ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇنبەرداشلار!
مۇنبەرگە ئۆز ئسمىم بىلەن كىرەلمەي جاۋاپ يوللاشنىڭ شۇنچە كىچىكىپ كەتكىنىگە ئۆزۇرلىكمەن. «جەڭنامە»نىڭ جاۋابى جازا ۋە مۇكاپاتقا مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا تېپىشماقنى قايتا بىر ئەسلەپ ئۇتەيلى:
ئىنتايىن ئەقىللىق بەش ئادۇۋكات بىر زور ئىقتىسادى ماجىراغا ئورتاق ۋاكالەتلىك قىلىپ 100 تىللا تېپىپتۇ. بۇ 100 تىللادا ئادۇۋكاتلارنىڭ ھەر قايسىسى ئۆزلىرىنىڭ ئەجىرنى چوڭ ھىساپلاپ باشقىلاردىن كۆپرەك تىللا ئېلىشىم لازىم دەپ قارىغاچقا تەقسىمات ئۇسۇلىدا كىلىشەلمەي مىسرانىم تورىنىڭ ئۇرۇمچىدىكى 41 قەۋەتلىك خىزمەت بىناسى(بۇ خىزمەت بىناسىنى راس دەپ بىلىڭ)نىڭ ئۇستىگە چىقىپتۇ. ئۇلار 5،2،3،4،1 دىگەن بەش ساننى قەغەزگە يېزىپ ساندۇققا تاشلاپ، چەك تارتىپ رەت نۇمۇرىنى بىكىتىش، مۇشۇ بىكىتىلگەن تەرتىپ بۇيىچە تەقسىمات لاھىيىسىنى ئوتتۇرغا قۇيۇش، لاھىيەگە لاھىيەنى ئوتتۇرغا قويغۇچىنى قوشقاندا ئاز بولغاندا ئۇمۇمى ساننىڭ يېرىمى قۇشۇلسا مۇشۇ لاھىيە بۇيىچە تەقسىملەش، ئەگەر لاھىيەگە قۇشۇلغانلار لاھىيەنى ئوتتۇرغا قويغۇچىنى قوشقاندىمۇ ئۇمۇمى سانىڭ يېرىمىغا يەتمىسە لاھىيە ئوتتۇرغا قويغۇچىنى مىسرانىم تورىنىڭ 41 قەۋەتلىك خىزمەت بىناسىنىڭ ئۇستىدىن پەسكە تاشلىۋېتىش، قېلىپ قالغانلار يەنە مۇشۇ تەرتىپ مۇشۇ قائىدە بۇيىچە قېلىپ قالغانلارغا قايتىدىن تەقسىملەش ياكى ئالدىنقى رەتتىكى چەكنى تارتىپ قالغانلارغا تەقسىمات لاھىيەسى ئوتتۇرغا قۇيۇشتىن ۋە تىللادىن ۋاز كىچىپ جاننى ساقلاشقىمۇ رۇخسەت قىلىش ھەققىدە پۇتۇشۇپتۇ. ناۋادا ھازىر چەك تارتىلىپ رەت تەرتىپ بىكىتىلىپ بولغان بولسا نەچچىنجى نۇمۇرلۇق چەكنى تارتقان ئادۇكات ئەڭ پايدا ئالىدۇ؟ تەقسىمات لاھىيەسى قانداق بولىدۇ؟
خوش، تېپىشماقنى كۇرۇپ ئوتتۇق. تېپىشماقتا ئادۇۋكاتلار چەك تارتىپ رەت نۇمۇرىنى بىكىتىش، مۇشۇ بىكىتىلگەن تەرتىپ بۇيىچە تەقسىمات لاھىيسىنى ئوتتۇرغا قۇيۇش ۋە بۇنىڭ ئاقىۋىتى، شۇنداقلا تەقسىمات لاھىيەسى ئوتتۇرغا قۇيۇشتىن ۋە تىللادىن ۋاز كىچىپ جاننى ساقلاشقىمۇ رۇخسەت قىلىش ھەققىدە پۇتۇشكەن. ھازىر چەك تارتىلىپ رەت تەرتىپ بىكتىلىپ بولغان. بىز ھەل قىلماقچى بولغان مەسلە، «نەچچىنجى نۇمۇرلۇق چەكنى تارتقان ئادۇكات ئەڭ پايدا ئالىدۇ؟ تەقسىمات لاھىيەسى قانداق بولىدۇ؟ » دىگەن سۇئالغا جاۋاپ بېرىشتىن ئىبارەت.
تەھلىل 1:
بىز مەسلىگە جاۋاپ بېرىش ۋە چۇشىنىشكە ئاسان بولسۇن ئۇچۇن ھازىر 4-، 5- نۇمۇرلۇق چەكنى تارتقان ئىككىلا ئادۇۋكات قالدى دەپ پەرەز قىلساق، ئۇھالدا 4-نۇمۇرلۇق چەكنى تارتقان ئادۇۋكات 100 تىللانىڭ ھەممىنى ئوزىگە تەقسىم قىلسا قائىدە بۇيىچە « لاھىيەنى ئوتتۇرغا قويغۇچىنى قوشقاندا ئاز بولغاندا ئۇمۇمى سانىڭ يېرىمى قۇشۇلسا مۇشۇ لاھىيە بۇيىچە تەقسىملەش» شەرتىگە ئۇيغۇن بۇلۇپ بارلىق تىللا ئوزىگە قالىدۇ. بىراق بۇنداق بۇلۇشىنى 5- نۇمۇرلۇق ئادۇۋكات ئالدىن كۇرۇۋالالايدۇ، شۇڭا تەقسىمات لاھىيىسىنىڭ 4- نۇمۇرلۇق ئادۇۋكات تەرپىدىن ئوتتۇرغا قۇيۇلىشىنى خالىمايدۇ. چۇنكى، 4- نۇمۇرلۇق ئادۇۋكاتنىڭ تەقسىماتى بۇيىچە ھىچنىمىگە ئىرىشەلمىگەندىن 3-نۇمۇرلۇق ئادۇۋكات بىر تىللا بەرسىمۇ شۇنىڭ لاھىيىسىنى قوللىشى ئېنىق. مەنتىقە بۇيىچە 3-نۇمۇرلۇق ئادۇۋكات شاللانمايدىكەن.
تەھلىل 2:
ئۇنداقتا،3-،4-،5- نۇمۇرلۇق ئادۇۋكاتلار ئارا ھازىر 3- نۇمۇرلۇق ئادۇۋكات تەقسىمات لاھىيىسىنى ئوتتۇرغا قويغاندا، « لاھىيەنى ئوتتۇرغا قويغۇچىنى قوشقاندا ئاز بولغاندا ئۇمۇمى ساننىڭ يېرىمى قۇشۇلسا مۇشۇ لاھىيە بۇيىچە تەقسىملەش» قائىدىسى بۇيىچە « ئەڭ پايدا ئېلىش» مەقسىدىگە يىتىش ئۈچۇن، لاھىيىسىگە ئوزىدىن باشقا بىر ئادۇۋكات قۇشۇلسىلا بۇلىدۇ. ئەگەر 3-نۇمۇرلۇق ئادۇۋكات 4- نۇمۇرلۇق ئادۇۋكاتقا 99 تىللا بەرسىمۇ 4- نۇمۇرلۇق ئادۇۋكات قۇشۇلمايدۇ. چۇنكى بۇ ۋاقىتتا 3-نۇمۇرلۇق ئادۇۋكات بىنادىن تاشلىنىدۇ-دە ئوزى 100 تىللانىڭ ھەممىسىگە ئېرىشىپ « ئەڭ پايدا ئېلىش» مەقسىدىگە يىتىدۇ.
ناۋادا 3-نۇمۇرلۇق ئادۇۋكات 5- نۇمۇرلۇق ئادۇۋكاتقا بىر تىللا بەرسە، قالغان 99 تىللانى ئوزىگە قالدۇرۇسا 5- نۇمۇرلۇق ئادۇۋكات قۇشۇلدۇ. چۇنكى بۇ 4-نۇمۇرلۇق ئادۇۋكات تەقسىم قىلغاندىن كۆپ ياخشى.
كۇرۇۋېلىشقا بۇلىدىكى 3-نۇمۇرلۇق ئادۇۋكاتنىڭ تەقسىماتىدا 4-نۇمۇرلۇق ئادۇۋكاتنىڭ تىللاغا ئىرىشىش نىسپىتى 0 پىرسەنىت . شۇڭا 4-نۇمۇرلۇق ئادۇۋكات 2- نۇمۇرلۇق ئادۇۋكاتنىڭ تەقسىمات لاھىيىسىدە ئوزىنىڭ تىللاغا ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكىنى ئويلىشىدۇ. مەنتىقە بۇيىچە 2-نۇمۇرلۇق ئادۇۋكات تەقسىمات لاھىسىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ باقسۇن!
تەھلىل 3:
ئۇنداقتا،2-،3-،4-،5- نۇمۇرلۇق ئادۇۋكاتلار ئارا ھازىر 2- نۇمۇرلۇق ئادۇۋكات تەقسىمات لاھىيىسىنى ئوتتۇرغا قويغاندا، « لاھىيەنى ئوتتۇرغا قويغۇچىنى قوشقاندا ئاز بولغاندا ئۇمۇمى سانىڭ يېرىمى قۇشۇلسا مۇشۇ لاھىيە بۇيىچە تەقسىملەش» قائىدىسى بۇيىچە « ئەڭ پايدا ئېلىش» مەقسىدىگە يىتىش ئۈچۇن، لاھىيىسىگە ئوزىدىن باشقا بىر ئادۇۋكات قۇشۇلسىلا بۇلىدۇ. ئەگەر 2-نۇمۇرلۇق ئادۇۋكات 3- نۇمۇرلۇق ئادۇۋكاتقا 97 تىللا بىرىپ قالغان ئۇچى بىردىن تىللا ئالسىمۇ 3- نۇمۇرلۇق ئادۇۋكات قۇشۇلمىسىمۇ باشقىلارنىڭ قۇشۇلىشى بىلەن لاھىيە كۇچكە ئىگە بولغاندا ئوزى «ئەڭ پايدا ئالغۇچى» بۇلالمايدۇ.
ناۋادا 2-نۇمۇرلۇق ئادۇۋكات 5- ۋە 4- نۇمۇرلۇق ئادۇۋكاتنىڭ ئوزى خالىغان بىرگە بىر تىللا بەرسە، قالغان 99 تىللانى ئوزىگە قالدۇرسا بىر تىللاغا ئىرىشكۇچى ئادۇۋكات قۇشۇلىدۇ. دىمەك، 2-نۇمۇرلۇق ئادۇۋكاتنىڭ تەقسىماتىدا 5- ۋە 4- نۇمۇرلۇق ئادۇۋكاتنىڭ بىردىن تىللاغا ئېرىشىش نىسپىتى 50 پىرسەنىت. بۇ 4-نۇمۇرلۇق ئادۇۋكاتقا نىسپەتەن 3- نۇمۇرلۇق ئادۇۋكاتنىڭ لاھىيىسىدىن كۆپ ياخشى. لىكىن 5-نۇمۇرلۇق ئادۇۋكاتقا نىسپەتەن، ئۇنىڭ 3- نۇمۇرلۇقنىڭ تەقسىماتىدىكى ئېنىق بىر تىللاغا ئىرىشىش مۇمكىنچىلىكى 50 پىرسەنىتكە چۇشۇپ قالىدۇ.
قارايدىغان بولساق ، 2-نۇمۇرلۇق ئادۇۋكاتنىڭ تەقسىمات لاھىيسىدە 3-نۇمۇرلۇق ئادۇۋكاتنىڭ تىللاغا ئېرىشىش نىسپىتى 0 پىرسەنىت، 5- ۋە 4- نۇمۇرلۇق ئادۇۋكاتنىڭ بىر تىللاغا ئېرىشىش نىسپىتى 50 پىرسەنىت. كۇرۇۋېلىشقا بۇلۇدىكى، بۇلار 1-نۇمۇرلۇق ئادۇۋكاتنىڭ لاھىيىسىدە ئۆزلىرىگە تىللا تىگىش نىسپىتى بۇ لاھىيەدىن ياخشى بولسا شۇ لاھىيەنى قوللىشى ئېنىق! ئۇنداقتا 1-نۇمۇرلۇق ئادۇۋكات تەقسىمات لاھىيسىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ باقسۇن!
تەھلىل 4:
« لاھىيەنى ئوتتۇرغا قويغۇچىنى قوشقاندا ئاز بولغاندا ئۇمۇمى ساننىڭ يېرىمى قۇشۇلسا مۇشۇ لاھىيە بۇيىچە تەقسىملەش» قائىدىسى بۇيىچە « ئەڭ پايدا ئېلىش» مەقسىدىگە يىتىش ئۇچۇن 1-نۇمۇرلۇق ئادۇۋكات 98 تىللانى ئېلىپ 5-،4-،3-نۇمۇرلۇك چەكنى تارىقان ئادۇۋكاتلاردىن ئۆزى خالىغان ئىككىسگە بىردىن تىللا بەرسە بۇلىدۇ. بۇ لاھىيەدە 5-،4-،3-نۇمۇرلۇك چەكنى تارىقان ئادۇۋكاتلارنىڭ تىللاغا ئېرشىش نىسپىتى 66.66 پىرسەنىت بۇلۇپ، كىيىن ئوتتۇرغا قۇيۇلۇش مۇمكىنچىلىكى بولغان لاھىيەلەرگە قارىغاندا ،4-،3-نۇمۇرلۇك ئادۇۋكاتلارغا ھەم 1-نۇمۇرلۇق لاھىيە ئوتتۇرغا قويغۇچى ئادۇۋكاتقا ئەڭ پايدىلىق!
تېپىشماقنىڭ تەلىۋى: نەچچىنجى نۇمۇرلۇق چەكنى تارتقان ئادۇكات ئەڭ پايدا ئالىدۇ؟ تەقسىمات لاھىيەسى قانداق بولىدۇ؟
جاۋاپ: 1-نۇمۇرلۇق چەكنى تارتقان ئادۇكات ئەڭ پايدا ئالىدۇ.
تەقسىمات لاھىيەسى : ئوزى 98 تىللانى ئېلىپ 5-،4-،3-نۇمۇرلۇك چەكنى تارىتقان ئادۇۋكاتلاردىن ئۆزى خالىغان ئىككىسگە بىردىن تىللا بەرسە بۇلىدۇ. 2- نۇمۇرلۇق چەكنى تارتقان ئادۇۋكاتقا تىللا بىرىشنىڭ ھاجىتى يوق!
مۇكاپات-جازا قائىدىسى ۋە نەتىجە:
مۇكاپات-جازا قائىدىسىدە «توغرا جاۋاپ بەرگەن تورداشقا 20 يىۋەن خەلق پولى بېرىش،توغرا جاۋاپ بېرەلمىگەن تورداش ئايلىق ئۇمۇمى كىرىمى 2000 سومدىن يۇقىرى ئايلىقچى ياكى تىجارەتچى بولسا 20 يىۋەن خەلق پولى، ئايلىق ئۇمۇمى كىرىمى 2000 سومدىن تۇۋەن (ئۇقۇغۇچىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) بولسا 10 يىۋەن خەلق پولى، خەيرى-ساخاۋەت ھەققى تولەش» بەلگىلەنگەن.
نەتىجىدە بىرمۇ تورداش مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى ئۇنىمىدى. ئىختىيارى ساخاۋەت قەرزى بولغان تورداشلار بۇ ئۇلىنىش
https://uyghur-archive.com/misranim/viewthread.php?tid=50752 ئارقىلىق ئىنكاسىڭلارنى كۇرۇپ، جاۋابىڭلارنى سېلىشتۇرۇپ قايىل بولمىساڭلار ئىنكاس قالدۇرساڭلار، مىنىڭ چۇشەندۇرۇشۇم يىتەرلىك بولمىغان بولسا رەت قىلساڭلار ياكى تۇلۇقلاپ قويساڭلار بولىدۇ. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ تېپىشماقنى تېپىشقا قاتناشقان ھەر بىر تورداشقا ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۇرىمەن! بەزى جاۋاپتىكى تەھلىللەر ناھايىتى ئەتىراپلىق بولغان بولسىمۇ لىكىن جاۋاپتىن يىراق بولغاچقا يەنىلا قائىدە بۇيىچە ئىش كورسەك دىگەن ئۇمۇتتىمەن. بەزىلەر پەقەت «1-نۇمۇرلۇق ئادۇۋكات پايدا ئالىدۇ.» دەپ جاۋاپ قايتۇرغان بولسىمۇ تەقسىمات لاھىيەسىنى ئوتتۇرغا قويمىغانلىقى ئۇچۇن ئەسلى جازانىڭ يېرىمىنى ئادا قىلىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن.
بۇگۇن «جەڭنامە» يېزىشقا سەۋەپ بولغان قېرىندىشىمىزغا تېلفۇن قىلسام ياخشىلىنىپ دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئۆيىدە دەم ئېلىۋېتىپتۇ. شۇڭا تېپىشماق تاپقان تورداشلار ئۆزەڭلار بىلىدىغان ئېھتىياجلىق بىمارلارغا قەرزىڭلارنى ئادا قىلساڭلىمۇ بۇلىدۇ. مەن جاۋاپنى ۋاقتىدا يوللىيالمىغان گۇناھىم ئۈچۇن خۇنەندە ئالى مەكتەپتە ئۇقۇش جەريانىدا ئاق قان كىسلى بۇلۇپ قالغان، دادىسى بۇرۇن ئۆلۇپ كەتكەن ، ئانىسى 60 تىن ئاشقان قېرىندىشىمىز ئۆمەرجان(مۇنۇ ئۇلانمىلارنى كۇرۇپ بېقىڭ:
:
https://uyghur-archive.com/misranim/viewthread.php?tid=60276
https://uyghur-archive.com/misranim/viewthread.php?tid=59208)غا توردىن 100 يۇەن ئاغدۇرۇپ بېرىمەن . باشقىلارمۇ مۇشۇ قېرىدىشىمىزغا ياردەم قىلساڭلارمۇ بۇلىدۇ.
(تېپىشماق تەڭقىس نەزەرىيىسى (game theory ,博弈论) بۇيىچە پىكىر قىلىشنى ئاساس قىلىدۇ. تەڭقىس نەزەرىيىسى نۆۋەتتە ئىقتىساد پەنلىرى ئۇقۇتىشىدا ئۆتۈلىدىغان بىر پەن. بۇ نەزەرىيە نوۋەتتە خەلقئارا سىياسى، پۇل-مۇئامىلە ۋە باشقا ساھەلەردە كەڭ قوللۇنىلىدۇ. بۇ نەزىرىيە بىزدىن ھۇشيارلىق ۋە ئۆتكۇرلۇك تەلەپ قىلىدۇ. تېپىشماقنىڭ نەتىجىسى قارىماققا ئادىل بولمىغاندەك قىلسىمۇ ئالدىنقى شەرتلەر بىكتىلگەن ئەھۋال ئاستىدا توغرا نەتىنجىدۇر. بىز كۈندۈلۇك تۇرمۇشتا بۇنچە مۇرەككەپ ئەھۋاللارغا كۆپ يولۇقۇپ كەتمىسەكمۇ، ئۆزىمىز مۇھىم بىلگەن ئىشلارنى ئۆزىمىزنى ۋە ئۆزگىنى تۇلۇق نەزەرگە ئېلىپ ھەرتەرەپلىمە، ئەستايىدىل ئويلىشىش ئنتايىن زورۆر دوپ قارايمەن! تورداشلارنىڭ ۋاقتىغا رەھمەت!)
ئەسكەرتىش: تېپىشماق ھەر خىل نۇسخىدا ماتىرياللاردا ئۇچىرايدۇ.
مەنبە: ئوزۈم