ئەسلەتمە:
بۇ بايانلار 2006-يىلى چوڭ دادام بىلەن بىر ياتاقتا يېتىپ داۋالانغان مەلۇم ناھىيىلىك دېھقان بوۋاينىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئېيتىلغان قىزىنىڭ كەچۈرمىشلىرىگە ئاساسەن خاتىرىلەشتۈرۈلۈپ يېزىلدى.
* * * * * * * * * * *
گۇگۇم چۈشەي دېگەن چاغ. مەھەللە بېشىدىكى كەچلىك بازار تازا قىزىغان. 5ياشقا كىرگەن ئىنىمنى ئېلىپ كەچلىك بازارنى ئارىلىماقتىمەن. كەيپىياتىم ناھايىتى چاغ، قايناق بازاردا ئىنىم بىلەن ئايلىنىپ، بىر كۈنلۈك ئېتىز ئەمگىكىنىڭ ھاردۇقى چىققاندەك تۇيۇلاتتى.
-ئاچا، ئاۋۇ يەردە ئۈچەي كاۋاپ سېتىۋىتىپتۇ، جۈرە بېرىپ يەيلى. ئۇكام قولۇمدىن تارتقىنىچە يولنىڭ قارشى تەرىپىدىكى بىر كاۋاپچىنى ئىشارەت قىلدى. مەن ئۇنىڭ رايىغا بېقىپ يولدىن ئۆتتۈم. كاۋاپچىنىڭ قېشىغا بىرنەچچە قەدەم قالغاندا تۇيۇقسىز ئارقا تەرىپىمدىن ماشىنىنىڭ قاتتىق تورمۇز تۇتقان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئىتتىكلا كەينىمگە بۇرۇلۇپ قارىسام بىر قارا سانتانا ماشىنا يول بويىدا توختىغان، ئىچىدىن ئۈچ ئەر كىشى چۈشۈپ مەن تەرەپكە قاراپ كەلدى، قولۇمدىن تۇتۇپلا ماشىنىغا سۆرىدى، نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي قالدىم، «بۇلار كىم؟نېمىشقا مېنى سۆرەپ ماڭىدۇ؟ مېنى نەگە ئاپىرىدۇ»دېگەن سوئاللار كاللامدا پەيدا بولدى، دەرھاللا بار ئاۋازىم بىلەن ۋارقىرىدىم، «قۇتۇلدۇرۇڭلار! مېنى نەگە ئاپىرىدۇ بۇلار» بىر تەرەپتىن ۋارقىرىدىم، يەنە بىر تەرەپتىن بار كۈچۈم بىلەن يۇلقۇنۇپ ئۇلارنىڭ قولىدىن بوشىنىشقا ئۇرۇندۇم. ئەپسۇس كۈچ ئىلىشالمايۋاتاتتىم. ئىنىم بولسا تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بۇ ئىشلاردىن قورقتى بولغاي يىغلاشقا باشلىدى، ئەتراپ ئادەم بىلەن تولغان، ئەمما بىرىمۇ چىقىپ «نەگە ئاپىرىسەن بۇ ئايالنى؟» دەپمۇ سورىمىدى، ھەممىسى بىر چەتتە تاماشا كۆرۈپ تۇراتتى. خېلىغىچە يۇلقۇندۇم، ۋارقىراپ ئۈنۈم پۈتۈپ كەتتى، ئاخىرى ئۇلار مېنى ماشىنىغا ئېلىپ چىقتى ۋە بايا قانداق تىز كەلگەن بولسا شۇنداق تىزلا بازاردىن ئايرىلىپ چوڭ يولغا چىقتى، ماشىنا ئىچىدە يەنە بىر دەم جار سالدىم، ئاق داكا تۇتقان بىر قول كېلىپلا ئاغزىمنى چىڭ ئېتىۋالدى، بىر نەچچە سىكۇنتتىن كېيىنلا كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشتى.......
* * * * * * * * * * *
كۆزۈمنى ئاچتىم، گۇڭگا بىر ئۆينىڭ ئىچى كۆز ئالدىمدا نامايەن بولدى. «بۇ زادى قەيەر؟ مەن نەگە كەلدىم؟»
ئۆينىڭ ئىچىدىن كىشىنىڭ قۇسقۇسىنى كەلتۈرگۈدەك دەرىجىدە ھاراق-تاماكىنىڭ پۇرىقى كېلەتتى. ئورنۇمدىن تۇرۇشقا كۈچىدىم، ئەمما تۇرالمىدىم. قولۇمدىن ئۆيدىكى پار تۇرۇبىسىغا باغلاپ قويۇپتۇ.
بىردەمدىن كېيىن ئىشىك تاراقلاپ ئېچىلىپ، مېنى ماشىنىغا بېسىپ ئېلىپ ماڭغان ئۈچ ئەر بىلەن ياشقا چوڭ بىر ئايال كىرىپ كەلدى.
ھېلىقى ئايال ماڭا يېقىن كېلىپ ئېڭىكىمدىن تۇتۇپ چىرايىمغا سەپسىلىپ قارىۋەتكەندىن كېيىن:
-بۇ قېتىم تۈزۈكرەكىنى ئېلىپ كېلىشمەپسەنغۇ؟ بۇنداق نېمىنى ۋاڭ خوجايىنغا قانداقمۇ ئاپارغىلى بولسۇن؟
-ھېلىمۇ جاننى ئالقانغا ئەپ قويۇپ ئەكەلدۇق ئۇنى، يەنە كېلىپ كەچ بازاردا دېگىنە ھېلىم ھەدە.
-بوپتۇ، ئەمىسە ئۇنى ئەتە چۈشتىن كېيىننىڭ پويىزى بىلەن ئېلىپ مېڭىڭلار. ئوبدانراق ھېزى بولۇڭلار، چاتاق چىقىپ قالمىسۇن.
ئۇ ئايال شۇنداق دەپ چىقىپ كەتتى. ھېلىقى ئۈچ ئەرنىڭ ئىچىدىكى ئېگىزرەك بىرى ماڭا پىچاق تەڭلەپ تۇرۇپ:
-بىزنىڭ گېپىمىزنى ئاڭلايسەن ئۇقتۇڭمۇ؟ ئەگەر يولدا بىرەر چاتاق چىقارساڭ ياكى ساقچىغا مەلۇم قىلىشنىڭ ئامالىنى قىلساڭلا سېنى بوغۇزلاپ تاشلايمەن. جان لازىم بولسا بىزنىڭ گېپىمىزدىن چىقما. ئۇقتۇڭمۇ قانجۇق؟
مەن بىچارىلەرچە باش لىڭشىتتىم. ئۆلۈم ۋەھىمىسى مېنى قورقۇتقان ئىدى. ئۇلار زادى مېنى نەگە ئاپىرار؟
* * * * * * * * * * *
تاكسىغا ئولتۇرۇپ ناتونۇش بىر يەرلەرنى ئايلىنىپ پويىز ئىستانسىسىغا كەلدۇق. بېكەتنىڭ بېشىغا يوغان قىلىپ «ئۈرۈمچى» دەپ يېزىلغان ئىدى. قانداق بولۇپ بۇ يەرگە كەپقالدىم؟
پويىز كۈتۈش زالىدا ئولتۇرىۋاتىمەن. پويىزنى ئەمەس بېشىمغا كېلىش ئالدىدا تۇرغان قانداقتۇر مۇدىھىش كۈنلەرنى ساقلاۋاتقاندەك ھېسياتتا ئىدىم. ئەتراپىمدا ئادەم نۇرغۇن، ئەمما ھەممىسى ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن ھەلەك، ماڭا دىققىتىنى بەرگۈدەك ئەمەس.
رادىيو ئۇزىلىدىن ئاۋاز ئاڭلاندى «گۇاڭجۇغا بارىدىغان ***قېتىملىق پويىزغا چىقىدىغان يولۇچىلار يۈك-تاقاڭلارنى ئېلىپ پويىزغا چىقىڭلار» مېنى ئېلىپ ماڭماقچى بولغان ئىككىسى قارا چامادانىنى ئېلىپ مېنى سىلكىشلىگنىچە ئېلىپ ماڭدى. بىرى قۇلىقىمغا پىچىرلاپ:
-بىز ساڭا دېگەن گەپلەر يادىڭدا بولسۇن، ئەگەر قالايمىقان ئىش قىلىدىغان بولساڭ سېنى ئۆلتۈرىۋىتىمىز!
مەن بېشىمنى لىڭشىتتىم. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قانداقمۇ قىلالايمەن؟ پويىزغا چىقىش ئالدىدا پويىز ساقچىسى بېلەت تەكشۈرۈپ كېلىپ ئۇ ئىككىسىدىن سورىدى:
-گۇاڭجۇغا نېمىگە بارماقچى؟
-ئىشلەمچىلىك قىلغىلى
-بۇ ئايال كىم؟
-ئاچىمىز بولىدۇ.
ساقچى ماڭا قاراپ سورىدى:
-راستمۇ؟
مەن بېشىمنى لىڭشىتتىم. ساقچى ئۆتۈپ كېتىشكە شەرەتلىدى.......
* * * * * * * * * * *
گۇاڭجۇغا چۈشتۇق. نەچچە كۈنلۈك يول سەپىرى مېنى بەكلا ھالسىزلاندۇرغان ئىدى. پويىز ئىستانسىسى ئالدىدا بىزنى ئالغىلى ماشىنا چىقىپتۇ، شۇ ماشىنىغا چىقىپ ئۇزاق ۋاقىت ماڭغاندىن كېيىن تار بىر كوچىغا كىردۇق. ماشىنا قوش قانات تۆمۈر دەرۋازىلىق بىر ئۆينىڭ ئالدىدا توختىدى. ئېگىز بويلۇق ماشىنىدىن چۈشۈپ دەرۋازىنى قېقىۋىدى، دۈمچەك بىر بوۋاي دەرۋازىنىڭ ئىككى قانىتىنى ئاچتى.
چوڭ بىر ھويلا كۆز ئالدىمدا نامايەن بولدى. پەقەت تېلىۋىزوردىلا كۆرۈشكە نېسىپ بولىدىغان بۇ مەنزىرە ئوڭۇمدا كۆرۈنمەكتە ئىدى. بۇ زادى قانداق يەر؟
-ھېزىمكا، ماۋۇنى ساڭا تاپشۇردۇق. ھېلىقىلارنىڭ قاتارىغا قوشۇۋەت.
دۈمچەك قېرى مېنى دۈشكەللىگىنىچە ھويلىدىكى يەر ئاستى ئۆيگە ئېلىپ ماڭدى. بېلىدىن بىر باغلام ئاچقۇچلارنى شاراقشىتقىنىچە بىر ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئاچتى. ئۆينىڭ ئىچى ئىنتايىن سېسىق پۇرايتتى، تامغا يۆلىنىپ بىرقانچە قىز ئولتۇرغان، ھەممىسىنىڭ چاچلىرى چۇۋۇق، چىرايى سۇلغۇن ئىدى. ئۇ مېنى ئۆيگە كىرگۈزۈۋىتىپ ئىشىكنى تاقىۋالدى.
ئۇ قىزلارنىڭ يېنىغا بېرىپ ئولتۇردۇم. ئۇلاردىن قانداق بولۇپ بۇ يەرگە كەپقالغانلىقىنى سورىدىم، ئۇلارمۇ ئۆزىنىڭ ماڭا ئوخشاش ئاشۇلار تەرىپىدىن زورلۇق بىلەن ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى، پات ئارىدا بەزمىخانا ئاچىدىغان خەنزۇ خوجايىنلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.
-ئۇلارنىڭ قولىغا ئۆتسەك نېمە قىلىمىز؟
-بۇنى مەنمۇ بىلمىدىم، ھېلىقى ھېزىم دېگەن دۈمچەك قېرى شۇنداق دېدى.
-سىلەر كەلگىلى قانچىلىك ۋاقىت بولدى؟
-بىزنى تۈنۈگۈن تېخى ئېلىپ كەلدى.
شۇ پاراڭلارنى قىلغانچە سېسسىق گەمىدە قانداق ئۇيقۇغا كەتكىنىمنىمۇ بىلمەپتىمەن.
* * * * * * * * * * *
بىرچاغدا ئىشىك ئېچىلدى. كۆرۈپ باقمىغان 5كىشى تۆتىمىزنىڭ قولىدىن قايرىپ ئېلىپ ماڭدى، بۇ ئادەمسىياقى نېجىسلار بىزنى نېمە قىلار؟
بۇ قېتىم بىزنى بولكىۋاي ماشىنىغا سالدى، شەھەر كوچىلىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ بىر بەزمىخانىنىڭ ئالدىدا توختىدۇق. يۈرۈكۈم ئەنسىز سوقۇۋاتاتتى.ھالال جۈپتىم، ئاتام، ئانام ۋە مەسۇم ئىنىم مېنىڭ دېرىكىمنى ئالالماي نېمە بولۇپ كەتكەندۇ؟ بىزنى بەزمىخانىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى بىر ئۆيگە ئېلىپ كىردى. خانە ئىچىدە سېمىز بىر خەنزۇ تىزىغا بىر قىزنى ئېلىپ ھاراق ئىچىۋاتقان ئىدى.
