|
|
|
|
تاشاخۇنۇم ئۆز زامانىسىنىڭ دىنىي ئالىمى بۇلۇپلا قالماستىن،بەلكى خېلى يۇقىرى سەۋىيەدىكى پەننىي بىلىمگە ئىگە ئاسترونومىيە تەتقىقاتچىسى ئىدى.
تاشاخۇنۇم باشتىن-ئاخىر دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ،ئەڭ يۇقىرى دىنىي بىلىم يۇرتىغىچە ئوقۇغان كىشى ئىدى.ئۇ پارس،ئەرەب،ئوردۇ تىل يېزىقى،چاغىتاي تىل يېزىقى،كونا تۈرك يېزىقى ۋە قازان(تاتار)تىلى يېزىقىنى پىششىق ئۆگەنگەنىدى.ئۇ دىننىي بىلىم يۇرتى -خانلىق مەدرىسىدە ئۇقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا،ئىلمىي نۇجۇم(ئاسترونومىيە)گە قىزىققان.بىر مەزگىل ئىلمىي نۇجۇم تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان.ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا سودا قىلغان مەزگىلىدە ئىلمىي نۇجۇمغا ئائىت كۆپ خىل كىتاب-ماتىرىياللارنى سېتىۋىلىپ ئوقۇغان.ئاشۇ چاغلاردا بەزى رەسەتخانىلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان.شۇ كۈنلەردە تاتار تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ئاسترونومىيە ئالىمى گالىلىينىڭ ئاسترونومىيە تەلىماتىنى ئوقۇغان.شۇنىڭ بىلەن پارس ئەدەبىي تىلىدا يېزىلغان ئاسترونومىيە ئىلمى بىلەن گالىلىي تەلىماتىنى سېلىشتۇرۇپ ئۆگەنگەن ۋە تەتقىق قىلغان.
ئۇنىڭ تەتقىقات ئورنى ئاتا-بوۋىلىرىدىن قالغان كونا كىتابخانا بۇلۇپ،كىتابخانا ئۆيىنىڭ 36تەكچىسىگە كىتاب تىزىلغانىكەن.بۇنىڭ كۆپ ساندىكىسى دىنىي كىتاب بولغاندىن سىرت،يەنە دۇنيانىڭ ئەڭ يېڭى ئىلىم پەن-تېخنىكىسىغا ئائىت پەننىي كىتاب ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يۇقىرىدىكى تىللاردا چىقىدىغان ھەرخىل پەننىي كىتاب ۋە گېزىت -ژۇرناللارمۇ بار ئىكەن.كېيىن تاشاخۇنۇم قەشقەر شەھىرىدىكى ئۆيىدە زامانىۋى بىر كىتابخانا سالغان.ئۇمۇ ئاتۇشنىڭكىگە ئوخشاش بۇلۇپ،كىتابخانا ئۆيىنىڭ تۆت تېمى توققۇزدىن 36تەكچە پۈتكەن.بۇ كىتابخانىمۇ ھەرخىل كىتابلار،ئوخشاش بىلىم ئۈستىدىكى ئوخشىمىغان قاراشلار ۋە ھەرخىل تەتقىقاتلار بايان قىلىنغان ھەرخىل مەجمۇئەلەر بىلەن تولغان ئىكەن.تاشاخۇنۇم كۈندۈزى تىجارەت ۋە باشقا ئىشلار بىلەن شۇغۇللانسا،كېچىسى كىتاب ئوقۇش ۋە ئاسترونومىيە تەتقىقاتى قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغان.كېچىسى يۇلتۇزلارنى كۆزىتىپ تاڭ ئاتقۇزغان.تاشاخۇنۇمنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرگەن ئاياللىرى تاشاخۇنۇمنى ئىلىم كۆتۈرۈپ كېتىپتۇ.*(كۆپ ئۆگىنىپ مېڭىسىدىن ئاجراپتۇ،دېمەكچى)كېچىسى تاڭ ئاتقۇچە ئاسمانغا قاراپ ئولتۇرىدۇ،دېيىشكەن.بۇ گەپنى ئاڭلىغان كىشىلەردىن،تاشاخۇنۇم ساراڭ بۇلۇپتۇ،كېچىسى چىرايلىق خۇتۇنلىرىنىڭ يېنىدا ياتماي ئاسمانغا قاراپ يۇلتۇز سانايدىكەن،دېيىشىپ كېچىسى تاشاخۇنۇمنى ماراپ تاماشا قىلدىغانلارمۇ بۇلۇپتۇ،ئەمەلىيەتتە كۈندۈزلىرى ئۇنىڭدىن ھېچقانداق ساراڭلارغا خاس ئالامەت كۆرۈلمەيدىكەن.
ئۇزاق ئۆتمەي تاشاخۇنۇم تەبىئەت ئۆزگىرىشىدىن مەلۇمات بېرىپ،قار-يامغۇر،بوران،ئاي-كۈن تۇتۇلۇش،قۇرغاقچىلىق قاتارلىق توغۇرسىدا سۆزلەپ،جامائەتكە :يامغۇر تىلەپ زاراخەتمە ئۆتكۈزمىسەڭلارمۇ بولىدۇ.*(مۇسۇلمانلار قۇرغاقچىلىق بولغاندا،پۈتۈن يۇرت خەلقى بىر يەرگە توپلىشىپ نەزىر قىلىپ يامغۇر تىلەيدۇ)...ئاينىڭ ...كۈنى،ئەڭ كېيىن قالغاندىمۇ...كۈنى يامغۇر ياغىدۇ.ئېرىق ئۆستەڭلارنى تازىلاپ سۇ تۇتۇشقا تەييارلىق كۆرۈڭلار،دەيدۇ.نەتىجىدە دەل تاشاخۇنۇم دېگەن كۈنى يۇرتتا قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ.شۇنىڭدىن كېيىن خەلق تاشاخۇنۇم يادىچى*ئىكەن دېيىشىدۇ.(يادىچى-ئايەت ئوقۇپ يامغۇر ياغدۇرغىچى)ئەمەلىيەتتە:تاشاخۇنۇم يەرنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش قانۇنىيىتىنى پىششىق ئۆگەنگەندىن كېيىن،يەتتە يىللىق كۈندىلىك ھاۋا ئۆزگىرىشى،يامغۇر،بوران،ئاي-كۈن تۇتۇلۇش قاتارلىق ئىشلارنى خاتىرلەپ ماڭغان.ئۇنىڭ خاتىرلىشىچە،يەتتە يىللىق خاتىرە ھېسابىدا ھەربىر يىلنىڭ ئاي-كۈن،سائەت،مىنۇتىغىچە يۈز بەرگەن يامغۇر،قار ۋە باشقا ئۆزگىرىشلەر 7،6،5،4،3،2-يىلىمۇ ئوخشاش ۋاقىتتا يۈز بەرگەن.ئىلگىرى -كېيىن بۇلۇپ قېلىشى ۋاقىتنى خاتا ھېسابلاشتىن بولغان.(يوقۇردا بايان قىلىنغان ۋەقەنى سۆزلەپ بەرگۈچى ئاتۇش قاپراغلىق ئابدۇغۇپۇر داموللام).
ئېيتىشلارغا قارىغاندا،تاشاخۇنۇم يەتتە چەمبىرەك سىزىپ ھەربىر چەمبىرەككە 360(365)كۈننى چۈشۈرۈپ ھەبىر كۈنلۈك ۋەقەنى بىر-بىرىگە ئۇدۇل قىلغان(توغرا چىقمىغان چەمبىرەكلەر ھېساباتى ئايرىم بۇلۇپ،قايتا ھېساب قىلغانىكەن).
تاشاخۇنۇم1927-يىلى قەشقەردىن غۇلجىغا چىقىپ كېتىش ۋاقتىدا ئاتۇش ۋاقۋاق ۋە قەشقەر شەھىرىدىكى كۇتۇپخانا،رەسەتخانا،تەتقىقات ئىشخانىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىشىگىگە تام ئىشكابى ئورنىتىپ ئېتىۋەتكەن،1934-يىلى شىڭ شىسەينىڭ تەكشۈرۈپ،مۇسادىرە قىلىشى ۋاقتىدا بۇ ئۆي ئاشكارلىنىپ،قەشقەر ساقچى ئىدارىسى بۇ ئۆيدىكى ماتىرياللار ۋە باشقا مۈلۈكلەرنى مۇسادىرە قىلغانىكەن.
ئىگىلىنىشىمىزچە تاشاخۇنۇم ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى سۇ ئىلمىنى ياخشى بىلدىكەن.بۇ ئىلىم چوڭ دادىسى ئابدۇرىشىت مىراب ئاخۇندىن قالغان مىراس ئىكەن.
ئابدۇرېشىت ئاخۇن ئۇزۇن يىل ئاتۇشقا مىراب،دوپ بېگى بولغان بۇلۇپ،تاغلىق رايۇن ياكى ئېگىز -پەس ئېتىزلارغا سۇ چىقىرىش بىلىمىنى كىتاب قىپ يازغان،ئابدۇرىشىت مىراب ئۈستۈن ئاتۇش،ئاستىن ئاتۇش ۋە بەشكېرەم قاتارلىق ئۈچ يېزىنڭ سۇ دەۋاسىنى ھەل قىلغان ۋە سۇ ئىشلىرىنى ئادىل باشقۇرغانىكەن.ئۆزى باشقۇرغان سۇ تەقسىماتى،ئۆستەڭ قۇرۇلىشى قاتارلىقلار ئۈستىدىن خاتىرە قالدۇرغانىكەن.
ئارىدىن 60يىللار ئۆتكەندە بۇ ئۈچ يېزا*ئوتتۇرسىدا سۇ دەۋاسى باشلىنىدۇ.(40-يىلىدىن ئىلگىرى ئۈستۈن ئاتۇش ۋە بەشكېرەم قەشقەرگە قاراشلىق يېزا،ئاستىن ئاتۇش پەيزىۋاتقا قاراشلىق يېزا ئىدى.1938-يىلى ئاخىر ئاتۇش يېرىم ناھىيە ۋە 1940-يىلى رەسمىي ناھىيە بۇلۇپ ئاستىن ئاتۇش بىلەن ئۈستۈن ئاتۇش بۇ ناھىيىگە تەۋە بولغان)ئەسلىدە بۇ ئۈچ يېزىنىڭ سۈيى چاقماق دەرياسىدىن كېلىدىغان بۇلۇپ،سۇ يولى تەبىي ساي ئېقىنى ئىكەن.تارىختا بۇ يەرلەردە ئادەم ۋە تېرىلغۇ يەر ئاز،سۇ مول بولغان،كېيىنكى ۋاقىتتا نۇپۇس ۋە تېرىلغۇ يەرنىڭ كۆپىيىشى بىلەن يېزا-كەنتلەر ۋە يېزا بىلەن يېزىلار ئوتتۇرىسىدا سۇ تالىشىش ھادىسىلىرى پەيدا بۇلۇپ،يىلدا بىر قېتىم ياكى بىر نەچچە قېتىم تۇقۇنۇش يۈز بەرگەن.بەزى يىللاردا بىر قانچە ئادەم ئۆلۈش،يارىلىنىشتەك ئەھۋاللارمۇ بولغان.ئىلگىرى بۇ ئىشلارنى تاشاخۇنۇمنىڭ چوڭ دادىسى ئابدۇرىشىت مىراب ھەل قىلغان.ئابدۇرىشىت مىراب ۋاپات بولغاندىن كېيىن بىر مەزگىل يەنە سۇ ماجىراسى يەنە ئەۋج ئالغان.تاشاخۇنۇم جەمىيەتكە ئارلاشقاندىن كېيىن ھەر يىلى دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش ۋاقتى،بۇلۇپمۇ سۇ ئىشلىتىش مەزگىلىدە چوڭ دادىسىنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ،خەلقنىڭ سۇ مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلغان.ھەر ئىككى يېزىنىڭ نۇپۇسى ،تېزىلغۇ يېرىنى سېلىشتۇرۇپ،ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ،سۇنى43،37ۋە20پىرسەنتكە بۆلۈپ ئۈچ يېزىغا تەقسىم قىلغان.ئۆزى باش بۇلۇپ چاقماق دەرياسىدىن ئاستىن ئاتۇشقا كەلگۈچە27كېلومېتىر(54چاقىرىم)،چاقماق دەرياسىدىن بەشكېرەم خانۇيگىچە 39كېلومېتىر(78چاقىرىم)،چاقماق دەرياسىدىن ئۈستۈن ئاتۇشقىچە 20كېلومېتىر(40چاقىرىم)لىقتىن ئۈچ ئۆستەڭ چاپتۇرۇپ بۇ ئۈچ يەردىكى دېھقانلارنىڭ سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلغانىكەن.تاشاخۇنۇمدىن كېيىن بۇ سۇ دەۋاسى يەنىلا ئەسلىگە كېلىپ،ھەر يىلى دەۋا-دەستۇرلار بۇلۇپ،ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرى يۈز بېرىپ تۇرغان.(بۇ ئىشلار 1980-يىللاردىمۇ داۋا قىلغان)شۇڭا،ھەر يىلى سۇ مەسىلىسى ماجراسى يۈز بەرگەندە،ئاتۇش بەشكېرەم خەلقى تاشاخۇنۇم ۋە ئۇنىڭ چوڭ دادىسى ئابدۇرىشىت مىرابنىڭ سۇ باشقۇرۇش ھەققىدىكى ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ ئۇلارنى ئەسلەپ تۇرىدۇ.مەنبە:تاشاخۇنۇم ۋە ئۇنىڭ تۆھپىكار ئەۋلادلىرى دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.
|
|
|
|
|
|