باش سۇرەت ئۆزگەر
يېتىلىۋاتقان ئەزا
تاڭلارنىڭ باغرىدا ياتارمىڭ ھىكمەت ( شىئىر) ئابلىكىم مۇھەممەت ۋارىسى يىقىنلاپ كەلمەكتە تاڭنىڭ تىۋىشى، سۈبھىدىن رەڭ ئالدى پايانسىز ئۇپۇق. گۈللەرنىڭ لىۋىگە سۈيىدۇ شەبنەم، يۈز ئاچتى سەبىدەك نۇرانە يۇرۇق. سەھەرنىڭ گىرىمسەن شولىلىرىدا، شائىرنىڭ قەلبىدەك كۈرۈنەر ئەتراپ. ھاياتقا كۈي-ناۋا ئىتىدۇ بەخىش، تاڭلارنىڭ ئەلچىسى خۇرازلار چىللاپ. باقىمەن ئەتراپقا مۇڭلۇق،خىيالچان، روھىمدا چۈش كۈرەر سانسىز تىلسىمات. مەن گۇيا مەنزىلى مەۋھۇم بىر سەيياھ، ھاياتتىن بىر مەنا ئىزلەيمەن پات-پات. گۈدەكلىك چاغلىرىم،سۆزلەيتتى دادام، تاڭ پەيتى غەپلەتتە ئۇخلىمىغىن دەپ. سەھەردە ئىنسانغا چېچىلار رىزىق، تاڭلارنىڭ باغرىدا ياتار مىڭ ھىكمەت. پەرۋانە يالقۇنغا ئېتىلغان كەبى، تاڭلارغا ئىنتىلىپ كەلدىم ھەر سەھەر. تاڭلاردىن نۇر ئەمگەن ئىزگۇ ئارمانلار، ھاياتقا ئىپ كىلەر نۇسرەت ھەم زەپەر. 2011-يىل23-سىنتەبىر. يەكەن
پاش قىلىش
0903 تىكو &nb
بۇغداي نېنىڭ بول
ئادەتتىكى ئەزا
ئاكتىپ ئەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ
ئالاھىدە ئىلگىرلەش