بىزنى ئېلىپ كەلگەنلەردىن بىرى ئۇنىڭ بىلەن خەنزۇچە كالدىرلىشىپ بىرنىمىلەرنى دېيىشتى، ھېلىقى خەنزۇ خوجايىن مېنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا بىر نېمىلەرنى دىۋىدى، ئۇ خۇشامەت تەلەپپۇزىدا يەنە بىر نېمىلەرنى دىدى. خوجايىن يانچۇقىدىن بىر تۇتام پۇلنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا تۇتقۇزدى.
ئۇلار چىقىپ كەتتى. كەينىدىن ھېلىقى خوجايىن تېلىفون قىلىۋىدى، چاچلىرىنى گەدەندىن ئاشۇرۇپ قويىۋالغان ئالتە ئۇيغۇر بالا كىرىپ، بىزنى يەنە بىر ئۆيگە ئېلىپ چىقتى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى يۈزىدە تارتۇقى بار بىرى ئۆيدىكى ئىشكاپ ئىچىدىن بىرنەچچە قۇر كېيىمنى ئېلىپ بىزگە بېرىپ:
-ماۋۇنى كېيىشە، بۈگۈندىن باشلاپ خېرىدار كۈتۈشىسەن، خېرىدارنى قاچۇرۇشقا، ئاچچىقىنى كەلتۈرۈشكە بولمايدۇ، ياۋاشلىق بىلەن گەپ ئاڭلاش، بولمىسا ئىتنىڭ كۈنىنى كۆرسىتىمەن ھەرقايسىڭغا!
مەن كىيىمنى قولۇمغا ئېلىپ قارىدىم، ئانىمەي، چەتنىڭ ھاياسىز كىنولىرىدىكى يولدىن چىققان قىزلارنىڭ كېيىدىغان كىيىمىغۇ بۇ؟ بىزنى نېمە قىل دېمەكچىدۇ بۇ؟
-مەن ماۋۇ كېيىمنى كېيمەيمەن. نېمە ئۇ خېرىدار كۈتۈش دېگىنىڭ؟ مېنى نېمىگە بۇ يەرگە ئەكىلىشتىڭ؟ ھەرقايسىڭنىڭ ئاچا-سىڭىللىرىڭ، ئانىلىرىڭ يوقمۇ؟ ۋىجدان، نۇمۇس بارمۇ سەنلەردە؟
ئاچچىقىمدا بوغۇلۇپ تۇرۇپ سۆزلىدىم.
-ھەممىمىز ئۇيغۇر، قېرىنداشمىز. ئۇنداق قىلىشىپ كەتمەيلى، يۇرتتا ئاتا-ئانام، يولدۇشۇم يولۇمغا قاراپ قالدى، ئىز-دېرىكىمنى ئالالماي يۈرىكى داغلىنىپ قالدى. بىزنى كەتكىلى قوي.
-ھوي، گەپ قىلمىسام بەك كوتۇلدايسەنغۇ؟-دېدى ئۇزۇن چاچ- تولا ماڭا ۋەز-نەسىھەت قىلىپ بەرمە ئۇقتۇڭمۇ؟ يۇۋاشلىق بىلەن گەپ ئاڭلاپ خېرىدار كۈتۈشنى بىل. بۇ يەرگە خەقلەر خوتۇن زاتى ئىزدەپ، كۆڭلىنى خۇش قىلىمەن دەپ كېلىدۇ. سېنىڭ قۇرۇق گېپىڭنى ئاڭلىغىلى ئەمەس.
مېنى پاھىشە بول دېمەكچىكەن-دە، ئاھ خۇدا، ماڭا بۇ نېمە تارتقۇلۇق؟ بۇنداق ياشىغاندىن ئۆلۈم ئەۋزەل ئەمەسمۇ ماڭا؟
شۇ ئاچچىقىمدا كېيىمنى يىرتىپ-يىرتىۋەتتىم.
-يۇمشاقنى يېمىسەڭ قاتتىقنى غاجايسەن ۋۇ قانجۇق، كېلىڭلار، بۇ پاسكىنىلارغا ئۆزىمىزنى كۆرسىتىپ قويايلى.
ئادىمىي ھايۋان ئۆز ئەپتىنى ئاشكارىلىدى. ئۇلار تەرەپ-تەرەپتىن يوپۇرلۇپ كېلىپ بىزنىڭ كېيىملىرىمىزنى تارتىپ سالدۇرىۋەتتى، كەينىدىن قوللىرىغا قامچا ئېلىپ بىزنى بار كۈچى بىلەن ئۇرۇشقا باشلىدى. ئاغرىق جاندىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. نالە پەرياد قىلدۇق، ئەمما ئۇ ھايۋانلار پەيلىدىن يانىدىغان ئەمەس.
تۇيۇقسىز ئىشىك قاتتىق ئېچىلىپ بىرقانچە ساقچى كىرىپ كەلدى، ۋە ئۇلارنىڭ قولىدىن قايرىپ يەرگە باستى. بىزمۇ دەرھال كېيىملىرىمىز بىلەن بەدەنلىرىمىزنى يوشۇرۇپ ئۈلگۈردۇق. خۇداغا شۈكرى، ھەرنىمە بولسا بىر بالا-قازادىن ئامان ئېسەن قۇتۇلغان ئىدۇق.
* * * * * * * * * * *
بىزنى ساقچىخانىغا ئېلىپ كەلدى. ھېلىمۇ شىنجاڭدىن كەلگەن بىر ئۇيغۇر ساقچى باركەن، تىلىمىزنى ئۇقتۇرالماسمىزمۇ دېگەن ئەندىشىمۇ يوق بولدى. بىزنىڭ يۇرتىمىزنى، ئادرىسىمىزنى ئېنىقلاپ ۋە ئىشنىڭ جەريانىنى بىر قۇر سۈرۈشتۈرگەندىن كېيىن بىزنىڭ تەلىيىمىزنىڭ ئوڭ كەلگەنلىكىنى، ھېلىمۇ مەلۇماتنى بالدۇرلا تاپشۇرىۋالغاچقا بىزنىڭ دەپسەندە قىلىنىىشمىزدىن ساقلىنىپ قالغانلىقىمىزنى، باشقا قىزلارنىڭ تېخى بىزدىنمۇ ئېچىنىشلىق كۈندە تۇرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
ئاھ خۇدا، ئايال كىشى دېگەن ھەجەپ ئاجىز نېمىكىنە.
ئۇيغۇر ساقچى بىزگە يېقىن ئەتراپتىكى مۇسۇلمانچە ئاشخانىدىن تاماق ئەكىلىپ بېرىپ، ئۆگۈنلۈككە بىزنى يولغا سەپ قويىدىغانلىقىنى دېدى. بۇنى ئاڭلاپ ئالەمچە خۇش بولۇپ كەتتۇق.
* * * * * * * * * * *
ناتونۇش شەھەر، قاباھەتلىك چۈش، خەيرى خوش ئەمدى.
* * * * * * * * * * *
يۇرتقا ئامان-ئېسەن كېلىۋالدىم. گۇاڭجۇدىن ئالدىن ئۇقتۇرۇش قىلغاچقا ئاتا-ئانام ئۇكامنى ئېلىپ ئالدىمغا چىقىپتۇ. ئۇلارنى مەھكەم قۇچاقلاپ ئېسەدەپ يىغلاپ كەتتىم.
-سەمەتجام كۆرۈنمەيدىغۇ؟-چىققانلارنىڭ ئارىسىدا يولدىشىمنى تاپالماي ئانامدىن سورىدىم.
-ئېتىز بېشىغا چىقىپ كەتكەن ئىدى، ئىش بىلەن ئالدىراشقۇ دەيمەن.
ئىتتىكرەك ئۆيگە قايتىشقا ئالدىرايتتىم. ئۇ مېنى سېغىنغاندۇ؟ ئەنسىرىگەندۇ؟ ئۇنىڭ غېمىنى يوق قىلسام، كۆڭلىنى تىندۇرسام بولاتتى......
* * * * * * * * * * *
ئېتىز بېشىدا ئۇ يوق ئىدى، ئۆيدە، باغدا ھېچيەردە يوق. نەگىمۇ كەتكەندۇ؟ بوپتۇ كېلىپ قالار.
تاماقنى ئاتاملارنىڭ ئۆيىدە يېدىم، ئاندىن ئۆزۈمنىڭ ئۆيىگە چىقتىم. ئۇ قاچانمۇ كېلەر ئەمدى.
سائەت 9بولغاندا دەرۋازا ئەنسىز تاراقشىپ ئېچىلدى. ئەزەلدىن ھاراق ئىچمەيدىغان سەمەتجان بۈگۈن نېمىشقىكىن غەرق مەست ئېدى. ئۇ مېنى كۆرۈپلا تىللاشقا باشلىدى.
-نېمىگە كەلدىڭ بۇزۇق؟ مېنىڭ يۈز ئابرويۇمنى قويامسەن يوق؟ ئىچكىرىدە جالاپلىق قىلىپ قايسى يۈزۈڭ بىلەن قايتىپ كەلدىڭ؟
بېشىمغا چاقماق تەگكەندەك ئەندىكىپ كەتتىم. بۇنداق ھاقارەتنى مەن قانداقمۇ كۆتىرەلەيمەن؟
-نېمە دەۋاتىسىز؟ مەن ساق قايتىپ كەلدىم. ھېچ بىر گۇناھلىق ئىش قىلمىدىمغۇ؟ خۇدا ئۈستىمىزدە تۇرۇپتۇ، ئۇنداق قارىسىغا گەپ قىلماڭ
يۈزۈمگە بىر كاچات تەگدى، كەينىمگە سەنتۈرۈلۈپ كەتتىم. بۇ ئەمدى نېمە كۆرگۈلۈك ماڭا؟
-گەپ قايتۇرغۇدەك بولدۇڭما؟ مەھەللىدە يۈز-ئابرۇيىمنى قويمىدىڭ، خەقنىڭ ئالدىدا مەن لامزەللە، خوتۇنىنى سولاپ بەرگەن بولدۇم بىلەمسەن شۇنى ھۇ قانجۇق، ئىچكىرىدىكى رەسۋاچىلىقىڭنى مۇشۇ يەرگە سۆرەپ كېلەي دېگەنمىتىڭ؟ خەقنىڭ تىگىدە يېتىپ ئۆلۈپلا قالساڭ بولمامتى؟
ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئادەمنىڭ جېنىغا تىگىدىغان سۆزلەر كەينى-كەينىدىن چىقىشقا باشلىدى. كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياش ئېقىشقا باشلىدى. بۇ نېمە تارتقۇلۇق؟ يولۋاس ئېغىزىدىن ئاران قۇتۇلغاندا يۆلەنچۈكۈم، تېغىم دەپ ئىشەنگەن ئۆمۈرلۈك جۈپتىمدىن بۇنداق ھاقارەتنى ئاڭلارمەن دەپ ئويلىمىغان ئىدىم، مەن زادى نېمىنى خاتا قىلدىم؟
-ئەتىلا سەندىن ئاجرىشىمەن، سەندەك مەينەت خوتۇننى نىكاھىمدا تۇتۇش مەن ئۈچۈن ھارام. ئەتىلا ناھىيىگە بېرىپ خېتىڭنى بېرىمەن سېنىڭ.
ئۇ شۇنداق دەپ ياندىكى ئۆيگە چىقىپ كەتتىم. نېمە بولدى زادى؟ مەن زادى نېمە گۇناھ قىلدىم؟
* * * * * * * * * * *
ناھىيىگە قاراپ كېتىۋاتىمىز. بىر-بىرىمىزگە گەپمۇ قىلمىدۇق. ئۇ ئېشەكنى دېۋىتىپ موخۇركىسىنى ئاچچىق شوراپ قوشۇمىسىنى تۈرگۈنىچە خىيالغا كەتكەن ئىدى.
ئاجرىشىش رەسمىيىتىنى بىردەمدە تۈگەتتۇق.
ئۇنىڭدىن سورىدىم:
-زادى نېمە سەۋەپتىن ماڭا بۇ ئازاپلارنى سالىسىز؟ مەن زادى نېمىنى خاتا قىلدىم؟
-سېنى ئەكىتىشكەندىن كېيىن ھەممە يەردىن سېنى ئىزدىدىم، ھېچ بىر ئېلاجى بولمايدىغاندەك ئىدى. بارا-بارا مەھەللىدە سۆز چۆچەك تارقىلىشقا باشلاندى، بىرى سېنى نامەلۇم بىرى بىلەن قېچىپتۇ دېسە، يەنە بىرى يالغان ھادىسە ئويدۇرۇپ ئىچكىرىگە قېچىپ بەزمىخانىلاردا تېنىنى سېتىپ يۈرۈپتۇ دەپ يۈرۈشتى، باشتا قۇلىقىمنى يوپۇرۇپ يۈرسەممۇ، كېيىنچە مېنى لامزەللىگە، سولامچىغا، چىقىرىشتى، بىچارە ئاتاڭنى شوۋىكەش، ھەزىلەك دەپ تىللاشقانلارمۇ بولدى. ئەمما خەقنىڭ ئاغزىنى بېسىقتۇرۇپ بولمايدىكەن. شۇڭا مېنى كەچۈرگىن، مەم مۇشۇ مەھەللىدە ياشىمىسام بولمايدۇ، ماڭا يۈز-ئابرۇي لازىم بىلەمسەن.
ئۇ شۇنداق دېگىنىچە ئۆرۈلۈپلا كېتىپ قالدى.
كاللام قۇپقۇرۇق. ئەمدى غەيۋەتنىڭ قۇربانى بولۇپ تۇل خوتۇن بولدۇممۇ ئەمدى؟ ئەگەر مۇشۇ كۈن ئاشۇ غەيۋەت قىلغۇچىلارنىڭ بېشىغا كەلسە ئۇلار قانداق قىلار بولغىيتى؟ ئاللاتائالا بىزگە «غەيۋەت قىلماڭلار، غەيۋەت زىنادىن يامان» دەپ ئېنىق ئېيتقان تۇرسا، ئاللانىڭ پەرمانىغا ئىتائەت قىلمىغان كىشىنى مۇسۇلمان دېگىلى بولارمۇ؟ بوپتۇ ئۆزۈمگە ھاي بېرەي، ھەممىسى ئاللانىڭ سىناقلىرى، سەۋرى قىلاي، سەۋرىنىڭ مۇكاپاتىنى ئاللا ئۇ دۇنيادا بېرىدۇ.
* * * * * * * * * * *
ئۆيگە مەيۈس كىرىپ كەلدىم. ئانام مەندىن نېمە بولغانلىقىنى سورىۋىدى، مەن ئۇنىڭغا ئېسىلىپ يىغلاپ تۇرۇپ بولغان ئىشنى دەپ بەردۇق. ئانا-بالا بىر-بېرىمىزگە ئېسىلىپ بىر ھازاغىچە يىغلاشتۇق.
ئاتام كىرىپ بىزنىڭ يىغلاۋاتقىنىمىزنى كۆرۈپ ئشىنىڭ تىگىگە يەتتى بولغاي، ئارتۇق گەپمۇ قىلمىدى.
* * * * * * * * * * *
ئەتىگەندە سۇغا چىققۇچە نەچچىلىگەن ئادەمنىڭ غەزەپ بىلەن قارىغانلىقىنى، قانچىلىك ئۇششاق بالىنىڭ «جالاپ!» دەپ تىللاپ تاش ئاتقانلىقىنى بىلمەيمەن. قولۇمدا چېلەك، كۆزۈمدە لىق ياش. سۇنى ئېلىپ ئۆيگە ئاران قېچىپ كىرىۋالدىم. سۇپىغا ئۆزۈمنى تاشلاپ ئېسەدەپ يىغلاپ كەتتىم. ئى خۇدا، ياراتقان بەندىلىرىڭدە ئىنساپ، دىيانەت، مىھرىبانلىق كۆتۈرلۈپ كېتىپتۇ. بەندىدە ئۈمىد قالماپتۇ، مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشى دەيتتىغۇ؟ قېنى ئۇلاردىكى قېرىنداشلىق مېھرى؟ مەن نېمە گۇناھ قىلدىم ئۇلارنىڭ ئالدىدا؟
* * * * * * * * * * *
ھويلىدا قويلارغا سامان ئېتىۋاتسام سىرتتىن چالما چۈشتى، كەينى كەينىدىن چۈشكەن چالمىلار مېنى قورقۇتىۋەتتى، دەرۋازىدىن چىقىپ قارىسام، مەھەللىدىكى بىرقانچە ئۇششاق بالىلاركەن. ئۇلار مېنى كۆرۈپ قاچماي قاراپ تۇردى، ئارىسدىكى مەھەللە ئىمامىنىڭ ئوغلى:
-باللا، ماۋۇ جالاپنى چالما كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرەيلى، بۇ دېگەن شەرىئەتتە بەرھەق بەلگىلەنگەن- دەپ ۋارقىرىدى. ئۇ بالىلارغا قايتىدىن جان كىرگەندەك بولۇپ چالمىلىرىنى قايتىدىن ئېتىشقا باشلىدى. ئۆزۈمنى ئۆيگە ئاتتىم، ياستۇقنى بېشىمغا پۇركۈۋىلىپ يىغلاشقا باشلىدىم......
* * * * * * * * * * *
تاماق ئېتىۋاتسام ئىنىم سرتتىن يىغلاپ كىردى، ئۇنىڭدىن نېمە بولغانلىقىنى سورىسام ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ مەھەللىدىكى بالىلارنىڭ ئۆزىنى «جالاپنىڭ ئۇكىسى» دەپ ئۇرغانلىقىنى ئېيتتى. بېشىم «پىررىدە» قېيىپ كەتتى. ئەمدى كۆرگۈلۈكنى مەن كۆرگەننى ئاز دەپ، ئۇكامغىمۇ كۆرسەتسۇنمۇ؟ بۇ سەبىي گۆدەكتە نېمە گۇناھ ئەمدى؟
* * * * * * * * * * *
جاندىنمۇ، جاھاندىنمۇ تويدۇم، بۇنداق ئىزا-ئاھانەتلەرگە ئەمدى بەرداشلىپ بېرەلمەيمەن، ئەگەر ھەقىقەتەن گۇناھ سادىر قىلساممۇ بىر نۆرى، بىگۇناھ باشقلارنىڭ ھاقارىتىگە ئۇچرىسام راستلا ماڭا ھار كېلىدىكەن، ئۇنى ئازدەپ ئائىلەمگە قىلغانلىرىچۇ؟
قازناق ئۆيگە كىرىپ ئارغامچىنى لىمغا باغلاپ ساڭگىلاتتىم، پۇتۇمغا ئورۇندۇقنى قويۇپ، ئارغامچىنى سىرتماقچىلاپ بوينۇمغا سالدىم. «ئەلۋىدا، باغرى تاش «مۇسۇلمانلار»، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋىلىش گۇناھ ئىدى، ئەمما مېنى مۇشۇ يولغا قىستىدىڭلار، قىيامەتتە ئۆزۈمنىڭ گۇناھىنىغۇ ئۆزۈم تارتامەن، بىراق سىلەرمۇ جازادىن نېرى بولالمايسىلەر، قىلغان غەيۋىتىڭلار، ماڭا بەرگەن ئازارلىرىڭلار ئۈچۈن چوقۇم بەدەل تۆلەيسىلەر».
بوينۇم سىقىلىپ نەپىسىم يېتىشمىدى، پۇت قوللىرىم سىزىمنى يوقىتىپ، كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىشقا باشلىدى. تۇيۇقسىز كۆز ئالدىمدا بىر نۇر پەيدا بولۇپ قاناتلىق بىر پەرىشتە مېنى كۆتۈرۈپ ماڭدى، «مەن ئۆلدۇممۇ؟».
* * * * * * * * * * *
كۆزۈمنى ئاچتىم، ئۆيدە يېتىپتىمەن، يېنىمدا ئانام مىشىلداپ يىغلاۋىتىپتۇ. دېمەك مېنىڭ ئۆلىۋىلىش خىيالىم ئىشقا ئاشماپتۇ-دە.
دادام كىرىپ كەلدى، خۇرسىنغان ھالدا ماڭا قاراپ:
-بۇ مەھەللىدىن كۆچۈپ كېتەيلى. مېنىڭ بىر تاللا قىزىم بار، خەقنىڭ بىر نېمە دەپ ساڭا ئازار بېرىشىنى خالىمايمەن.
مەن باشقا گەپ قىلالمىدىم. خىيالغا پاتتىم، ئەجىبا ئاشۇ غەيۋەتچىلەرنىڭ مەقسىتى بىزنى تۇغۇلغان ماكانىمىزنى تاشلاپ كەتكۈزىۋىتشمىدۇ؟ ئەگەر كۆچۈپ كەتسەك ئۇلارنىڭ ئاغزى بېسىقارمۇ زادى؟
* * * * * * * * * * *
يېڭى مەھەللىگە كۆچۈپ كەلدۇق، يالغان ساختا غەيۋەتلەرنىڭ قەدىمى بۇيەرگە كەلمەيدۇ دەپ ھېچكىم ھۆددە قىلالمايدۇ. مەن ۋە ئائىلىدىكىلىرىم بۇندىن كېيىنكى تۇرمۇشىمىزنى ياخشى ئۆتكۈزەلەمدۇق بۇنىسى ماڭا نامەلۇم. قالغىنىنى خۇداغا قويدۇم.
* * * * * * * * * * *
بوۋاينىڭ دەپ بەرگەن ۋەقەلىكى مۇشۇ يەرگىچە بولغان ئىدى. ئەشۇ بىچارە مەزلۇم ھازىر قانداق ئەھۋالدا ئۇنى بىلمىدىم. ئاللا ھەممە ئاقكۆڭۈل بەندىلىرىنى ياخشى كۈن كەچۈرۈشكە نىسىپ قىلسۇن، ئىمانى سۇس بەندىلىرىگە ھىدايەت ئاتا قىلىپ ئۇلارنى نۇرانە يولغا باشلىسۇن.
تۇخار