ئەلۋىدا،ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بىلەن مەڭگۈ ياشايدۇ،خەلق قەلبىدە مەڭگۈ ياشنايدۇ.
ئۆتكۈر دەيدۇ تاغلار باش ئېگىپ،
ئۆتكۈر دەيدۇ دەريا چايقىلىپ.
ئۆتكۈر دەيدۇ ئويغانغان زېمىن،
جۇدالىقتىن قاتتىق سىلكىنىپ.
ئالىقانلاردا ئۇچلانغان تاۋۇت،
كۆكتە لەرزان ئۈزىدۇ مەغرۇر.
مۇسىبەتتىن ئېغىر كېلىدۇ،
ئالىمىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇر.
بۇغدا چېگىپ بېشىغا لېچەك،
ئوغلى ئۈچۈن تۇتۇپتۇ ماتەم.
مۇسىبەتكە پاتقان كوچىلار،
دەريا كەبى ئاقىدۇ ئادەم.
سوزۇلسىمۇ ئۇزاققا دوقال،
قىشنىڭ كەينى ھامان ياز ئىدى.
تۇيۇقسىزلا كەتتىڭغۇ ئەجەپ،
بىزدە سەندەك ئالىم ئاز ئىدى.
-تۇلۇقسىزدىكى كونا ئەدەبىيات دەرسلىكى،
مۇشۇنچىلىك يادقا ئۇقىدىكەنمەن.