مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5813|ئىنكاس: 29

سېكرىتارنىڭ ئۆچ ئېلىشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەردان يىگىت

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2056
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17628
تۆھپە نۇمۇرى: 1244
توردا: 6699 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 01:00:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سېكرىتارنىڭ ئۆچ ئېلىشى

  
بۇرۇن بىر دەرتمەن دەردى ئىچىگە توشۇپ كەتكىنىدە پەقەت چىداپ بولالماي‹‹دەي دىسەم تىلىم كۆيىدۇ،دېمەي دىسەم دىلىم›› دېگەن ئىكەن.
سۈزۈك سۇغا تەشنا بولۇپ تۇرغىنىڭدا سۇنىڭ باشتىن لاي ئىكەنلىكىنى بىلگىنىڭدە تاقەت قىلماي ئامالىڭ يوق.ئەگەر باشتىن سۈزۈك كەلگەن سۇ مەھەللەڭگە كەلگەندە يامان نىيەتلىكلەردىن بىر ئىككىسى قەستەن لاي قىلىۋېتىپ سېنى لاي سۇ ئىچىشكە مەجبۇر قىلسا بۇ ناھەقچىلىككە قۇرسۇقۇڭ كۆپەمدۇ كۆپمەمدۇ؟
مەن بۇ يەردە سىمۋوللاشتۇرۇپ تىلغا ئالغان‹‹ سۈزۈك سۇ››مەرگەز ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ دېھقانلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىش سىياسىتى.
دېھقانلارنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن يۇقۇرىدىن ‹‹سۈزۈك›› ئېقىپ كەلگەن بۇ ‹‹خاسىيەتلىك سۇ ›› تۆۋەندە نىمە ئۈچۈن ‹‹لېيىپ ››قالدى؟ بۇ ‹‹لېيىش››تىن دېھقانللار قانداق زىيانلارنى تارتتتى؟ بۇ مەسىلىلەر بۈگۈنكى  ھىكايىمىزنىڭ ئاساسى تېمىسى.

بىر دوختۇر تونۇشۇم ماڭا :
-بىزدە ‹‹كېسەلنى يوشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكارا ››دېگەن گەپ بار.كېسىلىڭلار بولسا ۋاقتىدا تەكشۈرتۈپ ئاشكارىلاپ تۇرۇڭلار.بىز دوختۇرلار ئاشكارىلانغان كېسەللەرنى دەل ھەم ۋاقتىدا داۋالاپ ‹‹كېسەلنى داۋالاپ ئادەمنى قۇتقۇزۇش›› ئېلىپ بارالايمىز – دېگەن ئىدى.
مېنىڭچە ‹‹سۈزۈك سۇنى لېيىتىپ باشقىلارنى زىيانغا ئۇچرۇتۇش››مۇ بىر خىل نېرۋا خاراكتېرلىق كېسەللىك.مېنىڭ دوختۇرلارنىڭكىدەك بىچاۋ ئاپاراتىم بولمىسىمۇ، لېكىن ‹‹ئەدەبىياتنىڭ تەسۋىر ئەينىكى›› دەپ ئاتىلىدىغان ‹‹كۆرسۈتۈش ئەينىكى›› م بار.بۇ مۇبالىغە ئارىلاشقان ‹‹شەيتان ئەينىكى›› بولماستىن دىھقان ئۆيىدىكىدەك نېمە بولسا شۇنى كۆرسۈتۈپ بېرىدىغان چىن ئەمما ئاددى ئەينەك.
مەن بۇ ئەينىكىم ئارقىلىق ‹‹سۇنىڭ لېيىپ كىتىش جەريانى››نى ئەينەن سۈرەتلەپ بېرەي.بىزنىڭ يۇقۇرىدىكى خەلىق سۆيەر رەھبەرلىرىمىز
ئۆزلىرى خەلقنى سۆيۈپ،خەلقنى ئويلاپ،خەلقنىڭ غېمىنى قىلىپ ‹‹خەلقىم سۈزۈك سۇ ئىچسۇن›› دەپ يۈكسەك ياخشى نىيەت بىلەن  ئەۋەتىپ  بەرگەن سۇنى بىرنەچچە تەلۋىنىڭ ‹‹ئۆز كۆمۈچىگە چوغ تارتىش›› سەۋەبىدىن قەستەن لېيىتىۋاتقانلىقىدىن خەۋەردار بولسا ئەلۋەتتە خۇشال بولۇپ كەتمەيدىغۇ دەيمەن؟! مېنىڭ قارىشىمچە ئۇلار ‹‹ئۇستا دوختۇر››.دوختۇر كېسەل داۋالاشتىن بۇرۇن بىماردىن كېسەللىك ئەھۋالىنى سوراپ، نېمە كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىنى سۈرۈشتۈرىدۇ. بۇ ‹‹كېسەل››لەر ئۆز ‹‹كېسەللىك››نى ‹‹دوختۇر››غا ئۆزى ئېيتىشى كېرەك ئىدى.بۇنداقتا ‹‹كېسەللىك›› ‹‹ئېغىرلاپ›› كەتمەي تېزراق ساقىياتتى.لېكىن ئۇلار بۇ‹‹كېسەل››نى  دوختۇرغا ئېيتىشتىن قورقۇۋاتقان ئىكەن،چوقۇم  مەن باشتا تىلغا ئالغان ماقالدىكىدەك يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشى تەبىئى. شۇڭا مەن  بۇنداق ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ  ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ كېسەللىكىنى ‹‹ئۆز ئەينەك››ىم  ئارقىلىق ئاشكارىلىۋېتەي.
بۇ ‹‹سۇ لېيىتقۇچى››لارنىڭ باشلىقىنىڭ ئىسمى قېيىم. ۋەزىپىسى كەنتىمىزنىڭ ياچېيكا سېكرىتارى.ئۇ پارتىيەنىڭ كەنتىمىزدىكى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن سۇنى لېيىتىش ئەمەس تېخىمۇ سۈزۈلدۈرۈپ پارتىيە مىھرى شەپقىتىنىڭ نەقەدەر چوڭقۇر ۋە ئۇلۇغۋارلىقنى دېھقانلارغا بىلدۈرەلىشى كېرەك ئىدى.لېكىن ئۇ ئۇنداق قىلالمىدى.ئەكسىچە ئىش قىلىپ ‹‹سۈزۈك سۇ››نى ‹‹لاي›› قىلىپ پارتىيە ئوبرازىغا ئېغىر داغ چۈشۈردى.مەملىكىتىمىزدەك ئىقتىساسلىقلار كۆپ،رىقابەتلىشىپ ئىش ئورنىغا چىقىپ خەلىق ئاممىسىغا بەخت يارىتىشقا بارلىقنى ئاتاپ تۇرغان پىداكارلار كۆپ تۇرغان شارائىتتا بۇنداقلارنىڭ بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئاشكارىلاشقا، پاش قىلىشقا پېتىنالمىساق خەلقىمىز پارتىيەنىڭ ئىللىق نۇرىدىن قاچانغىچە توسالغۇسىز بەھرىمەن بولالماي يۈرىدۇ؟!
بىز مەنبەنى تېپىش ئۈچۈن قېيىمنىڭ قىسقىچە تارىخىنى ۋاراقلاپ كۆرەيلى: قېيىم 1967-يىلى مۇشۇ يېزىنىڭ مەلۇم كەنتىدىكى نامرات دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.پەقەت تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكىچىلا ئوقۇغان.شۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىمۇ بىر كۈن مەكتەپكە كەلسە ئۈچ كۈن ئىت تالاشتۇرۇپ توخۇ سوقۇشتۇرۇپ يۈرۈپ ئوقۇپ ئاران تاماملىغان.ئۇ دەرسلەردىن  كۆرە بالىلار بىلەن سوقۇشۇپ جىدەل ماجرا تېپىشنى بەكرەك ياخشى كۆرەتتى.ئۇ ئەشۇنداق ئوقۇغاچقا يۇقۇرىلاپ ئوقۇيالمىدى.ئاتا-ئانىسى ئۇنى بازاردىكى بىر ئاشپەزگە شاگىرتلىققا بەردى.ئۇ ئاشپەزلىكتە ئۈچ يىل تۇرۇپ ھۈنەرنى يامان ئەمەس ئۆگەنگەن بولسىمۇ ئاتا ئانىسى نامرات بولغاچقا ئۇنىڭغا بازاردىن ئاشخانا ئېچىپ بېرەلمىدى.ئۇ ھورۇن بولغاچقا ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملەشمەي  بىكارچىلىقتا كوچا لۈكچەكلىرى بىلەن ئارىلىشىپ لاغايلاپ يۈردى. كونىلار :‹‹ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ ئۆز ئالدىغا بىرەر ئارتۇقچىلىقى بولىدۇ ›› دېيىشىدۇ.قېيىمنىڭمۇ بىلىمى بولمىغىنى بىلەن باشقىلارغا يېقىنلىشىشىقا ماھىر بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقى بار ئىدى.90-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى مەلۇم كۈنلەردە يېزىمىزغا تۇرسۇن ئىسىملىك بىر كىشى پارتىكوم سېكرىتارى بولۇپ كەلدى. ئۇ چىراي تۇرقى كېلىشكەن،ئۇستىخانلىق،سالاپىتى بار كىشى بولسىمۇ لېكىن قۇرسىقىدا بىلىمىنىڭ تايىنى يوق كىشى ئىدى.لېكىن ئادەم باشقۇرۇشقا،گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرۇشقا،دېھقانلارنى قاقتى –سوقتى قىلىپ شۈلۈپ يىيىشكە،ئىمتىيازىدىن پايدىلىنىپ ئېغى بوش قىز چوكانلارنى قولغا كەلتۈرۈپ ‹‹كۆڭۈل خوشى››قىلىشتا  ھىچكىم ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتەلمەيتتى.تۇرسۇن شۇجى مىليۇنېر دادىسىنىڭ پۇلىنىڭ كۈچى بىلەن بۇ ئەمەلنى ‹‹سېتىۋالغان›› بولغاچقا ئەنە شۇنداق دېھقاننى شۈلۈپ يىيىشكە،ھارام يىيىشكە ئامراق ئىدى.(كېيىن ئۇ نەچچە يىلغا بارماي ئىستىل ۋە خىيانەت مەسىلىسى تۈپەيلى خىزمىتىدىن تازىلاندى) قېيىمجان ماھارىتىىنى ئىشقا سېلىپ بۇ شۇجى بىلەن تونۇشۇۋالدى.ۋە تېزلا يېقىنلىشىپ كەتتى.مۇشۇ كۈنلەردە يېزلىق ھۆكۈمەتنىڭ كادىرلارغا تاماق ئىتىدىغان ئاشخانىسىغا  ئاشپەز كېرەك بولۇپ قېلىپ قېيىمجان تۇرسۇننىڭ ياردىمى بىلەن بۇ ئاشخانىغا ياللانما ئاشپەزلىككە كىرىۋاللدى.ئۇ تۇرسۇننىڭ دىتىغا يېقىش ئۈچۈن ‹‹قوش خىزمەت›› قىلدى.كۈندۈزلىرى ئاشخانىدا تاماق ئەتسە، كېچىلىرى تۇرسۇننىڭ كۆزى چۈشكەن چىرايلىق،ياش قىز چوكانلارنىڭ يېنىغا دەللاللىققا بېرىپ ئۇلارنى بىر ئاماللار بىلەن ئىندەككە كەلتۈرۈپ  ئەكىلىپ تۇرسۇننىڭ قوينىغا تاشلاپ بېرىپ تۇرسۇنغا بەكمۇ ياراپ كەتتى.بۇرۇنقى ئاشپەزلەر بىر ئىككى ئاي ئىشلەپلا چىدىيالماي چىقىپ كەتكەن بولسا قېيىمجان جاپالارغا چىدىدى.تۇيغۇن ئىتتەك خوجايىنىغا سادىق بولۇپ ئۇنىڭ تۈرلۈك ھارام ھاجەتلىرى ئۈچۈن كېچە كۈندۈز ھارماي سوكۇلدىدى.‹‹يىگەن ئېغىز ئۇيالدى›› بولغاي قېيىمقاننىڭ قىلغان خىزمەتلىرى ئۈنۈمىنى كۆرسۈتۈپ ئىككىچى يىلى ئۇ ‹‹ھۆكۈمەتنىڭ تۆمۈر دەپتىرى››گە ئۆتۈپ مۇئاش ئالىدىغان،ئاق ئاش يەيدىغان ‹‹ئاق ئۇستىخان كادىر››غا ئايلاندى.يەنە5-6 ئاي ئاشپەزلىك قىلغاندىن كېيىن تۇرسۇن ئۇنى يېزىلىق ئورمانچىلىق پونكىتىنىڭ كادىرى قىلىپ قازان بېشىدىن ئازاد قىلىۋەتتى.قېيىمقان بۇ ئورۇنغا كىرگەندىن كېيىن تۇرسۇنغا تېخىمۇ سادىق بولۇپ كەتتى.يېزا كادىرلىرى ئۇ بار يەردە تۇرسۇننىڭ بىرەر ئېغىز يامان گېپىنىمۇ قىلىشالمايتتى…
كېيىن تۇرسۇن ناھىيىگە يۆتكۈلۈپ كېتىپ ئورنىغا باشقا كىشىلەر باشلىق بولۇپ كەلدى.قېيىمجان ‹‹بەز يېمەيدىغان مۈشۈك يوق›› دېگەن پەلسەپىسى بويىچە مەيلى كىملا باشلىق بولۇپ كەلمىسۇن ئۇنىڭ ئاجىز نوقتىلىرىنى تىرىشچانلىق بىلەن ئىزدەپ تېپىپ شۇ تۇتقاغا تايىنىپ داۋاملىق يۇقۇرىغا يامىشىپ كەلدى.بۇ جەرياندا ئۇ ‹‹پەرمان ئاڭلىغاندىن، پەرمان چۈشۈرگەن ئەلا›› دېگەن ئەمەلدارلار پەلسەپىسىنى چۈشىنىپ يىتىپ، ‹‹باشقۇرغۇچى بولۇش شىرىن چۈشى››نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن يول مېڭىپ يۈرۈپ ئادەملىرى يۇۋاش،ساددا،قورقۇنچاق،ئۆكتە قۇپۇشنى،ناھەقچىلىققا ئۇچرىسا يۇقۇرىغا  ئەرىز قىلىشنى بىلمەيدىغان بوزلۇق كەنتىمىزگە سېكرىتار بولۇپ كەلدى.ئادەملىرى پايتەختكىچە ئەرىز ئېيتىپ بارالىغان خوشنا كەنىتكە تەيىنلەنسە ‹‹ئۇ يەرگە بارغاندىن ئاستا ئۆيۈمگە قايتىپ دېھقانچىلىقىمنى قىلغىنىم ئەۋزەل››دەپ بارغىلى ئۇنىمىدى.
ئۇ تۇرسۇندىن ۋە كېيىنكى نۆۋەتلەردىكى ‹‹ئۆزىنى سەمىرىتكۈچى ئەمەلدار››لاردىن نۇرغۇن دېھقانلارنى شۈلۈپ يەپ باي بولۇش رىسالىلىرى››نى ئۆگىنىۋالغان ئىدى.مانا ئەمدى ئۇ بۇ رىسالىلەرنى ئىشقا سېلىپ ‹‹ئېغىزدىكى شۇئارى باشقا،قىلغان ئەتكىنى باشقا ،ساختىپەز كادىر›› غا ئايلىنىۋېلىپ  دىھقانلارنى سېغىن كالىنى ساغقاندەك ‹‹سېغىپ ئىچىش››كە باشلىدى.ئۇنىڭ پۇل تېپىش يوللىرى كۆپ ئىدى. دېھقانلارنىڭ تېرىقچىلىق ئىشلىرىغا ھەر كۈنى ئارىلىشىۋېلىپ تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرگەندەك   قىلغان ئەمگەكلىرىدىن قۇسۇر تېپىپ ھە دېسىلا جەرىمانە ئېلىپ تۇراتتى.مەھەللىدىكى دېھقانلارنىڭ ھۆددە ئالغان يەرلىرىنىڭ بېجى كەچۈرۈم قىلىنىپ ھەقسىزلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇ بىر قىسىم يەرلەرنى ‹‹تاۋار يەر›› دېگەن نام بىلەن ئاتىۋېلىپ ئۇ يەرلەر ئۈچۈن دېھقانلاردىن ھەر يىلى پۇل يىغىدىغان بولدى.بۇنىڭغىمۇ قانائەت قىلماي دېھقانلار ئۆزلىرى ئېچىلۋالغان بىنام يەرلەرنىمۇ تاۋار يەر تىزىملىكىگە تىزىملىۋېلىپ ھەسسىلەپ پۇل يىغىپ غەشلەيدىغان بولۇۋالدى. يۇقرىدىن كەلگەن سۇ ھەققى،سۇ قۇرۇلۇش ئەمگىگى ھەققى،ھاشار ئەمگىگى ھەققى...قاتارلىق ھەقلەرمۇ دېھقانلارغا چېچىلغاندا ‹‹سەمىرىپ›› كۆپۈيۈپ قالاتتى.
كۈلكىلىك يېرى شۇكى ‹‹ئېشەك ھاڭراشتىن باشقىنى بىلمەس›› دېگەندەك ئۇ كەنىتتە ياكى مەھەللىدە دېھقانلارغا يىغىن ئاچقاندا مەدەنى سۆزلەشنى بىلمىگەچكە ھەدىسىلا ئاغزىنى بۇزۇپ دېھقانلارنى ھاقارەت گەپلەر بىلەن سەتلەپ تىللايتتى.دېھقانلار ئۇنىڭ بۇ ‹‹تەلەپپۇزى››غا كۆنۈپ كەتكەن بولغاچقا تېلىغا تەككۈدەك سەت سۆزلەر بىلەن تىللىسىمۇ قۇلاق يوپۇرۇپ ئولتۇرۇۋېرەتتى.باشقا يەردىن كەلگەنلەر ياكى بۇ يىغىنغا بۇرۇن قاتنىشىپ باقمىغانلار بۇنداق ‹‹قوپال  يىغىن نۇتۇقلىرى››نى ئاڭلىغاندا چىداپ تۇرالماي قالاتتى.
قېيىمجان مانا شۇنداق قىلىپ، تۈرلۈك يوللار بىلەن  پۇل يىغىپ ناھايتى تېزلا بېيىپ ‹‹بېيىش ماھىرى›غا ئايلاندى.بۇرۇنقى ئەسكى تاملىق ‹‹جىن كەپىسى ›› بىتۇن قۇرۇلمىلىق ھەشەمەتلىك ئۆيگە ئايلاندى.ئەمدى بۇرۇنقى ئادى دىھقان خوتۇنى بۇ ئۆيگە ‹‹ياراشماي›› قالدى. شۇڭا قەتئى نىيەتكە كېلىپ ئايالىغا ‹ئۈزۈلدۈرمەي بىزار قىلىش تاكتىكىسى››نى ئىشلىتىپ ئاخىر ئىككى بالىسى بىلەن خېتىنى بېرىپ كەشىنى توغرىلاپ ‹‹كۆزنىڭ يېغىنى يەيدىغان،ئەتىر پۇراپ تۇرىدىغان تىرناقتا توختىغىدەك مودا خوتۇن››ئېلىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ ئىككى بالىسى بىلەن تۇل ئولتۇرۇپ قالغان باشلانغۇچ مەكتەپتىكى سېمىز چىرايلىق ئاق پىشماق تاجىگۇل خانىمنى ئەمرىگە ئېلىپ ‹‹ئۆي گۈلى››قىلدى.بۇ خانىمنىڭ بۇرۇنقى ئېرى بىلەن ئاجرىشىپ كېتىشىگە ھېلىقى تۇرسۇن شۇجى بىلەن تانسا ئويناپ 2-3 قېتىم ‹‹قونۇشۇپ بەرگەن››لىكى سەۋەپ بولغان ئىدى.
لاي يۇققان توپنى پاتقاقتا دومىلاتقانسېرى يوغىنايدۇ.قېيىمجانلارمۇ يۇقارقى ھۈنەرلىرى تۈپەيلى يىلدىن يىلغا يوغىناپ كۆپۈپ تېخىمۇ بەك بېيىشقا باشلىدى.ئەمدى يېزىدىكى بىتۇن قۇرۇلمىلىق ئۆينىمۇ قىشتا سوغاقكەن دەپ تاشلاپ قويۇپ شەھەردىن 300مىڭ يۈئەنگە 110كۇۋادىراتمېتىرلىق ئۆيدىن بىرنى سېتىۋېلىپ 200مىڭ يۈئەن خەشلەپ بېزەتتى.‹‹قوينۇڭدىن تۆكۈلسە قونچۇڭغا ››دەپ ئاكىسىنىڭ دۆلىتىنى كۆرۈپ بۇرۇن ئىشەك ھارۋىسى بىلەن قىغ توشۇپ يۈرگەن قاسماق كىيىملىك ئىنىسى پىت بېسىپ كەتكەن كىيىملىرىنى سېلىپ تاشلاپ شەھەر ياشلىرىدەك ياسىنىپ ئەسكى ھارۋا ئورنىغا كورىيەنىڭ ‹‹ھازىرقى دەۋر›› ماركىلىق 250مىڭ يۈئەنلىك ئىسىل ماشىنىسىنى ھەيدەپ شەھەر بىلەن يېزا ئارىلىقىدا كىراكەشلىك قىلىدىغان بولدى.قوي ئېلىپ سېتىپ بىدىكچىلىق قىلىدىغان يەنە بىر ئىنىسىغا بانكىدىن قەرز ئېلىپ موتسېكىلىت سېتىش دۇكىنىدىن بىرنى ئېچىپ بېرىۋىدى بۇ دۇكاننىڭ سودىسىمۇ ئاجايىپ يۈرۈشۈپ كەتتى.
دىھقانلار :‹‹قېيىمجان ئوبدان بېيىدى،پۇلغىمۇ تويدى،ئەمدى بىزنى شىلىپ يىيىشنى توختۇتارمىكىن››دەپ ئاغزىنى تاتلىق قىلىشقان ئىدى.لىكىن ‹‹يەپ تېتىغاننىڭ تېخىمۇ يىگۈسى كېلەر››‹‹ئادەمنىڭ كۆزى گۆردە توپىغىلا تويىدۇ›› دەپ دانالار بىكار ئېيتمىغان ئىكەن.قېيىمجاننىڭ دېھقانلاردىن  پۇل تېپىش ۋاستىلىرى تېخىمۇ موللاشقىلى تۇردى.يۇقۇرىدىن قالايمىقان ھەق ئېلىشنى چەكلەش،دېھقانلارنىڭ سېلىقىنى ينىكلىتىش پەرمانلىرى ئارقا ئارقىدىن كىلىشكە باشلىۋىدى.‹‹يەيمەن دېسەڭ بانا دېگەن تېپىلار›› دېگەندەك قېيىمجاننىڭ دەۋرگە ماسلاشقان يېڭىچە پۇل تېپىش ئۇسۇللىرى ئىجاد بولۇشقا باشلىدى.ئۇ ئەمدى خىزمەتتە ئاجايىپ ئاكتىپ بولۇپ يېزىدىن نەخ مەيدان ئاچقانلارغا  بېرىلىدىغان ھەر ئاي ھەر پەسىلدىكى مۇكاپات پۇللىرىنمۇ سۈپۈرىۋالىدىغان بولدى.ئەتىيازدا يەرگە قوش سېلىشتىن تارتىپ كۈزدە يەر بىكارلاپ كۈزگى بۇغداي تېرىتىشقىچە بولغان ئارىلىقتا 8-10قېتىم نەخ مەيدان ئېچىپ ئۈلگە كۆرسۈتۈش پۇرسىتى بولاتتى.ھەر قېتىم نەخ مەيدان ئېچىپ ئۈلگە كۆرسەتكەنلەرگە 2مىڭ يۈئەندىن بەشمىڭ يۈئەنگىچە مۇكاپات بېرىلەتتى.بۇ كەنىتنىڭ پۇقرالىرى قويدەك يۇۋاش  بولغاچقا ھىچقانداق بىر ئىىشتا كەنىت  تەشكىلى بىلەن قارشىلاشمايتتى.مەسىلەن بالدۇر يەر ھەيدىتىپ بولۇش ئۈچۈن غېرىچ ئىگىزلىكتە سۈيى بار ئېتىزلىرىنى ئاغدۇرۇپ كىسەك قۇيغۇدەك لاي پىشۇرۇپ قويسىمۇ،يازدا تېخى دېنى قېتىشماي سۈت دان بولغان كۆك بۇغدايلىرىنى ئورغۇزۇۋېتىپ ئورنىغا قوناق تېرىتىۋەتسىمۇ،كۈزدە قوناقلىرى .ئەمدىلا سۈت باش بولۇپ دېنى قېتىشماي تۇرغان قوناقلىرىنى ‹‹سىلۇس قىلىسەن›› دەپ چاناتقۇزۇۋېتىپ ،چانىغىلى ئۇنىمىغانلارنىڭ قوناق ئېتىزىغا سۆرەم سالغۇزۇپ قوناقلىرىنى ياتقۇزۇۋەتسىمۇ  ھىچكىم چىش يېرىپ بىرنىمە دىيەلمەيتتى.
دېھقانلارنىڭ ھەممىسىلا يۇۋاش ئەمەس ئىكەن.ئارىسىدا قارشىلىق قىلالايدىغان،مەنپەتى يولىدا ھەق سۆز ئېيتىپ قېيىم سېكرىتارغا قول كۆتۈرۈپ چىقىشقا پېتىنالايدىغانلارمۇ چىقتى.خەق ھەيران بولۇپ ھېلىقى قارشىلاشقۇچىغا كۆزىنى چىمىلدىتىپ قاراشتى.ئۇ باشقا بىرسى ئەمەس مۇشۇ كەنىتنىڭ بىرىنچى مەھەللىسىدىكى ئاددى بىر ئەمەتجان ئىدى.
بۇ ئىش مۇنداق يۈز بەرگەن:
ئەتىيازدا كېپەز تېرىلىدىغان ئاق يەرگە قىشلىق سۇ كىچىكىپ بىرىنچى ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا  بېرىلدى.دېھقانلار ئېتىز قىرلىرىنى پۇختىلاپ  سۇنى ئوبدانلا قويۇۋېلىشتى.ئىككىنچى ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى بولۇپ قالغان بولسىمۇ ئېتىزلىقتىكى سۇلار سىڭىپ كەتمەستىن كۆل سۈيىدەك داۋالغۇپ تۇرۇشاتتى.بۇ يىل زەي ئاپىتى يۈز بەرگەن بولغاچقا زەي ئۆرلىۋېلىپ سۇلار سىڭمىگەن ئىدى.بۇ خىل زەي ئاپىتى يۈز بەرگەن يىللىرى تېرىلغۇ كىچىكىپ كېتەتتى.بۇ ئاپەتنى يوقۇتۇشنىڭ چارىسى زەيكەشلەرنى رىمۇنىت قىلىپ چوڭقۇر چاپتۇرۇپ زەي سۇلىرىنى ئاقتۇرۇۋېتىش ئىدى.لىكىن قېيىم ئۇنداق قىلىش ئورنىغا سۇچىلارنى يېتەكلەپ دىھقانلارنىڭ ئېتىزىدىكى سۇلارنى يوللارغا،ئېرىقلارغا ،چوڭقۇرلۇقلارغا،چىقىرىۋېتىشكە بۇيرىدى.يۇرتىمىزدا 3-ئاينىڭ ئاخىرى قوش چىقىپ يەر ئاغدۇرۇش باشلىنىپ ،  يەرلەر ئاساسەن 4-ئايلارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تېرىلاتتى.بۇ تېخى ئىككىنچى ئاي مەزگىلى بولغاچقا سۇنى سىڭدۈرۈپ يەرلەرنى كېلىشتۈرۈشكە ئالدىراشقا تېخى خېلى بالدۇر ئىدى.دېھقانلارغا ئايانئىدىكى يەرلەرنىڭ سۇغۇرۇش سۈيى ئۆزىچە سىڭىشى كېرەك ئىدى.قايسى ئېتىزنىڭ سۈيى سىرتقا چىقىپ كېتىپ قالسا شۇ ئېتىز سۇغا قانماي ئالا بولۇپ قالاتتى.بۇ داۋلىنى ھەممە دېھقان بىلەتتى.شۇڭا يەرلەرنىڭ سۈيىنى بۇنچە بالدۇر چىقىرىۋېتىش خاتا پەمان ئىدى.قېيىمجان ئەتىيازلىق تېرىلغۇنى ھەممىدىن بۇرۇن ئاخىرلاشتۇرۇپ يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ مۇكاپاتىنى قولغا كەلتۈرۈشنى پىلانلاپ قويغاچقا ئالدىراپ قالغان ئىدى.بۇ مەقسەدكە يېتىش ئۈچۈن دىھقانلارنى تەشكىللەپ ياكى پۇل يىغىپ توپا قېزىش ماشىنىسى بىلەن   كەنتىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئېقىپ ئۆتۈدىغان يېزا دەرىجىلىك زەيكەشنى چاپتۇرۇپ زەي سۇنى راۋانلاشتۇرۇۋەتسىلا بۇ مەسىلە ئۈنۈملۈك ھەل بولاتتى.ئېتىز سۈيىنى چىقىرىۋېتيىشكە بارلىق دېھقانلار نارازى بولغان بولسىمۇ، لىكىن، ھىچكىم  ئېتىز بېشىغا كېلىپ كەنىت كادىرلىرى تەرىپىدىن ئېچىۋېتىلگەن ئېچىقلارنى ئېتىۋېتىپ ئېتىزىدىكى سۇنى ساقلاپ قېلىشقا پېتىنالمىدى.ئەمەتجاننىڭ ئېتىزى مەيداننىڭ چېتىدە ئىدى.ئۇنىڭ ئېتىزىنىڭ سۇلىرى توپىلىق مەھەللە يولىغا ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ شارقىراپ چىقىپ كېتىۋاتاتتى.ئەمەتجان قىشتا بۇ يېرىگە 30ھارۋىغا يېقىن قىغ ئېلىپ چىقىپ ياخشى ئىشلىگەن ئىدى.ئېتىز سۈيى بۇنداق چىقىرىۋېتىلسە قىغنىڭ كۈچى چىقىپ كېتىپلا قالماي يەرمۇ  سۇغا قانماي ئالا چىقىپ قالاتتى.شۇلارنى ئويلاپ ئۇ تاقەت قىلىپ تۇرالماي بېرىپ ئېچىقىنى ئىتىۋەتتى.كادىرلار بىلەن سۇچىلار ئۇنىڭغا بىرنىمە دىيەلمىدى.ئۇ تەرەپتە تەرلەپ پىشىپ يەنە بىر دىھقاننىڭ ئېتىزىدىكى سۇنى چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن ئېچىق ئېچىۋاتقان قېيىم بۇنى كۆرۈپ كەتمەننى تاشلاپ  سەت ۋارقىراپ ئەمەتجاننى تىللىغىنىچە يولۋاستەك ئېتىلىپ كەلدى.
-ھەي ئەمەت كۇرۇك نىمە قىلىۋاتىسەن؟!
ـ ئېچىق ئىتىۋاتىمەن.
-ماڭ جۇگۇ ئېچىق ئىتىمەن دىمەي، بېرىپ خوتۇنۇڭنىڭ ئىشتان بېغىنى ئەت.
-مىنىڭ خوتۇنۇمنىڭ ئىشتان بېغى مەن ئىتىپ قويمىساممۇ مەھكەم ئىتىكلىك،
-چىڭ بوشلىقىنى مەن سەندىن ئوبدان بىلىمەن،ئېچىقنى نىمىشقا ئىتىۋىتىسەن؟!
-ئېتىز سۈيىنى چىقىرىۋېتىپتىكەنسەن شۇڭا ئىتىۋەتتىم.
-ئېتىزىڭغا سۇنى جىق قويۇۋاپسەن،20كۈندىمۇ سىڭمەپتۇ.شۇڭا چىقىرىۋەتتىم.پاكەن ئالمىغانغا خوش بول.
-ئېتىزغا سۇنى جىق قويۇۋالمىدىم.زەي كىلىۋالغاچقا سىڭەلمەپتۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر دىگەن قىشلىق توڭ ئېرىپ يەرلەر تەرلەيدىغان،يەر ئاستىدىكى سۇمۇ يۇقۇرىغا ئۆرلەيدىغان ۋاق تۇرسا قانداقمۇ سىڭىپ بولالمىغان بولىدۇ.قارىمامسەن ھەممىلا ئېتىزدا سۇ تۇرمامدۇ؟ھەممىسىلا جىق قويۇۋاپتىمۇ؟
-ھەممىڭ ئاچكۆزلۈك قىلىپ جىق قويۇۋاپسەن،
-ئاچكۆز دىگەن بىز ئەمەس سەن؟
-ئاغزىڭغا بېقىپ گەپ قىل،سەنلەيسەنغۇ؟!
-سەنمۇ سەنلىدىڭغۇ؟!
-مەن دىگەن سېكرىتار،سەن قەلەندەر مەن بىلەن تەڭ تۇرالامتىڭ؟
-مەن بۇرۇن قەلەندەر ئەمەستىم،سەن قەلەندەر باشلىق بولۇپ كەلگەندىن بۇيان نامراتلىشىپ قەلەندەردەك بولۇپ كەتتۇق.
-مېنى قەلەندەر دەيسەنغۇ پىتلىق دىۋانە،گېپىڭ بار ئوخشىمامدۇ؟
قېيىم يوغان تەمبەل ئادەم ئىدى.ئەمەتجان بولسا پاكار،ئورۇق ۋىجىك دىھقان ئىدى.قېيىم ئۇنى بىر ئىتتىرىپلا يەرگە يىقىتىۋېتىپ يىقىلىپ ياتقان بىچارە دىھقاننى بازغاندەك مۇشتۇمى بىلەن ئۇرۇشقا باشلىدى.
ئەمەتجاننىڭ نالە پەرياتلىرى ئاڭلىنىپ تۇرسىمۇ ھىچكىم ئۇلارنى ئاجرىتىپ قويۇشقا پېتىالمىدى.يىراقتا ئېتىزلىرىنى ئارىلاپ يۈرگەن ئەمەتجاننىڭ ئاكىسى  ئابدىكىرىم ئەھۋالنى كۆرۈپ يۈگرەپ كىلىپ قېيىمغا ۋارقىرىدى:
-ھەي سەن گومىنداڭ بېگىمۇ ياكى كومپارتىيە كادىرىمۇ؟ نىمىشقا ئادەم ئۇرىسەن؟
-ئورۇنلاشتۇرغان ئىشقا قارشىىلىق قىلدى،ئاممىنى قۇتراتتى،ياخشى گەپ قىلسام مېنى تىللاپ ھاقارەتلىدى.تېخى مېنى ئۇرماقچى بولدى.شۇڭا مۇنداق ئۇرىمىز دەپ ئۆگىتىپ قويۇۋاتىمەن.سېنىڭمۇ گېپىڭ بار ئوخشىمامدۇ؟
مېنىڭ ساڭا گېپىم يوق ئىدى.سەن بىچارە يۇۋاش دىھقاننى ناھەق ئۇرۇپ بوزەك قىلدىڭ،،كادىرلىق سالاھىيىتىڭگە داغ چۈشۈردۈڭ، خاتا ئىش قىلىپ دىھقانلارنى زىيانغا ئۇچراتتىڭ،سەندەك ئۆزىنى بىلمەيدىغانلارغا گەپ قىلىپ قويۇشمۇ زۆرۈر ئوخشايدۇ!
قېيىم ئەمەتجاننى تاشلاپ ئابدىكىرىمگە ئېتىلدى.
ئابدىكىرىم ئۇنىڭ ئاتقان مۇشتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ,چاققانلىق بىلەن  مۇشت ئاتقان قولىنى تۇتۇۋېلىپ  مۇش ئاتقىلى قويمىدى.قېيىم ئوڭ قولىنى ئاجرىتالماي سول قولى بىلەن مۇشت ئاتتى.مۇشت ئابدىكىرىمنىڭ يۈزىگە ئوبدانلا تەگدى. قېيىم بۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلماي ئابدىكىرىمنى يەنە تەپمەكچى بولۇپ پۇت شىلتىدى.ئۇنىڭ راسا ئاچچىقى كەلگەن ئىدى.چۈنكى، ھازىرغىچە ھىچكىم ئۇنىڭغا قول ياندۇرۇش تۈگۈل ئالىيىپمۇ قارىيالمىغان ئىدى.ئابدىكىرىمنىڭمۇ ئاچچىقى راسا كەلدى.كادىركەن دەپ  تۇرۇپ بېرىۋەرسە بۇ تەلۋىدىن ھارام تاياق يەيدىغانلىقىنى تونۇپ يىتىپ :
-نىمە تۇرۇپ بەرسەم شىلتىڭ ئېتىۋېرىدۇ بۇ بىرنىمە –دېگىنىچە  قېيىمنىڭ كانىيىدىن ئېلىپ نېرى ئىتتىرۋېتىپ ئۆزىگە يېقىن كەلتۇرتمىدى.باياتىندىن بېرى قاراپ تۇرۇشقان كەنىت ۋە مەھەللە كادىرلىرى قېيىمنىڭ تاياق يەپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئەمدى كېلىپ ئۇلارنى ئاجرىتىپ قويدى.
ئەلەمگە چىدىمىغان  قېيىمنىڭ كۆزلىرى پىيالىدەك بولۇپ كەتكەن بولۇپ ھە دەپ تىترەيتتى.ئۇ غالچىلىرىغا ئىشىنىپ ئابدىكىرىملەرنى يەنە بىرمۇنچە تىللىۋالغاندىن كېيىن ئۇلارنى خەپلەپ مۇنداق دېدى:
-خەپ توختاپ تۇرۇش،ئېتىزدىكى ئازغىنە سېسىق سۈيۈڭگە چىدىماي ماڭا مۇشت كۆتۈرۈشۈپ چىقىشتىڭ.مېنى تىللاپ ھاقارەتلەشكە پېتىنىشتىڭ،مۇشۇ قىلغانلىرىڭ ئۈچۈن سەنلەردىن،مەھەللەڭلاردىن  ئۆچ ئالماي قويمايمەن!
- تەشكىلى يوق جاھانمىكىن دەپ قالدىڭمۇ ؟قولۇڭدىن كەلگەننى قىل.نىمە قىلالايتتىڭ؟!
-نىمە قىلايتتىم،پۈتۈن مەھەللىنى سۇ تازا كېرەك ۋاقىتتا سۇدىن قىسىمەن،كېرەك ئەمەس ۋاقىتتا زولاپ بېرىمەن،مېنىڭ قانداق ئادەملىكمنى شۇ چاغدا بىلىپ قېلىشىسەن!
قېيىم ھەقىقەتەن دىگىنىنى قىلدى.ئۆچ ئالدى.ئۆچ ئالغاندىمۇ ئاكا –ئۇكىلاردىن ئەمەس پۈتۈن مەھەللىدىكىلەردىن ئالدى.3-ئاينىڭ بىرىنچى ھەپتىسى بۇغدايلار زەي سۇدىن قۇتۇلالماي سارغىيىپ يىلتىزى چىرىشكە باشلىغاندا بۇغداينىڭ بىرىنچى سۈيىنى زولاپ بېرىپ  قويغۇزىۋىدى،دىھقانلارنىڭ بۇغدايلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەگى سېسىپ ئۆلدى.سېسىمىغانلىرىنى كىيىنكى سۇيىنى كىچىكتۈرۈپ بەشىنچى ئاينىڭ ئوتتۇرلىىدا بىر قېتىم بېرىپ ئۆلگەندىن كېيىن ياسىن ئوقۇغاندەك قىلىپ ئاجىزلىتىپ قويدى.شۇنىڭ بىلەن بۇغدايلارنىڭ مو بېشى مەھسۇلاتى خېلى ئوخشىغانلىرىنىڭ 300جىڭدىن،تۈزۈك بولمىغانلىرىنىڭ 20-30جىڭدىن ئاشمىدى.سامانمۇ تۈزۈك چىقمىدى.6-ئاينىڭ ئوتۇرلىرىدا يەرلەرنى قايتا تېرىشقا ناھايتى ئازدىن سۇ بېرىپ،جىق قويۇۋالغانلىرىنىڭ ئېتىزىنىڭ سۈيىنى چىقىرىۋېلىپ جەرىمانە قويۇپ نەمدەلگەن يەرگە قوناق تېرىتتى.قوناقمۇ ئالا چىقتى.قوناقنىڭ سۈيىنىمۇ كېچىكتۈرۈپ 9-ئاينىڭ ئوتۇرلىرىدا بەردى.بۇ چاغدا قوناقلار ئاساسەن ھالىدىن كېتىپ بولغان بولۇپ تۈزۈكرەك باشمۇ ئالالمىغان،بەزىلىرى تېخى ئەمدىلا مەدەك بولۇشقا باشلىغان ئىدى. سۇ قويۇلۇپ ئون ئىككى كۈن ئۆتۈپ ئەي بولغان قوناقلار ئەمدىلا سۈت باش بولۇشقا باشلىغاندا يېڭىدىن پەرمان چۈشۈرۈپ ھەممە قوناقلارنى ئورۇغۇزىۋەتتى.پەرمان قۇلى دېھقانلار :‹‹ ئازغىنە قونىقىمىزمۇ بولسا دان قېتىشىپ قوناق بولۇۋالسۇن›› دەپ يۈرەك سۆزلىرىنى دېيەلمەي مۇلايىملىق بىلەن ئېتىزغا چىقىپ قوناقلارنى ئورۇشقا باشلىدى.
بىزنىڭ كەنىت مانا شۇنداق سەۋەپلەر بىلەن باي بولالمىغان نامرات كەنىت.دېھقانلارنىڭ ھازىرغىچە نامرات قېلىشىدا بىر قىسىم كەنىت كادىرلىرىنىڭ ئاچكۆزلۈك قىلىپ دىھقانلارنى تىنىمسىز شىلىپ يىيىشى،باي قىلىش يوللىرىنى تاپالماي باشقا كەنىتتىكىلەرنى قارىسىغا دوراپ دورامچىلىق قىلىشى، سەۋەپ بولۇپلا قالماي يەنە ، پۇقرالىرىنىڭ ھەددىدىن زىيادە يۇۋاش قورقۇنچاقلىقى،قانۇن ئېڭىنىڭ تۆۋەنلىكى،ئۆز مەنپەتىنىڭ زىيانغا ئۇچراۋاتقىنىنى كۆرۈپ، بىلىپ تۇرسىمۇ قانۇن ۋە مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەردىن پايدىلىنىپ قوغداشنى،يۇقۇرىغا ئىنكاس قىلىشنى بىلمىگەنلىكىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايتتى.قېيىمدەكلەر دىھقانلارنىڭ ئەرىز قىلىپ بېرىشىدىن قورقۇپ دېھقانلارغا يىغىن ئاچقاندا ئۇلارنى مۇنداق دەپ قورقۇتاتتى:

-ئاڭلىمىدىم دىيىشمە،ھەرقاندىقىڭنىڭ يۇقۇرىغا ئەرىز ئېيتىپ بېرىشىڭغا رۇخسەت يوق.بولۇپمۇ دەرىجە ئاتلاپ ئەرىز ئېيتىپ بېرىشىڭغا رۇخسەت يوق.ئەگەر قايسىڭ يۇقۇرىغا ئەرىز قىلىپ بارساڭ يۇقۇرىدىكىلەر بىزگە:‹‹ئادىمىڭنى ئېلىپ كەت›› دەپ تېلىپۇن قىلىدۇ.بىز ساقچى ئەۋەتىپ ئەزىخونى قايتۇرۇپ كېلىپ ھاشاغا سالىمىز.ئۇنى قايتۇرۇپ كىلىشكە بارغان ساقچى ماشىنىسىنىڭ كىراسىنى تۆلىتىمىز.يەنە ئەرىز قىلىپ بارسا ‹‹كەنىت كادىرلىرغا تۆھمەت چاپلاپ جەمىيەت ئامانلىقىنى بۇزدى،خەقنى ئەرىز قىلىشقا كۈشكۈرتتى›› دەپ تۈرمىگە سولاپ ئادەم قىلىمىز.يۇقۇرىغا ئەرىز قىلىپ بارساق ئەرزىمىزنى سورامدىكىن دەپ قېلىشما،قاچان بارغىنىڭ،نىمە دەپ بارغىنىڭ،نىمە قىلغىنىڭ ھەممىسىنى بىزگە ئۇقتۇرىدۇ.‹‹بۇنىڭ ئەرزىنى سىلەر سوراڭلار ››دەپ سەنلەرنى  يەنە بىزگە يوللاپ بېرىدۇ.نەگىلا بارساڭ قازاننىڭ قۇلىقى تۆت.بىلىپ قويۇش بىزدائىم  يۇقرىدىكىلەرنىڭ پەرمانى بويىچە ئىش قىلىمىز.شۇڭا بىز سەنلەرنى ئىشقا بۇيرۇپ خاتالاشساق ئۇلار بىزنىڭ تەرىپىمىزنى ئالىدۇ.
بىزنى ھىچنىمە قىلىشالمايسەن،‹‹موزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىقققىچە›› دېگەندەك ئاخىر ئايلىنىپ يەنە بىزنىڭ ئالدىمىزغا كېلىشىسەن.بىكار ئاۋارە بولۇشىىسەن!...
يېزىلاردا يەرلەر ھۆددىگە بېرىلگىلى 30يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ لېكىن بىزنىڭ كەنىتتىكى دېھقانلار قېيىمدەكلەرنىڭ كاساپىتىدىن تېخىچە ئۆز يەرلىرىگە ھەقىقى ئىگە بولالمايدۇ.يەرلەر دىھقانلارغا  ئۈلەشتۈرۈپ بېرىلگەن بولسىمۇ لېكىن، ئۇنىڭ ھەقىقى باشقۇرغۇچىسى قېيىم ۋە قول ئاستىدىكى چاپارمەنلىرى.بۇ كەنىتتە دېھقانلار  بىر مو يېرىنىمۇ ئۆز رايى، ئۆز پىلانى بويىچە باشقۇرۇپ، نېمە تېرىش،قاچان تېرىش،قايسى ئۇرۇقنى تېرىش،نەدىن سېتىۋېلىش،زىرائەتنى قانداق پەرۋىش قىلىش،قاچان يىغىۋېلىش …قاتارلىق ئىشلارنى ئۆزى بەلگىلەپ قىلالمايدۇ.
ھەممىنى قېيىم قاتارلىق كەنىت كادىرلىرى بىلەن مەھەللە كادىرلىرى بىر تۇتاش بەلگىلەپ،دېھقانلارنى پەرمان بىلەن باشقۇرۇپ خۇددى ياللانغان مەدىكاردەك ئىشلىتىدۇ.‹‹نىمىشقا ئۇنداق قىلىسەن ؟››دېسە ‹‹بىر تۇتاش باشقۇرۇپ ئورتاق بېيىتىمىز!›› دەيدۇ.ئۇلار تەدبىركار بولسا،دىھقانلارنىڭ غېمىنى ھەقىقى قىلسا ،دېھقانلارنى ھەقىقى يوسۇندا بېيىشقا يېتەكلىسە مەيلى ئىدىغۇ؟ قېيىملار  زادى كىمنى بېيىتىدىكەن ئەمىلىيىتىگە بىر قاراپ باقايلى:
كېپەز،قوناق،بۇغداي… قاتارلىق ئاساسى زىرائەتلەرنىڭ ئۇرۇقىنى تاللاش ۋە سېتىۋېلىش ھوقۇقىنى قېيىم  قولغا كىرگۈزىۋالغان.دىھقان بۇنىڭغا ئارىلىشالمايدۇ.قېيىم ھەمىشە مەھەللە بوغالتىرىنىڭ قولى ئارقىلىق  دىھقانلاردىن بىر تۇتاش پۇل يىغىپ ،ئۇرۇقنى ئۆزى تاللايدۇ. قىممەت سۈپەتلىك ئۇرۇققا پۇل يىغىپ ئەرزان سۈپەتسىز ئۇرۇقنى سېتىۋېلىپ ئارىلىقتىن پايدا ئۈندۈرىۋېلىپ ئۆزى خەشلەيدۇ. سۈپەتسىز ئۇرۇقتىن زىرائەت ئوخشىمىسا  دېھقانغا زىيان ئۈستىگە زىيان بولىدۇ.بىرمۇ  دىھقان ‹‹زىيىنىمىزنى تۆلە›› دىيەلمەيدۇ.شۇڭا قېيىملارنىڭ زىيان بىلەن كارى بولمايدۇ. يازدا بۇغداينى،كۈزدە قوناقنى چالا پىشقان ھالدا مەجبۇرى ئورغۇزىۋېتىدۇ.نىمىشقا شۇنداق قىلىدۇ؟ چۈنكى يىغىم تېرىمنى قايسى كەنىت بۇرۇن تاماملىسا  يېزىدىن كەنىت سېكرىتارىغا نەچچەمىڭ يۈئەن مۇكاپات بېرىدۇ.بۇ مۇكاپاتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن  دېھقاننىڭ ‹‹زىرائەت تېخى خام ،بىرەر ھەپتە ئورماي تۇرايلى ›› دېگىنىگە ھەرگىز كۆنمەيدۇ.دىھقانغا نەچچە يۈزمىڭ يۈئەن زىيان بولسا مەيلىكى قېيىم ھېلىقى نەچچە مىڭ يۈ.ئەن مۇكاپاتنى ئالمىسا كۆزىگە ئۇيقۇ كىرمەيدۇ.گېلىدىن غىزا ئۆتمەيدۇ.كىمىكى قارشىلىق قىلسا پەرمان ئۈششۈكى بىلەن ھارام تايىقى تەييار.قېيىمنىڭ كۆز ئىشارىسى بىلەن قارشىلىق قىلغۇچىنى مەھەللە كادىرلىرى بىلەن كەنىت كادىرلىرى ئارىغا ئېلىۋېلىپ بىر ئەدەپلىگىلى تۇرسا قالغان دېھقانلار ‹‹بىزنىڭ ئورتاق مەنپەتىمىز ئۈچۈن گەپ قىلىپ مۇشۇ ئاقىۋەتكە قالدى.كادىرلارغا ھاي بېرەيلى ››دېمەستىن قورقۇشۈپ بولۇشۇشقىمۇ پېتىنالماي تۈگۈلۈشۈپ ئولتۇرۇشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن گەپ قىلالايدىغانلارمۇ ‹‹زىيان بولسا يالغۇز ماڭىلا بولاتتىمۇ؟بۇ خەقنىڭ بولۇشقىچىلىكى بارمۇ؟ بوپتۇلا ئاچلىققا ئۆلۈپ قالماسمەن!›› دەپ چىشىنى چىشلەيدۇ..شۇنىڭ بىلەن زىيان ئۈستىگە زىيان بولۇپ كېتىدۇ.
يېقىندا دىھقانلارغا بىر خۇش خەۋەر ئاڭلاندى.قېيىمنىڭ قىلمىش ئەتمىشلىرى ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتىتىغا يەتكەنمىش.ئۇلار بۇ كەنىتكە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ كېلىپ كەنىتنىڭ نەچچە يىللىق مالىيەسىنىڭ ھېسابىنى ئېلىپ قېيىمدىن خىيانەت چىقسا پارتىيە ئىنتىزامى ۋە مەمۇرى نىزام بويىچە جازا بېرەرمىش.
بارلىق دېھقانلار خاسىيەتلىك يامغۇرغا تەشنا بولغان قاغجىرىغان يەردەك بۇ ئۆمەكنىڭ تېزراق كېلىشىنى كۈتۈشكە باشلىدى.

مەنبەسى: ئۆز قەلىمىم
2011-يىل 26-سىنتەبىر يېزىلدى.27 سىنتەبىر تۈزىتىلىپ تورغا يوللاندى.


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14878
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6734
تۆھپە نۇمۇرى: 364
توردا: 4619 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2012-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 03:17:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە بۇ فىلىيەتۇن ئەمەس ھىكايە ئىكەن.

ھەممىڭلارغا تىن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1761
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7322
تۆھپە نۇمۇرى: 370
توردا: 6775 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 03:37:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق ھارامخور سىكىلتارلار  باشقا ناھيەلەرنىڭ يېزىللىرىدىمۇ بارمۇ نىمە ،

كىرىلگەنگە كىرىلىمەن!!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئالاھىدە تۆھپە مۇنازىرە يېتەكچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 2991
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18010
تۆھپە نۇمۇرى: 1501
توردا: 609 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 03:41:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاينپ-قايناپ يەنە توختاپ قالىمىز.پارخور يوغان قورساق بىر قىسىم ئەمەلدارلا  قىلغۇلۇقنى قىلىۋېرىدۇ.

ئىتلار قاۋاۋېرىدۇ،كارۋان يولىغا مېڭىۋىرىدۇ!

ئۆلۈم يېڭى بىر ھ

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13794
يازما سانى: 1026
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1114
تۆھپە نۇمۇرى: 1902
توردا: 775 سائەت
تىزىم: 2010-10-13
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 03:41:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇڭا مەنمۇ فىلىيەتون دىگەن خەتنى ئۆچۈرگەن ئىدىم !

21-ئەسىردىكى سىيى

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5662
يازما سانى: 450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7071
تۆھپە نۇمۇرى: 438
توردا: 2634 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 04:26:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداقلار ھەممە يەردە بار .مىنىڭچە بۇنداقلارئامما بىلەن ھۆكۆمەتنىڭ ئارلىقىنى يىراقلاشتۇرىۋىتىدۇ خالاس .

باھانەڭنى قوي

ئالتۇندىن ھەل بە

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24751
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3430
تۆھپە نۇمۇرى: 263
توردا: 987 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2012-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 04:54:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«ئۈلگىلىك سىكىرتار» ئىكەن.

ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە!

مەن ئاجىزلارنى ي

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3189
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 1085 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 05:37:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز نىڭ  سىكىرتارنىڭ  نەق  复印  نۇسخىىسكەن .

مەن ئاجىزلارنى ياقتۇرمايمەن!

موزاينىڭ يۈگۈرى

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25474
يازما سانى: 2130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18653
تۆھپە نۇمۇرى: 276
توردا: 6453 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 05:55:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ سېكرىتارنىڭ ئۆسەپ قىلىش ئىھتىماللىقى بەكمۇ يۇقىردەك قىلىدۇ.

ئابدۇ.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11579
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4248
تۆھپە نۇمۇرى: 252
توردا: 4273 سائەت
تىزىم: 2010-9-25
ئاخىرقى: 2012-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 06:19:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداقلار ھەممە يەردە بار

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش