نە قىلاي
جېنىم تۇرسا يېنىمدا جاننى نە قىلاي ،
قۇياش تۇرسا يېنىمدا ئاينى نە قىلاي.
قۇياشتەك پارلىدىڭ قەلبىم بېغىدا ،
زىبا تۇرسا يېنىمدا سابانى نە قىلاي.
بۇ كۆڭۈل بېغىم سەن بىلەن ئاۋات ،
بۇلبۇل تۇرسا يېنىمدا سانى نە قىلاي.
چاچلىرىڭ پايانسىز بوستاننىڭ ئۆزى،
گۈلزار تۇرسا يېنىمدا باغنى نە قىلاي .
چېھرىڭدە نۇرلايدۇ ئاينىڭ شولىسى ،
قۇياشتىن بەكرەك تاڭنى نە قىلاي .
چىناردەك قامىتىڭ بە ھەيۋەت تۇرسا ،
ئاسمانغا تاقاشقان تاغنى نە قىلاي .
ھەممىسى گۈل ئەمەس خۇش پۇراق چاچسا،
گۈلۈم تۇرسا يېنىمدا گۈلنى نە قىلاي .
مەنبەسى: ئۆز قەلىمىم