سوغۇق كىرىپ قالدى ، ئەتتىگەن كەچتە مۇنداق شورپا تۈرىدىكى تاماقلاردىن ئاز تولا ئىستىمال قىلىپ تۇرغاندا ساغلاملىققا ناھايىتى پايدىلىق .
باچكىغا يەرلىك كەپتەر باچكىسى بولغا تېخىمۇ ياخشى !

ئاساسى ماتىريالى:كەپتەر باچكىسى 2 دانە ،نۇقۇت ،بىر سېقىم ، مەلۇم مىقداردا ئالقات .
تەم خۇرۇچلىرى:تۇز ،ئاقمۇچ ، زەنجىۋىل ...
تەييارلاش ئۇسۇلى ؛ باچكىنى پاكىز يۇيۇپ ھەر بىر تال باچكىنى 6پارچە قىلىپ پارچىلايمىز
زەنجىۋىل بەشمەرەك بارماقچىلىك چوڭ چوڭ قىلىپ توغرايمىز. نوقۇتنى ئىلمان سۇغا
چىلاپ قۇيىمىز .
ماتىرىياللار نى تەييارلاپ بولغاندىن كىيىن قازانغا سۇ قۇيۇپ باچكا گۆشىنى سالىمىز .
ئاندىن توغراپ قويغان زەنجىۋىل ،نۇقۇت سېلىپ نورمال ئوتتا باچكا پىشقۇچە قاينىتىمىز.
(يۇقىرى بېسېملىق قازاندا پۇشۇرساق 20 مىنۇتتىن 25 مىنۇتقىچە پىشۇرساق بۇلىدۇ )
باچكا پىشقاندا تۇز ئاقمۇچ سېلىپ تەمىنى ياخشى تېتىپ . قاچىغا ئۇسۇپ .ئاندىن
ئازراق غولپىيازنى ئۇششاق توغراپ، ئالقاتنى سېلىپ ئېستىمال قىلساق بولىدۇ .

ئالاھىدىلىكى :باچكا گوشى تەبىئىتى ئىىسىق ،شورپا قىلىپ ئىچكەن دە ئوزۇقلۇق قىمىتى يوقىرى
بۇلۇپ بەدەنگە ياخشى قۇۋۋەت بۇلىدۇ .
مەنبە : ئۇيغۇر ئاشپەز مۇنبىرى
http://www.axpaz.cn/bbs/read.php?tid=5328