مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1300|ئىنكاس: 8

ئىسلامى ئەخلاقلار    ئابدۇۋەلى ق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29549
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 14
مۇنبەر پۇلى : 50482
تۆھپە نۇمۇرى: 1109
توردا: 6226 سائەت
تىزىم: 2011-2-8
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-29 11:10:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     7-دەرس ئىسلامى ئەخلاقلار                                                         
بۈگۈنكى دەرسىمىزدە ااﷲ خالىسا قىسقىچە بولسا ھەم ئىسلامى ئەخلاقلار ھەققىدە ، بەزىبىر ئىزدىنىشلارنى قىلىمىز، رسول اﷲ سەللەللاھۇ  عليه وسلم ئۆزىنىڭ رىسالەت(ئەلچىلىك)تىن بولغان مەقسەتنى بايان قىلىپ ،مەن گۈزەل ئەخلاقلارنى ئۇمۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلدىم .) دېمەك ئىسلامدىكى قۇرۇلغان ئىبادەتلەر ،ھەممىسى گۈزەل ئەخلاقلارنىڭ ئۇمۇملىشىشى بىلەن ئەسلى رىسالەتتىن بولغان مەقسەت ھەم ، گۈزەل ئەخلاقلارنىڭ ئۇمۇملىشىشى ئۈچۈن ئىكەنلىكنى بايان قىلدى . گۈزەل ئەخلاق نېمە؟ گۈزەل ئەخلاق قانداق بولىشى كېرەك ؟ بىرەر كىشى ، ئۆزىنى ئەخلاقسىز دەپ ئاتىغان كىشى ، تارىختا ئاڭلانغان ئەمەس ، بىراۋ ئۆزىنى ھازىردا ھەم ئېيتمايدۇ ، بۇنىڭدىن كىيىن ھەم ئيتمىسا كېرەك.(واﷲ ئەئلەم)ھىچكىم ئۆزىنى ئەخلاقسىز دەپ ئاتىمايدۇ .مەن يامان خۇلۇقلىق دېگەن كىشى ، تارىختا ھەم ئۆتكەن ئەمەس ، ھازىردا ھەم يوق ، بۇنىڭدىن كىيىن قىيامەتكىچە بولمىسا كېرەك . شۇنىڭ ئۈچۈن دېمەك يەر يۈزىدىكى ھەممە ئادەم ئەخلاقلىق ئادەم بولۇپ چىقىدۇ . ئەگەر ئادەملەر ئۆلچىمىگە قويۇپ قويىدىغان بولساق ، بىرەر ئەدەبسىز ، ئەخلاقسىز ئادەم يوق . ھەتتا ھاياتى بۇيى ھاياتى داۋامىدا ئوغۇرلۇق بىلەن . تىرىكلىك ئۆتكۈزىۋاتقان ئادەم ، ئۆزىگە پەلسەپە قۇرىۋالغان .ھەممە ئادەم شىرىن ئۇيقىدا ئارام ئېلىۋاتقان ۋاقتىدا ، مەن ئەجىر قىلىپ قورقۇنچ بىلەن تېپىۋاتقان پۇل- ماللار نېمە ئۈچۈن ئەخلاقسىزلىق بولىدۇ ، دەيدۇ .نېمە ئۈچۈن مېنىڭ تاپقان پولۇم ھارام بولىدىكەن دەيدۇ .

ئۆزى پاھىشە بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار ھەم ، بىراۋنى پايدىلاندۇرۋاتقانلىقىنى ، جەسىدىنىڭ راھىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى ئېيتىش بىلەن ، بۇ ھەم مەن ئەڭ ئەخلاقلىق ئادەم مەن دەپ دەۋا قىلىشى مومكىن ، ئۆزىنى بازاردا ، كوچىلاردا جامالىنى ، نومۇسىنى سېتىپ ، ئۆزىنىڭ پاھىشۋازلىقى بىلەن يۈرگەن ئايال ھەم مەن جەمىئەتكە زىننەت بولۇپ تۇرۇپتىمەن ، نېمىگە ئەخلاقسىز بولىمەن دەپ دەۋا قىلىشى مومكىن ، مەن ئادەملەرنى پايدىلاندۇرۋاتىمەن دەپ دەۋاقىلىشى مومكىن ، ۋەھالەنكى ھاياتتا ئەڭ شەرمەندىلىك بولغان ئەخلاق مانا بۇ ئەخلاقتۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن بىزدە بىر ئاساسىي ئۆلچەم بولىشى كېرەك ، بۇ ئۆلچەم ئۆزگەرمەس بولىشى كېرەك . بۇ ئۆلچەم دەۋرلەر ئۆتىشى بىلەن ئۆزگەرمەس بولۇپ قېلىشى كېرەك . زاماننىڭ ھاياتنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ھازىرقى جاھىلىي ئادەملەرنىڭ ، تەلەپپۇزى بىلەن ئېيتقاندا ، تەرەققىيات راۋاجلانغانسىرى ، دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشىدۇ ،  بۇنداق نەرسىلەر بىلەن ئۆزگەرمەس بولغان بىر ئۆلچەم بولىشى كېرەك . ئەگەر بۇ ئۆلچەم بولمىسا ، بىر دەۋردە ئەخلاقلىق بولغان ئادەملەر . دەۋرلەر ئۆتىشى بىلەن ئەخلاقسىز ئادەملەرگە ئايلىنىشى مومكىن . تارىختا ئۆزلىرىچە ئادەملەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلىگەن ئادەملەر ، كىيىنكى دەۋردە بۇلار بىر كېرەكسىز زىيان سالغۇچى ئادەملەر دەپ ئۆلچەپ قۇيىلىشى مومكىن ،

نېمە ئۈچۈن ؟ ئۆلچەم ئۆزگىرىش نەتىجىسىدە ، دېمەك بۇ يولغا نە مال ، نە ھەركەت ، نە كۈچ سەرىپ قىلىنىشىقا ھاجەت يوق بولۇپ قالىدۇ . قېنى كىشىلەرگە بىر سوئال قىلايلىكى ، بۇ ئۆزگەرمەس ئۆلچەم كىمدە بار . تارىخ بىزگە گۇۋاھكى ھازىرقى ھايات ھەم گۇۋاھكى ، ئېلىپ مېڭىۋاتقان يوللارنىڭ ھەممىسى ئۆزگىرىۋاتىدۇ . ئادەملەرنىڭ بىردەۋردە بولغان پاكىزلىقى ، كىيىنكى دەۋردىكى ئادەملەرنىڭ ئۆلچىمىدە قالاقلىق بولۇپ ئۆلچەندى . دېمەك ئۆزگەرمەس ئۆلچەم ، ھېچقايسى ئادەملەرنىڭ ئالدىدا يوق ، لېكىن ئەھلى ئىسلام مۇسۇلمانلارنىڭ ئالدىدىلا بۇ ئۆزگەرمەس ئۆلچەم بار. بۇ ئۆلچەم ئىسلام ئۆلچىمىدۇر . بۇ ئۆلچەم اﷲ تەرەپتىن كەلگەن ئۆلچەمدۇر ،بۇ ئۆلچەم ئىنسانىيەتنىڭ بىرىنجى ئاتىسى ۋۇجۇدقا كەلگەن ۋاقىتتا بېرىلگەن ئۆلچەمدۇر ، ۋە بۇ ئۆلچەم قىيامەتكىچە ئۆزگەرمەس بولۇپ قالغۇچى ئۆلچەمدۇر . بۇ ئۆلچەم مۇكەممەللىشىپ بارغان ئۆلچەمدۇر. يەنى ئىنسانىيەت گوياكى ئىلگىركى پەيغەمبەرلەر تارىخىدا گۆدەكلىك باسقۇچىنى بېسىپ ئۆتكەن . بۇ گۆدەكلىك باسقۇچى كامالەت يېشىغا يەتكۈچە اﷲ سبحانه وتعالا ئۇلارنى تەربىيە قىلدى . كامالەت يېشىغا يەتتى . بۇ دەۋر رسول اﷲ سەللەللاھۇ  عليه وسلم  نىڭ دەۋرى بولدى . بۇ كىشى بىلەن رىسالەتكە(ئەلچىلىك) كە مۆھۈر بېسىلدى . رىسالەت توختىدى . رسول اﷲ سەللەللاھۇ  عليه وسلم ئۆزلىرىدىن ئىلگىرى كەلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەخلاقنى راۋاجلاندۇرۇپ كېتىۋاتقان بۇرادەرلىرىنىڭ   ئەخلاقنى مۇكەممەللەشتۈگۈچى زات بولۇپ قالدى.

مانابۇ سۆزلەرنىڭ مەناسى ھەم . مەن ئەخلاقلارنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن دېمىدى.« بعثت لأتمم مكارم الأخلاق»( مەن گۈزەل ئەخلاقلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلدىم.)دېدى . دۇنيادىكى قايسىبىر ئىنسانىيەتتە بولغان ئەخلاق بۇ رىسالەت مېۋىسىدىن يىيىش نەتىجىسىدە شۇ ئەخلاق ۋۇجۇدقا كەلگەن . مەيلى بۇنى تەن ئالسۇن ، مەيلى تەن ئالمىسۇن . ئىنساپلىق تائىپىلەر تەن ئېلىشماقتا . شۇ يەردە بىز باشقا جامائەلەرنى قويىمىزدە ئۇلار بىلەن ئىزدەنمەيمىزدە . مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بولغان ئۇمۇمى ئىسلامى ئاساسى ئەخلاقلار ھەققىدە بىز ئىزدىنىمىز ، بۇ ئىزدىنىش جامى دېگەن سۆزۈمدىن بىلىنسۇنكى ھەممە تەرەپتىن ، ئۆزئىچىگە ئالغۇچى ئەخلاقلار ، بۇ موسۇلمان كىشى بىلىشى زۆرۈر بولغان ۋە ھازىرقى جەمئىتىمىزدىكى موسۇلمانلىقنى دەۋا قىلغان كىشىلەر ، كەمتۈك قېلىپ قالغان تارماق شۇ بولسا كېرەك ،(واﷲ ئەئلەم)ھەممىمىز يادقا بىلىدىغان سۈرە (ئەستەئىزۇباﷲ) « ئەسىر »  مۇسۇلمان كىشىنىڭ تۆت ئەخلاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى

.اﷲ سبحانه وتعالا ئەسىر ۋاقىتقا (ھەرخىل مەنالار بار ، شۇ بىرسىنى تاللايمىز ،)قەسەم ئىچىپ ، ۋاقت قەدىر-قىممەتلىك نەرسە بولغانلىقى ئۈچۈن . ئىنساننىڭ قەتئىي زىياندا ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ ، تۆت كىشىنى تۆت ئەخلاق ئېگىسىنى مۇستەسنا(سىرتىدا)قىلدى . بىرىنجى ئىمان كەلتۈرگەن كىشىلەر ، ياخشى ئىش قىلغۇچىلار ۋە بىر بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلغان كىشىلەر ۋە سەبىرنى ۋەسىيەت قىلغان كىشىلەر ،مانا مۇشۇ تۆت سۈپەتنى ئېگەللىمىگەن ، كىشىلەرنىڭ ھەربىرى زىيان ئىچىدە ئىكەنلىكىدە شەك يوق دېدى . ئەگەر شۇ سۈپەتلەر ئېگەللەنمىگەن بولسا ، بۇئادەم زىياندىن باشقا نەرسىدە ئەمەس . ئەۋۋەلقى ئىككى خۇلق ئىمان ۋە ياخشى ئەمەل ، ئىسلامنى دەۋا قىلغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە تېپىلىشى مومكىن ، ئەمما ھەقنى ۋەسىيەت قىلىش ، ھەق يولىدىكى كۆرەشتىكى سەبىرنى ۋەسىيەت قىلىش ، بۇ ھەممە مۇسۇلمانلاردا تېپىلىدىغان سۈپەت ئەمەس ، بىز شۇ يەردە ئەۋۋەلقى سۆزىمىزدە ئۇمۇمى ھەممە نەرسىنى ئۆزئىچىگە ئالغۇچى خۇلقلار دېگەن سۆزىمىزدە توختۇلۇپ ئۆتىمىز ، ئەۋۋەلقى زامانى سائادەتتىكى مۇسۇلمانلارغا بىر نەزەر تاشلايلى . ئەۋۋەلقىم مۇسۇلمان كىشى ئىسلام شەرىئەتىگە ئالىم بولغان ، يەنى ساھابىلار ئىسلامنى مۇكەممەل بىلگەن ،ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە زاھىد بولغان ، (يەنى دۇنيانى قەلبىگە جايلىمىغان)دۇنيا قوللىرىدا بولغان ، ئالىم بولۇش بىلەن بىرگە ، عابد(يەنى ئىبادەت قىلغۇچى)سۈپەتكە ئېگە بولغان ،قايسى بىر ئىبادەتنىڭ تارمىقىنى ئالسىڭىز ، شۇنىڭدا كامىل بولغان ،

ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئالىم بولۇپ ، دۇنيانى قەلبىگە ئۇرۇنلاشتۇرماي ، قولىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىبادەتتە ، تەھەججۇت ئوقۇغۇچى ، ئىبادەتلەرنى مۇكەممەل بىجىرگۈچى بولۇش بىلەن بىرگە ، جەڭ مەيدانىدا جەڭچى بولغان ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە دەۋەت مەيدانىدا كۈچلۈك داھى بولغان ، ھەرقانداق كەمبەغەل ئادەمنىڭ كەمبەغەللىكىگە رەھمى كېلىپ ، ھەقنى ئېيتماي قويمىغان ، دۆلەتمەن ئادەمنىڭ دۆلىتىنى رىئايە قىلىپ ، ھەقنى ئيتماي قويمىغان ، زالىمنىڭ زۇلمىنى رىئايە قىلىپ ، ھەقنى ئېيتماي قويمىغان . ھەربىر ئورۇندا ھەققە دەۋەت قىلغۇچى بولغان . جۈرئەتلىك بولغان ، ۋە ئۇچۇق-يۇرۇق بولغان ، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بايان قىلالىغان ، ۋە ھېكمەتلىك ھەم بولغان . ۋە يەنە شۇنداق تىللىق ، ناتىق بولغان ، يەنى خەقنىڭ ئالدىدا كىم ناتىق بولسا نۇتۇقنى توختىتىپ قويىدۇ . ئەگەر ھەرقانداق ناتىق ئادەم ئۆزى جىنايەتچى ئەيىبكار ئادەم بولسا، نۇتىقىنى يوقىتىپ قويىدۇ ، ۋە ھەمدە  پىكىردە سىياسى بولغان ، ھەركىم ئۇنى ئالداپ كېتىدىغان كىشى بولمىغان ، ۋە ھەربىرىنى بىر ئىدارە ئورۇنغا قويسا ئىدارە قىلالىغان ، ۋە زىرەك بولغان ناھايەتتە پاراسەتلىك بولغان ، يەنى بىراۋغا ئالدانمايدىغان بولغان ،بىر مۇسۇلمان كىشىنى كەچ ۋاقتى كۆرسىڭىز تەھەججۇدتا سەجدە قىلىپ يىغلاۋاتقان بولسا ، بۇ ئادەم بۇنداق ئىبادەت بىلەن كۈندىزى دەم ئالىدۇ دىسىڭىز ، كۈندىزى جەڭ مەيدانىدا مۇجاھىد بولغان ، شۇ ئادەمنىڭ ئۆزى شەرىئەت ئىلمىنى سورىسىڭىز ، ئالىم بولغان ،شۇ ئادەم يەنە بىراۋغا مۇھتاج بولىدىغان تەمەخور بولمىغان ، ئۆزىنىڭ دۆلىتى قولىدا بولغان، ياكى كەمبەغەل بولسا مەنىۋى جەھەتتىن ناھايىتى باي بولغان ، مەنىۋىي تەرەپتىن قاششاق بولمىغان، ئەگەر بۇنى ھەربىر ساھەدە تەكشۈرۈپ كۆرسىڭىز ئىسلامى ئەخلاق ئېگىسى بولغان ، مانا بۇ زامانىي سائادەتتىكى موسۇلمان كىشىنىڭ ، كىيىنكى دەۋردە پەيدا بولغان مۇسۇلمان كىشىدىن پەرقى شۇدۇر بۇرادەرلەر .


كىيىنكى ۋاقىتتىكى موسۇلمانلارنىڭ پەرقى قەيەردە ؟ئۇلار شەرىئەت ئالىمى بولسا ، مۇتەخەسىسلىك مەيدانىدا ھىچنەرسىدە يوق ، ئەگەر بىرەر زالىمغا خىتاب قىلىشقا توغرا كەلسە ، ئەڭ ئارقىدا تۇرغۇچى كىشى بولغان. بىرەر –بىر كىشىدە جۈرئەت شۇنداق ھەيبەت بولىدىغان بولسا ، شەرىئەت ئىلمىدىن مۇتلەق بىخەۋەر  بەزى كىشىلەرگە ئىسلام يولىدا ، اﷲ نىڭ يولىدا مېلىڭىزنى سەرىپ قىلىڭ دېسىڭىز ، ناھايىتى كۆپ مىقداردا سەرىپ قىلالايدۇ ، لېكىن پەرزەنتىڭىزنى تەربىيە قىلىڭ دېگەن ۋاقىتتا ، پەرزەنتنى تەربىيە قىلىشتا ھىچنىمە قىلمايدۇ . بەزى كىشى كېچىسى تۇرۇپ تەھەججۇد ئوقۇيدۇ . نامازنى يىغلاپ ئوقۇيدۇ ، ئەمما ھالال كەسىپ قىلىش مەيدانىدا ، ھېچنىمە قىلمايدۇ ، ئەگەر شەرىئەت جىددىي ھالەتتە بولىدىغان بولسا ، ئۇ شەرىئەتكە خىلاپلىق قىلغۇچى كىشىنىڭ بىرىنجىسى بولۇپ قالىدۇ . ئەمما كېچىسى تۇرۇپ يىغلاپ ئىبادەت قىلىش ، بەش ۋاقت نامازنى جايىدا ئوقۇش ، جامائەت بىلەن بىللە ئوقۇشتا ھەممىسى جايىدا ، لېكىن پەرزەنتلىرىنى تەربىيە قىلىشتا ھىچنىمە قىلمايدۇ ، بەزىبىر كىشى قۇرئان كەرىمنى يادقا بىلىدۇ ، قۇرئان كەرىمنى توغرا ئۇقىيالايدۇ ، ھەرىپلىرىنى جايىدىن چىقىرىپ ئوقۇيدۇ . ئەمما ئىسلامىي ئەخلاقلاردىن بىرەر-بىر جۈرئەت مەيدانىغا سالسىڭىز ، ئۇنىڭدىن قورقۇنچاق ئادەم يوق ، بەزىبىر كىشىلەر زاكاتنى شۇنداق بېرىدۇكى ، بىرىنجى كۈنىدە ئادا قىلالايدۇ ، لېكىن ئۆزىگە قارىسىڭىز ئۆيىدىكىلىرىگە قارىسىڭىز ، ئىسلامدىن باشقا ھەممە نەرسە بار. بەزىبىر كىشىلەر نەپلە روزا تۇتۇش مەيدانىدا ناھايىتى مۇستەھكەم ، لېكىن ئىلىم تەلەپ قىلىڭ دىسىڭىز ،مۇتلەق ئىلىمدىن بىخەۋەر ، شەرىئەتنى ، قۇرئاننى ئوقۇشنى ھىچقانداق خالىمايدۇ ، ئۇمۇمى قىلىپ ئېيتقاندا مۇسۇلمانلار ئاڭ نوقتىنەزەرىدە ھەممىدىن ئارقىدا قالغان ، مۇتەخەسىس (تەكشۈرۈش) ساھەلىرىدە مۇتلەق ھىچكىم قالمايدۇ .


مانا بۇ كىيىنكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزگىرىش ھالىتى مانا بۇيەرگە كېلىپ قالغان ، شۇ يەردە بىر ھىكايىنى ئېيتىشتىن ئىلگىرى شۇنەرسىنى ئېيتىپ ئۆتىشىمىز كېرەككەن ، مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىدىكى مۇنازىرلەرگە قارىسىڭىز ، ياخشىلىق تەرەپ بىلەن كۆرمەكچى بولسىڭىز ، ئابايقى ئېيتىپ ئۆتكەن زاكات بېرىدىغان كىشىنى ، زاكاتنى ناھايىتى ۋاقتىدا بېرىدىغان ئۇلۇغ كىشى دەپ ماختىشىڭىز مومكىن ، ئەمما يامانلىماقچى بولسىڭىز ،ئىسلامدا پەرزەنتلىرىنى تەربىيلەشتە ھېچنىمە قىلمايدۇ ، ھەممە پەرزەنتى ناماز ئوقىمايدۇ ، ئىبادەتتە يوق ، لېكىن زاكاتنى بىرىنجى كۈندە بىرىشلىكدىن گەپ قىلسىڭىز تىزلا قۇشىلىدۇ ، پەرزەنتلىرىنى مۇكەممەل تەربىيەلەۋاتقان كىشىگە قارىسىڭىز ئۆزى قۇرئاننى تەجۋىد بىلەن ئۇقىيالمايدۇ ، ياكى شەرىئەت ئىلمىنى ئۆگىنىشكە ئۆزى ھەركەت قىلمايدۇ . پەرزەنتىنى ئوقۇتۇشقا دائىم تەييار ، مالىنى ھەرقانداق جايغا سەرىپ قىلىڭ دەپ ئۆگەتسىڭىز ، ماقۇل دەپ سەرىپ قىلغان كىشىگە ، ئىسلامنىڭ باشقا مەيدانلىرىدا تۇرۇپ قارىسىڭىز ، ھىچنىمىدە يوق . ئوتتۇرىدىكى مۇنازىرلەر مانا بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىۋاتىدۇكى ، مۇبادا بىر كىشى ئىسلامغا خىزمەت قىلۋاتقان بىركىشىدىن يامانلىماقچى بولسا ، بۇ كىمتى قۇرئاننى دۇرۇس ئوقىيالمايدۇ دەيدۇ ، گېپى توغرا ، ھەقىقەتتە قۇرئاننى دۇرۇس ئوقىيالمايدۇ . قۇرئاننى دۇرۇس ئوقىۋاتقان كىشىنى مالامەت قىلىۋاتقان كىشى ، بۇ كىمتى ئۆزى قۇرئاننى دۇرۇس ئوقىغان بىلەن   پەرزەنتلىرى ھەممىسى دىندا يوق دەيدۇ ،بىركىشى پەرزەنتلىرىنى ھەم تەربىيە قىلغان بولسا، ئۆزى ئىلىمدىن بىخەۋەر ، ياكى زاكات بېرىشكە بىپەرۋا، ياكى ئىبادەتلەرگە  بىپەرۋا، مانا بۇ تەرەپ بىلەن مالامەت قىلىمىز ،مىسالى شۇنىڭغا ئوخشايدۇكى ،بىر ھىكايە بار ،

  بەزىبىر ئەما كىشىلەر ھىندىستان مەملىكىتىگە بېرىپ ، ھىنداستان مەملىكىتىدە پىل دەيدىغان نەرسىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغانىدۇق ، شۇ پىلنىڭ ئالدىغا بېرىپ تۇتۇپ كۆرسەك (ئۇلار كۆرەلمەيدۇ)بۇلار پىلنىڭ ئالدىغا بارغاندىن كىيىن پىلنىڭ پۇتىنى تۇتۇپ ، بۇ پىل يوغان بىرنەرسىكەن دېگەنلىكى ، ئىككىنجىسى قۇلىقىنى تۇتۇپ ، ياپىلاق يۇمشاق نەرسىنى ھېس قىلىپ پىل دېگەن شۇنداق نەرسىكەندە ،ئۈچىنجىسىنى پىلنىڭ ئۈستىگە مىندۈرۈپ كۆرۈلگەندىن كىيىن ،ئۇ پىل كەڭرى بىرجايكەندە بۇلار يۇرتلىرىغا كەلگەندىن كىيىن ،بۇلار ھىندىستانغا بېرىپ كەلگەندىن كىيىن ، بۇلار پىل دەيدىغان نەرسىنى تۇتتۇق ، پىل قانداق بولىدىكەن؟ دىسە پۇتىنى تۇتقان ئادەم پىل يوغان بىر نەرسىكەن دىسە ، يالغان ئېيتىۋاتىسەن ، پىل دېگەن ياپىلاق يۇمشاق نەرسە بولىدۇ ، دىسە ئۈچىنجىسى يالغان ئېيتىۋاتىسەن پىل دىگەن نەرسە كەڭ مەيدان بولىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئولتۇرسا بولىدىغان دەپ مۇنازىرە قىلغانغا ئوخشايدۇ ھازىرقى سوئاللار، ئىسلام نېمە؟ دىسە سىز ئۆزىڭىزدە پەقەت ئىسلامدا بەش ۋاقت ناماز ئوقۇيسىز ، پەرزەنت تەربىيەسى بىلەن كارىڭىز يوق ، ئىسلام نېمە ؟ دىسە سىز ئىسلامدىن بەش ۋاقت نامازدىن گەپ قىلسىز ، پەقەت شۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئوقىشى ھەققىدە بولغان ساۋابلار ۋەدىلەرنى ئاڭلايسىز خالاس ،

پەرزەنت تەربىيەسى ھەققىدە بىر نەرسىنى ئاڭلىمىسىڭىز ، پەرزەنتنى تەربىيە قىلىۋاتقان ئادەم ئۆزىنى تۈزىتىش ھەققىدە بىرنەرسە ئاڭلىمىسا پەرزەنت تەربىيەسى ھەققىدىكى ئەجىرنى ئاڭلىسا ، دىن نېمە ؟ دىسە پەرزەنتنى تەربىيە قىلىش دىسە ، بەزىبىر كىشىلەر زاكاتنى ۋاقتىدا بېرىش ، بۇ مىڭ ئەمەل قىلغىنى بىلەن بىكار ، زاكات ئىسلامدىكى پەرز ، ئىسلامدىكى پەرزنى قىلمايدۇ ،ئىسلام زاكات دەيدۇ ، ئەنە شۇنىڭغا ئوخشىغان بىز ئۆزىمىزدىكى كەلتۈرگەن نەرسىنى تەكشۈرۈپ كۆرسەك ، ھەممىمىزدە ئىسلامى ئەخلاقنىڭ بىردىن ئايىقى ، قۇلىقى، تۆپىسى بار بولغانغا ئوخشايدۇ ، بىز پەقەت ياكى پىلنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان ئادەممىز ياكى پىلنىڭ پۇتىنى تۇتقان ئادەممىز ، ياكى پىلنىڭ قۇلىقنى تۇتقان ئادەممىزدە ، پىلنىڭ باشقا جايىنى بىلمەيمىز .پىل توغرىسىدا شۇ ئادەملەرنىڭ ئېيتقىنى توغرا ھەمدە خاتا ، توغرىلىقى ئېيتقان قىسمىدا توغرا ، لېكىن خاتالىقى مۇكەممەل ئەمەسلىكىدە خاتا ، بىزنىڭ بەزىبىر ئىسلامىي ئەخلاقلىرىمىز ھەم شۇنداق بولۇپ قالغان ، ۋە شۇ ھەقتە ئاڭلاشنى خالايمىز . ئۇنىڭ ئۆزىمىگە قارشى بولغان ، ئۆزىمىزدە يوق بولغان نەرسىنى ئاڭلاشنى خالىمايمىز ، مانا شۇنىڭ بىلەن بىز ئىسلامنى يوقىتىپ قويدۇق بۇرادەرلەر، ۋە دۈشمەنلەر ھەم بىزگە باشقا نەرسىنى چۈشەندۈرىشى ئاسان بولدى . مەسىلەن :دۈشمەن ئۆزىنىڭ مەخسىدىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىسلامدىكى نەرسىدىن پايدىلىنىدۇ . مۇبادا سىزنى ئىشلەتمەكچى بولسا ، بىراۋغا خىزمەت قىلىشنىڭ ساۋابى كۆپ شۇنداقمۇ دەيدۇ . بىراۋغا خىزمەت قىلىشنىڭ ساۋابى كۆپ بولسا سىز ماڭا خىزمەت قىلىڭ دەڭ . دۈشمەنگە ئېيتىڭ .سىز بىلەن بىر دۈشمەن ئۇرىشىۋاتقان بولسا ، يېڭىلىپ قالغان ۋاقتىدا ئىسلامدا كەچۈرۈشنىڭ ساۋابى كۆپقۇ دىسە بۇنى سىزگە قويدۇم مېنى سىزكەچۈرۈڭ مەن كەچۈرمەيمەن دەڭ .

ئىسلام ھەلىم(مۇلايىم )لىقنى ياخشى دېگەن .لېكىن سىز بىلەن بىر ئادەم ئۇرۇشۇپ يېڭىلىپ قالغاندىن كىيىن ھەلىملىقنىڭ ياخشىلىقىنى سىزگە ئېيتسا ، ھەلىملىقنى مەن سىزگە قويدۇم دەڭ . مۇسۇلمان كىشى ئاڭلىق بولۇپ زىرەك بولىشى شۇكى .دۈشمەنگە ئالدانماسلىقى ، دۈشمەن ئىسلامدىكى بار نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىنىڭ پايدىسىغا ئىشلەتمەكچى بولىدۇ . موسۇلمان كىشى ئەگەر ئەخلاقى جامى بولسا ھەممە تەرەپتىن كامىل بولسا، ئۇ دۈشمەننىڭ ھىيلىسىگە ئالدانمايدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ ھازىرقى ۋاقىتتىكى مۇسۇلمانلار ، ئىسلامىي جامى ئەخلاقنىڭ ئېگىسى ئەمەس . لېكىن ئىسلام ئەخلاقلىرى يوق دېمەكچى ئەمەسمەن. ئىسلامى ئەخلاق بار ، ياكى ئايىغى بار ، ياكى قولىقى بار ، ياكى ئۈستى بار . باشقا تەرىپىنى كۆرمەيدۇ . ياكى كۆرمەسكە سالىدۇ. ياكى كۆرۈشنى خالىمايدۇ . مانا بۇ نەرسە نەتىجىسىدە ، مۇسۇلمان شەخسىيەت بارلىققا  كەلمىگەن رسول اﷲ صلى اﷲ عليه وسلم نىڭ دەۋرىدە ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشنى بىلگەن مۇسۇلمانلار بولۇش بىلەن بىرگە دىندىن باشقا بولسا ، ئاتا-ئانىدىن ۋاز كىچىشنى ھەم بىلگەن. شۇ ئادەم پەرزەنتىگە ياخشىلىق قىلىشنى بىلگەن ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە پەرزەنتى دىندا بولمىسا ، پەرزەنتى بىلەن ئۆزىنىڭ ئوتتۇرسىدا ئالاقىنى ئۈزگەن .

دىندا ھەرقانچە مال-دۆلەتنى دىننىڭ راۋاجى ئۈچۈن بەرگەن . ئەمما بىرتەڭگىنى دىنغا زىيان بولىدىغان بولسا بەرمىگەن ، ھەتتا زالىم پادىشاھلار. ناماز ئوقۇيدىغان روزا تۇتىدىغان لېكىن زالىم پادىشاھ ،شۇ پادىشاھ بىر ئالىمدىن بىر نەرسە يېزىش ئۈچۈن قەلىمىنى سورىغان ۋاقىتتا ، قەلىمى يوق دىسەم يالغان گەپ قىلغان بولىمەن . قەلىمىم بار بولۇپ ساڭا بەرسەم بىرەر-بىر زۇلۇمنى يازساڭ ، ساڭا شېرىك بولۇشتا اﷲتىن قورقىمەن . دەيدىغان مۇسۇلمان ھەم بولغان ، ۋە ھەم شۇ مۇسۇلمان جېنىنى ۋە مېلىنى دىن يولىدا بېرەلىگەن ،ئەمما قەلىمىدە زۇلۇمنى يېزىپ قويۇشتىن اﷲنبىڭ ھوزۇرىدا قورققان . بىز مانا بۇتەرەپتىن نوقسانلىقمىز . بىز قۇرئانغا ھەربىر ھەرىپنى ئوقىسا قانچە ساۋاب بولىشىنى بىلىمىز . ئەمما قۇرئاننىڭ بۇيرۇغىنى مۇتلەق قىلمايمىز .  رسول اﷲ سەللەللاھۇ  عليه وسلم گە مۇھەببەت قىلىمىز ، اﷲ نى ياخشى كۆرىمىز تىلىمىز بىلەن ، لېكىن اﷲ نى ياخشى كۆرگەنلەر رسول اﷲ قا ئەگەشسۇن ، دېگەن بۇيرۇققا ئىتائەت قىلمايمىز . مانا بۇ ئەخلاق بىزدە تېپىلمايدۇ بۇرادەرلەر ، بىزنىڭ كەمتۈك بولغان تەرىپىمىز شۇيەردە ، ھازىرقى ۋاقىتتا بىرەر مەسجىد قۇرۇلىشىدا ، پىداكار بولۇپ خىزمەت قىلىشىمىز مومكىن. لېكىن مەسجىدنى ئاۋات قىلىدىغان كىشىلەرنى تەربىيە قىلىش ھەققىدە بىپەرۋا بولىشىمىز مۇمكىن .

توغرا، بىركىشىنىڭ ئىمكانىيتىدە ھەممە ئىشنى قىلىش مومكىن بولماي قالىدۇ . لېكىن ئاساسى ئىسلامى ئەخلاقلارنى قىلىش تاقەتتىن تاشقىرى نەرسە ئەمەس بۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن مانابۇ ساھەدە . بىز ئويلاپ قويىشىمىز كېرەك . بەزى كىشىلەرنى نامازنى ئوقۇشىدۇ ، روزىنى ھەم تۇتىشىدۇ . ھەممە ئىسلامدىكى ئەمەللەرنى قىلىدۇ . اﷲ ئۈچۈن اﷲنىڭ دوستىنى ياخشى كۆرۈش ، اﷲ ئۈچۈن اﷲنىڭ دۈشمىنىنى يامان كۆرۈش سۈپىتى يوق .قەلبىدىن دىندار ئەھلى تەۋھىدنى يامان كۆرۈپ ،بۇنىڭ بىلەن كېلىشەلمەيدىيۇ ، لېكىن دىننىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى بىلەن كېلىشىپ كېتىۋېرىدۇ . مانا بۇ ساھەلەردە بىزتەكشۈرۈپ قارىساق بىز ئۇمۇمى ئىسلامى ئەخلاقلارنى ئۆزىمىزدە گەۋدىلەندۈرالىغان ئەمەسمىز . مانا بۇنەرسە بىزنىڭ ئىسلامدىكى نوقسانىمىزنىڭ ئەڭ كاتتىسى شۇدۇر .اﷲ سبحانه وتعالا رسول اﷲ سەللەللاھۇ  عليه وسلم گە شۇنداق زاتلارنى بەردىكى ، ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇردىكى ، ئەگەر شۇيولدىن قايتىپ كەتسە ، اﷲ باشقا بىر تۆت سۈپەتكە ئېگە بولغان كىشىلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىشىنى (ئەستەئىزۇباﷲ)ئى مۇئمىنلەر! سىلەردىن كىمكى مۇرتەد بۇلىدىكەن اﷲ (ئۇنىڭ ئورنىغا) اﷲ ئۇلارنى دوست تۇتىدىغان ئۇلارمۇ اﷲ نى دوست تۇتىدىغان مۇئمىنلەرگە كۆيۈنىدىغان كافىرلارغا شەپقەتسىز اﷲنىڭ يولىدا جىھاد قىلىدىغان ۋە مالامەت قىلغۇچىنىڭ مالامىتىدىن قورقمايدىغان بىر قەۋمنى كەلتۈرىدۇ.)

بۇ (يەنى يۇقىرىدىكى سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىش) اﷲ نىڭ پەزىلدۇركى اﷲ ئۇنى (بەندىلىرىدىن) خالىغان كىشىگە بېرىدۇ (اﷲ نىڭ پەزىلى) كەڭدۇر اﷲ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر.) . بىرىنجى ئەڭ ئىسلامى ئەخلاق ئېگىسى بولغان جامائەت كىم ؟ اﷲ ياخشى كۆرگەن ،ۋە اﷲ نى ياخشى كۆرگەن جامائەتتۇر . مانا بۇ سۈپەت بولىشى كېرەك .بىز ھەممىمىز اﷲ نى ياخشى كۆرىمىز دەيمىز. لېكىن اﷲ نى ياخشى كۆرىمەن دېگەن كىشىنىڭ دەۋاسى نېمە بولىشى كېرەك . بۇ دەۋاسىنى ئىسپاتلىشى ، (ئەستەئىزۇبىللاھ)‹ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى «ئەگەر سىلەر اﷲ نى دوست تۇتساڭلار ماڭا ئەگىشىڭلاركى اﷲ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ (ئۆتكەنكى) گۇناھىڭلارنى مەغفىرەت قىلىدۇ اﷲ ناھايىتى مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر ناھايىتى مېھرىباندۇر). دېمەك اﷲ نىڭ بىزنى ياخشى كۆرىشى ئۈچۈن ،رسول اﷲ سەللەللاھۇ  عليه وسلم  گە ئەگىشىشىمىز كېرەك . شۇندىلا اﷲ بىزنى ياخشى كۆرىشىدە شەك-شۈبھە قالمايدۇ .

چۈنكى اﷲ :يحببكم اﷲ (اﷲ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ) دېدى . ئۆزى ياخشى كۆرگەن بەندىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرىدۇ . بىز بىر ئىشنى قىلىشتىن ئىلگىرى ، رسول اﷲ سەللەللاھۇ  عليه وسلم  نېمىگە بۇيرىغان دېگەن مەسىلە ھەققىدە باش قاتۇرىشىمىز كېرەك . ئۆزىمىزنى ھەممە ساھەدە ئوخشاتماقلىقىمىز كېرەك . ئىككىنجى سۈپەت:مۆمىنلەرگە مۇلايىم ، بەزى كىشىلەر ناھايىتى مۇلايىم ، لېكىن ھەممىگە بىرخىل مۇلايىم ، دىندارمۇ ، دىنسىزمۇ ھەممىگە بىرخىل مۇلايىم .ئۈچىنجىسى  اﷲ ياخشى كۆرگەن جامائەت كىم؟ مۆمىنلەرگە مۇلايىم، كافىرلارغا شەپقەتسىز بولغان ،كافىرلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى ئالى تۇتقۇچى، دىنسىز ئادەمنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى چوڭ تۇتقۇچى ،ئەمما مۆمىنلەرگە مۇلايىم بولغىچىدۇر . تۆتىنجىسى: اﷲ يولىدا مۇجاھىد، ھەممە ئىمكانىيىتىنى اﷲ نىڭ يولىدا سەرىپ قىلىدۇ . مانا بۇ اﷲ ياخشى كۆرىدىغان جامائەت نىسبەتلىرىدىندۇر .

ۋەيەنە بىر سۈپىتى بەشىنجى سۈپەت دەپ ئېيتساق مالامەتچىنىڭ مالامىتىدىن ھەق يولىدا ھىچقانداق قورقمايدۇ . ھەربىر ئىشتا مالامەتچىنىڭ مالامىتىدىن قورقمايدۇ . ئەۋۋەل اﷲ ۋە رسول بۇيرىغانلىقىنى ئېنىق بىلىۋالغاندىن كىيىن ،ئۇ مالامەتچىنىڭ مالامىتىدىن قورقمايدۇ . مانا بۇساھابە كىراملارنىڭ سۈپىتى بولغان ، اﷲ سبحانه وتعالا مانا شۇ سۈپەتنى يوقاتساڭلار ،دىندىن قايتقانلىقنىڭ بەلگىسى دېدى . ئەگەر شۇ سۈپەتلەردىن قايتساڭلار ، اﷲ سىلەرنىڭ ئورنىڭلىغا مانا بۇنداق پاكىز جامائەتنى كەلتۈرىدۇ دەپ  ، ساھابىلاردەك پاكىز زاتلارنى قورقۇتتى .بۇ اﷲ نىڭ پەزلى اﷲ خالىغانغا بېرىدۇ . بىزنىڭ ھازىرقى ۋاقىتتىكى ھەربىر كىشى ، ئۆزى بىر ھالىتىنى تەكشۈرۈپ كۆرسە ، شۇ سۈپەتلەرنى بىردىن-بىردىن ، ھەربىر كىشىدە تېپىشىمىز مومكىن ، ئەمما بۇسۈپەتلەرنىڭ كۆپىنى بىر كىشىدە تاپالمايمىز. مانا بۇنەرسە مۇسۇلمانلار نوقسانلىق بولۇپ قالغان سۈپەتتۇر بۇرادەرلەر .

شۇنىڭ ئۈچۈن رسول اﷲ صلى اﷲ عليه وسلم« گۈزەل ئەخلاقلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ئەۋەتلىدىم ،» دېدى . دەرسىمىزنىڭ باش قىسمىغا قايتىمىز ، رسول اﷲ صلى اﷲ عليه وسلم گۈزەل ئەخلاقلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن بولسا ، گۈزەل ئەخلاق نېمە ئىدى؟ رسول اﷲ صلى اﷲ عليه وسلم دە كۆپ شەكىللەنگەنىدى، ۋە ئۇ كىشىگە ئەگەشكەن كىشىلەردە شەكىللەنگەنىدى. پەيغەمبىرىمىز صلى اﷲ عليه وسلمنىڭ مانا ئىلىمدىكى سۈپەتلىرى ئەۋۋەل ۋە ئاخىرنىڭ ئىلمى ماڭا بېرىلدى دېدى .« أوتيت القرآن ومثله معه پ»(قۇرئان ۋە قۇرئانچە ئىلىم ماڭا بېرىلدى) .دېدى رسول اﷲ صلى اﷲ عليه وسلم ئالىم بولۇش بىلەن بىرگە ئابىد ئىدى ،(يەنى ئىبادەتتە بۇكىشىنىڭ ئوخشىشى يوق ئىدى ، بۇ كىشىنىڭ كېچە بىدارلىقى مانا ھەممىمىزگە مەلۇمكى كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرىدە ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇخلىماستىن تەھەججۇدتا بولغان ، تەھەججۇد پەيغەمبەرىمىز صلى اﷲ عليه وسلم گە نىسبەتەن كۆپچىلىك مۇپەسسىرلەرنىڭ پىكرىدە پەرز بولغان ، باشقىلارغا مۇستەھەب بولسا ، ئەمما رسول اﷲ سەللەللاھۇ  عليه وسلم  گە پەرز بولغان .(ئى مۇھەممەد!) كۈن قايرىلغان ۋاقىتتىن تارتىپ قاراڭغۇ چۈشكەن ۋاقىتقا قەدەر ناماز ئوقۇغىن. بامدات نامىزىنىمۇ ئوقۇغىن (كۈندۈزنىڭ ۋە  كېچىنىڭ پەرىشتىلىرى) چوقۇم بامدات نامىزىدا ھازىر بولىدۇ. ساڭا نەپلە (ئىبادەت) بولۇشى ئۈچۈن كېچىنىڭ بىر قىسىمىدا (نامازئوقۇشقا قۇرئان ئوقۇشقا)ئويغانغىن (ئى مۇھەممەد!)  پەرۋەردىگارىڭنىڭ سېنى مەدھىيلىندىغان ئورۇنغا (يەنى بۈيۈك شاپائەت مەقامىغا) تۇرغۇزۇشى مۇھەققەتتۇر .)]مانا مۇشۇ ئايەت ئۇكىشىگە تەھەججۇدنىڭ پەرىزلىكىگە دالالەت قىلىدۇ دىيىشىدۇ.

رسول اﷲ سەللەللاھۇ  عليه وسلم نىڭ ئابىدلىقى شۇ دەرىجىدىكى ، تەھەججۇدتا كۆپ قۇرئاننى تىلاۋەت قىلغانلىقىدىن ،سۈرە بەقەرە مىقدارىچە رۇكۇ سەجدە قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ ، رسول اﷲ سەللەللاھۇ  عليه وسلم  نىڭ يېنىغا كەچ ۋاقتى كەلدىم ،ئۇكىشى نامازدا تۇرۇپتۇ .گوياكى قازان قايناۋاتقاندەك ئاۋاز يىغابىلەن ئىچىدىن چىقىپ تۇرۇپتۇ دېدى . رسول اﷲ صلى اﷲ عليه وسلم نىڭ ئىبادەتلىرىدەك ئىبادەت قىلغان كىشىنىڭ ئىبادىتى بىرەر قېتىم رىۋايەت قىلىنمىغان . رسول اﷲ صلى اﷲ عليه وسلم نىڭ روزىسى ھەققىدە ، بۇكىشى ئۇلاپ روزا تۇتاتتى .يەنى ئۈچ تۆت كۈنگىچە سەھەرلىك يېمەستىن روزا تۇتاتتى . ساھابىلەر بۇكىشىگە ئەگەشمەكچى بولغىنىدا ،، ئۇلاپ روزا تۇتۇشتىن توستى . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلاپ روزا تۇتقان ئادەم كېچىلىك نامازدىن قالماستى . كەچقۇرۇندا ناماز ئوقۇپ كۈندۈزى روزا تۇتقان كىشى ، جىسمانىي تەرەپتىن شۇنداق قۇۋۋەتلىك ئىدىكى . ساھابىلەر خەندەكتە كولىشىۋاتقاندا بىر تاش چىقىپ كۆتىرەلمەي قالغاندا ، كۆتۈرۈپ ئېلىپ قويدى. رسول اﷲ صلى اﷲ عليه وسلم جىھاد مەيدانىدا بۇ كىشىدىن قورقماس ئادەم يوق ئىدى .

ئىش ئېغىرلىشپ كەتسە پەيغەمبىرىمىز  صلى اﷲ عليه وسلم نىڭ ئالدىغا كېلىۋالاتتۇق. ئەڭ جۈرئەتلىك ئۆمەر ئىبنى خەتتاب، خالىد ئىبنى ۋەلىد تەك كىشىلەرھەم ئىش ئېغىرلاشقاندا پەيغەمبىرىمىز صلى اﷲ عليه وسلم نىڭ ئالدىغا كېلىۋالاتتۇق دەيدۇ . ھەربىر ئۇرۇندا تەكشۈرۈپ كۆرۈلسە ، پەيغەمبىرىمىز صلى اﷲ عليه وسلم ئۇلاپ روزا تۇتقان ،كېچىلىك ئىبادەتتە بولغان كىشى يەر يۈزىنىڭ سىياسى ئەربابلىرىغا خەت يازغىنىدا خەتلىرىنىڭ تەسىرىدىن لەرزىگە كېلەتتى . ئۇكىشىنىڭ ئالدىدا ، ئۇكىشىنىڭ ھەيبەتىدە ، ھەرقانداق جۈرئەتلىك كىشى ، ئۆزىنى يوقىتىپ قوياتتى . پەيغەمبىرىمىز صلى اﷲ عليه وسلم نىڭ كېچىسى ئابىد ، كۈندۈزى زاھىت ، مۇجاھىد ،ھەممە ساھابىلەر پەيغەمبىرىمىز صلى اﷲ عليه وسلم گە شۇ ساھەدە ئەگەشكەنىدى .ئۆزلىرىنىڭ ئىمكانىيتى بېرىچە، ئەمما بىزچۇ؟ بىز دۇنيا تېپىشقا چۈشسەك پۈتۈن ئىلىمدىن بىخەۋەر بولۇپ تۇرۇپ دۇنيا تاپىمىز . مۇبادا ئىلىم ئوقۇيدىغان بولساق ، ھاياتتىن پۈتۈنلەي جۇدا بولۇپ قالىمىز . ھاياتتا نېمە بولىۋاتىدۇ ، ئادەملەر نېمە دەرت تارتىۋاتىدۇ بىلمەيمىز . ھاياتتىن ، ئادەملەرنىڭ دەردى بىلەن يۈرسەك ، قۇرئاننى ھەپتىلەپ قولىمىزغا ئالمايمىز . يىگانە اﷲ سبحانه وتعالا تەرىپىدىن ئىنسانىيەتنى مۇكەررەم قىلىپ چۈشۈرۈلگەن ،قۇرئاننى قولىمىزغا ئالماي ئۆتۈپ كېتىمىز . نەفلى ناماز ئوقۇيدىغان بولساق ، پۈتۈن كەمبەغەللەرنىڭ ھەققىنى ئەستىن چىقىرىمىز ، قايسىبىر ساھەدە بولساق ، مۇبادا بىر  ئىلىم ئوقۇشقا ياشلارنى قىزىقتۇرىدىغان بولسا پەرزەنتلەرنىڭ تەربىيەسىدىن ۋاز كېچىۋالىدۇ .

مانا بۇنەرسە بىزنىڭ كەمتۈكلىكىمىز ۋە ئىسلام ئۈممىتىنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرۋاتقان نەرسە مانا شۇدۇر بۇرادەرلەر . شۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلىپ بۇنەرسىنى بىز ئېگەللىشىمىز كېرەك . بىرىنجى بۇ ئەۋۋەلقى دەرسىمىز دە ئېيتقىنىمىزدەك اﷲ سبحانه وتعالا غا ئىمان سۈپىتىگە ئېگە بولىشىمىز كېرەك . ئىمان قەلبىمىزدە ناھايىتى كۈچلۈك بولىشى كېرەك . ۋە بىز ھەممە مەيداندا ھەركەت قىلالايدىغان بولىشىمىز كېرەك . رسول اﷲ سەللەللاھۇ  عليه وسلم  نىڭ جۈرئەتلىرى يېرىم كېچىدە قاتتىق بىر ئاۋاز چىققان ۋاقىتتا ، ساھابىلارنىڭ ئىچىدە قورقماسلىق بىلەن، ۋە تېز يۈگۈرۈش بىلەن ،مەشھۇر بولغان سەلەمەتۇبنۇل ئەكۋە : يېرىم كېچىدە بىر ئاۋازنى ئاڭلاپ يۈگۈرۈپ چىقسام ،( ئۇ كىشىنىڭ يۈگۈرىشى شۇ دەرىجىدە بولغانكى بەزى ۋاقتلاردا ئالدىرغان كىشىلەرگە ئېتىنى بېرىپ ، سېلەر بېرىپ تۇرۇڭلار ئارقاڭلاردىن يېتىپ بارىمەن . دەپ ئاتلاردىن بۇرۇن بېرىپ بولاتتى .)شۇنداق يۈگۈرۈش بىلەن پالۋانلىق بىلەن مەشھۇر بولغان) رسول اﷲ سەللەللاھۇ  عليه وسلم نىڭ خاتىرجەم ئارمىڭلىنى ئېلىڭلار ، تىنچلىق دەپ كېلىۋاتقانلىقنى كۆردۈم . شۇنداق جۈرئەتلىك ئىدى . قايسى ساھەنى تەكشۈرۈپ كۆرۈلسە ، ھايا مەنزىلىدە ،«يۈزى ئېچىلمىغان قىزدىن ھايالىق ئىدى »، دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ .

(لېكىن باشقىلارنىڭ پەلسەپىسىدە . ھايالىق كىشىدىن ھىچقانداق ياخشىلىق چىقىشى مومكىن ئەمەس دەپ چۈشەندۈرىدۇ .) كۆزگە تىكىلىپ قارايدىغان ئاياللاردىن ، ھاياسىز ئاياللاردىنلا مەدەنىيەت چىقىشى مومكىن دەپ چۈشەندۈرۈلىدۇ . ھايا ئۇ كىشىنىڭ جۈرئەت يولىدىن توسمىغان . جۈرئەت مۇلايىملىق يولىدىن توسىمىغان . مۇلايىملىق دۈشمەنلەردىن قىساس ئېلىشتىن توسىمىغان ، قىساس ئېلىش ئادالەت يولىنى توسىمىغان .بۇنداق كاتتا ھەرىكەت بۇكىشىنىڭ كەمبەغەللەرگە مېھرىبان بولۇشتىن توسىمىغان . شۇنچىلىك كۈندۈزدىكى ھەرىكەت ، كېچىدە بىدار بولۇشتىن توسىمىغان ،كېچىدىكى بىدار بولۇش ، كۈندۈزدىكى ھەرىكەتتىن توسىمىغان .بىزچۇ ناۋادا كەچقۇرۇندا بىدار بولۇپ قالساق ،كۈندۈزى ئۇيقىغا غەرق بولۇپ كېتىمىز . مانا بۇساھەدە بىز بۇرادەرلەر مۇۋەپپىقيەتسىز بولۇپ قالغان نەرسە شۇدۇر . دۈشمەن شۇنىڭ ئۈچۈن . ئادەملەرنىڭ مەقسەتلىرى ئارقىلىق يولغا كىرىشىدۇ-دە ،دىنى ئىسلامدىن باشقا تەرەپكە بۇرۇپ تاشلايدۇ. خۇددى ھازىرقى دەۋردە ، كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىقتىساد تەرەپكە باغلاپ تۇرۇپ، باشقا تەرەپتىن تارتىۋېلىۋاتقانغا ئوخشىغان .ئىقتىساد تەرەپتە ماھىر بولۇشۇڭلارنى مەن خالايمەن .لېكىن بۇنەرسە دىندىكى ھەركەت يولىنى توسماسلىق شەرتى بىلەن بولۇشى كېرەك .

بىزنىڭ ئۆتكەن ئەجدادلارنىڭ ھاياتىغا نەزەر تاشلانسا شۇنچە مىڭ-مىڭ كىتاب يازغان زاتلار خەلقلەرنىڭ غېمىدىن بىخەۋەر قالمىغان ، ئۇلارنىڭ مەكتەبلىرىدىكى كىتاب تۈزۈپ يېزىشى ، خەلق بىلەن بىرگە بولۇشتىن توسالمىغان . ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ كىتاب يېزىشى ،جۈرئەتنى ھەم توسالمىغان ،ۋە كەمبەغەللەرنىڭ غېمىدىن خەۋەر ئېلىشتىن توسالمىغان . ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھنىڭ ھاياتىغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق، بۇكىشىنىڭ كۆپ دەسمايىسى باركەن شۇنىڭ بىلەن تىجارەت قىلاركەن .بىر يىلدا ئىككى قېتىم ۋە شۇنىڭدىن تاپقان پايدىنى بىرىنجى بۆلىدىغىنى سۇفيان سەۋرى ، سۇفيانۇبنۇ ئۇيەينە ، ئىككى مۇھەددىس كاتتا ئالىملارغا بىريىللىق پايدىنى بۆلۈپ قالغىنىنى تالىبلارغا ،ئاجرىتىپ بىرقىسمىنى ئۆزىنىڭ قېرىنداشلىرىغا بېرىپ ، يەنەدەسمايىدە تىجارەت قىلىدىكەن .ئەبۇ ھەنىفەنى بىر ئادەم سودىگەر دەپ تۇنىمايدۇ . ئۇكىشىنى كاتتا ئالىم دەپ تۇنۇيدۇ . لېكىن ئۇكىشى سودا مەيداندا ،  مانا بۇنداق يوقىرى قىسمنى ئېگەللەپ تۇرۇپ كۆپ ياخشىلىق قىلالىغان . سودىغا كىرىپ كېتىش بىلەن بىرگە ، تەقۋادىن مەھرۇم بولۇپ قالمىغان . ئەبۇھەنىفەنىڭ ئۆزىنىڭ بىر خىزمەتچىسى بار ئىكەن .كىيىم سودىسى قىلغىنىدا ، ئىككى خىل توننىڭ سودىسىدا شۈبھە پەيدا بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن . شۇ سودىدا شۈبھە بولۇپ قالدى دەپ (ئەسلىدە ، مەسىلە شۇكى : بىر ئادەم سودا قىلسا سودىدا شۈبھە قىلسا شۇ سودىدىن بولغان پايدىنى باشقىلارغا ئيتماستىن بېرىۋېتىش كېرەك . ھارام مال بولۇپ قالسا . لېكىن دەسمايىگە قۇسۇر يەتمەيدۇ . بۇ كىشى دەسمايىسىنى قۇشۇپ بېرىۋاتقانىكەن .

شۇندا شۇ توننى ساتقان ئادەم ئېلىپ ئېيتقانكەنكى شۇ توننى ، مەن بۇندىن ئارتۇققا ساتالماستىم ، بىزتەرەپتە بۇندىن ئازغا ساتقان بولاتتىم ،مەن رازىمەن دېگىنىدە سەن مەن ئۈچۈن رازى بولساڭ . مەن شۇ مۆمىن بۇرادىرىم ئۈچۈن رازى ئەمەسمەن دېگەنىكەن .شۇنچە سودىنىڭ كاتتا مەيدانىىنى ئېگەللىگەن زاتنى بۇ سودا تەقۋالىقتىن توسالمىغان . ئەنە شۇندا ئەگەر كىشىدە ئىمان توپلىنىدۇ دىسە ، ئەنە شۇنداق مەيدانلارنىڭ ھەممىسىدە ھەركەت قىلالىشى مومكىن بۇرادەرلەر . بىر نەرسە بىر تەرەپكە كېتىپ قالمايدۇ . سودىدىكى يۇقىرىلىق تەقۋادىن توسالمايدۇ . تەقۋادىكى يوقىرلىق ئادەملەردىن تاما قىلىدىغان ھالەتكە ئېلىپ كەلمەيدۇ . بىز ئەگەر تەركى دۇنيا قىلىپ تەقۋا قىلىپ ئۆزىمىزنى تۈزىتىدىغان بولساق . كىشىلەرگە قاراڭغۇ ھالەتتە قالىمىز بۇرادەرلەر ، مانا بۇ ساھەلەردىكى نەرسىلەر ، بىزنى ئىسلام مىللىتىنى ئارقىغا چىكىندۈرگەن نەرسىدۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈنكى دەرسىمىزدىن ، كۆپچىلىككە چۈشىنىلگەن بولسا كېرەك . ئىسلامى جامى ئەخلاقلار  ئىسلام مىللىتىدە يوقالغاندۇر .ئىسلامى ئەخلاقتىن بەزىللىرى يوقالدى دېمەكچى ئەمەسمەن ،ئۇمۇمى ئەخلاق بىركىشىدە تېپىلماي قالغان .مانا شۇنداق كىشىلەر كېمىيىپ قالغان . بۈگۈنكى دەرسىمىز چۈشىنىشلىك بولغان بولسا كېرەك (واﷲ اعلم)ااﷲ سبحانه وتعالا شۇ دەرسىمىزدىن مەنپەئەتلىنىشنى ھەم ھەممىمىزگە نېسىب قىلسۇن . ئەۋۋەل ئۆزۈمگە مەنپەئەت قىلىشىنى سىزلەرگە ھەم مەنپەئەتلىنىشىنى ۋە باشقا ئىسلامى بۇرادەرلىرىمىزگە مەنپەئەتلىنىشنى ھەممىمىزگە نېسىپ قىلسۇن . ھەممىمىزگە شۇ دەرسنى داۋام ئېتىشكە ااﷲ سبحانه وتعالا نېسىب قىلسۇن ۋە شۇ دەرسكە ئەمەل قىلىشنى ھەممىمىزگە نېسىپ قىلسۇن .ۋە دىنى ئىسلامغا خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەردىن قىلسۇن . ئامىن.......   


تۇغۇڭنى تۇغۇلغان تۇپراققا قادا.

ئىمانسسىز ئۇيغۇ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50476
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5081
تۆھپە نۇمۇرى: 1367
توردا: 398 سائەت
تىزىم: 2011-8-4
ئاخىرقى: 2012-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-29 02:16:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ  سىزگە كۆپ ئەجىرلەر بەرسۇن قىرىندىشىم.

ئاللاھ ئۇلۇغدۇر !!! ساتقىن ئۇيغۇرغا لەنەت.مۇناپىق ئۇيغۇرغا  لەنەت ، خائىن ئۇيغۇرغا لەنەت .چىقىمچى ئۇيغۇرغا  لەنەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57904
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 52
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 126 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2011-9-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-29 02:36:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىنى تىما يوللاۋاتقان تۇرداشلاردىن ياردەم سورايمەن.
مىنى بىر دوستۇم بەك قىيىن ھالەتتە قۇيۇۋاتىدۇ، ئۇنىڭ دىيىشىچە، سۈرە نىسادىكى '' ئەرلىك ئاياللارنى ئېلىش سىلەرگە ھارام قىلىندى، لىكىن بۇنىڭدىن چۆرىلەر مۇستەسنا'' دىگەن ئايەتتە قۇللارنىڭ قۇل ئاياللىرىنى تارتىۋالسا بولىدۇ دىگەنلىك بولامدۇ؟ ، يەنە ''ئىككى ،ئۈچ، تۆت ئايال ئالساڭلار بولىدۇ، قالغىنىغا چۆرىلەر بىلەن قانائەت قىلىڭلار'' دىگەن ئايەتلەردە  چۆرىلەر يەنى ئايال قۇللارنىڭ جىسمانى ھوقۇقىلا ئەمەس نىكاھ ئەركىنلىكى ۋە نىكاھ ھوقۇقىغىمۇ كاپالەتلىك قىلىنمىغانمۇ؟ دىگەندەك سۇئاللارنى سوراپ تۇرىۋالدى، بۇنىڭغا مەن بىر نىمە دىيەلمىدىم ئۇ يەنە قۇللارنى ئۆلتۈرۈپ قويساڭلار قۇل ئىگىلىرىگە پۇل تۆلىسەڭلار بولىدۇ دىگەن ئايەتنىمۇ مىسال قىلىپ قۇللۇق تۈزۈم ھىمايە قىلىنىپ قۇلدارلار بىلەن مۇرەسسە قىلىنغانمۇ ، قۇللار ئادەم ئەمەسمۇ .... ھاۋاكازا دەپ بەك سوراپ كىتىۋاتىدۇ، مۇشۇنىڭغا جاۋاپ لازىم ئىدى...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45034
يازما سانى: 406
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1432
تۆھپە نۇمۇرى: 148
توردا: 3361 سائەت
تىزىم: 2011-6-20
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-29 03:09:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتور(menggutash) نىڭ تېمىسىغا

اللە رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم! اللە ئەجرىڭىزنى بەرسۇن.

روھىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ.(سۈرە شەمىس 9-ئايەت).

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2866
يازما سانى: 577
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8292
تۆھپە نۇمۇرى: 283
توردا: 12778 سائەت
تىزىم: 2010-6-23
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-29 04:54:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئىنكاسىم بىلەن ساقلىۋالاي،مەڭگۈتاش قېرىندىشىم يوقاپ كەتمەي ياخشى تېمىلىرىلىرىڭىزدىن بىزبى خەۋەرلەندۈرۈپ تۇرۇشىڭىزنى سورايمەن.

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 393
يازما سانى: 1489
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 94483
تۆھپە نۇمۇرى: 448
توردا: 1948 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-29 06:35:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللاھ رەھمەت قىلسۇن،ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن تېمىنى تولۇق ئوقۇشقا پۇرسەت بولمىدى.ئىنكاسىم ئارقىلىق ساقلىۋالاي...

ئاتاڭنـــڭ ئىززىتىنى قىل، ئاناڭنــــڭ خىزمىتىنى قىل.

ھەقىقەتەن ئاللا

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7688
يازما سانى: 860
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21179
تۆھپە نۇمۇرى: 745
توردا: 1313 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2012-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-29 07:33:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللە رەھمەت قىلسۇن بىزدىكى نۇقسانلارنى تۈزەشكەاللەتىن ياردەم تىلەيلى ئۆزىمىز ھەم ترىشايلى!
ھەقنى ئاشكارە قىلىشتىن قورقمايلى بىز تەقدىرگە ئىمان ئېيتقان كىشىلەرمىز.
قايتا بىر ئويغنغاندەك بولدۇم.
ماۋۇ مۇنبەردىكى(«دىن دىگەن قەلىبتە بولىدۇ،موللىلارھەممە ئىشنى دىنغا چېتىۋالىدىكەنسىلەر»......ۋاھاكازالار.)دەيدىغانلار قايتا قايتا كۆرۇپ قويۇڭلار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36458
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 66
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 830 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2012-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-29 08:38:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم .....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49804
يازما سانى: 392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11505
تۆھپە نۇمۇرى: 3688
توردا: 1937 سائەت
تىزىم: 2011-7-31
ئاخىرقى: 2011-11-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 12:52:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كېلىچىكى ئۇستىدە ئويلىنىدىغان ھەرقانداق مىللەت، كەلگۈسى ھاياتىدا بىلىم- تېخنىكىنىڭ نەقەدەر ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشى كېرەك. بۇ ئەسىر ھەقىقەتەن بىلىم مائارىپ، كەشپىياتلاردا ئىلگىرىكى ئەسىرلەرگە سېلىشتۇرغاندا تەسەۋۋۇردىن تاشقىرى ئىلگىرى سۈرۈلدى . بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە يۈكسەك مەدەنىيەت ئىگىسى بولغان ئىسلام ئۈممىتى توغرا ئەقىدە ۋە ساغلام ئىدىلوگىيە كۆز قارىشىغا ئىگە بولمىغان تەقدىردە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە ھەسسە قوشۇشتا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش