ئادەتتە كىچىك بالىلار ، ياشانغانلار ناشتىغا قۇرۇق نان -چاي بىلەن ناشتا قىلسا تازا مۇۋاپىق بولمايدۇ ، ئەلۋەتتە بىزدەك ياشلارمۇ ئوخشاش ، سەھەرلىك ناشتىنى ياخشى قىلساق بىر كۈنلۇك كەيپىياتىمىز كۆتۈرەڭگۇ بولىدۇ ،
بىراق كۈندە بىر خىل ناشتىلىق قىلىۋەرسىمۇ ئادەم زېرىكىپ قالدۇ ،
شۇڭا مەن كۈندە بىر خىل ئالماشتۇرۇپ ناشتىلىق تەييارلايمەن ،
بۈگۈنكى ناشتىلىق سۈت ئاش ،
ماتىرىياللىرى ، گۈرۈچ يېرىم پىيالە ،سۈت يېرىم كېلو .تۇخۇم ، ئۆيدە قانچە ئادەم بولسا شۇنچە دانە .مەن تۆت دانە تەييارلىدىم ،
ئورنىمىزدىن تۇرۇپلا ، گۈرۈچنى پاكىز يۇيۇپ ئاستىغا ئوت يىقىۋىتىمىز ، بىز ناماز ئوقۇپ باشقا ئىشلارنى قىلغىچە پىشقاچ تۇرىدۇ ،
گۈرۈچ پىشقاندىن كىيىن ، تۇخۇمنى سالساق بولدۇ ، بەزىلەر تۇخۇمنى پۈتۈن پىشۇرۇشنى ياقتۇردۇ ، يەنە تۇخۇمنى چېقىپلا ئاشقا ئارلاشتۇرىۋەتسەكمۇ بولدۇ ،ئاندىن تەييارلاپ قويغان سۈتنى قۇيىمىز، ئاندىن ياقتۇرشىمىز بۇيۇنچە شېكەر ياكى تۈز سېلىپ ناشتىنى باشلايمىز ،
ناشتا قىلغاچ چۈشلۈككە نىمە يەرمىز دەپ ئويلايمىز .
مانا ئەتتىگەنلىك سۈت ئاش بىلەن قىلىنغان ناشتا شۇنداق كۆڭۈللۈك ھەم تېتىمىلىق ئاخىرلىشىدۇ .
مەنبە : ئاشپەز مۇنبىرى ئاپتۇرى : شەھلا
http://www.axpaz.cn/bbs/read.php?tid-4186.html