۇ.

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1695
يازما سانى: 3879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 224353
تۆھپە نۇمۇرى: 1074
توردا: 11691 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-7 12:04:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆكيال تىۋىپنىڭ يازمىسىمۇ نىمە .

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ دۇنيانىمۇ ئويلاپ قويايلى.

ئۇزۇن سەپەر ...

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 674
يازما سانى: 1117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 40011
تۆھپە نۇمۇرى: 482
توردا: 3197 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2014-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-7 12:19:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت  gherip كە 2011-10-07 12:04 PMئەۋەتىلدى  :
كۆكيال تىۋىپنىڭ يازمىسىمۇ نىمە .
كوكيال ئۈزىگە مۇناسىۋەتلىك يېرىنىلا يوللاپتىكەن .....
مانا : https://uyghur-archive.com/misranim/viewthread.php?tid=8011

خۇشچىراي ، شېرىن سۆز ( بولسا ) ، مال - دۇنيا بېرىلسە ، بۇ ئۈچ نەرسە ئەتراپىغا ئەركىن كىشىلەرمۇ توپلىنىدۇ . قۇتادغۇبىلىكتىن :

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 594
يازما سانى: 1656
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13754
تۆھپە نۇمۇرى: 366
توردا: 7795 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-7 04:29:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلگەنلەر بىلىپ قالىدۇ ، بىلمىگەنلەر ئوقۇپ ئۆتۈپ كىتىدۇ .

hekmat-uyghur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-7 05:41:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59302
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5246
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1211 سائەت
تىزىم: 2011-10-6
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-8 11:15:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىخى يامىنى چالا قاپتۇ،
تۆت تادۇ بۇيچە ئالغاندا، ئۇيغۇرلار سۇغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئىنسان نوختىسىدىن ئىغىزغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
يەھۇدىيلار بىلىش تىپىدىكى بۇرۇنغا ۋەكىللىك قىلسا،نىسارالار ئادىللىق تىپىدىكى كۆزگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار سەيلى ساياھەتكە ئامراق. بىز ياخشىلىق تىپىدىكى ئىغىزغا ۋەكىلىك قىلىمىز.خەنزۇلار تەقۋادارلىق تىپىدىكى قۇلاققا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
بۇيەردىكى ئىغىزغا ۋەكىللىك قىلىشىمىز. تادۇچە پىكىر ئۇسۇلىنىڭ ياخشىلىق تىپىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىكەنلىكىنى نەزەريە جەھەتتىن پاكىتلايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59302
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5246
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1211 سائەت
تىزىم: 2011-10-6
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-10 11:16:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەلسەپىدىكى دۇنيا قاراش ۋە مىتدولوگىيە دىگەن مۇشۇ گەپنى تاتىلىساق.دۇنيا قاراشتا،بىرى  تەرەققىيات مەسھۇلى دىسە، بىرىمىز ياراتقۇچىنىڭ ھىكمىتى دەيمىز.دىمەك بۇيەردىن ئوخشىمىغان بىر بىرىگە زىت ئىككى خىل دۇنيا قاراش چىقىدۇ.مىتىدىلوگىيەگە كەلسەك بۇنى پىكىر ئۇسۇلى دەپ چۇشۇنۇشكە بولىدۇ.ئەسلىدە دۇنيا قاراش ئوخشىمىسا،پىكىر ئۇسۇلىمۇ ئوخشىماسلىقى كىرەك ئىدى.بىراق، ماتىريالىزىملىق دۇنياقاراشنىڭ مىڭىشىغا قارغاندا، پىكىر ئۇسۇلىنىڭ يۇرىشى قالتىس بولدى. بەزى دىنىي قاراشلارمۇ ماتىريال بۇيىچە شەرھىلەندى.بۇنىڭدىن پىكىر ئۇسۇلىنىڭ دۇنيا قاراش بىلەن بەزى ھاللاردا تازابىقىنىشمايدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. دىمەك پەلسەپەنى ئەڭ ياخشىسى پىكىر ئۇسۇلى دىگەن تۇززۇك.دۇنيا قاراش دىيىشكە پىستان چاقىدىغان يەرلىرىمۇ بار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 56286
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3877
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 305 سائەت
تىزىم: 2011-9-12
ئاخىرقى: 2013-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 01:45:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش