مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6264|ئىنكاس: 48

ئىسىم ماجراسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىر ئاللادىن باش

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51146
يازما سانى: 413
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3465
تۆھپە نۇمۇرى: 794
توردا: 1844 سائەت
تىزىم: 2011-8-10
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 03:22:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىسىم ماجراسى


4

ھېكايە


ئايشەمگۈلنىڭ ئاي ـ كۈنى يېقىنلاپ قالدى،ئۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان قۇرسىقىدىكى بالىغا قانداق ئىسىم قويۇش توغرىسىدا يولدىشى ياسىنجان بىلەن كۈندە دېگۈدەك مۇنازىرىلەشكەن بولسىمۇ لېكىن ئىككىسى پەقەتلا بىرلىككە كېلەلمىدى.ئايشەمگۈل بالىغا باشقىلار تېخى قويۇپ باقمىغان ئەڭ مودا ئىسىم قويىمەن دەيتتى،ياسىنجان بولسا ئايشەمگۈل تاپقان ئىسملارنىڭ بىرسىگىمۇ قوشۇلمايتتى.
   ـ ياسىنجان،بۇگۈن مەن يەنە بىر قانچە مودا ئىسملارنى ئويلىشىپ،خاتىرلەپ قويدۇم.مەڭ، كۆرۇپ مۇشۇ ئىسملاردىن بىرنى تاللاپ بېرىڭ،ـ دېدى ئايشەمگۈل ئىشتىن قايتىپ ئەمدىلا ئۆزىنى كىرىسلۇغا تاشلىغان يولدىشى ياسىنجانغا قولىدىكى دەپتەرنى ئۈزۈتۈپ.
   ياسىنجان ئالدىغا سەل ئىگىلىپ ئايالى سۇنغان دەپتەرنى ئېرىنچەكلىك بىلەن ئالدىدە دەپتەردىكى ئىسىملارنى ئاۋازىنى چىقىرىپ ئوقۇدى:‹‹ئوغۇل بولسا قەۋدىراس،نەۋدۇس. قىز بولسا ئۆلىيە،تەكۇرە››.
   ـ توۋۋا! بۇ سېنىڭ ئەتتىگەندىن بۇيان ئويلىشىپ تاپقان مودا ئىسىملىرىڭما؟ياسىنجاننىڭ چىرايى بىردىنلا ئۆزگىرىپ،ئاۋازى بوغۇلۇپ چىقىشقا باشلىدى.ھەي ئايشەمگۈل سېنىڭ بۇ تاپقان ئىسىملىرىنى بالىمىزغا قويامدۇق ياكى ئاۋۇ قوشنىمىزنىڭ ھويلىسىدا باغلاقلىق تۇرغان ئاپشاركىسىغا قويامدۇق؟نېمانداق تېتىقسىز ئىسىملار بۇ.شۇنى بىلىپ قوي،ئىسىم  ئاتا ـ ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە قىلغان تۈنجى ۋە ئىككى ئالەملىك سوۋغىسى ھېسابلىنىدۇ.بەرھەق، بىز ئاتا-ـ ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىمىزگە ئىسىم قويۇش ھوقۇقىمىز بار.لېكىن مودا قوغلىشىپ بۇنداق مەنىسى يوق، تېتىقسىز ئىسىملارنى قويساق قانداق بولىدۇ.ئەجداتلىرىمىز بىزگە نى ـ نى چىرايلىق،مەنىلىك ئىسىملارنى قالدۇرۇپ كەتكەنغۇ؟ئەمما ھازىر بىز ئاتا-ئانىلار شۇ ئىسىملارنى بالىلىرىغا قويۇشتىن نومۇس قىلىمىز...
   ـ ئوھۇش،ماڭا دەرس سۆزلىمەي ئۆتەپ بېرىڭە،سىزنىڭچە بولسا بالىمىزغا توختاخۇن،ئايپاتەم دېگەندەك ئىسىملارنى قويساق بولىدىكەندە؟ ئۇنداق ئىسىملارچۇ ھازىر مودىدىن قالدى ،ـ ئايشىگۈل شۇنداق دېگىنىچە تىزىغا يېىپىپ ئولتۇرغان ئەدىيالنى زەردە بىلەن يۇلۇپ يەرگە ئاتتى ۋە سۇدىن چىققان ئۆدەك بالىسىدەك ئالچاڭلىغىنىچە كارۋاتقا چىقىپ يۈزىنى ئەدىيالغا پۇركەپ يېتىۋالدى.
   ياسىنجان جەڭگاھتا يېڭىلگەن ئەسكەردەك بېشىنى تۆۋەن سالغىنىچە پۇتلىرىنى تەستە يۆتكەپ ھويلىغا چىقتى ـ دە،يانچۇقىدىن بىر تال تاماكا چىقىرىپ،ئۇسسۇزلۇقتىن قۇرۇپ كەتكەن ئىككى لىۋىنىڭ ئارىسىغا ئاۋايلاپ قىستۇرۇپ ئوت ياقتى...
بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن ئايشەمگۈلنىڭ ئاي كۈنى توشۇپ،دوختۇرخانىدا ئوڭۇشلۇق ھالدا بىر قىز بۇۋاق يەڭگىدى. ياسىنجان دوختۇرخانا رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەپ بولغاندىن كېيىن ئايالىنى قېينىئانىسىنىڭ ئۆيىگە ياندۇرۇپ چىقتى،ئاندىن يۇرت چوڭلىرىنى چاقىرىتىپ،ئايالىنىڭ رايى بويىچە بۇۋاققا ‹‹ئۆلىيە›› دېگەن ھېچكىم قويۇپ باقمىغان مودا ئىىسىمنى قويدى...

ئالدىراپ كۇلمىگىن تەڭشەپ تۇردۇ، دەت_ئەلەم كۆزۇڭنى ياشلاپ قويدۇ. ئۇنۇتما بىرگە-بىر تەڭشەلگەن جاھان، نامەرتلە سىنىمۇ ئالداپ قويىدۇ.

موزاينىڭ يۈگۈرى

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25474
يازما سانى: 2130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18653
تۆھپە نۇمۇرى: 276
توردا: 6453 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 05:59:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاڭلاپ باقمىغان ئىسىمدىن بىرنى قويۇپتۇ.
تېما ئىگىسى ھېكايىدىكى ئايشەمگۈل ئەمەستۇ .

ئابدۇ.....

تۈمەن ئۆركىشى

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5555
يازما سانى: 1658
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14055
تۆھپە نۇمۇرى: 1083
توردا: 9752 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 06:00:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق ئىشلارمۇ كۆپ جەمىيتىمىزدە ...

ھايات ـ كۆرەش دىمەكتۇر ! غەلبە ئۇيۇشقانلارغا مەنسۇپ ،ئۈمىد بىلەن ياشاڭ .
مىرئادى بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 06:00:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55818
يازما سانى: 296
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2089
تۆھپە نۇمۇرى: 448
توردا: 1099 سائەت
تىزىم: 2011-9-10
ئاخىرقى: 2012-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 06:13:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا.....مېنىڭ بىر چىرايلىق ئىسمىمنى بۇزۇپتۇغۇ بۇ ئايشەمگۇل.....خەپ خەپ.....

ئەسلىدىنلا ئۆزى مەتو خەق ئىدى،
پىتلارنىمۇ تېرىپ-تېرىپ يەر ئىدى.
ئەمدى دەيدۇ بىز خەقلەرنى مەتو دەپ،
ئۆتمۈشىنى ئۇنتۇپ قالغان پەس ئىدى.

دىلمەرۋان

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39375
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1082
تۆھپە نۇمۇرى: 221
توردا: 2452 سائەت
تىزىم: 2011-5-1
ئاخىرقى: 2012-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 06:22:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«ئۆلىيە» نىڭ ئۆل، دېگەندىن باشقا مەنىسى يوققۇ؟!

جاھان جام كۇللىي زىي جانغا ئەجەل مەيدۇر، پەلەك ساقى، ۋە لېكىن قالغۇسىدۇر، قىلسا خەيرات تائەبەت باقى.

ساڭا كۆپ شۈكۈرلە

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13057
يازما سانى: 1122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10005
تۆھپە نۇمۇرى: 549
توردا: 3971 سائەت
تىزىم: 2010-10-7
ئاخىرقى: 2012-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 06:25:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆلىيە؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ بىرسى قاغىغاندەكلا ئاڭلىنىدىكەن قۇلىقىغا. بالىنىڭ ئانىسى تۇرۇپ قانداقمۇ بۇ ئىسىمنى قويغاندۇ......

ناھايىتى بەخىتلىكمەن! چۈنكى ئۇلۇغ لله پەيغەمبەرلەر گۈلتاجى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ جانجىگەر تاغىسى ئەبۇ تالىپقا بەرمىگەن ئىماننى ماڭا بەردى ئەمەسمۇ!

اللا ماڭا مەدەت

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58224
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 229
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 120 سائەت
تىزىم: 2011-9-27
ئاخىرقى: 2011-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 06:44:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆلىيە،تەكۇرە دىگەن چېغىدىلا ئۆلىيە دىگەن ئىسىمنى كۈرۈپ ئاجاپ كۈلىۋەتكەنتىم،ئاخىرىدا شۇ ئىسىمنى قۇيۇپ ئاۋازىمنى چىقىرىپلا كۈلىۋەتتىم دىسە،ماڭا بەك ھەجۋىي بىلىنگەن ئۇ ئىسىم

ئات ئايلىنىپ ئۇقىرىنى تاپىدىكەن......

؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48047
يازما سانى: 237
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3121
تۆھپە نۇمۇرى: 249
توردا: 1043 سائەت
تىزىم: 2011-7-16
ئاخىرقى: 2011-12-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 06:47:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاھاھاھا....بالىغا ئىسىم دىگەننى دادىسى تاپىدىغان، بۇ ياسىنجانمۇ ئەر كىشى تۇرۇپ خوتۇنىغا گىپىنى ئۆتكۈزەلمەي بالىسىغا نەدىكى مەنىسىمۇ يوق ئۆلىيە نى قويۇپ قويۇپتۇ يا! قىزى چوڭ بۇلۇپ، دادا ئەر كىشى تۇرۇپ ئاپام مۇشۇ ئىسىمنى ماڭا قويلى دىسە ماقۇل دىدىڭما ، ئىسىت مىنىڭ دادام بۇلۇپ قالغىنىڭ دەپ كەتسە ھە.........

ئۆلىيە، مەنىسى نىمە بۇ ئىسىمنىڭ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57791
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 400
تۆھپە نۇمۇرى: 150
توردا: 86 سائەت
تىزىم: 2011-9-24
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 06:52:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر باشقا  مەدىنىيەتنىڭ بىزگە سىڭىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ تايىنى يوق ئىسىملار جىق بوپ كەتتى ... بەزەن ئىسىملارنى قىز ئوغۇللار ئورتاق قويدىغان ئىشمۇ ھەم بەك كۆپكەن .... مەسىلەن ئىنتىزار ، مەدىنىيەت ، نۇسرەت دىگەندەك ....
ئەسلى ئۇيغۇرچە يەنى ھەققى ئۇيغۇر تىلىدا بار ئىسىملارنى قوللانغان بولساق بۇ بەك ياخشى چۈنكى   ئىسىم ئەڭ ئاۋال مىلەتنىڭ تۈپ بەلگىسى بولۇش كىرەك
ئەمىلىيەتتە ئۆزۈمنىڭ ئىسىمۇ ئەرەپ تىلىدىن كىرگەن ئىسىم .... يەنى قۇرئانى كەرىمدىن ئېلىنغان ئىسىمنىڭ بىرسى ...
بەزەنلەرگە ئاللانىڭ 99 ئىسمى دىگەن كىتاپنى ئوقۇپ قويىشىنىمۇ ئۈمۈد قىلمەن ...

يۇقارقى ئۆلىيە دىگەن ئىسىمدىن مارىس ، يۇپېتىر دىگەن ئىسىملار چىرايلىق ئاڭلىنىدىكەن ...
ھەيرانمەن ، كىيدىغان كىيمىمىزمۇ مودا بولسا ، يەيدىغان تاماقلىرىمىزمۇ مودا بولسا ، ئوتتۇردىغان سورىنىمىزمۇ مودا بولسا ، ئەمدى ئىسىم مودا بولسا
ئەتە ئۆگۈن نىمە مودا بولا

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش