مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8369|ئىنكاس: 68

«ئەلى ئاقنىياز ناخشا كېچىلىكى»گە تەكلىپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەمەتجان مۇھەممەت

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1176
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13854
تۆھپە نۇمۇرى: 1151
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2014-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-6 01:16:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |





«بۈگۈن ۋە ئەتە»
ئەخمەت كىبىر  تېكىستى
[mp3=1]http://www.alimuzika.com/nahxa/bugun.mp3[/mp3]
[align=justify]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارلىق مۇنبەر ئەھلى!
     www.alimuzika.com تورىنىڭ قۇرغۇچىسى، شۇنداقلا قارا ھىجران مۇنبىرىنىڭ ئالىي ئەزاسى ئەلى ئاقنىياز ئەپەندىنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن ھەممىڭلارنى كۇچاغا كېلىپ، ئۇنىڭ «ئۆرلە ۋەتەن»نامىدىكى قوشتىللىق ناخشا كىچىلىكىگە قاتنىشىشقا  ئالاھىدە تەكلىپ قىلىمەن. بۇ كېچىلىك10 -ئاينىڭ 9-كۈنى كەچ شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 7دە كۇچا خەلق مەيدانىدا  ئۆتكۈزىلىدۇ. ھازىر جىددىي تەييارلىق قىلىنماقتا.

     بۇ كېچىلىككە تالانتلىق ياش ناخشىچى ۋە ئاۋاز كۈلدۈرگە ئارتىسىمىز تۈمۈرخان روزى، تۇرپاندىن ناخشىچى ئەخمەت ئېلى قاتنىشىدۇ. يەنە قەشقەر ، خوتەن قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ياش ناخشىچىلار ئۆز سوۋغىللىرىنى تەقدىم قىلىدۇ . بۇ كېچىلىكتە ئاساسەن ئەلى ئاقنىياز ئەپەندىمنىڭ  ئىجادىيىتى ئاساس قىلىنغان بۇلۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىجادىي ناخشىلىرىنى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ھوزۇرىغا سۇنماقچى.

ئەلى ئەپەندىمنىڭ  قىسقىچە تەرجىمھالى:
ئىسمى: ئەلى ئاقنىياز  
مىجەزى: چىقىشقاق ،ھەق ناھەق تۇيغۇسى كۈچلۈك، باشقىلارغا ياردەم قىلىشقا ئامراق.
ياقتۇرىدىغان تامىقى: ئۆي تاماقلىرى
تۇرمۇش ئەھۋالى: توي قىلىپ ئاجراشقان، ھازىر ئۆلچەملىك بويتاق. 10  ياشلىق بىر ئوغلى بار .
سۆيگەن قىزىنىڭ بار يوقلىقى:  نامەلۇم(ئۆزىدىن سورىسا«يوق» دەپ جاۋاپ بېرىدىكەن) .
تۇرمۇش ئلاھىدىلىكى : گۈل بېقىشقا ئالاھىدە ئامراق، ھايۋانلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
     ئۇ1974-يىلى 10 ئاينىڭ 4- كۈنى شايار ناھىيىسىنىڭ يېڭىمەھەللە يېزىسى ، بوستان كەنتىدە بىر  سەنئەتسۆيەر دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ كىچىكىدىن ناخشا مۇزىكىغا  ھېرىسمەن بۇلۇپ ، ئۆز مەھەللىسىدىكى  خەلق سەنئەتكارلىرىنىڭ ئېيتقان ناخشىلىرى،شۇنداقلا  ئاتاغلىق مۇقامچىمىز  ئابلىز شاكىر ئاكىمىزنىڭ توۋلىغان مۇقاملىرى ئۇنىڭغا ئىنتايىن چۇڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزلىكىدىن يۇرتىدىكى ئەلنەغمىچىلەرنى ئۇستاز تۇتۇپ ناخشا مۇقام ئۈگەنگەن . ئۇ  ئەمدىلا ئوتتۇرا مەكتەپكە  چىققان ۋاقتىدا ئۇنى بېقىپ چوڭ قىلغان  چوڭ دادىسىى ۋاپات بۇلۇش سەۋەبى بىلەن سەنئەت كەسپىدە ئوقۇش ئارزۇسى ئۇياقتا قېلىپ  ئوتتۇر مەكتەپنىمۇ تۇلۇق ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قېلىپ ئىلى دىيارىدىكى تۇققانلىرىنىڭ ئۆيىگە بېقىۋېلىشقا  بىرىلگەن.
      ئۇ  غۇلجىدا 3يىل تۇرغاندىن كىيىن ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كەلگەن. ئۈرۈمچىدە تۇرغان مەزگىلىدە ئۇ ئىچىدىكى دەرت-پىراقلىرىنى قەلىمى ۋە ئۆز ھىسياتى ئارقىلىق ئىپادىلەشكە كىرىشكەن. ئۇنىڭ يازغان ئىجادىيەتلىرىدىن «تۈكۈلگەن ياپراق» دىگەن ناخشىسىنى ناخشا چولپىنىمىز ئەكبەر قەھرىمان ئاڭلاپ قېلىپ، ئەلىنىڭ ناخشىلىرىنى بىر قانچە پىلاستىنكىغا  بۆلۈپ چىقىرىپ خەلقنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشكەن.
     ئەكبەر قەھرىمان ئەلى ئاقنىياز بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ يۇرتى ۋە پۈتتۈرگەن مەكتىۋىنى سورىغان ۋە ئۆزىگە ئىجادىيەت يېزىپ ئاھاڭ ئىشلەپ بىرىۋاتقان  بىر ئادەمنىڭ تۇلۇقسىزنىمۇ  تۇلۇق ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولالمىغان بىر ئاددى دىھقان بالىسى ئىكەنلىكىگە ھەيران قالغان ھەمدە بۇ «بالا ئىجادىيەتچى»تالانتىغا قول قويغان.   ئەكبەر قەھرىمان بۇ «ئىجادىيەتچى»نىڭ ناخشىلىرىدا ئۇدار، رىتىم جەھەتلەردە بەزىبىر خاتالىق، كەمچىلىكلەرنىڭ بارلىقىنى، گەرچە بەزى نۇقسانلار بولسىمۇ لىكىن كۈچلۈك ئىچكى ھىسياتقا تولغان ناخشىلار ئىكەنلىكىنى بايقاپ ئۇنى ئۆز ئىجادىيەتچىسى  قاتارىدا ئىجادىيەت يېزىشقا دەۋەت قىلغان ۋە ئۇنى ئۆزىنىڭ بىر قوللۇق تەربىيلەيدىغانلىقىغا ۋەدە بىرىپ ئۇنى ئۆز يېنىدا ئېلىپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر تەرەپتىن ئىجادىيەت ئىشلەش بىلەن مەشغۇل بولسا يەنە بىر تەرەپتىن  ئەكبەر قەھرىماننىڭ مۇزىكا بىلىملىرى جەھەتتىكى دەرسىنى ئاڭلاپ  ئىجادىيەتلىرىنى تېخىمۇ موللۇققا يۈزلەندۈرگەن  ۋە ئەكبەر قەھرىماننىڭ يىتەكلىشىدە ئاددى نوتىلارنى تىزلا ئۈگەنگەن،ئاۋاز مەشىقى ،ناخشا ئېيتىش ئۇسۇلى  قاتارلىقلاردا تەپسىلى تەربىيلەنگەن. شۇنداق قىلىپ ئەكبەر قەھرىمان 1995-يىلى ئۆزىنىڭ «ئاشلىق مەكتەپ» زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن ناخشا كېچىلىكىدە ئئەلى ئاقنىيازنى سەھنە بىلەن تۇنجى كۈرۈشتۈرگەندە ئەلى ئاقنىياز تاماشىبىنلارنىڭ زور ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان ۋە شۇندىن باشلاپ سەھنە ھاياتىنى باشلىغان.

      ئۇ كىيىن «ئۈمىدۋار ياشا»ناملىق بىر ئۈنئالغۇ لىنتىسىنى بازارغا سېلىپ يەنە ياخشى باھالارغا ئىرىشكەن. كىيىن بىرقانچە يىللارغىچە ھىچقانداق پىلاستىنكا چىقارمىغان .باشقىلار ئۇنىڭدىن سەۋەبىنى سورىغاندا ئۇ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن:«مەن سەنئەتنىڭ بوسۇغىسىغا ئەمدىلا قەدەم قويغان چاغلىرىمدا، نەشرىياتچىلارنىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن لىنتا  چىقارغان ئىكەنمەن .ئەمدى سەنئەتنىڭ نىمىلىكىنى چۈشەنگەن ۋاقتىمدا  ئويلاپ باقسام،سەنئەت دىگەن ئۇنچىلىك ئاددى ئەمەسكەن .ھازىرچە پىلاستىنكا  چىقىرىشقا  سالاھىيىتىم توشمايدىكەن.مەن يەنە نەچچە يىل تىرىشسام بولغىدەك» دەپ جاۋاپ بەرگەن.

       كېين مەلۇم مۇناسىۋەت بىلەن بىرقانچە ناخشىسىنى مۇزىكا ئىشلىتىش ۋە ئاۋاز ئالدۇرۇش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدە  2ئاي ئۆچرەتتە تۇرغان ۋە نۇرغۇن ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرىغان. شۇ جەرياندا يەنە باشقا ناخشىچىلارنىڭمۇ ئۇنىڭدىن ئارتۇق زىيانغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، بۇ ساھەدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئېھتىياجىنى  تولۇق قامدىيالمايۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ناخشا مۇزىكىلىرىنىڭ  چەتئەللىكلەرنىڭ يۇقۇرى تېخنىكىسى بىلەن ئىلغار ئۈسكۈنىسىدە تەھرىرلىنىپ چىقىپ، تېكىستى ۋە ئاھاڭ  جەھەتلەردە ئېغىر  بۇزۇلۇش بولسىمۇ يەنە بىزنىڭ ياشلىرىمىزنىڭ چەتئەل مۇزىكىسىغا بولغان چۇقۇنۇشىنىڭ  ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلغان.
       مۇشۇ ساھەدىكى بوشلۇقنى تولدۇرمىسا  ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنىڭ باشقىلارنىڭ  ناخشىلىرىغا ئايلىنىپ كىتىشتەك خەۋىپكە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر مۇزىكانتلارنىڭمۇ يۇقۇرى تېخنىكىغا يۈزلەنمىسە بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ2005-يىلى تۇنجى بۇلۇپ«ئىللىق دۇنيا»نامىدىكى مەخسۇس مۇزىكا بىلىملىرى تور بىكىتىنى قۇرۇپ شىنجاڭدىكى  مۇزىكانتلارنىڭ ئۆزئارا بىلىم ئالماشتۇرىدىغان سورۇنىنى ھازىرلىغان. شۇ سەۋەتىن مۇشۇ  بىر نەچچە يىل ئىچىدىلا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆزى ئاۋازغا ئېلىپ مۇزىكا ئىشلەپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن نۇرغۇن مۇزىكانتلىرىمىز  مەيدانغا چىقىشقا باشلىغان، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ئاۋازغا ئېلىش ،يۇقۇرى تېخنىكا بىلەن ئاۋاز تەھرىرلەش ئىشلىرىنىڭ بىر نەچچە ئادەمنىڭ مونۇپوللىقىغا ئۈتۈپ قېلىشتەك قاتماللىق بۇزۇپ تاشلانغان. نۇرغۇن ئوقۇش  شارائىتى يوق ،قىزغىنلىقى ئوتتەك ئۇرغۇپ تۇرغان مۇزىكا  ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن بۇ  تور بەت ئىنتايىن قولايلىق بىلىم ماكانىغا ئايلانغان. كېيىن بۇ تور بىكەت «قالايمىقان مەزمۇن بايقالدى» دىگەن قۇرۇق گەپ بىلەن تاقالغان، كىيىن بۇ تۆھمەتنىڭ يالغانلىقى ئېنىقلىنىپ توربەتنى قايتا ئېچىش رۇخسەت قىلىنغان .ئەپسۇس بۇرۇنقى توربەتتىكى نەچچە يىل قان - تەر ئاققۇزۇپ تەييارلىغان بارلىق مەزمۇن  ۋە دەرسلىكلەر پۈتۈنلەي يۇيۇپ تاشلانغان ئىدى.ھەتتا «ئىللىق دۇنيا» تور بېكەت نامىمۇ يوقالغان ئىدى.
     ئۇ يەنىلا بەل قۇيۇۋەتمەي ئىزدىنىپ، نۇرغۇن قەرزلەرگىمۇ بۇغۇلۇپ ئەلى مۇزىكا تورى www.alimuzika.comنى بارلىققا كەلتۈرگەن ۋە كېچە -كۈندۈز ئۇخلىماي دىگىدەك ماتىريال تەييارلاش ، بىر  چەتتىن ئۈگۈنۈش ئارقىلىق ھازىرقى بۇ بىلىم مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلدۇررۇپ كەلمەكتە . «كەسىپنى سويسەڭ كەسىپ سېنى سويىدۇ» دىگەندەك ئاخىرى بۇ كەسىپ  بۇ تىرىشچان سەنئەت ھەۋەسكارىمىزنى سۆيگەن  ۋە  ALIMUSIC يەنى ئەلى مۇزىكا مۇلازىمەت ئىشخانىسىنى قۇرۇپ،  ئاۋاز ئېلىش مۇزىكا ئىشلەش مۇلازىمىتى بىلەن مەخسۇس شۇغۇللانغان ۋە ياخشى ئىقتىسادىي ئۈنۈم ھاسىل قىلغان شۇنداقلا ئۇنىڭ خەلق ئارىسىدىكى ھۆرمىتىنى ئاشۇرغان. ئۇنىڭدىن:«سىزنىڭ توربەت توغرىسىدىكى ئاخىرقى نىشانىڭىز نىمە؟ »دەپ سورىغاندا ئۇ: «جەمىيىتىمىزدىكى ماڭا ئوخشاش ئوقۇش  شارائىتىغا ئىرىشەلمىگەن، سەنئەتكە ئىشتىياق باغلىغان ھەرقانداق بىر ئاددىي پۇخرانىمۇ  مۇزىكىسىنى ئىشلىيەلمىگەن تەقدىردىمۇ ئۆز ھىسياتىنى ۋە ئىجادىيەتلىرىنى سۈپەتلىك ، پاكىز ھالدا ئاۋازغا ئېلىپ كېيىنكى ئەۋلاتلىرىغا خاتىرە قالدۇرۇپ قويالىغىدەك سەۋۋىيە ۋە شارائىتقا يەتكۈزۈش...» دەپ جاۋاپ بىرىدۇ.

     ئۇ ئاۋازغا ئالغان ۋە ئىشلىگەن مۇزىكىلار شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىدىكىلەرنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا  ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشكەن. ئاۋازغا ئالغان ناخشىلىرى ئاڭلىتىشلاردا قۇيۇلۇپ كەلمەكتە. ئۇ يەنە نەچچە يىللىق تەجىربىسىگە ئاساسلىنىپ كۇرسانت تەربىيلەش ئېلىپ بارماقتا. يېقىندا ئۇ خەنزۇچە ئىجادىيەتلەر بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ بىرقانچە خەنزۇچە ئجادىي ناخشىلىرى ،ۋىلايەت بۇيىچە ئۆتكۈزۈلگەن خەنزۇچە ناخشا مۇسابىقىسىدە مۇنەۋۋەر ناخشىچى مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن ھەمدە يەنە كىيىنكى نۆۋەتلىك مۇسابىقىلەرگە تەكلىپ قىلىنغان. ئۇ يەنە كىچىكىدىن ئۆزلىكىدىن ئېنگىلىزچە ئۆگەنگەن بۇلۇپ بەزى ئېنگىلىزچە ناخشىلارنىمۇ ياخشى ئېيتىدۇ. ھازىر كۇچا مەدەنىيەت ئىدارىسى قارمىقىدىكى «كۇچا ئەلنەغمە سەنئەت ئۆمىكى»دە خىزمەت قىلىدۇ. بۇ قېتىم كۇچا ناھىيىسىدىكى ھەرقايسى ساھەدىكى سەنئەتسۆيەر رەھبەرلەر ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشى ئاستىدا  كۇچا ناھىيىسىگە نىسبەتەن تۇنجى قېتىملىق چوڭ تىپتىكى سەنئەت كېچىلىكى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

بۇ جاپاكەش ،تىرىشچان سەنئەتكارىمىز بىلەن بولغان سۆھبەت ئادەمنى ئۈزلۈكسىز  تىرىشىشقا ئۈندەيدۇ. ئاخىرىدا بۇ تىرىشچان سەنئەتكارىمىزنىڭ تېنىگە سالامەتلىك ،ئائىلىسىگە بەخت ،خىزمىتىگە ئۇتۇقلارنى تىلەيمىز.
     ئۇنىڭ  يېقىندىن بۇيانقى ئىجادىيەتلىرىدىن «مېنىڭ قۇياشىم»ناملىق ناخشىسى 2011-يىللىق چىڭدۇدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقارالىق غەيرى ماددى سەنئەت مىراسلىرى سەنئەت بايرىمىغا قاتناشتۇرۇلغان ۋە 41 دۆلەتتتىن كەلگەن سەنئەتكارلارنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشكەن.
ئالى ئاقنىياز ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ: http://bbs.karahijran.com/read.php?tid=564
  


شائىر دەۋر يار بەرسە سىياسىئۇن بولىدۇ. http://waksina.com  ۋاكسىنا مۇنبىرى

سۇلايمان ئابلىمىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 8391
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1580139
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12303 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-6 01:54:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام...
شۇكۈنى باشقا ئىشىم چىقىپ قالمىسىلا بارىمەن

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، كونا يېڭى مۇنبەرداشلار...ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشلار بولسا QQغا  قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ، نۇمۇرۇم:295997753

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14887
يازما سانى: 1970
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1347
تۆھپە نۇمۇرى: 1064
توردا: 7259 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-6 02:05:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پىلاستىنكىسى چىقىپ قالسا ئېلىپ كۆرەي   كۇچاغا بېرىپبولالمىغىدەكمەن

ئىنسان چىرايلىق گېپى بىلەن ئىككىلى دۇنيالىق ئەزىز ...
تىلىمىز ئەقلىمىزنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالمىسۇن . ھەر ۋاقىت ئەقلىمىز تىلىمىزنىڭ ئۈستىدە تۇرسۇن .
بولمىسا ئەخلاقىمىزنى يوقۇتۇپ قويىمىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52097
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3656
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 2241 سائەت
تىزىم: 2011-8-18
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-6 02:10:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئاكمىز بىلەن كۇچاغا بارغان ۋاختمدا (9_ئاينىڭ ئاخىردا) تاسادىبى تۇنۇشۇپ قالىىغان ئىدىم ،شۇچاغدا بۇ كىچلىكنىڭ ئىشىنى .ئوتكىزلدغان ۋاختىنى ئاڭلىغان.ماڭا سوزلىرى يۇمۇرستىك، مىماندوس ،ئاقكۇڭۇل قاتارلىق تەسىرلەرنى بەرگەن. سەنئەت كىچلىگڭزگە مۇۋاپقيەت تىلەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 749
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13600
تۆھپە نۇمۇرى: 591
توردا: 3517 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-6 02:25:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ چىقىپ كۈرىمەن ...خۇدايىم بۇيرۇسا ...ھەم ئەلى ئەپەندىمنىڭ كېچىلىكىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بۇلىشىنى تىلەيمەن .......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1366
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 51388
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9956 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-6 02:30:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپلا،مەن  15چىسلا باراتتىم ئەمەسمۇ،كاساپەت،ئۈلگۈرمىگىدەكمەن.ياخشى ،داغدۇغۇلۇق ئۆتۈشىگە تىلەكداشمەن،كۇچا-يەنە بىر ئاۋاتلىقىنى كۆرسىتىدىغان بولدى.

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 4650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44334
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 15946 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-6 02:46:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۆمۇرخان روزىمۇ  قاتنىشىدىكەندە ؟

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1969
يازما سانى: 2565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17875
تۆھپە نۇمۇرى: 568
توردا: 3891 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-6 03:01:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسمى: ئەلى ئاقنىياز  
مىجەزى: چىقىشقاق ،ھەق ناھەق تۇيغۇسى كۈچلۈك، باشقىلارغا ياردەم قىلىشقا ئامراق.  
ياقتۇرىدىغان تامىقى: ئۆي تاماقلىرى
تۇرمۇش ئەھۋالى: توي قىلىپ ئاجراشقان، ھازىر ئۆلچەملىك بويتاق. 10  ياشلىق بىر ئوغلى بار .
سۆيگەن قىزىنىڭ بار يوقلىقى:  نامەلۇم(ئۆزىدىن سورىسا«يوق» دەپ جاۋاپ بېرىدىكەن) .
تۇرمۇش ئلاھىدىلىكى : گۈل بېقىشقا ئالاھىدە ئامراق، ھايۋانلارنى ياخشى كۆرىدۇ.


لايىق ئىزلەش ئىلانى كۆز ئالدىمغا كىلىۋالدى . ھا...ھا....ھا.....چاقچاق ھە ، ئەمدى چاقچاققىمۇ پۇتاق چىقارماڭلار .

http://blog.sina.com.cn/esma88

خوراز چصللصماقت

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2645
يازما سانى: 1036
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13447
تۆھپە نۇمۇرى: 616
توردا: 10606 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2014-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-6 03:13:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قوش تىللىق مائارىپ دەپ ئاڭلىغان، قوش تىللىق ناخشا كېچىلىكى دەپ ئاڭلاپ باقماپتىمەن.

بالام خوراز چىللىغىلى نەۋاق تېخىچە ئويغانمىدىڭما؟

ھايات-پۈتكۈل ھاي

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45433
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9513
تۆھپە نۇمۇرى: 1236
توردا: 596 سائەت
تىزىم: 2011-6-23
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-6 03:18:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ما ئىنكاسلار نىمانداق قىززىق، پاھ . . .

ھېس-تۇيغۇلىرىڭغا ئىتىبارسىز قارىما، ئۇنىڭدىن ئۆزەڭدە ئەۋلىيالىقنى سېزىسەن .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش