مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4058|ئىنكاس: 35

بىر يۈئەن پۇتبول كۇلۇبى قۇرايلى ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سەنسىزمۇ كۈن ئۈت

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11654
يازما سانى: 524
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14600
تۆھپە نۇمۇرى: 882
توردا: 299 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2013-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 04:30:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېقىندا شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى، جۇڭگۇ ب دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىگە تىزىملىتىشقا 3 مىلىيون پۇل يوق  قاتنىشىش پۇرسىتى بىكار بولدى.
ھەممەيلەن ئۈمۈتسىزلىك كەيپىياتى ئىچىدە تۇرۋاتقان مۇشۇنداق پەيىتتە مەن پۇتبول مۇنبىردىكى ‹ بىر يۈئەن پىلانى › دىگەن ئاتالغۇنى كۆرۈپ
ئېختىيارىسىز ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدىم. ئويلاپ باقسام بۇ ناھايىتى بولىدىغان پىلانكەن.ھەم ئاددىي ھەم قىلغىلى بولىدىكەن . شۇڭا مەن دەرھال بۇنىڭغا ئېنكاس يېزىپ يوللىۋەتتىم . لېكىن ھېچكىم بۇ ھەقتە جاۋاپ قايتۇرمىدى. بەلكىم كۆپلىگەن مۇنبەرداشلار بۇنى بايقىمىغان بولۇشى مۇمكىن ، دەپمۇ ئويلىدىم .شۇڭا دېمەكچى بولغىنىمنى تېما ئارقىلىق يوللاپ بېقىش قاراقىغا كېلىپ بۇ تېمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن.  
  
  مەن «بىر يۈەن پىلانى»نىغا يانداپ «بىر يۈەن پۇتبول كۇلۇبى »نى سىلەرگە تەۋسىيە قىلماقچىمەن. بۇنى تەۋسىيە قىلىشىمدىكى مەقسەت شۇكى ، بىز ئەمدى باشقىلارنىڭ كېلىپ بىزگە پۇتبول كۇلۇبىدىن بىرنى قۇرۇپ بېرىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرساق بولمايدۇ. بىرەر شېركەتنىڭ چىقىپ دەرھال بىزگە پۇل چىقىرىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرساق، ئۇ ئىشلار ۋۇجۇدقا چىققۇچە دۇنيا تەرەققى قىلىپ نەگە كېتىدۇ ؟ بىز نەدە قالىمىز ؟ بىز ئەمدى باشقىلاردىن رەنجىپ ، باشقىلارنىڭ بىزنى يۆلىمىگىنىگە ، بىزنى قەدىرلىمىگىنىگە رەنجىپ ، ئاھ ئۇرۇپ ئولتۇرىدىغانغا ۋاقىت قالمىدى. بىز ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ بۇ قاتماللىقلارنى ئوڭشايلى. بىزنىڭ خەلقىمىز پۇتبولنى قىزغىن سۆيىدىغان خەلق. بىز پۇتبولنى پۇل ئۈچۈن ئەمەس، پۇتبولغا بولغان چوڭقۇر مېھرى-مۇھەببىتىمىز بىلەن، چوڭقۇر ئىشتىياقىمىز بىلەن تېپىمىز . مانا بۇنىڭ ئۆزى بىزدىكى تاغدەك بايلىق ئەمەسمۇ ؟ بىز نېمىشكە مۇشۇ بايلىقنى ئاچمايمىز ؟ نېمىشكە مۇشۇ بايلىق مەنبەسىدىن پايدىلانمايمىز ؟قىيىنچىلىق ئالدىدا دولىسىنى چىقىرىپ ئامالسىزلىنى بىلدۈرۈپ قاراپ تۇرغان مىللەت تەرەققى قىلالمايدۇ، بەلكى قاتمۇ-قات قىيىنچىلىقلار ئىچىدىن يول تېپىپ ئىلگىرلىيەلىگەن مىللەت دۇنياغا ھەقىقى ئۆزىنى تونۇتالايدۇ. ئەجىبا بىزدە بۇ خىل ئىقتىدار يوقمۇ ؟ بىزدە پۇتبولغا نىسبەتەن ئېتىقاد ئاللىقاچان شەكىللىنىپ بولدى. فىرانسىيىلىك بىر ئەدىپ:«بىز ئېتىقادقا تايانساق قوش قورالغا ئېگە بولغان بولىمىز »دېگەن. بىز ئېتىقاد ئارىسىدا ياشاۋېتىپمۇ ئۇنىڭ ئۇنىڭدىن پايدىلىنالمامدۇق ؟ ئەلۋەتتە پايدىلىنالايمىز .
  
ئەلۋەتتە مۇنبەرداشلارنىڭ مۇنبەر تەرەققىياتىغا كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىغا كىشىنىڭ ئاپىرىن ئوقۇغۇسى كېلىدۇ . بۇنىڭ نەتىجىسىدە بىزدىكى پۇتبول تۇنۇشى ۋە قىزغىنلىقى ھەسسىلەپ ئېشىپ بارماقتا. لېكىن...يەنىلا بىر نەرسە كەم.ئۇ بولسىمۇ ئەمەلىي ئىش . دىلشات پۇتبول تېپىپ پۈتۈن شىنجاڭنى ئايلىنىپ شىنجاڭنى تەۋرەتتى ، بىزنىڭ يۈرىكىمىزنىمۇ تەۋرەتتى. بۇ بىر ئەمەلىي ئىش. دىلشاتنىڭ ھەقىقى مەقسىدى نېمە ؟ ئۇ بىزدە مۇھەببەت ئويغاتماقچى ، شۇنداقلا بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىزدىكى غەپلەت تۇمانلىرىنى تارقىتىپ ، بىزنى ئەمەلىي ئىش قىلىڭلار ، دېمەكچى. مۇشۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ھېرىپ چارچاشتىن قورقماي ، پۈتۈن شىنجاڭنى ئايلىنىپ ،زور بەدەللەرنى تۆلىدى. بىز ئەجىبا ئۇ مەنزىلگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇنى ئالقىشلاپ ، مەدھىيە ئوقۇپ قويغان كېيىنلا ،ئىشنىڭ ھەممىسى تۈگىدى، دەپ جىم يېىۋالساق، ئۇنىڭ تۆلىگەن بەدىلى نېمىگە ھېساپ بولۇپ قالىدۇ؟ ئويلاپ بېقىڭ، تارىختا قايسى بىر پۇتبولچى پىيادە پۇتبول تېپىپ مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك سەپەر ئېلىپ بارغان؟بىزنىڭ ئوغلانلىرىمىز باشقىلار قىلالمىغان ئىشلارنى قىلالايدىكەنغۇ ؟ بۇ شۇنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇكى ، بىزدىكى پۇتبول روھى پۇتبول ھەرىكىتى تەرەققى قىلغان ئەللەردىكى پۇتبۇل روھىدىن يۇقۇرى تۇرسا تۇرىدۇكى،ھەرگىز تۆۋەن تۇرمايدۇ. بىزدە پەقەت بەلگىلىك مۇھىت ئاسارىتىگە چۈشۈپ قېلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئۆزىمىزنى ئىپادىلىيەلمەي قېلىش ئەھۋالىلا مەۋجۇت.لېكىن بۇ بىزنى ئامالسىز قالغانلىقىمىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بىز ئەتىكى ئۈمىدنى كۆرۈپ ياشىشىمىز كېرەك .اىرانسىيا يازغۇچىسى ئالىكىساندىر دىيۇما شۇنداق دېگەن:«ئۈمىدسىز ئادەملەر ھەممە نەرسىگە ماتەم پەردىسىنىڭ كەينىدىن قارايدۇ!».  
  
خوش مۇنبەرداشلار ، گەپنى قىسقا قىلىپ ئەسلى مەقسەتكە كۆچەيلى. مەن «بىريۈەن كۇلۇبى»ھەققىدە سىلەرگە تەكلىپ سۇنماقچىمەن. «بىر يۈەن» -ئۇ يالغۇز تۇرسا ھېچ قانچە كۈچىنى كۆرسىتەلمەيدۇ، ئەمما ئۇ توپلانسا بىزنى قانچىلىك زۆرۈر ئېقتىسادىي شارائىت ، مەبلەغ شارائىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ .بىز ئالدى بىلەن « بىر يۈەن»فۇندى جەمئىيىتىنى قۇرۇپ چىقايلى ، جەمئىيەت ئەزالىرى ئۇيغۇر پۇتبولى ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغان ، پىكىرى ئوچۇق پىدائىي ئەزىمەتلەردىن تەشكىل تاپسۇن.جەمىيەت كېڭىشىپ ئەمەلىي ئەھۋالنى چىقىش قىلىپ«بىر يۈەن پىلانى»نى تۈزۈپ چىقسۇن، ئاندىن شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا « بىر يۈەن»تارماق فۇندى جەمئىيەتلىرىنى قۇرۇپ بىر يۈەندىن ئىئانە يىغىش پائالىيىتى ئېلىپ بارسۇن، بۇنى ھەر قايسى جايلاردىكى پۇتبول پىدائىيلىرى ئۈستىگە ئالسۇن،ئىئانە چېكى ئەڭ تۆۋە بولغاندا بىر يۈەن قىلىپ بېكىتىلىپ ، يۇقۇرىسىغا چەك قويۇلمىسىمۇ بولىدۇ.ھەر ئايدا بىرنۆۋەت ياكى بىرنەچچە نۆۋەت ئىئانە يىغىش پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ.بۇ ئارقىلىق ھەممە كىشىنىڭ ئىئانە بېرىشىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ئىئانىدىن يىغىلغان پۇلغا شىركەت قۇرايلى ، شىركەت نامى «بىر يۈەن شېركىتى » بولسۇن. شېركەت خۇسۇسىينىڭ ئەمەس ، بەلكى خەلق ئاممىسىنىڭ شېركىتى بولىدۇ. شېركەتنىڭ پايدىسىغا «بىر يۈەن پۇتبول كۇلۇبى قۇرايلى».ئېنىقكى بۇ پۇتبول كۇلۇبىمۇ كەڭ ئۇيغۇر خەلق ئاممىسىنىڭ پۇتبول كۇلۇبى بولىدۇ. «بىر يۈەن پۇتبول مەكتىۋى » ئاچايلى ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پۇتبول مەكتىۋى بولىدۇ. ئىشىنىمەنكى، خەلقنىڭ شېركىتى تەرەققى قىلسا قىلىدۇكى ، ھەرگىز ۋەيران بولمايدۇ. بۇ چاغدا چەتئەلدىن ياخشى تېرىنىرلارنى كىرگۈزەلەيمىز، ياخشى توپچىلارنى كىرگۈزەلەيمىز ، ئۇلارغا ئەگىشىپ بىزنىڭمۇ پۇتبول سەۋىيىمىز يۇقۇرى كۆتۈرۈلىدۇ. بىزنىڭ توپچىىرىمىزمۇ خۇددى چوڭ كۇلۇپلاردا توپ تېپىۋاتقان توپچىلاردەك مۇئاش ئېلىپ تېپىدىغان كەسپىي پۇتبولچىلارغا ئايلىنىپ، ئۇلارنىڭ پارلاق ئىستىقبالىغا يول ئېچىلىدۇ. شۇنداق بولغاندا ، بىز تېز ئارىلىقتا جوڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىگە كىرەلەيدۇ،ھەتتا ئۇلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۈزۈپ چىقىپ كېتەلىشىمۇ مۇمكىن ، ھەتتا..ھەتتا ...خەلقئارادا نام قازىنىشىمۇ مۇمكىن ... ئۇ چاغدا باشقىلار :« بۇ قايسى كۇلۇپكەن؟» دەپ سوراپ قالسا :«بۇ ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى مەبلەغ چىقىرىپ قۇرغان‹بىر يۈەن پۇتبول كۇلۇبى› ئىكەن» دېگەن جاۋاپنى ئاڭلىسا قانداق تەسىراتتا بولار ؟ تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭلەرچۇ ؟....ئەپسۇس،تولىمۇ ئەپسۇس ...بۇ بىر تاتلىق ئارزۇدىن ئىبارەت.  
   لېكىن ئويلاپ بېقىڭ ، بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشساقلا ، بۇ ئارزۇنىڭ رىئاللىققا ئايلىنىشىدا ئۈمىد زور. قېنى قايسىڭلار «بىريۈەن پۇتبول كۇلۇبى»غا ئەزا بولۇشنى خالايسىلەر ؟ قېنى كىم پىدائىي بولۇپ بۇ جەمىيەتنى قۇرۇپ چىقىدۇ؟ كىم قاتنىشىشقا تىملىتىدۇ ؟ كىم دەسلەپكى بىر يۈەننى تاشلىيالايدۇ ؟!!!!    



ھازىر بۇپائالىيەت ھۇررا پۇتبول مۇنبىردىكى، جاسارەتلىك ئوغلانلىرىمىزنىڭ تۈرىتكىسىدە باشلىنىپ  كەتتى ،   ئۆز مىللىتىمىز پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن  يانجۇقىڭىزدىن  بىر يۈئەن چىقىرالامسىز ؟؟؟؟؟   بۇ پائالىيەتنىڭ تەپسىلاتىنى بىلەي دىسىڭىز بۇ يەرگە كىرىڭ :  

www.urraclub.com/bbs




مەنبە: ھۇررا پۇتبول  كۇلۇب تورى

*ئادەمدە پاك ۋىجدان بولمىسا ئەگەر، ئۇ بولۇپ قالمامدۇ مېغىزسىز شاكال. قىممىتى بولمىغان ئۇنداق شاكالنى، ئۇچۇرتۇپ كەتمەمدۇ قۇدرەتلىك شامال.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57194
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3117
تۆھپە نۇمۇرى: 139
توردا: 241 سائەت
تىزىم: 2011-9-19
ئاخىرقى: 2011-11-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 11:18:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن چوقۇم بىر كىشلىك  ھەسسەمنى قوشىمەن .  غەيرەت قىل ،پوتبول سۈيەر قىرىنداشلار¬!! ھۇررا ھۇررا گۈزەل نىشانغا ماڭغانلار ................

atuxjan.blogbus.com

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38992
يازما سانى: 200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10002
تۆھپە نۇمۇرى: 1090
توردا: 5041 سائەت
تىزىم: 2011-4-28
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 11:18:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېرىنداشلار ھەممىمىز بىرلىكتە كۈچ چىقىرايلى
  
تاما تاما كۆل بولار

ئاللاھ ئىشلىرىمىز نى ئاسان قىلسۇن

atuxjan.blogbus.com

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 1950
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14858
تۆھپە نۇمۇرى: 787
توردا: 4695 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 11:53:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللايلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14887
يازما سانى: 1754
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1213
تۆھپە نۇمۇرى: 1064
توردا: 7247 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2013-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-29 12:32:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھە باللا  كۈچ بىرلىكتە ئىش ئۆملىكتە   
ئاللاھ  خالىسا  چوقۇم راۋرۇس  بىركۇلۇپتىن بىرنى قۇرۇپ چىقىمىز

ئىنسان چىرايلىق گېپى بىلەن ئىككىلى دۇنيالىق ئەزىز ...
تىلىمىز ئەقلىمىزنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالمىسۇن . ھەر ۋاقىت ئەقلىمىز تىلىمىزنىڭ ئۈستىدە تۇرسۇن .
بولمىسا ئەخلاقىمىزنى يوقۇتۇپ قويىمىز .

بىز ئۇيغۇر خاككى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58073
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3644
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 414 سائەت
تىزىم: 2011-9-26
ئاخىرقى: 2011-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-29 01:28:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر يۈەن پۇلنىڭغۇ كارارىيتى چاغلىق !ئەمما مۇشۇ پۇتبول مۇسابىقىسى ،پۇتبول دەيدىغان نەرسە بىلەن ئۆمرۈم خوشۇم يوق ! 90 مىنۇت مۇسانىقىدە كىرىدىغان توپ 2 يا 3 ئاڭلايدىغان ئىزاغا ،كىتىدىغان توك پۇلىغا ئىچىم ئاغرىيدۇ دىسە ، ھەي بولدىلا ! يەنىلا قىزىقىدىغانلار بىر نىمە دىسۇن ! ھە راس بۇ ئىنكاس پەقەت شەخسىي كۆز قاراش ! چىشلىۋالىدىغانلار چىشلىۋالماڭلار جۇما !

بىز ئۇيغۇر خاككىرلىرىدىن .تور ئادىرسىمىز .www.uyhacb.com

كامال تاپ ئۇيغۇركارخانىلىرى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7631
يازما سانى: 722
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14230
تۆھپە نۇمۇرى: 1501
توردا: 3386 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2013-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-29 11:23:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي، يەنە پۇلنىڭ گېپى ،پۇلنىڭ غېمى ،
مەن قوللايمەن .ھازىرچە 50 سوم سېلىپ تۇراي .يىغىشىمنى يىغىۋېلىپ .،ئىشقا چۇشكەندە يەنە سالىمەن .
ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولغاي

ئۈزەڭنى بىلەي دىسەڭ تارىخىڭنى ئىزدە .يۇقالماي دىسەڭ تىلىڭنى .مەدەنىيىتىڭنى قوغدا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47764
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3672
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1704 سائەت
تىزىم: 2011-7-14
ئاخىرقى: 2013-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-29 11:26:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈنكى دۇنيادا پوتبۇل 1-دەرىجىلىك قارشى ئېلىنىدىغان تەنھەركەت تۈرى ھىسابلىنىدۇ !نۇرغۇن دۆلەت ،مىللەت پوتبۇل ئۈچۈن زور مىقداردا ئىقتىساد ،ئادەم كۈچى ۋە زىھنى كۈچ سەرىپ قىلىپ ئۆز مىللىتى ۋە دۆلىتىنىڭ پوتبۇلىنى دۇنياغا تۇنۇتماقچى بولىۋاتىدۇ!!بىزدە زور مىقداردا مەبلەغ كۈچى بولمىسىمۇ ،لىكىن باشقىلار پۇلغا سېتىپ ئېلىپ ئۈزىنىڭ قىلىۋالالمايدىغان تالانىتلىق پوتبۇل ئەزىمەتلىرى ۋە ئوتيۈرەك پوتبۇل ھەۋەسكارلىرى بار !!مەن قوللايمەن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43923
يازما سانى: 354
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5050
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 3955 سائەت
تىزىم: 2011-6-10
ئاخىرقى: 2013-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-29 12:03:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قوللايمىز جۇمۇ ،،

ﺋﻮﯞﭼﻨﯔ ﺋﻮﻗﻴﺎﺳﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، كيكنڭ ﺧﯘﺩﺍﺳﻰ ﻳﻮﻗﻤﻜﻪﻥ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50736
يازما سانى: 308
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5092
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 248 سائەت
تىزىم: 2011-8-6
ئاخىرقى: 2013-9-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-29 12:23:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بەك ياخشى ئش بولۇپتۇ    مەن پۇتبۇلنى بەك ياخشى كورىمەن  ھەم بۇ ئشنى پۈتۈن كۇچۈم بىلەن قوللايمەن

ئوت ئادەمنى ،مۇھەببەت ئالەمنى ئىستىدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش