مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1298|ئىنكاس: 0

قۇرئان ئايەتلىرنى پىكىر قىلمامدۇ ئىنسان ؟  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

.          دىللا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17725
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12851
تۆھپە نۇمۇرى: 2715
توردا: 3571 سائەت
تىزىم: 2010-11-16
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-2 12:34:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم :
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن .

ھۆرمەتلىك تورداشلار !سەمىڭلارغا ئاللاھ نىڭ بىرقانچە  ھەق  ئايەتلىرى سۇنۇلدى  مالال كۆرمەي  پىكىر قىلىپ كۆرگەيسىلەر !  . جانابى ئاللاھ ! پەيغەمبىرىمىزنى ھەققە  تەۋسىيە قىلىپ مۇنداق دىگەن:
يەنى[بەزىلەر (توغرا تونۇشقا ئېلىپ بارىدىغان) ھېچ قانداق ھەقىقى ئىلىمسىز، ھىدايەتسىز ۋە نۇرلۇق كىتابسىز ھالدائاللاھ توغرىسىدا مۇنازىرلىشىدۇ. (ئۇنىڭ مۇنازىرلىشىشى نۇقۇل نەپسى خاھىشى ۋە تەرسالىقىدىندۇر]22-8.
يەنى[ئەگەرئاللاھ ئۇلاردا بىرەر ياخشىلىق بار دەپ بىلسە ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارغا (ھەقنى) ئاڭلىتاتتى؛ ئۇلارغا ئاڭلاتقان تەقدىردىمۇ ئۇلار ئەلۋەتتە ھەقتىن يۈز ئۆرۇگەن ھالدا باش تارتاتتى]8-23.
يەنى[مۇشرىكلارنىڭ سېنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن مىساللارنى كەلتۈرگەنلىكىگە قارىغىن، ئۇلار ئازدى، توغرا يول تاپالمايدۇ]25-9.
يەنى[شۇنداق مەسخىرە قىلىشنى بىز گۇناھكارلارنىڭ دىللىرىغا سالىمىز]15-12.
يەنى[(ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلاردىن يەتكەن ئەزىيەتلەرگە) سەۋر قىلغىن،ئاللاھ ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ]11-115.
يەنى[ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋرى قىلغىن، مەمنۇن بولۇشۇڭ ئۈچۈن، كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى، كۈن پېتىشتىن بۇرۇن، كېچە ۋاقىتلىرىدا ۋە كۈندۈزنىڭ دەسلەپكى ۋە ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن (يەنى ناماز ئوقۇغىن) ۋە ھەمدە ئېيتقىن]20-130.
يەنى[ئەگەرئاللاھ (ئۇلارنىڭ ھىدايەت تېپىشىنى) خالىسا، ئۇلار شېرىك كەلتۈرمەيتتى، سېنى ئۇلارغا كۈزەتچى قىلغىنىمىز يوق، سەن ئۇلارغا ھامىيمۇ ئەمەسسەن]6-107.
يەنى[(ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر ئاللاھ نى قايرىپ قويۇپ ئىبادەت قىلغان بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشتىن مەن ھەقىقەتەن مەنئى قىلىندىم». ئېيتقىنكى، «مەن سىلەرنىڭ نەپسى خاھىشلىرىڭلارغا ئەگەشمەيمەن، بولمىسا مەن ئازغان بولىمەن ۋە ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن بولالماي قالىمەن »]6-56.
يەنى[ئاللاھ (سىلەرگە مۇنداق) بىر مىسالنى كەلتۈرىدۇ: بىر قۇل بولۇپ، ئۇنىڭغا (ئىشقا سېلىشنى) تالىشىدىغان نۇرغۇن خوجايىنلار ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ (بىرسى بۇ ئىشقا، بىرسى ئۇ ئىشقا بۇيرۇيدۇ، ئۇ كىمنى رازى قىلىشنى بىلەلمەي قالىدۇ)، يەنە بىر قۇل بولۇپ، ئۇ بىر ئادەمگىلا خاستۇر، بۇ ئىككى قۇل (يەنى ئۇنىڭ ئەھۋالى) باراۋەرمۇ؟ جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھ غا خاستۇر! بەلكى ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار)نىڭ تولىسى بىلمەيدۇ]39-29.
يەنى[ئۇلار قۇرئان ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئەگەر قۇرئان (مۇشرىكلار بىلەن مۇناپىقلار گۇمان قىلغاندەك) ئاللاھ دىن غەيرىنىڭ تەرىپىدىن بولغان بولسا، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭدىن نۇرغۇن زىددىيەتلەرنى تاپقان بولاتتى]4-82.
يەنى[ئېيتقىنكى، « ھەقىقەتەن مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن نازىل بولغان روشەن دەلىلگە (يەنى قۇرئانغا ۋە ۋەھىگە) ئاساسلىنىمەن، ھابۇكى، سىلەر ئۇنى ئىنكار قىلدىڭلار، سىلەر بالدۇر يۈز بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئازاب مېنىڭ ئىگىدارچىلىقىمدا ئەمەس، بارچە ھۆكۈمئاللاھ غا خاس،ئاللاھ ھەق ھۆكۈم قىلىدۇ،ئاللاھ ھۆكۈم قىلغۇچىلارنىڭ ياخشىسىدۇر »]6-57.
يەنى[شۇنىڭ ئۈچۈن كاپىرلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، قۇرئان ئارقىلىق ئۇلارغا قارشى (پاكىتلارنى ئوتتىرىغا قويۇپ) بارلىق كۈچۈڭ بىلەن كۆرەش قىلغىن]25-52.
يەنى[ئى پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان ئەھكاملارنىڭ ھەممىسىنى يەتكۈزگىن، ئەگەر يەتكۇزمىسەڭ، ئاللاھ تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئادا قىلمىغان بولىسەن. ئاللاھ سىېنى كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدۇ.ئاللاھ ھەقىقەتەن كاپىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ]5-57.
يەنى[ئى مۆمىنلەر! ئەگەر ئاتىلىرىڭلار، قېرىندىشىڭلار ئىمانىدىن كۇفرىنى ئارتۇق كۆرسە (كۇفرىدا مەھكەم تۇرسا)، ئۇلارنى دوست تۇتماڭلار. ئىچىڭلاردىكى كىملەركى، ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئۇلار زالىملاردۇر(يەنى ئۇلارغا ئوخشاش مۇشرىكتۇر، چۇنكى مۇشرىكلىككە رازى بولغان ئادەممۇ مۇشرىك ھېسابلىنىدۇ]9-23.
يەنى[ئى مۆمىنلەر! تائەت- ئىبادەتنىڭ مۇشەققەتلىرىگە ۋە سىلەرگە يەتكەن ئېغىرچىلىقلارغا سەۋر قىلىڭلار، مەقسىتىڭلارغا يېتىش ئۈچۈنئاللاھ دىن قورقۇڭلار (يەنى ئۇنىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلماڭلار]3-200.
يەنى[ئى مۇھەممەد!) كۇفرىغا ئۆزلىرىنى ئاتىغانلار (يەنى سۆزلىرى ۋە ھەرىكەتلىرى بىلەن كۇفرىغا شاپاشلايدىغان مۇناپىقلار) سېنى غەمكىن قىلمىسۇن، ئۇلار ھەقىقەتەن (كۇفرى بىلەن)ئاللاھ غا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ.ئاللاھ ئاخىرەتتە ئۇلارغا (ساۋابتىن) ھېچبىر نېسىۋە بەرمەسلىكنى خالايدۇ؛ ئۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ]3-176.
دىمەك قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ نىڭ  يۇقارقىغا ئوخشاش  نۇرغۇن ھەق سۆزلىرى بار  تۇرسا  ئىنسانلار نىمىشقىمۇ  قۇرئاننى پىكىر قىلىپ كۆرمەيدىغاندۇ ؟ ھەي بۇنداق پىكىر  تەپەككۇرى يوق ئىنساننىڭ  ھايۋانلاردىن نىمە پەرقى بولسۇن ؟ ھەتتا ئۇلار  شۇ پىكىر تەپەككۇر قىلالايدىغان ئەقلى بىلەن ھايۋانلاردىن بەتتەر  ھالەتتەتۇر .


مەنبە: قۇرئان كەرىمدىن پايدىلىنىپ ئۆز تەپەككۇرۇمغا تاينىپ يېزىلدى .


ھازىرغىچە 6 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
OMAR0998 + 100
muxawi + 20 مۇشىنىمۇ تاقىۋاپتۇ ئەمدى.............
allabir520 + 1 ئاللا رەخمەت قىلسۇن بەك ياخشىكەن
kaisar + 20 باغ دىسە تاغ دەيدىغانلار بار،تاقايدۇ
tahirbeg + 10 ئويغۇنۇش
adil2052103 + 10 كەشكىچە تاقاپ قويدىكەن

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 161   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش