مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1988|ئىنكاس: 5

يېشىل سەپەر خاتىرىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بۇدۇنيادا تەڭرى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12072
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7841
تۆھپە نۇمۇرى: 415
توردا: 4577 سائەت
تىزىم: 2010-9-29
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-1 02:14:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىككى پىشقەدەمنىڭ ۋەلسىپىت بىلەن  1600 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى تاماملىشى مېنى ھاياجانلاندۇردى ،مۇشۇ ياشتا ئۇلارنىڭ شۇنچە مۇساپىنى ۋەلسىپىت بىلەن تاماملاشتەك جاسارىتىغا ئاپىرىن ئوقۇدۇم .مەنمۇ قەشقەردىن بولغاچقا ئۇلارنىڭ بىرى بولغان ئادىل مۇئەللىمنى زىيارەت قىلدىم ، مۇئەللىم ماڭا كۈندىلىك خاتىرىسىنى بەرگەن ئىدى ، شۇنى تورداشلارغا سۇندۇم ،

يېشىل سەپەر خاتىرىسى

(جەنۇبىي شىنجاڭنى  ۋەلسىپىت بىلەن ئايلىنىش ساياھەت خاتىرىسى )

ئادىل ئەبەيدۇللا


بىزبۇ قېتىملىق  يېشىل سەپىرىمىز ئارقىلىق ،كۈندىن كۈنگە ئىس- تۈتەك ،چاڭ –توزانلاردىن بۇلغىنىۋاتقان  يۇرتىمىزنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاش ۋە ئۇنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان ۋەلسىپىت قوشۇنى تەشكىللىگەن ئىدۇق .ئەپسۇس ئاران ئىككى ئادەم سەپەرگە ئاتلاندۇق ، بىزنىڭ سەپەر نىشانىمىز جەنۇبى شىنجاڭ (تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەر ،ناھىيە قىشلاقلار)نى ئايلىنىش ئىدى . بۇ ئىككى پىدائىينىڭ بىرى ، مۇھەممەت ئېلى ، قەشقەر پاختا توقۇمچىلىق فابرىكىسىنىڭ پىنسىئونىرى ،ئۇ 80 – يىللاردىكى ۋەلسىپىت ماھىرى بولۇپ ، قەشقەر ۋىلايىتى ۋە شەھەر ئورۇنلاشتۇرغان تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە 1-لىكنى قولدىن بەرمىگەن ،ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك مۇسابىقىلەردە 2-3- بولغان مول تەجرىبىلىك ئادەم ،يېشى 60 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان بولسىمۇ ، ھاياتقا ئۈمىتۋارلىق بىلەن قارايدىغان شوخ مىجەزلىك ئادەم ئىدى .

يەنە بىرى مەن ، قەشقەر شەھەرلىك 3- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تارىخ ئوقۇتقۇچىسى ، ئىسىمىم ئادىل ئەبەيدۇللا .

ئوڭ تەرەپتىكىسى مۇھەممەد ئەلى ئاكا ،سول تەرەپتىكىسى ئادىل مۇئەللىم

بىز 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى (دۈشەنبە ) تاڭ سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى  سائەت 6:00 دە قەشقەر شەھرىدىن يولغا چىقتۇق ، ۋەلسىپىتتىكى يۈك – تاقلارنىڭ ئېغىرلىقى 30 كىلوگىرامدىن ئاشاتتى ،  سائەت 1:30 دا يېڭىسارنىڭ قىزىل يېزىسىغا كېلىپ ئارام ئالدۇق ۋە چۈشلۈك تاماقنى يەپ يولغا چىقتۇق ، ئۇزۇنغا بارماي شامال كۈچەيگىلى تۇردى ، يۈرۈش تەسكە توختىدى ،ئاخىرى پىيادە ۋەلسىپىتنى يېتىلەپ ،سەپەرنى داۋاملاشتۇردۇق ،يەكەننىڭ چارەك يېزىسىغا 25 كىلومېتىر قالغاندا ساي ئىچىگە چېدىرىمىزنى تىكتۇق .

5-چىسلا (سەيشەنبە )سائەت 6:00 دە سەپەرنى داۋاملاشتۇردۇق ، شامالمۇ ئاجىزلىغان ئىدى . سائەت 1:30 دە پوسكامم نېفىتلىك تۇرمۇش رايۇنىغا  يېتىپ كېلىپ ،مۇھەممەد ئەلى ئۇستامنىڭ تۇققانلىرىنىڭ ئۆيىدە قونۇپ ،6-چىسلا (چارشەنبە ) تاڭ سەھەردە يولغا چىقتۇق . ئۆي ئىگىسى ھەرخىل ئۇسسۇلۇقلارنى تەييارلاپ بەرگەن ئىدى (ئۇلارغا كۆپ رەھمەت )

بىز قاغىلىق بىلەن گۇما ناھىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى 80 كىلومېتىردىن ئارتۇق سايغا ھاۋا قىززىغاندا كىرىپ قاپتۇق ،قىززىق شامال پاچاقلىرىمىزنى كۆيدۈرەتتى . پىژغىم ئاپتاپ ،كۈچلۈك كۈن نۇرى دۈمبىمىزنى ئېچىشتۇراتتى ...

سەپىرىمىزدە ئادەمنى ئەڭ تەسىرلەندۈرىدىغىنى يەنىلا ئاقكۆڭۈل دېھقانلىرىمىز ئىدى . ئۇلار موتۇسكىلىتلىرىنى توختىتىپ بىز بىلەن قىزغىن كۆرۈشۈپ ،ئۈرۈك ،قوغۇن قاتارلىق مىۋىلەر بىلەن بىزنى مېھمان قىلىشتى ۋە ياخشى تىلەكلەرنى تىلەپ ئۇزۇتۇپ قويدى .

سائەت 2:30 دە يول بويىدىكى گۇما ناھىيىگە قاراشلىق ساقچى پونكىتىگە كەلدۇق ، ساقچى يولداشلار خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقىغا قارىماي ، بىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلدى ۋە ئۇسسۇلۇقلارنى تۇتۇپ كۈتىۋالدى ، بىز پونكىت باشلىقى بىلەن بىر پارچە رەسىمگە چۈشۈۋالدۇق .

ئاخشىمى مۇجى يېزىسىغا يېقىن ئۆستەڭ بويىدا چېدىرىمىزنى تىكتۇق ۋە راھەتلىنىپ يۇيۇنۇپ ،تاتلىق ئۇيقۇغا كەتتۇق .

7-چىسلا تاڭ سەھەردە يولغا چىقىپ سەپەرنى داۋاملاشتۇردۇق ، تەلىيىمىزگە شامال بىز بىلەن بىر يۆنىلىشتە چىقىپ سەپىرىمىزنى ئادەتتىكىدىن تىزلاشتى ،سائەتلىك سۈرئىتىمىز 50 كىلومېتىرغا چىققان ئىدى . چۈشتىن كېيىن 5:30 دە ،قارىقاش ناھىيىسىگە يېتىپ كەلدۇق ، خوتەن شەھرىگە 22 كىلومېتىر قالغان ئىدى .

بىز لاسكوي يېزا بازىرىغا كېلىپ ،قۇددۇس ئاشخانىسىغا چۈشتۇق ،ئاشخانا خوجايىنى پەرىشتە سۈپەت كېلىشكەن يىگىت ئىدى ،ئۇ ئۆز قېرىندىشىغا مۇئامىلە قىلغاندەك ئەڭ ياخشى تائاملارنى كەلتۈرۈپ مېھمان قىلدى ، پۇل تەڭلىسەك قەتئىي ئالمىدى ، ئۇ بىز بىلەن پاراڭلىشىپ ، 1998-يىلى قەشقەرگە ئىككى چاقلىق موتۇسكىلىت بىلەن 8 سائەتتە بارغانلىقىنى ،ئۇچاغدىكى يوللارنىڭ ناچارلىقى توغرىسىدا پاراڭ قىلدى ، بىز خوشلىشىپ ،خوتەن شەھرىگە كىردۇق . خوتەندە 4 كۈن تۇردۇق ، دوستلار ،تۇققانلار بىزگە نەسىھەت قىلىپ ، «قەشقەردىن خوتەنگە كەلگنلىكىنىڭ ئۆزى چوڭ ئىش ،ئەمدى ماشىنىغا ئولتۇرۇپ كېتىڭلار» دىدى . لېكىن بۇ گەپ بىزگە ياقمىدى .

بىزنىڭ 2-پىلانىمىز كەلگەن يولىمىز بىلەن قايتىپ ،قاغىلىق ئارقىلىق مەكىت ، مارالبېشى ئاتۇش قاتارلىق ناھىيە شەھەرلەرنى بېسىپ قەشقەرگە قايتىش .

11-چىسلا (دۈشەنبە) «قەشقەردىن خوتەنگە ۋەلسىپىت بىلەن كەلگەن » دىگەن ئىسپات خەتنى خوتەن ۋىلايەتلىك مەدەنىي تەنتەربىيە ئىدارىسىدىن ئالماقچى بولۇپ ، خوتەن ۋىلايەتلىك كادىرلار ئىدارىسىدىكى يالقۇنجاننى ئىزدەپ باردۇق ،بۇيىگىت ھەيران قېلىپ ، «ئەمدى نەگە بارماقچى؟» دەپ سورىدى ، بىز پىلانىمىزنى ئېيتتۇق ، ئۇ « مۇشۇ ياشتا نۇرغۇن سەپەرلەرنى بېسىپسىلەر ،يەنە غەيرەت قىلىپ ، خوتەندىن ئارال شەھرىگە قۇملۇقتىن ئۆتۈپ باقمامسىلەر ؟» دىدى ،بىز سەل ئىككىلىنىپ ، «يەر شارائىتى بىزگە ناتونۇش ،ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇنى قانداق ھەل قىلىمىز ؟» دىدۇق . ئۇ :«خاتىرجەم بولۇڭلار ، ھەر 100 كىلومېتىر ئەتراپىدا مۇلازىمەت پونكىتى بار ،سۇ تېپىلىدۇ » دىدى . بىز ئۈمىدلەندۇق . شۇنىڭ بىلەن باشقىلارنىڭ نەسىھىتىنىمۇ ئاڭلىماي ، 7-ئاينىڭ 12-كۈنى (سەيشەنبە ) تاڭ سەھەردە 440 كىلومېتىرلىق قۇملۇق سەپىرىنى باشل؛ىۋەتتۇق ، يۈك –تاق 40 كىلوگىرامدىن ئېشىپ كەتتى .

تەېەككۇل يېزىسىغا كىرىپ چۈشلۈك تاماقنى يەپ سەپەرنى داۋاملاشتۇردۇق ، قۇملۇقنىڭ ھارارىتى 50 گىرادۇستىن ئاشقان ئىدى ، مېڭىش مۈمكىن ئەمەس ، بىز چاققانلىق بىلەن چېدىرىمىزنى تىكىپ ئورۇنلاشتۇردۇق ،چۈشتىن كېيىن ھاۋا يانغاندا ،سائەت 6:00 دە  يولغا چىقىپ ،

9:00 لەردە ئارام ئالدۇق .

13-چىسلا (چارشەنبە) مازار تاغ مۇلازىمەت پونكىتىگە ئاران ئۇلىشىۋالدۇق ، چۈشلۈك تاماق يەپ ،ئازراق مېڭىپ شالاڭ كەتكەن توغراقلىققا چېدىرىمىزنى تىكىپ ھاۋانىڭ يېنىشىنى كۈتتۇق ، چۈشتىن كېيىن سائەت 6:00 دە يەنە يولغا چىقتۇق .سائەت 9:00 غىچە مېڭىپ كەچلىك ئارام ئالدۇق .

14-چىسلا (پەيشەنبە) تاڭ سەھەر يولغا چىقتۇق ، سائەت 10:00 دا ،ئارال مۇلازىمەت پونكىتىگە يېتىپ باردۇق . سۇلىرىمىزنى تولۇقلاپ ئازراق مېڭىپ توغراقلىق ئىچىگە چۈشتۇق ،كەچ سائەت 6:00 دە يەنە يولغا چىقتۇق ،ئىسسىقنىڭ دەستىدىن ئچكەن سۈيىمىز بىردەمدە تەر بولۇپ چىقىپ كېتەتتى ، بىزنىڭ كەچلىك تامىقىمىز تەييار چۆپ بولۇپ ، بېنزىن ئوچاقتا قاينىغان قايناق چايدا دۈملەپ ئىچكەن ئېشىمىز ئەڭ ئالىي تاماق ئىدى ،ئىچكەن سۈيىمىز يىگەن ئاش نېنىمىزغا قۇم ئارىلاشقان بولۇپ ، 3 كۈندىن بېرى يۈزىمىزنى يۇيۇپ باقمىدۇق .

15-چىسلا (جۈمە) تاڭ سەھەر يەڭگىل شامال چىقىشقا باشلىدى ،بىر قانچە سائەتتىن كېيىن شامال بورانغا ئايلىنىپ ،مېڭىش مۈمكىن بولمىدى . خوتەندىكى دوستلار بىزگە بۇيەردە توختاپ قېلىشقا بولمايدۇ دەپ تېلىفۇندا ئېيتتى ،شۇنىڭ بىلەن يۈز –كۆزىمىزنى پۈركەپ ، ۋەلسىپىتنى يېتىلەپ ماڭدۇق ، 6 سائەت يۈرۈشنى داۋاملاشتۇردۇق ، بەزىدە كۈچلۈك بوران بىزنى يىقىتىپ ئۆرىۋىتەتتى ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئارال ھەق ئېلىش پونكىتىگە كېلىپ قۇملۇقتىن ساق –سالامەت چىقىۋالدۇق .

ئەتىسى 16-چىسلا (شەنبە) ئاقسۇغا قاراپ ماڭدۇق ،

سائەت چۈش 2:00 لەردە ئاقسۇغا كەلدۇق ، ۋاڭ سەن كوچىسىنى ئىزدەپ سوراپ ئالتۇن ساھىل مېھمانخانىسىغا چۈشتۇق .بۇ كاتتا سارايغا داڭلىق ماركىلىق ماشىنىلارلا توختايدىكەن ، بىزدەك ۋەلسىپىتلىك يولۇچىلارنىڭ چۈشۈشى ھەيران قالارلىق ئىش ئىكەن ، مارالبېشىلىق ، ئاقسۇدا مېھمان سارايلارنى بېزەش بىلەن داڭ چىقارغان يۈسۈپجان ئىسىملىك 25 ياشلار چامىسىدىكى بۇ خوجايىن بىزنى ئىزدەپ كىرىپ ، ئۆز قېرىندىشىغا ئوخشاش قىزغىن پاراڭلىشىپ ،بىزنى كاتتا بىر ئاشخانىغا باشلاپ كىرىپ ،بەك ياخشى مېھمان قىلدى ۋە بىزنىڭ جاسارىتىمىزگە ئاپىرىن ئوقۇپ ،ياخشى تىلەكلەر بىلەن ئۇزۇتۇپ قويدى .

18-چىسلا (دۈشەنبە )  ئاقسۇ شەھەرلىك مەدەنىيەت –تەنتەربىيە ئىدارىسىگە بېرىپ ، «ئارالدىن –ئاقسۇغا ۋەلسىپىتتە كەلگەن » دىگەن ئىسپات ئېلىپ ،ئەتىگەن سائەت 10 لاردا مارالبېشىغا قاراپ چىقتۇق .كەچ سائەت 9 لاردا كەلپىن ئاچال ھەق ئېلىش پونكىتىدىكى ساقچىخانىدا چىدىرىمىزنى تىكىپ ماكانلاشتۇق ، پونكىتتىكى ساقچىلار تۈرلۈك ئىچىملىك ۋە يىمەكلىكلەر بىلەن بىزنى  مېھمان قىلدى . بىز بىللە خاتىرە رەسىمگە چۈشتۇق .

19-چىسلا (سەيشەنبە ) تاڭ سەھەر يولىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق ، چۈشتىن كېيىن سائەت 5 لەردە مارالبېشى ناھىيىسىگە كېلىپ دوستلارنىڭ ئۆيىدە قونۇپ ئەتىسى 20-چىسلا چۈشتىن كېيىن 2 لەردە سېرىق بۇياغا قاراپ مېڭىپ ،چۈشتىن كېيىن سائەت 7:00 لەردە سېرىق بۇيا بازىرىغا كەلدۇق ،

ساقچىخاندىكى سۇلايمانجان قاتارلىق ساقچى يىگىتلەر ئالدىمىزغا چىقىپ ، ياتاق تاماق ئورۇنلاشتۇرۇپ ،بىزنى ياخشى  مېھمان قىلدى ،ئەتىسى 21-چىسلا خوشلىشىپ ، 9:30 دە يولغا چىقىپ ،چۈشتى كېيىن سائەت 5:00 لەردە يوپۇرغىغا چۈشتۇق ، بىركۈن قونۇپ ، 22-چىسلا تاڭ سەھەر سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ ، ئەتىگەن سائەت 9:00 لەردە قەشقەر شەھرىگە يېتىپ كەلدۇق . جەمئىي 1600 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى تاماملىدۇق ....


مېنىڭ ئەڭ زور خۇشاللىقىم تەڭرىم ۋە گىتارىمدا............

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 2023
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11740
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 4694 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2012-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-1 11:17:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باتۇر ئوغلانلارنىڭ جاسارىتىگە ھەشقەللا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43245
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4992
تۆھپە نۇمۇرى: 1800
توردا: 2919 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2012-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-1 12:06:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلمەيمەن ‹شۈكرى› دەپ كۆنۈپ قاپتىمەن ،
دۇنياغا تىكەندەك ئۈنۈپ قاپتىمەن .
ھەر بالا ئالدىدا ‹شۈكرى› لا دەيمەن ،
تېرىكتىم ! ئەسلىدە ئۆلۈپ قاپتىمەن !

بىردەملىك تاقەت ئون يىللىق راھەتنىڭ مەنبەسى !

~ئالتۇن ساپ بولماس،ئادەم نۇقسا

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20758
يازما سانى: 1040
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7428
تۆھپە نۇمۇرى: 615
توردا: 6703 سائەت
تىزىم: 2010-12-4
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-1 12:37:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غەيرىتىگە بارىكاللا

يامىنى شۇ ھەممىدىن،ئۆلگەندە خەلقىم تىللىسا!!!

قەدىرلە ئۆز ھايا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45168
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 695
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 260 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-1 05:07:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىلەردىن بەك تەسىرلەندىم . غەيرىتىڭلارغا ئاپىرىن.

مىڭىشقا ئىرىنسەڭ ،يۇگۇرەيسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65179
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 50
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-11-15
ئاخىرقى: 2011-11-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-18 05:18:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش