مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1524|ئىنكاس: 0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئومۇمىي  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تۇغرۇل _ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭ ﻗﯘﺵ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىشچان باشقۇرغۇچى ئەستايىدىل باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34
يازما سانى: 402
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18453
تۆھپە نۇمۇرى: 927
توردا: 2125 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-29 12:51:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى


ئورنى ۋە يەر كۆلىمى:
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىما ل چىگرىسىغا جايلاشقان ، ئومومىي يەر كۆلىمى 1 مىليۇن 600 مىڭ كۋادىرات كىلومېتىردىن ئۇشۇق بولۇپ ، جۇڭگو قۇرۇقلۇق كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن ئالتىدىن بىر قىسىمىنى ئىگىلەيدۇ ، ئۇ جۇڭگودىكى يەر كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايون . شىنجاڭ ئاسىيا-ياۋرۇپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ، قۇرۇقلۇق چىگرىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 5600 كىلومېتىر ، ئەتراپىدا موڭغۇلىيە ، رۇسىيە ، قازاقىسىتان ، قىرغىزىستان ، تاجىكىستان ، ئافغانىستان ، پاكىستان ، ھىندىستان قاتارلىق 8 دۆلەت بىلەن چىگىرىلىنىدۇ . بۇ يەر تارىختا قەدىمىي «يىپەك يولى» نىڭ مۇھىم يولى بولغان ، ھازىر ئاسىيا–ياۋرۇپا 2- چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرىكىنىڭ ئۈتەر يولىغا ئايلاندى ، ئىستىراتىگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم .

تەرەققىيات تارىخى :
شىنجاڭ قەدىمدە غەربىي يۇرت دەپ ئاتالغان ، ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى بولۇپ كەلگەن . مىلادىدىن بورۇنقى  60 –يىلى ، غەربىي خەن سۇلالىسى مەركىزىي ھۆكۈمىتى غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى قۇرغان ، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ رەسمىي جۇڭگو زىمىنىنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلانغان ، 1884-يىلى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا ئۆلكە تەسىس قىلغان . 1949-يىلى شىنجاڭ تىنىچ ئازاد بولۇپ ، 1955-يلىى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى قۇرۇلغان .

رايونلارغا ئايرىلىشى ۋە نوپۇسى :
شىنجاڭدا ھازىر ۋىلايەت دەرىجىلىك 2 شەھەر ، 7 ۋىلايەت ، 5 ئاپتونوم ئوبلاست ، ناھىيە دەرىجىلىك 20 شەھەر ، 62 ناھىيە ، 6 ئاپتونوم ناھىيە بار . شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش (ئارمىيىسى) بىڭتۈەنى شىنجاڭنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىمى بولۇپ ، دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق پوللىك مەيدانىدىن 174 ى بار . 2003-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 18 مىليۇن 890  مىڭ ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى تەخمىنەن %60 نى ئىگىلەيدۇ . شىنجاڭدا جەمئىي 47 مىللەت تەركىبى بار ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئەزەلدىن ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن مىللەت 13 .

يەر تۈزۈلۈشى :
شىنجاڭنىڭ يەر تۈزۈلۈش ئالاھىدىلىكى تاغ تىزمىلىرى بىلەن ئويمانلىق ئۆز ئارا گىرەلىشىپ كەتكەن ، ئويمانلىق ئېگىز تاغلار بىلەن ئورالغاچقا ، ئەزەلدىن «ئۈچ تاغ ئوتتۇرىسىدا ئىككى ئويمانلىق» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن . شىمالدا ئالتاي تېغى ، جەنۇبتا كوئىنلۇن- قارا قۇرۇم تېغى بار ، ئوتتۇرا قىسىمىدا توغرا كەتكەن تەڭرىتاغ تىزمىسى شىنجاڭنى جەنۇب – شىمالغا بۆلۈپ تۇرىدىغان بولۇپ ، جەنۇبىي قىسىمى تارىم ئويمانلىقى ، شىمالىي قىسىمى جۇڭغار ئويمانلىقى . ئادەتتە تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى جەنۇبىي شىنجاڭ ، شىمالى شىمالىي شىنجاڭ دەپ ئاتىلىدۇ . تارىم ئويمانلىقى تەڭرىتاغ بىلەن كوئىنلۇن – قارا قۇرۇم تېغىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغا جايلاشقان بولۇپ ، مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئويمانلىق ھېسابلىنىدۇ . تەكلىماكان قۇملۇقى تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغا قىسىمىغا جايلاشقان بولۇپ ، مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ، دۇنيادىكى 2- چوڭ قۇملۇق ھېسابلىنىدۇ . تارىم دەرياسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2100 كىلومېتىر بولۇپ ، مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى ھېسابلىنىدۇ . شىنجاڭنىڭ شەرقىي قىسىمىدىكى تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ ئەڭ تۆۋەن نوقتىسى دېڭىز يۈزىدىن 155 مېتىر تۆۋەن بولۇپ ، جۇڭگو قۇرۇقلۇقىدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ تۆۋەن جاي ھېسابلىنىدۇ .

ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى :
شىنجاڭ تىپىك مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق ئىقلىمغا تەۋە بولۇپ ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 190 مىللىمېتىر ، تاغ تىزمىلىرىدىكى ئېرىگەن قار – مۇز سۇلىرى نۇرغۇنلىغان دەريا ئېقىنلىرىنى ھاسىل قىلغان ، يىشىللىق كۆلىمى ئاپتونوم رايۇن ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ %5 ىنى تەشكىل قىلغان بولۇپ ، تىپىك يىشىلزار ئېكولوگىيىلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە . شىنجاڭ سۇ ، تۇپراق ، قۇياش ئېنىرگىيىسى بايلىقى جەھەتتە ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە ، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن ، يىغىندى تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى ، كىچە – كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ ، قىروسىز مەزگىلى ئۇزۇن ، قۇياشنىڭ يىللىق ئومۇمىي رادىئاتسىيە مىقدارى شىزاڭدىن قالسىلا 2- ئورۇندا بولۇپ ، زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىگە تولىمۇ پايدىلىق . شىنجاڭدا ھازىر 3 مىليۇن 300 مىڭ گېكتاردىن ئارتۇق تېرىلغۇ يەر بولۇپ . كىشى بېشىغا 0.18 گېكتاردىن توغرا كېلىدۇ . شىنجاڭ مەملىكىتىمىزدىكى بەش چوڭ چارۋىچىلىق رايونىنىڭ بىرى ، «ئۈچ تاغ ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى ئويمانلىق» ئەتراپىدا كەڭ كەتكەن سۈپەتلىك چارۋىچىلىق مەيدانلىرى بار بولۇپ ، مەملىكىتىمىز بۇيىچە 3- ئورۇندا تۇرىدۇ . يەر ئۈستى سۈيىنىڭ يىللىق ئومۇمىي سىغىم مىقدارى مەملىكەت بۇيىچە 12 – ئورۇندا تۇرىدۇ . تارتىپ چىقىرىشقا بولىدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 25 مىليارد 200 مىليۇن كۇب مېتىر ، مۇزلۇق زاپىسى مەملىكىتىمىز مۇزلۇق زاپىسىنىڭ %50 ىنى ئىگىلەيدۇ . لېكىن ، شىنجاڭ ياۋرۇپا – ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقانلىقى ، كىلىماتىنىڭ قۇرغاقلىقى ، سۇ مەنبەسى پەسىل ئامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغانلىقى ، زامان – ماكان تەقسىملىنىشىنىڭ تەكشىسىزلىكى ، يەر ئۈستى سۈيىنىڭ پارلىنىش مىقدارى كۆپ بولىدىغانلىقى سەۋەبىدىن ، بەزى جايلاردا سۇ بايلىقىنىڭ كەمچىللىكى ئىقتىسادنىڭ يەنىمۇ تەرەققى قىلىشىنى چەكلىمىگە ئۇچىراتتى .

قېزىلما بايلىقلىرى :
شىنجاڭنىڭ قېزىلما بايلىق تۈرى كۆپ ، زاپىسى مول بولۇپ ، ئېچىش ئىستىقبالى كەڭ . ھازىر بايقالغان قېزىلما بايلىقلىرى 138 خىل بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە 9 خىلىنىڭ زاپىسى مەملىكىتىمىز بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ . نېفىت ، تەبئىي گاز ، كۆمۈر ، ئالتۇن ، خروم ، مىس نېكىل ، كەم ئۇچرايدىغان مېتاللار ، تۇز تۈرىدىكى قېزىلما بايلىقلار ، قۇرۇلۇش مېتاللوئىدى قاتارلىقلارنىڭ زاپىسى مول . شىنجاڭنىڭ نېفىت زاپىسى مەملىكىتىمىز قۇرۇقلۇق نېفىت زاپىسىنىڭ %30 ىنى ئىگىلەيدۇ ؛ تەبئىي گاز زاپىسى مەملىكىتىمىز قۇرۇقلۇق تەبئىي گاز زاپىسىنىڭ %34 ىنى ئىگىلەيدۇ . شىنجاڭنىڭ نېفىت-گازلىرى قېدىرىپ ئېچىش جەھەتتە غايەت زور يۇشۇرۇن كۈچكە ئىگە بولۇپ ، كەلگۈسى ئىنتايىن پارلاق . شىنجاڭنىڭ مۆلچەر كۆمۈر زاپىسى مەملىكىتىمىز كۆمۈر زاپىسىنىڭ %40 ىنى ئىگىلەيدۇ . ئالتۇن ، ياقۇت ، قاشتېشى قاتارلىقلارنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ ، قەدىمدىن تارتىپ داڭلىق .

ساياھەت بايلىقى :
شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقى مول ھەم ئۆزگىچە . «جۇڭگو ساياھەت بايلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئۆلچىمى» گە ئاساسلانغاندا ، جۇڭگونىڭ ئاساسىي ساياھەت تۈرى جەمئىي 68 گە بۆلۈنگەن ، بۇنىڭ 56 سى شىنجاڭدا بولۇپ ، مەملىكىتىمىز بۇيىچە 1- ئورۇندا تۇرىدۇ . شىنجاڭنىڭ تەبئىي مەنزىرىلىرى سىرلىق ھەم ئۆزگىچە بولۇپ ، داڭلىق تەبئىي مەنزىرىلىرىدىن بۇغدا كۆلى ، قاناس كۆلى ، باغراش كۆلى ، سايرام كۆلى ، بايىنبۇلاق ئوتلىقى قاتارلىقلار بار . شىنجاڭنىڭ ئانتروپولوگىيىلىك ساياھەت بايلىقى مول بولۇپ ، قەدىمىي «يىپەك يولى» دۇنياغا مەشھۇر . شىنجاڭنىڭ 5000 كىلومېتىرغا سۇزۇلغان جەنۇب ، شىمال ، ئوتتۇرا غول لىنىيىلىرىدە قەدىمىي شەھەر ، قەدىمىي قەبرىستانلىق ، مىڭئۆي ، گوتۇنتىيەن خارابىسى قاتارلىق يۈزلىگەن ئانتروپولوگىيىلىك مەنزىرىلەر بار . بۇنىڭ ئىچىدە يارغول قەدىمىي شەھىرى ، ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى ، كىروران خارابىسى ، قىزىل مىڭئۆي ، ئاپپاق خۇجا مازىرى قاتارلىقلارنىڭ نامى مەملىكىتىمىز ئىچى – سىرتىغا كەڭ تارقالغان . شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت – سەنئىتى ۋە ئورپ – ئادىتى ھەر خىل بولۇپ ، قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئانتروپولوگىيىلىك ساياھەت مەنزىرىلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ ، جۇڭگو ۋە چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ ئىنتىلىدىغان جايىغا ئايلاندى . شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكتىن قىلىدىغان كىرىمى ئاپتونوم رايونىمىز ئومۇمىي ئىشلەپچىقرىش قىممىتىنىڭ %5 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ ، ساياھەتچىلىك شىنجاڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئىقتىسادىي ئېشىش نوقتىسىغا ئايلاندى .

بىئو بايلىقى :
شىنجاڭنىڭ بىئو بايلىقى تۈرى كۆپ ، سورتى ئۆزگىچە بولۇپ ، ئېچىش ۋە تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور . شىنجاڭدىكى ياۋايى ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرى 4000 دىن ئاشىدۇ . يەرلىك ۋە كىرگۈزۈلگەن زىرائەت تۈرى 10 مىڭدىن كۆپ بولۇپ ، كۆپىنچىسى ئەلا سورتلۇق ھېسابلىنىدۇ . شىنجاڭدىكى يەرلىك ئۆي قۇشلىرىمۇ ماسلىشىشچان ، كېسەلگە تاقابىلچان ، يىرىك يەم – خەشەككە چىداشچان بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە . شىنجاڭدا يەنە كۆپ خىل مىۋە دەرەخلىرىنىڭ دەسلەپكى مەنبە مەركەزلىرى ۋە ئىككىلەمچى مەركەزلىرى بار بولۇپ ، مىۋە دەرىخى بايلىقى مول ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەلا سورتلۇقلىرى 300 خىلدىن ئاشىدۇ . تەبئى دورا ئۆسۈملۈكلىرىدىن چاكاندا ، لوپنۇر كەندىرى ، چۈچۈكبۇيا ، سوغىگۈل ، تاغ لەيلىسى قاتارلىقلارنىڭ تارقىلىشى كەڭ ، سۈپىتى ياخشى .

يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادى :
شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنۋېرسال ئىشلەپچىقرىش كۈچى يىلدىن – يىلغا ئېشىپ ، ئېتىز – ئېرىق سۇغىرىش تۈرى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى . زامانىۋى يېزا ئىگىلىك قوراللىرىنىڭ ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا ئۇدا مول ھوسۇل ئېلىنماقتا . نۆۋەتتە ، پاختا ، ئاشلىق ، قىزىلچا ، مىۋە – چىۋە ۋە چارۋىچىلىق قاتارلىق ئەۋزەل كەسىپلەر بارىلىققا كەلدى . شىنجاڭنىڭ يەرلىك دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئۆزلۈكسىز راۋاجلاندى . پاختا ، قولماق ، پەمىدۇر ، زاراڭزا ، ئالقات ، قوغۇن ،  ئۈزۈم ، نەشپۈت ، ئانار قاتارلىق يەرلىك مەھسۇلاتلىرى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا داڭق چىقاردى . بۇنىڭ ئىچىدە قولماقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى مەملىكىتىمىزدىكى ئىشلەپچىقرىش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %70 ىنى ئىگىلەيدۇ . ئالقات ۋە زاراڭزىنىڭ ئىشلەپچىقرىش مىقدارى مەملىكىتىمىزدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %50 تىن ۋە %60 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ . شىنجاڭ مەملىكىتىمىز بويىچە ئەڭ چوڭ تاۋار پاختا ، قولماق ۋە پەمىدۇر قىيامى ئىشلەپچىقرىش بازىسىغا ، ئاساسلىق چارۋىچىلىق ۋە قىزىلچا شىكرى ئىشلەپچىقرىش بازىسىغا ئايلاندى .

سانائەت ئىقتىسادى :
شىنجاڭنىڭ سانائەت ئىقتىسادى تىز ئاشتى . تېخنىكا سەۋىيىسى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ ، يېزا ئىگىلىك قۇشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاشنى يىتەكچى كۈچ ، نېفىت ، تەبئىي گاز ۋە نېفىت _ خىمىيە سانائىتى ، پولات – تۆمۈر ، كۆمۈر ، ئېلىكتىر ئېنىرگىيىسى ، توقۇمچىلىق ، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ، خىمىيە سانائىتى ، دورىگەرلىك ، يىنىك سانائەت ، يىمەكلىك قاتارلىق بايلىق تۈرىدىكى سانائەتلەرنى ئاساس قىلغان . تۈرلىرى ئاساسەن تولۇق ، بەلگىلىك كۆلەمگە ئىگە زامانىۋى سانائەت سېستىمىسى شەكىللەندى . بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق ، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر تۈركۈم باشلامچى مەھسۇلات ۋە ئەۋزەل كەسىپلەر تەرەققى قىلدۇرۇلۇپ ، ئاساسلىق سانائەت مەھسۇلاتلىرى بولغان نېفىت ، پىششىقلانمىغان تاش كۆمۈر ، توك چىقرىش مىقدارى قاتارلىقلار زور كۆلەمدە ئاشتى . بۇنىڭ ئىچىدە نېفىتنىڭ ئىشلەپچىقرىش مىقدارى مەملىكىتمىز بويىچە 3- ئورۇندا تۇرىدۇ . چوڭ ، ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانىلار كۆلىمىمۇ بىر قەدەر تىز تەرەققى قىلىپ ، ئومۇمىي تىجارەت سەۋىيىسى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى .

ئۇل ئەسلىھەلىرى :
شىنجاڭنىڭ ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلىشىدا زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ ، مەبلەغ شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى . شىنجاڭدا تارىم يېزا ئىگىلىك سۇغىرىش ۋە مۇھىت ئاسراش بىرىنچى قەرەللىك قۇرۇلۇشى ، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى ، شۇنداقلا شىمالىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى ، لەنجۇ – شىنجاڭ تۆمۈر يولى قوش لىنىيىسى ، قۇملۇق تاشيولى ، تۇرپان – ئۈرۈمچى – داخۇڭشەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى ، ئۈرۈمچى – كۇيتۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ ئوپتىك كابىلى قاتارلىق زور بىر تۈركۈم نوقتىلىق ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرى قۇرۇلدى . نۆۋەتتە ، ئۈرۈمچىنى مەركەز ، تۆمۈر يول ۋە 7 دۆلەت يولىنى غول لىنىيە قىلغان ، شەرقتە گەنسۇ – چىڭخەيگە تۇتىشىدىغان ، غەربتە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنى كېسىپ ئۆتىدىغان ، جەنۇبتا شىزاڭغا تۇتىشىدىغان ھەمدە شىنجاڭ تەۋەسىدىكى 68 ئۆلكە يولى ۋە شەھەر ، ناھىيە ، يېزىلارنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرىدىغان قاتناش – ترانسپورت تورى شەكىللەندى . شىنجاڭدا ھازىر قاتناشقا كىرىشكەن ئايرودرومدىن 11 ى بار بولۇپ ، ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان ، مەملىكىتىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى 60 نەچچە چوڭ ، ئوتتۇرا شەھەر ۋە ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى 12 ۋىلايەت ، ئوبلاست ، شەھەرگە تۇتىشىدىغان ھاۋا ترانسپورت تورى شەكىللەندى .

ئېچىۋېتىش :
شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىش سەۋىيىسى ئۆلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ ، ھەممە تەرەپ ، كۆپ قاتلام ، كەڭ دائىرلىك ئېچىۋېتىش ئەندىزىسى شەكىللىنىپ ، جۇڭگونى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سەپكە ئايلاندى . نۆۋەتتە دۆلەت تەستىقلىغان ئېچىۋېتىلگەن شەھەر ، ناھىيىدىن 70 ى ، ئېچىۋېتىلگەن 1- دەرىجىلىك پورتتىن 16 سى ، دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايۇنىدىن ئىككىسى ، دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى ، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىن بىرى ۋە چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونىدىن ئۈچى بولۇپ ، دۇنيادىكى 119 دۆلەت ۋە رايون بىلەن ئىقتىسادىي سودا مۇناسىۋىتى ئورناتتى . تاشقى سودىسىدىكى ئاساسلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىن قازاقىستان ، ئامېرىكا ، رۇسىيە ، ياۋروپا ئىتتپاقى قاتارلار بار . 1992- يىلدىن باشلانغان ئۈرۈمچى تاشقى سودا يەرمەنكىسى 13 نۆۋەت مۇۋەپپىقىيەتلىك ئېچىلدى .

ئىجتىمائىي تەرەققىياتى :
ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پەن – تېخنىكا ، مائارىپ ، مەدەنىيەت ، سەھىيە ، تەنتەربىيە ، رادىئو قاتارلىق تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىشلىرى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى . مائارىپ ئىشلىرى پۇختا قەدەم بىلەن تەرەققى قىلدى . ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپىدا نەتىجە كۆرۈنەرلىك بولدى . تۈرلۈك مەكتەپلەردە ئوقۇغان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ %45 ىدىن ئاشتى . مەدەنىيەت ئىشلىرى گۈللەپ – راۋاجلىنىپ ، رادىئو – تېلىۋىزىيىنىڭ قاپلىنىش نىسبىتى %93 كە يەتتى . داۋالاش – ساقلىق ساقلاش كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ ، ناھىيە ، يېزا ، كەنىتتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك داۋالاش – ئالدىنى ئېلىش ساغلامىلق تۈرى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى .

مەنبەسى : شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىنىڭ خەرىتىلەر توپلىمىدىن

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
ئوت + 10 مۇشۇنىمۇ قۇلۇپلامتا؟توۋۋا
توخار + 28 سىز توغرۇل كىتابخانىسىنىڭ ئېگىسىمۇ؟

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 38   باھا خاتىرىسى

قۇياش يېيىشكە بولمايدىغان نان ، ۋەتەن بېرىشكە بولمايدىغان جان .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش