مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1200|ئىنكاس: 1

بەخىتلىك تۇرمۇش پەرۋىشكە مۇھتاج [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بەخىت- ئاللاھنى

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41019
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 15188
تۆھپە نۇمۇرى: 5921
توردا: 5288 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-27 05:01:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بەختلىك تۇرمۇش پەرۋىشكە مۇھتاج


تۇرسۇن مۇھەممەد

بەختلىك تۇرمۇش ماددىي ۋە مەنىۋى توقلۇق، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىق ئاتا قىلغان شادلىق. ئۇ پەرۋىشىمىزگە موھتاج. چۈنكى، كىشى پەرۋىشسىز چوڭ بولمىغانغا، مېۋىلىك كۆچەتلەر پەرۋىشسىز مېۋىگە كىرمىگەنگە ئوخشاش، پەرۋىش قىلماي، ئەجىر سىڭدۈرمەي بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشىش مۇمكىن ئەمەس.

ئىقتىساد راۋاجلانسا، ماددىي تۇرمۇش سەۋىيەمىز ئۆستۈرۈلسە، مەنىۋى تۇرمۇشقا بولغان تەلىپىمىزمۇ ئاشىدۇ، مەنىۋى تۇرمۇشىمىزنىڭ مەزمۇنىمۇ بېيىيدۇ؛ ئىلغار تۇرمۇش قارىشى ۋە ئىلمىي تۇرمۇش ئۇسۇلى بولغاندىلا، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىق كاپالەتكە ئىگە قىلىنغاندىلا، ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇشتىن بەھرىلەنگىلى بولىدۇ. ھايات مۇساپىمىزدە جىسمانىي ۋە ئەقلىي كۈچىمىزگە تايىنىپ ماددىي ۋە مەنىۋى توقلۇقنىڭ ئاساسىنى يارىتىشىمىز، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى ساغلاملىققا دىققەت قىلىشىمىز، ئۆزىمىزنى بەختلىك ھېس قىلغىنىمىزدا، باشقىلارنىڭمۇ بەختلىك تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرگىنىمىز بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى پەرۋىشلىشىمىزنىڭ مۇھىم مەزمۇنىدۇر.

بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشىش مۇشەققەتلىك جەريان. بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويماسلىق، قىيىنچىلىققا باش ئەگمەسلىك، كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن قاراش؛ تىرىشىپ ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىق توپلاش، ئادىمىي سۈپەتلەردىن ئايرىلىپ قالماسلىق؛ ياخشى مۇھىتتا ياشىغاندا ۋە ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلەنگەندە، مۇھىتنى ئاسراشقا، قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىش؛ تىرىشچان – ئىقتىسادچىل بولۇش، ھەمكارلىشىش ۋە ماسلىشىش، كۈتۈپ تۇرۇش، تەمە قىلىش ۋە يۆلىنىۋېلىشتىن ساقلىنىش؛ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىش، قانۇن – تۈزۈمگە، ئىجتىمائىي تەرتىپكە رىئايە قىلىش؛ يېڭىلىق يارىتىشتا جۈرئەتلىك بولۇش، كىشىلىك ئالاقىدە سەمىمىي بولۇش؛ ئادىل، ھەققانىي بولۇش، ئۆكتىچى، پىتنىچى بولماسلىق؛ جاپا – مۇشەققەتكە چىداش، پەم – پاراسەتلىك بولۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بەختلىك تۇرمۇشنى پەرۋىشلەش يولىدىكى تىرىشچانلىقلاردۇر. تەبىئەت، جەمئىيەت ۋە ئىنسانىيەت دۇنياسىدىن تېگىشلىك نېسىۋىگە ئېرىشىش بەختلىك ياشاش ئۈچۈن بولىدۇ.

ئەمما، ئىقتىساد راۋاجلىنىۋاتقان ۋە يەر شارىلىشىۋاتقان، جەمئىيەت تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋە مۇرەككەپلىشىۋاتقان، مەدەنىيەت يۈكسىلىۋاتقان ۋە كۆپ خىللىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، كىشىلەرنىڭ تەبىئەت، جەمئىيەت ۋە ئىنسانلار دۇنياسىدىن تېگىشلىك نېسىۋىگە ئېرىشىشى ۋە مەلۇم سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئاساسقا ئىگە بولۇشى، سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئورنىنى مۇستەھكەملىشى ئاسان ئەمەس. بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشىش ۋە ئۇنى مۇستەھكەملەش كويىدا يۈرۈيدىغان ھەر قانداق كىشى ئىقتىساد راۋاجلانغانسېرى، پۇلى كۆپەيگەنسېرى تىرىشچان – ئىقتىسادچىل بولۇشنى؛ جەمئىيەت تەرەققىي قىلغانسېرى ئەخلاق – پەزىلەتلىك بولۇشنى ۋە ھەمكارلىشىش – ماسلىشىش روھىنى جارى قىلدۇرۇشنى؛ مەدەنىيەت يۈكسەلگەن ۋە كۆپ خىللاشقانسېرى ئۆزىنى بىلىپ ياشاشنى ۋە خاسلىققا ئېتىبار بېرىشنى؛ تۇرمۇش رىتىمى تېزلەشكەنسېرى قەدەمنى پۇختا بېسىشنى؛ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر مۇرەككەپلەشكەنسېرى ھەققانىيەت ۋە ئادالەتنى ياقىلاشنى؛ ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىقلارغا ئېرىشىش تەسلەشكەنسېرى جاپا – مۇشەققەتكە چىداشنى؛ ماددىي بايلىقلار كۆپەيگەنسېرى روھى ۋە پىسخىك جەھەتتىكى ساغلاملىققا ئەھمىيەت بېرىشنى؛ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئورنى ئۆسكەنسېرى كەمتەر – ئېھتىياتچان بولۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. مۇشۇنداق قىلىش، ئەمەلىيەتتە، ئىنسانلارنىڭ ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، گۈللىنىشىنىڭ، بەختلىك تۇرمۇشنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ.

ئادەتتە، بەزى كىشىلەر ئادەم ئامىلى بىرىنچى، دېگەننى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ. بۇ، كىشىلەرنىڭ ئەقىل، ئىقتىدار جەھەتتە ھەر قانداق مەۋجۇداتتىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىغا قارىتىلغان. ئەمما، شەخسنىڭ جىسمانىي، ئەقلىي ۋە پىسخىك كۈچى ھامان چەكلىك بولىدۇ. ئادەم جەمئىيەتنىڭ قوللىشىغا، باشقىلارنىڭ ياردىمىگە موھتاج بولىدۇ، شۇنداق بولغاچقا، ئۆز ئارا ھەمكارلىق ۋە ماسلىشىش كىشىنىڭ ئالغا بېسىشىدىكى پەلەمپەي بولۇپ قالىدۇ. بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، ئىنسان بالىسىنىڭ ئۆز ئاتا – ئانىسى بىلەنلا ئەمەس، يەنە ئۇرۇق – تۇغقانلىرى، دوست – بۇرادەرلىرى، قولۇم – قوشنىلىرى، كەسپداشلىرى، سەپەرداشلىرى ۋە تونۇش – بىلىشلىرى بىلەنمۇ قانداشلىق، قېرىنداشلىق ۋە تەقدىرداشلىق، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بولىدۇ؛ مۇشۇنداق بىر تۇيغۇدا بولۇش ئىنسان بالىسىنى شەخسىيەتچىلىكتىن، مەنمەنچىلىكتىن ۋە غېرىبلىقتىن خالىي قىلىدۇ، بۇمۇ بەختلىك تۇرمۇشنى مۇستەھكەملەشنىڭ يەنە بىر ۋاسىتىسى ھېسابلىنىدۇ. ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئىنسان بالىسىنى ئۆزى ئېھتىياجلىق ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىقلارغىلا ئەمەس، يەنە پىسخىك ۋە روھىي ساغلاملىققا ئېرىشتۈرىدۇ.

بەختلىك تۇرمۇش بىركۈنمۇ بىخەستەلىك قىلماسلىقىمىزنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. خەلقىمىزدە ‹‹ يوتقانغا بېقىپ پۇت سۇن ›› دەيدىغان گەپ بار. بۇ سۆزنىڭ روھى بويىچە ئېيتقاندا، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئىقتىسادىي شارائىت ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئادىتىگە ماس ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بەختلىك تۇرمۇشقا ئىگە بولۇش گۈزەللىك جەھەتلەردىن ئومۇميۈزلۈك يېتىلگەن ياراملىق ئىز باسارلارنىڭ، بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر ئىستۇدېنتلارنىڭ، ئىش ئورنىنى سۆيۈش، كەسىپنى قەدىرلەش روھى كۈچلۈك ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ، يېزا ئىگىلىك ھۈنەر – تېخنىكىسىنى ئىگىلىگەن، ھەم ئىشلەپچىقىرىش، ھەم سېتىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ، يېڭى پەن – تېخنىكا ئىگىلىگەن، ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشنىڭ ئېپى – جېپىنى بىلىدىغان مەلىكىلىك ئىشچىلارنىڭ كۆپلەپ يېتىشىپ چىقىشىنى شەرت قىلىدۇ. ئىلىم – پەن، ئۇچۇر تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندە، كىشىلەرنىڭ قارا كۈچكە، قاراملىققا، باشقىلارنىڭ خەير – ئېھسانىغا، تەلەي سىناشقا، قۇرۇق خىيالغا تايىنىپ كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتىشى مۇمكىن ئەمەس.

ئىنساننىڭ ھەرىكىتى چەللىدە ئات چاپتۇرۇش، كۆرەڭلىككە ئوخشاش ئاساسسىز كونا ئىدىيەۋى قاراش، قارىغۇلارچە قوبۇل قىلىش خاھىشلىرىدىن ئۈزۈل – كېسىل قۇتۇلۇپ، ئەتىكى ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىقلار ئارقىلىق بۈگۈنكى تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىش تەمەسىدە ئەمەس، بۈگۈنكى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىق جۇغلاپ، ئەتىكى تۇرمۇشتىن بەھرىلىنىشنىڭ جاپاسىدا يۈرۈش ئىزىغا چۈشكەندىلا، ئاندىن بەختلىك تۇرمۇشنى پەرۋىشلەش جاپاسىدىن قاچمايدىغان بولىدۇ.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى (2010-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى)


ھاياتنىڭ مەنىسى سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشيۇر! يەنى ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈش ۋە ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈلۈشتۇر !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27455
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2604
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 441 سائەت
تىزىم: 2011-1-23
ئاخىرقى: 2011-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-27 10:39:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  

ئادەم ئادەم بىلەن ئەمەس ئادىمىلىكى بىلەن ئادەم
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش