مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3118|ئىنكاس: 34

يېڭى كىتاب ئۇچۇرى [ئوغۇز كىتابخانىسى] [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئوغۇز كىتاپخانى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24112
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3948
تۆھپە نۇمۇرى: 471
توردا: 788 سائەت
تىزىم: 2010-12-28
ئاخىرقى: 2012-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-29 02:17:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوكتور زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ «ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە: ھونولۇلۇ خىياللىرى»

ناملىق كىتابى رەسمىي نەشردىن چىقتى

كىتابنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

ئەتراپىمىزدا تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا بىزدىن ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىشنى، ئۆزىمىزگە جەڭ ئېلان قىلىشنى، ئۆزىمىزنى چوڭقۇرلاپ قېزىشنى ۋە كىملىكىمىزنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تونۇشنى تەلەپ قىلماقتا. ئەمما بۇ جەريان قانداق ئىشقا ئاشىدۇ؟ بىز خرىسلار ۋە تېپىشماقلار ئالدىدا نېمە قىلالىشىمىز مۇمكىن؟ يوشۇرۇن كۈچىمىزنى قانداق قازىمىز؟ بۇلار ئېيتىلىشقا ئاسان بولغىنى بىلەن، ئادەمنى گاڭگىرىتىدىغان، ۋەزنى ئېغىر سوئاللاردۇر. قولىڭىزدىكى بۇ كىتاب ئەنە شۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىش مەقسىتىدە جاپالىق سىناقلارنى ئۆز ھاياتىدا تەجرىبىدىن ئۆتكۈزگەن بىر ئىزدىنىشچان ياشنىڭ چەت ئەل ۋە يۇرتىمىزدىكى ئۆزىنى ئىزدەش سەپىرىدە ھېس قىلغان، ئويلىغان خاتىرىلىرىنىڭ دەسلەپكى قىسمىدۇر. كىتابنىڭ قۇرلىرىدىن يېڭى ئۇچۇر، يېڭى پىكىر خۇرۇچلىرى ۋە تىنىم تاپماس بىر روھنىڭ ئىزنالىرى بايقىلىپ تۇرىدۇ. كىتابنى ۋاراقلىغىنىڭىزدا، ئىنسان كۈچىنىڭ چەكسىز ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزىنى قېزىش، ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىش، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنىڭ ئادەمنى نۇرانە مەنزىللەرگە باشلايدىغان روھىي مۇساپە ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ ھېس قىلىسىز. ئاپتور ئاشۇ بىر قاتار ھېس- تۇيغۇلىرىنى، پىكىرلىرىنى سىزگە يېقىن بىر جايدا شىۋىرلاپ ئېيتىپ بېرىۋاتقاندەك، يىراقلاردا تۇرۇپ ئۆز قېرىنداشلىرى بىلەن غايىبانە پىچىرلىشىۋاتقاندەك بىر تەرىزدە، يەڭگىل ئۇسلۇبتا قەلەمگە ئالىدۇ.

ئاپتور كىتابىدا ئۆزىنىڭ كۆپ قىرلىق تالانتىنى نامايان قىلغان بولۇپ، جەمئىيەتشۇناسلىق، مائارىپشۇناسلىق، ئەخلاقشۇناسلىق، تارىخشۇناسلىق، پسىخولوگىيە پەنلىرىنىڭ كېسىشمە نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ياشاش ئەندىزىمىز، مۇرەككەپ جەمئىيەت قوينىدىكى روھىي ھالىتىمىز، جەمئىيىتىمىزدىكى شەھەرلىشىش، زامانىۋىلىشىش مۇساپىسى داۋامىدا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە يېڭىچە بىر مېتودتا پىكىر يۈرگۈزىدۇ. بىز جاۋابىنى ئىزدەۋاتقان خىلمۇخىل نۇقتىلار ھەققىدىكى كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان تەلقىنلىق بايانلىرى ئارقىلىق بىزگە بىر قېتىملىق ئىدىيە يېڭىلاش، قاسراق تاشلاش، ئۆزىمىزنى تونۇش زۆرۈرىيىتىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. كىتاب نوقۇل ھالدا مەلۇم ساھەدىكى كىشىلەرنىڭ قىممەت قارىشىنى تۇتقا قىلىپ يېزىلمىغان بولغاچقا، كەڭ ئوقۇرمەنلەر قاتلىمىنىڭ ــ ئىلىم تەتقىقاتچىلىرىنىڭ، ھەرقايسى قاتلامدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ، چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىقىشنى ئويلاۋاتقان ياكى تىل ئۆگىنىۋاتقان ئالىي، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ، ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلارنىڭ، ئورگان خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋە ئاتا- ئانىلارنىڭ ئوقۇشىغا ماس كېلىدۇ. ئىشىنىمىزكى، بۇ كىتابنى ئوقۇغان كىتابخان بىر قېتىملىق ئۆزىنى يېڭىلاش ۋە تەپەككۇرنى قوزغىتىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايدۇ.

taobao دىن سىتېۋىلىش ئادىرسى:http://item.taobao.com/item.htm?id=12828461856

مەنبە:كىتاب يۇرتى

كىتاپ يۇرتى www.kitapyurti.com

穿别的鞋,走自己的路

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىشچان باشقۇرغۇچى ئەستايىدىل باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 739
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 14097
تۆھپە نۇمۇرى: 1799
توردا: 6330 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-29 04:20:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى بوپتۇ،زۇلپىقارنىڭ كىتابىنىڭ چىقىشى ئۇيغۇر جەمىيتىدىكى تەتقىقات ئېلىپ بېرىلمىغان،ھازىر زامان تىلى بىلەن ئېيتقاندا بىز ئۇيغۇرلار بويىنچە بىر بوشلۇق بولغان جەمىياتشۇناسلىقتىن ئىبارەت بولغان،چوقۇم بىلىشكە تېگىشلىك بولغان تەتقىقات ئۈستىدە قەلەم تەۋرەتتى،زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ ئوقۇشى خاتىرجەملىك،كۈنلىرى كۆڭۈللۈك،ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولسۇن!زۇلپىقار بىز ئۈچۈن مۇھىم،ئۇ ئۆزىنىڭ تەپەككۇر دۇنياسىنى كىتابخانىدىن ئىبارەت ئىلىم تەشنالىرى مۇھتاج بولغان بىر سۇرۇندا داۋاملىق ئۆزىنى نامايەن قىلسا،بىزنىڭ روھىيەت قاينىمىز،تەپەككۇر دۇنيارىمىز،پەلسەپە قاراش زور دەرىجىدە ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگۈسى.بىز زۇلپىقاردەك دانكۇلارغا مۇھتاج.كىتابنىڭ قانداق مەزمۇنلار بىلەن تۈزۈلگەنلىكى ماڭا مەۋھۇم،كىتابخانىنى ھەر دائىم يوقلاپ تۇرساممۇ،ئۇ كىتاب كەلمىگەن ئىكەن،بۈگۈن كۆرۈپ،تولىمۇ خوشال بولدۇم،ئابدۇقادىر جالالىدىن ئاكىمىزنىڭ ‹‹ئۇيغۇرلارنىڭ بىلمىكى››دېگەن تېمىدا بىر كىتاب يېزىۋاتقىننى ئاڭلىغان،ئۇنى نەشرىياتقا بەرگەنمىدۇ،ئۇ ئەسەرمۇ بالدۇراق چىقسا بولىتى،ئاللاھ بۇ مەرىپەت ئىگىلىرىنى،ھايات دانكۇلارنى ئۇيغۇر خەلقىدىن ئايرىمىسۇن!بىزگە ھىدايەت يولى باشلىغان،كىملىكىمىزنى تۇنۇتقان،ئۆتكۈر قەلىمى بىلەن بىزنى توغرا يولغا يېتەكلىگەن بۇ ئۇستازلارنىڭ يولىنى ئوچۇق،ئىشلىرىنى خەيرىلىك بۇلۇشىغا تىلەكداشمەن!
زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ قاراتمىلىقى بەك كۈچلۈك،ئادەمنى بەك ئويلاندۇرىدۇ،نۇرغۇن پىكىر قايناملىرىغا مۇپتىلا قىلىدۇ،مىللىتىمىزنىڭ ئاجىز،سەلبىي تەرەپلىرىنى نۇرغۇن ماتىريال ئارقىلىق بىزگە تۇنۇتىدۇ،ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇيمەن.
ئەگەر زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئۇستاز خالىسا،مېنىڭ مۇنداق بىر تەكلىپىم بار،تارىم تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان،جازا ئۆتەۋاتقان ئۇيغۇرلىرىمىزنى زىيارەت قىلىپ،چوڭ ھەجىملىك ‹‹خاراب بولغان ئۇيغۇرلار››دېگەن تېمىدا بىر كىتاب يېزىشىنى،جەمىياتشۇناسلىققا باغلاپ،بىر تەتقىقات ئەسىرىنى روياپقا چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.زۇلپىقار بارات ئۆزباش مېنىڭچە،بۇ ئىشنى قىپ كېتەلەيدۇ.

كىشىلەرنىڭ مۈلكىگە تەگمە.چۈنكى،كىشىلەر دادىسىنى ئۆلتۈرگەن قاتىلنى ئاسانلا ئۇنتۇپ كېتىدۇ-يۇ،مال-مۈلكىنى تارتىۋالغان ئادەمنى ھەرگىز ئۇنتۇمايدۇ.

ئىمىنجان ھىدايە

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15099
يازما سانى: 396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10514
تۆھپە نۇمۇرى: 1944
توردا: 1581 سائەت
تىزىم: 2010-10-24
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-29 04:23:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسىلامۇ  ئەلەيكۇم  
                تىما  ئىگىسىگە تەشەككۇر بولسۇن  مەن بۇ كىتاپبى ئوقۇشقا  بەكمۇ تەقەززا  بولغان ئىدىم   
بۇ قىممەتلىك ئەسەرنى بارلىق قىرىنداشلارنىڭ ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشنى ئۈمۈد قلىمەن  ھەم  بارلىق دوسلىرىغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇشنى ئۈمۈد قىلىمەن

ئىمىنجان ھىدايەت

قارىغايدەك ياشايمەن مەڭگۈ!

دائىملىق ئــەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7639
يازما سانى: 1455
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15611
تۆھپە نۇمۇرى: 461
توردا: 4708 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-29 04:25:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئۆتكەندە بۇ ئۇچۇرنى يەنە بىر مۇنبەردە كۆرۈپ ھەممە كىتاپخانلارغا  كەلگەن چىغى دەپ بېرىپتىكەنمەن بىزنىڭ بۇ يەردىكى شىنخۇا كىتاپخانىسىغا تېخى كەلمەپتۇ ئەمەسمۇ.

توردىن سېتىۋىلىش ئادرىسىڭىز ئىچىلمايدىغۇ ؟

مۇھەببەت ئۆز ئارا ئىشەنىچ، ئۆز ئارا ياردەم، ئۆز ئارا ئورتاق غايە، ئورتاق نىشان ئۈستىگە قۇرۇلىشى لازىم!

ئىمىنجان ھىدايە

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15099
يازما سانى: 396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10514
تۆھپە نۇمۇرى: 1944
توردا: 1581 سائەت
تىزىم: 2010-10-24
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-29 04:34:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ﺯﯗﻟﭙﯩﻘﺎﺭ ﺑﺎﺭﺍﺕﺋﯚﺯ ﺑﺎﺵ 1975-ﻳﯩﻠﻰ 8-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 3-ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﻗﺴﯘ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﭼﺘﯘﺭﭘﺎﻥ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﺪﻩﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﺗﻪﻟﻪﭘﭽﺎﻥ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﯩﺸﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺑﯘ ﻳﺎﺵ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻦﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ،ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﻩ "ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﻯ" ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﻮﻗﯘﭖ،ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻨﻰ ﻏﻪﻟﺒﯩﻠﯩﻚ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﭖ 1992-ﻳﯩﻠﻰ 17ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻧﻮﻣﯘﺭﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺟﻮﯕﮕﯘ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﯩﻐﺎ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ،ﺋﯘ ﺗﯚﺕﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻜﻰ ﺗﺎﻻﻧﺘﻰ،ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰﯞﻩ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ .ﺯﯗﻟﭙﯩﻘﺎﺭ ﺑﺎﺭﺍﺕ ﺋﯚﺯ ﺑﺎﺵ 1996-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﭖ ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ 9-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﺎﺝﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﭼﯜﺷﺘﻰ ،ﺋﯩﺠﺘﯩﮭﺎﺗﭽﺎﻥ ﺑﯘ ﻳﺎﺵ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻨﯩﯔﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻣﺎﺋﺎﺷﻰ ،ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺗﻪﻣﯩﻨﺎﺗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻛﯜﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺷﻨﻰ "ﺑﻪﺧﯩﺘﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ"ﺩﻩﭖﻗﺎﺭﯨﻤﯩﺪﻯ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺋﯩﺰﺩﯨﯩﻨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻥ،ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﯘ ﻳﺎﺷﻘﺎ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕﻳﯘﻗﯩﺮﻯﻣﺎﺋﺎﺵ "ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﺑﻪﺧﺖ"ﮬﯧﺴﺎﺑﻼﻧﻤﺎﻳﺘﻰ،ﺋﯘ ﺗﯧﺨﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻰ ،ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﺪﻩﻙ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺋﯩﺪﻯ..........
ﻛﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯘﻟﯘﻏﯟﺍﺭﻏﺎﻳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﭘﯜﻛﻜﻪﻥ ﺑﯘ ﻳﺎﺵ 1998-ﻳﯩﻠﻰ 3-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 8-ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﺗﯩﻠﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻨﻰﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ،ﺋﯘ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﺗﯩﻠﻰ ﻛﯘﺭﺳﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﺎﻱ ﺋﻮﻗﯘﭘﻼ ﺋﯚﺯﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔﺋﻪﯓ ﺗﯧﺰﮬﻪﻡ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﻛﯘﺭﺳﺘﯩﻦ ﭼﯧﻜﯩﻨﺪﻯ-ﺩﻩ، ﺋﯚﺯﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﯟﻩﺗﺘﻰ.ﺋﯘ ﮬﺎﺭﺩﯨﻢ-ﺗﺎﻟﺪﯨﻢ ﺩﯦﻤﻪﺳﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻨﻰ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺴﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯧﭽﻪ-ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﺩﯦﻤﻪﻱ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺋﯚﮔﻪﻧﺪﻯ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰ 6ﺋﺎﻱ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻼ ﻣﯧﯟﻩ ﺑﯧﺮﯨﭗﺳﻪﯞﯨﻴﺴﻰ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﭼﯜﺷﺘﻰ .ﺋﯘ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺗﻪﺩﺑﯩﻘﻼﭖ،ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﺗﯩﻠﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﯞﺍﻗﯩﺖﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﯧﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪﻩ 1999-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 2000-ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﺑﻪﺵ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﮬﻪﻗﺴﯩﺰ ﻛﯘﺭﯗﺱ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﺗﯩﻠﻰ ﮬﻪﯞﻩﺳﻜﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦﺋﺎﻟﻘﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ،ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯘﻧﯩﯖﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪﻯ،ﺯﯗﻟﭙﯩﻘﺎﺭ ﺑﺎﺭﺍﺕ ﺋﯚﺯ ﺑﺎﺵﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﺗﯩﻠﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﯩﺴﺨﯩﻜﯩﻐﺎ ﻣﺎﺱ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻩﺭﯨﺴﻠﻜﻨﯩﯔﺗﯧﺨﻰ ﻳﻮﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ 2001-ﻳﯩﻠﻰ 6-ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ 2003-ﻳﯩﻠﻰ7-ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﺋﯚﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﭗ ﺋﺎﺧﯩﺮ 4ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻖ "ﺳﻪﺭﺧﯘﺵ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﺗﯩﻠﻰ"ﺩﻩﺭﯨﺴﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ،ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻨﻼ "ﺟﺎﻧﻐﺎ ﺋﻪﺳﻘﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﻪﺭﺧﯘﺵ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﺗﯩﻠﻰﮔﯩﺮﺍﻣﻤﺎﺗﯩﻜﯩﺴﻰ"ﻧﻰ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻞ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻨﻰ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ،ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﮬﻪﺭ ﺳﺎﮬﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯﺑﺎﮬﺎﺳﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ ﮬﻪﻡ ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ "ﺳﻪﺭﺧﯘﺵ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﺗﯩﻠﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﻪﺵ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ"ﻧﻰ ﻗﯘﺭﯗﭖ،ﻧﯘﺭﻏﯘﻥﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﻪﭖ ﻳﯧﺘﺸﺘﯜﺭﺩﻯ،ﺋﯘ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﻪﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﺗﯩﻠﻰﺋﯚﮔﯩﻨﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﻠﮭﺎﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﮬﻪﻡ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻼﺵ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻦ ﭘﯘﻝﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﮬﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ "ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﺍ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ ﻧﯘﺗﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﻪﺵ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﻰ "،" ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ ﺯﯦﮭﯩﻦ ﺳﯩﻨﺎﺵ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﻰ "ﯞﻩﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻨﻰﺑﯧﻴﯩﺘﺘﻰ ،ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ،ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ "ﻗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﺩﻩﺭﯨﺨﻰ ﻗﺎﭼﺎﻧﻤﯘ ﻛﯚﻛﻠﻪﺭﺳﻪﻥ؟!"،"ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺰ ﯞﻩﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺰ "،"ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﯞﻩ ﻻﻳﯩﻖ ﺗﺎﻟﻼﺵ"،"ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕﻳﯜﺭﻩﻙ ﺗﺎﺭﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﭼﻪﻛﻜﻪﻧﺪﻩ"،"ﭘﯩﺴﺨﯩﻜﺎ ﯞﻩ ﺗﯩﻞ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ".......ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖﺗﯧﻤﯩﻼﺭﺩﺍ 100 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﻟﯧﻜﺴﯩﻴﻪ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦﺋﺎﻟﻘﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ . ﺯﯗﻟﭙﯩﻘﺎﺭ ﺑﺎﺭﺍﺕ ﺋﯚﺯ ﺑﺎﺷﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﯩﺪﻩﻙ ﺋﯩﺶ-ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯﺑﺎﺭﺍ-ﺑﺎﺭﺍ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻛﻪﯓ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﯩﺰﺯﯨﻖ ﻧﯘﻗﺘﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ ﮬﻪﻡ ﺧﯩﻠﻤﯘ-ﺧﯩﻞﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﯞﺍﺳﺘﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ.
ﺯﯗﻟﭙﯩﻘﺎﺭ ﺑﺎﺭﺍﺕ ﺋﯚﺯ ﺑﺎﺵﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯧﮭﯩﺮ-ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﻠﯩﻘﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﺳﯘﺳﻼﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﭘﻪﻳﯩﺘﺘﻪ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺷﺎﯕﺨﻪﻳﮕﻪ 15ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﻛﺎﻣﺎﻧﺪﻭﺭﯗﭘﻜﯩﻐﺎﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﯩﺪﯗﮬﻪﻡ ﻳﺎﺗﺎﻕ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ "ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ"ﺩﻩﭖ "ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﺶ"ﻛﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ ،ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﺎﻳﺪﯨﯖﻼﺷﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖﺋﺎﺯﺍﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ...... ﺋﯘ ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﯩﺪﻩﻙ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﮬﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﺶ ،ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻝ ﻛﯚﺭﯛﺵﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﻡ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺑﯘﻣﻪﺳﻠﯩﻨﻰ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ "ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ "ﻛﻪﺳﭙﯩﮕﻪ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺑﯘ ﻛﻪﺳﯩﭙﺘﻪ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮﺍﻧﺘﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﻛﯚﯕﻠﯩﮕﻪﭘﯜﻛﯩﺪﯗ.
ﺯﯗﻟﭙﯩﻘﺎﺭ ﺑﺎﺭﺍﺕ ﺋﯚﺯ ﺑﺎﺵ 2005-ﻳﯩﻠﻰ 10-ﺋﺎﻳﺪﺍ 雅思 ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ 7ﻧﻮﻣﯘﺭﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺪﯗ .ﺋﯘ ﺗﯩﻞ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ 2006-ﻳﯩﻠﻰ7-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﭼﯧﯖﺪﯗﺩﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ،ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﯩﺮﻯﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﯩﻚ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﺎﮬﺎﺳﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺪﯗ ﮬﻪﻡ 2006-ﻳﯩﻞ 10-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﮬﺎﯞﺍﻱ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖﻛﻪﺳﭙﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ 3ﻳﯩﻞ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮﺍﻧﺘﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻘﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﭖﺋﺎﻟﯩﺪﯗ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ، ﻓﻮﺭﺩ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﺪﯨﻦ ﺟﯘﯕﮕﯘﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ،ﮬﻪﻗﺴﯩﺰ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ 10ﺳﺎﻥﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﻧﻪﯞﻩﺭ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﯞﻩ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﺒﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﺎﻟﻠﯩﻨﯩﭗ، 3ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﮬﻪﻗﺴﯩﺰ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺪﯗ.
ﺯﯗﻟﭙﯩﻘﺎﺭ ﺑﺎﺭﺍﺕ ﺋﯚﺯ ﺑﺎﺵ 2007-ﻳﯩﻞ 6-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 20-ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮﺍﻧﺘﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﺗﻼﻧﺪﻯ ﯞﻩ 8-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 4-ﻛﯜﻧﻰ ﮬﺎﯞﺍﻱ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ "ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﺸﺸﺶ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲﻛﯩﻤﻠﯩﻚ"ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻟﯧﻜﺴﻴﻪ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﺎﮬﺎﺳﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ ﮬﻪﻡ تىزلا ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﺪﯨﻜﻰ "ﺋﻪﯓ ﺋﯜﻣﯩﺪﻟﯩﻚ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻼﻧﻰ"ﻏﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ .ﺋﯘ ھىلىھەم  ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﮬﺎﯞﺍﻱ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ دوكتۇر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغاچ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻤﺎﻗﺘﺎ.
ﺯﯗﻟﭙﯩﻘﺎﺭ ﺑﺎﺭﺍﺕ ﺋﯚﺯ ﺑﺎﺵ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺋﯜﻟﮕﯩﻤﯩﺰ .ﺑﯩﺰ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺯﯗﻟﭙﯩﻘﺎﺭ ﺑﺎﺭﺍﺕ ﺋﯚﺯﺑﺎﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺗﯘﻗﻠﯘﻕ ،ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﻨﯩﯔﺋﻮﯕﯘﺷﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﭼﯩﻦ ﺩﯨﻠﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ!!!


ﺯﯗﻟﭙﯩﻘﺎﺭ ﺑﺎﺭﺍﺕﺋﯚﺯ ﺑﺎﺷﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ:

1.ﺧﻪﺗﺘﺎﺗﻠﯩﻖ:ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﻪﺋﻠﯩﻖ،ﺭﯗﻗﺌﻰ ﺧﻪﺕ ﻧﯘﺳﺨﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ 30ﭘﺎﺭﭼﯩﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦﮬﯚﺳﯩﻨﺨﻪﺕ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ2.ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ: 13ﻳﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻳﯧﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ. "ﻳﯜﺯ ﻣﯧﺘﯩﺮ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻖ ﻳﯩﻐﻼﻳﺪﯗ"،"ﺗﻪﻧﮭﺎﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯗﻕ"،"ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻤﯩﺰ ﺗﻮﻧﯘﺩﻯ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩﺰ ﻣﻪﻏﺮﯗﺭ"،"ﻛﯩﻢﻣﯧﻨﻰ ﺑﯩﭙﻪﺭﯞﺍ ﺩﻩﻳﺪﯗ؟"،"ﻳﺎﺭﺳﯩﺰ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺳﯚﻳﮕﯜ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ"،"ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﺪﯨﻜﻰﻗﯩﺰﻏﺎ"......ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﯧﺌﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻥ.
3.ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ:"ﺭﯨﺸﺘﻪ(ﻡ.ﻳﻮﭘﯘﻑ-ﺳﻮﯞﯨﺖﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ)، "ﺧﯘﭘﯩﻴﺎﻧﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﺶ"(ﺟﻮﻳﯩﺲ ﻛﺎﺭﻭﻝ) ، "ﻛﯧﭽﯩﻜﯩﭗﺋﯧﭽﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﺗﯩﺮﮔﯜﻝ"(ﺗﯩﺌﻮﺩﻭﺭ ﺳﯩﺘﺮﻭﻡ-ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ).......ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖﮬﯧﻜﺎﻳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ، "ﻳﻮﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﺍﻝ "(ﻣﺎﺭﮔﺎﺭﯦﺖ ﻣﯧﭽﯩﻞ-ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ) ، "ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ"(ﺗﯘﺭﮔﯧﻨﯩﻒ-ﺭﻭﺳﯩﻴﻪ) ، "ﭘﻮﻟﻜﻮﯞﻧﯧﻜﻘﺎ ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﺧﻪﺕ ﻳﺎﺯﻣﺎﻳﺪﯗ"(ﮔﺎﺭﯨﺴﻴﻪﻣﺎﺭﻛوﺲ-ﻛﻮﻟﯘﻣﺒﯩﻴﻪ) ، "ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻣﻪﺧﭙﯩﻴﻪﺕ"(ﺳﯩﺘﯧﻔﺎﻥ ﺯﯨﯟﯦﮓ-ﺋﺎﯞﺳﺘﯩﺮﺍﻟﯩﻴﻪ).........ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖﭘﻮﯞﯦﺴﺘﻼﺭﻧﻰ ،
"ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﻠﯩﻜﻰ"(ﺧﻮﺩﺍ-ﺟﻮﯕﮕﯘ) ، "ﺋﯚﻟﯜﻡ ﻛﯚﻟﻪﯕﮕﯩﺴﻰ"(ﻣﯧﭽﯩﻞ ﺯﻭﮬﺎ-ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ…(ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖﺭﻭﻣﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
4.ﻧﺎﺗﯩﻘﻠﯩﻖ.
5.ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻖ :ﺑﻪﺵ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﺗﯩﻠﻰ ﺩﻩﺭﺱ ﺋﯚﺗﯜﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ 7000 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﯩﮕﻪﻥ .  
6. ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﺗﯩﻠﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ : (4ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻖ "ﺳﻪﺭﺧﯘﺵ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﺗﯩﻠﻰ"ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻜﻰ ﯞﻩ "ﺟﺎﻧﻐﺎﺋﻪﺳﻘﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﻪﺭﺧﯘﺵ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﺗﯩﻠﻰ ﮔﯩﺮﺍﻣﻤﺎﺗﯩﻜﯩﺴﻰ"ﻧﻰﺗﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ)
ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ شىنجاڭ مەدەنىيتى ژۇرنىلدا ئىلان قىلىنىۋاتقان ئەسەرلىرى ھەر بىر ئەقلى ئويغاق ئۇيغۇرلارنىڭ ئوقۇپ چىقىشىغا ئەرزىىدۇ مەن تۆۋەندە بىر قىسىم يازمىلىلىرىنى ھەم شېئىرلىرىنى كەڭ تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى تەپەككۇر قىلىشى ئۈچۈن يوللىدىم
ئۇنىڭ  شىنجاڭ مەدەنىيتى ژۇرنىلنىڭ  2011 - يىللىق  3 - سانىدا ئىلان قىلىنغان  شائىر ، كىملىك  ۋە جەمئىيەت  دىگەن يازمىسىدا مۇنداق تەپەككۇرلار بار ....................................................  ھېكمەت چۈشەنچىمىز ھەققىدە يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ ئويلىنىپ بىقىشىمىز زۆرۈرۈ . ئاددى قىلىپ ئىيىتقاندا ، ھېكمەت دېگەنلىك - چوڭقۇر مەنىگە ۋە ھەقىقەت تۈسىگە ئىگە ، بىز ئۈگەنگۈدەك ئىش ياكى بايان دىگەنلىكتۇر . ئەمما ، ھېكمەت يالغۇز تەۋەررۇك دەستۇرلاردا ، ‹‹ تەپەككۇر گۈلشەنى ›› ، ‹‹ قابۇسنامە ›› قاتارلىق كىتاپلاردا ۋە باشقا پەلسەپىيۋى ئەسەرلەردە بولۇپلا قالماستىن ، ئادەمدەك ياشىغان ، ئەقىدىسنى ساتمىغان ، مۇرەسسەگە كەلمىگەن ئادەملەرنىڭ ھاياتى ۋە ۋۇجۇدىمۇ بولىدۇ ............... بىر دوستۇم تېخى بىر ئاي ئىلگىركى رامزان ئېيىدا بىر مەشھۇر ئۇيغۇر شائىرنىڭ ئادەمنى ئارقىغا ئۆرۈۋەتكۈدەك بىر گېپىنى ئاڭلاپ قالىدۇ . يەنى ھېلىقى شائىر : ‹‹ ئاخشام بەك قاتتىق ئىچىپتىكەنمىز ، باش قاپاق ›› دېگۈدەك . ئامىۋى سورۇندا شۇ گەپنى دەۋەتقان ئۇ شائىر دوستۇمنىڭ نەزىردىن چۈشۈپتۇ . سەۋەبى ، بۇ تىخى رامزاننىڭ 10- كۈنىكەن . بىز ئەمدى سۇئال قويايلى : بۇ كىشى قايسى مىللەتنىڭ شائىرى ؟؟؟ !!!! ئۇيغۇرنىڭمۇ ؟ ئۇ شۇ چاغقىچە ئۆزىنىڭ ھېساب بېرىدىغىننى ، رامزاننىڭ مۇقەددەسلىكىنى ، تونۇشقا تىگىشلىك بەك ئاددى ھەقىقەتنى تونۇمىغىنىنى نېمىشقا ھېس قىلمايدۇ  ۋە ئۇنى ئاممىۋى سورۇندا دىيىشتىن ئۇيالمايدۇ ؟  لەنەتلەر بولسۇن بۇنداق شائىر يازغۇچىلارغا !!! بىز شۇنداق خىتاب قىلىپ ، ئادىل تۇنيازغا يۈزلەنگىنىمىزدە ، چىرايىدىن نۇر يىغىپ تۇرغان ئادىل تۇنياز : ‹‹  سالام  ئۇيغۇر شائىرىم ، ئەگىرى يولنى جىق مىڭىپ كەتتىڭ ، تىنىڭ نەپسىڭ ئۈچۈن بەك مۇلازىمەت قىلىپ كەتتى . كەل ، كەل بىز بارىدىغان مەنزىل ماۋۇ يەردە ›› دەپ بىزنى ساقلاپ تۇرغان بولىدۇ .
مۇنداق بىر كۆرۈنۈشمۇ بار . نەچچە كۈن ئىلگىرى مەلۇم بىر تور مۇنبىردە مەن شېئىرلىرىنى ياخشى كۆرىدىغان بىر شائىر  يەنە بىر دوستى ‹‹ ھاراق ئىچەيلى ›› دەپ خىتاب قىلسا ، ‹‹ يۈرۈڭلار چىلاشقۇدەك بىر ئىچەيلى  ›› دەپ ھېلىقى دوستىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشتى . رەسىمگە قارىسام ، يىڭى ئۇسلۇبتا شېئىر يازىدىغان بىر ياخشى شائىرنىڭ رەسىمى ماڭا قاراپ تۇرۇپتۇ . ئاممىۋى سورۇندا نۇمۇس قىلمىغان بۇ شائىر مېنىڭ نەزىرىمدىن شالاققىدە چۈشۈپ كەتتى . شۇ چاغدا مەن ئادىل تۇنيازنى ئەسلەپ قالدىم .......................... ئۇنىڭدىن باشقا بىر چىن شائىردا بولۇشقا تېگىشلىك قەلىب - چوڭقۇرلۇقى مەسىلىسىنى يەنە مۇنداق بىر مىسال بىلەنمۇ چۈشىنىش مۇمكىن . تېخى يىقىندىلا ھونولۇلۇدىكى بىر قىتىملىق جۈمە نامىزىدا بىر شائىر دوستۇم قىلىنىۋاتقان قىرائەتنىڭ مۇڭلىقىدىن ھۆركىرەپ يىغلاپ تاشلىدى . قەلىبلەر ئېرىدى ، ئوپچا يىغا سادالىرى كۆپەيدى . سىزچە كۈن بويى رەڭلىك سورۇندا كۈن ئۆتكۈزىدىغان ، شەيتان بوينىغا مەنگەن بىر شائىر بۇ كۆرۈنۈشنى چۈشۈنەلەمدۇ . ؟ چۈنكى ئۇ شائىردا ئاشۇ يىغىنى بۇنداق دەقىقىلەردە قەلىبنىڭ نىمىشقا بۇنداق ئېرىيدىغانلىقىنى چۈشىنىدىغان يۇمشاق قەلىب يوق ، ئۇنىڭ باغرى قاتقان . بۇنداق كۆرۈنۈشنى ئازابى ساختا شائىر ھېس قىلالمايدۇ . ............................................ بۇ بىر نەرسىنى چۈشەندۈرىدۇ . نېمىنى ؟ ئادىل تۇنيازدەك بىر شائىر بولۇش ئۈچۈن سىزدە تىراگىدىيە ئىڭى ۋە ھەقىقى شائىرغا خاس قەلىب بولۇش كىرەك .  مەسىلەن ، ئادىل تۇنيازنىڭ ‹‹ تۇرسۇن قۇربان ›› دېگەن شېئىرنى چۈشىنىش ئۈچۈن سىز تۇرسۇن قۇرباننىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ، نېمىشقا ئاپتۇرنىڭ دىققىتىنى بۇنچىۋالا تارىتقانلىقىنى بىلىشىڭىز كىرەك . ئادىل تۇنيازنىڭ ‹‹ قاغىلىقتىكى نۆل كىلومىتېر ›› ‹‹ ئوسمىچى قىز ›› ، ‹‹ ئۇيغۇر بىنا چاققۇچى ›› قاتارلىق بىر قاتار مۇرەككەپ تارىخي ئىقىندىكى مىللى كەچۈرمىشلىرىنى تۇنجى بولۇپ قەلەمگە ئالغان شېئىرلىرى بايقى گىپىمىزنىڭ راسلىقىنى ئىپادىلەيدۇ . ئەگەر سىز نۆل كىلومېتىرغا مەسىتچىلىكتە ......... ئىستىكىڭىزنى قاندۇرۇش ئۈچۈن كىرگەن شائىر بولسىڭىز ، بىر بىنا چاققۇچىنى سىزگە توپا توزىتىۋەتكىنى ئۈچۈن تىللاۋاتقان شائىر بولسىڭىز ، سەنشىخاڭزىدا بىر ئوسمىچى قىزنى پۇتلىۋىتىپ ئەپۇ سوراش تۇرماق ، زەپىران چىرايىغىمۇ قارىماي كىتىۋاتقان شائىر بولسىڭىز ، بۇ نۇقتىنى ھەرگىز چۈشەنمەيسىز .........
ئۇنىڭدىن باشقا تۆۋەندىكى شېئىر  ئادەمنى ئەقلى ئويغاق ئىنساننى ئويغا سالماي تۇرالمايدۇ
   (  زۇلپىقار بارات ئۆز باش  ھازىر ئامېرىكا ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ دوكتۇر ئاسپىرانتى ) l

ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻤﯩﺰ ﺗﻮﻧﯘﺩﻯ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩﺰ ﻣﻪﻏﺮﯗﺭ .

ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻯ:ﺯﯗﻟﭙﯩﻘﺎﺭ ﺑﺎﺭﺍﺕ ﺋﯚﺯ ﺑﺎﺵ

ﮬﻪﻳﺮﺍﻧﻠﯩﻖﺋﯩﻠﻜﯩﺪﻩ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ ﻗﺎﺭﺷﯩﭗ،  
ﯞﯗﺟﯘﺩﻗﺎ ﺗﺎﺭﯨﺪﻯ ﻳﯧﻨﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺗﯩﺘﯩﺮﻩﻙ .  
ﻧﯩﮕﺎﮬﻼﺭ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﺘﻰ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺗﺎﺳﺎﺩﺩﯨﺐ،
ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﻰ ﻛﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ، ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﻰ ﻳﯜﺭﻩﻙ. >

ﻧﯧﻤﺎﻧﭽﻪ ﺗﻮﻧﯘﺵﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﺪﯨﯔ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ،  
ﭼﯧﮭﺮﯨﯖﺪﻩ ﮔﯘﯞﺍﮬ ﺑﻮﭖ ﻳﺎﻧﺪﻯ ﺗﯧﯖﯩﺮﻗﺎﺵ.  
ﺗﻮﻣﯘﺭﻏﺎ ﺗﺎﺭﯨﺪﻯ ﺋﺴﺴﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﻘﯩﻢ.
ﻣﯧﮭﺮﻟﯩﻚ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﯓ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﻳﺎﺵ.

ﺗﻮﯞﺍ ﺩﻩﭖﺋﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ ﻳﯜﺗﺘﯜﺭﯛﭖ،
ﺳﻪﻧﻤﯘ ﮬﻪﻡ ﺟﯩﻤﯩﺪﯨﯔ ﻛﯚﯕﻠﯜﯓ ﺗﯘﻳﻐﺎﻧﺪﻩﻙ،
ﺋﯧﺦ،ﻟﻪﯞﻟﻪﺭ ﺑﯩﺰﯗﯞﺍﻥ ،ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ ﺑﯩﺰ ﺗﯘﺭﯗﭖ،
ﻣﯩﺪﺭﯨﻤﺎﻱ ﺑﯩﺮ ﭘﻪﺳﻜﻪ ﻣﯩﺨﻼﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪﻩﻙ .  

ﺷﯘ ﺩﻩﻗﯩﻖﺑﯘﺭﯗﻟﺪﯗﯓ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺑﯩﺘﯘﻳﯘﻕ،  
ﻣﻪﻏﺮﯗﺭﻟﯘﻕ ﺋﯩﻠﻜﯩﺪﻩ ﻛﻪﺗﺘﯩﯔ ﻳﯩﺮﺍﻗﻼﭖ
ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻝ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﯔ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﯗﺭ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ،
ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯗﺭ ﺳﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯧﺮﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯﺍﺏ. }

ﯞﻩ ﻟﯧﻜﯩﻦﻗﺎﭼﺘﯩﯖﺴﻪﻥ ﻣﯧﻨﻰ ﭘﻪﭘﯩﻠﻪﭖ ،  
ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﺧﯩﻴﺎﻟﻐﺎ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ ﺑﯚﻟﯩﻨﯩﭗ.
ﻳﯜﺭﻩﻛﻨﻰ ﻗﯩﻴﻨﯩﺪﯗﻕ ﻣﻪﻏﺮﯗﺭﻟﯘﻗﻨﻰ ﺩﻩﭖ.
ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺴﻪﻥ ﺳﻪﻧﻤﯘ ﮬﻪﻡ ﻣﻪﻧﺪﻩﻙ ﭘﯘﭼﯘﻟﯩﻨﯩﭗ.  

ﺋﻮﻳﻠﯩﺴﺎﻡ،ﺗﯧﭙﯩﺸﯩﭗ،ﺑﻮﻟﯘﭖﻳﯧﺸﯩﻞ ﻧﯘﺭ،
ﭼﯜﺷﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﻪﺯﮔﻪﻧﻜﻪﻥ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﻪﺳﻠﻰ.  
ﻳﯜﺭﻩﻛﻠﻪﺭ ﺗﻮﻧﯘﺩﻯ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩﺰ ﻣﻪﻏﺮﯗﺭ ،
ﻗﯧﭽﯩﺸﺘﯘﻕ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﯞﯨﺴﺎﻟﻨﯩﯔ ﭘﻪﺳﻠﻰ.

ﺑﺎﺷﻘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﯕﻠﯜﯓﺳﯘ ﺋﯩﭽﻤﻪﻱ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ،
ﻧﻪﺩﻩ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﯓ ﻛﻪﻳﻨﯩﯖﮕﻪ ﻗﯩﻴﺎ.
ﺋﯩﺴﻤﯩﻤﺪﯗﺭ ﺯﯗﻟﭙﯩﻘﺎﺭ ، ﺋﯩﺰﻟﯩﺴﻪﯓ ﻣﯧﻨﻰ.  
ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﺪﺍ ﺋﯜﻧﻪﺭﻣﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻧﯘﺭ ، ﺯﯨﻴﺎ.

               پايدىلانغان ماتىرىياللار  : ئاقسۇ ئەدەبىياتى  
                                                 شىنجاڭ مەدەنىيتى ژۇرنىلى 2011- يىللىق 3 -سان
    قەلەمدە : ئىمىنجان ھىدايەت  پاسىبانى  
                 خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيە كىلياڭ يىزا يۇلغۇنجاي كەنتى
2011 - يىل 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى  
ئەگەر ئاپتۇر تەرجىمالىدا خاتالىق بولۇپ قالسا ئەپۇ سورايمەن  ھەم چ چ 1395898567  ئارقىلىق پىكىر تەكلىپ بىرىشنى سەمىمىيلىك بىلەن سورايمەن

ئىمىنجان ھىدايەت

ھەق گەپ ئاچچىق ب

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7770
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22558
تۆھپە نۇمۇرى: 2754
توردا: 7968 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-29 05:22:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاۋباۋدىكى ئادىرسى ئېچىلمىدى؟   بۇ كىتاپنى قەيەردىن سېتىۋالىمىز؟ كىتاپخانىلارغا تارقىتىلدىمۇ؟

ئويلانماقتىمەن..

تىرىشچان ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1221
يازما سانى: 527
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 23918
تۆھپە نۇمۇرى: 1464
توردا: 5979 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-29 06:04:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم،  بۇ  كىتابنى توپ ياكى پارچە سېتىۋالماقچى بولغانلار مەرىپەت تورىدىكى  كەۋسەر بىلەن ئالاقىلاشساڭلار بولىدۇ.  ئەگەر ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بۇ كىتابنى سېتىۋالسا كىتاب باھاسىدا ئىتىبار بېرىلىدىكەن.
كەۋسەرنىڭ تېلىفۇن نومۇرى: 13899984346

يىغلار يۈرۈگۈم ئ

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49057
يازما سانى: 866
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4444
تۆھپە نۇمۇرى: 1503
توردا: 1123 سائەت
تىزىم: 2011-7-25
ئاخىرقى: 2012-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-29 06:40:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  

ئىللەت تۈزەلمىگىچە، مىىللەت تۈزەلمەس.

هايات بر سر

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9744
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5682
تۆھپە نۇمۇرى: 268
توردا: 1344 سائەت
تىزىم: 2010-9-9
ئاخىرقى: 2012-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-29 07:10:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەنلىكىڭىزگە رەخمەت

دەقيانو بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-29 07:28:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش