مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7021|ئىنكاس: 48

سىڭلىم، سىز ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدىڭىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دىنىمنىڭ ئۈستۇن

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13196
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8889
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 1360 سائەت
تىزىم: 2010-10-8
ئاخىرقى: 2014-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 12:31:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سىڭلىم،  سىز ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدىڭىز



     ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپمۇ كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت تاپالمايۋاتقان ياشلىرىمىز ئاز ئەمەس، ئەلۋەتتە. ياشلىرىمىزنىڭ خىزمەت ئىزدەپ بارغاندا پەقەت دىپلومنىلا ئېلىپ بارماستىن، بەلكى يۈرۈش- تۇرۇش، كىيىم - كىچەككىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرسە دېگەن ئۈمىدتە بۇ تېمىنى يوللۇدۇم .
ئبرەت بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .


     تۈنۈگۈن ئىدارىمىزگە بىر خىزمەتچى ئالىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ بىر يىقىن دوستۇمغا تىلپۇن قىلدىم . بۇ دوستۇمنىڭ بىر سىڭلىسى ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگىلى ئىككى يىل بولغان بولسىمۇ ، كۇڭۇلدىكىدەك بىرەر خىزمەت تاپالمايۋاتقانلىقىنى ، بولسا مىنىڭ بىر ياردەم قىلىشىمنى قايتا - قايتا تاپىلىغان ئىدى .  سىڭلىسىنىڭ نەدە، قايسى كەسىپتە ئۇقۇغانلىقىنى، سوراپ بىلىۋالغاندىن كىيىن ، باشلىقنىڭ ئىشخانىسىغا كىردىم. مىنىڭ بىر سىڭلىم بار ئىدى. مۇمكىن بولسا ئىشلەپ قالسا دەپ ئۇنىڭ قايسى مەكتەپتە ئۇقۇغانلىقىنى، كەسپىنىڭمۇ بىزنىڭ ئىدارىگە ماس كىلىدىغانلىغىنى ئىيتتىم .بۇلىدۇ ئەتە سائەت سەككىزدە كەلسۇن، ئىمتىھان ئىلىپ كۇرۇپ باقايلى،  دىدى.
خوشاللىقىمدا دۇستۇمغا بۇ خوش- خەۋەرنى يەتكۇزدۇم. دە، سىڭلىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللىرىنى ئېلىپ ئەتە كىچىكىپ قالماي كىلىشنى ۋە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى قايتا- قايتا تاپىلىدىم.
ئەتىسى ئىشقا كىلىپ خىزمەت قىلغاچ ئۇ قىزنى ساقلىدىم. باشلىق دىگەن ۋاقىتمۇ توشتى .ئۇقىزنىڭ قارىسىمۇ كۇرۇنمەيتتى. جىددىيلىشىپ قايتا - قايتا تىلپۇن قىلدىم. مەن دىگەن ۋاقىتتىنمۇ بىر سائەت كىچىكىپ ئۇقىز كىرىپ كەلدى.
ۋاي بۇ سىزمۇ دەۋەتتىم ،قىزنىڭ تۇرقىغا قاراپ ھەيران بۇلۇپ. بۇ قىز قۇندۇزدەك قاپ-قارا چاچلىرىنى ئىگىز مۇنەك قىلىپ تۇرمەللەپ ، ئۇستىگە ئالا - يىشىل لىنتىلارنى چىگىۋالغان، ئۇچىسىغا بولسا ، ھىچ چاپان دىسە چاپان ئەمەس قىسقىلا بىر نەرسىنى كىيىۋالغان، شۇنچىلىك تار ئالا بۇلىماچ كالتە بەل نۇزەي شىم ، ھەرخىل ھايۋانلارنىڭ سۇرىتى چۇشۇرۇلگەن بىر پىشى ئۇزۇن بىر پىشى قىسقا گاڭسار ، پۇتىغا بولسا ، رەڭگى ئۇچۇپ كەتكەن چۇخەي كىيىۋالغان ئىدى . ئاچامدىن ئاڭلىسام باشلىقىڭىز خەنزۇ ئىكەن ، شۇڭا مۇشۇنداق  شۇشەن كىيىپ كەلدىم دىدى . ھىجىيىپ.
كىيىم ئالماشتۇرۇشقا ئۇلگۇرمەيتتى .ئامال يوق قىزنى شۇ ھالەتتە باشلىقنىڭ ئىشخانىسىغا ئېلىپ كىردىم. ئىشخانىغا كىرىپ ئەمدى گەپ سورىشىغا مالىيە ئىشخانىسىدىن بىرەيلەن بىر تال جەدىۋەلنى كۇتۇرۇپ كىرىپ كەلدى. مۇھىم بولسا كىرەك، بىزنى ساقلاپ تۇرۇشىمىزنى ئىيتتى. شۇ ئەسنادا ھىلىقى قىز سومكىسىدىن تىلپۇنىنى ئىلىپ ھەدەپ ئۇيۇن ئوينىغىلى تۇردى. باشلىقنىڭ پات- پات بۇ قىزغا قاراپ قۇيۇشلىرى مىنى بەك ئۇڭايسىزلاندۇرۇپ قۇيدى. تىلپۇنىڭىزنى بىردەم ئىتىۋىتىپ تۇرامسىز دىدىم. قىزغا قاراپ پەس ئاۋازدا. خىلىدىن كىيىن تەستە تىلپۇننىنى ئاخىرى ئەتتى . لىكىن ئاغزىدىكى پۇپۇتاڭنى ماچىلدىتىپ چايناپ ،كۇچەپ ئىتىلدۇرغىلى تۇردى. ئاغزىڭىزدىكى نىمە ئۇ، دىدىم بىلىپ تۇرۇپ قىزنىڭ دىققىتىنى بۇراش ئۇچۇن ، ئاچا بۇ دىگەن پۇپۇتاڭ دىدى ھىچ ھىيىقماستىن.
بىر چاغدا باشلىقنىڭمۇ ئشى تۇگىدى . بىز مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنى بەردۇق. باشلىق بىر قاتار كۇرۇپ چىققاندىن كىيىن . ماتىرياللىرىڭىز بىزدە تۇرۇپ تۇرسۇن بىز ئويلىشىپ سىزگە خەۋەر قىلايلى دىدى . كۇلۇمسىرەپ. بىز باشلىق بىلەن خۇشلىشىپ ئىشخانىدىن قايتىپ چىقتۇق.        
چىقىۋىتىپ ئۇ قىز مەندىن ، ئاچا مەندىن ئىمتىھان ئالمىدىغۇ دەپ سۇراپ قالدى. كىيىن چاقىرتىپ ئەپ قالار دىدىم. نىمە دىيىشنى بىلەلمەي.
ئۇزىنىڭ بۇ خىزمەتكە بەكمۇ ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى . مىنىڭ بىرەر ئامال قىلىشىمنى پۇل كىتىدىغان ئىش بولسىمۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ چىقىرالايدىغانلىقىنى، قايتا-قايتا ئىيتىپ مەن بىلەن خوشلىشىپ كىتىپ قالدى.
سىڭلىم، سىزدىن ئاللىقاچان ئىمتىھان ئەپ بولدى . سىز ئىمتىھاندىن ئۇتەلمىدىڭىز ، دېدىم قىزنىڭ كەينىدىن قاراپ، ئۆز-ئۆزۈمگە.

مەنبە: ئۆزۈم

ئەسكەرتىش: ئىملاغا دىققەت قىلسىڭىز. كۆپىنچە يەردە «ۇ» نىڭ ئورنىغا«و ، ۈ ، ۆ» نى ئىشلىتەتتۇق. ياخشى يېزىپ كېتىشىڭىزگە ئىشىنىمەن!

دىلنى دىل، تىلنى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53324
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3936
تۆھپە نۇمۇرى: 249
توردا: 2007 سائەت
تىزىم: 2011-8-26
ئاخىرقى: 2012-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 11:29:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي شۇنداق ياخشى پۇرسەتنى ئۆتكۈرىۋېتىپتۇ-دە...

دىل پاك بولسا ،تىلدىن چىرايلىق سۆزلەر چىقىدۇ...

ھەممىڭلارغا تىن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1761
يازما سانى: 677
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11398
تۆھپە نۇمۇرى: 460
توردا: 7571 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 11:46:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ  قىزغا شۇنداق ياخشى پۇرسەت كەپتىكەن . پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قۇيۇپتۇ .

ئەڭ يىڭى خەۋەرلەر ئۇيغۇر خەۋەر تورىدا مەرھەممەتwww.uyhawar.com

بىر ئاللادىن باش

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51146
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7611
تۆھپە نۇمۇرى: 884
توردا: 1869 سائەت
تىزىم: 2011-8-10
ئاخىرقى: 2013-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 12:29:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي شۇنداق ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بىرىپ قويۇپتۇ؟

ئالدىراپ كۇلمىگىن تەڭشەپ تۇردۇ، دەت_ئەلەم كۆزۇڭنى ياشلاپ قويدۇ. ئۇنۇتما بىرگە-بىر تەڭشەلگەن جاھان، نامەرتلە سىنىمۇ ئالداپ قويىدۇ.

alla mining birdinbir yardamch

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3770
يازما سانى: 1240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10819
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 5688 سائەت
تىزىم: 2010-7-11
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 12:30:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ ئەلتېكىننىڭ ئەستائىدىللىقىغا بەكلا ھەيرانمەن ئىشقىلىپ!
يازمىنىڭ مەزمۇنىدىن چۈشەنگەنلىرىمنى سۆزلىمەي تۇرۇپ تۇراي، ئاق-قارا تاغلىق بولۇپ كەتكۈم يوق بىكادىن.

مەن ئاۋۋال مۇسۇلمان ھالەتتە دۇنياغا كەلدىم،ئاندىن ئۇيغۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغانلىقىم ئۈچۈن ئۇيغۇر بولدۇم.شۇنىڭ ئۈچۈن دەيمەنكى،مەن ئۈچۈن بىرىنجىسى ئاللاھ،ئاندىن قالسا مىللىتىم ئەۋزەلدۇر.
ئۆزۈڭنى ئۇيغۇر دېيىشتىن بۇرۇن «ئۇيغۇر» سۆزىنى ئوبدان ئۆگەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22705
يازما سانى: 4501
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4262
تۆھپە نۇمۇرى: 742
توردا: 8423 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 12:33:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نېمە دىگەن كۈلكىلىك، ئىشخانىغا كىرگەندىن كېيىنكى قىلىقلىرى بەك كۈلكىلىك بىلىندى ماڭا. قىيىنچىلىققا ئۇچراپ باقمىغان بالا شۇنداق بولىدۇ. يەنە بىرەر ئىككى يىل خىزمەت تاپالماي، قورساق ئاچقاندا ئاندىن بىلىدۇ قانداق قىلىشنى.

ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54182
يازما سانى: 257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7262
تۆھپە نۇمۇرى: 1397
توردا: 221 سائەت
تىزىم: 2011-9-1
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 12:35:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى تىما بوپتۇ بۇ،  ئىش كۈتۈپ تۇرغان قىزلارنىڭ ھەممىسى كۆرگەن بولسا ھە!      تىما ئىگىسىگە رەھمەت!

ئادەمددك ياشا ،

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4385
يازما سانى: 267
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12496
تۆھپە نۇمۇرى: 599
توردا: 1523 سائەت
تىزىم: 2010-7-20
ئاخىرقى: 2012-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 12:40:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راست .... ياخشى ئىپادىلەپسىز ...
كىيىم -كېچەكلىرنى بولۇپمۇ ... ھى ھى

گۈل ...

ئەركەك !

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25474
يازما سانى: 3048
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22911
تۆھپە نۇمۇرى: 366
توردا: 6865 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 12:45:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس ئۆتەلمەپتۇ.

موزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىققىچە !

؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48047
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6125
تۆھپە نۇمۇرى: 339
توردا: 1043 سائەت
تىزىم: 2011-7-16
ئاخىرقى: 2011-12-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 01:07:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بىرىپ قويغىنىنى بۇ بەڭباش قىزنىڭ. باشلىق خەنزۇ بولغاندىكى شۇشەن كىينىپ كەلدىم دىگىنىچۇ تېخى! ھېلىقى تۇنۇشتۇرغۇچىنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇپتۇ بۇ قىز.... ماڭا ھەممىدىن بەك ياقمىغىنى ئىشخانا ئىچىدە چاراسلىتىپ پوپوتاڭ چاينىغىنى، قىز بالىنىڭ باشقىلارنىڭ ئالدىدا ماچىلداپ پوپوتاڭ چايناشلىرىنى قەتئى ياقتۇرمايمەن. بۇ قىزغا ئاتا ئانىسى ئەدەپ ئەخلاق دىگەن نەرسىنى ئۈگەتمىگەن ئوخشايدۇ... ھازىرقىدەك خىزمەت تېپىش قىيىن بۇلۇش ئەھۋالدا ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئۇنىڭ بىلىمى بىلەن  مۇھىمى شۇ خىزمەتچىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇش ۋە ئەخلاقىغا قارايدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش