مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5813|ئىنكاس: 19

‹ داڭگال›    قەۋرە ئىچىدە ئۆتكەن تۇغۇلغان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1841
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 14848
تۆھپە نۇمۇرى: 1243
توردا: 2609 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 01:38:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                         قەۋرە ئىچىدە ئۆتكەن تۇغۇلغان كۈن

   ئۈ كىچىنى قانچىلىك تەقاززالىق -ئىنتىزارلىق ئىچىدە ئۇيقۇسىز ئۆرۈلۈشلىرىم بىلەن تاڭغا ئۇلىغىنىمنى  تىل بىلەن ئىپادىلەپ بىرەلمەيمەن.نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزى ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بۇ كۈننىڭ خوشال-خورام،شاد كۈلكە مەۋجىللىرى بىلەن چەكسىز بەختىيارلىققا چۆمۈلگەن كەيپىياتتا دوست،يارۇ-بۇرادەر،قەۋمى-قېرىنداشلىرى بىلەن تەنتەنىلىك ئۆتىشى ئۈچۈن ناھايىتىمۇ گۈزەل تۇيغۇلاردا بولىدۇ.بىراق مىنىڭ خىيال قەسرىمدە باشقا بىر رىئالى ئىكران ھۆكىمدار ئىدى.

  -تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن!....-دەرۋازىدىن كىرىشىمگىلا ھەممەيلەن مىنى تەبرىكلەشتى.مەن ئۇلار بىلەن قىزغىن سالاملىشىپ ھايال ئۆتمەيلا؛
  -ئەمسە ماڭىلى-دىدىم.بىز ئالدىن تەييارلاپ قويغان قەۋرە ئىچىشقا لازىملىق ئەسۋاپلارنى ھارۋىغا باستۇق.
-كىلە بالام، بۇ تاشنىمۇ ئىلىۋالايلى...ئاپاڭنىڭ قەۋرە بېشىغا ئورنىتىمىز...-دادام 100 كىلوچە كېلىدىغان ئۇزۇن،چاسا تاشنى ئىشارە قىلدى.
-توخـتا! سەن ياشىنىپ قالدىڭ،بۇ تاشنى ئۆزەم كۆتۈرۈپ ئېلىپ چېقاي.
  -ياق-بەك ئېغىر!
-ئېغىر؟! مېنىڭچە ئېغىر ئەمەس.شۇنچە مۇشاقەتتە قوساقتا كۆتۈرۈپ،تۇغۇپ قاتاغا قوشقان ئېغىرچىلىقلىرىدىن ئېغىر ئەمەس!...
  مەن يەنە نىمىلەرنى دىۋەتتىم بىلمەيمەن.ئۇلار مىنىڭ قەتئىلىكىمدىن شۈكلىشىپ قالدى.شۇنداق بىر كۈچ ئۆز ئېغىرلىقىمدىنمۇ ئېغىر ئەشۇ تاشنى كۆتۈرگۈزۈپ ھارۋىغا باستىم.
     سەھەر بولىشغا قارىماي كۈننىڭ تەپتى خېلى قىززىق ئىدى. قەۋرىستانلىق قەۋرە يۆتكەش ئۈچۈن كەلگەنلەر بىلەن ئۆز جىمجىتلىقىنى بۇزغان ئىدى.بىز بىر ئائىلە كىشىللىرى ناھايىتىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن يەرلىكنى  قېزىشقا باشلىدۇق.ھەر بىر گۈرجەك  توپىنى شۇنداق ئېھتىياتچانلىق ۋە ھەر خىل ھەمغۇسە بىلەن سېرىتقا ئاتاتتىم.تاش يەرلىك ئاخىرى قېزىلىپ بولدى.ئەنە رەتلىك تىزىلغان خىشلار كۆرۈنۈشكە باشلىدى.قولۇمدىن ئىختىيارسىز گۈرجەك چۈشۈپ كەتتى.چۈشەنگۈسىز ئاچچىق،ئەلەملىك بىر روھ مىنى چىرمىدى.ئاستا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ قوللۇرۇم بىلەن خىشلارنى سىلاپ ،توپىللىرىنى سۈرتۈپ چۈشۈرۈشكە باشلىدىم.بىردىنلا يېغا باستى.دەل مۇشۇ خىشلارنىڭ ئىچىدە مېنىڭ ئەڭ ۋە ئەڭ ئۇلۇغ دوستۇم،ئەڭ سۆيۈملۈك يولباشچىم ۋە ئەڭ كۆيىمچان ئانام ئاللاقاچان ئۇستىخان بولۇپ ياتاتتى....ئۇ گويا شۇ تاپ خىشلارنى ئۆرۈپ چېقىپلا مىنى باغرىغا مەھكەم باسىدىغاندەك،‹ھەجەپ كۆرگۈم كەلگەن سېنى › دەپ مىنى ئەركىلىتىپ ،قۇچىقىغا ئېلىپ ئانىلىق مېھرى بىلەن مەڭزىللىرىمگە سۆيۈپ كىتىدىغاندەك ،ئۇنۇڭغا دىمەكچى بولغانلىرىمنى بېشىمنى سىلاپ تۇرۇپ كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايدىغاندەك بىلىنىپ كەتتى.توپا قوللۇرۇمنىڭ كەينى بىلەن كۆز ياشلىرىمنى سۈرتۈپ ئالدىراپ ئېچىشقا تەمشەلدىم.
-توختا! گوركار ئۆزى ئاچسۇن! خەتەرلىك...-يۇقۇردىن دادامنىڭ ۋاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى.ئىنىم قوللۇرۇمغا ،ئېسىنى ئۇنتۇغان خامۇش جىسمىمغا مەھكەم ئېسىلدى.
-ياق،ياق!-مەن تۇيۇقسىز ۋاقىراپ كەتتىم.بىشىم قېيۋاتامدۇ،زىمىن چۆرگىلەۋاتامدۇ...كۆزۈمگە ھېشنىمە كۆرۈنمەيتى ،قۇلۇقۇمغا ھېشنىمە ئاڭلانمايتى...ئېسىنى يوقاتقان ئادەملەردەك خېلى بىر ھازاغىچە زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇپ قالدىم.
  قاچانلاردىدۇ ئېسىمگە كەلدىم.يىڭى كىپەنلىككە ئاۋايلاپ سېلىنىۋاتقان ئاپامنىڭ مەزگىلسىز ئۆچكەن رۇخسارىنىڭ قالدۇقلىرىنى سىلىدىم.مىنى كۆتۈشۈكلەردە،ئىڭىزلىقلاردا يىتىلەپ نامرات قارا كۈنلۈرۈمنىڭ ئازاپ -ئوقۇبەتلىرىدىن بىلىندۈرمەي ئۈزدۈرۈپ ئېلىپ چېققان قوللىرىنى،قوراي باسقان ئېتىز قىرلىرىدا ھاپپاشلاپ ،قۇمساڭغۇ،لايلىق يوللاردا قۇچىقىدا كۆتۈرۈپ ماڭغان ئېغىر يەلكىللىرىگە تىرەك ئەشۇ بەرداش پۈتلىرىنى ...ماڭا ئۇلار ئاقىرىپ كەتكەن ئۇستىخان ئەمەستەك مەڭزىم يېقىپ نەملىدىم.خوشاللىقلىرىمنى ،بەختىمنى ،تولىمۇ غۇبارسىز مۇھەببىتىمنى تۇنجى قېتىم مۇشۇ ئېرىشىشتىن ھەقىقى ئېتىراپ قىپ ئولتۇراتتىم. مەن بارغانچە تەمكىن،روھلۇق بولۇپ كېتىۋاتقاندەك ئۇنۇڭغا پىچچىرلايتىم...ئۇ مەندىن پات-پات ئايرىلغانلىرىمىزدا ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ھېلىقى ناخشامنى يەنە تەلەپ قىلىۋاتقاندەك ئاستا شىۋىرلىدىم.
   ‹دۇنياغا تۇغۇلۇپ ئۆلمەكلىگىمنى،دىلدىكى ئارمانغا يەتمەكلىگىمنى....بىلەلمىدىم ھېچ...بىلەلمىدىم ھېچ....›
   ئۇ مەندىن يەنە بىر قېتىم خوش بولىۋاتقاندەك ماڭا جۈر بولۇپ ئەشۇ ناخشىنى ئېيتىۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى.شۇنداق كىپەن ئىچىدىكى بۇ ئۇستىخانلار مىنىڭ پۈتۈن ئۆمرۈمدە مەن مەڭگۈ داخىل بولۇشقا مۇيەسسەر بولالمايدىغان كاتتا داستىخاندەك شۇنچە ئىپتىخار،ھاياجاندا ئىدىم.ۋاقىت،بۇ كۈن مەن ئۈچۈن شۇنچىلىك تىز ئۆتۈپ كەتكەندەك تۇيۇلدى. مەن باشقىلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇنىماي ئۆز قولۇم بىلەن ئانامنى-ئۇنۇڭ كىپىنىنى كۆتۈرۈپ يىڭى يەرلىكىگە قويدۇم.
28-سىنتەبىر مەن ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن بولدى.8 يىل قۇچاقلاشتىن ،ھېدىنى پۇراشتىن مەھرۇم بولغان ئەزىزانە ئانامنى باغرىمغا باسالىدىم.ئۇنۇڭغا يۈركۈمنىڭ ئىزگۈللىرىنى بىلدۈرەلىدىم.ئۇنى خۇددى 33 يىل مۇقەددەم مىنى كۆتۈرگەندەك كۆتۈرۈشكە مۇيەسسەر بولالىدىم.

   ‹2006-يىل 28-سىنتەبىر›

  مەنبە؛قەلەم

دۇنيادا مەن ئۈچۈن بىر ئانا بار ئىدى.ئۇ ھايات چېغىدا مەن ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىغا سېڭىپ كەتكەن .مانا ئەندى ئۇ كىتىۋىدى، ئۇ مىنىڭ كۆز ياشلىرىمغا سېڭىپ كەتتى.

بىر ئاللادىن باش

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51146
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7611
تۆھپە نۇمۇرى: 884
توردا: 1869 سائەت
تىزىم: 2011-8-10
ئاخىرقى: 2013-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 03:37:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن

ئالدىراپ كۇلمىگىن تەڭشەپ تۇردۇ، دەت_ئەلەم كۆزۇڭنى ياشلاپ قويدۇ. ئۇنۇتما بىرگە-بىر تەڭشەلگەن جاھان، نامەرتلە سىنىمۇ ئالداپ قويىدۇ.

بار دەپ تۆكمە،يوق دەپ كۆپمە!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 5671
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18654
تۆھپە نۇمۇرى: 1591
توردا: 904 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 03:37:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۈرەكنى ئىزىدىغان تىمىكەنغۇ بۇ.قەبرىستانلىق ئورنىغا ھۆكىمەت بىنا سالماقچىكەندۇقما؟

مەززىىسى يوق گەپتىن، پاقىنىڭ كۇرۇلدىشى ياخىشى!!

ۋاقىت ھەمىنى ئۇز

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54427
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3358
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2011-9-3
ئاخىرقى: 2014-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 03:40:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي كۇپ ئىشلار ھە
777

مىللەت ئۇرۇشتا ئۇلمەيدۇ،سۇكۇتتە ئۇلىدۇ.                       777

sanga karap kuliman

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12846
يازما سانى: 1598
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23095
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 4660 سائەت
تىزىم: 2010-10-5
ئاخىرقى: 2014-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 04:14:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتا -ئانامى ھاياتلىغىدا تېخىمۇ  بەكرەك قەدىرلەي!ئاللا ئۇلارغا سالامەتلىك ،ئۇزۇن ئۆمۇر ئاتا قىلسۇن !!

نادان جاھىللار بىلەن مۇنازىرلەشمە !!

مەن سۈكۈتتە ...ھامان سۈكۈتتە

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31579
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6684
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 2050 سائەت
تىزىم: 2011-2-24
ئاخىرقى: 2013-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 04:25:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر تىنىقتا ئوقۇپ چىقتىم ............ كۆزۈم نەملەشتى ،يۈرۈكۈم دۈپۈلدەپ سوقماقتا ...

مەن ئۆزۈمنىڭ دۇنياغا بىر ئايال بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن ۋە بىر ئانا بولۇپ ياشىيالىغىنىمدىن پەخىرلىنىمەن !!!

2256ئەمەس نۇرزات

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58136
يازما سانى: 222
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4998
تۆھپە نۇمۇرى: 886
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2011-9-26
ئاخىرقى: 2015-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 04:43:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ......!بەك تەسىرلىككەن.......!

سەن ئالدىڭغا ئىككى قەدەم ماڭساڭ كەينىڭدىكىلەرگە بىرقەدەم يول قوي...!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11537
يازما سانى: 497
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10113
تۆھپە نۇمۇرى: 787
توردا: 3045 سائەت
تىزىم: 2010-9-25
ئاخىرقى: 2014-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 05:00:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانىڭىزغا ئاللاھىمىز جەننەتنى نەسىب ئەتسۇن ! كۆڭلۈمنى يېرىم قىلدىڭىز...

سەن  مېنىڭ ھەققىمدە  نىمىنى  ئويلساڭ ,   اﷲ  ساڭا شۇنىڭ  ئىككى ھەسسسىنى  بەرسۇن.

ئالتۇندىن ھەل بە

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24751
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6435
تۆھپە نۇمۇرى: 353
توردا: 987 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 05:27:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق، ھەممىمىز ئەشۇ ھاياتلىقنىڭ ئاخىرقى بىكىتى بولغان قەبرىگە بارىمىز.لىكىن شۇ ۋاقىتقىچە بولغان ھەر بىر قەدەمنى قانداق بېسىش ئۆزىمىزگە باغلىق.اللە ھەممىمىزگە رەھىم قىلغاي.

ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36126
يازما سانى: 226
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5080
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 1797 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 05:30:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرىڭنى كۆرمىگىلى ئۇزۇن بوپتىكەن ، بىر كۆرەي دەپ كىرىشىم ئىدى . كۆڭلۇم ئەجەپ يېرىم بولدى .
قەلىمىڭ ھارمىسۇن .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش