مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3166|ئىنكاس: 17

يەتتە قەبرە  داۋامى  «كۈيچى» [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۈيچى = باھا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43993
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1827
تۆھپە نۇمۇرى: 549
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2011-6-10
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-29 10:38:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     بۇ ئەسەرنىڭ بىشنى تۆۋەندىكى ئادرىستىن كۆرۆڭ:
https://uyghur-archive.com/misranim/viewthread.php?tid=60485
  

            

يەتتە قەبرە



داۋامى


   مەن سىلەرگە يۈز كىلەلمەيمەن، ئى كەرەملىك ئاللا، ئايالىم ۋە نارسىدە ئوغلۇمنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغىن،ئۇلارنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي ..................

سۇس قار بىلەنمۇ ئوبدانلا ئاقارغان مەھەللىنىڭ كۈن پېتىش تەرىپىدىكى قەبرىستاندا، بىر چوڭ، بىر كىچىك قەبرىنىڭ ئالدىدا مىسكىن ئاۋازى بىلەن ئاللاھقا سېغىنىپ يىغلاۋاتقان 30ياشلار چامىسىدىكى بۇ كىشى دەل غوپور تۇرۇشلۇق مەھەللىىنڭ مەزىنى ياسىن چوڭ ئىدى.


*****   *****    ******

-ۋوي ياسىن ئاخۇن ! ياسىن ئاخۇن !
بىر تەرىپى قىيسايغان كونا دەۋرازا بوش ئۇرۇلغاندىن كىيىن ،توۋلىغان ئاۋازئاڭلاندى ،
-ھە ، ھە ...، مانا مانا .
ياسىن چوڭ پەلتوسىنى يېپىنىپلا سىرتقا چىقىپ ئىشكنى ئاچتى :
-ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم .
-ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، بۇ مۇنداق ئىش قارىسىلا ، سىلىنىڭ ئاۋۇ بۇغداي ئېتىزلىرىغا بۈگۈن كىچە سۇ نۆۋىتى كىلىدىكەن، شۇنى دەپ قوياي دەپ كىلىۋېدىم ، دېدى ئىشىك چەككۈچى ئادىىيلا قىلىپ چۈشەندۈرۈپ.
-مەن ئەتە كۈندۈزى ئالسام بولماسمۇ بۇ سۇنى ، ئايالىم ئىككى قات ، تۇغۇتى يېقىنلاپ قالغان ئىدى ، ئۇنى تاشلاپ كىتەلمەيمەن كېچىدە ،
-مەن بۇ تەرىپىنى بىلمەيمەن ،سىلىنى توۋلاپ قۇيسىڭىز دېۋېدى ، بولمىسا سەھەر بىرىپ باقارلا ؛ ئۇ كىشى شۇنداق دەپلا كىتىپ قالدى .
-نىمىشكەن دادىسى ؟
ياسىن چوڭ ئىشكىنى تاقاپ ئۆيگە كىرگەندە ئايلى سورىدى ؛  
-ھە ..، بىزنىڭ يەرگە سۇنىڭ نۆۋىتى كەلگەنمىش ، مەن سەھەر باراي دىدىم ،
-نىمىشقا ئەمدى ،؟
-سىنى تاشلاپ كىتەلمەيمەن ، بۇنداق تۇرساڭ بىرەر ئىش بولسا قانداق قىغۇلۇق ؟
ئايال ئۇرنىدىن تەستە ئۆرە ئولتۇردى ۋە:
-ماڭا يەنە ئون كۈندەك بار ، سىلى بېرىۋەرسىلە ، ھىچ ئىش بولماس ، ئۇنداق ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغان گەپنى قىلمىسلا ، بىر ئىش بولسا سىلى بولسىلىمۇ بولىۋېرىدۇ ، بۇغدايغا سۇ قۇيمىساق كىلەر يىلى ئاچ قالىمىز ،
ياسىن چوڭ سەل توختاپ قالدى ، دىمىسۇ بۇگۈن ئۆتۆپ كەتسە سۇنىڭ قايتا كىلىشى ناتايىن ئىدى.  
-بوپتۇ ئەمسە ، مە بىرىپلا كىلەي ، ئۆيدىن چىقماي ئولتۇرۇپ تۇرۇڭلا ھە ،ئۇ ئايالىغا شۇنداق دەپ يوتقاننى قايتا ئوڭشاپ يېپىپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى .
ياسىن چوڭ بۇ مەھەللىنىڭ مەزىنى ئىدى ، ئالدىنقى ئايالى كىزىك بوپ ئۆلۆپ كەتكەن بولوپ ، ئۇنىڭ بىرمۇ پەرزەنتى يوق ئىدى . بۇ ئايالى بىلەن توي قىلىپ ئۈچ يىل بولغاندا ئاندىن قۇرساق كۆتۆرۆپ ئاي كۈنى يېقىنلاپ قالغان ئىدى.
ئايال ياسىن چوڭ كەتكەندىن كىيىن پەقەتلا ئۇخلىيالمىدى ، ئۇنى بىرخىل  قۇرقۇنىش قاپلاپ ،تىترەك بېسىپ تۇراتتى، مانا ياسىن چوڭ كەتكىلى ئىككى ئاش پىشىم بولدى ، تېخىچە يوق ، ئايال يولغا چىقىپ قاراپ باقماقچى بولوپ تەستە ئۇرنىدىن تۇردى ،ئېغى قەدەملەر بىلەن ئىشىكنى ئېچىپ ئەمدىلا ئۆينىڭ ئالدىغا چىقىشىغا بىر قارا كۆلەڭگە ئۇنىڭغا يېقىنلاپ كەلدى؛ ئۇ بەك ئېغىر تىنىقلار بىلەن ئۇنىڭغا يېقىنلاشتى ،
-ئۇھ ،ئۇھ ، ۋاھ ، ۋاھ .
كۆلەڭگە شۇنداق دەپ ئايالنى قەدەممۇ قەدەم يانداپ كەلدى ، ئايال قۇرقىنىدىن كەينىگە داجىپ "ئانا " دېگىنچە ، ئشىك ئالدىدىكى كىچىك كۆۋرىكىتىن ئېرىققا قاتتىق يىقىلدى، قارا كۆلەڭگە ئاستا كىلىپ ئۇنىڭغا قاراپ بىردەم تۇرغاندىن كىيىن كەينىگە ھويلا ئىچىگە بىر پەس قاراپ تۇرغاندىن كىيىن ،ئارقىسىغا يېنىپ يول بويلاپ كىتىپ قالدى.
ئايالنىڭ بېشى ئېرىق ئىچىدىكى تاشقا قاتتىق ئۇرۇلۇپ كىتىپ قان سىرغىپ ئۇنىڭ بوينىغا ئاندىن كۆكسىنى بويلاپ زىمىنغا سىڭىپ كەتتى .
ئايال يىقىلىپ ئۇزۇن بولمايلا ياسىن چوڭ قايتىپ كەلدى، ئۇ ئىشك تۈۋىگە كىلىپلا  ئىڭرىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ ئىشنىڭ چاتاقلقىنى پەملىدى:
-ۋوي بۇ نىمىش ئەمدى ، ۋوي خوتون ، نىمە ئىش بۇ؟
ئايال ئاجىز ئىڭراپ ياتاتتى ، ياسىن چوڭ ئايالىنى مىڭ تەستە كۆتۆرۆپ ئۆيگە ئېلىپ كىردى .
ئەتسى ئايالىنىڭ ھالى تېخىمۇ يامانلىشىپ بۇيىدىن ئاجراپ كەتتى . بىچارە قان ياشلار ئىلكىدە قۇلۇم قوشنىلار بىلەنلا بالىنى ئۇزۇتۇپ قۇيدى، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي بىچارە ئايالمۇ بۇ دۇنيادىن خۇشلاشتى .ئەمما ياسىىن چوڭ ئاشۇ كۈنى كىىچىدە زادى نىمىش بولغىنى ئىنىق بىلەلمەي يۈردى .  


*****  *****      ******

غۇپۇر پەيدا بولوپ ئەتسىدىن باشلاپ ئانىنىڭ ئۆيى بىرخىل سۈرلۈك بولوپ قالدى، غوپورنىڭ غەلىتە قىلىقلىرى بۇلارنى گاڭگىرتىپ قۇيماقتا ئىدى . ئۇ بىردەم ۋارقىرىسا بىردەم  ،بىردەم جىم بولوپ دىگەندەك ھەممەيلەننى ئوبدانلا ساراسىمىگە سېلىپ قۇيدى. ئانا بۇ ئىشلارنى قانداق بېسىقتۇرۇشنى بىلمىدى.
شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن ئانا ئوغلى ئەسقەر بىلەن بىللە غوپورنى يېزىلىق دوختۇرخانىغا ئىلىپ باردى ، دوختۇرلار "مەزكۇر بىمارنىڭ باش قىسمى ئىغىر زەخمىگە ئۇچىرىغان ، شۇڭا ئىسىنى يۇقۇتۇش ۋە نىرۋا ئاجىزلىق كىلىپ چىققان"دەپ دىئاگنۇز قۇيۇشتى.ئانا داۋالاش توغرۇلۇق دىگەندە دوختۇرلار بۇ كىسەلنى بۇ يەرلەردە ساقايتىشقابولمايدۇ ، ئۈرۈمچىگە ئىلىپ چىقىپ بىقىڭلار دەپ يولغا سالدى .
  ئەسقەرنىڭ مائاشى بىلەن يەردىن چىققان ئازغىنە كىرىم بىلەن ئاران كىتىپ بارغان ئائىلە غۇپورنى شۇ پېتى قالدۇردى.
  غۇپور شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ ئائىلىنىڭ "يېرىم" ئەزاسىغا ئايلاندى . ئۇ  كۈندۈزلىرى ئەكرەمنىڭ ئامراق كۈچىكىنى قۇچاقلاپ مەھەللىدىدە بىردەم ئۇنىڭ بېغىدا ، بىردەم بۇنىڭ قوتىنىدا .....دىگەندەك يۈرۈپ ھەپتە ئىچىدىلا ئەسلىدىكى قىمارۋازدىگەن لەقىمنىڭ ئورنىغا "ئىت ساراڭ" دىگەن لەقەمنى ئالماشتۇردى، كىچىلىرىمۇ ئۆيگە كىرمەي ئۆينىڭ كەينىدىكى سامانلىقتا كۈچۈكنى قۇچاقلىغىنىچە ئۇخلاپ كىتەتتى ، ئانا ئۇ ئۆيگە پەيدا بولغان ھامان قورسىقىنى توقلايتتى، ئۈستى بېشىنى بىر قۇز تۈزەشتۈرەتتى. غوپورمۇ بۇ ئىشلارغا كۆنۈپ كەتتى ، قاچان قۇرسىقى ئاچسا ياكى بەك توڭلاپ بولالمىسا ئاستا ئۆيگە قايتىپ كىلەتتى. ئىلگىرى قىلغانلىرى ئۈچۈنمۇ ، گەرچە ئۇ باشقا كىشىلەرنىڭ ئالدىدا شۇنچە ۋەھشىيانە بولسىمۇ ، ئانىنىڭ ئالدىدا زىيادە يۇۋاش بوپ كىتەتتى .
ئىككى ئوغلى ئانىنىڭ بۇ قىلمشىغا قارشى تۇراتتى ، ئۇنى ھەيدىۋەتمەكچى بولاتتى ، ئەمما ئانا ئۇلارغا چىرايلىق گەپلەر بىلەن نەسھەت قىلىپ تۇسۇپ قالاتتى .
ياسىن چوڭنىڭ ئايالى تۈگەپ كىتىپ قرىق نەزىرىسى بىرىلگەن كۈنى ،ئانا يىزىدىكىلەرنىڭ ئەنئەنىسى بۇيىچە كەچكە يىقىن ئۇنىڭ ئۆيىگە پەتىلەپ كىتىپ قالدى .
ئەسقەر ئىچكىركى ئۆيدە تاپشۇرۇق تەكشۈرۈپ ئولتۇراتتى، ئىنىسى ئەكرەم ھۇيلىدا ئۇتۇن يېرىپ بولوپ ئۇنى ئاشخانا ئۆيگە تۇشۇۋاتاتتى، تۇيۇقىسىزلا ھۇيلىدا غۇپۇر پەيدا بولوپ قالدى ؛ئەكرەم قولىغا پالتىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا قاراپ دېدى:
-ھۇ ئۆلمەيدىغان ئىت ساراڭ . يەنە نىمەدەپ كەلدىڭ ؟
غوپور ئەكرەمنىڭ قۇلىدىكى پالتىنى كۆرۆپلا ۋارقىراپ كەتتى :
-ھى....، سەن مىنىڭ پۇلۇمنى قايتۇرۇپ بەر ، پۇلۇمنى ..
غوپور شۇنداق دىگىنچە ئەكرەمگە تاشلاندى ،ئەكرەم ئۇنىڭ سەت ۋارقىرىشىدىن قۇرقۇپ "ئانا" دەپ ۋارقىرىغىنىچە كەينىگە ، ئاشخانا ئۆيگە قاراپ يۈگۈردى ، غوپورمۇ كەينىدىن ياندىشىپلا قوغلاپ كىردى،ئىچكىركى ئۆيدىكى ئەسقەر ئىنىسىنىڭ ۋارقىرىغىنىدىن بىر شۇملۇقنى سىزىپ يۈگۈرەپلا ھويلىغا چىقتى ، ئۇمۇ غوپورنىڭ كەينىدىن ئاشخانا ئۆيگە كىرىدى.
غوپور ئەكرەمنى قوغلاپ ئاشخانىغا كىرگەندىن كىين ئەكرەم قۇرقىنىدىن يەردىن بىر تال ئۇتۇن پارچسىنى ئېلىپ غۇپۇرغا قاراپ ئاتتى ،ئۇتۇن پارچىسى غۇپۇرنىڭ قۇرسىقىغا تىگىپ ئۇنىڭ غەزىپىنى تېخىمۇ قۇزغتىپ قۇيدى ، غۇپۇر"سەن ...، سەن پۇلۇمنى قايتۇرۇپ بەر "دىگىنچە ئاشتاختا ئۈستىدىكى پىچاقنى ئىلىپ ئەكرەمنى قىستاپ كەلدى ، ئەكرەم قۇرقىنىدىن غوپورنى بىر ئىتىرىپلا بولوڭغا تۈگۈلىۋالدى.
  ئەمما ئويلىمىغان ئىش يۈزبەردى :
كەينىدىن قوغلاپ كىرگەن ئەسقەر ئىشنىڭ چاتاقىلىقىنى پەملەپ ئاستا غوپورنى كەينىدىن تۇتۇۋالماق بولوپ تىۋىشسىز يېقىنلاپ كەلگەن ئىدى، غوپور كەينىگە سەنتۈرۈلۈپ بىرقەدەم يېنىپ يىقىلدى، دەل شۇ چاغدا تەييارلىق قىلىپ ئۈلگۈرەلمىگەن ئەسقەر غوپورنىڭ قۇلىدىكى پىچاقنىڭ قۇربانىغا ئايلاندى ، پىچاق دەل ئۇنىڭ بۇيۇن يۇلۇنىغا كىرىپ كەتكەن ئىدى......
-ئاھ ،ئاھ .......
-ئاكا !....ئاكا.......،  
بولۇڭدا تۈگۈلۈپ تۇرغان ئەكرەم ئاكىسىنىڭ ھالىتى كۆرۆپ ۋارقىرىغىنچە چاچراپ ئۇرنىدىن تۇردى، كىلىپ ئاكسىنىڭ بېشىنى قۇچىقغا ئېلىپ يىغلاپ نالە قىلشقا باشلىدى :
-ئاكا ، جېنىم ئاكا ، كۆزۆڭنى ئاچساڭچۇ،
ئەكرەم بىردەم ئاكىسىنى سىلكىشلەپ قۇرقۇپ ھويلىغا چىقىرىپ ۋارقىراشقا باشلىدى :
-ئانا ......،ئانا .....، ئادەم بارمۇ ؟ قۇتقۇزۇڭلار ،قۇتقۇزۇڭلار.........


******   *******   ******

-ھۇ ئاناڭنى "ئىت ساراڭ "،ماڭ ئۆيگە ، ھېلى بىكار مەشەدىلا قارنىڭنى سۆكۈپ تاشلىماي .
-مىنى قۇيۇۋەت ، مەن كىتىمەن ،مىنى قۇيۇۋەت،
  غۇپۇر بىر قۇلىدا ھاراق بولتۇلكىسى تۇتۇۋالغان ، بىر قۇلىدا ئايالنىڭ ياقىسىدىن چىڭ قامالىلىغىنىچە ئەۋزەيلەپ ئاغزىدىن كۆپۆك چاچىرتىپ سۆزلىمەكتە ئىدى،
مەكتەپتىن ئىشتىن چۈشۈپ قايتقان ئەنۋەر مۇئەللىم دەل بۇئىشنىڭ ئۈستىگىلا چۈشۈپ قالغان ئىدى، ئەنۋەر مۇئەللىم ۋەلىسپىتنى يولنىڭ بىر يىنىدا توختىتىپ ئۇلارنى ئاجىرتىشقا چۈشتى :
-ھاي بۇرادەر ؛ دېدى ئەنۋەر مۇئەللىم غۇپورنىڭ قۇلىنى ئايالىنىڭ ياقىسىدىن ئاجراتقاچ :-قۇيۇۋېتىڭلا ، نىمە قىلغىنىڭلا بۇ ؟
-ۋاي ، سىنى كىم توۋلاپ كەلدەۋا ئاداش، ئۇرامىدىم ، تىللامدىم خۇتۇن ئۆزۆمنىڭ ، ماڭ ئىشىڭنى قىل ، غوپور دەيدەيلىگىنىچە ھاراق بۇتۇلكىسىنى ئايالنىڭ بۇرنىغا يەنە بىر ئۈستۈرۈپ ۋارقىرىدى:
-ھاھ..، مانا ئاشناڭمۇ سىنى قۇتقۇزغىلى كەپ بولدى ،سەن رەسۋانى ،
ئۇ شۇنداق دىگنچە ئايالنى ئۇرماقچى بولدى ،ئەنۋەر مۇئەللىم ئارىغا كىرىپ ئايالنى تاياقتىن ساقلاپ قالماقچى بولوپ گەۋدىسى بىلەن ئايالنى تۇسۇۋالدى ، ئەمما قاتتىق زەرپ بىلەن چۆرۆلۈپ ئۇرۇلغان ھاراق بوتولكىسى ئۇدۇل ئەنۋەر مۇئەللىمنىڭ ئارقا مىڭىسىگە تىگىپ كەتتى . ئۇنىڭ سەل بېشى قايغاندەك بولوپ قۇلى بۇشۇشىپ يەرگە ئولتۇرۇپلا قالدى ، ئۇنىڭغىچە يولدىن ئۆتەۋاتقانلاردىن بىر نەچچىسى كىلىپ بولارنى ئاجىتىپ قۇيۇشتى .
-ئەنۋەر مۇئەللىم ، سىزگە بىر ئىش بولمىغاندۇ؟
سورىدى غوپورنى ئاجراتقىىلى كەلگەنلەردىن بىرى مۇئەللىمنى يۈلەۋېتىپ،
-ياق ھېچ ئىش يۇق ،
ئۇ شۇنداق دىگنىچە ۋەلىسپىتىنى تەستە يىتىلەپ ئۆيگە راۋان بولدى .  
مانا بۇ بۇنىڭدىن بەش يىل ئىلگىرى مەھەللە دوقمۇشىدا ئەسقەرنىڭ دادىسى ئەنۋەر مۇئەللىم يۇلۇققان كچىككىنە بىر ۋەقە ئىدى .
شۇ ئىش بولوپ ھەپتىدىن كىين ئەنۋەر مۇئەللىم تۇيۇقسز يىقىلغان باھانە بىلەن قەبرىگە كىرىپ كەتكەن ئىدى ، ئەمدىلا ئون نەچچىنىڭ قارىسنى ئالغان ئىككى ئوغۇل بىلەن ئانا دۇنيادا يۈلەنچۈكسىز قالدى، ئەمما ھىچكممۇ  ئەنۋەر مۇئەللىمنىڭ ئاشۇ كۈنى غوپورنىڭ ھاراق بوتولكسى تەككەن مىڭە پەردى ئۈستىدە قان ئۇيۇق قالغانلىقىنى بىلمەيتى .
 

*****    ******    ******

ئانىنىڭ ھويلىسى بىردەمدىلا ئادەم دېڭىزغا ئايلاندى ، ئانا ئوغلىنىڭ جەسىدىنى قۇچاقلىغىنىچە خۇداغا ئاچچىق نالە قىلماقتا ئىدى، ئەمما قاتىل" ئىت سارڭ " سايىسىمۇ كۈرۈنمەيتى.
ئانا بالا ئىككەيلەن ئاچچىق يىغا ۋە قۇلۇم قۇشنىلارنىڭ تەسەللىسى بىلەن ئۆينىڭ يۈرۈكى بولغان ، دۇنيادا خۇۋلۇق كۆرمەي ئۆلۆپ كەتكەن قىران يىگىتنى يەتتە قات يەرنىڭ قۇينىغا ، بەش يىل بۇرۇنقى دادىسى ئەنۋەر مۇئەللىمنىڭ قەبرىسىنىڭ يىنىغا قۇيۇپ ، قان يۇتۇپ قىلىشتى .

ئەسقەرنىڭ ئۆلۆمى ئانا بىلەن ئەكرەمگە بەك ئەلەم بولدى ، ئانانىڭ پۈتكۈل ياشاشتىكى ئۈمىدى ،ھاياتتكى ئەڭ چوڭ يۈلەنچۈكى بولغان ، ئەمدىلا قىرانلىق مەزگىلىگە كىرگەن تۇلپاردەك ئوغلى يەنىڭ تىگىگە كىرىپ كەتتى ، ئەكرەم ئۈچۈن تىخىمۇ ئەلەم ، ئەسقەر ئۇنىڭ ھەم ئاتىسى ھەم ئاكىسى ، تۇرمۇشتىكى ھىماتچىسى ، سىردىشى ئىدى ، مانا بۈگۈن ئۇ ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جان تەسلىم قىلىپ دادىسى يېنىغا كەتتى ،

ئانا بۇ كۈنلەردە تۇتقان قۇيغىننى بىلمەيلا قالدى ، ئۇ ھازىر غوپورغا ھەممىدىن ئۆچ ئىدى ، ئۆيگە كەلسىمۇ قۇغلاپ چىقىرۋىتەتتى .دائىم ئەسقەرنىڭ قەبرىسى ئالدىغا كىلىپ قەبرىنى قۇچاقلاپ ياش تۈكەتتى ، ھەتتا  نەچچە رەت كىچىلەرمۇ شۇ يەردە  يىغلىغانچە تۈنەپ چىقتى . شۇنداق قارلىق كىچىلەردە ئانا قەبرە بىلەن ئۆي ئارلىقىدا يۈردى ، ئانىنىڭ ئازابىنى پەقەت يىقىن كىشىلىرىدىن ئايرىلىپ باققان كىشىلەرلا بىر ئاز چۈشىنىشى مۇمكىن ئىدى.
ئۇ كۈنى قار بەكمۇ قىلىن ياغدى، كىچە قارنىڭ سوغىقى جاندىن ئۆتەتتى ، يىرىم كىچىدە ئۇيقۇدىن بىدار بولغان ئانا ئەسقەرنىڭ قەبرىسىنى يادلاپ ئاستا ئۇرنىدى تۇردى ۋە ئىشكتىن چىقىپ قەبرىستانغا يول ئالدى،

دەرت ئەلەمدە يۈرۈكى داغ بولغان ئانا ئىشكىنى تاقاشتىنى ئۇنتىغان ئىدى ، بىر چاغدا سىرتتا مۇزلاپ ھالى قالمىغان غۇپۇر ئۆيگە كىردى-دە ئۇخلاۋاتقان ئەكرەمنىڭ يوتقىنى تارتقىنچە يانغا تارتىپ ئاستا ئۆزى ئۇرۇنىپ يېتىۋالدى ،ئۇنىڭ ھېىلقى ئىتى يەنىلا قۇينىدا بار ئىدى ، ئەكرەم چۆچۆپ ئۇيغىنىپ ۋارقىراپ كەتتى ، ئاكىسى ئۆلۆپ كەتكەندىن كىيىن ئۇ غۇپۇردىن ئەشەددى قۇرقىدىغان بولوپ كەتكەن ئىدى ،مانا ئەمدى يېرىم كىچىدە ئۆيگە بىسىپ كىرىپ ئۇنى تېخىمۇ قۇرقىتىۋەتتى.
     ئەكرەم ئىككى تاقلاپلا ئانىسىنىڭ دائىم بارىدىغان يىرى ، ئاكىسى بىلەن دادىسىنىڭ قەبرە بىشىغا يۈگۈردى، كىيىملىرى يالاڭ  ئەكرەم ئانا قىىشغا يەتكۈنچە سۇغۇقتا تىتىرەپ كەتكەن ئىدى،ئانا كۆتۆرۆپ ئۆيگە چاپتى .

غوپور ئاللىقاچان خورەكنى باشلاپ بولغان بولوپ ، ئۆي بىر خىل سۈرلۈك بولوپ قالغان ئىدى . ئانا زەربە بىلەن يوتقاننى تارتىپ غوپورنى ئويغاتتى ، غوپور تەستە ئۇيغۇنىپ ئۆرە بولدى ،
-چىقىپ كەت ھايۋان .ئۆيدىن چىقىپ كەت ،
غوپورنىڭ سەپراسى تۇتتى ، ئۇ ئاچچىقى بىلەن ئانىنى بىر ئىتىرىپ يەرگە يىقىتىۋەتتى ، ئەكرەم ئاچچىقى بىلىەن غوپورغا تاشلاندى ، ئەمما غوپور بۇ قىتىم راستىنلا غەزەپلەنگەن ئىدى، ئۇئەكرەمنى دەس كۆتۆرۈپلا يەرگە كۈچەپ ئاتتى ، بىچارە يەردە ئاغرىقتا ئۇتقا چۈشكەن قىلدەك تۇلغۇنۇپ كەتتى ، ئانا چىدىماي قالدى ، بار كۈچى بىلەن غوپورغا تاشلاندى ، غوپۇر بۇ قىتىم ئاياپ ئۇلتۇرمىدى ، ئۇ ئانىنىڭ چېچىدىن قاماللاپ ئۇنى ئىشكىنىڭ قىرىغا بىرنەچچىنى ئۈستۈرۈپ بولوپ كۈچەپ يەرگە ئىترىۋەتتى .
ئانىنىڭ ماڭلىيىدىن قانلار ئاقماقتا ئىدى، ئۇ مىڭ تەستە كۆزىنى ئىچىپ ئوغلى تەرەپكە سۈرۈلدى ، ئانا بالا ئىككەيلەن ئازاپ ، قايغۇ، ئەلەم ۋە سۇغۇق دەستىدىن چىڭ قۇچاقلاشقانچە يىغلاشىپ بىر بىر بىرنىڭ باغرىغا سىڭىشكەنچە تاڭ ئاتارغا يېقىن بۇ ئەلەملىك دۇنيادى خۇشلاشتى ، بۇ كىچە ئەسقەرنىڭ كەتكىنىگە تىخى ئىككى ھەپتە بولغان ئىدى.........................
    ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتۆپ قۇلۇم قۇشنىلار بۇلارنى يۇيۇپ تاراپ يەرلىكىدە قۇيۇشتى ، مۇشۇ ئىككى ئاينىڭ ئىچىدىلا بۇ مەھەللە مۇسبەت تۈسىنى ئىلىپ ئەل جامائەت بىر نارسىدە بىلەن ئۈچ مۆمىننى يەر تىگىگە ئۇزاتتى .
قاتار كەتكەن بەش قەبرىگە قاراپ كىشىلەر ھەسرەت بىلەن ئۇھسىنىپ قۇياتتى .


*****    *****    ******

يازنىڭ ئۇتتۇرا ئايلىرى ئىدى.
يۇققۇرقى مەھەللىگە سۇ تۇتقىلى چىققان ياسىن چوڭ ئايالى بىلەن ئوغلىنىڭ بىشىغا دۇئاقىلىپ ئۇزۇن ئۇلتۇرۇپ قالدى ، بەك كەچ بولوپ كەتكەن ،  ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈن ئاي قاراڭغۇسى بۇلغاچقا ئەتراپ بەكمۇ قارڭغۇ ئىدى، ياسىن چوڭ ئىچىدە ئايەت ئۇقۇغاچ يولنى داۋام ئىتىتۋاتاتتى ؛ تۇيۇقسىز كەينىدە بىرسىنڭ پۇشۇلدىغا ئاۋازى ئاڭلاندى ، كەينىگە ئۆرۆلۆپ قاراپ قۇرقىنىدىن قۇلىدىكى كەتمەن يەرگە چۈشۈپ كەتتى . كەينىدە بېشى چوڭ ، ئاياغ تەرىپى كىچىك غەلىتە بىر مەخلۇق تۇراتتى ؛
-كىم ؟ ....كىم سەن ؟
-ئۇھ .ئۇھ .... ھى ...ھىىى ، مەن ...مەن .....
ئۇنىڭ بۇ قىلىقىدىن ياسىن چوڭ تىزلا تۇنىۋالدى ، بۇ دەل پۈتۈن مەھەللىگە داڭقى كەتكەن، ئانىنىڭ ئۆلۆمىدىن كىيىن يۇتداشلار تەرىپىدىن قۇغلاندى بولغان "ئىت ساراڭ" ئىدى . قۇينىدا ھېلىقى بىچارە نىمجان كۈچۈك تىخىچە بارئىدى .
-ئۇھ ، ۋاي ، ھۇت ساراڭ ، كۈزۈمدىن يۇقال ، ھۇت ئۆلمەيدىغان ساراڭ!
ياسىن چوڭ شۇنداق دىگەنچە كەتمەننى قۇلىغا ئىلىپ يولىنى داۋام قىلدى ، ئەمما غوپور ئۇنىڭغا داۋاملىق ئەگىشىپ كىلىۋاتاتتى ،  
تۇيۇقسىز ياسىن چوڭنىڭ ئىسىگە ئايالى ئۇنىڭغا ئىڭراپ تۇرۇپ دىگەن "بىشى چوڭ،ئايىغى كچىك قارا كۆلەڭگە..."دىگەنلىرى يادىغا يەتتى ، يادىغا يەنەكەينىدىكى مۇنۇ قارا كۆلەڭگە يەتتى .
قەدەمىلىرىنى توختىتىپ كەينىگە ئۆرۆلۈپ ۋارقىرىدى :
-ھۇت نا ئەھلى ئەسلى ئايالىمنىڭ بىشىغا چىققان سەن مۇناپىقكەنسەندە،
شۇنداق دىگەنىچە قۇلىدىكى كەتمەننى چۆرۈپ غوپورنى بىرنى چاپتى ، ئەمما كەتمەن دەل تەگمەي ،ئۇنىڭ قۇچىقىدىكى نىمجان كۈچۈكنىڭ جىنى ئالدى ، غوپور قۇرقۇپ كەينىگە قاچتى ، ياسىن چوڭ غەزەپ بىلەن ئۇنىڭ كەينىدىن يۈگۈردى  ۋە كەتمەننى ئۇنىڭ دۈمبىسىگە قارىتىپ ئاتتى ،  كەتمەن چۆرىلىپ بېرىپ دەستىسى دۈمچىسىگە ،كەتمەننىڭ كەينى چولدىسى نەخ ئۇنىڭ ئارقا مىڭىسىگە تەگدى ، ياسىن چوڭ بەك كۈچۈپ ئاتقاچقا تەڭپۇڭلىقىنى يۇقىتىپ يىقلىپ كەتتى، غوپور قاراڭغۇ كىچىدە نەلەرگىىدۇر يۇقالدى ،
ياسىن چوڭ ئاستا ئۇرنىدىن تۇرۇپ كىيىملىرنى بىر قۇز قېقىشتۇرۇپ كەتمەننى دولىسىغا سالدى ، ئەمدى ئىككى قەدەم مىڭىشىغا ئۇنىڭ پۇتىغا بىر نەرسە پۇتلاشتى، بۇدەل بايام ئۆزى چېپىۋەتكەن ئىت ساراڭنىڭ ئەتىۋارلىق كۈچىكى ئىدى.
ياسىن چوڭ ئاستا ئىڭىىپ ئۇنى ئىككى پۇتىدىن كۈرتۈردى ۋە ئەتراپقا بىر نەزەر تاشلىغاندىن كىين يولنىڭ چېتىدىكى بىر قېرى ياڭاق دەرەخ تۈۋىگە كۆمۈپ قۇيۇپ قاراڭغۇ كىچىدە غايىپ بولدى .


*****    *****    *****

ئىيۇل ئىيىنىڭ ئاخىرى ، مەھەللنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدىكى ئەسكى جىگدىگە بىر توپ قاغا قۇنىۋالغان بولوپ ، شۇم ئاۋازلىرى بىلەن بىر خىل ئەنسىز قاقىلدايتى ، ئەتراپنى بىرخىل سېسىق ھىد قاپلىغان بولوپ ، جىگدە تۈۋەدە ئادەمنىڭ با ش ۋە ئۇمۇرتقا سۆڭەكلىرى چېچلىپ ياتاتتى ، بۇ يەر مەھللىدىن چەت بولغاچقا بۇ "بىچارىنىڭ" جەسسىدى يەر ئۈستىدىلا قالغن بولوپ ، تىنى قاغا قۇزغۇنلاغا يەم بولوپ كەتكەن ئىدى.......


                                 تۈگىدى

      

         بۇ ئەسەرنى مېنىڭ "ئىككنىچى ئانام" نىڭ بىرىنچى ئۆكتەبىردىكى تۇغۇلغان كۈنىگە سوۋغا سۈپىتىدە تۇتتۇم !
ئانامنىڭ بۇ ئاددى سوۋغامىنى قۇبۇل قىلىشنى سورايمەن، ھەم چىن يۈرۈگۈمدىن ئانامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى قۇتلايمەن!
                ئانا تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!!


[mp3=1]http://delete.muzika.cn/Aza/Nahxa/2008/12/10/Retim-Cn_10836.mp3[/mp3]

قىزلار ئۈچۈن چۈشكۈنلەشمەستىن تېخىمۇ قەيسەر بول!

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19356
تۆھپە نۇمۇرى: 1358
توردا: 2844 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2012-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 09:58:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىنى ئەمدى يوللاپسىزدە ، ئەسىرىڭىز سەل چېچىلاڭغۇ بولسىمۇ يەنىلا تەسىرلىككەن . ئەسەردىكى ئەكرەم ھاياتمۇ ؟ ئەگەر ھايات بولسا سىز شۇمۇ ؟

ئۆمرۈمنى ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە ، يولدىشىمنى رازى قىلىپ ، ئۈچ ئوغلۇمنى ئىسلام ئىچىدە تەربىيلەپ ، ئاتا _ ئانامنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىسام دەيمەن .

بەختىمنى ئاللاھتىن تىلەيمەن.

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58376
يازما سانى: 335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1075
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1173 سائەت
تىزىم: 2011-9-28
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 11:28:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەتتە قەبرە دەپتىكەنسىز، ئاخىرىدا بەش قەبرە بولۇپ قاپتىغۇ.

كىملەرنىڭ ئەزىزلىرى كىملەرگە خار بولمىغان.
ئادەمدەك ياشاش قىيىن، بىراق ئادىمىيلىكى بىلەن ياشاش تېخىمۇ قېيىن.

لوقمانجان

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5521
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5251
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2012-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 01:25:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36017
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 42
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2011-4-1
ئاخىرقى: 2011-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 01:49:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت  miskin312 كە 2011-09-30 11:28 AMئەۋەتىلدى  :
يەتتە قەبرە دەپتىكەنسىز، ئاخىرىدا بەش قەبرە بولۇپ قاپتىغۇ.  
ئەنۋەر مۇئەللىم،ئەسقەر،ئەكرەم،ئانا،ياسىن ئاخۇننىڭ ئايالى ھەم بالىسى،بىچارە كۈچۈك جەمىئى يەتتە قەبرە.

كۇلۇپ تۇرۇپ يىغل

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 56641
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 479
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2011-9-15
ئاخىرقى: 2012-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 06:51:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكلا تەسىرلىككەن ...ياخشى يېزىپسىز...رەخمەت سىزگە....

دەرت قالاركەن كۇي بولۇپ، دەرتمەن كىتەركەن ئاھ ۇرۇپ. دەرتمەن ئەرزىنى  ئىلىپ ،، قادىر خۇداغا مەن باراي...

sanga karap kuliman

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12846
يازما سانى: 913
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20745
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 4641 سائەت
تىزىم: 2010-10-5
ئاخىرقى: 2012-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 07:23:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ ،سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى ياختۇرۇپ ئۇقۇيمەن ! سالامەت بولغايسىز !!

نادان جاھىللار بىلەن مۇنازىرلەشمە !!

ئەقىلسىز دوستۇڭ

دائىملىق ئــەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 1045
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20708
تۆھپە نۇمۇرى: 1221
توردا: 2685 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 07:59:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ تەسىرلىككەن ، بۇ تىمىنىڭ بىشىنى بۇرۇن كومەپتىكەن ، ئەمدى تولۇق كۆدۈم

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50903
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 111
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 215 سائەت
تىزىم: 2011-8-8
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 08:20:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېتىمچىلىك بىچارىلەرنى رەھىمسىز ئۈگەي  دادىنىڭ قولىغا تاشلاپ ئاخىردا بىر ئائىلىدىكى ھەممىسنى تۈگەشتۈرۈپتۇ.
ئۇلۇغ ئاللاھىم ھەممىزىگە ئىمان -ئىنساپ ئاتا قىلغاي.

تىما ئىگىسىگىمۇ كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمەن .بىر تەرەپتىن مەكتەپتە ئوقۇپ بىر تەرەپتىن يازماقمۇ ئوڭاي ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7526
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5636
تۆھپە نۇمۇرى: 262
توردا: 1333 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2012-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-1 10:27:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سزگە، بىزگە مۇشۇنداق نادىر ئەسەرلەرنى سۇۋغا قلغانلقڭزغا كۆپ تەشەككۇر.تېنڭزنىڭ سالامەت ،ئشلىرىڭزنىڭ ئۇڭۇشلۇق بۇلۇشنى تىلەيمەن.ئامان بۇلۇڭ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش