تويى بولۇش ئالدىدا تۇرىۋاتقان ھەمشىرىلىرىمگە
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر
ئاللاھ ئاتىمىز ئادەمنى لايدىن ياراتتى. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئادەم مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. كىيىن ئانىمىز ھەۋۋانى ئادەمنى سول قۇۋۇرغىسىدىن ياراتتى. ئەۋلاتلىرىنى مەنىدىن ياراتتى. ئاللاھ زىمىننى ئادەم ۋە ھەۋۋانىڭ پۇشتىدىن بولغان ئىنسانلار بىلەن گۇللەندۇرمەكچى بولدى. ئاللاھ ئىنسانلارنى زىمىنغا خەلىفە قىلدى.
توي قىلىپ ئەۋلات قالدۇرۇشنى ئاللاھ بىز ئىنسانلارغا مەرھەمەت قىلىپ بەردى. بۇ ئىلاھىي قانۇنىيەتتۇر.
تۆۋەندە مەن يىڭىدىن توي قىلماقچى بولغان ھەمشىرەمگە بىرقانچە ئىشلاردا نەسىھەت قىلماقچىمەن.
قەدىرلىك مۇسلىمە ھەمشىرەم.ئەڭ ئاۋۋال سىزگە دەيدىغىنىم :
ئاشكارا يوشۇرۇن ئىشلىرىڭىزدا ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىپ، ھەرۋاقىت ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئادا قىلىشقا، توسقانلىرىدىن چەكلىنىشكە تىرىشىڭ. ھەرۋاقىت ئاللاھقا گۈزەل شەكىلدە ئىلتىجا ۋە تەۋەككۇل قىلىڭ. ئاللاھنىڭ تولۇق ياردىمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھ رازى بولىدىغان ئەمەللەرنى قىلىشقا ھېرىسمەن بولۇڭ.بۇ مۇسۇلماننىڭ ئۇستىدىكى ئاللاھنىڭ ھەقلىرى قاتارىدىندۇر.
ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشىڭىز، ئېرىڭىزنى رازى قىلىش بىلەن ھاسىل بولىدۇ. ئىمام ئەھمەد، ھۈسەيىن ئىبنى مۇھسىندىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: «ئۇ كىشىنىڭ ھاممىسى ئۆزىنىڭ بىر ھاجىتى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، ھاجىتىنى ئادا قىلىپ بولغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالدىن: سىز تۇرمۇشلۇق بولغانمۇ؟ دەپ سورىۋىدى، ئۇ ئايال: ھەئە دەپ جاۋاپ بەردى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: يولدىشىڭىز بىلەن قانداق ئۆتىسىز؟دەپ سورىۋىدى، ئۇ ئايال: مەن كۈچۈمنىڭ يېتىشچە ئېرىمنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ ئۇنى رازى قىلىشقا تىرىشىمەن دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالغا: ئېرىڭىز سىزنىڭ جەننىتىڭىز ياكى سىزنى ئازابقا دۇچار قىلىدىغان ئوتتۇر. ئۆزىڭىزنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىڭىزگە قاراپ بېقىڭ» دېدى. شەيخ ئەلبانى جامىئۇل سەھىھدە بۇ ھەدىسنى ياخشى ھەدىس دېگەن
سىز ئۇزىڭىز ياشاپ كىلىۋاتقان مۇھىتتىن باشقا بىر مۇھىتقا كۈچۈب بارىسىز. ئۇ يەردە سىزگە ياقمايدىغان ئىشلارمۇ بۇپ قېلىشى مۇمكىن. سىز بۇنىڭلىق بىلەن ئىرىڭىزغا ئازار بەرمەي سەبىر قىلىڭ. بارا-بارا كۈنۈپ كىتىسىز. ئىرىڭىزنى ئاتا-ئانىسىنىڭ،قېرىنداشلىرىنىڭ،ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ ئالدىدا تىللاپ قۇيۇشتىن،ئۇنىڭ يامان گىپىنى قىلىپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. بۇ ئادەتلەر ئىرىڭىز ۋە ئۇنىڭ جەمەتىدىكىلەرنىڭ سىزنى يامان كۈرشىگە سەۋەب بۇپ قالىدۇ. سىز ئىرىڭىزغا داۋاملىق ئىللىق مۇئامىلىدە بۇلۇڭ. ئىش-ھەركەتلىرىڭىز،گەپ-سۆزلىرىڭىزگە بەكلا دىققەت قىلىڭ.
ئىرىڭىز سىزنىڭ جەننىتى ياكى دەۋزىخى بۇلىشىڭىزغا سەۋەب بۇلىدىغان كىشىدۇر. سىز رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتقاندك« ئاياللارنىڭ ئەڭ ياخشىسى قارىساڭ سىنى خۇشال قىلىدىغان.ئىشقا بۇيرىساڭ ساڭا بويسۇنىدىغان،ئۇنىڭ قېشىدا بولمىساڭ ئۆزىنى ۋە مال مۇلۇكلىرىڭنى ساقلايدىغان ئايالدۇر» ياخشى ئايال بۇلۇشقا تىرشىڭ.
ئاللاھ قۇرئاندا ياخشى ئايال توغۇرلۇق مۇنداق دەيدۇ{ ياخشى ئاياللارئىتائەر قىلغۇچىلاردۇر.ئەرلىرى يېنىدا بولمىغان چاغلىرىدا اللەنىڭ پاناھلىقىدا ئەرلىرىنىڭ ھەقلىرىنى ساقلىغۇچىلاردۇر.} (سۈرە نىسا34.ئايەتنىڭ بىرقىسمى) مانا بۇ ئاللاھ تىلغا ئالغان ياخشى سالىھ ئايالنىڭ سۈپىتى.
ئايال كىشى ھەرقانچە ئىبادەتكۈي بۇپ كەتسۇن ئىرىنى رازى قىلمىسا يەنىلا دەۋزىخى بۇپ كىتىدۇ. بۇ ھەقتە رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ.
ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋفتىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن<ئايال كىشى،بەش ۋاخ ناماز ئۇقۇسا يىلدا بىر ئاي رۇزا تۇتسا ،ئۈزىنى ياخشى ساقلىسا ۋە ئىرىگە بويسۇنسا،ئۇنىڭغا : جەننەتنىڭ خالىغان ئىشىكلىرىدىن كىرگىن دىيلىدۇ>(ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان).
سىزنىڭ ئۇستىڭىزدە ئىرىڭىزنىڭ ھەققى بار. سىز ئۇ ھەقلەرنى قايتۇرۇش سىزنىڭ ئۇستىڭىزدىكى مەجبۇرىيەت. ئۇ ھەقلەر بولسا ئاللاھ ئالدىدا گۇناھ بولمايدىغان ئىشلاردا ئىرىڭىزغا تۇلۇق ئىتائە قىلىشتۇر.
سىز ئىرىڭىزنى رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابىسى ئەلقەمەدەك (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) قىلىپ قۇيشىڭىزدىن ساقلىنىڭ. يەنى ئىرىڭىزنى پۈتۈنلەي ئۈزىڭىزگە قارتىۋېلىشتىن ساقلىنىڭ. ئەلقەمە دىگەن ساھابە ئايالىنى ئانىسىدىن ئارتۇق كۆرۈپ ئانىسىنى نارازى قىلغاچقا ئۇلىدىغان ۋاقىتتا كەلىمە شاھادەت ئېيتالمىغان. ئاخىرىدا رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ ئانىسىغا خىزمەت ئىشلەش ئارقىلىق ئوغلىدىن رازى قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كەلىمە شاھادەت ئېيتالىغان.
ئېرىڭىز بىلەن بولغان تۇرمۇشىڭىزنى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش، ئاللاھقا ئاسىيلىق بولمايدىغان ئىشلاردا ئۇنىڭ ھاجەتلىرىنى ئادا قىلىپ، رىغبىتىنى تولۇق ئورۇنداشقا تېرىشىش بىلەن باشلاڭ. تۇرمۇش قۇرۇشتىكى مەقسىتىڭىز ئۇنىڭ ئاللاھغا ئىتائەت قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن بولسۇن.
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كېچىدە تۇرۇپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ ئايالىنى مېھرىبانلىق بىلەن ئويغاتقان كىشىگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن. كېچىدە تۇرۇپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ ئېرىنى مېھرىبانلىق بىلەن ئويغاتقان ئايالغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن». بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇتنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا شەيخ ئەلبانى سەھىھ دېگەن.
كېيىم-كېچەك، زىبۇ-زىنەتلىرىڭىزگە ئەھمىيەت بېرىڭ. يولدىشىڭىزنىڭ ئالدىدا دائىم گۈزەل ھەيئەتتە، (يەنى سىزنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدىغان ھالەتتە) كۆرۈنۈشكە تېرىشىڭ. ئېرىڭىزگە ھەر ۋاقىت ئوچۇق چىراي بولۇڭ. تەبەسسۇمنى ھەرۋاقىت ئۆزىڭىزگە دوست تۇتۇڭ. پاكىزلىققا بەك ئەھمىيەت بېرىڭ. ئۆيىڭىزنى رەتلىك تۇتۇپ، مۇھىت گۈزەللىكىگە دىققەت قىلىڭ. ئېرىڭىز ياخشى كۆرىدىغان تائاملارنى تەييار قىلىشقا ئادەتلىنىڭ، چۈنكى ئەرلەر خىزمەتتىن ھېرىپ-ئېچىپ كەلگەندە ئائىلىدە ئۆزىنى خۇرسەن قىلىدىغان ۋە ھاردۇقىنى چىقىرىدىغان نەرسىلەرنىڭ بولىشىنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇ ئاياللارنىڭ تەدبىرچانلىقى ۋە ئائىلىنى ياخشى تۈزەشتۈرىشى بىلەن بولىدۇ.
سىز ئىرىڭىزنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا ئالاھىدە ئىكرام قىلىڭ. شۇنداق بولغاندا ئىرىڭىزنىڭ سىزنى مەڭگۈلۈك ياخشى كۈرشىگە ئىرشەلەيسىز. ئىرىڭىزنىڭ ئالدىدا قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ ياكى دوسلىرىڭىزنىڭ ئەرلىرىنىڭ ياخشى گىپىنى قىلىپ ئىرىڭىزغا ئۇلارنى ئۈلگە كۆرسىتىپ نەسھەت قىلماڭ. بۇ ئىرىڭىزنىڭ كۈندەشلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە سىزگە سۇس قارايدىغان بۇپ قالىدۇ. ئىرىڭىزنىڭ «ئۇ ياخشى بولسا نىمىشقا شۇنىڭغا تەگمىگەن؟… ئۇ ياخشى بولسا شۇنىڭغا تىگۋال…» دىيشىگە سەۋەب بۇپ قالماڭ. مۇشۇنداق دىيشىپ ئازارلىشىپ قالغانلارنى جىق ئاڭلاۋاتىمىز…..
ئىرىڭىز بىرەر قېتىم سىزدىن رەنجىپ قالسا، گەرچە سىزدىن خاتالىق سادىر بولمىسىمۇ ئۇنى رازى قىلىشقا تېرىشىڭ. بۇنىڭ بىلەن سىز جەننەت ئاياللىرىدىن بولۇشقا ھەقلىق بولىسىز. ئاللاھنىڭ دىنى شەرىئەتلىرىدە گۇناھ بولمايدىغانلا بولسا، ئېرىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىڭ ۋە ئۆچ كۆرىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىڭ. تاكاللىشىپ جېدەل-ماجرا قىلماڭ، چۈنكى بۇنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ. شەرىئەتكە خىلاپ بولغان بىرەر ئىشلىرىنى كۆرگەن ۋاقتىڭىزدا ئاللاھنى ئەسلىتىپ چىرايلىق گۈزەل ئۇسلۇبتا نەسىھەت قىلىڭ. ئېرىڭىزدىن بىرەر ئازار كۈلپەتكە ئۇچرىسىڭىز سەۋىر قىلىڭ. ئەر-ئايال ئىككىڭلار ئارىسىدىكى نورمالسىزلىقنى ئائىلىڭىزدىكىلەر ياكى يېقىن كىشىلىرىڭىزگە دەرت تۆكۈپ شىكايەت قىلىشقا ئالدىرىماستىن، ئەر-ئايال ئىككىڭلار مەسىلىنى چىرايلىق ھەل قىلىشقا تىرىشىڭلار. چۈنكى ئائىلىنىڭ سىرىنى باشقىلارغا ئېچىپ بېرىش، ئېرىڭىزنى بىئارام قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئارىدىكى سۇغۇقچىلىقنى كۈچەيتىدۇ. قىينى ئاتا، قىينى ئانىڭىزنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلىڭ، ئاچا-سىڭىل، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ئېھتىرام قىلىڭ. ئەرنىڭ ئاتا-ئانا ۋە بىر تۇغقانلىرىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىش، ئايالنى ئېرىگە يېقىنلاشتۇرىدىغان ئەڭ ياخشى ئىشلاردىن ھېسابلىنىدۇ.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەش ۋاقىت نامازنى تولۇق ئادا قىلىپ، رامىزان روزىسىنى تۇتۇپ، ئەۋرەتلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىپ ئېرىگە ئىتائەت قىلغان ئايال ئۈچۈن قىيامەت كۈنى جەننەتنىڭ قايسى ئىشىكلىرىدىن خالىسىڭىز جەننەتكە شۇ ئىشىكتىن كېرىڭ دىيىلىدۇ». بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد (1664) رىۋايەت قىلغان. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دېگەن.
ئايال كىشى ئۈچۈن ئىرىگە ئىتائەت قىلىش ئاللاھتىن قالسا بىرىنچى ئۇرۇندا تۇرىدۇ. رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ.
<ئەگەر مەن بىر كىشىنى يەنە بىر كىشىگە سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان بولسام ئەلۋەتتە ئايال كىشىنى ئىرىغا سەجدە قىلىشقا بۇيرۇيتتۇم.>(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)
ئۇممۇ سەلەمە رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن<قانداق بىر ئايالنىڭ ئىرى ئۇ ئايالدىن رازى بولغان ھالەتتە ئۇلۇپ كەتسە ئۇ ئايال جەننەتكە كىرىدۇ>(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)
مۇئازئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ.پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن<ئەگەر بۇ دۇنيادا قايسى بىر ئايال(مۆئىمىن) ئىرىگە ئەزىيەت يەتكۇزسە ئۇ ئەرنىڭ ئۇ دۇنيادىكى ھۆرلەردىن بولغان ئايالى ئۇ ئايالغا: ئۆلگۇر.ئۇنىڭغا ئەزىيەت بەرمە.ئۇسىنىڭ قېشىڭدا بىر مىھماندۇر.ئۇ سىنىڭدىن ئايرىلىپ بىزلەرنىڭ يېنىمىزغا كىلىدىغانغا ئازلا قالدى. دەيدۇ>(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)
مانا يۇقۇرقى ھەدىسلەر پۇتۇن ئىنسانلارنىڭ يولباشچىسى بولغان ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈزىدۇر. ئۇ كىشى ئۆز رەئىيى بۇيىچە سۆزلىمەيدۇ. ئۇ پەقەت ۋەھىي قىلىنغان نەرسىلەرنىلا سۆزلەيدۇ.
سۈزۈمنى مۇشۇ يەردە توختىتاي. ئەگەر چۇشىنەلمىگەن سۇرايدىغان يەرلەر بولسا ئىنكاس ئارقىلىق سورساڭلار بۇلىدۇ.
ئاللاھ تائالادىن ئىككىڭلارنىڭ توي ئىشلىرىڭلارغا بەرىكەت ئاتا قىلىشىنى، تۇرمۇشىڭلارنى ياخشىلىق ئۇستىگە قىلىشىنى سورايمەن.ئاللاھ تائالادىن تۇرمۇشىڭىزغا مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلىشىنى، يېڭى ھاياتىڭىزنى ئۆزى رازى بولىدىغان ۋە ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارغا مۇيەسسەر قىلىشىنى سورايمەن.
ئاللاھ ھەممىدىن توغرىسىنى بىلگۇچىدۇر.
تەييارلىغۇچى: ئۇزۇق ئىسلام بلوگىدىن ئۇزۇق.
مەنبە :
ئۇزۇق ئىسلام بلوگى.
تىما ئادرىسى:
http://www.uzuk.net/?p=129