... بۇ دەرسنى مۇتلەق ئوقۇڭ
(تەرجىمە ئەسەر)
فاتىھ سۇلتام مەھمەت سىنىفتا بەكمۇ كەپسىز بولۇپ پەقەتلا جىم تۇرمايتتى. ئالدىدا ئولتۇرغان ئوقۇغۇچىلارغا قەلىمىنى سانجىپ، ۋاقىراپ، جاقىرايتتى. ئۇستازى ئاقشەمسىددىن بىر نەرسە دېسە، "سەن ماڭا بىر نەرسە دېيەلمەيسەن مەن دىگەن پادىشاھنىڭ بالىسى" دەپ تەھدىت سالاتتى.
ئۇستازى ئاقشەمسىددىن بۇ ئەھۋالدىن بەكمۇ راھەتسىز ۋە چارىسىز ئىدى. پادىشاھنىڭ ئالدىغا بالىسىنى شىكايەت قىلىپ بېرىشتىن نومۇس قىلاتتى ۋە بەكمۇ ئېغىر كېلەتتى.
بىر كۈنى سەۋرىسى تاشتى ۋە ھەممە ئىشقا تەۋەككۇل قىلىپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا باردى ۋە بەكمۇ تەستە ئوغلىنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاتتى. پادىشاھ ئەھۋالنى ئاڭلاپ بىر دەم ئويلۇنۇپ تۇرغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئۇ ئاجايىپ پىلانىنى ئۇستاز ئاقشەمسىددىننىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ تۇرۇپ ئېيتتى. يا ئاللاھ بۇ نېمىدىگەن ئاجايىپ پىلان، بۇ پىلاننى ئىجرا قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئاقشەمسىددىن ھەزرەتلىرى بۇ پىلاننى ئىجرا قىلالمايدىغانلىقىنى پادىشاھقا ئېيتقان بولسىمۇ پادىشاھ ئۇنىمىدى ۋە بۇ ئىش بولۇشى كېرەك دېدى. ئەتىسى دەرس ۋاقتىدا فاتىھ سۇلتان مەھمەت يەنە ئەسكىلىك قىلىشقا باشلىدى. ئاقشەمسىددىن ئۇنىڭغا تەربىيە قىلسا يەنە پادىشاھ دادىسىنى پەش قىلىشقا باشلىدى. دەل شۇ ۋاقىتتا پادىشاھ تۇساتتىنلا ئىشىكنى ئېچىپ سىنىپقا كىردى. بۇنى كۆرگەن ئۇستاز ئاقشەمسىددىننىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەلدى ۋە بارغانچە بېرىپ پادىشاھنى بىر شاپىلاق ئۇردى ئاندىن كېيىن ئاقشەمسىددىن پادىشاھقا دەرس بىرىۋاتقان سىنىپقا رۇخسەتسىز ئۈسۈپ كىرىشكە بولمايدىغانلىغىنى ئېيتىپ دەرھال سىرىتقا چىقىشقا بۇيرىدى. پادىشاھ بەكمۇ ئوسال بولغان بىر قىياپەتتە ئاقشەمسىددىندىن ئەپۇ سوراپ بېشىنى ئەككىنىچە سىنىپتىن چىقىپ كەتتى. بۇ ئەھۋاللارنى كۆرگەن فاتىھ سۇلتان مەھمەتنىڭ دىمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى ۋە نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالدى. ئىشەنگەن پادىشاھ دادىسى شاپىلاق يېگەن ئىدى. فاتىھ سۇلتان مۇھەممەد بولسا ئالاقزادە بولۇپ كەتتى.
بىرئاز ۋاقىتتىن كېيىن ئىشىك چىكىلدى. پادىشاھ ئېغىر بىر جىنايەتچىدەك بوينى بۈكۈك كىرىپ ئۇستاز ئاقشەمسىددىندىن كەچۈرۈم سورىدى. پىلان بەكمۇ ياخشى ئىشقا يارىغان ئىدى...
ئو كۈندىن كېيىن فاتىھ سۇلتان مەھمەد پەقەتلا كەپسىزلىك قىلمىدى. چۈنكى ئىشەنگەن تاغلىرى قار ئاستىدا قالغان ئىدى...
مەنە بۇ پادىشاھنىڭ ئۇستاز ئاقشەمسىددىننىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ ئېيتقان ئاجايىپ پىلانى ئىدى...
مەنە بۇ پەرزەنت تەربىيەلەش ئۈچۈن ئىدى... ئەنە ئۇلار، مەنە بىز...
شۇنچە چوڭ بىر پادىشاھ ئۆز پەرزەنتىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن كۆزىنى مىت قىلىپ قويماي تۇرۇپ شۇنچە بالىلار ئالدىدا تاياق يېيىشكە رازى بولغان ئىدى... .
تەرجىمە قىلغۇچى، ئۈمۈت قىلىمەن
http://www.sevgiplatformu.com/hikayeler.htm#İçimdekileri_Söyletme!_(Mutlaka_Okuyun)