يىگىتلەرگە پۇل تېجەشتىكى ئالتۇن چارىلەر
1.ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا يېنىڭىزغا10 سومدىن ئارتۇق پۇل سالماڭ ، بۇ ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ پۇل خەجىلىشىڭىزنى كونترول قىلغىلى بولۇپلا قالماستىن ، خىزمەتداشلىرىڭىز مېھمان قىلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالغاندا ، دادىللىق بىلەن پورتمالىڭىزنى ئېچىپ ، ئارمانىڭىزغا چۇشلۇق دەرمانىڭىزنىڭ يوقلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيسىز.
2. ئوڭايلىقچە ساۋاقداشلىرىڭىز بىلەن دو تىكىشمەڭ ، قانداقلا بولمىسۇن ئۇتتۇرۇش ئېھتىماللىقىڭىز٪ %50 ئەمەسمۇ ، دو تىكىشسىڭىزمۇ پۇل كەتمەيدىغان نەرسىلەرنى تىكىڭ ، مەسىلەن سوغاق سۇ ، قايناقسۇ دېگەندەك .
3. ھەرگىز ئۆزىڭىزنىڭ پۇلىغا ژورنال ئالماڭ ، باشقىلاردىن ئارىيەت ئېلىپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ ، بەرىبىر ژورنالغا گېزىتتىكىگە ئوخشاش ئەڭ يېقىندىكى خەۋەرلەر بېسىلمايدۇ ، ئالدىرماي كۆرۈۋالسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ .
4. دوستلىرىڭىزنى مېھمان قىلىشقا توغرا كەلگەندە سوغۇق ئىچىملىك دۇكىنىغا باشلاڭ ، ئەرزانراق چاينى بۇيرۇتسىڭىز كىشى بېشىغا كۆپ دىگەندە يىگىرمە سومدىن توغرا كېلىدۇ ، ۋاقىتنى توغرا ھېسابلىيالىسىڭىز چۈشلۈك تاماق بىلەن كەچلىك تاماقنى بىرلا قېتىمدا ھەل قىلغىلىمۇ بولىدۇ .
5. قىزچاقلارنىڭ ماگىزىن ئايلىنىش تەكلىپىنى ئامال بار رەت قىلىڭ ، پەقەت ئامالى بولمىغاندا 1- چارىنى قوللىنىڭ .
6.دوستىڭىز بىلەن تاماق يەپ ھېسابات قىلىدىغان ۋاقىتتا دوستىڭىزنىڭ سول تەرىپىدە تۇرىۋېلىڭ ، بۇنداق بولغاندا ئوڭ قولىڭىز بىلەن پورتمال ئاقتۇرغاندا ئوڭۇشلۇق ھالدا دوستىڭىز تەرىپىدىن توسۇۋېلىنىپ قالالايسىز . دوستىڭىزمۇ بەك پىخسىقمۇ ؟! ھېچقىسى يوق ، 7،8،9- چارىلەرنى كۆرۈڭ.
7. ئەگەر نەق مەيداندا گۈزەل خانقىزلار بولسا ، تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن بار ئاۋازىڭىز بىلەن كۈتكۈچىنى ھېسابات قىلىشقا چاقىرىڭ ، بۇنداق مەيداندىكى قالغان ئوغۇللار چوقۇم ئەدەب يۈزىسىدىن بولسىمۇ مەن تۆلەي دەيدۇ ، بۇ چاغدا مەرتلىك بىلەن پۇرسەتنى ئۇلارغا ئۆتۈنۈپ بەرسىڭىز كاۋاپمۇ كۆيمەيدۇ ، زىخمۇ كۆيمەيدۇ .
8. يېنىڭىزدىن بىر كارتوچكىنى چىقىرىپ كۈتكۈچىگە بېرىڭ ، ئەلۋەتتە ۋاقتى ئۆتكەن كارتوچكىنى بېرىسىزدە ، كۈتكۈچى كارتوچكىڭىزنى ئىشلەتكىلى بولمىغانلىقىنى ئېيتىپ كەلگىنىدە 1- چارىنى قوللىنىڭ ، بۇ چاغدا ھەممەيلەن يىغىش قىلىپ پۇل چىقىرىدۇ ، سىز ناھايىتى خىجىل بولغان قىياپەتتە ، ئەتىلا قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىڭ ، ئادەتتە كېيىن پۇلنى بەرسىڭىز ئۇلارمۇ ئېلىشتىن خىجىل بولىدۇ .
9. بىر ئاماللارنى قىلىپ يانفونىڭىزنى سايرىتىڭ ، ئاندىن شىركەتتە مۇھىم ئىش چىقىپ قالدى دەپ ، ھېسابات قىلىشتىن بۇرۇن مەيداندىن چېكىنىڭ .
10. قىز دوستىڭىزغا گۈل سوۋغا قىلغاندا بىر تاللا سوۋغا قىلىڭ ، " قەلبىمدە بىرلا سىز بار" دەپ تۇرۇۋالسىڭىز بولىدۇ .
11.ئىككى جۈپ ساپما كەشنى پۇلىنى ھەرگىز تېجىمەڭ ، بىرىنى ئىدارىگە بىرىنى ئۆيىڭىزگە قويۇڭ ، بۇنىڭلىق بىلەن ئايىغىڭىزنىڭ پاشنىسىنىڭ ئۇپرىشىنى ئاستىلىتىپ ، ئايىغىڭىزنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ . خىزمەتداشلىرىڭىز ئەجەبلىنىپ قارىسا پۇتىڭىزنىڭ پۇرايدىغانلىقىنى ، ساپما كەش كىيىۋالسىڭىز تەرلىمەيدىغانلىقى ئېيتىسىڭىز بولىدۇ .
12. ئاخشىمى ئامال بار ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەڭ ، بۇنداق قىلسىڭىز :1. ئىشخانىنىڭ ھاۋا تەڭشىگۈچىنى ئىشلىتىپ ئۆينىڭ توك پۇلىنى تېجىيەلەيسىز 2. ئىشخانىدىكى كومپىيۇتۇردا تورغا چىقىپ ئۆيىڭىزنىڭ تور ھەققىنى تېجىيەلەيسىز . 3. ئىشخانىنىڭ تېلىفۇنىدا قىز دوستىڭىز بىلەن مۇڭدىشىپ ، ئۆينىڭ تېلىفون ھەققىنى تېجىيەلەيسىز . 4.كەچتە پۇل خەجلەيدىغان ۋاقتىڭىز قىسقىرايدۇ 5.خوجايىنىڭىز ئىشخانىدا ئىكەنلىكىڭىز كۆرسە يەنە تېخى مۇئاشىڭىزنى ئۆستۈرۈشىمۇ مۈمكىن .
13. قىز دوستىڭىز بولسا تېزدىن توي قىلىۋېلىڭ ، شۇندىلا بەك كۆپ زىيان تارتىپ كەتمەيسىز ، ئەقىللىقراق بولسىڭىز تېخى ئارىسىدىن پايدا ئېلىشىڭىزمۇ مۈمكىن .
14. تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى باشقىلارغا بىلدۈرمەڭ ، چۈنكى خەق نەرسە سوۋغا قىلسا ئۇلارنى مېھمان قىلماي بولمايدۇ -دە ، ئادەتتە بۇنىڭدا كىرگىنىدىن چىققىنى جىق بولىدۇ .
15. باشقىلارغا يۇقارقى چارىلەرنى دەپ بېرىڭ ، باشقىلار سىزنىڭ بوش ئادەم ئەمەسلىكىڭىزنى بىلسۇن ، شۇندىلا كۆپ ئاۋارىچىلىقلاردىن ساقلىنالايسىز
مەنبە: باشقىلاردىن ئاڭلىغانلىرىم