مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6063|ئىنكاس: 22

ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ قۇلاق تېشىش ئادىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49804
يازما سانى: 393
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11510
تۆھپە نۇمۇرى: 3688
توردا: 1937 سائەت
تىزىم: 2011-7-31
ئاخىرقى: 2012-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-27 01:02:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ قۇلاق تېشىش ئادىتى

      مۇتەللىپ ياقۇپ



  ئۇيغۇرلاردا قىز بالا يەتتە ياشقا كىرگەندە قۇلىقىنى تېشىپ ھالقا سېلىپ قويۇش ئادىتى بار بولۇپ، بۇ ئادەت ناھايىتى ئۇزاق زامانلاردىن بېرى ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلمەكتە. گەرچە بۇ ئادەت ئالاھىدە بىر مۇراسىم شەكلىنى ئالمىغان بولسىمۇ، ئاتا-ئانىنىڭ زىممىسىدىكى چوقۇم ئۆتەشكە تېگىشلىك بىر مەسئۇلىيەت، دەپ قارىلىدۇ. بۇ ئادەتكە ئاتىلار ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىسىمۇ، ئانىلار بىر خىل مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن قارايدۇ. ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئۈچ ياشقا كىرگەندىن باشلاپ قۇلىقى تېشىلىدۇ. ئەنئەنىۋى قۇلاق تېشىش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددىي ھەم بىخەتەر بولۇپ، كىشىلەر قىزلىرىنىڭ قۇلىقىنى تەشتۈرۈشتە بىرەر موماينى تەكلىپ قىلىدۇ. موماي قىزنىڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىنى قوناق ياكى چىگىت بىلەن ئۇزاق ئۇۋۇلاپ، قۇلاق يۇمشىقىنىڭ قېنىنى قاچۇرغاندىن كېيىن، ئاندىن يىڭنە بىلەن قۇلاقنى تېشىدۇ-دە، ئىچىگە سۈپۈرگە تېلى ياكى چاي شامىسىنى سانجىپ قويىدۇ. ناۋادا قۇلاقتىكى ئەسلىي تېشىلگەن تۆشۈك پۈتۈپ قالسا، بۇزۇلۇپ كەتسە، ئاندىن 2-قېتىم يەنە تۆشۈك تېشىدۇ. قىز بالىنىڭ قۇلىقىنى تەشكەندە ئۇنىڭ چىدىماي يىغلاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا بىر-ئىككى تال تۇخۇم ياكى بىرەر نەرسە يىگۈزۈپ قويىدۇ. قىزلارنىڭ قۇلىقىنى تەشكۈزگەن كۈنى ئانىسى ئۇلارغا چىرايلىق بىر جۈپ ھالغا ياكى بىرەر سوۋغات ئېلىپ بېرىش بىلەن قىزىنىڭ كۆڭلىنى ئالىدۇ ھەمدە بىرەر ئايغىچە ئۇنىڭ قۇلىقىنىڭ ئەتراپىغا يارا-چاقىلارنىڭ چىقىپ قالماسلىقى ئۈچۈن مايلاپ، ھەر خىل مەلھەملەرنى سۈرتۈپ تۇرىدۇ. قۇلاق ئاساسەن ئۆرۈك چېچەكلىگەن پەيتلەردە تېشىلىدۇ.

  ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ قۇلاق تېشىش ئادىتى شەكىللەنگەندىن كېيىن، شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا قىز-ئاياللارغا ھەر خىل ھالقا، مۇنچاقلارنى سوۋغا قىلىش ۋە تويلۇق ئۈچۈن قۇلاققا ئاسىدىغان ھەر خىل زىبۇ زىننەت بۇيۇملىرىنى سوۋغا قىلىش ئادىتى شەكىللەندى.

  شۇنىڭدىن كېيىن مەخسۇس ھالقا ۋە زىبۇ زىننەتنى ياساش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھۈنەر تۈرى مەيدانغا كەلدى. ئۇيغۇرلار ئۇلارنى ھالقا، سۆكە، مۇنچاق، زىرە، سىرغا قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتايدۇ. ئۇلار بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە قىزلارنىڭ تويلۇقىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولۇپ قالدى. ئۆز بەدىنىگە مەلۇم زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاش ۋە ئېسىش بىلەن بەدەن گۈزەللىكىنى ئاشۇرۇش ئىستىكى ئۇيغۇرلاردا ناھايىتى بۇرۇنلا شەكىللەنگەن.

  قۇلاق تېشىپ ھالقا ئېسىش ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ياسىنىش ئادىتى. بۇ ئۇيغۇر زىبۇ-زىننەت مەدەنىيىتىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.


  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36245
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1046
تۆھپە نۇمۇرى: 1403
توردا: 3209 سائەت
تىزىم: 2011-4-3
ئاخىرقى: 2011-12-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-27 06:55:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

گۇناھلىرىمنى يۇ

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2137
يازما سانى: 963
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7557
تۆھپە نۇمۇرى: 254
توردا: 13304 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-27 08:12:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىمدە قېلىشىچە بەش ياش چاغلىرىمدا ئۈرۈك چىچەكلەپ غۇرا چۈشكەن ۋاقتىسى قوشنىمىزنىڭ ئانىسى ،يىپ ئۆتكۈزۈلگەن يىڭنە بىلەن قۇلىقىمنى تىشىپ يىپنى چەكگەندىن كىيىن ،ئۈستىگە خېمىر چاپلاپ قويغان ئىدى.غۇرا يېسە چۆچۈرە قۇلاق بولۇپ قالىدۇ دەپ شۇ يىلى غۇرىمۇ يېمىگەن ئىدىم.بىر تونۇشىمىزنىڭ قىزى توققۇز ئايلىق قىزىنىڭ قۇلىقىنى تىشىپ ئالتۇن ھالقا سېلىپ قويۇپتۇ،قارىسام ھالقىسى بىر مىسقالدىن كەم چىقمايدۇ.بۇنچىلىك كىچىك بالىنىڭ ھالقىنى تارتىپ قۇلىقىنى يارا قىلىۋىتىشتىن ئەنسىرىمەمدىغاندۇ.

ئاللاھ بىلەن شەيتان مىنى تاشلىۋەتمىدى . شەيتان ھەر قاچان مىنى ئازدۇرۇشنىڭ كويىدا ، پەقەت ئاللاھلا مىنىڭ قادىر مەدەتكارىم...!

ئالدىراشلىق .....

دائىملىق ئــەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47298
يازما سانى: 933
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 87
تۆھپە نۇمۇرى: 158
توردا: 4151 سائەت
تىزىم: 2011-7-10
ئاخىرقى: 2012-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-27 08:14:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىچىك ۋاقتىمىزدا جاپا ئىدى ،قۇلاقنى ئۇۋۇلاپ بولغىچە قورقۇنچتا يېرىم جان بولۇپ قالاتتى ئادەم ،ھازىر تاپانچىدىلا تېشىدىغان بوپ كېتىپتۇ ،خەنزۇ قىزلارغۇ ئۈچ-تۆت يەردىن تېشىۋالىدىكەن.....

بۇكۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتەر.!

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8726
يازما سانى: 879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19683
تۆھپە نۇمۇرى: 2018
توردا: 6226 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-27 08:18:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1قەۋەتتىكى(gunahmu) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇ

ئۇيغۇر يىگىتلەر ئارىسىدا يوقتۇ ئۇنداق ئىش؟؟؟؟؟؟

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36245
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1046
تۆھپە نۇمۇرى: 1403
توردا: 3209 سائەت
تىزىم: 2011-4-3
ئاخىرقى: 2011-12-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-27 08:21:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:1قەۋەتتىكى(gunahmu) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قال

ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ھەر بىر كشىنى ھۆ

مەستانە ئـــەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 1698
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5431
تۆھپە نۇمۇرى: 11
توردا: 2498 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-27 08:51:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:Re:1قەۋەتتىكى(gunahmu) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قا

ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 5قەۋەت  gunahmu كە 2011-09-27 08:21 PMئەۋەتىلدى Re:1قەۋەتتىكى(gunahmu) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇرۇش :

بۇ ئىشتا ھازىر ئۇيغۇر مىنكاۋخەن يىگىتلىرى خەنزۇ يىگىتلىرىدىن ئېشىپ كەتتى.
راس راس مەنمۇ كۆرگەن شۇنداق نوچى دەپ يۈردىغان ئۆزى ئۇيغۇر ئەمما سىزنىڭ باش سۈرۈتىڭىزگە ئوخشاش شۇنداق  ئۇيغۇر يىگىتلىرىمىزىنى

ئۈلۈم ھەر بىر كىشىنىڭ بېشدا بار !

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25474
يازما سانى: 2173
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18789
تۆھپە نۇمۇرى: 276
توردا: 6527 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-27 11:01:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر بۇ ئەنئەنە قۇلقىنى بىريەردىن تېشىشتىن ھالقىپ ئىككى ئۈچ يەردىن تېشىشكە شۇنىمۇ ئاز كۆرەپ تەشكىدەكلا يەر بولسا تىشىدىغان  بولاپ كەتتى . نەپەس ئالدىغان بۇرنىنى تېشىشقۇ ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالدى.

موزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىققىچە !

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25474
يازما سانى: 2173
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18789
تۆھپە نۇمۇرى: 276
توردا: 6527 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-27 11:04:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت  gunahmu كە 2011-09-27 06:55 PMئەۋەتىلدى  :
             ھازىر بىر قىسىم ئوغۇللارمۇ قۇلىقىنى تىشىپ ھالقا ئېسۋالىدىغان بولۋالدى.  
سىز ئۆزىڭىز تىپىك مىسالى ئىكەنسىزغۇ .

موزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىققىچە !

ساڭا كۆپ شۈكۈرلە

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13057
يازما سانى: 1126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10042
تۆھپە نۇمۇرى: 549
توردا: 3987 سائەت
تىزىم: 2010-10-7
ئاخىرقى: 2012-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-27 11:09:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇلاقنى ئىككى تەشتۇرسە گۇناھ بولامدۇ؟ مۇشۇ ھەقتە بىلىدىغانلار بارمۇ؟ قۇلاقنى ئىككى يەردىن تەشتۇرۇش شەرىئەتكە مۇخالىپ بولمىسا مەن ئىككى تەشتۇرمەكچىتىم، ئەگەر گۇناھ ئىش بولسا مۇشۇنداق تۇرىۋەرسۇن. بىلىدىغانلار ئىنكاس قالدۇرۇپ قويساڭلار.

ناھايىتى بەخىتلىكمەن! چۈنكى ئۇلۇغ لله پەيغەمبەرلەر گۈلتاجى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ جانجىگەر تاغىسى ئەبۇ تالىپقا بەرمىگەن ئىماننى ماڭا بەردى ئەمەسمۇ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش