مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 23587|ئىنكاس: 301

چىڭگىزخان  قەھرىمان  ئەمەس [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۈلۈم ئەڭ ياخشى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7870
يازما سانى: 347
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10655
تۆھپە نۇمۇرى: 598
توردا: 3246 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2014-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-5 10:42:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدىنقى ھەپتە(17-چىسلا) مۇنبەرگە (ئانا ۋە چىڭگىزخان) ناملىق ئەسەر يوللانغان ئىدى.(تورداش لېمجىن يوللىغانغۇ دەيمەن) مەن ئۇ ئەسەرگە قارىتا (چىڭگىزخاننىڭ تۆھپىسىدىن گۇناھى كۆپ ) دەپ ئىنكاس يازسام ، بەزى تورداشلار  مۇشۇ توغۇرلۇق تەپسىلى توختىلىشىمنى تەۋسىيە قىلغان ئىدى. نەچچە كۇندىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ قېلىپ ، بۇ توغۇرلۇق بىر نىمە يازالمىدىم . بۈگۈن ئاران پۇرسات چىقىپتۇ ،شۇڭا بىر ھەپتە ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ ،ئۆزەمنىڭ بىلگەنلىرىنى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم . چىڭگىزخانغا قىزىقىدىغان، ئۇ ئادەمگە چوقۇنىدىغانلار كۆرۈپ باقارسىلەر .   
       چىڭگىزخاننىڭ تەرجىمىھالىنى يازمىساممۇ بۇلار ، چۇنكى ھەممىڭلار بىلىسىلەر بەلكىم .(ئۇنىڭ كىنوسىنى كۆرمىگەن ئادەم يوققۇ دەيمەن) مەن بۇ يەردە چىڭگىزخانغا باشقا بىر نۇقتىدىن باھا بەرمەكچى...
    1.  چىڭگىزخان ھاياتىدا بىر ئۆمۈر جەڭ قىلىپ ئۆتكەن ئادەم . بۇ ئادەم ئىگىلىگەن زىمىن ، تارىختىكى ھەر قانداق بىر ھۆكۈمدار ئىگىلىگەن زىمىندىن كۆپ . ھاياتىدا يۈز دىن ئارتۇق شەھەر، قەبىلە، پادىشاھلارنى يوقاتقان . بىر ئاڭلىماققا بۇ ئادەم ئاجايىپ باتۇر، ئۇلۇغ زات دەك بىلىنىدۇ. ئەمىلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. چۈنكى بۇ ئادەم ، ئالىكساندىر ماكىدونىسكى(ئىسكەندەر زۇلقەرنەئىن)دەك، جاھانغا ئىلىم تارقىتىش ئۈچۈن، ياكى ناپالىون، گېتلېردەك جاھاننى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇپ، دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن جەڭ قىلغان ئەمەس. بەلكى قوي -كالا، ئات- تۆگە دېگەندەك مال- چارۋا، بايلىق ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ھارماي جەڭ قىلغان . ئۇ بارغانلىكى جايدا قورامىغا يەتكەن ئەرلەرنى تولۇق قىرۋەتكەن.(شۇنداق بولغاچقا ، چىڭگىزخاننىڭ ھاياتىدا ئۇنىڭغا قارشى چىقىدىغان دۈشمىنى بولمىغان.) ئاياللار-بالىلارنى قۇل ئورنىدا مۇڭغۇل قوشۇنلىرىغا تارتۇق قىلىپ، تەقسىملەپ بەرگەن . ئۇ ھايات قالغان ، يات قەبىلىدىكى بىرەر ئەرنىمۇ ،كەلگۈسىدە ئۆزى ئۈچۈن كۈچلۈك دۈشمەن دەپ ھېسابلىغان. شۇڭا بارغانلىكى يېرىدە ئەرلەرنى تولۇق قىرۋەتكەن.(بەزى كىچىك قەبىلىلەردە ئەر-ئايال، چوڭ-كىچىك، دەپ ئايرىپ ئولتۇرمىغان.) ئۇنىڭ بۇ سىياسىتى ، تاكى ئۇ ئۆلگۈچە ئۆزگەرمىگەن . ئۇ ئۆمىرىدە يۈز دىن ئارتۇق شەھەر، رايۇن، قەبىلىلەر بىلەن جەڭ قىلغان. لىكىن بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرەرسىمۇ، چىڭگىزخانغا ئاۋال جەڭ باشلىمىغان. (چىڭگىزخان ئۆزىنى قاخان ئاتاشتىن بۇرۇن، ھوقۇق تالىشىپ ئۆز قەبىلىلىرى ئىچىدە قىلغان كىچىك ئۇرۇشلار بۇنىڭ سىرتىدا) ھەممىسىگە چىڭگىزخان، تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ۋاستىسىنى قوللىنىپ، ئۆزى ئاۋال جەڭ باشلىغان. نۇرغۇن كىچىك قەبىلە، شەھەرلەردە بىرمۇ ئادەمنى ھايات قويماي ، تولۇق قىرۋېتىپ مال-دۇنيا بۇلىغان. بۇنداق خارابىلىققا ئايلىنىپ قالغان قەدىمى  شەھەرلەر ، بىزنىڭ شىنجاڭدىمۇ كۆپ . يوقۇلۇپ كەتكەنلىرى قانچىلىك، باشقا مىللەت ، رايۇنلاردا قانچىلىك.. . بۇ توغۇرلۇق ، ئېنىق سانلىق مەلۇماتلار يوق. تارىخى كىتابلاردا بەزى شەھەرلەرنىڭ، تۇيۇقسىزلا ئادەمسىز خارابىلىققا ئايلىنىپ قالغانلىقى توغۇرسىدىكى مەلۇماتلار كۆپ ئۇچىرايدۇ. يېقىندا مۇڭغۇلىيەدىكى قەدىمكى ئۇيغۇرلار قۇرغان ، قەدىمى شەھەر خارابىسى بايقالدى.(بۇ خەۋەر توردىمۇ ئېلان قىلىندى. تورداشلار كۆرگەن بۇلىشى مۇمكىن.) مۇشۇ خارابىلىققا ئايلانغان شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى، ئاشۇ چىڭگىزخاننىڭ بىزگە قالدۇرغان يالدامىسى. چىڭگىزخان ھاياتىدا مال-دۇنيا بۇلاش ئۈچۈنلا جەڭ قىلغان، ھەم كەلگۈسىدە دۈشمىنى بولماسلىق ئۈچۈن ،بارغانلىكى يېرىدە ئادەملەرنى ئۆلتۈرۋەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا بىرەر ئۇلۇغ غايە-نىشان ئۈچۈن جەڭ قىلىپ ، ئادەم ئۆلتۈرگەن ئەمەس. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ئۇ ھەرگىزمۇ، ھۆرمەتلەپ چوقۇنغۇدەك باھادىر قەھرىمان ياكى بىر ئۇلۇغ زات ئەمەس.
2. مەدېنىيەت نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ، بۇ ئادەم مەدېنىيەت  ياراتقۇچى ، تارقاتقۇچى ياكى بىر مەدېنىيەت قوغدىغۇچى ئەمەس. بەلكى ئەكسىچە مەدېنىيەت يوقاتقۇچى. چىڭگىزخان ھۆكۈم سۈرگەن دەۋېرلەر، ئەرەپ ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى چارۋىچى ۋە يېرىم چارۋىچى يېرىم دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، كۆچمەن ۋە مۇقىم ئولتۇراقلاشقان رايۇنلاردىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدا مەدېنىيەت  تازا گۈللەنگەن ۋەياكى گۈللىنىۋاتقان دەۋېر ئىدى.جۈملىدىن بىزمۇ شۇنداق ئىدۇق.(مەھمۇت قەشغەرى، نەۋائى، فارابى......قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى گۈللەنگەن ئەرەب-پارىس مەدېنىيىتىنىڭ تەسىرىدەبارلىققا كىلىپ، بىزگە ۋە باشقىلارغا مەدېنىيەت جەھەتتە زور تەسىر كۆرسەتكەن.) مۇشۇ مەدېنىيەتلەر ھەم شۇ مەدېنىيەت رايۇنلىرى، مۇشۇ چىڭگىزخاننىڭ سەۋەبىدىن ئۆچتى ھەم يوقالدى. ئەينى ۋاقىتتا ئەرەبلەر مەدېنىيەت جەھەتتە دۇنيانىڭ باشلامچىسى ئىدى. ئەرەب رايۇنىدىكى دۆلەتلەر  مەدېنىيەت بۆشۈكى ھەم ئەدىب-ئۆلىما ، پەيلاسوپلار يىغىلغان مەدېنىيەت مەركىزى ئىدى. چىڭگىزخان ئۇ يەرلەرگە تاجاۋۇز قىلىپ بېرىپ، ھەممە نەرسىنى يوق قىلدى. ئېلىپ كەتكىلى بولىدىغان بايلىق ھېسابلىنىدىغانلىكى  نەرسىنىڭ ھەممىنى ئېلىپ كەتتى. ئوخشاشلا ئاۋام-پۇخرالارنى قىرغىن قىلدى.(تارىخى خاتىرىلەردە خاتىرلىنىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا چىڭگىزخاننىڭ قوشۇنى خارازىم، ئوترار ۋە باشقا شەھەرلەرنى ئگىلەپ بولغاندىن كىيىن، قىرىق نەچچە كۈن توختىماي خەلىقنى قىرغان.) بۇ جەرياندا قانچىلىك ئىلىم ئەھلى زاتلارنىڭ ئۆلگەنلىكى، قانچىلىك مەدېنىيەتنىڭ بۇزۇلغان، يوقالغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئۇ ئۆلتۈرۋەتكەن بىگۇناھ ئاۋام پۇخرانىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىشمۇ ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭدىن كىيىن تارىختا گۈللەنگەن ئەرەب ۋە باشقا مەدېنىيەتلەر تامامەن ئۆچتى ۋە بەزىلىرى يوقالدى. ھەتتا ئەرەبلەر ۋە بەزى رايۇن مەدېنىيىتى تا ھازىرغىچە ئەسلىگە كەلگىنى يوق. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندىمۇ، چىڭگىزخان ھۆرمەتلەشكە تېگىشلىك قەھرىمان، ئۇلۇغ زات ئەمەس. ئەكسىچە ئىنسانىيەت مەدېنىيىتى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ جاللات دۈشمىنى .   
      3 .  چىڭگىزخاننىڭ بىر ئادئىمىيلىك ، ئىنسانىيلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ، بۇ ئادەمنىڭ ھۆرمەتلەشكە تېگىشلىك، ياكى ئادەم قايىل بولغۇدەك بىرەر ئەخلاق - پەزىلىتى يوق. چىڭگىزخان ئىنتايىن گۇمانخور، ھېچكىمگە ئىشەنمەيدىغان ئادەم بۇلۇپ، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئەتىراپىدىكى ئەڭ سادىق، ئەڭ رېقىن ئادەملىرىگىمۇ شۇنداق. ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا، ئۇ ھازىرقى جۇڭگۇنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەرلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ يەرنىڭ ئالتۇن ،يىپەك ۋە قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ئىگەللەشنى ئويلاپ، ئوغۇللىرى ۋە نەۋىرىلىرىگە ، قول ئاستىدىكى قوشۇنلىرىدىن ياردەمگە قوشۇن چىقىرىشقا پەرمان چۈشىرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا تەڭرى تاغ ئەتىراپىدىكى يايلاقلارنى بۆلۈپ بەرگەن چوڭ ئوغلى(جۇچى) ئاغىرىپ قالغانلىقى سەۋەبلىك، قوشۇن باشلاپ ياردەمگە بارالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئاتىسى چىڭگىزخانغا خەۋەر ئەۋەتىدۇ. لىكىن چىڭگىزخان بۇنىڭغا ئىشەنمەي، ئوغلىنى ئۆزىگە قارشى چىقىپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالماقچى دەپ ئويلاپ، جەنۇبتىكى جەڭدىن ۋاز كېچىپ، ئوغلىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن ئۆزى قۇشۇن باشلاپ كېلىدۇ.(بۇ ۋەقەلىك كىنوسىدىمۇ چىقىدۇ.) ئۇ ئۆزىنىڭ پەرمانىغا بويسۇنمىغان، ياكى باشقىچە پىكىردە بولغان ھەر قانداق ئادەمنى ، دۈشمىنىم دەپ ھېسابلايدۇ. ئۇ ئەرەب دۆۋلەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن قۇشۇن باشلاپ ماڭغاندا، قۇشۇننىڭ يۇرۇش سۈرئىتىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن،( قۇشۇندىكىلەرنىڭ جەڭ غەلبە قىلىشتىن بۇرۇن توي قىلىش، توي قىلغانلارنىڭ بالىلىق بۇلىشى قەتئىي چەكلىنىدۇ. پەرمانغا بويسۇنماي ، خىلاپلىق قىلغۇچىلار بايقالسا بىردەك كاللىسى ئېلىنىدۇ.) دەپ پەرمان چىقارغان. ئىككى يىل ئۆتكەندىن كىيىن (بۇ چاغدا قۇشۇن ئەرەب رايۇنىغا يېقىنلاپ قالغان ئىدى. خاتىرلىنىشىچە چىڭگىزخان قوشۇنى ئۈچ يىلدىن كۆپىرەك ۋاقىتتا يىتىپ بارغان) ئۇنىڭ داڭلىق كەشتىچىسى(بۇ ئايال ئەسلى جەنۇبتىكى بىر جەڭدە ئولجا ئېلىنغان ئايال بولۇپ، كەشتىچىلىك ھۈنىرى ياخشى بولغاچقا ئۇنى ئۆلتۈرمەي، يايلاققا ئېلىپ كەلگەن. كىيىن بۇ ئايال بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرىب قىلىپ،غايەت چوڭ بىر ئەجدېھا سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن بايراقنى كەشتىلەپ چىققان. ھەم ئۇ بايراقنى چىڭگىزخاننىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ سىموۋۇلى سۈپىتىدە، چىڭگىزخانغا سوۋغا قىلغان. شۇنىڭ بىلەن چىڭگىزخان بۇ قۇلغا ئلتىپات كۆرسىتىپ، باشقا قۇللاردەك تېزەك تېرىپ، كالا ساغمىسىمۇ بۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.) نىڭ بىر بالا تۇغقانلىقى توغۇرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلاپ قالىدۇ. ھەم دەرھال قوشۇننى يۈرۈشتىن توختىتىپ، بۇ ئىشنى سۈرۈشتۈرۈپ ئېنىقلايدۇ. نەتىجىدە بالىنىڭ دادىسىنىڭ ، ئۆزىنىڭ سادىق، باتۇر سەركەردىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇ سەركەردىنىڭ نەچچە ئاي بۇرۇنقى بىر كىچىك جەڭدە يارلىنىپ ،ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلىدۇ. لىكىن شۇنداقتىمۇ چىڭگىزخان كاللىسىنى ئېلىش پەرمانىنى ئىجرا قىلىشنى بۇيرۇيدۇ. ئەتىراپىدىكى باشقىلار ، تىزلىنىپ يالۋۇرۇپ، ئۆزىگە بىر ئۆمۈر ئەگەشكەن ئاشۇ سادىق، باتۇر سەركەردىسىنىڭ ھەم بۇ كەشتىچى قۇلنىڭ، چىڭگىزخان ھاكىمىيىتىنىڭ سىمۇۋۇلى بولغان، ئەجدېھا نەقىشلىك بايراقنى كەشتىلەپ بەرگەنلىكىنىڭ يۈز خاتىرىسىنى قىلىپ، بۇ ئانا-بالىنىڭ  جېنىدىن كىچىشنى ئۆتىنىدۇ. چىڭگىزخان ئەتىراپىدىكىلەرنىڭ تەلىپىنى رەت قىلالماي، پەرمانىنى ئۆزگەرتىپ،ئۇ ئايالغا شاپائەت قىلىپ، تېنىنى پۈتۈن قالدۇرىدىغانلىقىنى،لىكىن پەرمانغا بويسۇنمىغانلىقى ئۈچۈن چۇقۇم ئۆلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ، ئۇ ئايالنى ، بىر تەرىپىگە تاش باغلانغان ئارغامچىنى ، تۆگىنىڭ دۈمبىسىدىن ئۆتكۈزۈپ،يەنە بىر تەرىپىنى ئۇ ئايالنىڭ بوينىغا سىرتماق قىلىپ سېلىپ، تۆگىنى ئۆرە تۇرغۇزۇپ قۇيۇپ ئېسىپ ئۆلتۈرگۈزۋېتىدۇ.ئۇنىڭ بالىسىنى تىرىك كۆمدۈرۋېتىدۇ. مانا بۇ  چىڭگىزخاننىڭ  باشقىلارغا قىلغان ئاتالمىش چوڭ شاپائىتى....   
ئالدىنقى ھەپتە مۇشۇ مۇنبەرگە يوللانغان(ئانا ۋە چىڭگىزخان) ناملىق ئەسەردىمۇ شۇنداق. ئۇنىڭدا بىر ئانا ، چىڭگىزخاننىڭ قورامىغا يەتكەن ئەرلەرنى قىرىش پەرمانىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، چىڭگىزخانغا يالۋۇرۇپ، يالغۇز نەۋرىسىنىڭ جېنىدىن كىچىشنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئۆلۈشكە رازى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. چىڭگىزخان ئۆزىنى مېھرىبان، شاپائەتچى كۆرسىتىش ئۈچۈن، بۇ ئفنخنخڭ تەلىپىگە قوشۇلىدىغانلىقى، لىكىن بۇ ئانىنى ئۆلتۈرمەي پەقەت تىلىنى كېسىپ، كۆزىنى ئۇيىۋالسىلا بۇلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. )  
      ئويلاپ بېقىڭلار ، بىر ئانىنى ئۆلتۈرمەي تىلىنى كېسىپ، كۆزىنى ئۇيىۋالسا....... كاللىسىنى ئالماي، تۆگىگە ئېسىپ بوغۇپ ئۆلتۈرسە، بۇ شۇ ئادەمگە مېھرىبانلىق، رەھىم-شەپقەت قىلغانلىق بۇلامدۇ؟....   
      چىڭگىزخان ھۆكۈم سۈرگەن مەزگىللەردە ھەرخىل ئۇسۇللاردا ئادەم ئۆلتۈرۈپ سىناپ باققان. مەسىلەن:  ئادەمنىڭ پۇت-قوللىرىنى تۆت ئاتقا باغلاپ تۆت تەرەپكە تارتقۇزۇپ پارچىلاش، كالا تېرىسىگە يۆگەپ تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈش، تۆگىگە ئېسىپ ئۆلتۈرۈش، ئاتقا سۆرىتىش يەنە چاناش، بۇغىزلاش، تىرىك كۆمۈش ، ئوتتا كۆيدۈرۈش، قايناۋاتقان مايغا سېلىپ ئۆلتۈرۈش، مىخ قېقىپ ئۆلتۈرۈش.......دېگەندەك . مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىدىن بۇ ئادەمنىڭ قانچىلىك قانخور ئادەم ئىكەنلىكىنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس. بۇ ئادەمگە ئەرەبلەر ئەڭ ئۆچ . چۈنكى ئەرەبلەرنىڭ مەدېنىيىتىنى ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىنى، چىڭگىزخان قوشۇنى يوقاتقان . بۇنىڭ ئىچىدە دۇنياغا داڭلىق ئۆسۈملۈكشۇناس، يازغۇچى، شائىر ھەم پەيلاسوپ، نۇرغۇن دورا ئۆسۈملۈكلىرى، خۇشپىراق ماتىرياللارنى بايقىغۇچى ھەم ئەمبەر، ئەتتىر ......قاتارلىق نۇرغۇن خۇشپىراق مەھسۇلاتلارنىڭ ئىجاتچىسى بولغان( ئەتتار  ) مۇ   بار .   
        (بۇ ئادەم ئەسلى خۇش پىراق دورا ماتىريالى ساتقۇچى بۇلۇپ، شۇ زامانلاردا ئەرەبلەرنىڭ خۇش پىراق دورا ماتىرياللىرى داڭلىق ئىدى. كىيىن بۇ ئادەم 15 يىل ۋاقىت سەرىب قىلىپ، تاغ-ئېدىر، چۆل-جەزىرىلەرنى كېزىپ يۇرۇپ نۇرغۇن يېڭى خۇشپىراق ئۆسۈملۈكلەر ۋە دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى بايقىغان ھەميىغىپ خاتىرلەپ، ئۇلاردىن يېڭى بىر خىل خۇشپىراق مەھسۇلاتلىرىنى ياساپ چىققان. ھەم نۇرغۇن شاگىرت تەربىيلەپ باشقىلارغا ئۆگەتكەن.  پۈتۈن ئەرەب رايۇنىدا ئۇنىڭ نامى چىققان. بىر كۈنى ئۇ دۇكىنىدا شاگىرتلىرى بىلەن ئادىراش ئىشلەۋاتقاندا، بىر قەلەندەر دەرۋىش ئۇنىڭ دۇكىنى ئالدىغا كىلىپ، ئازىراق سەدىقە بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئەتتار بەك ئالدىراش بولغاچقا گەپ قىلماي ئىشىنى قىلىۋەرگەن. لىكىن ئۇ ئادەتتە، كۈنىگە ئاز دېگەندىمۇ ئون نەچچە قەلەندەرگە سەدىقە بېرەتتىكەن. ئەزەلدىن قەلەندەرلەرنى قۇرۇق ماڭدۇرمايدىكەن.لىكىن ئۇ كۈنى ئۇ بەك ئالدىراش بولغاچقا ھەم يېزىۋاتقان خۇشپىراق مەھسۇلات ياساش توغۇرىسىدىكى كىتابىنى ئويلاۋاتقاچقا، ئۇ قەلەندەرگە دېققەت قىلمىغان. بىر ئازدىن كىيىن ئۇ قەلەندەر دۇكانغا كىرىپ، ئەتتارنىڭ ئالدىغا كىلىپ، سەن ئۆزەڭنىڭ قانداق ئۆلىدىغانلىقىڭنى بىلەمسەن؟ -  دەپ سورىغان. ئەتتار ھەيران بولغان ھالدا سەل ئويلىنىپ، سەن قانداق ئۆلسەڭ مەنمۇ شۇنداق ئۆلىمەن . - دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇ قەلەندەر خۇرجۇنىدىن تاماق يەيدىغان تۈمۈر قاچىسىنى چىقىرىپ، مەن مۇنداق ئۆلىمەن. قاراپ تۇر... دەپلا، تۈمۈر قاچا بىلەن ئۆزىنىڭ بېشىغا بىر نەچچىنى قاتتىق ئۇرغان، ھەم يىقىلىپ چۈشۈپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۆلۈپ قالغان. ئەتتار نىمە ئىش بۇلىۋاتقانلىقىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ تۇرۇپلا قالغان. دۇكان ئىچىگە ئادەملەر لىق توشۇپ كەتكەن. ھەممە ئادەم ھەيران قېلىشقان. شۇ ئىشتىن كىيىن ئەتتار، خېلى ئۇزۇن مەزگىلگىچە ئېسىنى يىغالماي، سەۋدائى بولۇپ قالغان. چۈنكى بىر قەلەندەرنىڭ بۇ ئىشى ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلغان. كىيىن ئۇ دۇكىنىنى شاگىرتلىرىغا بېرىۋېتىپ، ئۆزى كىتاب-يازمىلىرىنى ئېلىپ، دەرۋىش بۇلۇپ كەتكەن. نۇرغۇن جايلارغا بارغان. جەمىئەتنى، ئىنسانلارنى كۆزەتكەن. ئەدەب-ئەخلاق، قانۇن-تۈزۈمنى تەتقىق قىلغان. بۇ جەرياندا نۇرغۇن شېئىر، پەلسەپە ئەسەرلىرىنى يازغان. ھەم تېخىمۇ نام چىقىرىپ ھەممە ئادەم ئۇنى تونۇپ كەتكەن. چىڭگىزخان قوشۇنى باستۇرۇپ كىلىپ، قىرغىن قىلغاندا ئۇنىمۇ ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا باشقىلار كۆرۈپ ، بۇ ئادەم بەك ئۇستا دورىگەر، يەنە نۇرغۇن ھۈنەر بىلىدۇ، ئۇنى ئۆلتۈرمەڭلار دەپ يالۋۇرۇپ ئۇنى قۇتقۇزۋالغان. (چىڭگىزخان قوشۇنى ھۈنەرۋەنلەرنى ئۆلتۈرمەي، يايلاققا ئېلىپ كىتىپ قۇل ھۈنەرۋەن قىلاتتى.) شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ھۈنەرۋەنلەر بىلەن بىللە باغلاپ، يايلاققا قاراپ ھەيدەپ ماڭغان. شەھەر سىرتىغا چىققاندا بىر ئىلىم ئەھلى باي ئۇنى تونۇپ، مۇڭغۇل سەركەردېسىنىڭ ئالدىغا كىلىپ، (بۇ سەركەردە چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى قۇبىلاي ئىدى.) ئەتتارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، بۇ قۇلۇڭنى ماڭا سېتىپ بەر، ساڭا بەش يۈز ئالتۇن تەڭگە بېرەي دەيدۇ. قۇبىلاي بۇ قۇل تېخىمۇ كۆپ پۇلغا يارايدىغان قۇل ئوخشايدۇ دەپ، ئۇنى ساتماي ھەيدەپ كېتىدۇ. شەھەردىن چىققاندىن كىيىن، قۇبىلاي باشقا بىر مۇڭغۇل سەركەردە بىلەن كۆرۈشكەندە بۇ ئىشنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ، ئاۋۇ قۇلنى بەش يۈز ئاتۇن تەڭگىگە ساتمىدىم -دەيدۇ. ئۇ مۇڭغۇل سەركەردە قاتتىق كۈلۈپ، بەش يۈز ئالتۇن تەڭگىگە يارايدىغان قۇل بۇلامدۇ، يەنە كىلىپ مۇشۇ قەلەندەر سىياق قېرى...(بۇ چاغدا ئەتتار خېلىلا قېرىپ قالغان ئىدى.) ماڭا بەرسەڭ ئىككى تاغار سامانغا تېگىشمەيمەن - دەپ كۈلىدۇ. بۇ چاغدا ئەتتار قۇبىلايغا، ئۇنىڭ دېگىنى توغرا . مەن ئادەتتىكى بىر ئادەم . ئۇنداق كۆپ پۇلغا يارىمايمەن -دەيدۇ. قۇبىلاي قاتتىق ئاچچىقلىنىپ، قېلىچىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپلا ئەتتارنى چاناپ ئۆلتۈرۋېتىدۇ.  باشقىلار ئۇنىڭ خۇشپۇراق دورا-ماتىرياللار ياساش تېخنىكىسىنى،  ئۇ يازغان كىتابتىن كۆرۈپ ئۆگۈنۈپ ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا غەرب دۆلەتلىرىگە كەڭ تارقالغان. گېرمانىيەدە بەكرەك تەرەققى قىلغان. كىيىن ئۇرۇش پارتىلاپ يىنىك سانائەت ۋەيران بولوپ، ئۇرۇشتىن كىيىن فىرانسىيە ئەتتىر ياساش تېخنىكىسىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، ھەرخىل پۇراخلىق ئەتتىرلەرنى ياساپ چىققان ھەم بۇ ساھەدە دۇنيانىڭ ئالدى بۇلۇپ، فىرانسىيەنىڭ ئەتتىرى دۇنياغا داڭلىق بۇلۇپ قالغان. ئەتتىر دىگەن بۇ نام تا ھازىرغىچە ئاشۇ ئەتتار نىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە........ گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەك، چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ باتۇر قوشۇنلىرى، بىزگە ياكى باشقا بىرەر مىللەت، قەۋىمگە ۋە ياكى بىرەر ئاددى پۇخراغا ياخشىلىق قىلىپ ، مېھىر-شەپقەت قىلغان ياكى ئىنسانىيەت ئۈچۈن بىرەر ئۆچمەس ئۇلۇغ ياخشى قىلىپ بەرگەن ئەمەس. پەقەتلا بۇلاڭچىلىق قىلىش جەريانىدا باشقىلىرنىڭ كىيىن ئۆچ ئېلىشىدىن قورقۇپ، پۇخرالارنى قىرىۋېتىپ، شەھەر- رايۇنلارنى ئىگىسىز ھالغا ئەكىلىپ قويغان. بۇنىڭ بىلەن تەبىئيلا بىپايان زېمىن ئۇنىڭ ئىلىكىگە ئۆتۈپ قالغان. چىڭگىزخان ئۆلگەندىن كىيىن ، ئەۋلاتلىرى ئىچكى جەھەتتىن زىدىيەتلىشىپ بىر-بىرىنى قىرىپ تۈگەتكەن. ھايات قالغانلىرىنىڭ جاھان سورىغۇدەك ھالى قالمىغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ چوڭ زىمىننى مانجۇلار باشقۇۇرغان. تاكى 20- ئەسىرنىڭ باشلىرى دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلاپ، چەتئەللىكلەر ئاستىرىتتىن ياردەم قىلىپ مانجۇ پادېشاھلىقىنى ئاغدۇرغانغا قەدەر 500 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت، بۇ چوڭ زىمىننى مانجۇلار باشقۇرۇپ بەرگەن. ھازىرقى يېڭى جۇڭگۇ ئاشۇ  چىڭگىزخان ئىگىلىۋالغان زىمىننى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغاچقا، چىڭگىزخاننى تۆھپىكار سۈپىتىدە مەدئىھلەپ، ئۇنى قامەتلىك ، باتۇر قىلىپ(ئەمىلىيەتتە چىڭگىزخان پاكار، يۇمىلاق يۈز، خام سېمىز ئادەم) (تارىخى كىتابلاردا شۇنداق خاتىرلەنگەن.) كىنوسىنى ئىشلەپ چىقتى. لىكىن بۇ ئادەم بىز ئۈچۈن ياكى باشقا بىرەر مىللەت ئۈچۈن تۆھپىكار، باتۇر قەھرىمان ئەمەس. بەلكى ئۇنى مىللىتىمىزنىڭ قانخور دۈشمىنى دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. چۈنكى چىڭگىزخان بىز ئۇيغۇرلارنىمۇ ئاز قىرمىغان. ئۇيغۇرلار ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشقان. مەسىلەن: مۇڭغۇل يېزىقىنى ئىجاد قىلىپ بەرگەن ھەم ئۇلارغا ئۆگۈتۈپ، تەربىيلىگەن. ئۇيغۇر ھۈنەرۋەنلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن قېلىچ، نەيزە، پىچاق ھەتتا زەمبىرەك ياساپ بەرگەن. دۇنيادا يەر كۆلىمى جەھەتتە تەڭداشسىز ئوردا سېلىپ بەرگەن.(ھازىرقى بېيجىڭ تىيەن ئەنمېندىكى خان ئوردېسى شۇ.) ئۇيغۇر سەركەردىلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن جەڭ قىلىپ، جەنۇبتىكى چوپ شەھەرلەرنى ئېلىپ بەرگەن. .... لىكىن چىڭگىزخان بۇلار ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىشنىڭ ئورنىغا، داۋاملىق ئۇيغۇرلاردىن ئېغىر باج-سېلىق يىغقان. ھۈنەرۋەنلەرنىڭ بۇيۇملىرىنىمۇ بىرەر تەڭگە پۇل تۆلەپ ئالغان ئەمەس. نۇرغۇن ئۇيغۇر ئەرلەرنى ئەسكەرلىككە تۇتۇپ ئېلىپ كەتكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرەرسىنىڭ ھايات قايتىپ كەلگەنلىكى توغۇرلۇق بىرەر يازما خاتىرە ھازىرغىچە تېپىلغىنى يوق. نارازى بولغان، بىرەر ئېغىز گەپ ياندۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭمۇ سانى يوق. ھەتتا جېنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن يۇرتنى تاشلاپ كەتكەنلەرنىمۇ قوغلاپ يۈرۈپ قىرغان. (ھازىرقى تۈركىيەنىڭ ئاناتولىيەدىكى ئۇيغۇرلار شۇنىڭ ئىسپاتى.) تاكى قىزىل دېڭىزغا بارغۇچە ئۇيغۇرلارنى قوغلاپ قىرغان. بۇيىل ئەتىيازدا ئامىرىكىدىكى ئالىملار، ئامىرىكىنىڭ ئەسلى مىللىتى بولغان ھىندىئانلارنى، ئەينى چاغدىكى چىڭگىزخاننىڭ قىرغىنچىلىقىدىن قىچىپ كەلگەن ئۇيغۇرلار دەپ ئېلان قىلدى. (بۇ خەۋەر توردىمۇ ئېلان قىلىنغان . تورداشلار كۆرگەن بۇلىشى مۇمكىن.) جان ساقلاش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنچە يىراققا كەتكەنلىكىدىن، ئەينى چاغدىكى چىڭگىزخاننىڭ قىرغىنچىلىقىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى بىلمەك تەس ئەمەس. ( مۇڭغۇللار سۇغا كىرمەيدىغان بولغاچقا، دېڭىزدىن ئۆتۈپ قوغلىمىغان. )(مۇڭغۇلنىڭ ئېتىنى سۇغۇرۇپ، پۇلىنى ئال - دېگەن تەمسىل بىكار تارقالمىغان.)   
               ئاخىرىدا تورداشلارغا شۇنى دېمەكچىمەنكى، چىڭگىزخان بىز ئۈچۈن ياكى باشقا بىرەر مىللەت ئۈچۈن، باھادىر قەھرىمان ئەمەس. ئۇنى ھۆرمەتلەپ، ئۇنىڭغا چۇقۇنۇپ كېتىشنىڭ ھېچبىر ھاجىتى يوق.   
              يەنە شۇنىمۇ دېگىم كىلىۋاتىدۇ. باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى قەھرىمان ، بەلكىم بىزنىڭ ئەشەددى دۈشمىنىمىز بۇلىشى مۇمكىن...... شۇڭا كۆپچىلىككە ، باشقىلارنىڭ شۇئارىغا قارغۇلارچە ئەگەشمەي، ئاق-قارىنى ئېنىڭ ئايرىپ، ئويلىنىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.   
             چىڭگىزخان توغۇرلۇق بىلىدىغانلىرىم مۇشىنچىلىككەن... باشقا تورداشلارنىڭ باشقىچە كۆز قارىشى بولسا ئوتتۇرغا قۇيارسىلەر....
مەنبە:  تۇرغۇنجان تۇرسۇن - جاھىل  

ھازىرغىچە 5 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
hazniqi + 10 تارىخيى پاكتىلار قالايمىقان تېما
armanim三 + 1 ۋاي قېرىندىشىم ئاجايىپ تىمىكەن جۇمۇ
abdilla + 1 ئەپتى بەشرىسنى ياخشى ئېچىپسىز
bzkm + 10 كۆڭلىمىزدىكىدەك تىما ئىكەن
sapdil + 100

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 122   باھا خاتىرىسى

قىزلانى چىرايلىق كۆرسىتىدغان نەرسە ھايا ۋە نۇمۇس!

تاشپاقا مۇنبىرى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8592
يازما سانى: 446
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9676
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 2691 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-6 12:05:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇددى چىڭگىزخاننىڭ قوشنىسى يازغاندەكلا تېما بوپتۇ بۇمۇ !~~~!

داۋاملىق ، ئەڭ ئاخىرقىسىنى ساقلايمىز ئەمىسە !~~!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43767
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3344
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 823 سائەت
تىزىم: 2011-6-9
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-6 12:13:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قولىڭىزغا دەرىت بەرمىسۇن نۇرغۇن تارىخى بىلىملەرنى بىلىۋالدىم تارىخ ئۇ بىر ھەقىقەت ئەمما ئۇنى يەتكۈزگۈچىلەر ھەقىقەتتە تۇرالىشى ناتايىن نىمىلا دىگەن بىلەن تارىخ يەنىلا تارىختۇر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14887
يازما سانى: 1970
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1347
تۆھپە نۇمۇرى: 1064
توردا: 7259 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-6 12:16:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماندا  دەڭ  مەن بىلمەي يۈرۈپتىمەن

ئىنسان چىرايلىق گېپى بىلەن ئىككىلى دۇنيالىق ئەزىز ...
تىلىمىز ئەقلىمىزنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالمىسۇن . ھەر ۋاقىت ئەقلىمىز تىلىمىزنىڭ ئۈستىدە تۇرسۇن .
بولمىسا ئەخلاقىمىزنى يوقۇتۇپ قويىمىز .

ئۆمۈد بىلەن ياشاش كېرەك

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3299
يازما سانى: 1248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12246
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 7693 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2014-7-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-6 12:20:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چىڭگىز خاننىڭ كىنوسىنى قايتا ئېشلىسە بولغۇدەك

مۇۋاپىقىيەت قازىنېش ئېرادەملا بولىدىكەن ،مەغلۇبىيەت مىنى ئۆرىۋىتەلمەيدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15548
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8907
تۆھپە نۇمۇرى: 446
توردا: 5415 سائەت
تىزىم: 2010-10-29
ئاخىرقى: 2014-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-6 12:54:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز ،نۇرغۇن تارىىىي ماتىرىياللارنى بىلىۋالدۇق ! لېكىن موڭغۇللار چىڭگىزخاننى يەنىلا قەھرىمان دەپ يۈرىۋېرىدۇ ،مېنىڭچە بولسا ئۆزىمىزنىڭكىدىن يازسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولارمكىن دەيمەن ! چۈنكى نېمىلا دېگەن بىلەن بىز ئۇيغۇرلاردىمۇ نۇرغۇن تارىخى شەخىسلەر ئۆتكەن ئەمەسمۇ !

9-bulak بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-6 01:36:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49348
يازما سانى: 188
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5556
تۆھپە نۇمۇرى: 537
توردا: 1525 سائەت
تىزىم: 2011-7-27
ئاخىرقى: 2014-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-6 01:37:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇفىي جوھۇت كاپىر ...............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1969
يازما سانى: 2565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17875
تۆھپە نۇمۇرى: 568
توردا: 3891 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-6 01:40:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىر قوشقار سۇقاشتۇردىغان بىر تېما يېزىلىپتۇ . تېما ئىگىسىنىڭ ھەر-خىل گەپ سۆزلەرگە تەييارلىق قىلىپ قۇيۇپ ماۋۇ تېمىنى يازغىنىغا ئاپىرىن !

http://blog.sina.com.cn/esma88

ئالدىراشلىق .....

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47298
يازما سانى: 828
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3083
تۆھپە نۇمۇرى: 248
توردا: 4151 سائەت
تىزىم: 2011-7-10
ئاخىرقى: 2012-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-6 01:43:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
. چىڭگىزخان ئۆلگەندىن كىيىن ، ئەۋلاتلىرى ئىچكى جەھەتتىن زىدىيەتلىشىپ بىر-بىرىنى قىرىپ تۈگەتكەن. ھايات قالغانلىرىنىڭ جاھان سورىغۇدەك ھالى قالمىغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ چوڭ زىمىننى مانجۇلار باشقۇۇرغان. تاكى 20- ئەسىرنىڭ باشلىرى دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلاپ، چەتئەللىكلەر ئاستىرىتتىن ياردەم قىلىپ مانجۇ پادېشاھلىقىنى ئاغدۇرغانغا قەدەر 500 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت، بۇ چوڭ زىمىننى مانجۇلار باشقۇرۇپ بەرگەن. ھازىرقى يېڭى جۇڭگۇ ئاشۇ  چىڭگىزخان ئىگىلىۋالغان زىمىننى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغاچقا، چىڭگىزخاننى تۆھپىكار سۈپىتىدە مەدئىھلەپ، ئۇنى قامەتلىك ، باتۇر قىلىپ(ئەمىلىيەتتە چىڭگىزخان پاكار، يۇمىلاق يۈز، خام سېمىز ئادەم) (تارىخى كىتابلاردا شۇنداق خاتىرلەنگەن.) كىنوسىنى ئىشلەپ چىقتى....
      بۇ بايانلار تارىخقا ئۇيغۇنمۇ؟ موڭغۇل ئىمپىرىيسى پارچىلانغاندىن كېيىن ،يۈەن سۇلالسى ،كېيىن جۇيۇەنجاڭ قۇرغان مىڭ سۇلالىسى ،مىڭ سۇلالىسى زاۋاللىقى مەزگىلىدىكى لى زېچىڭ قوزىلىڭى ،ۋۇسەنگۇينىڭ ساتقىنلىقى تۈپەيلى مەنچىڭ خاندانلىقى ھوقۇقنى قولغا ئالغانغۇ دەيمەن .........

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش