|
|
|
|
ئەسسالاممۇ-ئەلەيكۇم ! بىلىملەردىكى بۇرادەرلەر ، قانداق ئەھۋالىڭلار ؟ ئۇنداقتا مەن كۆپ سۆزلەپ گەپنى ئەگىتىپ يۈرمەي . قۇلىقىڭلار پاراڭلىرىمدا بولسۇن.
بىر بېكەت قۇرغۇچىغا نىسبەتەن جاپا تارتىپ ، كېچىنى كېچە دېمەي كومپىيوتېر ئالدىدا مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ تارتقان جاپاسىغا چۇشلۇق ئانچە مۇنچە كىرىم بولمىسا ئەلۋەتتە ياخشى ئەمەس. بىراق پۇل تاپىمەن دەپ يېرىم-يالىڭاچ خوتۇنلارنىڭ ئېلانلىرىنى قويۇۋېلىش ئۇيغۇر بېكەت باشلىقىغا نىسبەتەن ئېغىر ھاقارەت ھەم نومۇس دەپ قارايمەن. بىراق ئەڭ داڭلىق ئېلان شىركىتى گوگل ئېلانلىرى توختاپ كېتىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن بېكەت باشلىقلىرىنىڭ بېشىنى يەنە بىر قېتىم ئاغرىتماقتا.
بەيدۇ ئېلانلىرى بىزگە نىسبەتەن ئېلان بېرىشنى توختاتتى... 890 ئېلانلىرى دەرىجىسى تۆۋەن بېكەتلەرنى تەستىقلىمايدۇ. يەنە باشقا ئېلان بىرلەشمىسى تورلىرى نىسبەتەن يېڭى قۇرۇلغاچ ئېلان بېرىدىغانلار كۆپ ئەمەس. شۇڭا ئېلان كىرىمىمۇ دېگەندەك ياخشى ئەمەس.
بەزى ئېلان سۇپىللىرىدىن ئالغان ئېلانلىرىڭىزدا ئادەم قارىسا نومۇس قىلغۇدەك ئېلانلار تۇرۇپتۇ..
دېمەك مۇشۇ مەسلىنىڭ ھەممىسى باشنى ئاغرىتىپ كەلمەكتە....
ئۇنداقتا مەن ھازىر بېكەت باشلىقلىرىمىزغا نىسبەتەن ئاقىلانە تاللاش تور دېسكىسى ئارقىلىق پۇل تېپىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرماقچىمەن.
تور دېسكىسىدىن پۇل تېپىشنىڭ ئومۇمى پىرىنسىپى: ئادەتتىكى تور دېسكىلىرىغا ئوخشاش مۇقىم بوشلۇق تەمىنلىگەن(ئەلۋەتتە ھەقسىز) باشقىلار سىز يوللىغان ماتىرىياللارنى چۈشۈرسىلا كىرىم بولىدۇ.
قولايلىقلىق جەھەتتە:
تور دېسكىسى ئارقىلىق پۇل تېپىش چەتئەل بېكەتلىرىدە بىر قەدەر ئۇمۇملاشقان ئۇسۇل بۇلۇپ، كىرىم بىر قەدەر تۇراقلىق، يەنە كېلىپ ئېلان چېكىشىنى ساقلاپ ئولتۇرمايمىز، تور دېسكىمىزدىن باشقىلار ماتىرىيال چۈشۈرسىلا بىزگە كىرىم بولىدۇ. پۇلنى ۋاقتىدا بېرىدۇ. بەزى تور دېسكىلىرىدىن 支付宝 ئارقىلىق ئاغدۇرۇشقا بولىدۇ.
ماس كېلىش ئوبېيكىتى: تور بېكىتى بارلار ئۈچۈن(بولۇپمۇ كەسپى بېكەتلەر ۋە چۈشۈرۈش بېكەتلىرىگە ئالاھىدە تەۋسىيە) ئالاھىدە ماس كېلىدۇ، تور بېكىتى بولمىسىمۇ ماس كېلىۋېرىدۇ ئەلۋەتتە.
تور دېسكىسىنىڭ كەمچىلىكلىرى: بەزى تور دېسكىسى چۈشۈرۈش بېتىدە قالايمىقان ئېلانلار بار ،شۇڭا بۇنداق تور دېسكىلىرى تەۋسىيە قىلىنمايدۇ). بەزى تورلارنىڭ چۈشۈرۈش بېتىدە بىردەم ساقلىمىسا ماتىرىيالنى چۈشۈرگىلى بولمايدۇ. نۇرغۇن ئىشەنچىلىك تور دېسكىلىرى چەتئەلدە بولغاچ سۈرئەت تازا راۋان ئەمەس. قالغىنىنى ئىزدىنىش جەريانىدا بىلىۋېلىڭ.
ئارتۇقچىلىقى: كىرىم ياخشى، باشقىلارنىڭ چۈشۈرۈپ قويىشىنى ساقلاش كەتمەيدۇ، ماتىرىيال ئېسىل بولسا تەبئىيلا چۈشۈرۈش سانى ئاشىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: تور دېسكىسىدا قانۇنسىز، نەشىر ھوقۇقىغا چېتىلىدىغان مەزمۇنلارنى يوللاش بىردەك چەكلەنگەن. شۇڭا ئالاھىدە دىققەت قىلغايسىز. ئەگەر قانۇنسىز ماتىرىيال يوللاپ چاتاق چىقسا تور دېسكىسىنى تەۋسىيە قىلغۇچى پېقىر مەسئۇل بولالمايدۇ.( چاقچاق ئارىلاش ھە).
قالدىسى سىزگە ئامانەت، يول بىزدىن مېڭىش سىزدىن...
مەن بىلىدىغان بىر داڭلىق تور دېسكىلىرى تىزىملتىش ئادىرسى::بۇ يەرنى بىسىڭ
ئەگەر بۇنى سىناش جەريانىدا ھەر قانداق چۈشەنمىگەن نۇقتىلار بولسا 295261445.
|
|
|
|
|
|