مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3773|ئىنكاس: 28

ئاياللار تەلىيى نىمە بىلەن ئۆلچىنىدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48047
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6125
تۆھپە نۇمۇرى: 339
توردا: 1043 سائەت
تىزىم: 2011-7-16
ئاخىرقى: 2011-12-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 02:41:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاياللار تەلىيى نىمە بىلەن ئۆلچىنىدۇ؟




ئىككى كۈن ئاۋۋال بىر دوستۇمنىڭ تويىغا قاتنىشىپ كىلىپ، كاللامدا بىر خىل سۇئال تۇغۇلۇپ قالدى. دوستۇم ئالى مەكتەپ پۈتكۈزۈپ كىلىپ خىزمەتكە چىقماي تۇرۇپ توي قىلمايمەن، دەپ ئاخىرى دىگىنىدەك 28 ياشلاردىن ئاشقاندىن كىيىن خىزمەتكە چىققان ۋە خىزمەتكە چىقىپ بىر يىل بولغاندا توي قىلدى. تويغا قاتناشقان قىزلارنىڭ كۆپ ساندىكىللىرى ئاساسەن دىگۈدەك توي قىلىپ بولغان قىزلار ئىدى. تويغا بېرىپ باققان قىزلار بىلىدۇ ھەقىچان ، بىر تويدا بىر توپ قىزلار يىغىلسا ئاساسەن دىگۈدەك يولدىشىنىڭ ۋە ئىلگىركى تۇنۇش دوستلىرىنىڭ ۋە تويى بولغۇچىنىڭ يولدىشىنىڭ پاراڭلىرى بۇلىدۇ. بۇ تويدىمۇ شۇنداق بولدى. قىزلارنىڭ كۆپ ساندىكللىرى دوستۇمنىڭ تويى توغۇرلىق پاراڭلىشىپ، «ئۇنىڭ تەلىيى كەپتۇ؛ ئۇ بالىنى شۇنداق چىرايلىق ھەم ئۆزىدىن كىچىك دەيدۇ؛ ساقلاپ ئولتۇرغىنىغا لايىق ئەجەپمۇ تەلىيى كەپتۇ دىسە بۇنىڭ؛ ئاڭلىسام ئۆيىنى ئايرىم تۇتارمىش؛ ئاتا-ئانىسى ئىككلىسىنىڭ خىزمىتى بار ئىكەن؛ ئىككىلام ئوغول ئىكەن ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوغولنىڭ چوڭى ئىكەن؛ بەك كۆزىگە قارايدىكەن...» دىگەندەك پاراڭلار توختىماي بۇلۇپ تۇردى.دىمىسىمۇ دوستۇمنىڭ شۇنداق تەلىيى كەلگەندەك  ئىدى. بىراق،كاللامدا يەنلا دوستۇمنىڭ راستىنلا تەلىيى كەلگەنمىدۇ؟ دىگەن سوئال تۇغۇلدى.
ئۆتكەن يىلى بىر قانچە يىل مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغان بىر دوستۇمنىڭ تويىغا قاتناشقان ۋاقتىمدا، شۇ يەردىمۇ مۇشۇنداق پاراڭلار بولغان ئىدى. «ئۇ دوستۇمنىڭ يولدىشىنى ئىمانلىق، بەش ناماز، پاكىز بالا ئىكەن، ئانسى يوقكەن تېخى، قېينى ئانىنىڭ دەردىنى تارتىيمەن دىمەيدىكەن،ئەجەپمۇ تەلىي كەپتۇ.» دىگەندەك پاراڭلار بۇلۇشقان . لېكىن  قايسى كۈنى ئۇ دوستۇمنىڭ تۇغۇتىنى يوقلاپ بارسام، ماڭا بىر مۇنچە دەرت ئېيتىپ يىغلاپ كەتتى. ئۆزىنى ھەرگىزمۇ بەخىتلىك دەپ ئويلىمايدىكەن، ئاشۇ بالىسىنى دەپلا چىداپ كىلىۋېتىپتۇ. مانا بۇ بىز ئەينى چاغدا تەلىيى كەلدى دەپ ماختاپ كەتكەن دوستۇم ئىدى. ئۇلارنى ئويلاپ بۇ دوستۇمنىڭمۇ راسىنلا تەلىيى كەلدىمۇ؟ ئاياللار ئەر كىشىدىن كەلگەن تەلىينى زادى نىمە بىلەن ئۆلچەيدۇ؟ بىز سىرىتىغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە ئەھۋالىغا قاراپلا بەخىتنى ئۆلچەمدۇق؟ دىگەندەك بىر قاتار سۇئاللار ھازىرغىچە كاللامدىن چىقمايۋاتىدۇ... قېنى سىلەر دەپ بېقىڭلار، ئۆزىڭىزنىڭ تەلىينى قانداق ئۆلچەيسىز؟دوستىڭىزنىڭ تەليىنى قانداق ئۆلچەپ باققان ئىدىڭىز؟

مەنبە : ئۆزەم.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13794
يازما سانى: 1550
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5704
تۆھپە نۇمۇرى: 1992
توردا: 843 سائەت
تىزىم: 2010-10-13
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 10:48:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېنى ئەمىسە بۇخۇسۇستا ئاۋال مۇنبىرىمىز ئاياللىرى بىرنىمە دەپباقسۇن ؟

ئۆلۈم يېڭى بىر ھاياتلىقنىڭ مەڭگۈلۈك باشلىنىشى !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6509
يازما سانى: 1104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14075
تۆھپە نۇمۇرى: 496
توردا: 6075 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2013-11-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 10:58:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇرمۇش دىگەن ھەممىشە تەلەيگە باغلىق بۇلمايدۇ ئاللا  پىشانىگە يازغاننى بەزىدە كۆرمەي ئامال يوق.......ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ بەختنى ئۆلچەش توغرا ئەمەس..... ناۋادا ئۆزگىرىش بۇلۇپ قالسا قوبۇل قىلماق تەس كىلىدۇ....

سەھرالىق

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24790
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6581
تۆھپە نۇمۇرى: 307
توردا: 941 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2015-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 11:01:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر بەزى  قىزلار تەلەينى ئالدى بىلەن ئۆيى بولسۇن ئاندىن پۇلى بولسۇن دەپ ئۆلچەيدىغان بۇلۇپ كەتتى ،بۇنىڭغا سۆزلەش ئارتۇقچە ھېلقى تاشمۇھەممەت باتۇرنىڭ بىر ناخشىسى بار ئىدىغۇ
ئۆيىڭىز شەھەردىمۇ سەھرادىمۇ
ئۆيىڭىزدە توڭلاتقۇ بارمۇ
ۋېيەي ئانىڭىز تېخى بارمۇ دەيدۇ دېگەندەك ناخشلار دەكچۇ  شۇنداق ئۆلچەيدىغان بۇلۇپ كەتتى

دۈشمەنلىرىمگە ئۈزۈم تېتىيمەن، دوستلىرىمنىڭ قەستىدىن ساقلا خۇدايىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 693
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9274
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 1834 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 11:04:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ ئاياللار بەخىتنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدۇ !چۈنكى ئۇلار نۇرغۇن ئىشلارغا قانائەت قىلمايدۇ _ دە !

بەخىت- ئاللاھنى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41019
يازما سانى: 408
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17910
تۆھپە نۇمۇرى: 6011
توردا: 5290 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2012-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 11:08:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭچە، ئايالنىڭ تەلىيى ، شۇ ئايال ياشاۋاتقان جەمىيەتنىڭ قىممەت قارىشى تەرىپىدىن ئۆلچىنىشى كېرەك.. لېكىن بىزنىڭ ئەن ئەنىۋى قىممەت قارىشىمىز ھازىر ئېغىر خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. ...

ھاياتنىڭ مەنىسى سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشيۇر! يەنى ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈش ۋە ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈلۈشتۇر !

خوراز چصللصماقت

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2645
يازما سانى: 1036
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13447
تۆھپە نۇمۇرى: 616
توردا: 10606 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2014-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 11:11:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاياللارنىڭ تەلىيى  ئىمان -ئېتقاتلىق  ،مەرت-مەردانىلىك ،ۋىجدان -غورۇرلۇق ئەرلەر بىلەن ئولچىنىدۇ دە، لېكىن راس دىگەندەك تويدىكى ھەشەمەتچىلىك، مولچۇلۇق شۇنداقلا توينىڭ كارامەت قىزىپ كەتكىنىگە قاراپلا ھەجەپ تەلەيلىككەن دىگەن خىيال كەپ قالدىكەن. لېكىن مۇندا كوز ئالدىمغا كەلتۇرۇپ باقتىم بەك قىزىپ ھەشەمەتچىلىكتە تۇي ئوتكۇزگەنلەردىن بەك قىزىمىغان ئاددى ساددا توي ئوتكۇزگەنلەرنىڭ ئوي تۇتۇش نىسبىتى يۇقۇرى بولىدىكەن.

بالام خوراز چىللىغىلى نەۋاق تېخىچە ئويغانمىدىڭما؟

بىز نېمىلەرنى يوقىتىۋاتىمىز ؟.

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36864
يازما سانى: 1075
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6649
تۆھپە نۇمۇرى: 615
توردا: 4543 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2015-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 11:12:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭچە ،مەيلى ئەر بولسۇن ئايال بولسۇن ئۆزىگە يۈز كېلەلىگۈدەك ياشىيالىسا ، ئەتراپىدىكىلەرگە مېھرى - مۇھەببەت ئاتا قىلالىسا ، ئاددىي بولسىمۇ خاتىرجەم قۇۋناق تۇرمۇشقا ئىگە بولسا شۇنىڭ ئۆزى  بىر تەلەي .

گۈل ئۆستۈر ، لېكىن كىمنىڭ پۇرىشى بىلەن ھېساپلاشما ؛ يول ياسا ، بىراق ئۇنىڭدا كىمنىڭ مېڭىشى بىلەن ھېساپلاشما ؛ ئۆمرۈڭنى مەنىلىك ئۆتكۈز ، بىراق ئۇنىڭ قانچىلىك قالغانلىقى بىلەن ھېساپلاشما ؛ ھەممە چىرايلارغا كۈلكە سېلىپ قوي ، بىراق ئۇلاردىن بەدەل تەلەپ قىلما . ھايات تەبىرىنى

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3490
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 32319
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3727 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2014-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 11:56:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ ئاياللار ھىچنىمىدىن رازى بولماي ئۆتىدۇ ، شۇڭا كۆپ ۋاقىتلاردا ئۆزىنى كۆپ ئىشلارغا قۇربان بەرگەندەك ، تۇرمۇشتىن تەلىيى كەلمىگەندەك ھىس قىلىپ قاقشاپلا يۈرۈيدۇ ، ھەرقانداق شىرىن - شىكەر ئۆتكەن ئائىلىدىمۇ ئازدۇر-كۆپتۇر كۆڭۈلسىزلىكلەر بولۇپ تۇردۇ ، بۇنى كەچكىچە كۆڭلىگەئىلىپ قاخشاپ يۈرگىچە ئۇنتۇپلا كەتسە ھەممە ئىش تۈگەيدۇ ، كۆپ ئاياللار ئۆزىگە كەلگەن تەلەينى ھىس قىلالماي  قاخشايدۇ ، ئەگەر بىلگەن ئادەمگە تەلەي دىگەن تىنىڭ ساق بولسا ، پەرزەنىتلىرىڭ ئوبدان چوڭ بولسا ، ساڭا ۋە ئائىلەڭگە   بىرە كىلىشمەسلىك كەلمىسە ، كۆڭلۈڭ خاتىرجەم ئۆتسە تەلەي دىگەن شۇ ، تۇرمۇشۇڭ باي - باياشات ئۆتمىسىمۇ نورمال ئۆتسە بولدى ، ئادەم قانائەتچان بولمىسا ئۆزىگە كەلگەن تەلەينى ھەرگىزمۇ ھىس قىلالمايدۇ .

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

پىچاقنى ئاۋۋال ئ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53816
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3327
تۆھپە نۇمۇرى: 139
توردا: 614 سائەت
تىزىم: 2011-8-29
ئاخىرقى: 2011-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-1 12:09:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۈجىنى كۈزدە ساناڭ دەپتىكەن.ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشتا بىر-بىرىگە ئىشىندىغان ،بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان،بىر-بىرىگە كۆيۈنىدىغان،بىر-بىرىگە چىن مىھرى -مۇھەببەت بىرەلەيدىغان،قۇربان بىرەلەيدىغان،كۆڭلىنى ئايايدىغان ،بولالىسا تەلەيلىك ئىكەنمەن دىسە بولىدۇ.ئويلاپ باقسام بىز ئاياللار  راستىنلا قانائەتسىز ئىكەنمىز.بەختىمىز قولىمىزدا چاغدا ھىس قىلمايدىكەنمىز.قولدىن كەتكەندە ئاندىن ئۆزىمىزنىڭ تولىمۇ بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكمىزنى ھىس قىلدىكەنمىز.لىكىن ئۇ چاغدا تولىمۇ كىچىككەن بولدىكەنمىز.

دوستۇڭنىڭ كۆڭلىنى ئاياشنى بىل، دۈشمەننى ئايىماي ساۋاشنى بىل. گەردوستۇڭ قىلمىسا ساڭا چىن ۋاپا، ئۇنىڭسىز مۇستەقىل ياشاشنىمۇ بىل.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش