مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2272|ئىنكاس: 9

پەرزەنىتلىرىمىز ئالدىدا گۇناھكار بولۇپ قا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئانىنىڭ مىھرى-مۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42883
يازما سانى: 214
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2234
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 4294 سائەت
تىزىم: 2011-6-2
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-5 06:06:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىمۇ سىلەر مۇنبەرداشلار :سىلەر بىلەن قايتا مۇنبەر يۈزىدە كۆرۈشكىمىنگە ئىنتايىن خۇشالمەن،مەن بۈگۈن يەنە ئايال ،پەرزەنىت توغۇرلۇق سۆزلىمەكچى.  تىمامنىڭ سىلەرگە مەنىۋى ئوزۇق بىرىشىىنى ئۈمۈت قىلىمەن .
بۈگۈنكى كۈندە مىللىتىمىز ئىچىدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەردە ئەۋلاتلارغا كۆيۈنۈش،ئۇلارغا ئاتا -ئانىلىق مىھرىنى سوۋغات قىلىش كۈندىن- كۈنگە كۈچىيىۋاتقان بولسىمۇ ،ئەمما بىر قىسىم كىشىلەردە بۇ خىل روھ ناھايىتتى كەمچىل بولىۋاتىدۇ .جەمىيىتىمىزدىكى ھەر خىل ناچار ئادەتلەرنى تۈزۈتۈش بىز مۇسۇلمانلارنىڭ بۇرچى ۋە ئادا قىلىشقا تىگىشلىك مەجبۇرىيىتى .بولۇپمۇ ئاتىلىق ئورنىنى ئىگىلىگەن ئاتا ئانىلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى .جەمىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ نۇرغۇنلىغان ناچار ئادەتلەرمۇ بارلىققا كەلدى.پەرزەنىتلەرنىڭ ئىگە چاقىسىز قىلىشى ،پۈتۈن خەلىقنىڭ ۋە ئىجتىمائى ئورۇنلارنىڭ كۆڭۇل بولۈشىگە توغرا كىلىدىغان بىر مەسىلە بولۇپ قالدى،ئۇلارغا كۆيۈنۈش بىز مۇسۇلمانلارنىڭ بۇرچى،شۇنداقلا ئىسلام دىنىنىڭ بىزدىن تەلەپ قىلىۋاتقان تەشەببۇسى ۋە خەلىق ئاممىسىنىڭ بىزدىن كۈتىۋاتقان ئۈمىدى ،ئاللاتائالا  «قۇرئان كەرىم»دىكى سۈرە «تەھرىم »نىڭ 6-ئايىتىدە «ئى مۆمىنلەر !ئۆزۇڭلارنى ۋە بالا چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يىقىلغۇ بولىدىغان ،رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار »دىگەن.بۇ ئايەتتىن مەلۇمكى ئاتا ئانىلارنىڭ ئۆزلىرىنى ۋە بالا چاقىلىرىنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلاپ قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولى بالىلارنىڭ ئۆزى ئۈستىدىكى ھەقلىرىنى تولۇق ئادا قىلىش ۋە بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپ،تا ياشلىق قورامىغا يىتىپ ئۆز تۇرمۇشىنى ئۆزى ئورۇنلاشتۇرالايدىغانغا قەدەر ياخشى ياماننى بىلدۈرۈپ،ئامانەتنى ئادا قىلىشتىن ئىبارەت .ئەگەر  ئاتا ئانا بالىلارنى ئۆز ھاۋايى ھەۋەسلىرىگە قويۇپ بىرىپ،ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يىتىشتۈرەلمىگەن بولسا ،ئۇنىڭ جازاسىنى ئاۋۋال بۇ دۇنيادا ئاندىن ئۇ دۇنيادا كۆرىدۇ.يامان بالىنىڭ ئاپىتى ئاتا ئانىلارنى تۈرلۈك بالالارغا دۇچار قىلىدۇ.قىيامەت كۈنىمۇ ئۇلارنى خاتىرجەم قىلمايدۇ،ئامانەتنى زايا قىلىۋەتكەن كىشى قانداق جاۋاپكارلىققا تارتىلسا ،پەرزەنىتلەرنى زايا قىلىۋەتكەن ئاتا ئانىلارمۇ ئۇنىڭدىن ئىغىر جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ.چۈنكى پەرزەنىتلەر ئۇلارنىڭ قولىدىكى ئامانەتتۇر .يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن«سىلەر ھەممىڭلار پادىچىلار،ھەر كىشى ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى پادىلىرىغا مەسئۇلدۇر »دەيدۇ،يەنە بىر ھەدىستە «ئىنساننىڭ گۇناھكار بولىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ پەرزەنىىتلىرىنى ياخشى باقماي ،تاشلىۋىتىشى يىتەرلىكتۇر»دىگەن .بولۇپمۇ قىز پەرزەنىتلەرنى ئىپپەت نومۇسىنى ساقلاشقا يىتەكلەپ، ياخشى خەۋەر تىپىشنى ئالاھىدە ئەسكەرىتكەن، يەنى «سىلەر نەسلىڭلار ئۈچۈن ياخشى ئاياللارنى تاللاڭلار، ھەقىقەتەن ئاياللار ئۆز قىرىنداشلىرىنىڭ ئوخشاشلىرىنى تۇغىدۇ».يەنە «ھەر قانداق كىشىنىڭ ئۈچ قىزى ياكى ئۈچ ھەمشىرىسى ، ئىككى قىزى ياكى ئىككى ھەمشىرىسى بولسا ئۇلار بىلەن ياخشى ئۆتۈپ،ئۇلارنىڭ تۇرمۇشنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرسا ئۇ كىشى جەننەتكە كىرىدۇ»دىگەن يۇقىردىكى ھەدىستىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى بەزىلەر مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلمىغاننىڭ ئۈستىگە ،ئۆز پەرزەنىتلىرىنى ئۆزىگە بولغان يۈك،ئىغىر ئاپەت دەپ بىلىپ ئۇلارنىڭ قانداق بولىشى،ۋە قانداق تۇرۇمۇش كەچۈرىشى بىلەن كارى بولماي ئۇلارنى يولدىن ئازغان يولۇچىدەك،غىرىپ ھالەتتە تاشلىۋىتىپ،ئۇلارنىڭ خۇددى يولدىن ئازغان يولۇچى بىر يول باشلىغۇچىنىڭ بولۇشىغا تەلمۇرگەندەك،ئۆزىگە بىرەر ئىگە بولغۇچى،ۋە غەمخورلۇق قىلغۇچىنىڭ بولۇشىنى تىلەپ ،تەلمۈرۈپ ئولتۇرىشىغا سەۋەپچى بولىۋاتىدۇ. نەتىجىدە ،ئۇلار ئاسانلا بەزى بۇزۇق كىشىلەرنىڭ تاشقى كۆرنىشىدىكى مىھرىبانلىقىنى ئۆزىگە بولغان ھىسداشلىق دەپ بىلىپ ،ئۇلارنىڭ ئالدىمىغا چۈشۈپ كىتىۋاتىدۇ.بۇ ئىش ئىسلام دىنى ئۈچۈنمۇ ۋە پۈتۈن مۇسۇلمانلار ئۈچۈنمۇ چوڭ زىيانلىق ۋە بەكمۇ خاتا ئىشتۇر.چۈنكى بالىلارنىڭ ھال ئەھۋالىدىن خەۋەر ئالماي ئۇلارنى ئۆز ھاللىرىغا تاشلىۋىتىش ئەڭ ئىغىر گۇناھى كەبىرلەرنىڭ بىرىدۇر ،بۇ خىل ئەھۋال ئىسلام دىننىڭ يۈكسىلىشى ،جەمىيەتنىڭ مۇقۇملىقى ۋە جەمىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلىشى ئۈچۈن چوڭ توسالغۇ بولماقتا .
بىز ھەممىمىز بىرلىكتە ئەۋلاتلارغا كۆيۈنۈپ،ئۇلارغا بولغان تەربىيىنى كۈچەيتىپ،ئۇلارنى ئەخلاقى ،ئەقلى ،جىسمانى،ۋە گۈزەللىك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يىتىشكەن ،بىر ئەۋلات ياراملىق ئىز باسارلاردىن قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشىمىز كىرەك.ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ دىلىغا ئەۋلاتلارغا كۆيۈنۈش روھىنى سالسۇن ھەمدە بۇ جەھەتتە مۇۋەپپىقىيەت ئاتا قىلسۇن .
مەنبە :ۋەز نەسىھەتتە پايدىلىنىش ماتىرىيالى

ئۆزۈڭ ئېرىشەلمەي، باشقىلار ئېرىشكەن نەرسىگە كۆز قىرىڭنى سالما!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5936
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5191
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 1098 سائەت
تىزىم: 2010-8-9
ئاخىرقى: 2011-11-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-5 11:20:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تىرىشىمەن.

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6509
يازما سانى: 863
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10637
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 5988 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2012-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-5 11:25:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە ئەھمىيەتلىك تىما يوللاپسىز

مەردان يىگىت

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2064
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17645
تۆھپە نۇمۇرى: 1244
توردا: 6705 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-5 11:29:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىيامەتتە ھەممە ئادەم ئۆز  ھەلەكچىلىكى بىلەن بولۇپ قالغاندا پەرزەنتىنىڭ ئىمان ئېيتىشىغا كۆڭۈل بۆلمىگەن ئاتا -ئانىغا  پەرزەنت لەنەت ئوقۇيدۇ.چۈنكى ئۇ شۇ چاغدا ئازاپ ئىچىدە قالىدۇ.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8551
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19223
تۆھپە نۇمۇرى: 1875
توردا: 3940 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-5 11:37:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەرزەنتلىرىمىزنىڭ بىرىنچى ئۇستازى-ئۆزىمىز بولغاچ،ئائىلىدە ئىناق كەيپىيات يارىتىپ ئاتا-ئانا بولغۇچى ھەممە ئىشلاردا ئۆزىمىز ئۈلگە بولۇشىمىز كېرەك.كىچىكىدە بالىلار ئۆز ئۆيىدە ئازراقمۇ ئىسلامى مۇھىت ھېس قىلمىسا،بالا چوڭ بولغاندا قۇرئاننى يۈرىكىگە تېڭىپ قويسىمۇ بەرىبىر مەنپەئەت قىلمايدۇ.

ئاللاھىم،دۇنيالىقىمىزنى ياخشى قىلغىن،ئاخىرەتلىكىمىزنىمۇ ياخشى قىلىپ بەرگىن،بىزلەرنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن.

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 4807
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 51001
تۆھپە نۇمۇرى: 2896
توردا: 1998 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-6 12:29:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتا -ئانا  پەرزەنتلىرىگە ئۈلگە بولغۇچىلاردۇر،پەرزەنت تەربىيىسىدە ئاتا -ئانىلارنىڭ تەربىيىسى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ،ئاتا -ئانىلار ياخشى خۇلۇق -مىجەز،ئېسىل پەزىلەت،مۇستەھكەم ئىمان -ئېتىقاد ئارقىلىق پەرزەنتلىرىگە ئۈلگە بولىشى كېرەك....
ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز...

مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.

يىغلار يۈرۈگۈم ئ

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49057
يازما سانى: 866
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4444
تۆھپە نۇمۇرى: 1503
توردا: 1123 سائەت
تىزىم: 2011-7-25
ئاخىرقى: 2012-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-6 03:34:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 5قەۋەت  musilina كە 2011-10-06 12:29 AMئەۋەتىلدى  :
ئاتا -ئانا  پەرزەنتلىرىگە ئۈلگە بولغۇچىلاردۇر،پەرزەنت تەربىيىسىدە ئاتا -ئانىلارنىڭ تەربىيىسى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ،ئاتا -ئانىلار ياخشى خۇلۇق -مىجەز،ئېسىل پەزىلەت،مۇستەھكەم ئىمان -ئېتىقاد ئارقىلىق پەرزەنتلىرىگە ئۈلگە بولىشى كېرەك....
ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز...
بۇ ئىنكاسنى مەن قوللايمەن .

ئىللەت تۈزەلمىگىچە، مىىللەت تۈزەلمەس.

ھەرقاچان خۇشال ي

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58510
يازما سانى: 339
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2194
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 1128 سائەت
تىزىم: 2011-9-29
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-6 11:11:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بۇ پىكىرنى قوللايمەن...  ئاتا-ئانا بولغۇچى پەرزەت ئۈچۈن بىر ئەينەك ... تېما ئىگسىگە رەھمەت!

ھەربىر مىنۇت ۋاقتىىڭنىمۇ مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشقىن! ئېسىڭدە بولسۇن يېيىش ئۈچۈن ياشىمىغىن، ياشاش ئۈچۈن يىگىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5049
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5925
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 307 سائەت
تىزىم: 2010-7-28
ئاخىرقى: 2011-12-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-6 11:46:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ تىرىشىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64401
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 80
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-11-10
ئاخىرقى: 2011-11-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-15 08:39:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

期货从业资格代考QQ54457055大学英语四级/六级代考

期货从业资格代考QQ54457055大学英语四级/六级代考

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش