بىز ھازىر نىمىگە مۇھتاجلىقىمىزنىمۇ بىلەلمەي يۈرۈيمىزمىكىن دەيمەن . ھەممە ئادەم ھەممە نەرسىگە مۇھتاج . بىز تېخىچىلا تۈگىمەس ئادىمىگەرچىلىك ، توي تۈكۈن ، رىستۇراندا ئالدىراش يۈرىۋاتىمىز . بىزدىكى ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ، ئىقتىساد ئىسراپچىلىقى بەك ئېشىپ كىتىۋاتىدۇ . قاھشاپ يۈرىمىز ، لېكىن بۇ ئىسراپچىلىقلارنى تۈگىتىدىغان ئادەم يوق . مىللىتىمىزدىكى مۇشۇنداق ئىشلاردىن جاق تويدۇم .
بىز ئەسلى بىلىم ئىگىلەشكە ، پەرزەنتىمىزنى ياخشى تەربىيىلەشكە مۇھتاج بۇلۇشىمىز كېرەك ئىدى . تېخىچىلا ئائىلە مۇناسىۋىتىنى بىرتەرەپ قىلالماي ، بىر بىرىمىزدىن ئاغرىنىپ ، قاھشاپ يۈرىۋاتىمىز . ھەممىسىنىڭ سەۋەبى ھەم مۇھتاجى : بىلىم ئىگىلەش .